salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 23:01:08

muztag يوللىغان ۋاقتى  2015-01-15 22:09:12 static/image/common/back.gif


توۋا مۇشۇنداق كىچىك بالىلارمۇ مۇنبەر ئوينايدىكىنا  . .
كېچىكىپ قالغان بولسىچۇ:lol

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 23:39:57

::lol:lollol

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 08:39:54

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 23:39 static/image/common/back.gif
:lol

قىسەسۇنئەنبىيادا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خەتنىسىنى 80 يېشىدا كەكە بىلەن قىلغانلىقدەك بىر بايانلار تۇراتتى.

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 09:02:30

ھەي بىر زات، سىزنى خېلى بىر زىيالى، زىيالى بولمىسا موللا، موللا بولمىسا يەنە زىيالىغا ئوخشايدۇ دەۋاتسا. قىلماقچى بوپ يۈرگەن ئىشىڭىزنى. يىغىپ كەلسە ھەممىسى شۇ شەكلى ئۆزگەرگەن سۈننەت تويكەنغۇ. كىسىدىغاننى كەستى، سۈننەت ئادا بولدى، تۈگىدى.
بالىلىرىڭىزغا ئەپ بىرىدىغاننى ئەپ بىرىڭ، ئوينىتىدىغان ئىش بولسا ئوينىتىڭ، ئۇنى تويغا ئايلاندۇرۋىلىپ نىمە قىلىسىز.
سەل دىققەت قىلمىسىڭىز ھېلى بىرسى بىدئەتتىن بىرنى پەيدا قىلدى دەپ قالپاق كەيگۈزمىسۇن.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 10:29:19

kosan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 11:38:34

function يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 10:54 static/image/common/back.gif
ئېسىمدە قېلىشىچە مېنىڭ خەتنەم مۇنداق قىلىنغان:
خەتنە ق ...

نەق ئۆزى...:lol :lol

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 11:51:41

سۇننەت توي  دىگەن گەپتىنلا  توي ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرمامدۇ ، يەنە نىمىشقا بەزىلەر  سۇننەت توينى تويغا ئايلاندۇرىۋالماڭ دەيسىلەر

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 11:54:21

ئۆتكەن يىلى مەنمۇ مۇشۇنداقراق بىر ئىشنى خىيال قىلغان ئىدىم. ئۇرۇق-تۇققان، تونۇش-بىلىش، قوشنا-ھەقەمسايىلەرنىڭ ھەممىنى بىر رېستورانغا چاقىرىپ، گۇمبا-گۇمباڭ مۇزىكىدا زورلاپ ئۇسسۇل، تارتىنىپ تانسا، چىڭقىلىپ ھىجىيىپ تۇرۇپ توي قىلىش ۋە بىر مۇنچە «مۇددەتكە بۆلۈپ» تۆلەيدىغان قەرزنى پاتاڭغا ئارتىۋېلىشنى خالىمىغاچقا، ئەڭ يېقىن تۇغقان ۋە بۇرادەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە تاغقا چىقىپ، بالىلارنى راسا ئوينىتىپ ھەل قىلاي دېگەنىدىم. بۇ پىلان چوڭلار ۋە تۇغقانلارغا يېتىپ بارغاندا ئۇلارنىڭ «ئەقىل» ۋە «يول» كۆرسىتىشلىرى بىلەن يەنىلا ئىسراپچىلىق ۋە ھەشەم-دەرەملەر بىلەن توشۇپ كېتىدىغان تويغا ئايلانغىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن شۇ يەردىلا توختىتىپ قويغان ئىدىم. بىرزاتنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپ يەنە باشقا غەم چۈشتى. ئوغلۇم كېيىن «مېنىڭ سۈننەت تويۇمنى قىلماپتىكەنسەنغۇ» دەپ قالمىسۇن دەپلا شۇنىڭغا ئوخشايدىغانراق بىر پائالىيەت قىلىپ بەرمەكچى ئىدىم. ئەمدى، بۇ ئىشىمنى مەخپىيلا قىلىشنى ئويلاپ قېلىۋاتىمەن. سۈننەت تويىنى قىلىپ بەرگىنىمنى ئوغلۇم ۋە ئائىلىمىزدىكى بىر قانچىمىزلا بىلىدىغان بىر شەكىلدە. مەسىلەن، يازدا «سۈننەت تويى ساياھىتى» قىلىپ، بارغۇچە-كەلگۈچە سۈننەت تويىنىڭلا گېپىنى قىلىپ، رەسىمگە چۈشسەكمۇ سۈننەت تويى خاتىرىسى دەپ يازدۇرۇپ دېگەندەك. قىسقىسى، مەن سۈننەت توينى خۇپىيانە قىلىشنى ئويلاپ قالدىم. خۇدايىم بۇيرۇسا، يازدا ئەمىلىلەشتۈرىۋېتىمەن:lol

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 11:57:38

كوللېكتىپ پائالىيەتنى خۇسۇسىيلاشتۇرىۋالدى، دەپ تىللاپ كەتسىمۇ مەيلى. ئوغۇل شەخسىنىڭ، سۈننەت قىلىنغان ئەزامۇ شەخسىنىڭ بولغاندىكىن دەيمەنغۇ... :lol

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 12:03:07

مەنمۇ زە، يوق ئىشتىن بىرنى ئويلاپ چىقتىمۇ نېمە؟!!! تېما 3 بەت بولغۇچە بىدئەتچى دەپ تىللانمىغىنىمغا شۈكۈرى {:136:}

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 12:04:47

ھە راست، ئا سۈننەت تويى ساياھىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان سورۇننى تويى بولىدىغان يىگىتكە تاللاتقۇزسام قانداق بولار؟ مەسىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ خەرىتىسىنى ئالدىغا ئېچىپ قويۇپ، تۈگمىدىن ياكى تەڭگىدىن بىرنى تۇتقۇزۇپ تاشلاتقۇزۇپ قەيەرگە چۈشسە شۇ يەرگە ئاپىرىمەن، دېگەن شەكىلدە.(لېكىن تاغ تىزمىلىرى، ئادەمسىز رايونلار ھېساپ دەپ شەرت قويۇۋېلىپ باشتا:lol)

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 12:15:16

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 12:04 static/image/common/back.gif
ھە راست، ئا سۈننەت تويى ساياھىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان سور ...

يادىدا قالغۇدەك بىرەر پائالىيەت ئورۇلاشتۇرۇپ بىرەي دېسە سىلى ئويلىغاندەك ساياھەتمۇ ئوبدان بولغۇدەك.:handshake

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 13:47:47

بۇرۇنقى خەتنە قىلىش ئۇسۇللىرى ئوخشاشكەن، لىكىن مىنىڭ خەتنەمنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن، نىم بولغانكىن تاڭ، 8 كۈندىن كىيىنراق ۋاقىت، يوغانلام ئىششىپ قاپتىكەن، باشلانغۇچ 3- يىللىقتا ئوقويدىغان ۋاقتىم ئىدى.

بىرەر ئايلاردا ساقايغان ئىدى.

بىر كەسسە شۇنداق ئاغرىيدۇ-ھە!

ھازىرقى باللا ئۇنداق ئاغرىقنى سەزمەيدۇ. :lol

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 15:15:53

خەتنە قىلغاندا ناركۇز قىلغان ياخشىمۇ قىلمىغان ياخشىمۇ ؟

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 15:16:12

بالامنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇراي دېگەن ئىدىم. :)

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 15:21:53

ھازىر خەتنىنى دوختۇرخانىدا  ياكى دوختۇر قىلماي ئۆيدىلا  قىلىنامدۇ.
ئۇنداقتا بىخەستىلىك سەۋەپلىك ئويلىمغان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقمامدۇ.

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 15:37:19

ئوغۇللارغا گاگا ئويناش،كاماللەك ئېتىش،چالمىچاڭ ئويناش، قىزلارغا تەپكۈچ تىپىش،سوبو ئويناش قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىڭە بەك قىززىيدۇ!.

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 16:12:08

قىزىرىپ ئىششىپ قېلىۋاتسا ئۇنىماي يىراققا سىيىشتە بەسلەشكەنلىرىمنى ئويلىسام :lol  ... ئاچىماق سۈيدۈك چىقىپ قالسا كىمنىڭ مۇشۇنداق چىقىدۇ دەپ پو ئېتىپ كېتەتتۇق

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 16:21:13

بۇرۇن بىر سۈننەت تويغا قاتناشقان، رېستۇراندا ئېلىپ بېرىلغان بىلەن خېلى مەنىلىك ھېس قىلغان. رىياسەتچى خېلى كۆپ ئەجىر قىپتىكەن. ئۆيدىكى چىلەپچە - ئاپتۇۋا دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتىغۇزۇپ، ھەم ئۇنى توغرا ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ دېگەندەك. ئاندىن شۇ چوڭلارنىڭ تويى بوپ كېتىدىكەن يەنىلا.
بەت: 1 2 [3] 4
: ئوغۇللارنىڭ خەتنىسىنى قىلغاندىن كىيىن قانداق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ