kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 23:00:19

ھەق بەرمىسەكمۇ بەزى تورداشلار فىلىم تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىۋاتىدۇ، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت، بۇنداق فىلىملەرگە ئەلۋەتتە تەرجىماننىڭ ئىسمىنى يازماقچى ئېدۇق، ئەمما تەرجىمە سۈپىتى تۆۋەن، خاتا تەرجىمە بەك كۆپ بولغاچقا ئۇ فىلىملەرنى ئېلان قىلمىدۇق، بەزى فىلىملەرنى تەرجىمان بىزنىڭ نامىمىزدا ئېلان قىلىشنى ئېيتقاچقا، تەرجىماننىڭ نامىنى يازمىدۇق، مەسىلەن مۇشۇ فىلىم.
تەرجىمە ئىشلىرى داۋاملىق بولىدۇ. كىرىم ھازىرچە نۆۋەتتىكى چىقىملارنى قامدايدۇ.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 23:00:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 23:02  

ئوخشاش ئىنكاس ئارتۇق يوللىنىپ كېتىپتۇ

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 23:32:37

نەۋاخ مۇشۇ فىلىمگە ساقلاپ كېلىۋاتقىلى ھەجەپمۇ تەستە چىقتى
رەھمەت سىزگە

freeman312 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 03:47:42

bulaksuyi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 20:21 static/image/common/back.gif
قاسىم سىدىقمىكى دەپ قاپتىمە، فىزىكا تۇغرىسىدا گەپ بۇس ...

ھا ھا .....     :victory: ;P :loveliness:

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 10:13:18

كۆۋرۈكنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملىرىنى كۆرمەس بولدۇم، خەتلىرى بەك كىچىك، كۆزنىڭ يېغىنى يەپ كېتىدىكەن،   قۇتيار، ئاقبۈركۈت قاتارلىقلارنىڭ يامان ئەمەس ئىدى .

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 14:24:10

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 10:13 static/image/common/back.gif
كۆۋرۈكنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملىرىنى كۆرمەس بولدۇم،  ...

نەدىكىنى ،  خەتلىرى شۇنداق ئۆلچەملىكقۇ ،  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان  «  تارتىش كۈچى »  دىگەن كىنونىڭ خەتلىرى بەكلا ئۆلچەملىكقۇ ، چوڭلۇغى بۇنىڭدىن چوڭ بولۇپ كەتسە مۇۋاپىق بولمايدۇ .   رەڭنىڭ تەڭشىلىشى ، خەتنىڭ چوڭ كىچىكلىگى ، ھەم ئىشلىتىلگەن فونت قاتارلىقلارنى شۇنداق ياقتۇردۇم ،   بولسىغۇ كۆۋرۈك تورى خەت ھۆججىتىنى ئايرىم تەمىنلىگەن بولسا ئۆزىمىز خالىغانچە تەڭشەپ كۆرسەك ياخشى بولىتى .  لېكىن كۆپىنچە ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گورۇپپىلىرى خەت ھۆججىتىنى ئايرىم تەمىنلىمەيدۇ .  
قۇتيار قاتارلىق بۇ ساھەدىكى كونا ، تەجىرىبىلىك گورۇپپىلار ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلىرىنى توختاتتى ،  ئۇنىڭدىن باشقا بىر نەچچە گورۇپپىلار يوقاپ كەتتى ،  قالغان بىر نەچچە تور بەتلەردىمۇ يڭى فىلىملەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بەك ئاستا .  ھازىر كۆۋرۈك تورى ئەڭ ياخشىسى بولۇپ قالدى .  تەرجىمىلىرى سۈپەتلىك ، سۈزۈكلۈگى يۇقىرى ،  ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرجىمە قىلىۋاتقان فىلىملەر بىر - بىرىدىن نوچى .   كۆۋرۈكنىڭ تېخىمۇ راۋاج تېپىشىنى ئۆمىد قىلىمەن  .   مومكىن بولسا فىلىملەرنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈزۈكلۈكتە كىرىشتۈرسەڭلەر ياخشى بولىتى . ھازىر تور سۈرئېتى ياخشى بولغاندىكىن 5GB  لىق فلىملەرنى چۈشۈرۈشكىمۇ كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ .

سوراپ باقسام ، " ئاننا كارېنىنا " پىلانىڭلاردا بارمۇ ؟

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 15:03:36

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 14:24 static/image/common/back.gif
نەدىكىنى ،  خەتلىرى شۇنداق ئۆلچەملىكقۇ ،  بۇ قېتىم ئېل ...

2012-يىلى ئىشلەنگەن «ئاننا كارېننا» نىڭ ئېرىشكەن باھاسى سەل تۆۋەن ئىكەنتۇق، شۇڭا پىلانغا ئالمىغان.

boghlan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 17:37:16

مەنمۇ بىر تەرجىمان بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر تەكلىپ ئەتسەم:
كۆۋرۈك تورىنىڭ فىلىملىرىنىڭ تەرجىمىسى بەك ياخشى چىقىۋاتىدۇ، ئەمما ئىملا جەھەتتە مەسىلە سەل ئېغىر، ئەلۋەتتە بىر كىنونى تەرجىمە قىلىپ، تەھرىرلەپ روياپقا چىقارماق ئاسان ئەمەس، شەخسەن مەن قىلىپ باققاچقا چۈشىنىمەن. شۇنداقمۇ تارتقان جاپاغا يارىشا كىنونى پىرىسلاشتۇرۇن بۇرۇن ئىملانى ئۇيغۇر ئېدىت ياكى بۈگۈن ئېلان قىلىنىپ ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن ئۇيغۇر سوفت ئەل كوررېكتوردىن بىر ئۆتكۈزىۋېتىپ ئاندىن پىرىسلىغان بولساڭلار ... :)

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 18:19:33

boghlan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 17:37 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بىر تەرجىمان بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر تەكلىپ ئەتسە ...

پىرىسلاشتىن بۇرۇن چوقۇم ئىملا تەكشۈرىمىز، يۇمشاق دېتال بايقىمىغان خاتالىقلارنى بىز تاساددىپىي بايقاپ قالمىساق، بايقاش ئاسان ئەمەس ئىكەن، ئەمما تېخىمۇ تىرىشىمىز، تەكلىپىڭىزگە رەھمەت.

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 18:22:57

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 10:23 static/image/common/back.gif
ئامرىكا زىيارەت فىلىمىنى يوللاپ قويسام تەستىقلىماپتۇ  ...

نەگە يوللىغان    كۆۋرۈككىما  ؟      كۆرۈش ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويىڭە ياكى چۈشۈرۈش ئادىرسىنى . بىر كۆرۈپ باققىم بار شۇ كىنونى :lol

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 18:25:54

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 15:03 static/image/common/back.gif
2012-يىلى ئىشلەنگەن «ئاننا كارېننا» نىڭ ئېرىشكەن باھاس ...

زىيارەت   فىلىمىنى پىلانغا ئالساڭلا قانداق بولا :o        كۆرۈرمىنى چوقۇم جىق بولغان بولاتتى  :)

قوللايدىغانلار ئاۋاز قوشۇڭلا     خەتلىكى چىقىپ قالا ھېچ بولمىسا ;P

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 19:44:05

XXXXYXXXX يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 18:25 static/image/common/back.gif
زىيارەت   فىلىمىنى پىلانغا ئالساڭلا قانداق بولا          ...

ئۇ فىلىمدە سەت گەپ ۋە سەت قىلىقلار سەل جىق ئىكەن.

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 21:09:40

oliver twist مۇ تەرجىمە قىلىشقا ئەرزىيدىغان كىنو.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 21:57:49

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 19:44 static/image/common/back.gif
ئۇ فىلىمدە سەت گەپ ۋە سەت قىلىقلار سەل جىق ئىكەن.

سەت قىلىقلارنى كىسىۋېتىپ ياكى قاردىتىۋېتىپ قىلسىچۇ.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 21:59:54

Oliver twist پىلاندا بار.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 18:47:53

XXXXYXXXX يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 18:22 static/image/common/back.gif
نەگە يوللىغان    كۆۋرۈككىما  ؟      كۆرۈش ئادىرسىنى قالد ...

25چىسىلا ئامرىكا قويلىشقا باشلاپ شۇ كۇنىلا تورغا يوللاندى ،ب د ئۇرىقىنى شۇنلىدە چۇشۇرۇپ كۆردۇم خەنزۇچە خەتلىك تىخى قىلمىغان ئىدى .تۇنۇگۇن خەنزۇچە خەتلىك قىلىپ ئىلان قىلىپتۇ.لىكىن كۆرمىدىم ئالامەت ماز فىلىم .
يىڭى يىلدىكى ئەڭ ناچار فىلىم باھالىنىشتا 100پىرسەنت گەپ يوق.
ئاساسلىق مەخسىتى پۇل تىپىش ئەمەس بەلكى پۇتۇن دۇنياغا تىز تارقىتىش ئىكەن ئۇ فىلىمگە پۇل خەجلەپ كۆرگەن ئادەمنىڭمۇ پۇلغا ئىچى ئاچچىق بولىدۇ.شۇڭا تىزلا ئەسلى نۇسقىسىنى تورغا تارقىتىۋەتتى.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 18:49:15

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 19:44 static/image/common/back.gif
ئۇ فىلىمدە سەت گەپ ۋە سەت قىلىقلار سەل جىق ئىكەن.

جىقكەن ئەمەس  ھەممىسى  شۇنداق تىتىقسىز گەپ بىر ئىغىز ساغلام سۆز يوق.

xahriyar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 11:57:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahriyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 12:01  

قوشۇمچە:
بىر قىسىم تورداشلار تور بېكىتىمىزدىن فىلىملەرنى قانداق چۈشۈرۈدىغانلىقىنى ئۇقالماپتۇ، شۇڭا فىلىملەرنى قانداق چۈشۈرۈش توغرىسدا ياردەم تېمىسى ئاچتۇق، فىلىم چۈشۈرۈشنى ئۇقالمىغان تورداشلار بۇ بەتنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭلار.



[چۈشۈرىمەن] دىگەن خەتنى باسسام ، بەيدۇ تور دىسكىسىنىڭ يانفون نۇسخىسى ئېچىلىدۇ ، « كومپيۇتېر نۇسخىسى » دىگەن خەتتىن باشقا ھېچيېرى چېكىلمەيدۇ . كومپيۇتېر نۇسخىسىغا ئالماشتۇرسام باش بەتكە قايتىپ كېتىدۇ . ھېچقانداق كىنونى چۈشۈرۈش مۇمكىن بولمىدى . مېنىڭ سېستىمامدىكى كاشىلىمىدۇ  ؟ {:103:} {:114:}

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:41:20

xahriyar يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 11:57 static/image/common/back.gif
[چۈشۈرىمەن] دىگەن خەتنى باسسام ، بەيدۇ تور دىسكىسىنى ...

بەيدۇ تور دېسكىسىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى شىنجاڭدا ئېچىلمايدۇ، پەقەت يانفون نۇسخىسىلا ئېچىلىدۇ، بۇ ئېچىلغان بەتتىن سول تەرەپتىكى بەيدۇ تور دېسكىسىغا ساقلايمەن(保存到百度云) دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، تور دېسىكىڭىزغا ساقلىۋېلىڭ، ئاندىن بەيدۇ تور دېسكا باشقۇرغۇچ (百度云管家) نى كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلاپ، ساقلىۋالغان فىلىملەرنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:10:29

ۋەقەلىكى مۇشۇ كىنودىكىگە ئوخشاپ كىتىدىغان بىر ئۇيۇن بار، يانفۇنغا قاچىلاپ ئوينەيدىغان، ئۇ ئۇيۇننىڭ ئىسمى  地心引力   ,  
بەت: 1 [2]
: [خەتلىك فىلىم] ئالەملىك تارتىشىش كۈچى