Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 10:02:48

ئوغۇللارنىڭ خەتنىسىنى قىلغاندىن كىيىن قانداق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 10:34  

مەن يېقىندا ئىككى ئوغلۇمنىڭ خەتنىسىنى قىلماقچى بولۇپ ساقىيىپ ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن يەسلىدىكى ئوغۇل ساۋاقداشلىرى، مەھەللىدىكى ئوغۇل بالىلارنى يېغىپ بالىلارغا ماس كەلگۈدەك بىر پائالىيەت قىلىپ بىرەي دەپ ئويلىشىۋاتقان. نەچچە ۋاقىتتىن بۇ ھەقتە ئەتراپىمدا مەن بىلىدىغان ئەھمىيەتلىك بىر ئۆرنەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن تورداشلارنىڭ مەسلەھىتىنى ئىلىپ باقاي دەپ قالدىم.  بۇ ھەقتە ئويلىغان پىلانلىرىم:
1. خەتنىسى قىلنغان يېگىتلىرىم ئۈچۈن بىر قۇر ئېسىل كېيىم تەييارلاش - تون، ئۆتۈك، تۇماق دېگەندەك.
2. پائالىيەت قىلىدىغان ئۆينى ھەر خىل شەكىل، رەڭدىكى بېزەك، شارلار بىلەن بېزەش.
3. داستخانغا بالىلار ئامراق ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلەر، مېۋە-چېۋىلەرنى تېزغاندىن باشقا ئاساسلىق تاماقلاردىن پولۇ، نارىن چۆپ دېگەندەك تاماقلارنى تەييارلاش.  
4. شارائىت يار بەرسە ناغرا ياكى داپ دېگەندەك بالىلار ئامراق چالغۇلارنى تەييارلاش (ئابلاجان ئايۇپنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگىلى بولمايدۇ ، شۇنچە يىراقتىن :lol )
5. پائالىيەتكە قاتناشقان بالىلار ئۈچۈن بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرى، ئويۇنچۇق دېگەندەك سوۋغاتلارنى تەييارلاش.
6. كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسى، ھىكايە ئېيتىش مۇسابىقىسى، شىئىر دىكلىماتسىيە قىلىش دېگەندەكلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش.
.............. يەنە قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلساق تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قىلغىلى بولار؟
سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردا ياكى ئۆزۈڭلار ئوغۇللىرىڭلارنىڭ خەتنىسىنى قىلغاندىن كىيىن قانداق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىۋاتىسىلەر! جەريانلىرىدىن خەۋەر تاپقان بولساق. رەھمەت.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 10:17:19

يىمەك ئىچمەك، كىيىم كىچەك،نەغمە ناۋا . تۈگىدىما ،ھىچقايسسى ئەھمىيەتلىك ئەمەسكەن . ھەممىسى قوشۇمچە ،ئاساسلىق، بىلىم ، ساغلاملىق (تەنتەربىيە)قاتارلىقلارنى قىلىپ ، ھىرىپ ئاچقاندا ناخشا مۇزىكىدىن ھۇزۇرلانغاچ،غىزالىنىش . تەرتىپ مۇشۇنداق بولغىنى ياخشى .

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 10:27:47

خەتنە قىلىنغان ئوغلىڭىز يەسلىدە ئوقامدا ؟ نەچچە ياشقا كىردى ؟

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 10:29:33

كىم ھەم ئۇزۇن ھەم يىراققا سىيەلەيدۇ؟ مۇسابىقىسى ئوتكۈزۈش{:92:}

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 10:29:39

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 10:17 static/image/common/back.gif
يىمەك ئىچمەك، كىيىم كىچەك،نەغمە ناۋا . تۈگىدىما ،ھىچقا ...

تەرتىپنى تېخى تۈزمىدىم. شۇ پايدىلىق، ئەھمىيەتلىك دەپ قارالغان تەكلىپلەر بولسا دېگەنتىم. بىلىم، تەنتەربىيە دېگەندە نېمىنى كۆزدە تۇتتىڭلا؟
بىلىم دېگىنىڭلاردا كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسى، ھىكايە ئېيتىش مۇسابىقىسى دېگەندەكلەرنى ئورۇنلاشتۇرساقمۇ ئەھمىيەتلىك بولغۇدەك راس.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 10:31:24

bireylen يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 10:27 static/image/common/back.gif
خەتنە قىلىنغان ئوغلىڭىز يەسلىدە ئوقامدا ؟ نەچچە ياشقا  ...

چوڭى 6 يېرىم ياش. ئۇيغۇرچە كىتابلارنى راۋان ئوقۇيالايدۇ.
كېچىگى 5 ياش. ئۇمۇ ھەجىلەپ ئوقۇيالايدۇ.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 10:35:30

ئوغۇللىرىڭىز ئانىكام بولۇپ بەرسۇن، باشقا بالىلار قوغلاشماق ئوينىسۇن :lol

ياكى
http://www.baxtax.cn/terbiye/oyun/
http://www.7qiz.com/forum.php?mod=forumdisplay&fid=17

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 10:54:56

ئېسىمدە قېلىشىچە مېنىڭ خەتنەم مۇنداق قىلىنغان:
خەتنە قىلىىشتىن بۇرۇن بىر كۈن بۇرۇن ئەتىسى خەتننەمنىڭ قىلىنىدىغانلىقىنى ماڭا ئۇقتۇرغان، خەتنەم قىلىنىشتىن بۇرۇن نەۋرە تۇققانلارنىڭ خەتنە تويىغا قاتناشقانتىم، ئۇلارنىڭ خەتنىسى قىلىنغاندا بەك يىغلىغان، شۇڭا مەندىمۇ قورقۇنچ بار ئىدى، لېكىن ھامىنى مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلەتىم، ھەم ئاغرىسا چىداشقا بەل باغلىغانتىم. خەتنەم قىلىنغاندا خەتنە قىلىدىغان جارى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى مېنى چىڭ تۇتۇپ، بېشىمنى بەدىنىنىڭ كەينىگە قىلدى، ھېچنېمىنى كۆرەلمىدىم، ئاستا گەپ قىلىۋاتىتى، بىر چاغدا چىملا قىلىپ قالدى، ۋايجان دەپ بولغىچە ئاغزىمغا تۇخۇم تىقتى، كۆيدۈرگەن پاختىنى كەسكەن يەرگە چاپلىدى، يەنە نېمە ئىشلارنى قىلدىكىن بىلمىدىم، يوتقانغا ياقۇزۇپ قويدى، خەتنەم قىلىنىۋاتقاندا، باشقا كىچىك باللارنى  كىرگۈزمەي ئىشىكنى يېپۋالغىنىمۇ ئېسىمدە، لېكىن بىرنەچچە كىچىك باللا قاراپ تۇرغانتى، قىز باللا بولىشى مۇمكىن {:92:} ، شۇ كۈنى قازان ئېسپ يۇرت-جامائەتكە نەزرە قىلىنغان. نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئورنۇمدىن قوپۇپ، مەن بىلەن تەڭ خەتنىسى قىلىنغانلار بىلان سېلىشتۇرۇپ {:92:}   ... ئۇزۇققا سىيىشتە بەسلىشىپ دېگەندەك.... شۇ ئىشلار ئېسىمدە ...

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 10:57:04

جارى ئۇستۇرىسىنى بىلىگەندىكى قورقۇنچنى بىر نېمە دېمەڭلار، گەپ قىلىپ بىر نېمىلەرنى دەپ، ئادەمنى ئالداپ تېخى، « بۈگۈن پەللەپ باقىمىز، ئەتە كېسىمىز» دېگەندەك گەپلەرنى دەۋەتقاندا شارتلا قىلىپ چىملا قىلىپ قالىدۇ، ۋاي دەپ بولغىچە .....

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 11:16:15

:lol

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 11:33:55

ھاۋا ئوچۇق كۈنىنى تاللاپ بالىلارنى دالا سەيلىسىگە ئاپىرىڭ، بالىلار ئۆزلىرى قول سېلىپ كاۋاپ پىشۇرۇپ يىسۇن، گاگا كالتەك (ئودىكام)، چۇماق توپى، قوغلاشماق، چامغۇر يۇلۇش، مۆكۈشمەك، دەرەخكە يامىشىش دىگەندەك ئويۇنلارنى ئوينىسۇن.

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 11:37:40

بالىلار بۇ ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ، شۇڭا ئاتا- ئانىلىرىنىمۇ چاقىرىۋالساڭلا، چوڭلار ئاشۇ ئويۇنلارنى ئويناپ ئۈلگە بولۇپ بەسە ئوبدان بولىدۇ، يەنە داسوبو دەيدىغان بىر ئويۇنلار بولىدىغان، يەنە قۇم تانكىسى دەيدىغان غول قومۇشننى يېرىپ بىر بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ قۇم پۈۋلەپ ئوينايدىغان ئويۇنلار بار ئىدى. ئىشقىلىپ نۇرغۇن ئەنئەنىۋى ئويۇنلار بار... شۇلارنى ئاتا- ئانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوينىتىڭ. كىتاپنى مەكتەپكە كىرگەندە بۇرنى قۇلىقىدىن چىققۇچە ئوقۇۋالىدۇ...

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 11:39:26

ئازراق بىلەرمەنلىك قىلىپ قوياي.
شۇنچىۋالا بالىلارنى يىغىدىغان ئىش بولغاندىكىن چوڭلاردىن بىرەرسىڭلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆرپ - ئادەت، قائىدە - يۇسۇنلاردىن ئاز - تولا تەربىيە قىلىپ قويۇڭلار.
چوڭ يەردىن چۈشمىسەڭلارمۇ شۇلار قۇبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدە سۆزلىسەڭلار بولىدۇ.
مەسىلەن: چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەسلىك، داستىخاندا ئالدىدىن يىيىش، قولىنى يۇيۇپ بولۇپ بىراۋدەك سىلكىمەسلىك، ئادەم بار يەردە يەل قويۇۋەتمەسلىك{:87:} (مۇشۇ ئىش يولداشلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇغان بالىلاردا خېلى ئېغىركەن)، ئۆز - ئارا سالام قىلىش (ھازىرقى بەزى بالىلار چوڭلار سالام قىل ياكى كۆرۈش دېمىسە قاراپ تۇرىدىكەن)  دېگەندەك ئىشلار
ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام ئۆزۈر ھە:lol

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 11:48:32

ئ‍ەسلىسەم مېنىڭكىنى 1-سىنىپقا يېڭى كىرگەن قىشلىق  تەتىلدە قىپتىكەن، ئ‍ابدال دېگەن گۇي بۈگەن كۆرەپ باقىمىز، ئ‍ۆلچەپ باقىمىز…ئ‍ەتە كىسىمىز دەپ شىرىن-شېكەر گەپلەرنى قىلىۋاتاتتى بىر چاغدا قولىدىكى قۇمۇشتا ياسالغان بىر نېمىنى تەككۈزۈشى بىلەن چىملا قىپ قالدى ، ۋاي دەپ بولغىچە بېشىدىكى سېسىق تۇمىقىنى گوپلا قىلىپ يۈزۈمگىلا ياپتى. ئ‍ۇ تۇماقنىڭ سېسىقلىقى…:lol تۇخۇممۇ يەپتۇق راس… باشقا بالىلارنىڭ  ۋاراڭ  چۇرۇڭلىرىدىن بىرە كۈن يېتىپلا زېرىكىپ چوڭلار يوق چاغدا تالاغا چىقىپ ئ‍ويناپ، سوغاقتا ئ‍ىششىپ قېلىپ، تولا چاقىسىنى سويىۋىتىپ دېگەندەك … كەپسىزلىك قىلىپ يۈرۈپ ئ‍ىككى ھەپتىلەر ئ‍ەتراپىدا ساقايغانتى:lol

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 12:24:40

بۇ ئىشلار مېنىڭمۇ بېشىمدا بار. قۇلاق موللىسى بولۇپ تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلاي...:)

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 12:30:22

مېنىڭچە مەن ساراڭنىڭ گېپىنىڭ تېگىدىكى گەپ يېتەرلىك بوپتۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 12:32:18

بىراقلا  خوتون ئىلىپ بىرىپ توي مەرىكىسى ئۆتكۆزۈپ بىرەمسىز -يا!:lol

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 12:55:15

چۇككالتەك ئوينىسۇن :lol    (بۇ ئويۇننى بىلىدىغانلار بارمىدۇ؟)

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 13:24:42

بالىلىرىڭىزدىن مەسلىھەت سوراپ بىقىشنى ئۇنۇتمىغايسىز...

turken يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 14:04:59

مىنى تۇتۇپ تۇغان تاغامنىڭ قولىدىن بىر پۇتۇم بوشىنىپ كىتىپ ھابدالنىڭ پىشاينىسىغا تىپىۋەتكەن قولى سىرىلىپ كىتىپ مايماق :shutup::victory:
بەت: [1] 2 3 4
: ئوغۇللارنىڭ خەتنىسىنى قىلغاندىن كىيىن قانداق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ