kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 21:19:11

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 20:13 static/image/common/back.gif
ئەگەر يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى ياكى كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە ...

قايدا قىلامىز قالىسلا ئېلىشتىن بۇرۇن كەپلەپ قويۇپتىكەن:lol

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 21:36:30

Yaruq يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 18:18 static/image/common/back.gif
ماك بوكىڭىزنىڭ تىپى قانداق؟ مەن شۇنچە ھەپىلىشىپمۇ با ...

iMac كە بارماق دىسكىدىن قاچىلانمايدىكەن (قوغىلالمايدىكەن)،ئەمما Mac book And Mac book air غا بارماق دىسكا ئارقىلىق ،windows, mac   قاتارلىقلارنى يەككە ۋە قوش قىلىپ قاچىلاپ باققان .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 21:40:40

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 21:51 static/image/common/back.gif
ئالما سىستىمىسى توغرۇلۇق بىرە ماتىرىيال ياكى دەرسلىك  ...

ئامازۇن، جىڭدۇڭ قاتارلىق تور بىكەتلەر توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي ماتىرىيال يوق يەردە، ئالما كومپىيۇتىرى توغرىسىدا تەپسىلىي ماتىرىيالنى قانداق تاپقىلى بولىدۇ؟

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا، ئۆز كەسپىگە ئائىت تەپسىلىي ماتىرىيالنى تور ئارقىلىق جامائەتكە يۈزلەندۈرۈش نىسبىتى %1 ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىنىڭ ئىچىدە بەيدۇدەك بىلىم ئامبىرى قۇرغۇدەك، مەخسۇس ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشنى ئارزۇ قىلاتتىم، لىكىن مۇمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ.

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 21:43:48

AAA يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 18:30 static/image/common/back.gif
كەپتەرجان مەك كومپىيوتېرلارغا windows قاچىلاپ ئىشلەتسە  ...

مىنىڭ ھىس قىلغىنىم Air گە باشتا ھەممىنى تازلىۋىتىپ (128G قۇيما دىسكا ئىدى) ،بارماق دىسكىدىن windows قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقتىم ، ئەسلىدىنلا سىرتقى قىپى ئاليۇمىن ،ئىسسىقلنى بىر تەرەپ قىلىپ بولالماي تۇرغاندا windows قاچىلاپ قويساق ،قىشتا پەلەي كەيمەي ئەيىرنى تۇتۇپ ماڭغۇدەك دەرىجىدە قىززىيدىكەن (ئەلۋەتتە بىر ئىككى سائەت ئىشلەتكەندىن كېيىنكى گەپ) ،ئاندىن ئۇنىمۇ بىر تەرەپ قىلىۋىتىپ قايتىدىن مەك قاچىلاپ كەينىدىن ۋىنوۋسنى يانداپ قاچىلاپ قوش سىسىتېما قىلىپ بىر مەزگىل ئىشلەتتىم ،كېيىن بارا-بارا ۋىندوۋسقا ئىھتىياجىم چۈشمەيدىغان بولدى ،شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا 128G كىچىك كىلىپ تۇرغان قاتتىق دىسكامدىن windows نى چىقىرىپ تاشلاپ مەككە كۆچكەن ، كېيىن يانچۇقتا قىزىل رەقەم ئازلاپ كىتىپ پۇل قىلىۋەتكەن ،بۇ بىر يىل 4 ئاينىڭ ئالدىدىكى ئىش .
ئەمدى نەق گەپ يىرىگە كەلسەك ،مەكتە windows قاچىلاپ ئىشلەتسە ئادەتتىكى pc دىكىدەك يۈرىشىدۇ ،ئەمما بىر يەرلىرى مۈجىمەل تۇيىلىدىكەن ،شۇڭا يەنىلا مەك ئىشلەتكەن ياخشىكەن ،ئاخىرقى يەكۈن ئەگەر windows ئىشلىتىش بەكلا زۆرۈر بولسا يانداپ قاچىلىماي ،vmware بىلەن مەۋھۈم قاچىلاپ ئىشلەتكەن ياخشىكەن.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 21:56:27

تۈنۈگۈن ئۆيدە قويۇپ قويسام، تالادا ئۇچۇپ يۈرۈپتىدە بۇ گۇي. {:92:}
مىنىڭ 2010-يىلىنىڭ 13 دىئوملۇق MAC BOOK Pro،  تىپى MC374
ئوپتىك قوزغاتقۇچ نوچى، لىكىن سىستىما قاچىلاشقا ئىشلەتكۈم كەلمىدى. قائىدە بويىچە بۇنى بىۋاستە بارماق دىسكىدىن قاچىلاشنى قوللىمايدىكەن، قاچىلىغان ئاددى تەرتىپىم:
ئالدى بىلەن 4G لىق بارماق دىسكىغا توردا مودا بولاۋاتقان Ultra ISO ئۇسۇلى بويىچە، Windows7 نىڭ ISO ھۆججىتىنى يىيىپ، قاچىلاش دىسكىسى ياسىدىم.
2-قەدەمدە نورمال ئىشلەۋاتقان MAC OSتا، 8G لىق بارماق دىسكىغا ماكئوسنىڭ قاچىلاش دىسكىسى ياسىدىم. ھەمدە، يەنە بىر بارماق دىسكىغا، BootCAMP تەمىنلىگەن قاتتىق دىتال قوزغاتقۇچىلىرىنى چۈشۈرۋالدىم.
3-قەدەمدە، OTIONنى بىسىپ تۇرۇپ، ياسىغان ماك ئوسنىڭ قاچىلاش بارماق دىسكىسىدا كومپىيۇتېرنى قوزغىتىپ، قاتتىق دىسكىنى بىر ماك رايۇنى، ئىككى FAT رايۇنغا ئايرىدىم.
4-قەدەمدە، كومپىيۇتېرغا Win7 نىڭ قاچىلاش بارماق دىسكىسىنى سىلىپ قويۇپ، قايتا قوزغاتتىم، شۇنىڭ بىلەن Win7 نىڭ قاچىلاش باسقۇچىغا كىردى. (دىققەت: بارماق دىسكا ئارقىلىق قاچىلاشنى قوللىمايدىغان MACلاردا، بارماق دىسكىنى سىلىپ، Option نى بىسىپ، تۇرسىڭىزمۇ، Windowsنىڭ قاچىلاش ھالىتى كۆرۈنمەيدۇ.) بۇ باسقۇچ تاماملانغاندا، Windowsنى قاچىلاش تاماملاندى دىگەن گەپ.
5-قەدەمدە، تەييارلىۋالغان MAC OSنىڭ بارماق دىسكىسى ئارقىلىق MAC OSنى قاچىلىدىم. MAC OSنى قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن، Win7 نى قوزغىتىپ، چۈشۈرۋالغان BootCAMP قوزغاتقۇچىنى قاچىلىدىم. شۇنىڭ بىلەن Windows7 تولۇق نورمال خىزمەت قىلالىدى.

6-قەدەمدە، خالىسام option نى بىسپ mac os نى قوزغىىتپ، خالىسام Windows نى ئويناپ يۈردۈم، ماك بوكمۇ مىنى دوراپ خالىسا دالۇدا، خالىسا چاسىدا يۈرگەن ئوخشايدۇ. :lol

دىققەت: يۇقۇرىقى قەدەم باسقۇچلارنى ئادەتتە قاتتىق دىسكا ئىشلەتكەندە ئىلىپ بارسىڭىز، مەغلۇب بولۇش نىسبىتىڭىز يۇقۇرىراق. كومپيۇتېرىڭىز ئۇچالماي، ساندۇق بولۇپ قىلىشى مومكىن.

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 11:09:56

پىروگىراممىرلار ئۇبۇنتۇ ئىشلەتسە بەك قۇلاي دەپ كۆرگەندەك ئىسىمدە ئۇبۇنتۇubuntu دا # c ئۈگىنىدىغان قايسى دىتاللار باردۇ؟
ئۇبۇنتۇدا قايسى پىروگىرامما تىللېرىنى ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بۇلىدۇ؟

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 20:31:26

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 21:40 static/image/common/back.gif
ئامازۇن، جىڭدۇڭ قاتارلىق تور بىكەتلەر توغرىسىدىمۇ تە ...

ھەي..............  ماك سىستىمىسى توغرۇلۇق پەقەت ماتىرىيال تاپالمىدىم سىستىما كۆچۈپ باقاي دەپ ئويلىغان

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 21:10:04

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 20:31 static/image/common/back.gif
ھەي..............  ماك سىستىمىسى توغرۇلۇق پەقەت ماتىرىيال ت ...

مانى كۆمىگەنما مانە
قارا ئالما توغرىسىدىكى بىرىنجى دەرىس(چوقۇم ئوقۇڭ)
http://xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=5599&fromuid=4
(مەنبەسى: ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى)

timtas123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 21:15:32

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
قىرىنداشلار ئۈچ پادىشالىق ھەققىدە قىسسە دىگەن فىلىمنى تاپقىلى بولامۇ ماڭا بەك لازىمتى..خاپا بولماي چۈشۈرۈش ئادرىسى بولسا ئەۋەتىپ بەسەڭلار.
تىما ئىگىشى تىمىغا مۇناسىۋەتسىز سۈز قىپ قويدۇم ئەپۇ قىلىڭ.
بەت: 1 [2]
: داڭلىق ماركىلىق كومپىيۇتىرىڭىزغا SSD 固态硬盘 ئالماشتۇرۋىلىڭ