ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 17:14:52

يەر سۇغۇرۇش توغۇرلۇق بىلمەيمەن.بايئوماس ئىنىرگىيىسى مىنىڭ كەسپىم.
جىممىتىلا كەسپى پاراڭغا چۈشۈپ كەتسەم بۇ تېمىدىكىلەر قېچىپ كىتەرمۇ:lol
ياغاچنى بىۋاستە كۆيدۈرسە بولىدۇ.ئەمما ياغاچنىڭ ئىنىرگىيە زىچلىقى تۈۋەن،سۇ مىقتارى يۇقىرى.......يەنە خىلور....... دىگەندەك يەرلىرى بار.شۇڭا بىرەر يېزىنى تەمىنلىيەلەيدىغان كىچىك تىپتىكى ئىلىكتىر ئىستانسىلىرىغا ماس كىلىدۇ.چوڭ تىپتىكى ئوت ئىلىكتىر ئىستانسىلىرىنى ھازىرغىچە قۇرۇپ بولالمايۋاتىدۇ.بىرەر ناھىيەنى توك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن نەچچە ئون يەرگە ئىلىكتىر ئىستانسى قۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ.مۇھىت نۇقتىسىدىن قارىغاندا كىچىك تىپتىكى ئەسلىھەگە قارىغاندىمۇ چوڭ تىپتىكى ئەسلىھەلەرنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.........
شۇڭا بۇ ئىنىرگىيە بىلەن ياماق ياماشقا بولىدۇ.چوڭ ۋەزىپىنىڭ ھۆددسىدىن چىقىپ بولالمايدۇ:)

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 17:41:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 17:42  

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 17:14 static/image/common/back.gif
يەر سۇغۇرۇش توغۇرلۇق بىلمەيمەن.بايئوماس ئىنىرگىيىسى م ...

بايئوماس ئىنىرگىيىسى مىنىڭ كەسپىم.
جىمجىتىلا كەسپى پاراڭغا چۈشۈپ كەتسەم بۇ تېمىدىكىلەر قېچىپ كىتەرمۇ     يوغىسۇ زىيالىي ئەپەندىم، ھەرگىز قېچىپ كەتمەيمىز... بۇ تېمىنى شۇ سىزدەك كەسپىي زىيالىيلىرىمىز قىممەتلىك بىلىم-چۈشەنچىلىرى بىلەن بېيىتىپ بېرەمدىكى دەپ يوللايمىز... ياخشى پىكىرلەر چۈشۈۋاتىدۇ. داۋاملىق ئوبدان پىكىر قاتناشتۇرۇپ كەسپىي جەھەتتە يول كۆرسىتىپ تۇرغايسىز.
      ھە راست،  سىلەرنىڭ ياپوندا دېڭىز يۈزىدە لەيلەپ تۇرىدىغان لەيلىمە ئېتىزلاردا تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئىشلارمۇ باركەن دەپ ئاڭلىۋىدىم راستمۇ؟ ئەگەر راست شۇنداق ئىش بولسا رەسىملىرىنى يوللاپ قويۇڭە.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 18:28:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 18:36  

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 17:14 static/image/common/back.gif
يەر سۇغۇرۇش توغۇرلۇق بىلمەيمەن.بايئوماس ئىنىرگىيىسى م ...

ياغاچنى بىۋاستە كۆيدۈرسە بولىدۇ.ئەمما ياغاچنىڭ ئىنىرگىيە زىچلىقى تۈۋەن،سۇ مىقتارى يۇقىرى.......يەنە خىلور....... دىگەندەك يەرلىرى بار      ئۇنىسى راست، لىكىن ياغاچ ماتىريال قالدۇقلىرى ياكى شاخ-شۇمبىلارنى يۇقىرى بېسىمدا پىرىسلاپ كۆمۈردەك قاتتىق يېقىلغۇغا ئايلاندۇرىدىغان ئۈسكۈنىلەرمۇ خېلى كۆپكەن، ئېنىرگىيە زىچلىقى تۆۋەن بولسىمۇ مۇھىت بۇلغىمايدۇ، باھاسى تۆۋەن، (يۇرتلىرىمىزدىكى كېۋەز شادىسى، ئاپتاپپەرەس شېخى ياكى قوناق شاخلىرىنى بەكمۇ ئەرزانلا باھادا سېتىۋالغىلى بولىدۇ  ھەتتا بىكارغىلا بېرىۋېتىدىغان يەرمۇ بار ) ماۋۇ رەسىمدىكىدەك ئېتىزدىلا پىرىسلاش ماشنىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ .  خىلورنىڭ گېپىنى قىپ قالدىڭىز،  مەن ياغاچ ماتىرىياللىرى كۆيگەندە خىلور گازى پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز...(خىمىيىلىك تەڭلىمىسى بىلەن-ھە)   سىزدەك خىمىيە ئوقۇغانلار بىلىدۇكى خىلور گازى ئۆتكۈر زەھەرلىك گاز بولغاچقا ئوتۇن قالايدىغانلار تىرىك قالمىغان بولاتتى...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 19:39:23

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 18:28 static/image/common/back.gif
ئۇنىسى راست، لىكىن ياغاچ ماتىريال قالدۇقلىرى ياكى ...

مەن بىئولوگىيە بىلمەيمەن دىگەن گەپنى بەك تولا دەپ كەتتىم:lol
نەدىن كەپ قالغان خىلور،ئىزدەپ باقاي:lol
ئەمما ئۈزەمنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا دەرەخنىڭ يۇپۇرمىقىدا مەلۇم مىقتاردا خىلور بولىدىكەن.خىلور گازى ئۇچاقنى كاردىن چىقىرىدۇ.
ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئوت ئىلىكتىر ئۇچاقلىرى كۈمۈر كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ياسالغان.كۈمۈرنىڭ كاربون مىقتارى ئادەتتە ناچاراقلىرىنىڭ 70% ياخشىراقلىرىنىڭ 90 پىرسەنىتتىن يۇقىرى بولىدۇ.ئەمما دەل دەرەخلەرنىڭ كاربون مىقتارى قۇرۇق ھالەتتە 40 پىرسەنت ئەتراپىدا.ئادەتتە ئىسسىقلىق مىقتارىنى ھىساپلىساق،ياغاچنىڭ ئىسسىقلىق مىقتارى كۈمۈرنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە تۈۋەن بولىدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇپ ياغاچنى قۇرۇتقان تەقدىردىمۇ 10-15% ئەتراپىدا سۇ مىقتارى بولىدۇ.سۇ مىقتارىنىڭ يۇقىرى بولىشى ئۇچاق تىمپىراتورىسىنىڭ تۈۋەن بولىشىغا سەۋەپ بولۇپ ئىنىرگىيە ئۈنۈمىنى تۈۋەنلىتىۋېتىدۇ.
يەنە بىر ئەڭ چوڭ سەۋەپ،تەركىبى كۈمۈرگە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر تۈۋەن دەرىجىلىك ئورگانىك ماددا بولۇپ بولۇپ،بىر قەدەر تۈۋەن ئىسىقتا پارچىلىنىدىغان بولغاچقا تۇلۇق كۆيمەسلىكىنىڭ(ئىسقا قارىتىلغان) سەۋەبى بوپ قالىدۇ.تۇلۇق كۆيمىدى دىگەنلىك بىز ئەسلى كاربون تۆت ئوكسىدىنى قۇياش نۇرى بىلەن سىنتىزلاپ دەرخ قىلغان،دەرەخنى كۆيدۈرسەك كاربون4 ئوكسىد بولىدۇ دەيدىغان ئايلانما  خىيالىمىزغا كۆپ چىكىت ئۇرۇپ قويىدۇ.

يەنە بىر گەپ
شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالىدىن قارىغاندا يىلىغا بىريېرىم ياكى ئىككى قېتىم ھوسۇل يىغىش مومكىن.بۇنچىلىك مىقتار ئېنىقكى بىر يىللىق كۆيدۈرۈشكە يەتمەيدۇ.ئۇنىڭغا قارىغاندا قوي كالىلارغا يەم خەشەك قىلىپ ئاشقىنىنى كۈمۈرگە قوشۇمچە ئىشلىتىش تېخىمۇ ئاقىلانىلىك.....
ياماق ياماش دىگىنىم مۇشۇ يەرگە قارىتىلغان ئىدى.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 19:40:51

خىلور گازى ئاز مىقتاردا بولسا بەك تەسىر قىىپ كەتمەيدۇ.
ئەمما توك ئىلىكتىر ئىستانسى قۇرۇپ ياغاچنى گۈلدۈرلەپ كۆيدەگىلى تۇرسىڭىز،ئېنىق چاتاق چىقىدۇ.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 20:26:15

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 19:39 static/image/common/back.gif
مەن بىئولوگىيە بىلمەيمەن دىگەن گەپنى بەك تولا دەپ كەت ...

   مەنغۇ ئېنگىلىزچە بىلمەيمەن، بىراق يېشىل ئۆسۈملۈكلەر تېنىدە كۆپ مىقداردا بولىدىغان خىلوروفىل بىلەن خىلور ئېلمىنتى  ئككىسى ئىككى ئۇقۇم دەپ چۈشىنىمەنغۇ... ئاڭلىشىمچە ئېنگىلىزچە chlor دىگەن سۆز گىرىك تىلىدىكى يېشىل دىگەن سۆزدىن كەلگەنكەن، خىلور گازى دەسلەپ ئايرىۋېلىنغاندا ئۇنىڭ يېشىل رەڭلىك ئىكەنلىكىگە ئاساسەن خىلور دەپ ئاتالغانكەن.  ئۆسۈملۈكتىكى chloroplast دىگىنى رەڭگىنىڭ يېشىللىقىغا ئاساسەن شۇنداق ئاتالدىمىكىن...

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 21:10:16

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 19:39 static/image/common/back.gif
مەن بىئولوگىيە بىلمەيمەن دىگەن گەپنى بەك تولا دەپ كەت ...

   ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېقىلغۇلارنىڭ تولۇق كۆيمەي كاربون 2 ئوكسىدى پەيدا بولۇپ مۇھىقا تارقىلىپ  كېتىش  مەسىلىسى ئۇ يېقىلغۇلارنى گازلاشتۇرۇپ كۆيدۈرۈش ئارقىلىق تۈگىگىدەك. شاخ_شۇمبىلارنى گازلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۆپ مىقداردا مېتان، ئېتان، ھىدروگېىن ، كاربون 2 ئوكسىدى قاتارلىق كۆيۈشچان گازلار ھاسىل بولىدىكەن. قۇرۇلمىسىمۇ ئانچە مۇرەككەپ ئەمەسكەن. ھاسىل بولغان گازلار گاز ئوچىغىدا تولۇق كۆيەلەيدۇ.

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 23:09:50

    ئەگەر مېنىڭ كەسپىم تېرىقچىلىق ياكى باغۋەنچىلىك بولغىنىدا چوقۇم تېمىتىپ سۇغۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىپ ئاز سۇ بىلەن تېخىمۇ كۆپ يەرگە كۆچەت يېتىشتۈرۈپ كىرىمىمنى ئاشۇرغان بولاتتىم...ئەمما كەسپىم باشقا بولغىنى بىلەن يەنىلا سۇنى تىجەپ ئىشلىتىشكە سەل قارىمايمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 11:16:31

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 21:10 static/image/common/back.gif
ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېقىلغۇلارنىڭ تولۇق كۆيمەي كاربو ...

:handshake
مىنىڭ كەسپىم مۇشۇ يۈلىنىشتە

taqwa يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 09:16:06

     زىيالىي ئەپەندىممۇ بىلگەن بىلىملىرىنى مۇشۇنداق ئۆز كەسپىگە ئالاقىدار تېمىلارغا تاشلاپ، بىلىمخۇمار، بىلگەجان  تاشپولات روزى قاتارلىق ئالىملىرىمىزدەك خەلقىمىزگە تېگىشلىك نەپ بەرسە ھەممىمىز مىننەتدار بولاتتۇق...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 16:06:38

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 15:27 static/image/common/back.gif
بەكمۇ ئەپسۇس، ئۆز ۋاقتىدا ئىقتىسادىي شارائىتىڭىز ي ...

  پايدىلىنىش نىسبىتى ھەم تېخنىكىسى ئۇخشىمايدۇ. سىز كۆرسەتكەنلېرىدە نەچچە يۈز ۋات توك چىقىرىش ئۈچۈن ئاز دىگەندە 10 ھەسسە ئىنىرگىيە چىقىرىدىغان يىقىلغۇ تەلەپ قىلىدۇ. مىنىڭ دەۋاتقىنىم بولسا باشقا بىر گەپ...
  ھازىر قىلساممۇ پاتىنىت ئالىمەن ھەم ساتسام خېلى كۆپ پۇلغا يارايدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 16:13:01

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 16:35 static/image/common/back.gif
سىز دىگەن ئۇ قۇياشقا ئاپتوماتىك توغۇرىلاش ئۈسكۈنىسى ...

تۇغرا دەيسىز، بۇلۇڭلۇق قايتۇرغان نۇرنى يىغىپ پايدىلىنىدىغان بۇ قۇرۇلمىدا ھەر-بىر ئەينەكنىڭ قايتۇرۇش بۇلۇڭلېرىنى ھىساپلاپ كونتۇرول قىلىدۇ. بۇنى 85- يىللاردا روسيە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغانغۇ دەيمەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 16:16:51

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 16:02 static/image/common/back.gif
تېمپىراتورا پەرقىدىن توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئايل ...

ئۆزىڭىز ياسىۋالسىڭىز ئەرزان بۇلىدۇ. ئادەتتە ھازىر سۇ سۇۋۇتقۇچلۇق قايناقسۇ تەمىنلەيدىغان ئىشخانا ئەسلىھەلېرىدە شۇ ياپراقچە ئارقىلىق سۇنى سۇۋۇتىدۇ. سىز شۇنىڭ بىر يۈزىگە ئىسسىقلىق تەمىنلىسىڭىز بىر يۈزىنى سۇۋۇتسىڭىزلا توك چىقىدۇ. ھەم توپ ئالسىڭىز شۇ ياپراقچىمۇ 制冷片 بەك قىممەت ئەمەس...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 16:21:15

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-4 11:07 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ يۇرتلانىڭ كۆپىنچىسىدە ئانچە-مۇنچە سىناق نوقتا  ...

  تامچىلىتىپ سۇغىرىشمۇ ھەممە زىرائەتكە بۇلىۋەرمەسلىكى مومكىن. بەزى زىرائەتلەرنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر ئەمەس، بەزىلېرىنىڭ چوڭقۇرراق. مىسالەن بىزنىڭ ئۈزۈملېرىمىزنى پات-پات سۇغارسا ئۈزۈم ئۇزۇنغىچە كۈك تۇرۇپ قىلىپ پىشمايدۇ . شۇڭا خېلى سىناق قىلىپ ئاندىن يولغا قويمىسا زىيان تارتىپ قىلىشتىن قورقۇپ مەنمۇ قوللاپ كىتەلمەيمەن...
بەت: 1 [2]
: سۇ تىجەيدىغان ۋاقتىمىز كەلمىدىمۇ