kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 19:16:28

مەن ئويلىغان ئاتالغۇلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kinoqi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 19:20  

مەن ئويلىغان ئاتالغۇلار
بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان مۇھىم نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرىدەل تىلدۇر، ئەگەر بىر مىللەتنىڭ تىلى يوقىلىدىكەن ئۇ مىللەتمۇ بۇ دۇنيادىن يوقىلىپ كېتىدۇ. تارىخقا قارايدىغانلا بولساق بورۇن ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب، پارسقاتارلىق تىللار قوشۇلغان، ھازىر رۇسچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە تىللار قوشۇلماقتا ۋەقوشۇلۇۋاتىدۇ.
بولۇپمۇ يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغاننەرسىلەرنىڭ ئاتالغۇلىرى ۋە ئىلمىي ئاتالغۇلار كۆپرەك قوشۇلۇۋاتىدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە بۇ نەرسىنىڭ ئىسمىنى ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ بىر كۆرۈپلا ھېچبولمىسا50%چۈشىنەلىشى كېرەك. ئەگەر مۇشۇنداق سۆزلەرنى كۆرۈپمۇ ئۇ سۆزگە نىسبەتەن ئازراقمۇ چۈشەنچىگە ئىگە بولمىسا ئەدەبىي تىل بىلەن جانلىق تىل ئارىسىدا چوڭ بىرھاڭ پەيدا بولىدۇدە، ئاسانلا تىلدا بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا ئانا تىلىمىزنى ھەربىر ئادەمنىڭ قوغداش مەجبۇريىتىمىز بار. مەن بىر ئوقۇتقۇچى، ئۇستاز ۋە ياكى تىلشۇناس بولمىساممۇ ئانا تىلنى قوغداش مەجبۇريىتىم ۋە ئانا تىلغا ئوتتەك مۇھاببىتىم  بولغان بىر ياش بولغانلىقىم ئۈچۈن بىرنەچچە كۈن ئىزدىنىش ۋە ئويلاش ئارقىلىق ئاددىي بولسىمۇ تۆۋەندىكىدەك سۆزلۈكلەرنى ياساپ باقتىم. نۇرغۇن، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئاتالغۇلىرى ئاددىي سۆزلەردىن تۈزۈلگەن مەسىلەن:مىلتىق بۇ سۆز مىل بىلەن تىق دېگەن ئىككىلا سۆزدىن تۈزۈلگەن.
بۇ سۆزلۈكلەرنى دوستلارغا سۇنۇش ۋە خاتاكەتكەن يەرلىرى بولسا دوستلار تۈزىتىش بېرەرمىكى دەپ مۇنبەرگە يوللىدىم.
1.ئاپتوموبىل(ماشىنا)-ماڭاز يەنى ماڭ+ئاز=ماڭاز : بۇ سۆزنى ئويلاپ باقساق ئادەمنىڭ ئاز ماڭغۇزىدىغان ، ئادەمنىڭ يولىنى قىسقارتىدىغان دېگەن دەك مەنالار چىقىدۇ.
2.ماشىنا-يۈراز يەنى ئۈر+ئاز=يۈراز :ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ماشىنا دېگەن ئادەملەرنىڭ ئىشىنى ئاسانلاش تۇرۇپ بېرىدىغان نەرسىلەر بولغاچقا مەسىلەن :ئىشتاننىڭ سىرمىسى،شامالدۇرغۇچ دېگەندەك شۇڭا يۈرازنىقوللاندىم . ئەمدى بۇ يەردە يۈرنى قوللىنىشىمدىكى سەۋەب ماڭ دېگەنگە قارىغاندا يۈر دېگەننىڭ ئىشلىتىش رولى جىق بولغانلىقى ئۈچۈن ماشىنا دېگەن چوڭ ئۇقۇمغا يۈرازنى قوللاندىم.
3.موتوسىكلىت-تۆمۈرات يەنى تۆمۈر+ئات=تۆمۈرات بۇ سۆزگە چۈشەنچە بەرمىسەممۇ بولىدۇ دەپ ئويلىدىم
4.تۈەن(پولك)-قوشۇنلۇق .بىزنىڭ تىلىمىزغا يېڭىدىن سىڭىپ كىرۋاتقان ئاتالغۇلارنىڭ ئارىسىدا ئارمىيەگە مۇناسىۋەتلىك كۆپ ،بۇ نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ . ئەجەبا بىزنىڭ بۇرۇنقى ھەربىي ئەمەللەر يەتمەمدۇ،بۇنى مەن ئويلاپمۇ تېگىگە يېتەلمىدىم .
5.ماتور-كۈچدان يەنى كۈچ+دان=كۈچدان.مېنىڭ بىلىشىمچە ئېنېرگىيە دېمەي كۈچ دېسەك تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ.
6.كىنو-كۆرلۈك بۇ ئاتالغۇنى بىر كۆرۈپلاچۈشىنىۋېلىش ئاسان دەپ ئويلايمەن. بۇنداق مىساللار كۆپ مەسىلەن:كۈنلۈك.
7.تېلېۋىزور-كۆرەك يەنى كۆر+ئەك=كۆرەك .بىز ئوبدان ئويلايدىغان بولساق بۇ ئەك قوشۇمچىسى خېلى كۆپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلاردائۇچرايدۇ.
8.تانكا-ئۇرۇشەك يەنى ئۇرۇش+ئەك=ئۇرۇشەك ۋەياكى ئۇرۇشلاق
9.مىنىستىر-ئەلئۆگە يەنى ئەل+ئۆگە=ئەلئۆگە. بۇ ئۆگە دېگەن گەپ قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىدا دانىشمەن،ئەقىللىك،دانا،ئاقىل دەپ مەنىسى بار .شۇڭلاشقا ئەلئۆگە دەپ ئىشلەتتىم.
10.زۇڭلى (باش مىنىستىر)-باشئۆگە يەنى باش+ئۆگە=باشئۆگە
11.توك قاچىلىغۇچ-توكلىغۇچ. ئەمدى بۇسۆز ئۇيغۇرچە تۇرسا يەنە نېمىش بۇ سۆز جانلىق تىلدا ئانچە ئىشلىتىىلمەي چۇڭدىيەنجى دەپ ئىشلىتىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ باقاي دەپ ئويلىدىم. توكلىغۇچ دېسەك بۇ سۆز تېخىمۇ ئاسان تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ.
12.پويىز-ئۇزۇنەك يەنى ئۇزۇن+ئەك=ئۇزۇنەك . ئۇزۇن بىر نەرسە دېگەنلىك بولىدۇ
ئەمدى ئازراق مەن ئاڭلىۋالغان لېكىن تۇرمۇشتا ئىشلىتىلمىگەن سۆزلەردىن ئازراق قوشۇپ قۇياي.
سۇلياۋ(پلاستماسسا)-يالتىراق
لىفىت-ئاسانسۈر. بۇ سۆزنى ھازىرقى تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ياسىغان بولۇپ ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈرمەي ئەكىرسەك بولىۋىرىدۇ
كومپيوتېر-بىلگىسانار يەنىبىلگە+سانار=بىلگىسانار. بىلگەنىڭ بىلىم دېگەن گەپ ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز ئۇقىمىز،سانار دېگەن گەپتىنمۇ ھىساپلىغۇچ ، سانىغۇچ دېگەن گەپ چىقىپ تۇرىدۇ، ئىككىسىنى قوشقاندا بىلىم بىلەن ھىساپلىغۇچ دىگەن مەنا چىقىدۇ. بۇ سۆزنىمۇ ھازىرقى تۈركىيە تۈركلىرى ياسىغان بولۇپ تۈركچە بىلگىسايار دەپ ئوقۇلىدۇ. ھازىرقى تۈركچە بىلەن ئۇيغۇرچىدا ن بىلەن ي ئالمىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا سايارنى سانار دەپ ئالىمىز
يەنە بىر ئىش بىزنىڭ ئۇنتۇپ كېتىۋاتقان ۋە ئۇنتۇلغان سۆزلەردىن ئازراق قوشۇپ قۇياي
تەركەن-ھۆكۈمدار
بىكە-خېنىم،خانقىز
كۆمۈچ-خەزىنە،بايلىق
مۇنچۇغ-مارجان،ئۈنچە
تېكىن ياكى تېگىن-شاھزادە
ئۆگە-دانىشمەن،ئەقىللىق،دانا،ئاقىل . بۇ سۆز بىزنىڭ ئۆگەن، ئۆگىنىش دىگەن سۆزلەر بىلەن يىلتىزداش
سوغا-ياغاچتىن ياسالغان چېلەك
مالتاق-ياغاچتىن ياسالغان چوڭ تۇڭ،سوغىنىڭ چۇڭى
سىمكار-ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئىشلىگەن ئىشى ئۈچۈن ئالىدىغان ئىش ھەققى
ئاقچا-پۇل (پارسچە)دىگەن گەپ
سىڭار-تاق،يان،چەپ،يانتۇ
مانجا-ھۈنەرۋەنلەرنىڭ مېھنتى ئۈچۈن بېرىلگەن ھەق
قۇنچۇي-مەلىكە
يابغۇ-قەدىمكى تۈركىي خەلق ھەربىي ئەمەل ناملىرىنىڭ بىر ۋەزىرگە توغرا كېلىدۇ
يورتۇغ-ھەمراھ. خانلىق دەۋىردە خاننىڭ خاس قوغدىغۇچىلىرىنىڭ نامى
مۇلغۇي-موزدۇزنىڭ شىلىمى
پاۋان-ئوۋچى،مەرگەن
كۈگەلىك-مۇقەددەس،مەشھۇر
بالىق -شەھەر(پارىسچە)
مېنىڭ بۇ مۇنبەرگە تۇنچى قېتىم تېما يوللىشىم بولغاچقا خاتالىقلار كۆرۈلگەن بولىشى مۇمكىن شۇنداق بولسا ھەرقايسى دوستلاردىن ئاۋال كەچۈرۈم سورايمەن،كۆپرەك ئاتادارچىلىق قىلارسىلەر.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 10:35:22

  ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ..........

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 10:54:54

تىلىمىزغا يېڭىدىن سىڭىپ كىرۋاتقان ئاتالغۇلارنىڭ ئارىسىدا ئارمىيەگە مۇناسىۋەتلىك كۆپ ،بۇ نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ . ئەجەبا بىزنىڭ بۇرۇنقى ھەربىي ئەمەللەر يەتمەمدۇ،بۇنى مەن ئويلاپمۇ تېگىگە يېتەلمىدىم .
ئۇيغۇر زىيالىلىرىدا بىر بەدقىلىق بار : ئۆز تىلىدا بىر ئوبدان ئىشلىتىۋاتقان سۆزلۈكنى تاشلىۋېتىپ، چەتتىللاردىن سۆزلۈك ئەكىرىدىغان، مەن بۇنداقلارنى خائىن دەپ قارايمەن،
بۇرۇنقى ھەربى ئىشلارغا ئائىت نۇرغۇن ئاتالغۇلار بولغان، كېيىن ئۇنى تاشلاپ روسىچە ئاتالغۇ ئىشلەتتۇق ( پولكونىك، لېتنات، گېنېرال ... ) ئەمدى پۈتۈنلەي خەنچىلىشىپ ؛بەن جاڭ، پەيجاڭ، شىجاڭ.. دەپ ئاتاشقا باشلىدۇق .

ئون بېشى، يۈز بېشى، مىڭ بېشى، تۈمەن بېشى ، دىگەندەك مەنسەپلەر توپا بېسىپ ياتىدۇ، بەنجاڭ، جۈنجاڭ لارغا كۆچۈپ كەتتۇق .

eilixat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 11:16:34

دۇنيادا چەتتىن كىرگەن سۆزدىن مۇستەسنا تىل بارمۇ ،   ئىنگىلىز تىلىنى ئىلىپ ئىيتساق، (ئىنگىلز تىلى مۇئەللىم شۇنداق دىگەن)  كۈنگە 30نەچچە چەتتىن كىرگەن سۆزنى قۇبۇل قىلىپ تىلىنى بىيتىپ تۇردۇ دىگەن،   بىكىنمچىلىك بىزنى دۇنيادىن ئايرىپ ، يىتىم قالدۇردۇ،

يىغىپ ئىيتسام،  ئۆز تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ كەتكەن بەزى سۆزلەرنى چەتكە قىقىشنى توغرا كۆرمەيمەن،  لىكىن ئۆزمىزدە بار زورلاپ باشقا تىلدا ئاتاۋاتقان سۆزلەرگىمۇ مەن قارشى  مەسلەن فۇينىجى ، دانيجى ، لىيۇلىياڭ دىگەندەك،


pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 11:22:28

eilixat421 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 11:16 static/image/common/back.gif
دۇنيادا چەتتىن كىرگەن سۆزدىن مۇستەسنا تىل بارمۇ ،   ئىن ...

سۆزلۈك قۇبۇل قىلىشنىڭمۇ يولى بولىدۇ،  ئۆز بارمىقىڭىزنى كېسىۋېتىپ، ئالتۇندىن بارماق ئۇلىۋالسىڭىزمۇ بىرىبىر ياراشمايدۇ دىمكچىمەن . ئەگەر يېڭى سۆزلۈكنى ئۆز تىلدا  ئىپادىلەش مۈمكىن بولمىسا ئەلبەتتە چەتتىن قۇبۇل قىلغۇلۇق .
چەتتىن قۇبۇل قىلغاندىمۇ مۇنۇ تەرتىپتە قۇبۇل قىلغۇلۇق:
1.ئۇنتۇلۇپ توپا بېسىپ كەتكەن قەدىمى تىللارنى قېزىش
2. يېقىن تۇققان تىللاردىن ئۆرنەك ئېلىش ( ئۆزبەك، قازاق، قىرغىز، تۈرك ...)
3. ئېنگىلىز تىلىدىن قۇبۇل قىلىش ( چۈنكى ئۇ ھازىر دۇنيا تىلى )
4.
5.

eilixat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 11:23:45

نەچچە يىلىنىڭ ئالدىدا بىرەيلەن ‹‹ بانان›› دىگەن سۆزنى‹‹ ئەگىرىم›› دەپ ئاتايلى دەپ مۇشۇ ئىزدىنشتا تىما يوللىغان،  ھەم نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قوللىشىغا ئىرشكەن،    بانان دىگەن سۆزنىڭ چەتتىن كىرگەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان، (ھازىغۇ بەزى چالا مىڭكاۋخەنلەر شىياڭجاۋلا دەيدىغان بولدى)  لىكىن ئۇنى مەجبۇرى چەتكە قىقىپ ،  ئەگىرىم دىگەن سۆز بىلەن ئاتىماقچى بولدى،  لىكىن ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت،  چۈنكى ئۇيغۇرتىلى لوغەت تەركىبدە چەتتىن كىرگەن سۆز ۋە كونراپ چۇشۇپ قالغان سۆز  دەپ بار( ئىسىمدە قىلىشچە ئۇيغۇرتىلى دەرىسىدە)،   مىنىڭچە ھەرقانداق مىللەتنىڭ تىلىدا بار بۇلۇشى مۇمكىن،  ئۆز تىلىمىزغا سىڭىپ بولغان بەزى سۆزلەرنى ئورنىغا مەجبۇرى ئىسىم قويمەن دىسەك مىنىڭچە ئارتۇقچە ئىش بۇلۇپ قالامىكىن.   

مەن بۇ كەسپىنىڭ ئىگىسى ئەمەس ، پەقەت ئۆزىمىنىڭ ئويلىغىنىنى دەپ باقتىم،  ئازراق بىرنىمە بىلىدىغانلار ، سۆزىمدىكى بەزى خاتالىقىلار كۆلاپ ئىلىپ چىقىپ غاجاشقا چۇشۇپ كەتمەڭلار،  ئۇنداقلا بەك كۆپ ، شۇڭا ئىزدىنشىتا ئىنكاس يىزىپ بۇلۇپ يوللىماي ئۆچۇرۋەتكەن چاغلىرىم بەك كۆپ

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 11:55:19

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 10:54 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر زىيالىلىرىدا بىر بەدقىلىق بار : ئۆز تىلىدا بىر  ...

رەھمەت، مەن ئىزدەپ يۈرگەن نەرسىنىڭ يوللاپسىز

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 13:13:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kinoqi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 13:53  

يەنە بىرسى كام قالغانلار باركەن
13.ئاپتوماتىك-بۇيرۇقسىز. بونىڭمۇ ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ،بۇيرۇق بىرىش ھاجەتسىز دېگەن گەپ
14.گازارما-قوشۇنتۇر ۋەياكى قوشۇنتۇرار. قوشۇن تورىدىغان جاي دېگەن ئىسىمنىڭ قىسقارتىلمىسى
15.ئاكادېمىيە-بىلگىيۇرت،يەنى بىلگە+يۇرت=بىلگىيۇرت. بىلىم بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان يۇرت،بىلىم يۇرتى،دېگەندەك مەنىدا

eilixat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 13:20:40

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 11:22 static/image/common/back.gif
سۆزلۈك قۇبۇل قىلىشنىڭمۇ يولى بولىدۇ،  ئۆز بارمىقىڭىز ...

مەنمۇ ئۆزىمىزدا بارنى تاشلاپ زورمۇزو چەتنىڭكىنى ئىشلىتىشكە قارشى،  لىكىن ئۆزىمىنىڭ لوغەت تەركىۋىگە كىرىپ بولغان سۆزلەرنى چەتكە قىقىشقا قارشى،  مەسلەن  كۆمپىيۇتىر، ماشىنا، پۇتپول ، ۋاسكتىبول دىگەندەك ، مىنىڭچە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ لوغەت تەركىۋىمىزدە

eilixat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 13:23:11

ئۆتكەنكى ئەلى مۇئەللىمىنىڭ لىكسىيەسىدىن قارسام،  ‹‹ئادەم›› ، ‹‹ ئىنسان›› دىگەن سۆزلەرمۇ چەتتكىن كىرگەن سۆزلەر ئىكەن،  ئەگەر مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە،  ئۇچاغدا مەن ئۇيغۇر تىلىنى قايتىدىن ئۈگەنمىسەم، قىرنداشلىرىم تىل ئالاقە قىلالمىغۇدەكمەن

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 13:40:34

eilixat421 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 13:23 static/image/common/back.gif
ئۆتكەنكى ئەلى مۇئەللىمىنىڭ لىكسىيەسىدىن قارسام،  ‹‹ئا ...

سىزنىڭ دېگىنىڭىزمۇ توغرا.مەقسەت ھەممىنى ئۆزگەرتىش ئەمەس ،مەنمۇ بۇيەردە ئوتتۇرغا قويغان سۆزلەرمۇ يىڭىدىن تىلىمىزغا سىڭىپ كىرگەن سۆزلەر، ئۇنداق ھەممىنى ئۆزگەرتىمەن دېگەن گەپ ئەمەس.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 14:25:29

kinoqi1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 13:13 static/image/common/back.gif
يەنە بىرسى كام قالغانلار باركەن
13.ئاپتوماتىك-بۇيرۇقسى ...

ئاپتوماتىك نەچچە يىل ئاۋال بىرى ئۆزھەل دەپ ئېلىشنى تەۋسىيە قىلغاندەك ئېسىمدە.
گازارمىنى بارگاھ دېسە بۇلامدىكىن

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 15:17:24

ماتور ، كىنو ،تانكا دېگەندەك سۆزلەر ھازىرچە شۇ پېتى تۇرۇپ تۇرسىمۇ بولاتتى،چۈنكى ئۇيغۇرچىدا 3بوغۇمدىن ئېشىپ كەتكەن سۆزلۈك  تەبئىيلا شاللىنىپ كېتىدىكەن....  ئىسمى يوق نەرسىلەرمۇ ساماندەك، پەقەت ۋە پەقەت خەنچىسىنىلا ئىشلىتىدىغان .مېنىڭچە مۇشۇنداق نەرسىلەرگە ئسىم ياساش كېرەك!
مەسلەن:
..........燃料电池،电容笔،冲击钻،曲线机،插板

مەنمۇ ياساپ باقاي :  توكدان -  lol         电瓶    پوقدان -  马桶       {:92:}

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 17:03:30

پۇل بەرگۈنىڭ ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرسام ئالدىمدىكى قىزغا پۇل ئىلىش نۇۋىتى كەلدى، قارىسام تىل تاللاش دىگەن يەردىن خەنچە تاللىغانتى مەن سورىدىم:
-سىز ساۋاتسىزما؟
قىز دەھشەت ھومىيەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.

maxal20 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 19:27:34

قومۇل يەرلىك شېۋىسىدە ۋېلسىپىت تۆمۈرەت (تۆمۈر ئات) دېيىلىدۇ.

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 20:15:13

تىلنى ساپلاشتۇرۇش ياخشى ئىش لىكىن تىلىمىزدا تېخىچە ئېنىق تەرجىمىسى يوق نۇرغۇنلىغان دائىم ئىشلىتىدىغان سۆزلەر تۇرسا، ئاللا بۇرۇن لۇغەتكە كىرگۈزۈلۈپ بولغان ھەتتا تۇرمۇشىمىزغىمۇ سىڭىپ كەتكەن سۆزلەرنى قايتا ياساشقا نىمە زۆرۈرىيەت بوپ قالغاندۇ؟
بولۇپمۇ ئېلېكترون ۋە ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدە ئېنىق بىر تەرجىمىسى يوق نۇرغۇن سۆلەر بار، ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى بىلگەنچە ئاتاۋاتقان، شۇلارنى بىر ھەل قىلىڭلار ئاۋال

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 21:36:14

بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىمۇ كۆپلىگەن سۆزلەر ئەرەپ ۋە پارىس ھىندىلاردىن كىرگەن ئىكەن،
ئەسلەپ باقسام خىلى كۆپ تۇرىدۇ.
دەرۋازا
ئاۋاز
دەريا
دۇككان
لىكىن
دوسىت
مىنۇت
ھارامزەدى
تەشەككۇر
مىھمان

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 22:58:03

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 21:36 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىمۇ كۆپلىگەن سۆزلەر ئەرەپ ۋە پارىس  ...

ئەرەپ ۋە پارسى تىلىنىڭ كىرگىنى توغرا،لېكىن ھىندى تىلىدىن قايسى سۆز كىرگىنىنى مەن ھەجەپ ئېسىمگە ئالالمىدىمغۇ.
مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم يېڭىدىن كىرگەن ياكى يېڭىدىن كىرىۋاتقان سۆزلەرنى كۆچىمىزنىڭ يېتىچىسە ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق دېمەكچى،ئەرەپ ۋە پارسى تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەر ئاللىقاچان بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ بىر پارچىسىغان ئايلىنىپ بولدى.مېنىڭ ئۇنتۇلغان ۋە ئۇنتىلىۋاتقان سۆزلەر دەپ قېتىپ قۇيىشىم بۇ سۆلەرمۇ ئۇنتۇلۇپ قالمىسۇن دېگەن.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 23:02:35

kinoqi1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 22:58 static/image/common/back.gif
ئەرەپ ۋە پارسى تىلىنىڭ كىرگىنى توغرا،لېكىن ھىندى تىل ...

مىنىڭ يازغان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى ھىندى تىلىدا ئۇچراتقان سۆزلەر.

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 23:51:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kinoqi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-27 00:31  

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 23:02 static/image/common/back.gif
مىنىڭ يازغان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى ھىندى تىلىدا ئۇچرات ...

ئۇ سۆزلەر ھىندىلارغا بىز تۈركلەرلەردىن كىرگەن،يەنى بابۇرخان ھىندىستاننى بېسىۋېلىپ ھىندىستان موڭغۇل ئىمپىريىسىنى قۇرغاندىن باشلاپ ئۇلارغا بىر تۈركلەر ئارقىلىق كىرگەن.
بەت: [1] 2
: مەن ئويلىغان ئاتالغۇلار