wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 21:47:48

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ،ياخشى باشلىنىش يېرىم غەلبە دەپ ،خەيىرلىك ئىشىڭلارغا مەرھابا .

شەخسى تەكلىۋىم :
0. ئىشنى باشلىغىنىڭىزغا قارىغاندا ئىزچىل قىلىشقا چوقۇم ئىرادىڭىز بار ،شۇڭا ھېچقانداق بىر توپقا قېتىلىپ يۈرمەي خاسلىقى بار بىرەر ئىسىمنى ئىشلىتىپ ئايرىم ،خاسلىقى بار پائالىيەت قىلىڭ .ياخشىلىق يەردە قالماس دەپ ئالاقىدارلار چوقۇم قوللايدۇ .

1.ھازىرچە كېنىشكا ئالالماسلىقىڭىز مۇمكىن ، شۇڭا كىرىم چىقىمنى چوقۇم ئەڭ تەپسىلىي يېزىڭ ،ئىشلەتكەن ھەر قانداق پۇلنىڭ چوقۇم ئىسپاتى بولسۇن ،مەسلەن بانكا ئىسپاتى ياكى مەكتەپلەر يېزىپ بەرگەن تامغىلىق ھۆججەت دېگەندەك .لېكىن ئالاقىدار يەرلەرگە چوقۇم ئەنگە ئالدۇرۇڭ ياكى بىلىپ قالسۇن .

2.مەنچە ئۇن ماي گۇرۇچ دېگەندەك نەرسىلەرنى تارقىتىپ يۈرمەي ، بولسا ئالىي مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ،بولسا ئۆزۈڭلەرنىڭ دائىرەڭلاردىكىلەر دېگەندەكلەرگە بېرىڭلار ،بىرسىگە ئون يىل ئىزچىل  ياردەم قىلىپ ئۈنۈمىنى كۆرسەڭلار كۆرۈڭلار ھەرگىزمۇ بىرىگە 100 سومدىن بېرىپ نەچچە ئون ئادەمنى يىغىۋىلىپ ياردەم قىلىۋاتىمىز دەپ بالىلارنى سازايى قىلىپ يۈرمەڭلار .

3.بىرەر ئىككى ماددىلىق بولسىمۇ تۈزۈم تۈزۈپ قويۇڭ ،مەسلەن ،پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىش ،مىللەت جىنىس ئايرىماي ساخاۋەت قىلىش دېگەندەك .

مەنمۇ ئۆگەنچى ،ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە مۇكەممەللىشىش باسقۇچىدا ،شۇڭا قالدى ئىشلاردا ھال مۇڭ بولۇپ تەڭ ئۆگىنىپ تەڭ تەرەققىي قىلارمىز . ئۈمىدىم شۇكى سىزگە بارىكاللا ھەرگىز ئۈزۈپ قويماڭ ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھاياتىڭىزنىڭ ئۆتكەن مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىڭىزدە قولغا  تۇتقىدەك ئىشنىڭ -ئەھمىيەتلىك ئىشنىڭ بىرى بولۇپ قولىڭىزغا چىقىدىغىنى  مەنچە مانا مۇشۇ ئۆزى ۋە ئۆزگىنى رازى قىلىدىغان ئىزچىل ساخاۋەتتۇر .
گەپنىڭ ئورۇنسىز يەرلىرى بولسۇن قايتۇرۇپ بېرىڭ ،بولىدىغان يېرىنى قۇبۇل قىلارسىز .رەھمەت .

orkesh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 22:30:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   orkesh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 22:34  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشى مەسلىھەت بەرگىنىڭلارغا رەھمەت،بەك ياخشى تەكلىپ پىكىرلەر بوپتۇ.
مىنىڭ مەقسىتىم ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلارنى ئاساس قىلىپ ياردەم بىرىش،ئەلۋەتتە بۇنداق دەپ ياردەمگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشلار بولسا يەنە قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمىز.پەقەت تەجرىبىسىز ئەھۋالدا باشلانغان ئىش بولۇپ قالدى،ھازىرغا قەدەر كىرىم ئەھۋالىنى ئەزالارغا ئېنىق بىلدۈرىۋاتىمىز،ئۇنىڭدىن باشقا كىيىم-كىچەك ئىئانە قىلىش پائالىيىتى قىلماقچى،
مەن قىلىۋاتقان ئىشنى كۆپرەك ئادەمگە تەشۋىق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى،ئەلنىڭ كۈچى ئەللىك.تەشۋىقات ماترىيالى تەييارلىماقچى ئىدىم،مۇشۇ جەھەتتە پايدىلانغۇدەك ماتىرىيال بارمىدۇ؟
بىر توردىشىمىز دىگەندەك مالىيىگە،ئۇچۇرغا،تەشۋىقاتقا مەسئۇل ئادەم بەلگىلىسەك بولغۇدەك،بۇ ياخشى چارىكەن.
بىر جۈملىدە كۆپلۈك قۇشۇمچىسىنى ئىشلەتمەپتىمەن،قانداقمۇ بۇ پۇلنى شەخسىي نامىمدا ئىئانە قىلىمەن؟ئەترەتنىڭ ئىسمى بار،ئۇنداق قىلسام باشقىلارنىڭمۇ گىپى بار،كەچۈرۈڭلار،مەن شۆھرەتپەرەسمۇ ئەمەسمۇ ئۆزەممۇ بىلمەيمەن،سىزمۇ باھا بەرمەڭ،گەپلىرىمنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ قېرىندىشىم.
كەلگەن جاۋاپلارنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم،دوسلىرىم بىلەن مەسلەتلىشىپ بۇ ئىشنى كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە ياخشى قىلىمىز.

borhan730 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-16 22:35:56

يېڭى يىلدىن باشلاپ مۇقىم برەر فوندىنى تاللاپ ئايدا 100 سومدىن 200 سومغىچە  ئىئانە قىلىشقا ئادەتلىنىمەن،

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 00:16:29

بىر سوم پىلانى مەن ئۇچراتقان ئەڭ ياخشى پىلان . مەن بىلەن ئۆمۈر ئۇزۇنلا بۇلىدىكەن بىر سوم پىلانى ئەزالىق پۇلىنى تاپشۇرۇپ تۇرىمەن .

orkesh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 10:45:53

بېغىر دوستۇم،سىز دىگەن بالا ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنسىلا چاتاق يوق،ياردەم قىلىمىز!{:87:}

orkesh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 11:13:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   orkesh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 11:22  

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ۋاپادارىم،تورداشلارنىڭ تەكلىۋى بويىچە  سىز بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولۇپ تۇرغانتىم.
سىز دىگەن ماددىلارنى قوشۇۋىتەي،باشقىلارغا قوشۇلۇشنى ئويلىغان،ئۇنىڭغا قوشۇلسام پەقەت ئۆزەملا قىلالايدىكەنمەن،باشقىلارنى ھەركەتلەندۈرگىلى بولمايدىكەن،
سىز دىگەن گەپلەر بىزگە تېخىمۇ ئېنىق يولنى كۆرسىتىپ بەردى.
مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك،ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە مەزمۇندا باشقىلارنى تەسىرلەندۈرگۈدەك،مەقسىتىمىزنى ئېنىق ئىپادىلىدىگۈدەك تەشۋىق ماتىرىيالى تەييارلىماقچى ئىدۇق،بۇنداق قىلساق ئادەم سانىمىز تېىخمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن،كۆپىنچە ئادەملەر تېخى بىلمەيدۇ.مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك توربەت ئادرېسى،ماتىرىيال بولسا ياردەم قىلساڭلار.
رەھمەت!

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:42:50

چوقۇم ئاۋۋال ياردەمگە لازىم كىشى ئۆزى ئىلتىماس قىلىش، ئاندىن بېرىش كېرەك، بۇ باشقىلارنىڭ غورۇرىنى ھۆرمەتلىگەنلىك.

ئوقۇش مۇكاپاتى ، ھۈنەر ئۇستىلىرىغا بېرىلىدىغان مۇكاپات مەسىلەن لەغمەن ئېتىش ئۇستىسىغا، نان يېقىش ئۇستىسىغا ... ئىگىلىك تىكلەش فوندى ... تەسىس قىلىشمۇ بىر ياخشى تاللاش . ئۈلگىنىڭ رولى بەك چوڭ بولىدۇ.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 20:05:23

ئادەم سانىنى كۆپەيتىشكە بەك كۈچەپ كەتمەڭ مەنچە ،مەنمۇ 2006-يىللىرى دەسلەپتە باشلىغىنىمدا خۇددى پۈتۈن شىنجاڭ ئاھالىسىنى قاتناشتۇرمىسام بولمايدىغاندەك قىلىپ تەنتەكلىك قىلىپ قويۇپ خەرەج تارتقان ئىدىم ،9يىلدىن ئېشىپتۇ ،تەجىربىسىزلىكتىن تەجرىبە توپلىدۇق ،بىلدۇق ،چۈشەندۇق ھېس قىلدۇق .مەنچە ئادەم سانى مۇھىم ئەمەس ،توختىماي پائالىيەت قىلىش ،ئۈزلۈكسىزلىككە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم دەپ قارىدىم .
9يىل ئۆتۈپتۇ ،مەن بىلىدىغانلىرىدىن بىز ياردەم قىلغان بىر قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ،بىرى  ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ،بىر پويىز ئىستانىسى تېخنىكى ،بىرى سېستىرا ،بىرى باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپتۇ ،يەنە مۇنتىزىم ياردەم قىلغانلارمۇ بار ،لېكىن مەن تولىسىنى تونىمايمەن ،ئۇلار مېنى ۋە بىر سوم پىلانىنى بىلىشى مۇمكىن .2013-يىلى ۋە بۇ يىل دىيارىمىزغا نىسبەتەن ساخاۋەت يىلى بولدى دېسەك ئارتۇق كەتمەس ،نەچچە ئونلىغان ساخاۋەت ئەترەتلىرى قۇرۇلۇپ زورايدى ،مىسال بىلىپ ۋە ئەلئابىدە ،نەچچە ئون مىڭلىغان ئەزاسى بار ئەترەتلەرگە ئايلاندى .ئۇلارنىڭ ئىلغار تەجبىرىلىرىنىمۇ ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن ،مەندىن نۇرغۇن ئەزالار نېمىشقا بىزمۇ باشقىلاردەك بوينىمىزغا ئەترەت بەلگىمىزنى ئېسىپ پائالىيەتلەر قىلمايمىز دەپ تولا سورايدۇ ،لېكىن 9يىلدىن بۇيان ئۇن ماي گۈرۈچ كۆمۈر كېيىم ...تارقىتىپ بېقىپ ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى ئىلىمگە مەبلەغ سالغاندىن باشقىسى بىكار ئىكەن ،چۈنكى بىز ۋە سىز ياردەم قىلمىسىڭىزمۇ بىرەرى ئاچ يالىڭاچ قېلىپ ئۆلۈپ قالغانننى ئاڭلىمىدىم مەن .شۇڭا نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپتە ئۆتكەن بالىلارغا ياردەم بەرمەكتىمىز .بۇ يىل 9-ئايدا تۇنجى بولۇپ بورتالادا سىناق قىلدۇق ،100 نەپەر ساخاۋەتچى ھەر ئايدا 50 سومدىن ،يىلدا 60مىڭ سوم ،بالىلارغا يىلدا تەتىلنى چىقىرىۋىتىپ 8 ئايغا ھەر ئايدا 5مىڭدىن جەمىئىي 40مىڭ سوم ،قالغان 20 مىڭ  سومنى بولسا شۇ 10 بالا ئىچىدە يەنە مۇكاپات قىلىپ نەتىجىسىگە قاراپ تارقىتىش .پىلانىم ئۈچ يىل ئىچىدە 50 كە يەتكۈزۈش بۇ ساننى ،ئەلبەتتە تىرىشساق 3يىلدا 100گىمۇ يەتكۈزگىلى تامامەن بولىدۇ ،لېكىن بەك ئالدىراقسانلىق قىلىش ياخشى ئەمەس دەپ قارىدىم ،شۇڭا تەۋسىيەم بىر بالا بولسىمۇ ئالىي مەكتەپتە ۋە ئۇندىن يۇقىرى ئوقۇغانلارغا ياردەم بېرىڭلار .قالدى ئىشلاردا يەنە ئالاقە قىلىشىمىز .:)

orkesh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 08:56:07

بولىدۇ،مىنىڭمۇ نەق ئويلىغىنىم ئىچىكىرى تولۇق ئوتتۇرىدا ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇپ،ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندە قىينىلىپ قالىدىغان نۇرغۇن دېھقان باللىرى باركەن،شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قىيىنچلىقى ئېغىر بولغان،ئىچكىرى ۋە شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئوتكەنلەرگە ياردەم قىلىش،
دەسلەپتە ئەزا بولغۇچىلار 100يۈەن تاپشۇرىدۇ،چوقۇم نەق مەيدانغا كىلىپ يۈز تۇرانە تىزىمغا ئالدۇرىدۇ،بۇ جئىككىنچى ئېيىدىن باشلاپ 50يۈەندىن ئىزچىل تاپشۇرىدۇ،ئەگەر ئۈچ ئايغىچە تاپشۇرمىسا پۇلى قايتۇرۇلۇپ،ئەترەتتىن چىقىرىۋىتىلىدۇ.
كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە ۋە يول كۆرسەتكىنىڭىزگە رەھمەت!



بەت: 1 [2]
: قىينچىقىلىقى بارلارغا ياردەم قىلماقچى ئىدىم