kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 22:38:25

ئەينۇلا乌梅

ئەينۇلا乌梅



[تونۇش]: بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئەينۇلانىڭ پىشاي دەپ قالغاندىكى ئۈزۈپ قۇرۇتۇلغان مېۋىسىدىن ئىبارەت. يوپۇرمىقى يۇمىلاققا مايىل، چېچىكى ئاق ئېچىلىدۇ. مېۋىسى كۆك، پىشقاندا قارىيىدىغان، ئاچچىق – چۈچۈك تەمگە ئىگە. ئىچىدە ئۇرۇقى بار بولغان بىر خىل مېۋىدىن ئىبارەت.
[چىقىش ئورنى]: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.
[يىغىپ ساقلاش]: 7 – ئايلاردا پىشقاندا ئۆزۈۋېلىپ قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.
[تەبىئىتى]: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
[خۇسۇسىيىتى]: غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلىتنى يوشۇرۇش، سۈرۈش، قان سەپرا خىلىتنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، قۇرۇق ھۆنى پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.
[ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر]: ھەر خىل قىزىتما، يۇقىرى قان بېسىم ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، نەزلە، يۆتەل، سەپرادىن بولغان تەپ ھەزىم ئاجىزلىقى، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 22:39:27

{:112:}

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 22:40:03

يۆتەل داۋاسى بىيە ۋە بال
كۆكنۇر تورى تۇركچىدىن تەييارلىدى



تۇركىيە يەدىتەپە ئۇنىۋېرسىتى دورىگەرلىك فاكۇلتىتى فارماكوگنوزى ۋە فىتوتېراپى ئانابىل ساھەسى باشقانى پىراففىسور ئەردەم يېشىل ئادا بىرقانچە يىل بۇرۇن ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئادەتتە سوغۇق تەككەندە دەرھاللا كاللىغا كېلىدىغان ئىخلامۇر چېچىگىنىڭ «ياللۇغ قايتۇرغۇچى» ۋە «ئاغرىق توختاتقۇچى» تەسىرىنىڭ بارلىغىنىڭ تەجرىبىۋى ھالدا ئوتتۇرغا قويۇلغانلىغى مەلۇم.  
پىراففىسور دوكتور ئەردەم يېشىلئادا  ئېلىپ بارغان باشقا بىر تەتقىقاتتا ئىخلامۇر تەركىبىدىكى بەزى بېرىكمىلەر ياللۇغ قايتۇرغۇچى ۋە ئاغرىق توختاتقۇچىلىق قىلسا  ،بەزىلىرى بوغازنى يۇمشۇتۇپ نەتىجىدە بوغازدىكى قىچىشىشنى پەسەيتىدۇ ۋە بۇ تەرىزدە سوغۇق ئۆتۇشنىڭ ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. دوكتور ئەردەم سوغۇق تەككەنلىكى ھىس قىلىنغان ،يوتەل پەيدا بولغان چاغدا ئىخلامۇر چېچىگى بىلەن بىيە بىللە ئىشلىتىلسە دورىلىق ئۇنىمىنىڭ كۇچلۇك بولىدىغانلىغىنى سۆزلەيدۇ.بىىيە بىلەن ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ھەم يۆتەل داۋاسىغا ياردەمچى بولىدۇ.بولۇپمۇ ئۇلار ئىخلامۇر بىلەن بىرلىكتە چاي ھازىرلانغاندا چاينىڭ تەمى ۋە تەسىرى كۇچلۇك بولىدۇ. ئەردەم يېشىلئادا بىيە ۋە ئىخلامۇردىن قىلىنغان چايغا شەكەر ئورنىدا بال ئىشلىتىلسە تېخىمۇ دۇرۇس بولىدىغانلىغىنى ،شۇنىڭ بىلەن بىللە يۆتەل ۋە باشقا سوغۇق تىگىشلەرگە تېخىمۇ كۇچلۇك داۋا بولىدىغانلىغىنى ئېيتىدۇ.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 09:16:11

ئەينۇلا  بىلەن قارا ئۈرۈكنى ئادەتتە قوقاق ياندۇرىدۇ  دەپ ئىشلىتىمىز.
قوقاق دىگەن زادى نېمە؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 09:17:15

ئىخلامۇر دېگەن قانداق ئۆسۈملۈك بولغىيدى؟

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 09:17:56

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 09:24:03

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 04:16 static/image/common/back.gif
ئەينۇلا  بىلەن قارا ئۈرۈكنى ئادەتتە قوقاق ياندۇرىدۇ  د ...

ياللۇغمىكى :lol

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 09:51:40

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 09:16 static/image/common/back.gif
ئەينۇلا  بىلەن قارا ئۈرۈكنى ئادەتتە قوقاق ياندۇرىدۇ  د ...

كېچىچە گازىرنى چىقىپ، ئەتىسى تۇخۇم قۇرۇپ يەڭە ، قوقاق دىگەننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئاندىن بىلىسىز.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 10:43:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-6 10:46  

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 09:17 static/image/common/back.gif
ئىخلامۇر دېگەن قانداق ئۆسۈملۈك بولغىيدى؟

تۈركچە:  Ihlamur
خەنچە:           菩提树
ئىنگلىزچە: linden tree

دەيدىكەن، ئۇيغۇرچە ئىزدەپ باقسام فىكۇس دەپ چىقتى. رەسىمىنى ئىزلەپ باقساڭلار بولىدىغان ئوخشايدۇ ھەكىم.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 10:48:09

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 10:43 static/image/common/back.gif
تۈركچە:  Ihlamur
خەنچە:           菩提树
ئىنگلىزچە: linden tree


ئەسلى بىرزاتقا  ئەۋەتسىڭىز توغرا بولاتتى.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 10:49:30

106 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 09:51 static/image/common/back.gif
كېچىچە گازىرنى چىقىپ، ئەتىسى تۇخۇم قۇرۇپ يەڭە ، قوقاق ...

مەن شۇ تىببى ئىلىمدىكى مەنىسىنى بىلەي دىگەن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 10:51:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-6 10:53  

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 09:17 static/image/common/back.gif
ئىخلامۇر دېگەن قانداق ئۆسۈملۈك بولغىيدى؟

لىپا دەرىخى شۇغۇ دەيمەن.

خەنزۇچە 椴树 دەپ قويىدۇ.
پۇتى(توغرا ئاتىلىشى :بۇددى) دەرىخىمۇ دىيىلىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ساكيامونى ھەزرەتلىرى مۇشۇنداق تەرەخنىڭ ئاستىدا بۇددا بولغانمىشلەر . (菩提树)

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 13:34:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ozuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-6 13:39  

  Ihlamur  تۈركچە ئىسىم بولۇپ  بىر خىل دەرەخنىڭ ئىسمىكەن.
ئۇيغۇرچە      :  لىپا  دەرىخى
تۈركچە         :    Ihlamur  
ئېنگىلىزچە  : Tilia
خەنزۇچە        : 椴树
ئەرەپچە         : شجرە الزيزفون
فارىسچە        : نمدار
ئۆزبېكچە      :  Lipa
ئەزەربەيجانچە: Cökə

بۇ دەرەخ  20-40  مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدىغان ، قىشتا يۇپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ تۈرلىرى كۆپكەن.  ئاساسلىقى ئوتتۇرا ۋە شەرقى ياۋرۇپادىن تارقالغان بولۇپ شىمالى يېرىم شاردا ئۆسىدىكەن.
قەدىمدە ئوتتۇرا ياۋرۇپادىكى  كەنتە مەھەللىلەردە   بۇ دەرەخنىڭ ئاستى  توپلىنىدىغان، ئويۇن  تاماشا قىلىدىغان، بايرام قىلىدىغان، مۇراسىملار ئۆتكۈزىلىدىغان ھەم  ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئېلان قىلىنىدىغان جاي بولۇپ  مۇقەددەس ھېساپلىنىدىكەن. بۇ دەرەخ 6-7 ئايلاردا چېچەكلەيدىكەن، چېچىكى خۇشوپۇراقلىقكەن.  مەنزىرە دەرىخى ۋە ياغاچ ماتېريال ئۈچۈن ئۆستۈرۈلىدىكەن، ياغىچىدىن ھەرخىل ئۇسۇلدا پايدىلىنىدىكەن ھەم چالغۇ ئەسۋاپ ياسىلىنىدىكەن،سۈپەتلىك ئوتۇن قىلىنىدىكەن، قوۋزاقلىرىدىن چىگە يىپ ئىگىرىلىپ تاغار توقۇلىدىكەن.
بۇ دەرەخنىڭ  چېچىكى  دورا چاي سۈپۈتىدە ئىچىلىدىكەن. چېچەكنى دەملەپ ۋە قاينىتىپ ئىچسە  نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، قان ئازلىقنى داۋالاش، قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۈرەكنى ياخشىلاش، بۆرەكنى ۋە دوۋساقنى تازىلاش،سۈيدۈك ھەيدەش، سۈيدۈك يوللىرىدىكى تاشلارنى چۈشۈرۈش، تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەرلىتىش، زۇكام ۋە سوغۇق ئۆتۈشتىن بولغان دەرتنى ئېلىش، كۆكسىنى ۋە ئۆپكە كانايچىلىرىنى بوشىتىش، ئۈچەيلەرنى راۋانلاشتۇرۇش، يۈزگە گۈزەللىك بېرىش، چاچ تۆكۈلۈشنى ئازايتىش قاتارلىق پايدىلىرى باركەن.


مەنبەلەر:  ۋىكىپىدىيە،
http://www.nedir-nedir.com/ihlamur-hakkinda-bilgi.html
http://www.ciceksehri.com/ihlamur-agaci-otanik-olarak-ihlamur/

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 14:03:53

洋莎 دېگەننى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز ؟
دەپ بېرىڭلار بەلەن باللا

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 14:53:16

Tuwatur يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 14:03 static/image/common/back.gif
洋莎 دېگەننى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز ؟
دەپ بېرىڭلار بەلەن ب ...

قىياق شۇدۇ؟

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 15:22:00

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 14:53 static/image/common/back.gif
قىياق شۇدۇ؟

莎 دېگەنغۇ قىياقكەن ،洋莎 دېگەن نېمىدۇ دەپ قالدىم. ئەجنەبىي قىياق دەيمۇ يە؟ (ھېجايغان چىراي ئىپادىسى چىقماي تۇرىۋالدى)

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 15:46:37

تۈركلەرنىڭ كۆپ قېسىملىق بىر تېلۋىزىيە فىلىمىدا بىر يەھۇدىي جازانىخۇرنىڭ قاچان قارىسا ‹‹مەن ئىخلىموردا دەملىگەن چېيىمنى ئىچىۋالغاندىن كىيىن پۇلنىڭ گېپىنى قىلىشايلى›› دەيدىغان بىر گەپلىرى بولىدىغان. ئەسلى مۇنداق بەلەن نەرسە ئىكەندە بۇ؟!!! ئاۋۇ لىپا دېگەن ئاتالغۇ ئۇيغۇرچە لۇغەتكە قانداق كىرىپ قالغاندۇ؟

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 16:38:09

لىپا  دىگەن ئاتالغۇنى ئۆزبېكچىدىن ئاتالغۇ ئېلىش مودا بولغان زاماندا ئۆزبېكچىدىن ئالدىمىكىن يا.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 16:42:38

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 09:16 static/image/common/back.gif
ئەينۇلا  بىلەن قارا ئۈرۈكنى ئادەتتە قوقاق ياندۇرىدۇ  د ...

ئەسلى تەگ ئاتىلىشى قوقاق، تىببى ئاتىلىشى ياللۇغ دەپ ئاڭلىغان.

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 16:52:56

گەپنىڭ بېشى مۇشۇ يەردە چىقىپ قالغان بولغاچقا، داۋامىنى مۇشۇ يەردە سورىۋالاي، ئۆزرىلەر.
تۇرپان ئۈلگە رايونىغا ئائىت بىر خەۋەر تەرجىمە قىلىۋاتقان، 洋沙支渠 ۋە  洋莎绿化工程 دەپ ئىككى گەپ چىقىپ قالدى. 洋沙支渠 دېگەننى يىڭسار ئۆستىڭى دېدىم، ئەمما ماۋۇ 洋莎绿化工程 دېگەن گەپتىكى 洋莎 ئۆسۈملۈك ئسمىمۇ ياكى يىڭسار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى دېگەن گەپمۇ پەقەت ئاڭقىرالمىدىم. بىلىدىغانلار بىر ياردەم قىلىڭلار، تۇرپانغا بېرىپ كۆرۈپ سوراپ كېلەي دېسەم ئىمكان يوق.
بەت: [1] 2
: ئەينۇلا乌梅