«يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» PDF نۇسخىسى (4 قىسىم)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا HeyDoctor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-16 02:09ئىنگلىز تىلى توغرىسىدا كىتاب-ماتېرىياللار بەك كۆپ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تونۇشلۇق بولغىنى يەنىلا «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» دەرسلىكى. نامى يېڭى ئۇقۇم بولغان بىلەن بۇ كىتابنىڭ تارىخى مۇشۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقانلارنىڭكىدىنمۇ ئۇزۇن بولسا كېرەك.
ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى 1967-يىلى نەشردىن چىققان، 80-يىللىرى جۇڭگوغا كىرىپ سېتىلىش سانى نەچچە مىليوندىن ئاشقان. ھازىر كۆرۈۋاتقىنىمىز كېيىن ئاز-تولا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قايتا نەشر قىلغان نۇسخىسى بولىدۇ.
دېمەك بۇ ماتېرىيالنىڭ تۈزۈلگىنىگە يېرىم ئەسىر بولۇپ قالدى. بەلكىم ئەينى ۋاقىتتا بۇ ھەققى بىر يېڭى ئۇقۇم بولالىسا كېرەك، ئەمما ھازىرغا نىسبەتەن ئۇنى يېڭى دېيەلمەيمىز. لېكىن بۇ كىتاب دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ماتېرىيالى، شۇنداقلا تۈركۈم-تۈركۈم تىل ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلىنى چىقارغان ياخشى ئۇستاز.
شەخسەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، بۇ كىتاب ماڭا كۆپ نەپ بەرگەن. بۇنىڭغا ھازىرقىلارنىڭ باھاسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ دىيارىمىزدىكى ئەڭ كىلاسسىك ئوقۇشلۇقتۇر.
تۆۋەندىكىسى «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» نىڭ PDF نۇسخىسى (جەمئىي 4 قىسىم)
«يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» 1-قىسىم
«يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» 2-قىسىم
«يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» 3-قىسىم
«يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» 4-قىسىم
مەنبە: 24 سائەت ئىنگلىز تىلى خەتكۈچ
HeyDoctor ئىسلى تىمىلكرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
مەن يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىزتىلى 1،2-قىسىمنى تۇلۇق ئۆگنىپ بولغان،ئەمما بۇنىڭغا 2يىلدىن ئاشتى.
3،4-قىسىمنى باشلاي دېسەم قانداق ئۆگىنىشنى بىلەلمىدىم،سەل زىرىكىشلىك تۇيۇلدى،بولسا مەسلىھەت بەرسىڭىز؟ بەك ئېسىل كىتاب بۇ. ئەل جى ئالېكساندېر ئالامەت تۈزۈپ قويۇپتىكەن بۇ دەرسلىكنى. چاتاق يېرى، بۇ كىتاب دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلۈش جەريانىدا ئىزچىل داۋاملاشقان بىر خاتالىق تۈپەيلىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئىسمىنى ئاڭلىسىلا زېرىكىشلىك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغان. بىز ئالىي مەكتەپتىكى چاغلاردا مۇنداق ئۆتۈلەتتى: بىرىنچى قىسىم باشلىنىدۇ، يۇقىرىسى ئىككى ئۈچ يۈز، تۆۋىنى ئاتمىش، يەتمىش ئۆگەنگۈچى قىستىلىپ ئولتۇرۇپ دەرس باشلىنىدۇ. جىق بولۇپ كەتسە يىگىرمە ئوتتۇز ئوقۇغۇچى ئاخىرىغىچە دەرسكە قاتنىشىدۇ، كىتابتىن ئاتمىش يەتمىش دەرس ئۆتۈلۈپ كۇرس ئاخىرلىشىدۇ. ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانغا ئاساسەن ئوقۇغۇچى تېپىلمايدۇ ياكى بەك ئاز چىقىدۇ، ئوقۇغۇچى ئاز بولغاچقا 1- قىسىمنىڭ ئاخىرى ئاساسەن ئۆتۈلمەيدۇ ۋە ئۇدۇللا ئىككىنچى قىسىم باشلىنىدۇ. 1- قىسىمنىڭ ئاخىرىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلار تاشلىنىپ قالىدۇ. 2- قىسىممۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ. 2- قىسىمدىن ئوتتۇز قىرىق دەرس ئۆتۈلگەندىن كېيىن ئالى مەكتەپ ئىنگلىز تىلى....شۇنداق قىلىپ ھەممە كىتابلار چالا-بۇلا چۈش كۆرگەندەك بىرەر قۇر ۋاراقلىنىپ 4- دەرىجە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىنىدۇ...
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئېسىل كىتابنىڭ سېسىق نامى چىقىدۇ، يەنە «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» ئۆتەمدىكەن؟؟ دېگەندەك. شۇنىڭ بىلەن قايسى مۇئەللىم ياكى كۇرس كىشىلەر ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى بىر دەرسلىك كىتاب ئىشلەتسە شۇ مۇئەللىم ياكى كۇرس مودا بولىدۇ، يېڭى كىتابلار، يېڭى كۇرسلار... ئىشقىلىپ، ئىنگلىز تىلى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ نۇرغۇن ئادەم ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن بولدى، لېكىن نەتىجىسىنى خۇلاسىلىسەك كىشىنى ئانچە خوش قىلمايدۇ. نەتىجە قازانغانلار، قازانغاندىمۇ مۆجىزە خاراكتېرلىك دېسەك ئارتۇق كەتمىگۈدەك دەرىجىدە نەتىجە قازانغانلار بار، لېكىن ئۇلارنىڭ نىسبىتى ئومۇمىي ساننىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئاز بىر قىسىمنى ئىگەللەيدۇ. بۇ گەپلەرنى دەپ نېمە دېمەكچى دېگەندە، مەلۇم بىر دەرسلىك كىتابنى تۇتۇپ ئۆگىنىش، ئۆگەنگەندىمۇ شۇ دەرسلىك تەلەپ قىلغان ئۆلچەمگە يەتكۈچە پىششىق ۋە تولۇق ئۆگىنىش كېرەككەن، دېمەكچى. مەسىلەن مۇشۇ «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى»نى دەيمەن. 1- قىسىمدىن 4- قىسىمغىچە بىلمەيدىغان سۆزدىن بىرسىمۇ قالماسلىق، ئۆزلەشتۈرەلمىگەن گىرامماتىكىدىن بىرسىمۇ قالماسلىق، ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىغان بىرمۇ جۈملە قالماسلىق، ئېغىزىمىز كەلمەيدىغان، بىر جۈملە ئىچىدە ئىشلىتەلمەيدىغان سۆزدىن بىرسىمۇ قالماسلىق، پۈتۈنلەي توغرا ئىشلىيەلمەيدىغان مەشىقتىن بىرسىمۇ قالماسلىق دېگەن شەرتلەرنى قويۇپ تۇرۇپ ئۆگىنىۋەتسە، ئىنگلىز تىلىنىڭ باشلانغۇچ سەۋىيەسىنى غەلبىلىك تاماملىغىلى بولار، دەيمەن. مەن چۈشۈرىۋالاي. مەن چۈشۈرەلمىدىم. ئىنگلىزتىلىنى مۇئەللىمسىز ئۇگىنىشنىڭ ياخشى ئۇسسۇللىرى ۋە ئۇگۇنىش ماتىرياللىرى بولسا تەۋىسسىييە قىلساڭلار بوپتىكەن مەن يېڭى ئۇقۇم ئېنگلىزتىلى ئوقۇپ باقمىغان، لىكىن ئۆتۈپ باققان. ياخشى كىتاب ئەمەس، ئوقۇغۇچىلارنى قىززىقتۇرالمايدۇ، يېڭىلىق يوق، پەقەت ۋە پەقەت يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە ئەس قاتمايدىغان بىر قاتار گىرامماتىكا بىلىملىرى ئاساسلىق مەقسەتنى ئىگەللىگەن.
يېڭى چىققان كىتابلاردىن Cambridge, Cutting Edge قاتارلىق كىتابلاردا تىل گىرامماتىكىلىرى ئوبرازلىق يېڭىچە چۈشەندۈرۈلىشتىن باشقا، كىتابنىڭ ئۇنىۋېرسال بىلىملىرىمۇ مول، ئەمەلىيەتكە يېقىن.
تىل دېگەننى سۆزلەش ئۈچۈن ئۈگنىمىز، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قائىدە، گىرامماتىكىلىرىنى بىلۋالساق ياخشى لىكىن قاچانلا قارىسا تۈگىمەس گىرامماتىكا دەپ، ئەمەلىيەتتە ئىككى ئېغىز گەپنى قىلالماي زىرىكىپ قالىدۇ. بۇ كىتاپ ئىنگلىز تىلى ماتېرياللىرىنىڭ سەركىسى دىسە ھەرگىز ئوشۇق كەتمەيدۇ.
بىرىنجى قىسىمنى قائدىلىك ئۇگۇنۇپ بوپ. 2 3 كىتاۋىنى تېكسىت يادىلاپ ئاندىن مەشىقىنى ئىشلىسە ئۆزىبىلمەيلا گىرامماتىكا ئۇگىنىپ كېتىدۇ. بۇ كىتاپ يەنە ئۇنۋېرسال ساپارىڭزنىمۇ خېىلې ئاشۇردۇ.
بولسا ئايپەدتە ئىنگىلىزتىلى ئۇگىنىدىغان ئەپلەر بولسا تەۋسىيە قىلساڭلا؟؟ نىمىشقا خەتكۈچ دەپ يېزۋالغانسىلە دەيمە ؟ بىرىنچىسىلا چۈشتى، قالغان ئۈچى چۈشمەيدىغۇ؟ aypalta يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 17:53 static/image/common/back.gif
بەك ئېسىل كىتاب بۇ. ئەل جى ئالېكساندېر ئالامەت تۈزۈپ قو ...
1- قىسىمدىن 4- قىسىمغىچە بىلمەيدىغان سۆزدىن بىرسىمۇ قالماسلىق، ئۆزلەشتۈرەلمىگەن گىرامماتىكىدىن بىرسىمۇ قالماسلىق، ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىغان بىرمۇ جۈملە قالماسلىق، ئېغىزىمىز كەلمەيدىغان، بىر جۈملە ئىچىدە ئىشلىتەلمەيدىغان سۆزدىن بىرسىمۇ قالماسلىق، پۈتۈنلەي توغرا ئىشلىيەلمەيدىغان مەشىقتىن بىرسىمۇ قالماسلىق دېگەن شەرتلەرنى قويۇپ تۇرۇپ ئۆگىنىۋەتسە، ئىنگلىز تىلىنىڭ باشلانغۇچ سەۋىيەسىنى غەلبىلىك تاماملىغىلى بولار، دەيمەن
تەخسىرىم ، سىزدىگەندەك بولسا باشلانغۇچ سەۋىيە ئەمەس كەسپى8-دەرىجىدىنمۇ ھاڭگىدەك ئۆتۈپ كىتىدۇ . شۇغىنىسى سىزدىگەندەك قىلماق تەس..... خەنچە بىلمىگەنلەرگە بەك تەسكەن بۇ، ماندا(ئۇيغۇرچە-ئىنگىلىسچە) ئاۋازلىق دىگەندەك ئەپلەر بولسا تەۋسيە قىلمامسىلە باللا ،شۇ بانادا مەنمۇ ئۈگۈنىۋالسام كۆپ رەخمەت ئىيتاتتىم. atiyan يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 00:21 static/image/common/back.gif
تەخسىرىم ، سىزدىگەندەك بولسا باشلانغۇچ سەۋىيە ئەمە ...
بىلمەي تۇرۇپ ئاتىكاچىلىق قىلىپ ساپتىمەن... ئۆزتىلىنى ئۆزگىلەرگە ئۈگىتىشتە ئىنگىلىزلارنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغانلار يوق بولسا كىرەك. پۈتۈن دۆلىتىمىزدا ئىنگىلىزتىلىنى ئەڭ تۆۋەن تەننەرىختە ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە ئۈگىتىدىغان يەر دىيارىمىزدا. ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىشكە بۇندىن ياخشى شارائىت بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ئۈچۈن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-17 08:16
aypalta يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 17:53 static/image/common/back.gif
. مەسىلەن مۇشۇ «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى»نى دەيمەن. 1- قىسىمدىن 4- قىسىمغىچە بىلمەيدىغان سۆزدىن بىرسىمۇ قالماسلىق، ئۆزلەشتۈرەلمىگەن گىرامماتىكىدىن بىرسىمۇ قالماسلىق، ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىغان بىرمۇ جۈملە قالماسلىق، ئېغىزىمىز كەلمەيدىغان، بىر جۈملە ئىچىدە ئىشلىتەلمەيدىغان سۆزدىن بىرسىمۇ قالماسلىق، پۈتۈنلەي توغرا ئىشلىيەلمەيدىغان مەشىقتىن بىرسىمۇ قالماسلىق دېگەن شەرتلەرنى قويۇپ تۇرۇپ ئۆگىنىۋەتسە، ئىنگلىز تىلىنىڭ باشلانغۇچ سەۋىيەسىنى غەلبىلىك تاماملىغىلى بولار، دەيمەن. ...
بۇ ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىشتىكى بەش قالماسلىق ئىكەندە.:lol چاقچاق ھە.
تىلنى بۇنداق جۈملىمۇ جۈملە ،سۆزمۇ-سۆز، گىرامماتكىمۇ گىرامماتكا ئۈگەنسە يا ئىغىزتىلى چىقمايدىغان بولىدۇ يا بىراقلا تاشلىۋىتىدۇ. aypalta يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 07:03 static/image/common/back.gif
بىلمەي تۇرۇپ ئاتىكاچىلىق قىلىپ ساپتىمەن...
ئىمزايىڭىزدىكى كىتابلارنىڭ ھەممىنى ئوقۇپ بولغانمۇ سىز ؟ mohsin يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 08:20 static/image/common/back.gif
ئىمزايىڭىزدىكى كىتابلارنىڭ ھەممىنى ئوقۇپ بولغانمۇ س ...
ئەمدى باشلىدىم. لېكىن خۇدايىم بۇيرۇسا ھەممىسىنى ئوقۇۋېتىش پىلانىم بار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AAA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-17 09:46
http://pan.baidu.com/s/1jGmo8x4
تېلفۇندا يۆتكىۋېلىپ كومپىيوتېردا چۈشەسەڭلا چۈشىشى مۇمكىن
بەت:
[1]
2