HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 10:46:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HeyDoctor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-17 10:50  

tagh يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 16:23 static/image/common/back.gif
HeyDoctor ئىسلى تىمىلكرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
مەن يېڭى ئۇقۇم ئىن ...

ئەگەر ئالدىنقى ئىككى قىسىمنى ياخشى ئۆگەنگەن بولسىڭىز، مەنچە ياخشى ئاساس سالغان بولىسىز.
ئاخىرىنى قانداق ئۆگىنىش توغرىسىدا مەن سىزگە مەسلىھەت بېرەلمەيمەن، چۈنكى مەنمۇ تېخى بىر ئۆگەنگۈچى. شۇڭا ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالىنى دەپ بېرەي.

مەن يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلىنىڭ ئالدىنقى ئىككى قىسمىنىلا ئۆگەنگەن، كېيىنكى قىسىملىرىغا كەلگىچە كۇرۇستا كۆپ ئادەم قالمىغاچ تارقىتىۋەتتى. ئۆزۈم ئۆگىنەي دېدىميۇ، كىتابنى كۆرۈپ زېرىكىشلىك ھېس قىلدىم. مېنىڭ بىر مىجەزىم، تىل ئۆگەنگەندە زېرىكىشلىك تۇيۇلغان ماتېرىيالنى ھەرگىز كۆرمەيمەن. چۈنكى مېنى قىزىقتۇرىدىغان ماتېرىياللار ساماندەك تۇرىدۇ، تىل ئۆگىنىش جەريانىنى بۇنداق ئازابلىق قىلىۋېتىشنى خالىمايمەن. بۇ ئادىتىمنىڭ ياخشى يېرى، مېنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمنى يوقاتقۇزماي، داۋاملىق ئۆگىنىشىمگە تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا مەن قىزغىنلىقنى يوقىتىدىغان بارلىق تىل ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ياقتۇرمايمەن.

ئەلۋەتتە بۇ مىجەزىمنىڭ يامان تەرىپىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ سىز مەلۇم ماتېرىيالنى تولۇق كۆرۈپ چىقمايدىغان بولىسىز. بازاردىكى ماتېرىياللارنىڭ كۆپ قىسمى ناھايىتى سىستېمىلىق تۈزۈلگەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدى كەينى باغلىنىشچانلىقى بار. پۈتۈن بىر يۈرۈش ماتېرىيالنى تۈگىتىش، سىزنىڭ بىر تىلغا نىسبەتەن بىلىشىڭىزنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرىدۇ.

سىزگە قانداق قىلىش ئۈستىدە يول كۆرسىتەلمىدىم، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئوبدان بىلىسىز. شۇڭا ماس كەلگەننى تاللاڭ. بىر ئىشتىن ئەنسىرمەڭ، تىل ئۆگىنىشتە مەيلى سىز خاتا يولنى تاللاڭ ياكى توغرا يولنى تاللاڭ، توختاتماي داۋاملاشتۇرسىڭىزلا نەتىجە چىقىدۇ. توختىدىڭىز، مەغلۇپ بولدىڭىز.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 11:33:27

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 17:53 static/image/common/back.gif
بەك ئېسىل كىتاب بۇ. ئەل جى ئالېكساندېر ئالامەت تۈزۈپ قو ...

دېگەنلىرىڭىز نەق شۇ ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزى.

بۇ ئەھۋالنى مەن بېشىمدىن كۆپ ئۆتكۈزگەن. تەربىيەلەش ئورۇنلىرى كۇرۇستا قالغانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ھېچ ئويلاشمايدۇ، سانى ئاز قالدىما تاقايدۇ، چۈنكى ئۇلار پۇل تېپىشنى ئويلايدۇ، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما ھەر قېتىم ئويلاپ قالىمەن، مېنىڭ ئەھۋالىمنى كىم چۈشىنەر دەپ.

ھەر ئىشتا پەقەت 20% ئادەم ئۇتۇق قازىنىدۇ دېيىشىدىكەن، بۇ راست گەپتەك قىلىدۇ. قولۇمدا يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى تۇرۇپتۇ مانا، بىرىنچى قىسىمنىڭ بېسىلىش تىراژى بىلەن ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى قىسىملىرىنىڭ تىراژىنى سېلىشتۇرساقلا بۇنى ھېس قىلىدىكەنمىز. نۇرغۇن ئادەم باشلايدۇ، ئاخىرىغا كەلگىچە كۆپ قىسمى تاشلايدۇ.

«مەلۇم بىر دەرسلىك كىتابنى تۇتۇپ ئۆگىنىش، ئۆگەنگەندىمۇ شۇ دەرسلىك تەلەپ قىلغان ئۆلچەمگە يەتكۈچە پىششىق ۋە تولۇق ئۆگىنىش كېرەككەن، دېمەكچى. مەسىلەن مۇشۇ «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى»نى دەيمەن. 1- قىسىمدىن 4- قىسىمغىچە بىلمەيدىغان سۆزدىن بىرسىمۇ قالماسلىق، ئۆزلەشتۈرەلمىگەن گىرامماتىكىدىن بىرسىمۇ قالماسلىق، ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىغان بىرمۇ جۈملە قالماسلىق، ئېغىزىمىز كەلمەيدىغان، بىر جۈملە ئىچىدە ئىشلىتەلمەيدىغان سۆزدىن بىرسىمۇ قالماسلىق، پۈتۈنلەي توغرا ئىشلىيەلمەيدىغان مەشىقتىن بىرسىمۇ قالماسلىق دېگەن شەرتلەرنى قويۇپ تۇرۇپ ئۆگىنىۋەتسە، ئىنگلىز تىلىنىڭ باشلانغۇچ سەۋىيەسىنى غەلبىلىك تاماملىغىلى بولار، دەيمەن.»دەپسىز.

ئەگەر 4 قىسىمنى سىز دېگەندەك ئۆگەنسە باشلانغۇچ ئەمەس خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىدۇ دەپ ئويلايمەن. :lol

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 11:35:30

anw8735 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 18:55 static/image/common/back.gif
مەن چۈشۈرەلمىدىم.

مەن سىناپ باقتىم، ھەممىسى چۈشتى. قايتا سىناپ باقسىڭىز.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 11:40:09

pomiqik يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 18:55 static/image/common/back.gif
ئىنگلىزتىلىنى مۇئەللىمسىز ئۇگىنىشنىڭ ياخشى ئۇسسۇللىر ...

مۇئەللىمسىز ئۆگىنىش تامامەن مۇمكىن. ئەمما ئاساس سالغاندا چوقۇم ئۇستاز تۇتۇش كېرەك.
ئاساسىڭىز ياخشى بولسا ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئاسانلا تاپالايسىز. مۇشۇ يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە بولىدىغان ماتېرىيال.
يەنە بىر تەكىتلەي، ئەگەر ئاساسىڭىز بولمىسا چوقۇم ئۇستاز تۇتۇڭ.:)

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 11:42:21

jesurmen يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 18:57 static/image/common/back.gif
مەن يېڭى ئۇقۇم ئېنگلىزتىلى ئوقۇپ باقمىغان، لىكىن ئۆتۈ ...

يېڭى تۈزۈلگەن ماتېرىياللار بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ قىزىقارلىق بولۇۋاتىدۇ. مەن بەك ياقتۇرىمەن.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 11:45:12

alip824 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 19:41 static/image/common/back.gif
بۇ كىتاپ ئىنگلىز تىلى ماتېرياللىرىنىڭ سەركىسى دىسە ھە ...

ئىككىنچى قىسىمنى مەن بەك ياخشى يادلىغان.
ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا سىنىپتا ئۆزۈم يادلاش گۇرۇپىسى قۇرغان. بۈگۈنكى دەرسنى ئەتىسى يادلاپ بېرەتتۇق، كىم يادلاپ بېرەلمىسە شۇ 10 يۈەن جەرىمانە تۆلەيتى.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 11:46:55

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 19:58 static/image/common/back.gif
بولسا ئايپەدتە ئىنگىلىزتىلى ئۇگىنىدىغان ئەپلەر بولسا  ...

مەن بىر نەچچىنى بىلىمەن، ئۆيگە قايتقاندا مۇشۇلارنى بىر رەتلەپ يوللاپ قويسام ياخشى بولغىدەك.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 13:13:42

بۇ كىتابقا باشقىچە مىھرىم بار. ئىچىدىكى كارتۇنلارمۇ قىزىقارلىق ،ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا  فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتى  تۈزگەن  4 قىسىملىق ئېنگىلزچە ئۆگىنىش ماتېريالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆگەنگەن،  لېكىن 4- قسىمىنى  ئۆگىنىپ يېرىملاشتۇرۇپ ئاخىرىنى تۈگىتەلمىگەن ئىدىم.
بىرىنجى قىسمىنى راۋۇرۇس ئۆگەنسە  تۇرمۇشتىكى  پاراڭلىشىشتا خىلى سەۋىيگە يېتىپ قالغىلى بولىدۇ.
مېنىڭچە تىل ئۆگىىنشتە ئوخشاش سەۋيدىكى بىر نەچچە خىل ماتېريالنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگەنسە ئۈنۈمى ياخىش بولىدىكەن دەپ ئويلايمەن.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 13:20:11

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 08:10 static/image/common/back.gif
ئۆزتىلىنى ئۆزگىلەرگە ئۈگىتىشتە ئىنگىلىزلارنىڭ ئالدىغ ...

بۇ راست.
مەنچە بۇ ئەھۋال ئۇزۇنغا بارماي ئۆزگىرىدۇ.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 13:25:21

nijat يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 13:13 static/image/common/back.gif
بۇ كىتابقا باشقىچە مىھرىم بار. ئىچىدىكى كارتۇنلارمۇ قى ...

مېنىڭ تىل ئۆگىنىشىمگىمۇ بۇ كىتابنىڭ رولى چوڭ بولغان. ھەم سىز دېگەندەك ھەرخىل ماتېرىياللارنى بىرلەشتۈرسە ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدىكەن.

pomiqik يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 20:20:57

HeyDoctor يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 11:40 static/image/common/back.gif
مۇئەللىمسىز ئۆگىنىش تامامەن مۇمكىن. ئەمما ئاساس سالغ ...

چۇشەنچە بەرگىنىڭىزگەرەھمەت لىكىن مەن مەكتەپ ئوقىمىغان ھازىرچە ئانا تىلىمدىن باشقا تۇرۇكچە خەنزۇچىنى ئوز ھاجىتىمدىن چىقالغۇدەك ئۇگىنىپ بولدۇم ئىنگىلىز تىلىنى ئۇگۇنۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى لىكىن ماڭا ئۇستاز تۇتۇش پۇرسىتى يوق :L

APSUN يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 09:38:06

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 17:53 static/image/common/back.gif
بەك ئېسىل كىتاب بۇ. ئەل جى ئالېكساندېر ئالامەت تۈزۈپ قو ...

ئەگەر سىز دىگەندەك بولسا  ،باشلانغۇچ ئەمەس خىلى بىر يەگە بارغىلى بولدۇ ،قارسام سىز مۇ مۇشۇ كىتاپنى ياختۇردىلكەنسىز مەنمۇ شۇ بۇ كىتاپنىڭ چۈشەندۈرشىدە ھەممىنى سۆزلەپ بولغان 4 كىتاپنى تۈگەتسىڭز سىز دىگەندەك سەۋيەدە 4،6  دەرىجە ئمتاھمى ھىچ گەپ ئەمەس ، بىر ھەقىقەت مىنىڭ نەۋرە ئاكام دەل مۇشۇ كىتاپنى تولۇق تۈگتۈپ ئەنگىليەگە ئوقۇشقا چىكەتكەن:)

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 13:20:47

ئىكىسكىيۇز مى،
يېس؟
ئىز زىس يور خەندبەگ؟

مۇشۇلارنى يادلاپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كەپ قالدى:).

kitabbay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 14:53:59

خەتلەر سەل چاپاقكەن، بۇ كىتاپ ئۇيغۇرچە - ئېنگىلىزچە چىقىرىلغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتى…

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 18:07:25

kitabbay يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 14:53 static/image/common/back.gif
خەتلەر سەل چاپاقكەن، بۇ كىتاپ ئۇيغۇرچە - ئېنگىلىزچە چى ...

بۇ كىتاب ئۇيغۇرچە - ئېنگىلىزچە نەشىردىن چىققان ، ئون نەچچە يىللار بۇرۇن .  4 قىسىمنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇرچە نەشىردىن چىققان .
بىرەر ئاي بۇرۇن كىتابخانىغا كىرسەم تۇرۇپتىكەن تېخىچە سېتىلماي ...

choice يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 08:07:08

tagh يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 16:23 static/image/common/back.gif
HeyDoctor ئىسلى تىمىلكرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
مەن يېڭى ئۇقۇم ئىن ...

يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز تىلىنىڭ فىلاش نۇسقىسى بار، تېپىپ شۇنى ئۆگۈنۈڭ، ئىلگىرى مەنمۇ شۇنى ئۆگەنگەن نەق مەيداندا مۇئەللىم سۆزلىگەندەك سۆزلەيدۇ، قالغىنى ئۆزىڭىزنىڭ غەيرىتىگە باغلىق ئىش، ھەرقانداق ئىشتا سىجىللىك بولمىسا  شەكسىز ئاخىرى چىقمايدۇ

kitabbay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 12:41:40

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 18:07 static/image/common/back.gif
بۇ كىتاب ئۇيغۇرچە - ئېنگىلىزچە نەشىردىن چىققان ، ئون ن ...

ھە، بىلىۋالدىم، رەھمەت .
بەت: 1 [2]
: «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» PDF نۇسخىسى (4 قىسىم)