orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 19:32:57

napalyun يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 14:28 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ماشنامنى 50مىنوت ئەتراپىدا قىتىمەن ئاۋال چۈشۈپ ئ ...

  50-60  مىنۇت قىزىتامسىز ؟ھا ھا ھا ...50 سىكونتمۇيا؟ بۇنچە ئۇزۇن قىزىتىپ سىز مۇھىتنى قەستەن بۇلغىماقچىمۇيا؟;P
پۇلىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن بۇرادەر .نۇرمال ھالەتتە بىر مىنۇتتىن 3 مىنۇتقىچە ،بەك ئۇزۇن بوپ كەتسە 5-6 مىنۇت قىزىتىپ ،ئاندىن باشتا ئاستىراق ھەيدىسەكلا قىزىيدۇ ماشىنا دىگەن  .ھەرقانچە باي بوپ كەتسەكمۇ مۇنداق ماينى ئىسراپ قىلمايلى باللا ...:handshake

napalyun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 07:04:44

نەچچە مىنوتتا ئاستاماڭاي دىسەم باللىرىمنى مەكتەپكە ئاپارغىچە توڭلاپكەتتىم دەيدۇ شۇڭا مۇشۇنداق 50مىنوت قىزتىمەن
ھەي مىنىڭمۇ ماي ئىسراپ قىلغۇم يوق بىراق بەك قىزىتمىسام گازغا ئالماشتۇرسام ئوبرۇتى تۇرمايدۇ،

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 15:47:01

ئوسمان تۇرپان ئىسىملىك تورداشنىڭ يوللاپ قويغان ئادرېستىكىنى ئۈستىدىكى مەزمۇن بىلەن بىرلەشتۈرۈپ پايدىلانساق ئەڭ توغرا جاۋاپقا ئېرىشىمىز. ھازىرقى كىچىك ماشىنىلارنى ئارتۇق قىزىتىش ھاجەتسىز. 1 مىنۇت ماشىنا قىزدۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك. يولغا چىقىشقا 1 مىنۇتتا تەييار بولىدۇ. لېكىن 1~2 ىنجى خوتقا سەپ قويۇپ ئۆزىگە قويۇپ بەرسەك مېڭىپ قىززىسا بولدى. بۇ نۆۋەتتىكى ئۆلچەملىك ماشىنا قىزدۇرۇش ئۇسۇلى.
مەن بىر مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىن ئاز قىزدۇرىمەن، ئاندىن D غا ئەكەپ قويۇپ ئۆزىگە قويۇپ بېرىمەن. گازمۇ باسمايمەن. بىرە كېلومېتىر ماڭغاندىن كىيىن بوشراق دەسسەپ ھەيدەپ كېتىمەن.
گەپ ماشىنىنىڭ ئىچىنى قىزىتىشمۇ ياكى ماتورنى نورمال خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ماتورنى قىزىتىشمۇ شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن ئېيتىلىشى كېرەك. ماشىنا شۇ يېتەرلىك. ماشىنىنىڭ ئىچى سوغۇقكەن دەيدىغانلا، ياكى بۇنچىلىك ئىسراپچىلىق بىلەن ھېساپلاشمايدىغان، ماينى باكاغا قالايدىغان ماشىنىدا ماڭىدىغانلا خالىساڭلا ئۈستىدىكى بىرەيلەن دېگەندەك 4 سائەت قىزىتىڭلا، ئۇ باشقا پاراڭ. تېما ئېگىسى ماتورنى قىزىتىش توغرىسىدا گەپ قىپتۇ. شۇڭا مېنىڭ ئۆزەمنىڭ قىلىۋاتقىنىم، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ۋە ئاساسىم ئۈستىدە دېگەندەك.

ئوسمان تۇرپان يوللىغان ئىنكاسنىڭ مەزمۇنى:

بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ، پايدىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
http://dwz.cn/zIRNH

tagh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 17:36:16

ئابۇرۇت دېگەن قانداق گەپ؟

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 18:46:29

paliwan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 13:56 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ ئاپتۇمبىلنى قوزغاتماي موتۇرنى قىزىتسا،موتۇرغ ...

تولىمۇ ياخشى سۇئال قويۇپسىز، بىلگىنىمچە جاۋاپ بېرىپ باقاي.

---
ھازىرقى زامان ئاپتۇمبلىلارغا ئىلىكتېرۇنلۇق كونتىرىللىغۇچ (ECU)ئورنىتىلغان .ئۇ شۇنداق يامان بىر نەرسە ئىدىكى،ماتۇرغا كىرگەن ھاۋانىڭ تىمپۇراتۇرسنى،ھاۋانىڭ بېسمنى،ھاۋانىڭ مىقدارنى مۇتورغا ...
--
بۇ يەردە يەنە بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قاپسىز، ECU ماي تەڭشىگەندە پايدىلىنىدىغان يەنە بىر ئۈچۇر ماتورغا يۈكلەنگەن يۈك. خوتقا سالمىغان ھالەتنى ئابورت(怠速) دەپ ئالدۇق(ئۈستىدىكى يەنە بىر تورداشنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ). ئابورت ھالىتىدە ماتورغا يۈك يۈكلەنمىدى دەپ قارايمىز، خوتقا سالغاندا ۋە باشقا بەزى مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارغاندا يۈك ھالىتىدىكى تۇيۇقسىز ھالەتتىن ئوتنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئابورت ھالىتىدە پۈركۈلگەن ماي ئادەتتىكىدىن قويۇق بولىدۇ، ئەمما ماتور ئايلىنىش سۈرئىتى تۆۋەن بولىدۇ، مېنىڭچە بۇنى چۈشىنىپ يېتەلەيسىز.
قۇرۇم( 积碳) ئىككى خىل ئەھۋالدا پەيدا بولىدۇ:
1. ماي قويۇق، تەمىنلەنگەن ھاۋادىكى ئوكسىگىننىڭ مىقدارى يىتىشمەيدۇ(شۇڭا قويۇق دەيمىز، ھاۋا كۆرسەتكۈچى 1 دىن چوڭ)، چالا كۆيىدۇ.
2.كۆيۈش تىمپراتۇرسى زىيادە يۇقرى، بىر قىسىم كېرەكسىز گازلارمۇ كۆيۈپ كېتىدۇ.

---
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتۇمبىل توختاغلىق ھالەتتە يېقىلغۇ تۇلۇق كۆيمەي ،چاق ئايلانغاندا يېقىلغۇ تۇلۇق كۈيەرمۇ؟
--
ماتور خوتقا سېلىنغاندا ECU ماي پۈركۈش ھالىتىنى ئابورت ھالىتىدىن ئۆزگەرتىدۇ، ئۇنىڭدىن كيىن ماينىڭ قويۇق ياكى سۈيۇق بولىشى يۈكنىڭ ھالىتى ۋە سىزنىڭ ماي كىلاپانىنى قانداق دەسسىشىڭىزگە باغلىق. بۇ ھالەتتىمۇ تولۇق(100%) كۆيمەيدۇ، چۈنكى بىز ھاۋا كۆرسەتكۈچىنى ھەرۋاقىت 1 گە تەڭشەشكە ئامالسىز، ئەمما ئىنژىنىرلار1گە چەكسىز يېقىنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ ئەلۋەتتە. ئەمما قويۇقلىقى ئابورت ھالىتىدىكىدەك ئۇزۇن ۋاقىت( داۋانغا چىقسىڭىز، ئېغىر يۈك باسسىڭىز قانداقكىن) قويۇق ھالەتتە تۇرمايدۇ.

يەنە بىر كۆز قارىشىڭىز ' ئىسسىقلىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقتىن تارىيىش' دىگەنگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ماتور ئايلانغاندا كۆيۈش كامىرىنىڭ تىمپراتۇرىسى نەچچە مىڭ سىلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، سوۋۇتۇش سۇيۇقلىقىنىڭ تىمپراتۇرىسى 80-90 سىلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ، ئوتنى ئۆچۈرگەندە بولسا ئۆي تىمپراتۇرىسىدا تۇرىدۇ. بۇ ئىككى تىمپراتۇرىنىڭ پەرقى يىتەرلىك چوڭ بولار ؟ دىمەك كۆيۈش كامىردىكى ئۈزۈك،پورشىن، سېلىندىر دىۋارى قاتارلىق ماتىرياللارغا بولغان تەلەپ يۇقرى، كېڭىيىپ،تارىيىش ئىنتايىن ئاز ۋە قۇرۇلمىلىرى شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ لايىھەلەنگەن. ئۆلچەملىك ئاپتول ئىشلىتىلسە سۈركىلىش مەسىلىسىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە كونترول قىلغىلى بولىدۇ، شۇڭا قىشتا ياخشى ئاپتول ئىشلىتىمىز.

ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى ماتور ئۇنچە نازۇك نەرسە ئەمەس، بىز يۇقۇردا ئېيتىلغان 'زىيان' لار ماتورنى قىسقا ۋاقىتتا تۈگەشتۈرۋېتەلمەيدۇ. بەزى ئادەملەر ھەيدىگەن ماشىنا ماتورى 10 يىلغىچە ھىچنىمە بولمايدۇ ۋە بەزى كىشىلەر ھەيدىگەن ماتور نەچچە يىللاردىلا رىمونتقا چۈشىشى مۈمكىن. ماشىنا ئۆمرىگە نىسبەتەن نەچچە يىل ۋاقىت قىسقا ئەمەس، ھەم ئۇزۇنمۇ ئەمەس.

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 20:38:58

تورداش yollughياخىشىمۇ سىز؟سىزنىڭ يۇقارقى ئىنكاسىڭىزنى ئوقوپ چىقتىم. بىز ئالدىر ماي ئولتۇرۇپ بۇ تىمدا پاراڭلىشىپ بەھۇزۇرئولتۇردىغان ئوخشايمىز.
باشتىن كەلسەك ،مەن ۋە سىزگە ئوخشاش زور كۆپچىلىك كىشلەر ئۇيغۇرچە ئاتالغولارنىڭ  ئۇمۇملىشنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلمىز،لىكىن تېخنىكىلىك ئاتالغۇلار باشقا تىللاردىن كىرگەنلىگى سەۋەبىدىن بەزى سۆزلەرنىڭ نىمە مەنىسى بارلىغىنى بىلمەي بىز (شەخسەن مەن)ئىشلىتىپ قېلىشقا مەجبۇرمىز.مەسلەن :ئابرۇت، ماللابرۇت،دىگەندەك.
مۇشۇ ئىككى سۆز قايسى تىلدا ،نىمەنىسى بار،تۇرداشلار بىلگەنلىرنى بىزدىن ئايمىسا قالغان گەپلەرنى ئالدرىماي دىيشۋالمىز.مىنىڭمۇ ۋاختىم ئېشىپ تېشىپ تۇرۇپتۇ.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 03:28:05

tagh يوللىغان ۋاقتى  2015-1-7 17:36 static/image/common/back.gif
ئابۇرۇت دېگەن قانداق گەپ؟

ھېلىقى ‹‹دەيسۇ››دا تۇرمىدى دەيسۇدا تۇرمايۋاتىدۇ دىگەن گەپ.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 03:39:37

بىر كۈنى رادىئودىن ھەركۈنى ئەتىگەن بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ ئىچىپ بەرسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە پايدىلىق دەپ ئاڭلىدىم. يەنە ئۇزاق ئۆتمەي يانا ئاشۇ رادىئودىن ھەر كۈنى ئەتىگىنى بىر ئىستاكان ئىسسسىق چاي ئىچىپ بەرسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە پايدىلىق دەپ ئاڭلىدىم.
بىر كۈنى تېلىۋېزور كۆرۈپ ئولتۇرسام ھەركۈنى ئەاتىگەن بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە پايدىلىق دەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا ئەتىگىنى ناشتا قىلماسلىق قارارىغا كەلدىم.:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 03:59:21

lutpulla يوللىغان ۋاقتى  2015-1-7 22:39 static/image/common/back.gif
بىر كۈنى رادىئودىن ھەركۈنى ئەتىگەن بىر ئىستاكان سوغۇق  ...

:lol

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 07:19:28

ماشىننى گازدا قىزدۇرسىمۇ بولىۋىرەمدۇ ياكى مايدا قىزدۇرۇش ئەۋزەلمۇ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 07:20:52

پەن تېخنىكىغا ئائىت ئۇيغۇرچىلىشىپ كەتكەن ئاتالغۇلارنىڭ رۇسچىدىن كىرگەن بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرىراق بولىدىكەن.

osmanturpan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 16:32:37

rock يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 10:37 static/image/common/back.gif
ئۈچ ئېلىمىنت كاتالىزى(三元催化) نېمە سەۋەبتىن بۇزۇلۇپ قال ...

ئۈچ ئېلىمىنت كاتالىزى - ماتوردىن بىۋاستە چىققان كېرەكسىز گازلارنىڭ ئىچىدىن مەلۇم قىسمىنى (زىيانلىق گازلارنى) ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى تۇرغۇن ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىدۇ.
ئەگەر ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ، ماڭدۇرماي تۇرغۇزۇپ قويسىڭىز، سىز يۈل يۈرمەي (ماشىنىدىن پايدىلانماي) تۇرۇپلا ئۇ يەرگە كېرەكسىز نەرسە يىغىلىپ قالىدۇ، يول يۈرگەن ۋاقتىڭىزدىكىسى بىلەن قوشۇلۇپ بۇزۇلۇش ياكى توسۇلۇش ۋاقتى تېخىمۇ قىسقا بولىدۇ.

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 18:05:12

ئەمدى ئازراق ۋاختىم چىقتى.ئەمدى گىپمنىڭ ئاخرىنى دەۋالاي.
yollugh توردىشمىزنىڭ يۇقۇردىكى ئنكاسنى ئەستايىدىل ئوقسام.ئەڭ توغرا دىگەن گىپى،ئاپتۇمبىل مۇتۇرنىڭ سوۋتۇش  سۈينىڭ نۇرمال تىمتۇراتۇرسى 80-90سېلسىيە گىرادۇس دىگەن گىپى،(ئوتنى ئۆچۈرگەندە بولسا ئۆي تىمپراتۇرىسىدا تۇرىدۇ
ماۋۇ خاتا گەپ جۇمۇ) ئاۋۇ پېراپپوسۇرنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 50سېلسيە گېرادۇس بولسا بۇلدۇ دىگنىمۇ توغرا. شۇنداق بولغاندا مۇشۇ قىش پەسىلدە 30سىكنوتتا ماشننىڭ سۇۋتۇش سۇينىڭ تىمپۇرا تۇرسى 50سېلسىيە گرادۇسقا يەتسە قوزغاپ ماڭسىڭىز ماتۇرغا تەسىرى يۇق......
مىنىڭ ماشىنامغا زاۋۇتتىن ئورنىتىپ قويغان بىر ئۈسكىنە بارئىكەن.ماشننى سوغاق ۋاقىتتا ئوت ئالدۇرۇپ قويسام يىشىل رەڭلىك تىمپۇراتۇرنى ئىپادلەيدىغان بىر چىراق ياندۇ . قىزغاندا ئۆزلىگىن ئۈچدۇ.تۇنۇگۈن سائىتمگە قاراپ باقسام 5مىنۇتتا ئوچتى.(چۈشتىن كىيىن ھاۋامۇ خېلى يامان ئەمەس ۋاقتتى بولمسا)شۇنىڭغا قارغاندا 30سىكنوتتا 6-7-ئايلاردا 50سېلسىيە گىرادوسقا چىقالامىكى دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئاۋۇ ئاپتۇمبىلنى‹‹ ئوتنى ئۆچۈرگەندە بولسا ئۆي تىمپراتۇرىسىدا تۇرىدۇ››دىگەن گەپنى خاتا دىيشىمدە،مۇتۇرغا توڭلاشتىن ساقلاش سۇينى قاچلىماي ئادەتتىكى سۇنى قاچلاپ قويسا ماتۇرنىڭ گەۋدىسنى يېرۋىتدۇ.شۇڭا قىش پەسىلدە سىرىتتا قويغان:lol ئاپتۇمبىل مۇتۇرنىڭ تىمپۇراتۇرسى ھەرگىزمۇ ئۆي تىمپۇراتۇرسا تۇرمايدۇ.(پار ئورناتقان ماشىنا قۇيۇش ئىسكىلاتىدا قويسىڭىز ئۇ باشقا گەپ)
باشقىللىرنى بىر مۇ بىر ئۇنداق مۇنداق دىسەك گەپ ئۇزراپ كەتمىسۇن مىنىڭ چۈشەنچەم مۇشۇنچىلىك.سىلەرنىڭچۇ؟

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 18:07:56

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 07:19 static/image/common/back.gif
ماشىننى گازدا قىزدۇرسىمۇ بولىۋىرەمدۇ ياكى مايدا قىزدۇ ...

گازدا مۇتۇرنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالمىسا بۇلاۋىردۇ.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 18:45:30


تىلغا ئالغىنىڭىز ھازىر كىچىك ماشىنلارغا ئورنىتىلىدىغان  تۆۋەن تىمپراتۇرا ئەسكەرتىش چىرىقى低温灯 بولسا كېرەك.
بۇ چىراقنىڭ رولى تۆۋەن تىمپراتۇرىنى ئەسكەرتىش( كۆپىنچە ماشىنلاردا سوۋۇتۇش سۈيى تىمپراتۇرىسى 50 گرادۇستىن يۇقرى بولغاندا ئۆچىدۇ)، ئەمما بۇ چىراق يانغان چاغدا ماڭسا بولمايدۇ دەيدىغان گەپ يوق ،بەلكى بۇ چىراق يېنىقلىق ھالەتتە يۇقرى سۈرئەتتە ماڭماسلىقنى ۋە پارنى ئاچماسلىقنى ئەسكەرتىدۇ. ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ ئاسراش قوللانمىسى ساقلاقلىق بولسا ئوقۇپ بېقىڭ. ئەگەر شۇ چىراق يېنىقلىق ھالەتتە قوزغىتىش ماتورغا خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان بولسا ئاددى بىر 'ئەسكەرتىش' بىلەنلا بولدى قىلماس بولغىيتتى.

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 19:28:19

مەن ئاپتوموبىلىنىڭ ئاسراش قوللانمىسنى ئوقۇمىسام چۈشەنمەيدىغان يەردە ئەمەس دەيمەن.منىڭ يۇقۇردا دىگەن گەپلىرىم ھەرگىزمۇ ئاپتۇمبىل ماتۇرغا ‹‹خەتەر ئېلىپ كىلدۇ›› دىگەنلىك ئەمەس.خاتا چۈشنىپ قاپسىز.مۇتۇرنى ئاسراش نوقتىسدىن دەۋاتقان گەپلەر ئىدى.مەن دىمەكچى،زاۋۇت نىمشقا ئۇ چېراقنى ئورنىتدۇ،ئۇچېراق نىمە ئۇچۈن ماتۇرنىڭ سۇۋتۇش سۈينىڭ تىمپۇراتۇرسى  50سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەندە ئۈچدۇ.دىگەندەك....

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 23:19:19

شۇنداق قىلىپ زادى قانداق قىلىدىغان بولدۇق؟
بېشىم قېيىپلا كەتتى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 23:22:17

نەچچە يىللىق شوپۇر تۇرۇپ ماتور قىزىتىشتەك ئاددى ئىشنىمۇ بىلىپ بولالماي ماشىنا ھەيدىدىم دەپ يۈردۇقمۇ؟
قارىغاندا ئۆزىمىز بىلگەنچە،خالىغانچە قىزىتىپ ھەيدەپ كېيىن رېمونتخانىغا بېرىپ قالساق ھە مېنىڭ خاتاكەن دىسەك بولغىدەك

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 23:24:24

مەن ماشىنا ئالغاندا قوللانمىسىدا ئۈچ مىنۇت دەپتىكەن،ماشىنا ساتقان مۇلازىمەتچىدىن سورىسام ئۇمۇ شۇنداق دىگەنتى

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 17:54:05

بۇ توغرىسىدا بەك كۆپ گەپ قىلىپ كەتتۇق.
يەنە كۆرۈپ بېقىڭلار: قىش پەسلىدە ماتورنى پەقەت 30 سېكۇنتلا قىزىتىپ يولغا چىقسا بولىدىكەن
http://www.nur.cn/news/2014/02/155711.shtml

ئەمدى يەنە چۈشەندۈرۈشكە ئامال قالمىدى.
ئاپتوموبىل قۇرۇلمىسىنى كۆرۈپ بېقىڭلار، چوقۇم ئەسقاتىدۇ. ئۇيغۇر ماشىنا تورىدا ھەسەنجان تەرجىمە قىلغان ئاپتوموبىل قۇرۇلمىسى دەرسلىكى بار.
http://bbs.uycar.com/forum.php
بەت: 1 [2]
: قىش پەسلىدە ئاپتوموبىل قىزدۇرۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلى