alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 13:54:46

قىش پەسلىدە ئاپتوموبىل قىزدۇرۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلى

قىش پەسلىدە يول يۈرۈشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىل قىزدۇرۇش كېرەكلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز ، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە سەھەردە ياكى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىلمىگەن ئاپتوموبىللارنى ئوت ئالدۇرۇپ بولۇپ ئۆز جايىدا ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە تۇرغۇزۇپ ئاندىن يولغا چىقىش ئاپتوموبىل ئۈچۈن ئەڭ ياخشى دەپ ئويلايدۇ. ئەمما بىر تۈرلۈك سىتاتىسكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، %90 دىن ئارتۇق ماتور زاپچاسلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرۇپ ئۈچ مىنۇتنىڭ ئىچىدە يۈز بېرىدىكەن. زادى قانداق ئاپتوموبىل قىزدۇرۇش ئەڭ توغرا ؟ تۆۋەندە ئاپتوموبىل ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىش پەسلىدە ئاپتوموبىلنى توغرا ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئاپتوموبىل قىزدۇرۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى .
ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرۇپ 30 سېكونتتىن بىر مىنۇت ئەتراپىدا يولغا چېقىش ئەڭ مۇۋاپىق . ئەمما بۇ ۋاقىتتا ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى چوقۇم تۆۋەن بولىشى لازىم، ئاپتوموبىل تۆۋەن سۈرئەتتە ھەيدەش كېرەك. ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى 3000 ~~3500 دىن ئاشۇرۋەتمەسلىك ، 2000 ئەتراپىدا كونتىرول قىلىش كېرەك . ئەگەر بىراقلا تېز سۈرەتتە ھەيدىگەندە ماتور ۋە تېزلىك ئۆزگەرتىش كۇرۇپكىسىنىڭ كۈچلۈك ئۇپرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ماتورنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئۆرلەپ نورمال خىزمەت ھالىتىگە كەلگەندە ئاندىن نورمال ھەيدىسە بولىدۇ.

ئېلىكتىرونلۇق يېقىلغۇ پۈركۈيدىغان ئاپتوموبىللارنى ئوت ئالدۇرۇپ 30 سېكونتتىن كىيىن ھەيدىسە بولىدۇ، قىش پەسلىدە رېمونت قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ % 80 دىن ئارتۇقىنىڭ ھەممىسى ئاپتوموبىل قىزدۇرۇلمىغان ياكى قىزدۇرۇش ۋاقتىنى توغرا كونتىرول قىلماسلىقتىن كېلىپ چىققان . ئېلىكتىرونلۇق يېقىلغۇ پۈركۈيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىل قوزغىتىلماي ئۇزۇن ۋاقىت قىزىتىلسا شۇنچەياخشى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس .چاڭئەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتوموبىل ئىنستىتۇتنىڭ پروفېسسورى جىيەن شىياۋپىڭنىڭ دېيىشىچە ئېلىكتىرونلۇق يېقىلغۇ پۈركۈيدىغان ئاپتوموبىللار كونا ئاپتوموبىللارغا ئوخشاش كاربيوراتورلۇق ئەمەس بولۇپ ، ئېلىكتىرونلۇق يېقىلغۇ پۈركۈيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىشىنى پۈتۈنلەي ماتورنىڭ ECU بۆلىكى كونتىرول قىلىدۇ . بۇ خىل سېستىما ھاۋانىڭ سۈرئىتى ، تېمپىراتۇرا قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، پەقەت ئاپتولنىڭ بېسىمى ئۆرلەپ، سۇ تېمپىراتۇرىسى 50 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتسىلا بولىدۇ .
گەرچە ئېلىكتىرونلۇق يېقىلغۇ پۈركۈيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ قىزىتىش ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ ئەمما ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىلنىڭ سۇ تېرمومېتىرى ئايلىنىشتىن بۇرۇن يەنىلا ماتور ئايلىنىش بىر قەدەر تۆۋەن ھالەتتە ھەيدەش كېرەك .چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ماتورنىڭ ئۈستى قىسمى يەنىلا ئاپتولسىز ھالەتتە بولىدۇ ، ماتورنىڭ تېمپىراتۇرىسىمۇ خىزمەت ھالىتىگە يەتمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ماي كىلاپانىنى دەسسەپ يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدىگەندە تۇتاشتۇرغۇچى دەستە ۋە پۇرژىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە ماتورنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . يەنە يېقىلغۇنىڭ تۇمانلىشىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن بىر قىسىم تۇمانلىشىپ بۇلالمىغان يېقىلغۇ ئاپتول باكىغا كىرىپ كېتىپ ، ئاپتولنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
قىزىتىلماي ئاپتوموبىل ھەيدەش ئاپتوموبىل ئۈچۈن زىيانلىق ، بىر قىسىم يېڭى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر ۋە خانىم - قىزلار ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئاپتوموبىل قىزىتىش ئېڭى تۆۋەن بولۇپ ، بۇنداق قىلىش قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېغىر مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ ئەمما ئۇزۇن داۋاملاشسا ئاپتوموبىلنىڭ ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدۇ .(مەنبە-بىلىم-كۈچ ژورنىلى)

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 20:27:18

مەن ما سوقتا 10 مىنۇتتىن كۆپ قىزىتىمەن ئادەتتە

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 20:36:25

بىزنىڭ ئورگاننىڭ ماشىنىسىغا كىرسىن قالايدۇ ،ئالدىنقى كۈنى ئەتتىگەن 8.20 مىنۇتلار ئۆتكەندە  ماتورنى ئوت ئالدۇرۇپ قويۇپ ،ئىشخانىغا چىقىپ كىتىپمەن ،ئالدىراشچىلىقتا چۈشمۇ بولۇپ كىتىپتۇ ،پەسكە چۈشسەم ماشىنا ئوت ئالدۇرۇلغان پىتى قىزىپ تەييار بوپ كىتىپتۇ ،:lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 21:23:25

مەن ئوت ئالدۇرۇپ بىر مىنۇت ئەتراپىدا مېڭىپ كىتىمەن. يازمىدا دىيىلگەندەك مۇتۇر ئايلىنىش سۈرئىتىنى تاكى مۇتۇر قىززىپ بولىغۈچە 2500 دىن ئاشۇرمايمەن. بىر مۇتەخەسسىس مۇتۇرنى قىززىتىپ تىز سۈرئەتتە ھەيدىگەندە مۇتۇر سىرتىدىكى ھەركەت ئۇزىتىش قىسمىنىڭ سۇغۇق ھالەتتە بولغاچقا  سۇركىلىش جەريانىدا تىز خۇراپ ئاسانلا چاتاق چىقىدىغانلىقىنى دىگەن ئىدى.

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 21:31:18

موتوچەيمۇ ئوخشاشمۇ؟ ماشىنام بوممىغاچقا موتو توغرىلىق سورىۋالاي دىدىم ئۆزرە!
موتونى ئەتىگەندە بىرەر مىنۇتلا ئوت ئالدۇرۇپ ھەيدەپ كىتىمەن ئادەتتە…

begtash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 22:16:37

ئۇنداقتا مەنمۇ قىزدۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتسام بولغۇدەك.
مەن ماشىنىنى 5 مىنۇت قىزدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن سۇ تېمپىراتۇرىسى ئۆرلىمىسىمۇ تېز سۈرئەتتە مىڭىۋىرىمەن.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 04:47:55

يېرىم سائەت قىزىتىدىغانلار يوق ئوخشايدۇ :lol

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 07:50:33

parakende يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 04:47 static/image/common/back.gif
يېرىم سائەت قىزىتىدىغانلار يوق ئوخشايدۇ

مەن سامسا ياققۇدەك قىزدۇرۇپ ماڭىمەن

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 07:58:52

مۇشۇ «پىراپىسور» دېگەنگە قەتئي ئىشەنمەيدىغانلا بولدۇم. ماشىنىنى قانداق ئىسسىتىش توغرىسىدا نەچچە يىلدىن بېرى تالاش تارتىشلار توختىمايۋاتىدۇ، لېكىن يەنىلا ئىلمى پاراڭلار كەمچىل. ماشىنىنى ئۇزۇنراق ئىسسىتقاندا يېقىلغۇ ئىسراپ بولغاندىن باشقا ماشىنىغا بولغان زىيىنىنى مەن كۆرمىدىم ھەم ئاڭلىمىدىم. ماشىنىنىڭ ئۇپرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگۈچىلەرنى شۇنداق سورىغۇم با، زادى نەرى ئۇپرايدۇ؟ قانچىلىك ۋاقىتتا؟ بىر ماشىنىنى ئۇپراپ تۈگىگىچە ھەيدىيەلەمسىز؟

osmanturpan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 08:17:09

rock يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 07:58 static/image/common/back.gif
مۇشۇ «پىراپىسور» دېگەنگە قەتئي ئىشەنمەيدىغانلا بولدۇ ...

بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ، پايدىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
http://dwz.cn/zIRNH

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 09:48:28

Dihkanbay يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 21:31 static/image/common/back.gif
موتوچەيمۇ ئوخشاشمۇ؟ ماشىنام بوممىغاچقا موتو توغرىلىق  ...

موتونى ئوت ئالدۇرغاندىن كىيىنلا ماڭىمەن، ماڭالماي ئوتى ئۆچۈپ قالسا قايتا ئوت ئالدۇرۇپ 20 سكونتتتىن 60 سىكونتقىچە قىزىتىپ ماڭىمەن،
موتو ماڭالىسىلا ماڭىمەن، ماڭالماي قالسا ماڭالىغۇچىلىكلا قىزىتىمەن

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 09:48:34

kaman1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 07:50 static/image/common/back.gif
مەن سامسا ياققۇدەك قىزدۇرۇپ ماڭىمەن

ياخشىراق قىزدۇرمىسىڭىز ئارقارنىڭ گۆشىدە ياققان سامسا پىشمايدۇدە!

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 10:37:21

osmanturpan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 08:17 static/image/common/back.gif
بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ، پايدىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
http://dwz.c ...

ئۈچ ئېلىمىنت كاتالىزى(三元催化) نېمە سەۋەبتىن بۇزۇلۇپ قالا؟ جايىدا ئوت ئالدۇرۇپ جىم تۇرغاندا بۇزۇلۇپ قالسا، ماڭغاندا بۇزۇلۇپ قالماسمۇ؟

iltirix يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 11:28:59

يېقىندا بىر ئاغىنەمنىڭ ماشىنىسىنى سوراپ بىر نەچچە كۈن ھەيدەپ تۇرغان ، تۇنجى كۈنى قىزىتمايلا ھەيدەپ كىتىپتىمە ، ئۇنى بىلىپ ئۇ ئاغىنەم : ئاداش ماشىنىنى 20 مىنۇت قىزىتىپ ئاندىن ھەيدەيسە ،دەيدۇ ، بەك خىجىل بوپ ئەتىسىدىن باشلاپ مانا ئەمىسە دەپ يېرىم سائەت قىزىتىپ ھەيدىدىم . ئەمدى ماۋۇ تېمىنى ئۇ ئاغىنەمگە كۆرسىتىپ قويسام بولغۇدەك ...

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:07:54

قوزغالماي تۇرۇپ قىزىتقاندا ماتورنىڭ ئايلىنىشى 1 مىنۇت ئەتراپىدىلا 1000 دىن تۆۋەنلەيدۇ ۋە ئاستا-ئاستا ئابورت سۈرئىتىگە (600-800)قايتىدۇ، بۇ سۈرئەتتە ئۇزۇن ۋاقىتتا ئايلانغان چاغدا سېلىندىر ئىچىدىكى بېسىم تۆۋەن، ماي قويۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ماي تولۇق كۆيمەيدۇ،چالا كۆيگەن كاربون قاتتىق ھالەتتە پۇرشىن ئۈستىگە ئولتۇرۋالىدۇ(积碳). ئولتۇرىۋالغان كاربون سېلىندىرنىڭ ئەسلىدىكى سېغىمىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، بىنورمال كۆيۈش پەيدا قىلىدۇ، ئەھۋال ئېغىرلاپ كەتسە ماتور كۈچىيەلمەيدىغان، ماينى كۆپ يەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
قوزغاتماي تۇرۇپ ماتور قىزىتقاندا قىزىيدىغىنى پەقەتلا ماتور، كورۇپكا(سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ) تىكى چاقلار يەنىلا سوغۇق ھالەتتە( سىلىقلاش مېيى)، ماتور قىزىدى دەپ قوزغىلىپلا يۇقرى خوتتا تىز سۈرئەتتە ھەيدەپ كەتسىڭىز چاقلارغا زىيىنى بار، سىلىقلاش ياخشى بولمايدۇ.
شۇڭا توغرا مەشغۇلات:  قوزغالماي تۇرۇپ 30 سىكونتتىن ئارتۇق قىزىتماسلىق ، شۇنىڭدىن كىيىن ئاستا قوزغىتىپ تۆۋەن سۈرئەتتە 1-2 كىلومىتىر مېڭىش، ئاندىن ماتور تىمپراتۇرىسى نورىمال بولغۇچە سۈرئەتنى 2000 دىن ئاشۇرماي مېڭىش. شۇنداقتا ماشىنىنى قىزىتىش مەقسىدىگە ھەقىقى يەتكىلى بولىدۇ.

ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق قانداق بولىدۇ ؟ ماي كۆپ كۆيىدۇ، چىققان ئىستىكى زىيانلىق ماددىلار كۆپ بولىدۇ، مۇھىت بۇلغايدۇ ،ئېغىر بولغاندا يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمەيسىز، چوڭ رىمونتقا بالدۇر چۈشىدۇ.
يۇقارقىلار ماشىنىنى ئاسراش نوقتىسىدىن چىقىپ ئېيتىلغان گەپلەر. ئاسراشتىن راھەت كۆرۈش مۇھىم دەپ قارايدىغانلار ئەلۋەتتە تازا قىزىتىپ ئاندىن ماڭسىمۇ بولىدۇ.

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:15:31

تەرجىمدىكى خاتالىقمۇ ياكى ئاۋۇ پروفېسسورى ئۈزنىڭ گىپنى ئۈزى قالايمىقان قىلۋاتامدۇ ھېچ بىلمىدىم.
مۇشۇ كەسىپنىڭ ئانچە-مۇنچە نەزىريەسنى ئوقغان، 23يىللىق ئاپتۇمبىل ھەيدەش تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا،قىش پەسىلدە ئاپتۇمبىلنى ئۇزاقراق قىزتىش،ئىسراپ بولغان ۋاقىتنى ۋە يېقىلغۇنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئاپتۇمبىلنىڭ مۇتۇرغا پايدىسى بولدىكى مۇتلەق زىينى يوق.
ئازراق نەزىريە سۆزلەپ قۇياي:lol  جىسىملار ئىسسىغلىقتىن كىڭيىپ،سوغاقلىقتىن تاريىدىغۇ؟ شۇنداق بولغان ئىكەن قىش پەسىلدە ئاپتومبىل مۇتۇرنىڭ ئىچىكى قىسىمدىكى دىتاللارمۇ سوغاق ھالەتتە ،(پورشۇن،پورشۇن ھالقىسى،سېلىندىر ئستىكانى،چوڭ-كىچىك پاچمىنىك.پورشۇن چۈلكى ....ۋاھاكازالار)بۇچاغدا بۇلارنىڭ ئارىسدا ئازراق يوچۇق(زازۇر)پەيدا بولۇپ تۇردۇ.بۇ دىگنىڭىز نىمە دىگنىڭىز دىگەندە،قىش پەسىلدە ئاپتۇمبىلنى قىزىتمايلام ماي تەپكىسنى كۈچەپ دەسسىىڭىېز ،تىزراق ھەيدىسىڭىز،موتۇر كۈچنىپ كەتسە دىتاللارنىڭ ئۆز-ئارا سوقۇلىشىنى ،سۈركۈلۈپ ئۆپرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتۇل پومپىسى ھەرقايسى دىتاللارنى  تۇلۇق مايلاپ بولالمىغانلىقتىن،ئۇپراش تېخمۇ چوڭيىپ كىتدۇ.ئىستاكان بىلەن پورشۇن ھالقىسى تولۇق ھىملاشمىغانلىغى سەۋەپتىن.پورشۇن ئۈستىدە(كۈيۈش كامىردا)كۆيگەن ئىسسىغلىق بىلەن كىرەكسىز گاز ئاپتۇل تەڭلىسگە ئۆتۈپ كىتىپ،ئاپتۇلنىڭ سۈپتىنى ئۆزگەرتىۋىتدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاپتۇلنىڭ مايلاش ئۈنمى تۈۋەنلەپ ئاپتۇمبىل مۇتۇرنىڭ ئۇپرىشنى تىزلىتىپ،ئاپتۇمبىلنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ.ۋاھاكازالار....
شۇڭلاشقا ئاپتۇمبىلنى قىش پەسىلدە قىزتىپ ھەيدىگەن ياخشى دەپ چۈشنىمەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:17:00

ئىسسىت بىكار كۆيگەن مايلىرىم

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:56:12

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 13:07 static/image/common/back.gif
قوزغالماي تۇرۇپ قىزىتقاندا ماتورنىڭ ئايلىنىشى 1 مىنۇت  ...

سىزنىڭ ئاپتۇمبىلنى قوزغاتماي موتۇرنى قىزىتسا،موتۇرغا زىينى بار،دىگەن ئۇچۇنىڭزنى خاتا ئۇچۇر دەپ چۈشنىمەن.چۇنكى ھازىرقى زامان ئاپتۇمبلىلارغا ئىلىكتېرۇنلۇق كونتىرىللىغۇچ (ECU)ئورنىتىلغان .ئۇ شۇنداق يامان بىر نەرسە ئىدىكى،ماتۇرغا كىرگەن ھاۋانىڭ تىمپۇراتۇرسنى،ھاۋانىڭ بېسمنى،ھاۋانىڭ مىقدارنى مۇتورغا ئورنىتىلغان سېنزورلار ئارقىلىق ئۆلچەپ،شۇنىڭغا لايىق ماينى پۇركۈپ ئۆلچەملىك ئارلاشما گازنى ھەرقايسى سېلىندىرلارغا يەتكۈزۈپ بىردۇ.شۇڭلاشقا سىز دىگەندەك ئارلاشما گاز قويوق بۇلۇپ قېلىپ پورشۇننىڭ ئۈستىدە قۇرۇم پەيدا بۇلۇپ قالدىغان ئىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.قېنى  سىز نىمە دەيسىزكىن؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتۇمبىل توختاغلىق ھالەتتە يېقىلغۇ تۇلۇق كۆيمەي ،چاق ئايلانغاندا يېقىلغۇ تۇلۇق كۈيەرمۇ؟

napalyun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 14:28:07

مەنمۇ ماشنامنى 50مىنوت ئەتراپىدا قىتىمەن ئاۋال چۈشۈپ ئوت ئالدۇرۇپ قۇيۇپ يۈزۈمنى يۈيۈپ ناشتا قىلىپ باللارنڭكى تەييارلىقىنى قىلىپ پەسكە چۈشسەم تەخمىنەن 50-60مىنوت كىتىدۇ ئوت ئالدۇرۇپلاكىم ماشنىنىڭكى پارنى ئىچىۋىتىپ چىقىپ كىتىمەن مەن باللارنى ئىلىپ چۈشكىچە ماشنا ئىچى خىلى ئىسسىپ قالدۇ تەخمىنەن 50مىنوت كىتەمدىكىن دەيمەن
قارسام مىنىڭكى قىزىتقىنىم توغرىدەك بىلىندى ماڭا ھەركىم ھەرنىمە دەيدىكەن قانداق قىلىش كىرەك ئىنىقراق جاۋاپ بىرىڭلارچۇ?
بەت: [1] 2
: قىش پەسلىدە ئاپتوموبىل قىزدۇرۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلى