terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 19:54:20

acid يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 18:39 static/image/common/back.gif
ۋېيبودىن ئىزدەپ قارىسام،پاتنىت ۋاقتى توشۇپ دۆلەت ئىچى ...

مەن بەيدۇلاپ باقتىم ، مۇنداق چىقتى :
国产药仿制水平太差了,连印度阿三都不如,效果不行,跟瑞士。印度的对比就差远了。很多患者反映国产的副作用大耐药快,从问世以来就没见过可以连续服用1年以上的。所以现在医生都不
推荐服用国产
http://zhidao.baidu.com/link?url=h18VkX82Bivz5vHf3wbq65-5pixjrqLvGvNFkTvTXZ3rFk1iNwg-5QjLPKnQG1In5r2TgIpKSITDF0qI1dK0ap1oRNUgjIDXWWnI_0HHRt_

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 20:45:20

ئېلىمىزدە 1 مىلياد 350 مىليۇندىن ئارتۇق نوپۇس بار...:P

p1dakar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 23:56:46

بۇ ئىشلارنى ئويلىسا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئىچى ئاچچىق بولىدۇ.
بىزنىڭمۇ بىر بۇرادىرىمىز مەلۇم بىر ئېغىر كېسەللىك بىلەن ئۈرۈمچى ۋە ئىچىكىرىدىكى نۇرغۇن دوختورخانىلاردا داۋالىنىپ بار يوقىنى دوختورلارغا سېلىپ بېرىپ، ئۆي، دۇكان دېگەندەكلەرنى سېتىپ بولۇپ، ئاخىرىدا باشقىلاردىن پاكىستاندا داۋالاش ھەققىنىڭ كەچۈرۈم ئىكەنلىكىنى ياكى ناھايىتى ئاز مىقداردا پۇل ئالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، تونۇشلىرى ئارقىلىق دوختورخانىلارنى ئۇقۇشۇپ، ھەممە ئىشنى تەق قىلىپ بولۇپ، پاسپورت ئىشتىلىدىغاندا تامغا ئۇرغۇزۇپ بولالمايدۇ، بىرەر يىلچە سۆرىلىپ كەتتى. چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۆزى تۇرۇۋاتقان ۋىلايەتنىڭ ۋالىيسىنىمۇ ئىزدىدى. ئۇمۇ بىر تالاي داڭقانپۇتى سۇئاللارنى سوراپ، ئۇزاق باشلامغا باشلاپ قويغاندىن كېيىن ئاخىرى شۇ يوللارنى مېڭىپ بولالماي، پاسپورتىنى ئېلىپ بولالماي. ئارمان بىلەن بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالدى.
پاكىستان ئەمەلىيەتتە شۇنچە نامراپ دۆلەت، نۇرغۇن كىشىلەر پاكىستاننى ۋەھشىيلىكنىڭ، قالاقلىقنىڭ سىمۋۇلى سۈپىتىدە چۈشىنىدۇ. لېكىن شۇ يەرلەردە ياشاپ باققانلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ يەردە مائارىپ ۋە داۋالىنىش ئىشلىرى ئاساسەن ھەقسىز ئىكەن.
مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بۇرادىرىمىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىدىن بەكرەك شۇ يەرگە چىقىپ داۋالىنىش ئارزۇسىغا يېتەلمەي ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئەپسۇسلىنىمەن...

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 09:19:37

ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار؟ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى، ھېندىستان بولسا يالاڭتۆش دۆلەت، جوڭگو بولسا باي دۆلەت، باي دۆلەت پۇقرالىرى ئىقتىزادىغا  لايىق پۇل خەجلەپ نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشى كېرەكتە؟
مەسىلەن؛ قەشقەردە تاكسىينىڭ باشلىنىش كىراسى 6 كوي بولسا ئۈرۈمچىدە 10 كوي، ئاڭلىسام بېيجىڭدا 20 كويمىش.... تېخى مۇشۇ ئۈرۈمچىدە بىز 2 كويغا ئىچكەن مىنرال سۇنى لوندۇندا 11 كوي دەيدۇ.... :lol{:92:}{:87:}
ئاشىنىڭغا ئوخشاش گەپ، پۇل دىگەننى مۇشۇنداق تاپماي قانداق تاپىدۇ؟{:136:}

aptap1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 00:22:05

پۇلى يوق ئادەم جۇڭگۇدا ياشىمايدۇ .  

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 01:32:30

خەنزۇلار شىنجاڭدا نەرسە كىرەك بۇ يەردىن قىممەتكەن دەپ زارلايدىكەن ،
ھىچ بىلەلمىدىم قايسى راس .

484848 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 10:57:00

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 11:01:53

salam721 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 12:17 static/image/common/back.gif
ھە بۇ دورىنىڭ ھىندىستاندا ئىشلەنگىنىنى ئىچكىردە بىريە ...

قېرىندىشىم ئەگەر مۇمكىن بولسا ئالاقىلىشىش ئادرېسىڭىزنى ياكى تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز. بىر قېرىندىشىمىز بۇ دورىغا بەك ئېھتىياجلىقتى. مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇم: 18799871468
ياردىمىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى بەك ئۈمىد قىلىمىز.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 11:39:25

Batush يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 13:36 static/image/common/back.gif
ئالدىنقى يىللىرى ھىندىستاندىكى ۋاقتىمدا ، خىزمەتداشل ...

ھازىر بىر ئامال قىلىپ ئېلىپ كەلگىلى بولماسمۇ؟ بەك جىددىي لازىمتى.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 17:03:41

juxkun يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 14:07 static/image/common/back.gif
ھىندىستاندا ئىشلەنگەن بۇ دورىنى بېيجىڭدىكى بىر دورا ش ...

بۇ ئادرېستىكى دورىغا ئىشەنگىلى بولارمۇ بولماسمۇ؟ بۇنداق دورىلارنىڭ ساختىسىمۇ خېلى كۆپكەن.

Anar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-1 22:32:05

توردىن ئىزدەپ باقسام 甲磺酸伊马替尼 نىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپ چىقىرىلغىنىدىن ماۋۇ ئىككى خىلى باركەن، 昕维 بۇنى جىياڭسۇدىكى 豪森دورىگەرلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىپتۇ، يەنە بىرى 格尼可 بۇنى 正大天晴 دىگەن دورا شىركىتى ئىشلەپتۇ، باھاسى 2000يۈەن ئەتراپىدا بولسا كېرەك،
گەرچە خېمىيىلىك تۈزۈلىشى ئوخشاش بولسىمۇ ياساش ھۈنەر-سەنئىتى،ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ئئوخشىمىغاچقا دورىنىڭ ئۈنۈمى ۋە بەدەنگە بولغان ناچار تەسىرى دىگەندەكلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ
بەت: 1 [2]
: ھىندىستاندا200يۈەنلىك دورا جۇڭگودا نىمىشقا 20مىڭ يۈەن؟