[خەتلىك فىلىم] ئالەملىك تارتىشىش كۈچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-27 18:06فىلىم نامى: ئالەملىك تارتىشىش كۈچى
ئېنگىلىزچە نامى: Gravity
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2013-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: ۋەقەلىك / فانتازىيەلىك
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە
IMDB نومۇر: 8.0
رازمىرى: 720*1280 / 1080*1920
چوڭلىقى: 1.61GB / 2.4GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 01:30:58
رېژىسسور: Alfonso Cuarón
باش روللاردا: Sandra Bullock, George Clooney, Ed Harris
فىلىم ھەققىدە:
ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە، ئالەم ئۇچقۇچىسى مەت كوۋالىسكى بىلەن خىزمەتدېشى دوكتور رىيان ستون بۆلمە سىرتىغا چىقىپ تېلېسكوپ ئوڭشاۋاتقاندا، بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا رۇسىيەنىڭ سۈنئىي ھەمراھىغا تېگىپ كېتىپ، زەنجىرسىمان ھاسىل بولغان سۈنئىي ھەمراھ پارچىلىرى ئالەم كېمىسى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىدۇ، بۆلمە سىرتىدىكى بۇ ئىككى ئەيلەندىن باشقىلارنىڭ ھاممىسى قازا قىلىدۇ ھەمدە بۇلار ئالەم بوشلۇقىدا قېلىپ قالىدۇ، ئۇلار ھەرخىل ئاماللارنى قىلىپ يەرشارىغا قايتىپ كەلمەكچى بولىدۇ ۋە قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ...
بۇ فىلىم 86-نۆۋەتلىك ئوسكاردا «ئەڭ نادىر كۆرۈنمە ئۈنۈم» قاتارلىق 7 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، يىللىق ئەڭ نادىر فىلىم مۇكاپاتىغا نامى ئاتالغان.
كەسمە رەسىملەر:
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن ياكى بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.
قوشۇمچە:
بىر قىسىم تورداشلار تور بېكىتىمىزدىن فىلىملەرنى قانداق چۈشۈرۈدىغانلىقىنى ئۇقالماپتۇ، شۇڭا فىلىملەرنى قانداق چۈشۈرۈش توغرىسدا ياردەم تېمىسى ئاچتۇق، فىلىم چۈشۈرۈشنى ئۇقالمىغان تورداشلار بۇ بەتنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭلار.
باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچىلار سەمىگە:
چۈشۈرۈش ئادرېسى ئۈچۈن مەزكۇر فىلىمنىڭ تور بېكىتىمىزدىكى ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويغايسىزلەر، فىلىمگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگەرتىشلەر بولسا، فىلىمنى شۈنلېيدىن ئۆچۈرۈپ يېڭىسىنى چىقىرىمىز، بۇ سەۋەبتىن بىۋاستە يېزىپ قويۇلغان شۈنلېينىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىدىن چۈشۈرەلمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. « ئىككى ئەيلەندىن باشقىلارنىڭ ھاممىسى قازا قىلىدۇ» ...كۆۋرۈك خەتلىك فىلىملىرىدە « ئىككى ئەيلەن» ،« بىر ئەيلەن» دېگەن سۆزنى بىرقانچە قېتىم كۆرۈپ قالدىم، مۇشۇ « ئىككەيلەن، بىرەيلەن» بولۇشى كېرەكمۇ قانداق؟ ياكى يېڭى ئىملا قائىدىسىدە مۇشۇنداق ئېلىنامدۇ؟ قاسىم سىدىقمىكى دەپ قاپتىمە، فىزىكا تۇغرىسىدا گەپ بۇسا، قاسىم سىدىقنى ئسلەپ قالىدىكەن !
dadash يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 20:10 static/image/common/back.gif
« ئىككى ئەيلەندىن باشقىلارنىڭ ھاممىسى قازا قىلىدۇ» ...ك ...
بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلايلى.{:190:} بىرلا ئايال ھايات قايتىپ كېلەلەيدۇ. باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ:P «يۈكلەش مەغلۇب بولدى» دەپ چىقىۋالدىيا شۈنلىيدىن چۈشۈرسەم ئۇبدان چۈشۈۋاتىدىغۇ. ياخشى فىلىم . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-28 01:26
ئالەم بوشلىقىدا ،يەر شارى ئوربىتىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن دىئامىتىرى بىر سانتىمىتر كىلدىغان بىر پارچە مىتال پارچىسىنىڭ (ئالەم ئەخلىتى )،ۋەيران قىلىش كۈچى ،بىرتال چوڭ سىتولۋىلىق مىلتىقتىن ئېتىلغان ئوقنىڭ كۈچىگە تەڭ كىلىدىكەن ،بۇ ئىنسانلار ئادەتتە يەر شارى ئوربىيتىسىدا ئايلىنىپ يۈرگەن سۈنئىي ھەمرالار ،كىرەكتىن چىققاندىن كىيىن قايتۇرۇپ چۈشۈرۋالمامدىكەن؟ ياخشى كىنو ئىكەن ، بۇرۇن بىر زىرىكىشلىك كىنومىكىن دەپ كۆرمەپتىكەنمەن . ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم
بۇ فىلىمدە يەرشارىدىن خالىغانچە ئايرىلىپ ياشاش راستىنلا ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتقانلىقىغا باراۋەر ئىكەنلىگى ياخشى تەسۋېرلەنگەن . ئامرىكا زىيارەت فىلىمىنى يوللاپ قويسام تەستىقلىماپتۇ ،
ھەممە يەردە شۇ فىلىمنىڭ گىپى ئالامەت ماز ئىشلەپتۇ،
بىر ياقتىن كىنوخانىدا قويۇپ بىر ياقتىن تورغا چىقىرۋىتىشىدە مەسىلە بار ئۇلارنىڭ مەخسىتى پۇل تىپىش ئەمەس تارقىتىشكەن. kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 22:33 static/image/common/back.gif
بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلايلى.
تور بىكىتىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ۋە تەھرىرلەش قوراللىرىغا نىسبەتەن، ئەلكاتىپ يۇمشاق دىتاللىرى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولسۇن.
12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئىلان قىلماقچى بولغان ئۇيغۇر سوفىت كوررىكتورىنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى تور بىكىتىڭىزگە ۋە بارلىق كىنو تەرجىمە قىلغۇچىلارنىڭ بارلىق كومپىيۇتىرلىرىغا قاچىلاشنى باشلامچىلىق بىلەن ئۈستىڭىزگە ئىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن.
بارلىقىمىز؛ مىللىتىمىز ئۈچۈن بولسۇن. مەن بەيدۇ تور دىسكىسىغىلا يۆتكىۋالدىم، كەچتە ئۆيگە بارغاندا ئالدىرماي يان تىلىفۇندا كۆرىمەن.
چۈنكى: ئۆيۆمدە ھەقسىز ۋايفاي بار:lol بەك ياخشى كىنو بۇ كۆۋرۈك كىنو تورى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە .... ئاندروئىد نۇسخىسى قاچان ئىلان قىلىنىدۇ ؟
تەرجىمان ، تەھرىرلەرنىڭ نام شەرىپىنى قېتىپ قويساڭلار بولماسمۇ ؟
مۇشۇ توربىكەتنى مۇشۇ ھالەتكە ئەكىلىش ئۈچۈن قايسى باسقۇچلار بېسىپ ئۆتۈلدى ؟ قايسى تىللاردا يېزىلدى قانداق بىلىملەرگە ئىھتىياجلىق بولدۇڭلار ؟ ( پروگرامما ساھەسىگە ئازراق قىززىقىشىم بولغاچقا تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراۋاتىمەن ، جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ ..... ) bulaksuyi يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 20:21 static/image/common/back.gif
قاسىم سىدىقمىكى دەپ قاپتىمە، فىزىكا تۇغرىسىدا گەپ بۇس ...
ئىلىملىكلەرنى ھەر ۋاقىت ئەسلىگىنىڭىز ياخشى ئىش... isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 18:24 static/image/common/back.gif
كۆۋرۈك كىنو تورى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە .... ئاندروئىد نۇسخى ...
ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
Android نۇسخىسىنى يېزىشقا باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، پروگراممىر ئاغرىپ قالغاچقا ھازىرغىچە پۈتمىدى، لېكىن داۋامىنى پات ئارىدا چوقۇم قىلىمىز.
فىلىم تەرجىمىسى ئۈچۈن تەرجىمانلارغا ئازراق ھەق بەرگەنلىكىمىز ۋە بارلىق تەھرىرلىكنى ئۆزىمىز قىلغانلىقىمز ئۈچۈن پەقەت توربېكەت نامىنىلا قالدۇرۇپ ئېلان قىلىۋاتىمىز.
توربېكەتنى پىلانلاپ، كۆرۈنمە يۈزىنى لايىھىلەپ، بەت تىزىپ، پروگراممىسىنى يېزىپ، سىناق قىلىپ ئېلان قىلغۇچە تەخمىنەن بىر يىلدەك ۋاقىت كەتتى(ئىشتىن سىرت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن)، بۇلارنى ئايرىم-ئايرىم خادىملار قىلدۇق. توربېكەتنى Phpcms ئاساسىدا ئۆزىمىز مودۇل (模块) ئېچىپ يازغان، پروگرامما تىلى php. فىلىمنىغۇ ئوڭۇشلۇق چۈشىرىۋالدىم.لىكىن بىلمىدىم قويۇلۇش جەريانىدا ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىۋاتىدۇ.ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن يەرگە ئەكىلىپ قويساممۇ ۋاقىت مىڭىۋاتىدۇ لىكىن سۈرەت يوق ياكى قىتىپ قالغان ھالەتتە.يەنە جىجىلىپ كەتكەن دەيدەك كات كات قىلىپ قىتىۋاتىدۇ.بۇ قۇيغۇچنىڭ ئىشمدۇ؟كىم پىلەير بىلەن شۈنلىنىڭ قويغۇچىسىنى يەنە ۋىندوۋس 8نىڭ ئۆزىنىڭ قويغۇچىسىدىمۇ سىناپ باقتىم بولمىسا، كۆپ ئەجىر بىلەن روېاپقا چىقىپتۇ، قايىل مەن. شۇنداق بولسىمۇ تەرجىمان تەھرىر دىگەنلەرنىڭ نام شەرپىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار، بىز كۆڭلىمىزدە بولسىمۇ ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرسەك (مەسىلەن ھىندىستان فىلىملىرىنى سۈپەتلبك تەرجىمە قىلىدىغان قېرىندىشىمىزدىن ئەركان، ياپون كارتونلىرىدىن شەمسى دىگەندەك) دىگەن قاراشتا.
ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە داۋاملىشامدۇ... ئەمدى سىلەر ھەق بىرىپ تەرجىمە قىلدۇرۇپ ھەقسىز تارقاتساڭلار تور بەت ئۆزىنى قامدىيالامدۇ ..... ياكى توربەتنى تونۇتۇش ئۈچۈن قىلىنغان ۋاقىتلىق تۈرمۇ؟
بەت:
[1]
2