داڭلىق ماركىلىق كومپىيۇتىرىڭىزغا SSD 固态硬盘 ئالماشتۇرۋىلىڭ
خاتىرە كومپىيۇتىرىمنىڭ تىزلىكىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، توردىن بىر تال SSD 固态硬盘 ، (ئۇيغۇرچە بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇ بارمۇ يوق بىلمىدىم، ھازىرچە قاتتىق ھالەت دىسكا دەپ تۇرايلى) دىن بىرنى سىتىۋىلىپ. قاراملىق بىلەن خاتىرە كومپىيۇتىرىمنى ئىچىپ قاتتىق دىسكىنىى ئالماشتۇردۇم. (كارخانا تەرەپنىڭ قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى بار لىكىن ئىككى قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىنىڭ پۇلىغا، مىڭ يۈەنگە ئالماشتۇرىدىكەنمەن، ئارتۇق پۇل خەجلەشكە چىدىمىدىم)ئالدى بىلەن windows 7 نىڭ 64 لىك نەشىرىنى قاچىلىدىم (ghost نۇسخىسىنى قاچىلاشقا بولمايدۇ) لىكىن كومپىيۇتىر سۈرئىتىنى كۆرۈنەرلىك تىزلەشكىنىنىى ھىس قىلمىدىم. ئارقىدىن مىكروسوفتنىڭ تور بىتىدىن windows 10 نىڭ تىخنىكىلىق ئالدىن كۆرۈش نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم. قاتتىق دىسكا ئالماشتۇرغاندىن كىيىن سۈرئەتنىڭ تىزلەشكەنلىكىنى ھەقىقى ھىس قىلدىم. كومپىيۇتىرنى ئىچىپ قوزغىتىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت ئارانلا 15 سىكونت. ھەقىقەتەن ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. لىكىن ئالدىن كۆرۈش نۇسخىسى بولغاچقىمىكىن يەنىلا بەزى مەسىلىلەر بار ئىكەن، بۇ مەسىلىلەرنى مەن تەپسىلى سۆزلەپ ئولتۇرماي. مىنىڭ يەنىلا ئەسلىدىكى قاتتىق دىسكىدىكى ھەقىقى نۇسخىدىكى windows 8 نى ئىشلەتكۈم كەلدى. قانداق قىلىش كىرەك. توردىن ماتىرىيال ئىزدەپ باقتىم. توردا دىيىلگەن ئۇسۇللار ئاساسەن نورتون گوست ئارقىلىق دىسكىدىن دىسكىغا گوستلاش ئىكەن. مەن باشقا ئۇسۇل يوقمىدۇ؟ ئەسلىدىكى قاتتىق دىسكىدا كارخانا تەرەپ تەمىنلەپ بەرگەن بىر كونۇپكا ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بار ئىدى. مەن كۆڭلۈمدە ئەگەر شۇ بىر كونۇپكا ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان قاچىلاش ھۆججىتىنى تىپىپ قاچىلىغىلى بولارمۇ دەپ ئويلاپ، بىر قاتار سىناقلاردىن كىيىن، مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم. تۆۋەندىكىسى بۇ تىمامنىڭ نىگىزى.بەلكىم تۆۋەندىكى ئۇسۇل بارلىق بىر كونۇپكا ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بار كومپىيۇتىرلارغا ماس كىلىشى مۇمكىن.
ئالدى بىلەن قوزغاتقۇچ بارماق دىسكا تەييارلىۋالدىم. مىنىڭ ئىشلەتكىنىم چوڭ ئاقسەي uefi قوزغىتىش نۇسخىسى (توردىن dabaicai_v5.1uefi دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ ئارتۇقچىلىقى يىڭى تىپتىكى كومپىيۇتىرلارغا ماسلاشتۇرۇلغان.) خاتىرە كومپىيۇتىرغا ئەسلىدىكى قاتتىق دىسكىنى ئورنىتىپ سىستىمىنى قايتا قوزغىتىپ بارماق دىسكىدىكى windows pe غا كىرىپ، رايۇنغا بۆلۈش قۇرالى ئارقىلىق قاتتىق دىسكىنىڭ قۇرۇلمىسىنى كۈزەتتىم. بۇ دىسكىنىڭ ئىچىدە سىغىمى تەخمىنەن 10 گىگابايىت كىلىدىغان بىر يوشۇرۇلغان رايۇن بار ئىكەن، كۆڭلۈمدە قاچىلاش ھۆججىتى مۇشۇنىڭ ئىچىدە بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ، دىسكىنى رايۇنلارغا بۆلۈش قۇرالى ئارقىلىق بۇ رايۇننى كۆرۈنىدىغان قىلدىم. بۇ رايۇندا بىر نەچچە ھۆججەت بار ئىكەن. مەن بۇ ھۆججەتلەرنى بارماق دىسكامغا كۆچۈرىۋالدىم. (مەن ئىشلەتكەن بارماق دىسكىنىڭ سىغىمى 16 گىگا بايىت شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىۋاستە بارماق دىسكىغا كۆچۈرۋالدىم، سىز ئۆز ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن كۆچمە دىسكا ياكى بارماق دىسكىغا كۆچۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.ئەمىلىيەتتە پەقەت install.wim دىگەن ھۆججەتنى كۆچۈرۋالساقلا كۇپايە ئىكەن ) كومپىيۇتىرنى ئۆچۈرۈپ، ئەسلىدىكى قاتتىق دىسكىنى چىقىرىۋىلىپ ئورنىغا قاتتىق ھالەت دىسكىنى سالدىم. ئوخشاشلا بارماق دىسكا ئارقىلىق قوزغىتىپ windows pe غا كىرىپ، ئۈستەل يۈزىدىكى 大白菜一键装机 نى قوزغىتىپ، بارماق دىسكىغا كۆچۈرۋالغان install.wim نى تاللاپ قاچىلاشقا بۇيرۇق بەردىم. قاچىلاش جەريانىدا سىستىما رايۇنىنى فورماتلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئىلىپ بارغاندىن كىيىن سىستىما مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلاندى. ھازىر نەق شۇ سىستىمىدا بۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بۇ ئۇسۇلنى مەن خەنزۇچە مۇنبەرلەردىمۇ ئۇچراتمىغان قىرىنداشلارغا ئەسقىتىپ قالار. 80 ج ياكى ئۇنىڭدىن چوڭراق قۇيما دىسكىنىڭ باھاسى نەچچە پۇل بۇلىدىكەن. يەنە بىرى بۇ خىل دىسكىغا ۋىندىۋوس ئىكىسپى ،7 ، ئۇبۇنتۇ دىگەندەكلەرنى بىۋاستە قاچىلىغىلى بولمامدىكەن؟
ھەممىمىز بىلىمىز ۋىن 8 سەككىز مەغلوپ بولدى، 10 تىخى رەسمىي ئىشلەتكۈدەك بولمىدى.
تىخى گوست بولمايدۇ دەيسىز ئەمىسە ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر قانداق قىلا؟ ۋىن8 نىڭ مەغلۇب بولغىنىنى مەن بىلمەيدىكەنمىنا ئەجەپ{:87:} ماك بوكقا، 256G لىق SAMSUNG قاتتىق دىسكىنى 700يۈەنگە ئەكىلىپ سالدىم. Windows7 نى بارماق دىسكىدىن قاچىلىدىم، (Win8نىڭ ھەقىقى نەشىرىمۇ بار ئىدى، كەسپى ئىشلىرىمغا تازا كۆنەلمىدىم.) كومپىيۇتېر ھازىر ئۇچىدىغۇ. {:92:} kokkaptar يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 10:08 static/image/common/back.gif
ماك بوكقا، 256G لىق SAMSUNG قاتتىق دىسكىنى 700يۈەنگە ئەكىلىپ ...
تۆنۈگۈن دالۇنىڭ ئالدىدا بىرنەرسە ۋۇژژىدە قىلىپ ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ،قارىغاندا ئۆزلىرىنىڭ مەك بوككەندە :lol مىنىڭچە ۋىندوۋس 10 ھەقىقەتەن بولىدىكەن. ۋندوۋس 10 راستلا ئېسىل سىستىما ۋىندوۋىس 10نى ئىشلىتىۋاتقىلى بىر ئايدىن ئاشتى،ئارىدا ئىككى قېتىم يېڭىلاش ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالدىم،مېنىڭمۇ 15سىكونتتىلا ئېچىلىپ بولىدۇ،لېكىن قاتتىق دېسكىسى ئادەتتىكى دېسكا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا begmurad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-8 13:12
مەن ۋىن8 نى مەغلوب بولغان سىستېما دەپ قارىدىم يەنى بەكلا ئالدىغا ئۈتۈپ كەتكەن. ھازىر كومپىيوتىر ئالماشتۇرغاندىن كۆرە قاتتىق دىسكىنى مۇشۇ قۇيما دىسكىغا ئالماشتۇرغان ياخشى ئوخشايدۇ ، يەنە بىرى زىرىكىپ قالغاندا سىستېمىلارنى ئالماشتۇرسا……ھى ھى… 15سېكىنۇتتا قوزغىلىپ بولسا ئۇنى ئۇچتى دىگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىسەك بولماس
مىنىڭ كومپىيۇتېرىمغۇ قوزغىتىش كۇنۇپكىسنى بىسىپ بىشىمنى كۆتۈرۈپ بولغىچە مەخىپى نومۇر سالىدىغان يەرگە كىلىپ بولىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-8 16:24
ۋاھ، نىمانداق بەلەن!!!!
مەن دەل مۇشۇ باش قېتىنچىلىقىدا ئىدىم. ئارزۇلاپ ئالغان SONYغا زاۋۇتتىن قاچىلاپ قويغان WIN8 دىن يا كېچەلمەي، يا بۇ گۇينىڭ ئاچقۇچ نومۇرىنى تاپالماي، WIN8 دە ئىشلىگەن ئىشنى ئىشخانىدىكى WIN XP بىلەن ماسلاشتۇرالماي بەك ئىچىم پۇشقانتى. يۇمۇرلۇق ئىنكاس يازدىغان تېمىمۇ بۇ.
ئادەم ئۆزىنىڭ ئىېتىياجىدىن چىققۇدەكلا كومپىيۇتىر ئىشلەتسە بولار.
مىنىڭككى پ س رىم ئەتىگەندە كېلىپ قوزغاتسام، قايناقسۇ ئەكىرىپ چاي دەملەپ بولغۇچە ئېچىلىپ بولىدۇ، 1.56 مىنۇتتا ئېچىلدى دەپ :lol:lolيەنە تېخى مەملىكىتىمىز بويىچە 9پىرسەت كومپىيۇتىرلارنى يىڭىۋاپتۇ{:87:}{:87:}{:87:} kokkaptar يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 10:08 static/image/common/back.gif
ماك بوكقا، 256G لىق SAMSUNG قاتتىق دىسكىنى 700يۈەنگە ئەكىلىپ ...
ماك بوكىڭىزنىڭ تىپى قانداق؟ مەن شۇنچە ھەپىلىشىپمۇ بارماقدېسكىدىن قاچىلىيالماي، نۇردېسكىدىن قاچىلىغانتىم. مەنمۇ ئەسلىدە نۇردېسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئورنىغا ئاشۇنداق دېسكا سالاي دېگەن، بىراق ما كاساپەتكە بارماقدېسكىدىن قاچىلىغىلى بولمىغاندىكىن، ئالماشتۇرالمىدىم. سىزنىڭ ماك بوكىڭىزنىڭ نۇردېسكا قوزغاتقۇچى بارمۇ؟ kokkaptar يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 10:08 static/image/common/back.gif
ماك بوكقا، 256G لىق SAMSUNG قاتتىق دىسكىنى 700يۈەنگە ئەكىلىپ ...
كەپتەرجان مەك كومپىيوتېرلارغا windows قاچىلاپ ئىشلەتسە ئېغىرلىشىپ قالىدىغان ئىشلار كۈرۈلمەمدىكەن . مەندىمۇ بىرتال MacBookAir باتتى windows قاچىلاپ باقاي دەپ ئويلىغان قانداق. AAA يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 20:30 static/image/common/back.gif
كەپتەرجان مەك كومپىيوتېرلارغا windows قاچىلاپ ئىشلەتسە ...
ئالما كومپىيۇتىرىغا ۋىندوۋىس قاچىلىسا قانداق بولىدۇ؟ udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 18:48 static/image/common/back.gif
ئالما كومپىيۇتىرىغا ۋىندوۋىس قاچىلىسا قانداق بولىدۇ ...
http://xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=4601
يۇقارقى ئادرىستا قوش سىستىما قاچىلاش توغراسىدا تەجىربە باركەن . مەن سىناپ باقمىغاچ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.سىناپ باقاي دەپ ئويلاۋاتىمەن . مەنمۇ قاتىىق ھالەتتىكى دىسكا سەپلەپ ئىشلەتكەنتىم كومپىيوتېرىم 8 سكۇنتتا ئېچىلىپ بولىدۇ ئالما سىستىمىسى توغرۇلۇق بىرە ماتىرىيال ياكى دەرسلىك يوقما بۇ يازمىنى ئاخىرىدا talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-8 20:19
ئەگەر يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى ياكى كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە فىلىمى كىرىشتۈرمىسىڭىز ياكى ئەگەر بەش بۇرجەكلىك بىنا دەرىجىسىدىكى مۇھىم ھۆججەتلىرىڭىز بولمىسا ،مىنىڭچە ئارتۇق پۇل خەجلەپ قىممەت باھالىق ،سىغمى كىچىك 固态硬盘 نى ئېلىشىڭىزنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق ئائىلە كومپىيۇتىرلىرىغا.
ياكى كومپىيوتىرنىڭ تىزسۈرئەتتەقوزغالغان سۈرئىتىدىن ئالاھىدە ھۇزۇر ھىس قىلسىڭىز ياكى كومپىيوتىرنى ئېچىپ- ئۈچۈرۈپ ئوينايدىغان خۇيىڭىز بولسا ،بۇ باشقا گەپ.:lol مەندىكى surface pro ئىككى سېكىنۇتتا ئېچىلىپ بىر سېكىنۇتتا تاقىلىپ بولىدۇ
بەت:
[1]
2