sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 23:23:40

سۇ تىجەيدىغان ۋاقتىمىز كەلمىدىمۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 00:25  

        بىزگە مەلۇمكى ئەڭ پاكىز ۋە كەڭ ئۇچىرايدىغان ئېنىرگىيە مەنبەسى بولسا قۇياش ئېنىرگىيىسىدىن ئىبارەتتۇر. قۇياش ئېنىرگىيىسىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسىگە بىۋاستە  ئايلاندۇرۇشنىڭ قۇرۇلمىسى بولغان كىرمىنىيلىق باتارىيە تاختىسىنىڭ تەننەرقى بىر قەدەر يۇقىرى، قۇرۇلمىسى بىر قەدەر نازۇك، ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى خېلىلا تۆۋەن، شۇنداقلا  يۆتكىلىشچان ھالدا قوللىنىش بىر قەدەر بىئەپ.    قۇياش نۇرىنىڭ ئىسسىقلىقىدىن بىۋاستە پايدىلىنىپ  ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەشكە بولىدىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنى زاپاس ساقلاپ مىخانىك ئېنىرگىيىگە ئايلاندۇرۇش ھازىرچە مۈمكىن ئەمەس، شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ قوللىنىش ساھەسى تار.      قۇياش ئېنىرگىيىسىنى بىۋاستە ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ يەنە بىر شەكىلى بولغان قۇياش نۇرىنى قايتۇرغۇچ ئەينەك بىلەن بىر نوقتىغا يىغىپ ھاسىل بولغان ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىپ ئائىلىدە تاماق ئېتىش ياكى چوڭ كۆلەمدە قايتۇرغۇچ ئەينەكلەرنى تىزىپ نۇرىنى بىر نوقتىغا (پار قازانغا) توغىرلاپ يۇقىرى بېسىملىق پار ھاسىل قىلىپ بۇنىڭ بىلەن ھور تۇربىناسىنى ھەركەتلەندۈرۈپ توك ھاسىل قىلىشنىڭمۇ تەننەرقى خېلى يۇقىرى (چۈنكى ناھايتى كۆپ قايتۇرغۇچى ئەينەكلەرنى تەڭلا قۇياشقا ماس قەدەملەشتۈرۈپ توغىرلاپ تۇرۇش مۇرەككەپ قۇرۇلما تەلەپ قىلىدۇ ).      يۇقارقى سەۋەپلەر تۈپەيلى قۇياش ئېنىرگىيىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇش ئىشى تەننەرقىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەپلىك سۇ ئېلىكتىر ياكى ئوت ئېلىكتىر ئىستانسسىلىرىدەك كەڭرى قوللىنىشقا ئېرىشەلمەي بەزى ئالاھىدە ساھەلەردە قوللىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
           قۇياش ئېنىرگىيىسىنى ئەگەر خىمىيىلىك ئېنىرگىيىگە ئايلاندۇرۇپ زاپاس ساقلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، زاپاس ساقلىۋالغان ئېنىرگىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىنى يۆتكىلىشچان ھالدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، شۇڭا مۇھىمى قۇياش ئېنىرگىيىسىنى خىمىيىلىك ئېنىرگىيىگە ئايلاندۇرۇپ سۇيۇق ياكى قاتتىق ماددىلىق يېقىلغۇغۇ شەكلىدە زاپاس ساقلىيالايدىغان قۇرۇلما ھەققىدە تەتقىيقات ئېلىپ بېرىش بەك مۇھىم.     كۆپىنچىمىزگە ناھايىتى ئايدىڭكى، قۇياش ئېنىرگىيىسىنى خىمىيىلىك ئېنىرگىيىگە ئايلاندۇرۇش (بەلكى ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە ئايلاندۇرۇش)ئۇسۇللىرىنىڭ تارىخى ئىنسانلارنىڭ تارىخىدىنمۇ بەكىرەك ئۇزۇن.     قۇياش ئېنىرگىيىسىنى خىمىيىلىك ئېنىرگىيىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ  ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇكەممەل ئۇسۇلى ۋە شۇنداقلا ئەڭ ئەرزان «قۇرۇلمىسى»- مىھرىبان ئاللاھ ياساپ بەرگەن (ۋە ياساپ بېرىۋاتقان) يېشىل ئۆسۈملۈكلەردە مۇجەسسەملەشكەندۇر.
   .     يېشىل ئۆسۈملۈكلەر تېنىگە كەڭ كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىلگەن خىلوروفىل ئىچىدىكى خىلوروپىلاستدىن ئىبارەت ئاجايىپ مۇكەممەل «ئېنىرگىيە ئالماشتۇرۇش زاۋۇتى» قۇياش نۇرى ئاستىدا فوتوسېنتىز ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مۇھىتتىكى كېرەكسىز كاربون4ئوكسىد ۋە ئۆز تېنىدىكى سۇنى خام ئەشيا قىلىپ تۇرۇپ قۇياش ئېنىرگىيىسىنى بىۋاستە خىمىيىلىك ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرالايدۇ      ۋە ئۇ ئېنىرگىيىنى تۇراقلىق ماددىلار شەكلىدە(يەنى مايلار، ئاقسىللار ۋە ساخارىدلار قاتارلىق كاربون ھېدىرىدلار) شەكلىدە زاپاس ساقلىيالايدۇ(ئۆسۈملۈكلەر تېنىنىڭ ئىسكىلىتى بولغان ياغاچ ياكى ياغاچسىمان ماددىلارمۇ ساخارىدلارغا تەۋە).     ياۋروپالىق بىر ئالىم ئەينى ۋاقىتتا بىر تەجرىبە ئىشلەپ ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ چوڭىيىشىدىكى خام ئەشيانىڭ تۇپراق بولماستىن بەلكى ھاۋادىكى كاربون 4ئوكسىدى ۋە سۇ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. (تۇپراقتىن پەقەت ئىنتايىن ئاز مىقداردىلا ئانئورگانىك ماددىلار سەرپ بولىدۇ. )     فوتوسېنتىزنىڭ بۇ ھاسىلاتلىرىنىڭ بەزىسى ئىنسان تېنىنىڭ ئېنىرگىيە ئېھتىياجىغا بىۋاستە ئىشلىتىلسە، بەزىسى باشقا جاندارلار تېنى ئارقىلىق ۋاستىلىك ھالدا ئىنسان ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ياكى شۇ جاندارلار تېنىگە ئېنىرگىيە مەنبەسى بولىدۇ. يەنە بەزىسىنى(يەنى ياغاچ قىسمىنى) بىۋاستە يېقىلغۇ قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. (ئالىملار بىر خىل ئۆسۈملۈكنى بايقىغان بولۇپ ئۇ خىل ئۆسۈملۈكتىن خۇددى دېزىل مېيىغا ئوخشاش كۆيۈشچان ماي چىقىدىكەن، مۇشۇ خىل ئۆسۈملۈكلەرنى كېڭەيتىش ياكى ئۇنىڭ گىنىنى باشقا ھەرخىل شارائىتلاردا ئۆسەلەيدىغان ئۆسۈملۈكلەرگە كۆچۈرۈش ئارقىلىق بۇ خىل بىئو يېقىلغۇ مەنبەسىنى كېڭەيتىشكە مۈمكىنچىلىك بار)    ياكى ئادەتتىكى كەڭ ئۇچىرايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شاخ-شۇمبىلىرنى پىرىسلاپ بىۋاستە يېقىلغۇ قىلىپ ئوت ئېلىكتىر ئىستانسسىدا توك ھاسىل قىلىشقا    ياكى شاخ-شۇمبىلارنى گازلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسىدە گازلاشتۇرۇپ گاز يېقىلغۇغا ئايلاندۇرۇپ ئېھتىياجلىق جايغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ . بۇخىل يېقىلغۇلارنى قوللىنىشنىڭ ئىنسان تېنىگە زىيانسىزلىقى ۋە مۇھىت بولغىماسلىقى ھەممىگە ئايدىڭ بىر ھەقىيقەتتۇر. بۇ خىل ئۆسۈملۈك يېقىلغۇلىرنىڭ قالدۇقلىرىمۇ ھەقىيقى مەنادىكى ئەخلەت بولماستىن بەلكى مىكرو ئورگانىزىملار تەرىپىدىن تېزلا پارچىلىنىپ تۇپراققا ئايلىنىپ ئوغۇت بولىدۇ. بۇلارنىڭ كۈلى سۇ بىلەن تەڭشىلىپ ئوغۇت قىلىنسا بىرىنچى دەرىجىلىك زىيانسىز كالىيلىق ئوغۇت ياكى فوسفورلۇق ئوغۇت بولىدۇ .
        يېشىللىقنى بەرپا قىلىش ۋە قوغداشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ  ھەدىسلىرى يېتەرلىك : «سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ قولىدا كۆچەت بولسا، ناۋادا قىيامەت قايىم بوپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ ئۈلگۈرەلىسە تىكىۋەتسۇن! » ؛ «ھەرەمنىڭ ياۋايى ھايۋانلىرى ئوۋلانمايدۇ، دەرەخلىرى كېسىلمەيدۇ، ئوت-چۆپ گۈل-گىياھلىرى يۇلۇنمايدۇ. »
      قۇياش نۇرى بىزگە رەببىمىز تەرىپىدىن كەڭ-كۇشادە بېرىلگەن نىئمەت بولغىنى بىلەن ئۇ قۇياش نۇرىنىڭ ئېنىرگىيىسىنى يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ۋاستىسى ئارقىلىق تۇراقلىق ئېنىرگىيىگە ئايلاندۇرۇشتا يەنىلا  سۇنى ئەڭ مۇھىم شەرت سۈپىتىدە ئويلاشماي تۇرالمايمىز .     بىزگە ئايانكى يەر شارىمىزدىكى قاقاس يەر كۆلىمى ۋە قاقاس تاغلىق كۆلۈمى تېرىلغۇ يەر ۋە ئورمان كۆلىمىگە قارىغاندا كۆپ. ئانا دىيارىمىز بۇنىڭغا تىپىك مىسال .     شۇنچە كەڭرى زىمىنلارغا چۈشۈپ تۇرىدىغان غايەت زور مىقداردىكى قۇياش ئېنىرگىيىسى يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بولماسلىقى سەۋەپلىك بىكارغا كېتىپلا قالماستىن بەلكى زىمىن يۈزىنى قىزدۇرۇپ ئاتموسفىرانىڭ بارغانچە ئىسسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. سانائەتتىن قويۇۋېتىلگەن غايەت زور مىقداردىكى كاربون 4ئوكسىد گازىنى  ھازىرقى كۈنسىرى ئازلاۋاتقان يېشىل ئۆسۈملۈكلەر سۈمۈرۈپ بولالمىغانلىقتىن ئۇنىڭ قويۇقلىغى بارغانچە ئېشىپ پارنىكلىق رولى كۈچەيگەنلىكتىن يەر شارى كېلىماتى تېخىمۇ ئىسسىشقا باشلىدى . قۇياشتىن يەر شارىمىزغا ئۈزۈلمەستىن چۈشۈۋاتقان قۇياش رادىئاتسىيىسى ئەسلى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۆسۈملۈكلەرگە سۈمۈرۈلۈپ زاپاس ساقلانغان بولسا تەبىي ئېنىرگىيە مەنبەيىمىز كۆپىيەتتى ھەم زىمىنمۇ ئارتۇقچە قىززىپ كەتمەيىتى.  مۇشۇ يەردە مۇنداق بىر قىستۇرمىنى قىستۇرۇپ ئۆتەي:
      قۇياش نۇرىنىڭ يەر شارى يۈزىدىكى ھەر كۇۋادىرات مېتىر ئورۇنغا چۈشۈرىدىغان ئېنىرگىيە قۇۋۋىتى (ئەگەر توسالغۇ ئامىللىرى بولمىغاندا ھەم نۇر تىك چۈشكەن ئەھۋالدا) بىر تۇراقلىق قىممەت بولۇپ 1957-يىلىدىكى خەلقارالىق يەر شارى فىزىكىسى يىلىدا قوللىنىلغان قىممەت 1380W/m2بولغان، دۇنيا ھاۋارايى تەشكىلاتى 1981-يىلى ئېلان قىلغان قۇياش تۇراقلىق قىممىتى   1368w/m2.   يەنى توسالغۇ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۈن نۇرى تىك چۈشكەن ھەر بىر كۇۋادىرات مېتىر يەر يۈزىگە 1368ۋات رادىئاتسىيە ئېنىرگىيىسى چۈشۈپ تۇرىدۇ . تېخىمۇ ئوبرازلىق قىلىپ چۈشىنىشلىك دىسەك، ئەگەر شۇ يورۇقلۇق ئېنىرگىيىسىنىڭ ھەممىنى%100 تولۇق ئېلىكتېر ئېنىرگىيىسىگە ئايلاندۇرغىلى مۈمكىن بولسا، ئۇ ھالدا زىمىن يۈزىنىڭ ئاپتاپ چۈشىدىغان يېرىنىڭ ھەر بىر كۇۋادىرات مېتىر جايىدا بىردىن (1.3كىلوۋاتلىق) ئېلىكتېر ماتورنى كەچ كىرگىچە سىجىل ماڭدۇرغىلى بولىدۇ دىگەن گەپ. (ئەمەلىيەتتە ئاتموسفىرا قاتلىمىنىڭ سۈمۈرىۋېلىشى، بۇلۇتلارنىڭ توسۇۋېلىشى، ئېنىرگىيە ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىدىكى خوراش دىگەندەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يەر يۈزىگە ئۇنچە كۆپ قۇياش ئېنىرگىيىسى چۈشەلمەيدۇ) .
          قانداقلا بولمىسۇن قاقاس يەرلەردە قۇياش ئېنىرگىيىسىنى ئۈنۈملۈك سۈمۈرۈپ تۇراقلاشتۇرىدىغان قۇرۇلما بولماسلىقى سەۋەبىدىن قۇياشتىن زىمىن يۈزىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز غايەت زور مىقداردىكى  ئېنىرگىيە تاش-تۇپراقنى قىززىتىپ يەر شارى كېلىماتىنىڭ كۈنسىرى ئىسسىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ .    شۇنىڭغا ئۇلاپلا ئىگىز تاغ ۋە ئىككى قۇتۇپتىكى مۇزلۇقلارنىڭ مەزگىلسىز ئېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاندىن زەنجىرسىمان ھالدا زىمىننىڭ ئويمانلىق جايلىرىدا دېڭىز تاشقىنى، كەلكۈن ئاپىتى كۆرۈلۈش بىلەن تەڭ يەنە زىمىننىڭ بەزى ئىگىز يەرلىرىدە زىيادە قۇرغاقچىلىقنىڭ كۆرۈلۈشىدەك ئىككىلەمچى ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
         ئۇنداقتا بۇ كەڭ كۆلەملىك بىھۇدە ئېنىرگىيە «ئىسراپچىلىقى» ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشتىن قانداق ساقلىنىمىز؟ بىردىنبىر چارىسى ئەشۇ قاقاسلىق زىمىنلارغا (ۋە شەھەرلەردىكى سۈنئىي پەيدا قىلىنغان «قاقاسلىق»لارغا) ئامال قىلىپ يېشىللىق بەرپا قىلىش!    ئەمما يېشىللىقنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە سۇ كېرەك، سۇنىڭ مەنبەسى ۋە ئېقىم مىقدارى بارغانچە قىس بولۇۋاتماقتا... ئەمدى بىز تەخىرسىز ھالدا شۇنى دىيەلەيمىزكى يەر شارىمىزنىڭ نورمالنى كېلىماتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش(ھىچبولمىسا نۆۋەتتىكى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش) ۋە تەكرار ھاسىل بولىدىغان يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن  سۇنى تىجەپ ئىشلىتىشتىن باشقا چارىمىز پەقەتلا قالمىدى.
          جاھان ئەھلىگە ئۈلگە بولغىدەك سۇ تىجەش ئۆرنەكلىرى ۋە سۇ تىجەش چاقىرىقلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە قالدۇرغان بىباھا تەلىماتلىرى ئىچىدە كۆزنى چاقنىتىپ تۇرۇۋاتسىمۇ، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى سۇ ئىسراپخورلۇقلىرىمىزغا روشەن سېلىشتۇرما ۋە ئاچچىق تەنقىت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر ئىش- ئىسرائىلىيە  سۇ تىجەپ دىھقانچىلىق قىلىش تەتقىيقاتى ۋە سۇ تىجەش ئەسلىھەلىرىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىدا تۇرىۋاتماقتا. ھەتتا دىيارىمىزنىڭ مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇنلىرىدىن جاي ئالغان ھەربىي دىھقانچىلىق دىۋىزىيەلىرى(بىڭتۈەنلەر) ھەممىسى دىگۈدەك ئىسرائىلىيەدىن كىرگۈزگەن سۇ تىجەپ سۇغۇرۇش تېخنىكىسى ۋە ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ قۇملۇق، چۆللۈك، سايلىقلارنى ئاجايىپ بوستانلىقلارغا ئايلاندۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئەلەم ئىچىدە كۆرۈپ تۇرۇۋاتماقتىمىز .      بىز بولساق ئەنئەنىۋىي شەكىلدىكى ئېرىق-ئۆستەڭلەرنىڭ سۈيىنى سۇغۇرۇشقا يېتىشتۈرەلمەي(ئەلۋەتتە باشقا سەۋەپمۇ بار) قېرىنداشلار ئارا سۇ جىدىلى قىلىشتىن تېخىچە قۇتۇلالماي كەلدۇق. ئوچۇق شەكىلدىكى بىر ئېرىقنىڭ سۈيىنى ئەگەر ئاۋۇلارغا ئوخشاش تۇپراق يۈزىدىن تېمىتىپ سۇغۇرۇش ئەسلىھەسى بىلەن سۇغۇرۇشقا ئىشلەتسەك ئەنئەنىۋىي ئوچۇق شەكىلدە ئىشلەتكەنگە قارىغاندا ئەڭ بولمىغاندىمۇ بىر ھەسسە يەرنى ئارتۇق سۇغارغىلى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. گەرچە بۇ خىل ئەسلىھەلەرگە خېلى كۆپ چىقىم كېتىدىغان بولسىمۇ، بۈگۈنكىدەك سۇ قەھەتچىلىك زامانىدا بىزگە تەقسىم بولغان شۇ بىر ئۈلۈش سۇدىن پايدىلىنىپ يەنە بىر ئۈلۈش ئارتۇق يەرنى يېشىللاشتۇرۇپ قوش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولۇش ئىمكانىيىتىنى كۆزدە تۇتقاندا ئاشۇ چىقىملار ئەرزىيدۇ.
        دىمەك سۇ تىجەشتىن ئىبارەت قارىماققا بەك ئاددىيدەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئىش ئەمەلىيەتتە بىردىنبىر ۋە سۆيۈملۈك يەر شارىمىزنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ئاجايىپ بىر چوڭ ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر.      كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا  نىمجان بىر قاقاس زىمىننى مىراس قالدۇرۇپ كېتىشكە چىدايمىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ قاقاس زىمىندا قىينىلىپ ياشىشى بىزنىڭ يۈرەكلىرىمىزنىمۇ كۆيدۈرمەمدۇ؟ ئېيتىڭە... سۇ تىجەيدىغان ۋاقتىمىز تېخىچە كەلمىدىمۇ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 08:59:54

يېقىندا ئاپتونۇم رايۇندا سۇ باھا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلدى، يەنى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان سۇنى ئازايتىپ ( باھا، سۇ تىجەش تېخنىكىسى قاتارلىق  پىشاڭىدىن پايدىلىنىپ) ئۇنى شەھەرلىشىش ئىستىراگىدىيىسىگە ماسلاشتۇرۇپ ، شەھەرلەردىكى زاۋۇت- كارخانىلارغا ئاغدۇرۇشنى سىناق قىلىشنى باشلاپ بولدى،  يېزا ئىگىلىككە ئىشلىتىدىغان سۇنىڭ باھاسى بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئۆرلىگۇسى .
----

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 09:09:57

سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ سۇ تىجەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئاشلىقنى ئۆز ئۆزىگە تەمىنلەپ يەتكۈزىدىغان ھالەتكە يېتىپتۇ، دىمەك يېزا ئىگىلىككە سېلىنىدىغان سېلىنما (تېخنىكىلىك ئۈسكىنىلەر پۇلغا كېلىدۇ)چوقۇم يەنە ئۆرلىشى كىرەك .
مانا  بۇ سەئۇدىنىڭ پۈركىمە سۇغۇرۇش تېخنىكىدا بەرپا قىلىنغان چەمبەرسىمان  ئېتىزلار

Estami يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 10:47:30

ئۈرۈمچىدە سۇ مەسىلىسى ئېغىر مەسىلە ، سۇ ئىسراپچلىقى ئېغىر ، ئاكلىرىمىز ئاچقان سۇ ھورداقخانلارنىڭ ھەممىنى تاقىسا ، سۇ ئىسراپچلىقىغا كۆڭلىنى بۆلۈپ قويسا.
كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا سۇنى تۇربىدىن ئىچىۋرەتتۇق قورقىماي . ھازىر تۇربىدىن چىققان سۇمۇ بىر خىل پۇرايدۇ.
قالايمىقان كېڭىيۋاتقان شەھەر قۇرلۇشى ، كېيىن ئويلىسا بەزىدە .

tureli يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 11:00:20

ماۋۇ سۈىئىي ئۇسۇلدا بەرپا قىلىنغان ئېتىزلار كارامەتكەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 11:07:08

بىزنىڭ يۇرتلانىڭ كۆپىنچىسىدە ئانچە-مۇنچە سىناق نوقتا قىلىنغان سۇ تىجەش تىپىدىكى سالا ئېتىزلار ئۇچراپمۇ قالىدۇ، بىراق ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەجبۇر قىلمىغۇچە دىھقانلىرىمىز شۇ بىكارلىق ئەسلىھەلەرنى ئىشلەتكۈسى كەلمەيدىغان ئىشلارنى بەزىدە ئۇچرىتپمۇ قالدىم.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 11:23:11

سەئۇدىيدا تاتلىق سۇنىڭ كامچىللىقىدىن خېلى كۆپ چىقىم بىلەن دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇپ ئاندىن ئىچىملىككە ئىشلىتەتتىكەن، ئەگەر سەئۇدىيمۇ سۇ باھاسى نېفىتتىن قىممەت بولىدىغان دۆلەت بولسا ئاۋۈنىڭدەك پۈركۈپ سۇغارماي بەلكى تېمىتىپ سۇغارسا، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش زىيىنى ۋە پاسىللاردىكى خېلى كۆپ يەرلەرنىڭ  بىكار قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىغاندەكلا تۇرىدىغۇ… ياكى بۇخل پۈركۈپ سۇغۇرۇشقا كېتىدىغان  چىقىم يەنە بىرسىدەن ئازىراق كېتىدىغان بولسا كېرەك.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 11:26:19

tureli يوللىغان ۋاقتى  2015-1-4 11:00 static/image/common/back.gif
ماۋۇ سۈىئىي ئۇسۇلدا بەرپا قىلىنغان ئېتىزلار كارامەتكە ...

پۇل بولسا، بۇنداق ئېتىزلارنى مۇشۇ دىيارىمىزدىمۇ قىلغىلى بولىدۇ.
ھازىر سەئۇدىنىڭ چەمبەرسىمان ئېتىزلىرى ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى (ناسا) سۈنئى ھەمرادىن يوللىغان رەسىمىدىمۇ خېلى دائىرىنى ئىگىللەيدىكەن. تەكلىماكان قۇملىقىمۇ بىر دەۋرلەردە   شۇنداق ئېتىزلىقلارغا ئايلىنىپ كەتسە دەپ خىيال قىلىپ قالمىنە بىزىدە .

http://eoimages.gsfc.nasa.gov/images/imagerecords/77000/77900/saudiarabia_etm_2012017_lrg.jpg

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 12:23:00

رادارغا ئ‍وخشايدىكەن، ئ‍ېتىز ئ‍وتتۇرىسىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ سۇغۇرىدىغان ئ‍وخشايدۇ، ئ‍ېتىز دېگەننى ماندا يۇمىلاق قىلسىمۇ بولىدىكەن ھە…

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 13:02:47

ئاۋۇ كىتاپ ئوقۇغۇچ توغرىلىق يېزىلغان تىما بىلەن ماۋۇ تىما ھەقىقەتەن ئىلمىلىگى، بىلىمچانلىقى يۇقۇرى بولۇپ، ئادەمگە خېلى نەپ بېرىدىكەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 13:58:44

قۇياش نۇرىنىڭ ئىسسىقلىقىدىن بىۋاستە پايدىلىنىپ  ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەشكە بولىدىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنى زاپاس ساقلاپ مىخانىك ئېنىرگىيىگە ئايلاندۇرۇش ھازىرچە مۈمكىن ئەمەس، شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ قوللىنىش ساھەسى تار.
  مىخاينىك ئىنىرگىيەگە ئايلاندۇرۇش ئاللىقاچان رىئاللىققا ئايلىنىپ بولدى.
مەن 2006-يىللاردا بىر لاھىيە تۈزگەن، ئۆيلەردىكى پارغا ئۇلاپ قويسا پاردىكى ئىسسىقلىقنى ئۆيگە تارقىتىدىغان رادىئاتور ئۇتتۇرسىدا ئىنىرگىيە ئايرىۋالىدىغان نەرسە ياساپ كەشپىيات پاتىنتى ئالماقچى بۇلۇپ تەييارلانغان ئىدىم. ئۇنىڭغا يىڭىدىن ئىككى خىل يىڭىلىق يارىتىپ بىرلەشتۈرۈپ پايدىلانماقچى بولغان. ئالدى بىلەن قۇياش ئىنىرگىيسىدىن ۋە تارقاق ئۆيلەردە كۈمۈر كۆيدۈرىدىغان ئۇچاققا ئىشلىتىدىغىنىنى ياساپ چىقماقچىتىم. ئۇنىڭدا ئىسسىنىشتا كۆيدۈرىدىغان كۈمۈر مىقتارى ئۆزگەرمەيدۇ، ئەمما توكقا ئېرىشىۋالىمىز. بۇ بىر ماتورغا ئۇخشايدىغان قۇرۇلما بۇلۇپ، ئادەتتىكى ئىسسىقلىقنى بىۋاستە ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدىغان ئۈنىمى تۈۋەن چاپلىما ياپراقچىگە ئۇخشىمايدۇ. بانكىدىن قەرىز ئىلىپ ئىش باشلىسام پۇل يىتىشمەي قالدى، ئەسلى داۋامىنى بۇ يىلقى كىرىمدە داۋاملاشتۇرماقچى ئىدىم. ئەپسوس،  بۇ يىل ئۈزۈمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سىسىپ كىتىپ قىلىپ، دارامەت بانكىدىن ئالغان قەرىزگە چىقىش قىلماي قالدى...
   ئېنىرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ يەنە بىر شەكىلى بولغان قۇياش نۇرىنى قايتۇرغۇچ ئەينەك بىلەن بىر نوقتىغا يىغىپ ھاسىل بولغان ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىپ ئائىلىدە تاماق ئېتىش ياكى چوڭ كۆلەمدە قايتۇرغۇچ ئەينەكلەرنى تىزىپ نۇرىنى بىر نوقتىغا (پار قازانغا) توغىرلاپ يۇقىرى بېسىملىق پار ھاسىل قىلىپ بۇنىڭ بىلەن ھور تۇربىناسىنى ھەركەتلەندۈرۈپ توك ھاسىل قىلىشنىڭمۇ تەننەرقى خېلى يۇقىرى (چۈنكى ناھايتى كۆپ قايتۇرغۇچى ئەينەكلەرنى تەڭلا قۇياشقا ماس قەدەملەشتۈرۈپ توغىرلاپ تۇرۇش مۇرەككەپ قۇرۇلما تەلەپ قىلىدۇ ).  
      يۇقارقى سەۋەپلەر تۈپەيلى قۇياش ئېنىرگىيىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇش ئىشى تەننەرقىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەپلىك سۇ ئېلىكتىر ياكى ئوت ئېلىكتىر ئىستانسسىلىرىدەك كەڭرى قوللىنىشقا ئېرىشەلمەي بەزى ئالاھىدە ساھەلەردە قوللىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

   قۇياقا ئاپتۇماتىك تۇغىرلاش ھازىر ئادەتتىكى بىر تېخنىكا ، ھەم تەننەرخىمۇ تۈۋەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 14:02:42

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-4 09:09 static/image/common/back.gif
سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ سۇ تىجەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ  ...

  سەئۇدىدا شۇنداق قىلىپ قىسقا مۇددەتتە داۋاملىق نەمدەپ تۇرۇرمىسا بولمايدۇ. بۇ يەرلەردىكىدەك كۆپ سۇغارسا قۇمغا سىڭىپ تۈگەيدۇ...

MASTANA907 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 20:06:11

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-01-04 08:59:54 static/image/common/back.gif
يېقىندا ئاپتونۇم رايۇندا سۇ باھا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرى
ئۆرلىسە خۇش بولامسىز؟   بىش دىھقانلاغا تەس ئەينا :curse::$:sleepy:

MASTANA907 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 20:10:37

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-01-04 08:59:54 static/image/common/back.gif
يېقىندا ئاپتونۇم رايۇندا سۇ باھا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرى
دىمەك ئۇزۇنغا قالماي دىھقانلانىڭ زامانىۋىلىشىش سۈرئىتى تىز بولىدىكەندە

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 08:45:34

MASTANA907 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-4 20:06 static/image/common/back.gif
ئۆرلىسە خۇش بولامسىز؟   بىش دىھقانلاغا تەس ئەينا : ...

ھازىر دۆلىتىمىزدە شەھەرلىشىش تېز سۈرئەت بىلەن راۋاجلىنىۋاتىدۇ، جەبۇنى شىنجاڭنىڭ ئېچىلىۋاتقان يەرلەر (مۇتلەق كۆپ قىسمى نەچچە يۈز يىلدا ئاران شەكىللىنىدىغان يەر ئاستى سۈيىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ) بۇنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا بولغان تەسىرى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا،  ھەر يىلى يۈز بېرىدىغان  قۇم بوران ئاپىتىنى ئەسلەپ قويىلى .شۇڭا دېھقانلارنى ئىلاج قىلىپ شەھەرلەشتۈرۈش (ياكى يۆتكەپ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ) بېيىتىش يېڭى بىر چىقىش يولى بولماقتا. كۆلەملەشمىگەن، تېخنىكا ئىشلىتىلمىگەن قالاق دېھقانچىلىق ھازىر تۇخۇم تۇغماس توخۇدەك بولۇپ قالدى، سېلىنما ( سۇ، ئوغۇت، يالتىراق يوپۇق،،،)ھەر يىلى سېلىنىۋاتىدۇ، بىراق باي بولغانلار قانچىلىك؟ بىر مو يەردىن نەچچە يۈز يۈەن پايدا كىلىدىغان بۇنداق دىھقانچىلىقنى قىلمىغان تۈزۈك . شۇڭا دېھقان ياشلار تېخنىكا ئۈگۈنۈپ بازارغا كىرىپ شەھەرگە سىڭىشى، شەھەرلىك كىشىلەردىن بولۇشى كىرەك، شەھەرنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەتلىرىدىن دېھقانلارمۇ پايدىلىنىش كىرەك( مەسىلەن: داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، بالىلارنىڭ ئوقۇشى ..) ،  شۇ چاغدا ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.
يېقىنقى ئىسلاھاتتا يەر تېرىيالايدىغانلار كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىپ ، نەچچە ئون مو يېرى بارلار ئاستا يەرنى سېتىپ شەھەرگە يۈرۈش قىلسۇن ياكى 3- كەسپ بىلەن شۇغۇللانسۇن دىگەن كۆرسەتمىنى بەكراق تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا دېھقانلارمۇ باي بولسۇن دىسەك ، كوپوراتىىپلىق شەكىلدىكى  تېرىقچىلىق گورۇھىنى شەكىللەندۈرۈشى كىرەك،

sodigar10 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 12:47:06

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 08:45 static/image/common/back.gif
ھازىر دۆلىتىمىزدە شەھەرلىشىش تېز سۈرئەت بىلەن راۋاجل ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار زىرائەتنى تېمىتىپ سۇغۇرۇش ئۈسكىنىسى دىگەن نەرسىلەر ئۇنچە قىممەتمۇ ئەمەس بىز نىڭ بۇ يەردە تېمىتىپ سۇغۇرۇش باشلانغىلى 12 يىلدەك بوپتۇ  بىرمويەرگە ھازىرقى باھا شارائىتىدا 500 كوي ئەتىراپىداكىتىدۇ ئۈستى تەرەپتىكى رەسىمدىكى قىزىل رەڭلىك ئۈسكىنىنىمۇ 6500كوي ئەتىراپىدا ئالىدۇ. مەھسۇلات مەسىلىسىگە كەلسەك كىۋەز تېرىغان يەردە تېمىتىپ سۇغۇرۇپ باشقۇرغان بىلەن ئېرىقتىن سۇ غۇررۇپ باشقۇرغاننىڭ ئارىسىدا 100 كىلو پاختا يۇقۇرى چىقىدۇ .جاپاسىمۇ ئاز  .چىلانلىق باغلارغا كەلسەك تېمىتىپ سۇغارغان يەرنىڭ مەھسۇلاتىمۇ خېلى كۆپ ھەم سۈپىتى بەك ياخشى بۇلىدۇ دىمەك يۇقىرى باھادا ھەيكىلى بۇلىدۇ ئشقىلىپ دەپ كەلسەك پايدىلىق تەرىپى خېلى كۆپ 500-600كوي چىقىم باشتا ئىشنى باشلىغاندا بىر قىتىملام كىتىدۇ كىيىنكى يىللىرىدىن باشلاپ150 كوي ئەتىراپىدا كىتىدۇ.
بۇ يېزىگىلىك 14-دىۋىزىيە 47-تۈۋەندىكى ئەمەلىي ئىشلار مۇبالىغە ئەمەس.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 13:51:01

زامانىۋىلىشى، شەھەرلىشىشى، سۇ تېجەش توغرىسىدىكى بۇ سەپسەتىڭىزنى دىھقانلارغا دىمەي جاڭگالدا نەچچە مىڭ مو يەر ئېچىپ تېرىيدىغان خوجايىنلارغا دەڭ،

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 15:27:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 15:52  

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-1-4 13:58 static/image/common/back.gif
قۇياش نۇرىنىڭ ئىسسىقلىقىدىن بىۋاستە پايدىلىنىپ  ئىسسى ...


مەن 2006-يىللاردا بىر لاھىيە تۈزگەن، ئۆيلەردىكى پارغا ئۇلاپ قويسا پاردىكى ئىسسىقلىقنى ئۆيگە تارقىتىدىغان رادىئاتور ئۇتتۇرسىدا ئىنىرگىيە ئايرىۋالىدىغان نەرسە ياساپ كەشپىيات پاتىنتى ئالماقچى بۇلۇپ تەييارلانغان ئىدىم. ئۇنىڭغا يىڭىدىن ئىككى خىل يىڭىلىق يارىتىپ بىرلەشتۈرۈپ پايدىلانماقچى بولغان. ئالدى بىلەن قۇياش ئىنىرگىيسىدىن ۋە تارقاق ئۆيلەردە كۈمۈر كۆيدۈرىدىغان ئۇچاققا ئىشلىتىدىغىنىنى ياساپ چىقماقچىتىم. ئۇنىڭدا ئىسسىنىشتا كۆيدۈرىدىغان كۈمۈر مىقتارى ئۆزگەرمەيدۇ، ئەمما توكقا ئېرىشىۋالىمىز. بۇ بىر ماتورغا ئۇخشايدىغان قۇرۇلما بۇلۇپ، ئادەتتىكى ئىسسىقلىقنى بىۋاستە ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدىغان ئۈنىمى تۈۋەن چاپلىما ياپراقچىگە ئۇخشىمايدۇ.   بەكمۇ ئەپسۇس، ئۆز ۋاقتىدا ئىقتىسادىي شارائىتىڭىز يار بەرگەن بولسا ئائىلىدىكى مەشتىن  توك چىقىرىدىغان ئۈسكۈنىنىڭ پاتېنتىنى سىز ئالاتتىڭىزكەن، مانا ئەمدى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۈسكۈنىلەر خىېلى كۆپىيىپ قاپتۇمۇ نىمە. ماۋۇ رەسىملەردىكىسى خېلى بوپ قويىدىكەن  
      ئۈستىدىكىسى دالا ساياھىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئوتۇن قالاپ توك چىقىرىدىغان ئوچاقكەن، چاي قاينىتىشقا بولىدىكەن. ئاۋۇ ئىستاكانمۇ چاينى ئىسسىق ساقلاش بىلەن بىرگە قوشۇمچە توك چىقىرىدىكەن. ئاۋۇ چوڭ تىپتىكى جاھازىلىقى كۈن نۇرىنىڭ ئىسسىقلىقىدىن بىۋاستە پايدىلىنىپ تىمپىراتورا پەرقىدىن توك چىقىرىش ئۈسكۈنىسىكەن. (温差发电) دەپ ئىزدەپ باقسىاق بۇ ھەقتىكى قۇرۇلمىلار خېلى كۆپكەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 16:02:27

تېمپىراتورا پەرقىدىن توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى بەك تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى باھاسىمۇ خېلىلا قىممەتكەن. مەسىلەن توك چىقىرىدىغان ئىستاكاننىڭ باھاسىمۇ ئىككى يۈز نەچچە سومدىن تارتىپ مىڭ نەچچە يۈز سومغىچە ئىكەن. قالغانلىرىنىڭمۇ قانچىلىك قىممەتلىكىنى مۆلچەرلىمەك تەس ئەمەس. سودا تور بەتلىرىدىن ئىزدىسەك تولىسى بەك قىممەتكەن.  

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 16:35:08

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-1-4 13:58 static/image/common/back.gif
قۇياش نۇرىنىڭ ئىسسىقلىقىدىن بىۋاستە پايدىلىنىپ  ئىسسى ...

  قۇياشقا ئاپتۇماتىك تۇغىرلاش ھازىر ئادەتتىكى بىر تېخنىكا ، ھەم تەننەرخىمۇ تۈۋەن.  سىز دىگەن ئۇ قۇياشقا ئاپتوماتىك توغۇرىلاش ئۈسكۈنىسى يەككە قۇياش ئوچىقىغا ماس كېلىدىكە. چۈنكى يەككە گەۋدىلىك نۇر يىغىش ئەينىكىنىڭ فوكۇس نوقتىسى ئەينەك گەۋدىسى بىلەن بىر تۇتاش بولۇپ قايتۇرغۇچ ئەينەكلەرنىڭ قۇياشقا بېقىپ ئايلاندۇرۇلىشى بىلەن بىرگە فوكۇس نوقتىسىمۇ تەڭ قەدەمدە يۆتكۈلۈپ، قايتقان نۇرنىڭ داۋاملىق ھالدا فوكۇس نوقتىسىغىلا يىغىلىشى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.تۆۋەندىكى رەسىملاردىكىلەر مۇشۇ تۈرگە تەۋە:  
    ئەمما يۇقۇرقى تىپتىكىدەك فوكۇس نوقتىسى ئەينەك گەۋدىسى بىلەن بىر گەۋدە بولغان نۇر يىغقۇچنى چوڭ كۆلەمدە قىلىپ پايدىلىنىش قولايسىز ھەم قۇرۇلمىسى بەك كېلەڭسىز بولىدىغان بولغاچقا، ناھايتى كەڭرى مەيداندا ئىنتايىن كۆپ پارچە ئەينەكلەردىن پايدىلىنىپ مەيدان ئوتتۇرىسىدىكى پارقازان مۇنارىغا قۇياش نۇرىنى يىغىپ چۈشۈرۈشتە ھەر بىر ئەينەكنى دائىم قۇياشقا ھەم پار قازانغا بىرلا ۋاقىتتا توغۇرلاشتا سىز دىگەن قۇرۇلما ماس كەلمەيدۇ .    چۈنكى سىز تونۇشتۇرغان قۇرۇلما پەقەت ھەر بىر ئەينەكنى داۋاملىق قۇياشقىلا توغىرلىيالايدۇ، ئەمما ئۇ تەكشى ئەينەكلەرنىڭ قايتۇرغان نۇرىنىڭ يۆنۈلۈشى قۇياشقا بېقىپ داۋاملىق ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا چوڭ مۇنار ئۈستىگە ئىزچىل ھالدا قايتقان نۇر چۈشۈپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇرەككەپ تىزگىلىنىدىغان قۇرۇلما كېتىدۇ.
بەت: [1] 2
: سۇ تىجەيدىغان ۋاقتىمىز كەلمىدىمۇ