orkesh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 16:34:07

قىينچىقىلىقى بارلارغا ياردەم قىلماقچى ئىدىم

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلار،ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ مەن ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ قويساڭلار:
نەق گەپكە كەلسەك،2014-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىككى دوستۇم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ،ئىئانە توپلاپ ئوقۇشقا ياردەم بىرىش ئەترىتى قۇرغان،بىزدە ھېچقانداق پىلان،لاھىيە يوق ئىدى،پەقەت 100يۈەندىن ئەزالىق پۇلى چىقىرايلى،بۇندىن كىيىن ئايدا 50يۈەندىن يىغىپ ،ئىئانە توپلايلى دىيىشىپلا باشلىدۇق،ھازىر ئەترىتىمىزنىڭ ئەزاسى 35نەپەر،يىغىلغان ئىئانە پۇلى 3ئايدا ئالتە مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل بوپتۇ.
دوسلاردىن ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولغان ئىش-1.مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پايدىلنىش ماتىرىيالى بولسا يوللاپ بەرسەڭلار،خىزمەت پىلانى، خەيىر-ساخاۋەت پائالىيەت پىلانى،ئەترەتنىڭ تەشۋىقات ماتىرىيالى دىگەندەك
2.مۇشۇ قىلغىنىم بوپتۇمۇ؟قانداق قىلسام تېخىمۇ ياخشى قىلالايمەن؟
3.بىز ھازىر پەقەت ئىئانىلا يىغىۋاتىمىز،پەقەت پۇل چىقىم قىلىپ باقمىدىم،پىلانىمدا 2-15-يىلى 9-ئايغىچە 20000يۈەن راسلاپ قىيچىلىقى بار،ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن 4نەپەر بالىنىڭ ئوقۇشىنى ئۈستۈمگە ئالماقچى.
تورداشلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ-پىكىر بىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 17:39:15

ۋاپادارىم بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىڭ. ياكى بىرلەشسەڭلەرمۇ تازا بەلەن ئىش بولىدۇ.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 17:48:56

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 18:00:46

ۋاپادارىمنىڭ كېيىن يولغا قويغان  بىر  تۈرى بارغۇ دەيمەن، ۋىلايەت ئايرىمىسى بويىچە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يادەم قىلىدىغان، شۇ  ھەقتىكى تېمىسىغا قاراپ بېقىڭە.

quban0521 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 19:18:30

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم ناھايىتى تۇغرا ،خەيرىلىك ئىش باشلاپسىز،ئاللاھ يۇلۇڭلارنى ئۇچۇق قىلسۇن.ئاراڭلارغا قۇبۇل كۇرسەڭلار مىنىمۇ قىتىۋالساڭلار قۇلۇمدىن كىلشىچە ياردەم قىلىشقا تىرشىمەن.1554058834بۇ مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم.
يەنە قىرىنداشلار بۇگۇن بىز نەنجىڭ شەھرى پوكۇ رايۇنىدا داۋالىنىۋاتقان13ياشلىق مۇھەممەد ئىسىملىك بىر ئىنىمىزگە ياردەم قىلىش ئۇچۇن نەنجىڭ شەھەرلىك شەرقى جەنۇب ئۇنۋىرسىتىتىدىكى ئۇقۇغۇچىلار بىلىەن بىرگە جۈمە كۈنگىچە ئىئانە تۇپلاش پائالىيىتى ئۇتكۇزگەن ،شۇڭا ياردەم قىلىشنى خالايدىغان قىرىنداشلار بۇلسا چ چ رىمنى قاچلاپ مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 19:36:59

قارىشىمچە  ساخاۋەت ئەترىتى قۇرۇپ  داۋراڭ سالدىغان ،  ساخاۋەتكە چۈشكەن پۇللارنىڭ ھېساۋاتى ئېنىق بولمايدىغان ، ساخاۋەتنى سودىغا باغلاپ قىلىۋالىدىغان ئىشلار سەل ئاۋۇپ قاپتۇ . يەنە تېخى مىھرى چېيى دەپ ساخاۋەتچىلەر بىرلىشپ پىلان تۈزەش ئۈچۈن چاي ئويناپ رەسمگە چۈشۈپ كۆز ـ كۆز قىلدىغان ئىشلارنى كۆردۈم . قۇرۇلمىغاندىن قۇرۇلغان ياخشى ، لىكىن ئاساسىي مەقسەت چەتتە قالمىسۇن . ئەڭ كەمبىغەل لېكىن ئەڭ ساخاۋەتچى كىشلىرىمىز سىلەرنىڭ قۇربانىڭلار بولمىسۇن .
جىق گەپ قىلسام چوقۇم خەقنى كۆرەلمەيدىغان ، مىللەتنى غاجايدىغان ماركىلىق  قالپاق تەييار . كىينچە بۇ ئىش يەنە  ئاۋۇپ قالسا مۇشۇ توغۇرلۇق بىر ماقالە يېزش ئويۇم بار .

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 19:56:22

ياخىشى باشلىنىش سىزنى قوللايمىز .
سىزگە تەۋسىيە قىلدىغىنىم كىرىم چىقىمنى تەپسىلىي تىزىملاپ مېڭىڭ كىيىن ياخشى كۈننىڭ يامىنى كىپ قالسا ھىساپ بىرەلىگۈدەك .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:13:31

3- قەۋەتتىكى ئىنكاسنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز بولغۇدەك...

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:16:04


               ۋە ئەلەيكۇم  ئەسسالام  ، ناھايىتى ياخشى ، خەيرلىك ئىشتىن بىرنى باشلاپسىز ، ئاللاھ  ئىشىڭىزنىڭ  رۇناق ېپىشغا ياردەم بەرسۇن .

  چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان مۇساپىرلارغا ياردەم بەرمەمسىز ؟

pixwa714 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 20:42:40

بىرەر خەيرى-ساخاۋەت فوندىنى تاللاپ بىرلىشىڭلار، مەسىلەن ئەل ئابىدا، بىلىپ، بىر سوم، مىھرىبان ئاتىلار، مىھىرىبان ئانىلار دىگەندەك.

burkut327 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 23:09:53

   ھازىرچە تەجرىبە يوق، مىننەتدارلىق بار، ياخشى ئويلاپسىز، ئىشلىرىڭىز يۈرۈشسۇن.
  مەنچە ئەل ئىچىدىكى قىيىنچلىقىنى ئىيتالمايۋاتقان، ياكى چىشىنى چىشلەپ چىداۋاتقانلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭلار. بىغىر توردىشىمىز تەۋسىيە قىلغان بالىنىمۇ ئويلىشىپ باقساڭلار.

koklam0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 23:31:41

ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قۇرغان بىر ئىللىقلىق كوللىكتىېۋى باركەن، ئىزچىلار ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەترىتى دەپ،  شۇنىڭغا ئەزە بولۇپ ئايدا 10 يۈئەن تاپشۇرىۋاتىمەن.  كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى داۋاملىق ئاشكارا ھالدا يوللاپ تۇرىدۇ. ئىسپاتلىرى بىلەن ساقلاپ ماڭىدۇ. مالىيە باشقۇرۇش بۆلىمى دەپ بىر بۆلۈم بار. شۇلار كىىم چىقىم ئەھۋالىنى خاتىرلەپ، ساقلاپ ئاشكارا ئىلان قىلىپ ماڭىدۇ،  ئۇچۇر بۆلىمى  ھەر خىل مۇراجەتنامىلەرنىڭ ئۇچۇرلارنىڭ راست- يالغانلىقنى ئىنىقلاپ، تەكشۈرىدۇ، ۋە ئەزالارنىڭ ئارخىبىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئىسقىلىپ ھەر خىل ئۇچۇرلارنى ساقلاپ ماڭىدۇ،  كىيىم - كېچەك ئىئانە قىلغان ئىشلار بولسا، شۇلارنىڭ كىرا ھەققى دىگەنلەردەكلەرگە قارىتا، تالۇن، ۋە رەسىملىك ھالدا ئىسپات توپلاپ، راست- يالغانلىقى ئۈچۈن ساقلاپ ئىنىقلاپ ماڭىدۇ.  تەشۋىقات بۆلىمى تەشۋىق قىلىدىغان ھەر خىل ماتىرىيالارنى تەييارلاش، ۋە تور ئارقىلىق تارقىتىش، تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل،  يەنە قان تەقدىم قىلىدىغان خالىس تۆھپە قوشۇۋاتقالارمۇ بار، يەنە ئىچكىردە داۋالىنىۋاتقان، تىل جەھەتتە قىيىنچىلىقىقا ئۇچرىغانلارغا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەرجىمانلىق قىلىپ بېرىدىغان دىگەندەك ئىشلارنى قىلىدۇ

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 23:57:02

oghoz1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 20:16 static/image/common/back.gif
ۋە ئەلەيكۇم  ئەسسالام  ، ناھايىتى ياخشى ، خەير ...

مېنىڭ بىلىشىمچە چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىققانلار ئىككى خىل يول بىلەن چىقىدۇ. بىرىنچىسى : ئوقۇتۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلىش. ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر چەتئەلدىكى ئوقۇشىنى خاتىرجەم، قىينالماي پۈتتۈرەلەيدۇ چۈنكى مۇكاپات سوممىسى خېلى كۆپ بولىدىكەن. ئىككىنچىسى : ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش. ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلماي چەت دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ئەھۋالى خېلى ياخشى،  ئۇنداق بولمىغاندىمۇ ئىشلەپ خېلى كۆپ كىرىم قىلىپ ئۆزىنى تامامەن قامدىيالايدۇ ھەتتا ئائىلىسىگىمۇ ياردەم قىلالايدۇ . شۇڭا مەنچە بۇ خىل خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغاندا يەنىلا ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنى ئالدىن ئويلاشقان ئەۋزەل. ئەگەر چەتئەلدە ئوقۇپ قاتتىق قىينىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلار بولسا چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلار ئۆز ئارا ياردەم قىلىشسا بولىدۇ.

rakita يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 11:11:21

ئەڭ ياخشىسى ۋاپادارىمنىڭ مەسلەھەتىنى ئېلىپراق ئش قىلىڭلار، نىيىتىڭلار ياخشىكەن،  «پىراۋا يوق ماشىنا ھەيدىگەن» بولاپ قالماڭلار!!

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 12:54:58

تۇرمۇشتا قېيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ھۆكىمەت ۋە خەير ھاخاۋەت ئورگانلىرى بوپ خېلى كۆپ تەرەپلەر كۆڭۈل بولىۋاتىدۇ،  ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇش قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدىغان ئىشقا نىھپەتەنمۇ خېلى كۆپ تەرەپلەر كۆڭۈل بولىۋاتىدۇ بۇنداق بۇ تۈردىكىكىشىلەرنىڭ سانى نىسپەتەن كۆپ مەبلەغمۇ كۆپ كېتىدۇ شۇڭا بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا سىلەرنىڭ ئەترىتىڭلار يېتىشىپ بولالمايسىلەر . نوۋەتتە مەكتەپلەردە  ھۆكىمەت قاتتىق دىتالغا مەبلەغ سېلىش سالمىغىنى كۈچەيتىپ ئوقۇتۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىغان بولسىمۇ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش  قىزغىنلىقى توۋەن بولۇش بىلىمدە نامرات بولۇش ئەھۋالى ئېغىر بولىۋاتىدۇ،   ئەمما  ھەرخىل ئوبىكتىپ سوبىكتىپ سەۋەپلەردىن خېلى كۆپ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش نىش ئاكتىپلىغىنى قوزغاشقا مەبلەغ سالىدىغان ئېگە چىقمايۋاتىدۇ، مېنىڭچە مۇكاپات پۇندى تەسىس قىلىپ ئۆز رايۇنىڭىزدىك مەكتەپلەردىكىئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى  مۇنەۋەر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاڭ ئەگر سىز قەشقەردىن بولسىڭىز  مەنمۇ سپىڭلارغا قىتىلىپ مۇۋاپىق مەسئۇليەتنى ئۈستۈمگە ئېلىپ پىلان تەدبىر تۈزىشىڭلارغا قاتنىشىشنى خالايمەن.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 13:15:50

مىنىڭچە سىز ئۆز تۇللۇقسىز ياكى تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتىپىڭزدىكى ئوقۇش  پۈتتۈرۈپ ئۆرلەپ ئوقۇش ئالدىدىكى باللارغا مۇكاپات قىلىپ بېرىڭ، باشلانغۇچنى ئانچە تەۋىسيە قىلمايمەن.
بىرەيلەنگە بېرىلگەن سوممىسنىڭمۇ ئىككىمىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولمىسىكەن دەپ ئويلايمەن. ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان باللارغا شىنجاڭدىن ئىككى مىڭدەك ياردەم پۇلى بېرىدۇ، ھەممە ئادەمگە بار، ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئىككى مىڭدەك ياردىمى بار، ھەقىقەتەن ئىشلىگۈسى بولسا مەكتەپتە ئىش دىگەن جېق، ئىشقىلىپ ئىككى مىڭدىن جېق ياردەم جايىغا بارمايدۇ

kapitan2 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 14:04:43

2.مۇشۇ قىلغىنىم بوپتۇمۇ؟قانداق قىلسام تېخىمۇ ياخشى قىلالايمەن؟
3.بىز ھازىر پەقەت ئىئانىلا يىغىۋاتىمىز،پەقەت پۇل چىقىم قىلىپ باقمىدىم،پىلانىمدا 2-15-يىلى 9-ئايغىچە 20000يۈەن راسلاپ قىيچىلىقى بار،ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن 4نەپەر بالىنىڭ ئوقۇشىنى ئۈستۈمگە ئالماقچى

تىمىڭىزنىڭ يۇقاردىكى بولىكى ماڭا پەقەت ياقمىدى.
گىپىڭىزگە ئاساسلانغاندا خەيرى-ساخاۋەت ئەترىتىدە35نەپەر ئەزا باركەن،ھازىرغىچە يىغىلغان6مىڭ يۇەنگە يېقىن پۇلنىمۇ مۇشۇ 35نەپەر ئەزا بىرلىكتە توپلاپسىلەر،شۇنداق بولغاندىكىن نىمىشقا سىز((كىلەر يىلى 9-ئايغىچە 4نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالماقچى))دەيسىز؟،نىمىشقا مەبلەغنى ئورتاق توپلاپ خەيرى-ساخاۋەتنى شەخسى نامىڭىز بىلەن قىلماقچى بولىسىز؟.
ئىنىقكى سىز شەخسىيەتچى ھەم شۆھرەتپەرەس كىشىكەنسىز.

pixwa714 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 17:22:19

بەك داۋراڭ سالسىڭسىز، تامغىسى بار بىرەر  تەشكىلاتقا قاتناشمىسىڭىز، پۇلنى تۇتۇپ يۈرىۋەرسىڭىز،  قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش جىنايىتى دىگەن قالپاقنى كىيىپ قالىسىز.  ھەتتا تەشكىللىك ئىھسان پائالىيتى ئىلىپ بارسىڭىزمۇ شۇنداق قالپاق كىيىپ قالىسىز، دىققەت قىلىڭ،

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 18:42:03

مۇشۇنداق پارتىزان ئەترەتلەرنى ئەيساجاننىڭ بىر سوم پىلانىغا يىغىپ، بىرلىكتە ئىش قىلغان ياخشىمىكى. مېنىڭ ئەڭ ئىشىنىدىغىنىم بىر سوم پىلانى!

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 21:47:48

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ،ياخشى باشلىنىش يېرىم غەلبە دەپ ،خەيىرلىك ئىشىڭلارغا مەرھابا .

شەخسى تەكلىۋىم :
0. ئىشنى باشلىغىنىڭىزغا قارىغاندا ئىزچىل قىلىشقا چوقۇم ئىرادىڭىز بار ،شۇڭا ھېچقانداق بىر توپقا قېتىلىپ يۈرمەي خاسلىقى بار بىرەر ئىسىمنى ئىشلىتىپ ئايرىم ،خاسلىقى بار پائالىيەت قىلىڭ .ياخشىلىق يەردە قالماس دەپ ئالاقىدارلار چوقۇم قوللايدۇ .

1.ھازىرچە كېنىشكا ئالالماسلىقىڭىز مۇمكىن ، شۇڭا كىرىم چىقىمنى چوقۇم ئەڭ تەپسىلىي يېزىڭ ،ئىشلەتكەن ھەر قانداق پۇلنىڭ چوقۇم ئىسپاتى بولسۇن ،مەسلەن بانكا ئىسپاتى ياكى مەكتەپلەر يېزىپ بەرگەن تامغىلىق ھۆججەت دېگەندەك .لېكىن ئالاقىدار يەرلەرگە چوقۇم ئەنگە ئالدۇرۇڭ ياكى بىلىپ قالسۇن .

2.مەنچە ئۇن ماي گۇرۇچ دېگەندەك نەرسىلەرنى تارقىتىپ يۈرمەي ، بولسا ئالىي مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ،بولسا ئۆزۈڭلەرنىڭ دائىرەڭلاردىكىلەر دېگەندەكلەرگە بېرىڭلار ،بىرسىگە ئون يىل ئىزچىل  ياردەم قىلىپ ئۈنۈمىنى كۆرسەڭلار كۆرۈڭلار ھەرگىزمۇ بىرىگە 100 سومدىن بېرىپ نەچچە ئون ئادەمنى يىغىۋىلىپ ياردەم قىلىۋاتىمىز دەپ بالىلارنى سازايى قىلىپ يۈرمەڭلار .

3.بىرەر ئىككى ماددىلىق بولسىمۇ تۈزۈم تۈزۈپ قويۇڭ ،مەسلەن ،پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىش ،مىللەت جىنىس ئايرىماي ساخاۋەت قىلىش دېگەندەك .

مەنمۇ ئۆگەنچى ،ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە مۇكەممەللىشىش باسقۇچىدا ،شۇڭا قالدى ئىشلاردا ھال مۇڭ بولۇپ تەڭ ئۆگىنىپ تەڭ تەرەققىي قىلارمىز . ئۈمىدىم شۇكى سىزگە بارىكاللا ھەرگىز ئۈزۈپ قويماڭ ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھاياتىڭىزنىڭ ئۆتكەن مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىڭىزدە قولغا  تۇتقىدەك ئىشنىڭ -ئەھمىيەتلىك ئىشنىڭ بىرى بولۇپ قولىڭىزغا چىقىدىغىنى  مەنچە مانا مۇشۇ ئۆزى ۋە ئۆزگىنى رازى قىلىدىغان ئىزچىل ساخاۋەتتۇر .
گەپنىڭ ئورۇنسىز يەرلىرى بولسۇن قايتۇرۇپ بېرىڭ ،بولىدىغان يېرىنى قۇبۇل قىلارسىز .رەھمەت .
بەت: [1] 2
: قىينچىقىلىقى بارلارغا ياردەم قىلماقچى ئىدىم