kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 23:51:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kinoqi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-27 00:31  

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 23:02 static/image/common/back.gif
مىنىڭ يازغان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى ھىندى تىلىدا ئۇچرات ...

ئۇ سۆزلەر ھىندىلارغا بىز تۈركلەرلەردىن كىرگەن،يەنى بابۇرخان ھىندىستاننى بېسىۋېلىپ ھىندىستان موڭغۇل ئىمپىريىسىنى قۇرغاندىن باشلاپ ئۇلارغا بىر تۈركلەر ئارقىلىق كىرگەن.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 23:53:14

kinoqi1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 23:51 static/image/common/back.gif
ئۇ سۆزلەر ھىندىلارغا بىز تۈركلەرلەردىن كىرگەن،يەنى ب ...

تارىخىنى بىلمەيدىكەنمەن ،
رەخمەت چۇشەندۇرۇپ قويغىنىڭىزغا .:)

President يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 00:40:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   President تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-27 00:44  

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئانا تىل دەپ پىكرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىڭىزغا رەھمەت.
مۇشۇنداق كۆڭۈللەرنىڭ ۋە زېھىنلەرنىڭ بولمىغىنىدىن بولغىنى ياخشى، ئەمما نېمىشقا ئاللىقاچان ئۇمۇملىشىپ بولغان ۋە بىزگە يەرلىشىپ بولغان سۆزلۈكلەرگە ئېسىلىۋالىمىز؟ راست گەپنى قىلسام، مەيلى خاڭسوچا، مەيلى ئەرەبچە، مەيلى ئېڭلىشچە، مەيلى قازاقچە بولسۇن، بىزگە ئېغىز ۋە يېزىق جەھەتتىن ئاللىقاچان ئۇمۇملىشىپ بولغان سۆزلۈكلەرنى ئۆزگەرتىمىز، باشقا سۆزلۈكلەرگە ئالماشتۇرىمىز دېيىش ئىنتايىن قاملاشمىغان بىر ئىش، ئۇ سۆزلۈكلەرغۇ بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ فونتىكىلىق ياكى گېرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ماس كەلمەي قالسا مەيلى دەپ تۇرايلى، تىلىمىزغا ھېچقانداق تاقاشماي بىر بەلەن ئۇمۇملىشىپ بولغان سۆزلەرنى ساپ ئەمەس دەپ ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىش بىمەنىلىكتىن ئىبارەت. دۇنيادا قايسى تىل ساپ؟ ئۇيغۇر تىلى تارىختىن بۇيان باشقا تىللاردىن نۇرغۇن سۆزلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تىل بايلىقىنى مول قىلىپ كەلگەن تىل، يېڭى دەۋردە يېڭى سۆزلەرنى تىلىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىگە كۆرە قۇبۇل قىلىش نورمال بىر ئىش.
ھېلىھەم، ئالدىمىزدا نۇرغۇن ئىشلار تۇرۇپتۇ،يەنى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشىمىز ھەرگىزمۇ ئۇمۇملىشىپ بولغان سۆزلەرنى يات تىلدىن كەلگەن دەپ باشقا سۆزلەرنى ياساپ چىقىش ئەمەس، بەلكى مېنى تەرجىمە قىل، ماڭا سۆز ياسا دەپ تۇرغان نۇرغۇن سۆزلەرگە ۋاقىت ئاجرىتىش بولۇش كېرەك. مەقسىدىم. ۋاقتىمىزنى قىلىپ تۈگىگەن ئىشلارغا ئەمەس، قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئىشلارغا ئاتايلى.
ئاپتورغا رەھمەت.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 21:42:27

مەن پىس-پاس ئەپەندىمنىڭ  سۆزىنى قوللايمەن.  
ئەمما،  سۆز ياسىدۇق دەپ  ئېغىزغا  كەلمەيدىغان، تىل قانۇنىيەتلەرگە مۇخالىپ سۆزلەرنى ياسىماي  ئەپچىل،  ئاددى خەلقمۇ چۈشۈنەلەيدىغان، تېز ئومۇملىشىدىغان سۆزلەرنى ياسىساق.

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 23:32:24

مەن چۈشكەن ئىنكاسلاردىن شۇنى ھېسقىلدىمكى، بىز تىلكوم ئىدارىسىغىلا قاراپ قالماي  بىر توربەت قۇرۇپ شۇ توربەتتە بېلەت تاشلاپ يېڭىدىن پەيدا بولىۋاتقان سۆزلەرگە ئاتالغۇ ياساپ ھېچ بولمىسا باشلىنىشىدا توردا بولسمۇ ئەسلى سۆزگە يانداش قىلىپ چىقىرىپ تورداشلارنى كۆندۈرىشىمىز كېرەككەن.ياكى داڭلىق بىر توربېكەتتە شۇنداق قىلىشىمىز كېرەككەن،يەنە مۇشۇنداق قاراپ ئولتۇرۋەرسەك بولمايدىكەن.مەسىلەن ئەلباش دېگەن سۆزگىمۇ دوستلار ئاساسەن كۆنۈپ بولدى.

beliver يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 10:23:49

ياخشى ئويلاپسىز قېرىندىشىم، ئۇيغۇر تىلدىكى قاملاشمىغان سۆزلەرنى كۆرسەم   ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ.تىل ۋە تەرجىمە دېگەن ژورنالدا ئاتالغۇ توغرىسىدا شۇنداق ياخشى تەكلىپلەر بېرىلىپ، مۇۋاپىق ئاتالغۇلار ياسالغان.نېمىشقىكىنتاڭ، ئۇنى يازارمەنلەر قەتئى ئىشلەتمىدى.مەنمۇ يادىمغا كەلگەنلەرنى دەپ باقاي:خاككىر -قەستكار، باۋئەن -ئىشىك باقار ياكى قاراۋۇل، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيسى -تەدرجىيات نەزەرىيسى(چۈشۈمدە ئىجات قىلغان‌ )

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 15:26:37

ئانا تىلنى قوغداش ياخشى ئىش ئەمما ئېغىزدىلا ئېيتىلماي ھەممەيلەن ئەمەلىيلەشتۈرسەك بولاتتى.
بەت: 1 [2]
: مەن ئويلىغان ئاتالغۇلار