terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 15:29:00

ھىندىستاندا200يۈەنلىك دورا جۇڭگودا نىمىشقا 20مىڭ يۈەن؟

ھىندىستاندا200يۈەنلىك دورا جۇڭگودا نىمىشقا 20مىڭ يۈەن؟
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى   مەنبەسى : يەر شارى ۋاقىت گېزىتى
بۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان بىر قېتىملىق زىيارەت ، بىراق ھەر بىر جۇڭگولۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ! بىراق بۇ زىيارەتنى باشلاشتىن ئاپتور سىزگە بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئالاقىدار ھېكايىنى سۆزلەپ بەرمەكچى :
بىلەمسىزكىن ، جۇڭگودىكى ئاستا خاراكتېرلىق ئاق قان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ سانى 100مىڭغا يېتىدۇ ، ھەر يىلى 13مىڭ ئادەم بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ . ئاشقازان ـ ئۈچەي ئارىلىقىدا ئۆسمە پەيدا بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئېنىق ستاتىكا مەلۇماتى بولمىسىمۇ ھەر 100مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە 1-2 گىچە ئادەم بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ . ساقايماس كېسەللىك دەپ ئاتالغان بۇ كېسەللىك شۋېيتسارىيە Novartis شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان Imatinib Mesylate Capsules خەنزۇچە ئاتىلىشى格列卫 ناملىق بۇ دورىدىن ھاياتلىقنىڭ ئۈمىدىنى كۆردى . بىراق بۇنىڭغا ئەگىشىپ يېڭى مەسىلىمۇ كېلىپ چىقتى ، جۇڭگودا بۇ دورىنىڭ بىر ئايلىق مىقدارىنىڭ تەننەرخى 23500يۈەن بولۇپ Novartis شىركىتى مۇناسىۋەتلىك ئېتىبار بېرىش ئۇسۇللىرىنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ ، ھەر يىللىقى 72مىڭ يۈەنلىك چىقىم كۆپىنچە بىمارلارغا نىسبەتەن ئېغىر يۈك بولۇپ سانالماقتا .
ئەسلى تەركىبى بويۇنچە 甲磺酸伊马替尼片دەپ ئاتىلىدىغان بۇ دورىنى داۋالاش سۇغۇرتىسى قاتارىغا كىرگۈزگەن ئۆلكىلەر ساناقلىقلا بولۇپ ، كۆپلىگەن بىمارلار بۇنىڭدىن  نەپكە ئېرىشەلمىگەن .
بىر خوش خەۋەر شۇكى ھىندىستاندا ئوخشىتىپ ياسالغان ئوخشاش تۈردىكى دورىنىڭ باھاسى مىڭ نەچچە يۈز يۈەن بولۇپ ، بۇ خىلدىكىسى جۇڭگودا "ساختا دورا " دەپ بىكتىلىلگەچكە بىمارلار قانۇنلۇق ھالدا سېتىۋالالماي ، راستىنلا ساختىسىنى سېتىلىش خېيىم ـ خەتىرىگە تەۋەككۇل قىلىپ چەتئەلدىن ۋاكالىتەن زاكاز قىلىپ سېتىۋالماقتا .
بۇ يەردە بىز شۇنى سورىماي تۇرالمايمىز : نوۋارتىس دورىگەرچىلىكىنىڭ بۇ دورىسى نىمىشقا  تېپىلماسنىڭ خورمسىىدەك بۇنچە يۇقىرى باھادا سېتىلىدۇ ؟ جۇڭگۇ نىمىشقا ھىندىستاندىن ئۆگىنىپ بۇ دورىنىڭ پاتېنتنى چەكلەپ ، دۆلەت ئىچىدىكى دورا زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ ؟ كۆپلىگەن ئۆلكىلەرنىڭ بۇ دورىنى داۋالاش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزمەسلىكىدىكى توسالغۇ نەدە ؟
ئادەمنىڭ ھاياتى ھەممىدىن مۇھىم بولۇۋاتقان ۋاقىتتا ، ھاياتلىقنى قۇتقۇزىدىغان ھەر خىل يوللارغا قاتمۇ ـ قات توسالغۇلار قۇرۇلغان ، توساقلارنىڭ ئۇ تەرىپىدە بىمارلار ئۈمىدسىزلەنگەن قاراشلىرى يىراقلارغا نەزەر تاشلىماقتا . بىز نىمىشقا بۇنداق ، ھىندىستان بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە ....
ھەر خىل گۇمانىي سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تۆۋەندىكى زىيارەتتىن تاپالايسىز :  

ئەسكەرتىش : بۇ خېلى ئۇزۇن زىيارەت ماقالىسىكەن ، تورداشلارغا  ئىچىدىن بۇرۇن بۇ  ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى كۆرگەنلەر بولسا تېپىپ يوللاپ قويسا مەنمۇ قايتا تەرجىمە  قېلىنىپ  ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشتىن ساقلىناي ، بولمىسا بۇ تىما تەستىقلىنىپ بىر سائەتتىن كىيىن كەينىنى  تەرجىمە قىلىپ ئىنكاس شەكىلدە يوللايمەن .

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 17:42:13

ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز.بۇ مەسىلىنى ھەر بىرىمىز چوڭقۇر ئويلانساق بولغۇدەك .ئۆز پۇقرالىرىنى بەخىتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئويلاپ يۇرىۋاتقانلار بۇنى قانداق چۈشەندۈرىدىكىن ؟! ...

yehya1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 18:29:00

تەرجىمە قىلىپ يوللاڭ  جاپا چېكىدىغان بولدىڭىز رەھمەت سىزگە   

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 22:03:56

مىڭ خەت يۇز ئەللىك كوي تۇرسا :lol

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 22:26:06

بىر نەپەر ئاشقازان ـ ئۈچەي ئارىسىدا ئۆسمە بار بىمار ئاپتورنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپتۇ ، ئۇ توردا بىر نەچچە پارچە يازما ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ ھىندىستانغا بېرىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۇنىڭغا ھىندىستانغا ئوخشاش بۇنداق ئېيتقۇسىز تەلپۈنۈش قوزغىيالمىغان .چۈنكى ئۇ شۋېتسارىيە نوۋارتىسنىڭ Glivecدېگەن دورىسى ئۈچۈن ھەر يىللىقى 70مىڭ يۈەنلىك چىقىمنى كۆتۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئامالسىز ھىندىستاندا ياسالغىنىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان . ئىككى ئاي ئىچىدە ئۇ ئەتراپىدىكى ھىندىستان بىلەن ئالاقىسى بولغان بارلىق كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ چىققان ، ھەتتا تونۇشىنىڭ تونۇشى ، تونۇشىنىڭ تونۇشىنىڭ تونۇشى بولسىمۇ ئۇقۇشۇپ ھىندىستاندىن ئىشەنچىلىك ئوخشىتىپ ياسالغان مەھسۇلاتنى كىرگۈزۈپ بېرەلەيدىغان ـ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقۇشۇپ چىققان . بىراق ئاخىردا مەغلۇپ بولغان ، ئۇنداق ئادەم چىقمىغان . ئۇنداق ئادەمنى تاپالمىغانسىرى ئۇ شۇنىلا ئويلايدىغان بولغان ، ھىندىستان ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئالاھىدە جايغا ئايلانغان ، ئۇنىڭغا بىر خىل ئىشتىياق ئوتى تۇتاشقان .
سۇئال: گىلىۋىسGlivecراستىنلا جاننى قۇتقۇزالامدۇ ؟
جاۋاپ : گىلىۋىس بىر تۈرلۈك مولېكۇلا ئارقىلىق نىشانلىق داۋالايدىغان دورا ، بىۋاستە كېسەل گىنغا قارتا مولېكۇلىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۋېتسارىيە نوۋارتىس شىركىتى گىلىۋىسنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققاندىن كىيىن ئاستا خاراكتېرلىق ئاق قان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ 10يىلغىچە ھايات تۇرۇش نىسبىتى 50% كە يەتمەسلىكتىن 90% كە كۆتۈرلۈپ ، يىلىك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدىن كىيىنكى ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ قالغان . گىلىۋىسنىڭ ئاشقازان ـ ئۈچەي ئارىسى ئۆسمىسىگە بولغان داۋالاش ئۈنۈمىمۇ 67% كە يېتىدۇ .
سۇئال : گىلىۋىس شۇنچىلىك قىممەتمۇ ؟
جاۋاپ : كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئاستا خاراكتېرلىق دانچە ھۆجەيرىلىك ئاق قان كېسىلى بىمارلىرى ۋە ئاشقازان ـ ئۈچەي ئارسى ئۆسمە بىمارلىرى چوقۇم بىر ئۆمۈر دورا ئىستىمال قىلىپ تۇرۇشى كېرەك . نوۋارتس گىلىۋىس 2001-يىلى تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا كىرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەر بىر قېپىنىڭ باھاسى ئىزچىل ھالدا 23500يۈەن بولۇپ كېلىۋاتىدۇ ، بىر قاپقا بىر ئايلىق مىقداردا قاچىلانغان . نوۋارتىس باھاسىنى ھېچقاچان چۈشۈرۈپ باقمىغان ، لېكىن كېسەللەرنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ 2006-يىلى جۇڭگودا 3قاپ سېتىۋالسا 9قاپ سوۋغا قىلىشتەك ئېتىبارىنى يولغا قويدى ، شۇنداقتىمۇ بىمارنىڭ بىر يىللىق ئىقتسادىي چىقىمى يەنىلا 70 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ ، بۇ نۇرغۇن جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ يانچۇقىنى قۇرۇقداپ قويۇۋاتىدۇ.
سۇئال : گىلىۋىسنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى باھاسى قانداق ؟
جاۋاپ:ئاۋال ئېيتىپ قويىدىغىنىم ، گىلۋىسىنىڭ جۇڭگودىكى باھاسى دۇنيا بويۇنچە ئەڭ يۇقىرى . باشقا دۆلەتلەردىكى باھاسى توغرىسىدا مەندە ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق ، ئەمما مىدىيا خەۋەرلىرىدىن بىلىشىمچە شاڭگاڭدا 17000، ئامىرىكىدا13600، ئاۋىستىرالىيىدە 10000ئەتراپىدا ، ياپۇنيەدە 16000، كۈرىيەدە 3000يۈەن بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندىكى باھا . يەنە كېلىپ يۇقىرىقى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا سىياسىتىنى ئويلاشقاندا ئەمەلىيەتتە بىمارلار ئۈستىگە ئالدىغان چىقىم ئىنتايىن ئاز ، مەسىلەن ئاۋىستىرالىيدە پۇقرالارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويۇنچە ھېسابلىغاندا ھەر قېپى 200يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ .
سۇئال : بۇ خىل دورا نىمىشقا دۇنيا بويۇنچە جۇڭگودا ئەڭ قىممەت ؟
جاۋاپ : ئىقتىدارىم بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشكە يەتمەيدۇ ، بۇ بىر قىيىن سۇئال بولدى. بىراق ئۇچۇرلاردىن بىلىشىمچە نۇرغۇن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ بۇ خىلدىكى پاتېنتلىق دورىلىرى جۇڭگوغا كىرگەندىن كىيىن ھەمىشە دۇنيا بويۇنچە ئەڭ قىممەت دورىغا ئايلىنىپ قالىدىكەن . باھادىن ئىبارە بۇ مەنپەئەت زەنجىرىنىڭ ئۈستىگە قان شورىغۇچى شەپەرەڭلەر قونۇۋالغان بولۇپ ، باھاسى تۆۋەن بولسا ئۇلارغا پايدا قالمايدۇ . مەسىلەن ئوبروت ھالىقسىدىلا خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا چەتئەل دورىلىرى جۇڭگۇ دوختۇرخانىلىرىغا كىرىشتىن ئاۋال ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ قات ساتقۇچى سودىگەرنىڭ شىلىۋىلىشىدىن ئۆتىدىكەن ، ھەر بىر قاتتا ئوتتۇرچە 5% تىن 7% كىچە باھا قوشۇلىدىكەن ، دوختۇرخانا بۇنىڭغا يەنە 10% تىن 15% كىچە باھا قوشىدىكەن .
سۇئال : ھىندىستاننىڭ بۇ خىل دورىسى زادى قانچىلىك ئەرزان ؟ دورىنىڭ ئۈنۈمى قانداق؟
جاۋاپ :توردىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەردىن پايدىلانساق 1000يۈەنگە تاپقىلى بولىدۇ . بىراق يېقىندا قولغا ئېلىنغان لۇيۇڭ ھىندىستاندىكى دورا زاۋۇتى بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىپ توپ سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەر قېپىنىڭ باھاسىنى 200يۈەنگە كېلىشكەن ، بۇنىڭدىن دورىنىڭ ئەسلى تەننەرخنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جۇڭگودىكى دوختۇرخانىلاردا دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى بىمارلارغا ھىندىستاننىڭ دورىسىنى تەۋسىيە قىلىشنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ . شۇغىنىسى مىنىڭ دورا ساھەسىدىكى بەزى دوستلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە ھىندىستاننىڭ ئوخشىتىپ ياسالغان دورىسىنىڭ ئۈنۈمىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق بولۇپ ، بۇ دورىنى ئوخشىتىپ ياساشمۇ ئۇنچە قىيىن ئەمەسكەن . لۇيۇڭ ھىندىستاننىڭ دورىسىنى يېگەندىن كىيىن ئۈنۈمىنى دائىم تەكشۈرتۈپ بەدىنىدىكى ھەر خىل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ نوۋارتىسنىڭ دورىسىنى يېگەندىكى بىلەن ئوخشاش بولىۋاتقانلىقىنى بايقىغان . كورىيە ئاق قان كېسىلى جەمئىيىتى ھىندىستان بىلەن شىۋېتسارىيىنىڭ ئىككى خىل گىلىۋىسىنى سېلىشتۇرۇش  ئارقىلىق دورا خۇسۇسىيىتىنىڭ 99.9% ئوخشايدىغانلىقى تەكشۈرۈپ چىققان . تۆۋەن باھا ، ئوخشاش بولغان دورا ئۈنۈمى ھىندىستاننىڭ ئوخشىتىپ ياسالغان دورىسىنى جۇڭگولۇق بىمارلارنىڭ نىجات يۇلتۇزىغا ئايلاندۇرغان .
سۇئال : ئەمسە جۇڭگودا نىمىشقا ھىندىستاننىڭ دورىسىنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ؟
جاۋاپ: دۆلىتىمىز پاتېنىت ھوقۇقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ ، دۆلەت ئىچىدىكى دورا زاۋۇتلىرىنىڭ ئوخشىتىلغان دورا ياسىشىغا يول قويمايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا دۆلىتىمىزنىڭ "دورا باشقۇرۇش قانۇنى" دا ئىمپورت قىلىنغان دورىلار چوقۇم كلىنكىلىق سىناقتىن ئۆتۈشى ، يەنە دورا ئىمپورت تىزىمغا ئالدۇرۇش كېنىشكە نومۇرى ئالغاندىلا ھەقىقى دورا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن . گەرچە ھىندىستاندا قانۇنلۇق ئىشلەپ چىقىرىلىپ ، رەسمىيىتى تولۇق دورا دەپ سېتىلىۋاتقان بولسىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ دورا باشقۇرۇش نازارەت قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن ساختا دورا دەپ قارىلىدۇ . شۇڭا جۇڭگودىكى دورىخانىلاردا ھىندىستاندا ئىشلەپ چىقىرىلغان بۇ خىل دورىنى تاپقىلى بولمايدۇ .

uqkun107 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 22:50:40

:shutup:

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 23:13:41

شەخسى نۇقتىدىن ئالغاندا مەنپەئەتىمگە تاقاشسا مەنمۇ ئەرزان دورىنى كىرگۈزمەيمەن. ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ پاتىنىت قانونىدا دۆلىتىمىزدە پاتىنىتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ بازىرى ئىتتىك بۇلۇپ قىلىپ بازارنى تۇيۇندۇرالمىسا باشقا شەخىسلەرنىڭ ياكى زاۋۇتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا يول قۇيۇلىدۇ. ھازىرقى مەسلە بۇ دورىغا تېخنىكا يىتەمدۇ دەيدىغان گەپ بار، نەچچە يىل ئىلگىرى تىلۋىزوردا كۆرگىنىمدە نۇرغۇنلىغان دورىلار  پۇخرالارنىڭ بىلىپ كىتىشىگە ئۇچرىغاندىن كىيىن يۇقىرى باھانى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىسىم ئۆزگەرتىپ ئۇتتۇرغا چىقىدىكەن. شى رەئىس بۇ ئىشلارنىمۇ ئالدىرىماي ھەل قىلىپ كىتەر، ھەممە ئىشقا ۋاقىت كىتىدۇ...

nur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 23:56:47

سۇ بىشىدىن لاي...

bariber يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 00:20:35

باھاسى بىرەر ئەسىرگىچە چۈشۈپمۇ قالار؟

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 06:50:57

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 10:04:36

بۇ تىمىنىڭ ئاخىرى بار دەپ قويۇشىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . تىمىنىڭ نىگىزلىك يېرى ئاخىرىدا . ھازىر تۈگىتىشكە ئاز قالغان ، بىراق زادى سىرىتقا چىقمىسام بولمايدىغان جىددى ئىش چىقىپ قالدى ، شۇڭا ئاللا خالىسا كەچكىچە ئاخىرىنى يوللاپ تولۇقلىۋىتىمەن .
بۇ ئەسكەرتمىنى بىرىشتىكى  بىرىنچىدىن تەرجىمە تۇگمىگەن ئەھۋال ئاستىدا باشقا تور بەتلەرگە يوللىغانلار بولسا مەسئۇلىيەت يۈزىسىدىن مەن تەرجىمىسىنى تۈگەتكەندە ئاخىرنىمۇ يوللىۋەتسەڭلار ، ھەممەيلەن پايدىلانسۇن دىگەن ياخشى كۆڭلۈڭلار تولۇق بولۇپ كەتسۇن .
ئىككىنىچىدىن ، تور بەتلەرگە يوللىغاندا مىنىڭ ئىزدىنىشتىكى باش سۆرىتىم ۋە ئىسمىمنى ئوخشاش قىلىپ تىزىملىتىپ يوللىمىغان بولساڭلار ، كىيىن شۇ مۇنبەرلەردە باشقىچە پاراڭ بولۇپ قېلىپ سىلەر يەنە شۇ ئىسىمدا  كىرىپ بىر نىمە دەپ قويۇپ ئوتتۇردا ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرمىسۇن . بۇ ئىنكاسىم  شۇنىڭغا بىر ئەسكەرتىش بولۇش بىلەن ئوتتۇردا مۇشۇنداق سەۋەبلەردىن ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەن باشقا تورداشلارغا  قارتا  ئۇقۇشماسلىقىنى بولسا ۋاقتىدا تۈگىتۋىتىشكە  ئىلتىماس بولۇپ قالسىكەن دىگەن مەقسەتتە يىزىلدى .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 11:31:57

بۇنى نەچچە كۈن بۇرۇن مەركىزى تېلىۋىزىينىڭ « يۈز تۇرانە » (面对面) پىروگىراممىسدا كۆرگەن، تۈزۈلمىنىڭ نەقەدەر بىئوكىراتىك ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى
http://cctv.cntv.cn/lm/mianduimian/

salam721 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 12:17:36

ھە بۇ دورىنىڭ ھىندىستاندا ئىشلەنگىنىنى ئىچكىردە بىريەردىن 700يۇەندىن ئەكەلدۈرۈپ بىر قېرىندىشىمىز 10 ياشلىق قىزىغا  بىرىۋاتىمىز، بالىنىڭ ئەھۋالى ياخشى، 5يىل بولدى.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 13:35:22

سۇئال : ئۇنداقتا ھىندىستانغا بېرىپ سېتىۋېلىشقا توغرا كىلىدىكەندە ؟
جاۋاپ : پۇل يوقلارغا مۇشۇنداق قىلماي ئامال يوق . ئەمەلىيەتتە ھىندىستانغا بېرىپ دورا سېتىۋېلىش ئادەتتىكى بىمارلارغا نىسبەتەن بەكمۇ تەسكە توختايدۇ ، تەرتىپىمۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ . ھىندىستان دورا زاۋۇتى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن چوقۇم ئېنگلىزچە بىلىش كېرەك . ھەر خىل ئىسپات جەدىۋەلىرىنى تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ ، پۇل تۆلەش مەسىلىسىمۇ باشىنى قاتۇرىدۇ . شۇڭا دائىم مۇنبەر ، چ چ توپى ئىچىدە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بۇ دورىنى ھىندىستاندىن سېتىلىش ئۇسۇلىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ياكى بىرەر ياخشى نىيەتتىكى كىشىنىڭ ئىلتىپات قىلىپ قولىدىكى دورىللىرىدىن ئازراق سېتىپ بېرىشىنى ئۆتۈنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ . بەزى ھىندىستان بىلەن ئالاقىسى بار كشىلەر تاۋباۋ ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق بىمارلارغا ۋاكالىتەن مال كىرگۈزۈپ بىرىۋاتقان بولسىمۇ بۇ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچۇرىنى . بۇ نەچچە يىلدا بىر قانچەيلەن  قولغا ئېلىندى .
سۇئال : بۇ دورا نىمىشقا ھىندىستاندا قانۇنلۇق بولىدۇ ؟
)قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك يىرى ، بۇ سوئالنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بىمار قاتتىق ھاياجانلىنىپ ئاپتورنىڭ قولىنى تۇتۇشقا تەمشەلدى...(
جاۋاپ: ھىندىستان ئادىمىيلىك  تەرغىپ قىلىنىدىغان دۆلەت . بولدى بۇنى سۆزلىمەي مەسىلىنىڭ ئۆزىگىلا جاۋاپ بېرەي ، ئەڭ مۇۋاپىق جاۋاپ ھىندىستاندا " ئەگەر دۆلەت جىددى ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن بولسا ياكى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە تاقاشقان ئەھۋال ئاستىدا پاتېنىت ھوقۇقىغا ئىگە دورىلارنى پانېتىت ئىگىدارچىلىقىدىكى كىشىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بېكىتىشى بىلەن باشقا كارخانىلار ئىشلەپ چىقارسا بولىدۇ" دەيدىغان پاتېنىت چەكلەش قانۇنى بار . شۇڭا ھىندىستاندىكى ھىندىستاندىكى دورا زاۋۇتلىرى ئوخشىتىپ ياسىسا بولىدۇ ، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى غەرب ئەللىردىكى دورا زاۋۇتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ، بىراق ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇپ بۇ شىركەتلەرنى ئەرزىنى بىر ـ بىرلەپ رەت قىلغان ، ئاڭلىشىمچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشى كاتىپى پەن جىۋىن بۇ ئىشتا ھىندىستاننى ماختىغان .
سۇئال : جۇڭگودىكى ئەھۋال ئۆزگىرىشى مۇمكىنمۇ ؟
جاۋاپ: بىلمىدىم ، ھازىرغىچە بۇ توغۇردا باشقىچە سىياسەت كۆرمىدىم .
سۇئال : سىزنىڭ قارشىڭىزچە بۇنى ئۆزگەرتىشكە بىرەر چارە بارمىدۇ ؟
جاۋاپ: كۈلكىلىك گەپ بولدى بۇ ، مىنىڭ نېمە ئامالىم بولسۇن ؟ ئامالىم بولغان تەقدىردىمۇ قۇلۇمدىن نېمە كېلەتتى ؟
سۇئال : قېنى بىر دەپ باقمامسىز ئاۋال
جاۋاپ:نوۋارتىسنى باھانى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇرلاش كېرەك ، 1مىليارد 300مىليون نوپۇسلۇق بۇنداق زور بازار ئارقىلىق غەربتىكى دورا زاۋۇتلىرى بىلەن سۆھبەتلەشسە ئۇلار چوقۇم يول قويماي قالمايدۇ . ئۇندىن باشقا ھۆكۈمەت ئۆزى بىۋاستە سېتىۋېلىشنى يولغا قويسا ئوتتۇرىدىكى ئوبروت تەننەرخىنى تېجىگىلى بولىدۇ . يەنە دۆلىتىمىز 2008-يىلى يىل ئاخىردا تۈزىتىش كىرگۈزگەن "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنىت قانۇنى" دا ئومۇمنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن پاتېنىت ھوقۇقى ئېلىنىپ بولغان دورىلار .... غا قارتا ئىشلەپ چىقىرىشقا رۇخسەت قىلىش دېگەن بەلگىلىمە ئېنىق كۆرسىتىلگەن . شۇغىنىسى تا ھازىرغا كەلگۈچە دۆلەت بىلىم ـ مۈلۈك ئىدارىسى بىر پارچىمۇ بۇنىڭغا ئائىت رۇخسەت ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالمىغان . بىز نىمىشقا بىر قېتىم بولسىمۇ بۇنداق رۇخسەتنى بېرەلمەيمىز؟
سۇئال : يەنىچۇ ؟
جاۋاپ :پەقەت بولمىسا داۋالاش سۇغۇرتىسىدىكى تىزىملىككە بۇ دورىنى قوشۇش كېرەك ، بىراق دۆلەت ئىچىدىكى بىر نەچچە ئۆلكىدىلا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ .
سۇئال : ھىندىستاندىن باشقا دۆلەتلەردە قانداق چارە قوللىنىۋاتىدۇ ؟
جاۋاپ: بۇ مەن توردىن چۈشۈرۈۋالغان ماتېرىيال ، ئوقۇپ بېرەي ئاڭلاپ تۇرۇڭ .2006-يىلىنىڭ ئالدى ـ كەينىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يامراش ئەھۋالىغا قارتا تايلاند ئەيدىز كېسەللىكى دورىللىرىغا قارىتا رۇخسەت بېرىش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلغان . تايلاند بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماستىن يەنە دۇنيا سودا تەشكىلاتى WTOبەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن گىلىۋىس قاتارلىق 4خىل راك كېسىلى دورىسىغا رۇخسەت بەرگەن ، نەتىجىدە نوۋارتىس شىركىتى تايلاندىكى پۈتۈن خەلق ساغلاملىق سۇغۇرتا پىلانى ئىچىدىكى راك كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇ دورا بىلەن ھەقسىز تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەن .تايلاندتىن باشقا برازىلىيە ، جەنۇبىي ئافرىقا ، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۇسۇلدا ئېغىر كېسەل بىمارلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ باھانىسىدا WTO نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ پاتېنىت مونوپول قىلىنغان دورا شىركەتلىرى بىلەن باھا تالاشقان ئەھۋاللار بولغان .
سۇئال : شۇنچە جىق گەپلەرنى دېيىشتۇق ، سىز زادى ھىندىستاننىڭ دورىسىنى سېتىۋالالىدىڭىزمۇ ـ يوق ؟ كېسەللىك ئەھۋالىڭىزدىن ئەندىشە قىلىۋاتامسىز ؟
)يەنە قىستۇرۇپ ئۆتەي ، بۇ سۇئالىمنى ئاڭلاپ بىمارنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى ، چىرايىدىن قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى ...
جاۋاپ:ئۇقۇشىدىغانلار بىلەن ئۇقۇشتۇم ، بىراق ھازىرغىچە ئىشەنچىلىك دورا تېپىپ بېرەلەيدىغان ئادەمنى تاپالمايۋاتىمەن . كىيىن چىقىش يولىنى تاپالامدىمەن بۇنىسى قاراڭغۇ . مەنمۇ دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلىمەن ، ھەر بىر بىمارغا كۆڭۈل بولۇپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەسقۇ ئاخىر . بىراق ، بىراق ... ئەگەر ماڭا تاللاش مۇمكىن بولسا ئىدى كېسەل بولۇپ قالغاندا ھىندىستانغا كېتىشىنى تاللايتىم .
مەنبە :http://wap.huanqiu.com/view.html?id=879622&page=3&pagePerSize=1&v=3

بۇ تەرجىمىنى رۇخسەتسىز خىلمۇ ـ خىل تىما قويۇپ ،سالۇنمۇ ـ سالۇن ، مۇنبەرمۇ ـ مۇنبەر تارقىتىشقا بولماديدۇ . پەقەت ساغلاملىققا ئائىت  مۇنبەرلەرگە رۇخسەتسىز يوللانسا بولىدۇ . ئۇندىدار سالۇنىغا ئىزدىنىشتىن كۆچۈرۈپ يوللاندى دەپ قويۇپلا يوللاشقا بولمايدۇ ، مەنمۇ بار بۇ يەردە ، بىر ئېلانىمنى قويىۋالسام رۇخسەت بېرىمەن . :lol

Batush يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 13:36:46

ئالدىنقى يىللىرى ھىندىستاندىكى ۋاقتىمدا ، خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ دورىدىن مەنمۇ 12 قاپ ئالغاچ كەلگەنتىم خىزمەتداشلىرىمغا . ئەينى ۋاقىتتا بىلمەپتىكەنمە ، ئۇلار پەقەت ماڭا شۇ دورىنىڭ قىپىنىلا ئەۋەتىپ بەرگەنىدى ، دوختۇرلۇق قىلىدىغان دوست بۇرادەرلىرىمدىن لازىممۇ دەپ سورىسام ئۇلارغا لازىم ئەمەسكەن ،  ھىندىستاندا ھەقىقەتەن ئەرزان .

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 14:07:11

ھىندىستاندا ئىشلەنگەن بۇ دورىنى بېيجىڭدىكى بىر دورا شىرىكىتى ساتىدىكەن بۇ تور بەت ئادرىسى لازىم بولغانلار پايدىلنىڭلار.
http://bjhuaruikangtai.com/

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 14:30:50

ئۈلۈشكۈن خەنزۇچىسى كۆرگەنىدىم. خوشياقا-خوشياقماسلا كۆرۈشنى باشلاپ ئۆزۈممۇ بىلمەيلا ئاخىرىغىچە ئوقۇپ كەتكەنىدىم. ئۈستىدىكى بىر تورداش ئېيتقاندەك «سۇ بېشىدىن لاي». نەچچە يىل ئاۋال تورلاردا پۇتىننىڭ بىر سۆزى تارقالغانىدى(راست-يالغانلىقى نا ئېنىق)، سۆزىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداقراق: «پۇقرالىرىنىڭ تۇرالغۇ، سالامەتلىك، مائارىپ قاتارلىق ئەڭ ئاساسلىق ھوقۇقلىرىنى ئىقتىسادنى سىلجىتىشنىڭ كوزۇرى قىلىۋالغان ھۆكۈمەت زالىم ھۆكۈمەت»

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 14:55:48

ھەر قانچە دۆلەت كارانتىن ئىدارىسى بولۇپ كەتسىمۇ...دۆلەت دىگەن بىر ئائىلە دىگەن گەپئائىلە باشلىقى دۆلەت باشلىقى دىگەن گەپ.ئەمدى ئائىلدىكى بىرەر ئىككى ئەزانىڭ مىجەزى يوق،دورا سىتىۋالاي دىسە پۇلى يوق ئەھۋالدا ئائىلە باشلىقى يەنە قاراپ تۇرىشى كىرەكما...ئاتا بولغان ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى بولغۇچى بۇنىڭغا قاراپ تۇرغاندىن كۆرە شۇ كۆزىگە سىغمىغان،قىسقىسى بىقىش تەس كەلگەن ئەزانى ئائىلدىن قۇغلىۋەتسە ياكى بىرەر ئىشقا باھانىلاپ تىخىمۇ كىسەلجان قىلىپ ئاجىزلىتىپ مەجبۇرى ئۆلۈشكە قىستىسا بولىدۇ.

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 17:54:58

dallas buyers club
داللاس سېتۋالغۇچىلىرى كۇلۇبى دىگەن كېنودىمۇ مۇشۇنداق بىر دوراىغا ئائىت كېنو ئىشلەنگەن. ئىشقىلىپ مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشچە مۇشۇنداقراققۇ دەيمەن، بىر ئەيدىز بېمارى داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا بىر دورىنى بايقايدۇ، ئۇنىڭ باشقا قىممەت دورىلارغا ئوخشاش ئۈنۈمى بارلىقىنى بايقايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يىغىلىپ بىر كۇلۇب تەشكىللەپ شۇ دورىنى ئىستمال قىلىپ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ ئاز بولىسمۇ....(كەچۈرۈڭلار ئۇ كېنونى بەكلا غىل-پال كۆرگەن، خاتا بولسا مەن ئۆلۈمگە لايىق ....)


ھەي يەنىلا ئېرىنمەي بەيدۇلاپ چىقتىم ...
1986年的达拉斯,讲述一个艾滋病晚期患者如何与病魔做斗争的故事。罗恩(Ron Woodroof)(马修·麦康纳饰演)被确证为艾滋病晚期,他并被告知只剩下30天的生命,他所服用的药剂影片海报影片海报AZT是当时FDA(美国食品药品管理局)唯一合法批准上市的一种艾滋病治疗药物,但遗憾的是这药物让他病情恶化的更快。为了能够活下去,他开始研究各类未受当局批准的抗艾滋病药物和替代疗法,甚至非法走私来自全世界各地的各种抗艾滋病病药物,不少病人找到了罗恩所在的医院,并寄希望于罗恩能找到替代AZT的其他药物以及更有效的治疗方式,在罗恩的医生Eve Saks(詹妮弗·加纳饰演)以及一个变性异装癖病友Rayon(杰瑞德·莱托饰演)的帮助下,罗恩就这样不经意间成立了一个叫“达拉斯买家俱乐部”的组织,为俱乐部会员提供更多替代AZT的药物和疗法,该俱乐部迅速受到全国各地病友的推崇,会员人数和药物需求大幅增长,这引起了FDA和制药商对罗恩的关注,并对其多方阻挠。罗恩最终于1992年9月12日去世,从他被确诊只剩30天生命之日直至去世时他一共存活了7年时间,在这2557天中,他一直坚持不懈的与病魔、与FDA及制药商进行异常艰苦的抗争。
2演职员表编辑演员表
角色 演员 备注
Ron Woodroof 马修·麦康纳 ----
Dr. Eve Saks 珍妮弗·加纳 ----
Rayon 杰瑞德·莱托 ----
David Wayne 达拉斯·罗伯特斯 ----
T.j 凯文·兰金 ----
Francine Suskind Jane McNeill ----
Rodeo Girl Juliet Reeves ----
Rayon's Father 詹姆斯·杜蒙特 ----
Clint
J.D·艾非墨 ----
Oil Field Worker 罗斯·P·库克 ----

职员表
▪ 制作人:罗比·博伦纳;尼古拉斯·夏蒂尔等
▪ 导演:让-马克·瓦雷;Jean-Marc Vallée
▪ 副导演(助理):Urs Hirschbiegel ;Kevin Lum等
▪ 编剧:Craig Borten;梅丽莎·沃雷克
▪ 摄影:Yves Bélanger
▪ 剪辑:Martin Pensa;让-马克·瓦雷
▪ 艺术指导:John Paino
▪ 美术设计:Javiera Varas
▪ 服装设计:Bart Mueller
▪ 视觉特效:Marc Cote


3角色介绍编辑罗恩(马修·麦康纳 饰演):牛仔竞技选手罗恩是一名瘾君子和恐同者,他不幸地被诊断出感染上艾滋病毒,被告知只有30天可以活。他开始服用AZT,当时的美国食品与药物管理局(FDA)批准的唯一合法的治疗艾滋病的药物,然而这种药物却让他更快地接近了死亡边缘。为了活下去,罗恩通过走私的方式从世界各地搞到一批抗病毒药物,罗恩在他的女医生艾芙·塞克斯以及另一位病人雷恩的帮助下,逐步创立起了“达拉斯买家俱乐部”。他为俱乐部的付费成员提供其他的药品和治疗方法。罗恩最终于1992年9月12日去世,从他被确诊只剩30天生命之日直至去世时他一共存活了7年多,他一直坚持不懈的与病魔、FDA及制药商进行异常艰苦的抗争。  
艾芙·塞克斯(詹妮弗·加纳 饰演):男主角罗恩的医生,后来与罗恩发展到不一样情愫之后,将罗恩赠送的画作挂在墙上,温情瞬间蔓延。女医生一开始也是不同意罗恩走私药物,在得知医学权威和FDA的不作为后,也毅然转身支持罗恩的“买家俱乐部”。  
雷恩(杰瑞德·莱托 饰演):一位感染HIV且毒瘾缠身的变性人,男主角罗恩的病友,和荣恩的女医生艾芙·塞克斯帮助罗恩逐步创立起了“达拉斯买家俱乐部”。在罗恩开始走私药物时,就曾主动入股,一起经营,相处过程中,罗恩提醒他放弃吸毒,在罗恩遭受白眼时挺身而出,人生最后的这段友谊可遇而不可求。  

4 电影评价精彩影评我来评论
短评《达拉斯买家俱乐部》。
《达拉斯买家俱乐部》。奥斯卡6项提名。真实事件改编,虽然节奏把握一般,但由于事件时间发展长,把它压缩成为一部将近2小时的电影已十分易。两个男演员瘦骨如柴,眼窝凹陷,同性异装,扎针管... 全文>>

Mary Jane Holland|没有了电影,我们的世界会多无聊? |2014-08-10 21:0463
以梦为马,向死而生:用生命表演,用生命抗争
幸运的赶上电影节,幸运的看了达拉斯买家俱乐部。记得年初的奥斯卡颁奖典礼上,大表姐宣布影帝归属《达拉斯买家俱乐部》的男主——马修·麦康纳,那时候还在唏嘘小李子再次与小金人失之交... 全文>>

烟花醉|静静的过自己的生活。心若不动,风又奈何 |2014-07-30 09:03128
谁是拯救你的小丑
   看完达拉斯买家俱乐部以后,突然对于小李拿不到最佳男主不再可惜,不是他演得不好,而是,对手太强,虽然说都是以“折磨自己”的方式来演绎,就算是看过贝尔多次的忽瘦忽胖, Matthew和Jared... 全文>>

Xaviera|努力增加观片量的电影电视剧狂热分子 |2014-07-15 16:42106

标题
内容发表评论取消
电影图片 32张 ><1/6

在线影音
电影视频3个><1/1
更多>>达拉斯买家俱乐部达拉斯买家俱乐部
《达拉斯买家俱乐部》片段之Just Promise Me《达拉斯买家俱乐部》片段之Just Promise Me
《达拉斯买家俱乐部》片段之Cowboys《达拉斯买家俱乐部》片段之Cowboys

原声音乐19首1 播放 Sweet Thang Shuggie Otis
2 播放 Life Is Strange t. rex
3 播放 Romance Languages \#2 Cold War Kids
4 播放 Hell and Back The Airborne Toxic Event
5 播放 Stayin' Alive Capital Cities
6 播放 Ready To Be Called On My Morning Jacket
7 播放 Shudder To Think Tegan And Sara
8 播放 Romance Languages Cold War Kids
9 播放 The Walker (Reyland Allison Remix) Fitz and the Tantrums
10 播放 Life of the Party Blondfire
11 播放 City of Angels (Acoustic) Thirty Seconds To Mars
12 播放 Main Man Portugal. The Man
13 播放 Burn It Down (Innerpartysystem remix) AWOLNATION
14 播放 After the Scripture Manchester Orchestra
15 播放 Main Man T. Rex
16 播放 Mad Love (Acoustic) Neon Trees
17 播放 Following Morning The Naked and the Famous
18 播放 Following Morning The Naked And Famous
19 播放 The Walker (Ryeland Allison Remix) Fitz & The Tantrums


4原声资料编辑序号 曲目
01 SweetThang
02 FollowingMorning
03 HellandBack
04 ReadytobeCalledOn
05 LifeoftheParty
06 TheWalker(ReylandAllisonRemix)
07 ShudderToThink
08 MadLove(Acoustic)
09 MainMan
10 Stayin'Alive
11 RomanceLanguagess
12 BurnItDown(InnerpartysystemRemix)
13 AftertheScripture
14 CityofAngels(Acoustic)
15 MainMan
16 LifeisStrange  

5影片花絮编辑1.影片根据荣恩·伍德鲁夫的真实经历改编,他的故事在1992年Bill Minutaglio所写的长篇新闻报道《The Dallas Morning News》中首次曝光。
2.麦康纳为饰演伍德鲁夫早在半年前就开始有计划地进行节食减肥,将原本健硕的身材减重30多斤改变成干枯消瘦的造型。
3.杰瑞德·莱托直到开拍前三周半才接到参演通知,时间紧迫下,莱托不得不依靠完全断食来迅速改变外形以最大程度接近濒临生命尽头的病人形象。
4.影片成本只有550万美元,麦康纳本人参与了投资,最终在北美收获1632万美元的票房。
5.由于成本有限,影片的拍摄周期不得不压缩在短短的25天之内,剧组时间、资金和设备上都非常拮据。
6.希拉里·斯旺克曾经打算出演詹妮弗·加纳的角色,但因为档期冲突而退出。
7.在90年代中期,丹尼斯·霍普曾经打算把这个故事搬上银幕,并且由伍迪·哈里森饰演伍德罗夫,但没有人给他投资。
8.布拉德·皮特与导演马克·福斯特也曾经打算拍摄本片。另一对感兴趣的组合是瑞恩·高斯林与导演克雷格·吉勒斯佩。
9.《不良教育》男星盖尔·加西亚·贝纳尔曾有望出演本片中变性人的角色。
10.莱托在拍摄的间隙也保持着片中角色的造型。当他穿着一身女装走进一家超市时,回头率极高。
6幕后制作编辑剧本来源
《达拉斯买家俱乐部》由加拿大导演让-马克·瓦雷执导,根据荣恩·伍德鲁夫(Ron Woodroof)的真实生活改编而成,他曾是记者Bill Minutaglio于1992年所写的长篇新闻报道《The Dallas Morning News》中的主角。
主演准备
主演马修·麦康纳为饰演该角色早在半年前就在营养师和瘦身教练的指导下开始有计划地进行节食减肥,将原本健硕的身材减重30多斤改变成干枯消瘦的造型。
另一位主演、素以帅哥形象著称的杰瑞德·莱托的造型由于所扮演的角色是一个打扮妖艳的变性异装癖艾滋病患者,需要莱托改变体型甚至“自毁”了,杰瑞德·莱托不得不迅速依靠完全断食来迅速改变外形以最大程度接近濒临生命尽头的病人形象,同时他在化妆师的要求下蜡脱了全身毛发,甚至包括眉毛,从接到通知开始直至开机拍摄,杰瑞德·莱托一直以惊人的毅力进行断食计划,每日不进食,仅靠柠檬水和维生素支撑身体。
制作成本
影片成本只有550万美元,两位男主角的快速减肥等为化妆省了不少钱,只花费了区区250美元作为化妆方面的成本。同样,也因为缺乏资金,这部电影只用了28天就拍摄完成了。
7获奖记录编辑奥斯卡金像奖
注:(2014;第86届)
获奖
·奥斯卡奖-最佳男主角马修·麦康纳 Matthew McConaughey
·奥斯卡奖-最佳男配角杰瑞德·莱托 Jared Leto
·奥斯卡奖-最佳化妆与发型Adruitha LeeRobin Mathews
提名
·奥斯卡奖-最佳影片罗比·博伦纳 Robbie BrennerRachel Rothman
·奥斯卡奖-最佳原创剧本Craig Borten梅丽莎·沃雷克 Melisa Wallack
·奥斯卡奖-最佳电影剪辑让-马克·瓦雷 Jean-Marc ValléeMartin Pensa
美国金球奖
注:2014;第71届
获奖
·电影类-剧情类最佳男主角马修·麦康纳 Matthew McConaughey
·电影类-最佳男配角杰瑞德·莱托 Jared Leto
MTV电影奖
注:2014;第23届
获奖
·MTV电影奖-最佳银幕变身杰瑞德·莱托 Jared Leto
提名
·MTV电影奖-最佳银幕变身马修·麦康纳 Matthew McConaughey
圣塞巴斯蒂安电影节
注:2013;第61届
获奖
·Sebastiane Award让-马克·瓦雷 Jean-Marc Vallée
8影片评价编辑对影片整体的评价
海外网:马修·麦康纳和杰瑞德·莱托的表演和外型是《达拉斯买家俱乐部》里最直观的看点,这两位帅哥联袂奉献了可能是美国电影史上最纠结、最缠绵、最惺惺相惜又最深恶痛绝的一对男同性恋形象,但并不是说他俩塑造的角色真的有什么性爱关系,而是他们真的在电影中让人看到了某种触动人心的超友谊情愫,即使对大多数异性恋来说,这种情愫也是可遇而不可求的。
东方早报:生而为人本身,走在生老病死的轮回中,注定是场悲剧。我们每个人即便能远离Ron与Rayon的痛苦,却也是各自悲剧盛宴中的主角。向死而生,诚然悲壮,亦是接纳人生悲剧本质的开端。正如尼采所盛赞的,悲剧亦有其价值,该片能够带给我们的,便是这有声有色,便是这壮丽与快慰。
南方都市报:不可承受之轻。能够承受之重。轻重之间的选择不可儿戏。通常敢于沉重,始可长久地胜利。
网易:《达拉斯买家俱乐部》的一头一尾相互照应,片首一名牛仔在牛背上搏斗之时,罗恩正躲在赛场的阴暗角落与两名女子行苟且之事,而在片尾,瘦骨嶙峋的他终于骑上了牛背,这时从他身上,我们才真正嗅到了一丝“活着”的味道。
对演员演技的评价
阔别影坛六年之久,一回来就戴假发、涂口红、穿起女装在《达拉斯买家俱乐部》中风姿摇曳的杰拉德·莱托,可说是本年度好莱坞的最大惊喜,他饰演起一个同时被打上同性恋、异装癖、艾滋病患者三个标签的角色却毫无违和感,既没有刻意因异装癖身份而拗造型,也没有让角色Rayon个人的悲哀盖过影片的主题。
影评人崔汀:不熟悉他(马修·麦康纳)的人会完全没想到,他之前一直很帅的角色,这次减肥后一直到演美剧《侦探》都没有胖回来。
影评人战台烽:本以为马修·麦康纳瘦成柴骨的奥斯卡级演技才是重点,但却是杰瑞德·莱托妖娆迷人的易装表演抢走风头惊艳全场。

كەچۈرۈڭلار دەل تەرجىمە قىلۋاتقاندا ،بىر زۆرۈرىيەت تۈپەيلى سىرتقا چىقىپ كەتتىم

acid يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 18:39:54

ۋېيبودىن ئىزدەپ قارىسام،پاتنىت ۋاقتى توشۇپ دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى زاۋۇتتا ئىشلىنىۋاتقان ئوخشايدۇ.
بىرتورداشنىڭ ئىنكاسى:胡扯,专利前年就失效了,恒瑞和正大天晴都有仿制药,每月2000
بەت: [1] 2
: ھىندىستاندا200يۈەنلىك دورا جۇڭگودا نىمىشقا 20مىڭ يۈەن؟