hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 18:31:45

جوڭگو تىلىگىرافىنى نەدىن باشقۇرىدىغاندۇ ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 19:59  

       بىر كۈنىسى كەچتە يانفۇنىمدا ئۈندىدارنى ئېچىپ دوستلار چەمبىرىكىنى كۈرۈپ ئولتۇرسام : 10000888 دىگەن نۇمۇردىن « تىيەنيى ئۇقۇشلۇقى نى ئىشلەتكىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز ، ئىستىمال ھەققى 10 يۈەن ، پۇلنى جوڭگو تىلىگىرافى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قالىدۇ ، [خېرىدارلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسى 118178] » دىگەن ئۇچۇر كەپقالدى ، بۇ نىمە گەپتۇ دەپ تۇرسام ، بىر مىنۇتتىن كىيىن 11817175 دىگەن نۇمۇردىن :« سىز مۇۋەپپەقىيەتلىك سېتىۋالدىڭىز»  دىگەن ئۇچۇر كېپقالدى ....
   بىكاردىن بىكارغا ئون كوي تۆلىگىچە قايتۇرۇۋەتمەيمەنمۇ دەپ ئاۋۇ   118178 دىگەن نۇمۇرغا تېلىفۇن قىلىپ تېلفۇنىست مۇلازىمىتىنى تاللىسام قەتئى ئالالمىدىم ، 4 قېتىمدەك ئۇرغان ئوخشايمەن ...
ئەتىسى تېلفۇنىم تۆختاپ كىتىپتۇ ، جوڭگو تىلىگىرافىنىڭ تور تىجارەتخانىسىغا كىرىپ تەكشۈرسەم ، ئاخشامقى تۆت قېتىملىق تېلفۇن ، مۇنداقلا قىلىپ ئېيتقاندا « ئىشىك چەككەنلىك » ئۈچۈن قىرىق يۈەن تۇتۇپ قاپتۇ ، جوڭگو تىلىگىرافى 10001 گە تېلىفۇن قىلىپ تېلفۇنست مۇلازىمىتنى قەتئى ئالالمىدىم .
ئاندىن جوڭگۇ تىلىگىرافى ئۈندىدار مۇلازىمەت سالۇنىنى قۇشۇۋېلىپ ئەرز قىلىپ قويدۇم ، ئۇ يەردىمۇ تاھازىرغىچە جاۋاپ يوق ..
بۈگۈن تېلگىرافنىڭ ئاۋازلىق تېلفۇنىست مۇلازىمىتى ئۇلىنىپ قالدى ، مەزكۇر ئىشلارنى دىسەم ، 天翼阅读 دىگەن بىزنىڭ تىلىگىرافقا تەۋە ئەمەس ، تېلفۇن ئۇرسىڭىز شۇ پۇلىڭىزنى تۇتۇپ قالىدۇ ، دەيدۇ ، تىلىگىرافقا تەۋە بولمىسا نىمىشقا سىلەر ئۇلارنىڭ ھەق تۇتۇپ قېلىشىغا ياردەم قىلىسىلەر ، ئۇلار بىزگە نىمە قىلىپ بەرگەنلىكى بىلەن شۇ ھەقنى ئېلىشقا تىگىشلىك دىسەم ، ئەرزىڭىزنى يوللاپ قويدۇم ، ئالدىدا ئەرز قىلىپتىكەنسىز ، سىزگە تېلفۇن قىلسا 无法接通 دەپ ئۇلانماپتۇ ،دەيدۇ ، بۇ گىپىمۇ يالغان ئىدى ، يانفۇنىمدا 通信助理 بارتى ، ناۋادا تېلىفۇن ئۇرغانلىقى راست بولسا ،جەزمەن ، تېلىفۇننى ئاچقاندىن كىيىن ئۇچۇر كىلەتتى ، ئۇچۇر كەلمىسىمۇ ئاشۇلار مەسئۇل دە ، ھەق ئالغاندىكىن ....
بۇنى قانداقمۇ بولمىسۇن بىر تەرەپ قىلىپ بىرىڭلار ، بولمىسا مەن داۋاملىق ئەرز بىرىمەن ، دىسەم ، نەگە بېرىپ ئەرز قىلسىڭىزقىلىڭ ،دەيدۇ ....
      قارىغاندا بۇلارنىڭ ئۆزىگە ئەرز قىلغاننىڭ پايدىسى يوق ئوخشايدۇ ....
تاما تاما كۆل تۇلار دەپ مۇشۇلارنىڭ خالىغانچە كەسپ بىجىرىشىگە ، چوڭ سۆزلىشىگە شارائىت ھازىرلاۋاتقان مۇشۇ تېلفۇن پۇللىرى ....
     مۇشۇلارنىڭ ھەرىكىتىمۇ ئەمەلىيەتتە شەكلى ئۆزگەركەن قاقتى -سوقتىلىق بولماي نىمە ؟ مۇشۇلارنى بىۋاستە نازارەت قىلىدىغان ، ئەمما پايدىدىن بەھرىمەن بۇلىدىغان ئۇرۇن قايسى ؟
      ئاۋۇ  118178  كە تېلفۇن ئۇرۇپ سىناپ باقىدىغانلار بارمۇ ؟

   

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 20:00:58

بۇ تېمىنى بارلىق مۇنبەرلەرگە كۈچۈرۈپ تارقىتىشقا بۇلىدۇ!!!!

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 22:14:22

010-12315

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 22:28:33

شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى  دەپ ئورگان بار   سىز شۇ ئورۇنغا ئەرز قىلىڭ     تىلگىراف شىرىكەتلىرىنى تۈزەيدەىغان يەر  ئۇ                  سىز تېلگىرافنىڭ ئاۋازلىق تېلفۇنىست خادىمغا يەنە بىر قىتىم تىلفۇن ئۇرۇڭ    ئەگەر ھەل قىلمىساڭلا 12300 گە ئەرز قىلمەن دەڭ        بۇ ئىدارىنىڭ ئىسمىنى چىقارسىڭىز  خەۋەرلىشىش شىركەتىلىرى  ئىشتىنىغا چىقىرۋىتىدۇ      مەن بۇرۇن كۆچمە خەۋەرلىشىش شىرىكىتىدە ئىشلىگەن      سىز خاتىرجەم مۇشۇ بويىچە قىلىڭ

kitabhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 22:33:39

تىلگىراف شىركىتى ئەمەس ئەسلى پۇل كولاش شىركىتى بۇلار …ئۆيدە ئەسلە تىلگىرافنىڭ تورى بار ئىدى،تىلفۇنۇممۇ تىلگىرافنىڭ ئىدى ،بۇ تىلگىرافنىڭ يۈزى بەك قىلىن …ئاخر بىرلەشمىگە كۆچىۋالغان ئىدىم

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 23:24:37

ئاۋۇ 12300يامان يەر، شۇ يەرگە ئەرز قىلىمەن دەڭ، يەنە ئىپادە بىلدۈرمىسە سىز دەسلەپ ئەرز قىلغان كۈندىن باشلاپ 15كۈنگىچە ئەرزىڭىزنى بىر تەرەپ قىلمىغاندا ئاندىن 12300
گە ئۇرۇڭ. بۇ تېلېگراف دېگەن ئەڭ بېزەڭ، ئەڭ قېلىن كارخانا، ئۆزىگە ئەرز قىلغاننىڭ پايدىسى يوق.

aLKaMaL1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 09:45:39

标题

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aLKaMaL1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-3 09:50  

مىنىڭ ئۆيۈمدە كومپىيۇتىرغا چىتىغلىق تىلگىرافنىڭ سىملىك تورى با، تور سۈرئىتى ئاران 2 مىگا، لىكىن ھەر ئايدا 100 سوم تۆلەپ قويۇپ تىلفۇندا قەتئى سۆزلەشمىسەم شۇ 100 سوم يىتىپ كىلەركى ئايغا 3 سوم ئىشىپ قالىدۇ.
ئىشلەتمەيمۇ دەپ باقتىم لىكىن كۆنۈپ قاپتىمەن، تور سۈرئىتى ناھايتى ئاستا  10 مىنۇتلۇق ۋىدىئونىمۇ كۆرەلمەيمەن دەپ شىركەتكە شىكايەت قىلسام ئۇلار: ئۆيىڭىز يىزىدىكەن، سىزگە تور سۈرئىتىنى 10 مىگا قىلىپ
بەرسەكمۇ بەرىبىر ئاستا دەپ گەپنى ئۈزدى،
بولمىسىغۇ قالغان ئىككى شىركەتنىڭمۇ سىملىق تورى باكەن
لىكىن بىز تەرەپلەردە يىزا قىشلاقلارنىڭ سىملىق تورىنى
ئاساسەن تىلگىراف شىركىتى مونۇپۇل قىلىۋالغان، باشقا شىركەتلەرنىڭ سىملىق تو رى يوق.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 10:52:48

ئۆيمدىكى تور سۈرئىتى ھازىر 20M ئالدىنقى كۈنى تېلفونۇمنى ئاچسام سېنىڭ ھازىرقى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىڭگە 50M قىلىپ ھەقسىز كۆتۈرۈپ بېرىمىز دەپ ئۇچۇر كەلدى . تەپسىلاتىغا قارىسەم 2000 جۇغلانما نومۇرغا بىر يىل 100M لىق تور ئېچىپ بېرىمىز دەپ تۇرىدۇ ، قارىسام 3700 جۇغلانما نومۇرۇم باركەن  100M غا ئىلتىماس قىلسام 24 سائەت ئىچىدە تور سۈرئىتىنى كۆتۈرۈپ بېرىمىز دەپ ئۇچۇر كەلدى، ھىچ ئىشەنمەي ساقلاپ تۇرۋاتىمەن.

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 10:58:47

بىزنىڭ ئۆيدە بۇرۇن تېلىگىراف سىمسىز تېلىفونى بار ئىدى،سۆزلەشكەننىڭ تايىنى يوق قەرزدار قىلىپ قويۇپ تىجارەت زالىدىكى ئاداشنىڭ بېشىغا ئېتىپ قۇتۇلغان.كىيىن سىمسىز تورىنى ئىشلىتىپ باقاي دەپ ئىشلەتسەم چ چ نىمۇ نورمال ئىشلىتەلمەي قالغاننىڭ ئۈستىگە پۇل تووشىمىدى.ئاخىرى ئىستىقبالنىڭ ئالدىدىكى چىرايلىق قىز بالىغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ سۆكتۈرىۋىتىپ قۇتۇلغانىدىم……ئىشەكمۇ بىر پۇتى كىرىپ كەتكەن تۆشۈككە قايتا پۇت سالمايدۇ دىگەن ماقال بويىچە تېلىگىراف دىگەن كۆۋرۈككە پۇت سالماي ژۈرۈپتىمىز!……ماڭا كۆچمە خەۋەرلىشىشى يارەيدۇ.ھەق ئېلىشى تەرتىپلىك،چۈشىنىشلىك،خېلى ئادىل دەپ ئويلايمەن……

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 11:03:29

مەن تېلىگىراف ئابونتى ۋاقتىمدا تىجارەت زالىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ مۇئامىلىسى دەششەتتىن بەك دەششەت قوپال،ھالى يامان ئىدى،بۇ خەخ بىلەن بادى كەلدى قىممىغىلى ئۇزاق بوپتۇ،ھازىر مۇئامىلىسى ياخشىلانغانمىدۇ؟……

tureli يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 11:05:48

بۇ ېلگىراف شىركىتى ئىشقىلىپ ئۇچۇق - ئاشكارا بۇلاڭچىلىق قىلاي دىسە يۈزى قىزىرىدۇ ،شۇڭا ئۇنىڭ - بۇنىڭغا يۆلەپ پۇل ئۈندىرىدىغان شىركەتكەن .

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 11:37:32

مەن مۇشۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشتىن شۇنداق زېرىكتىم ، باش ئىدارىدىن  ھەرقايسى تارماق ئىدارىلەرگە بىر تۇتاش كوچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تورىنى ئورناتقۇزدى . ھەر بىرىمىزگە بىردىن ئابونىت نومۇرى ھەم تور كارتىنىڭ MAC  ئادرىسىغا باغلانغان شىفىر بەردى  . شۇنداق قىلسا بىزنىڭ توردا نىمە قىلغىنىمىزنى نازارەت قىلالايدىكەن  . توختامدا 4M تور سۈرئىتى دىگەن ئىدى ئەمەلىيەتتە بەك بەك يۇقۇرى بولۇپ كەتسە 2M گە چىقىدۇ تېنىچ ھالەتتە تېخى . كۆچمىگە تېلفون قىلسام بىر شۇم كىلىپ مۇشۇنداق بولىدۇ تور ئېقىمى دىگەن قوراپ كېتىدۇ دەپ كىتىپ قالدى .

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 11:59:56

سىز خەنزۇچە تور بەتلەردىن تېلىفۇن قايتۇرسا پۇل ئوغۇرلايدىغان ئىش تۇغۇرلۇق بەيدۇلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. تور ئارقىلىق ئالدانغان ئادەم كۈرمىڭ. سىزگە بىر تېلىفۇندىن تېلىفۇن كېلىدۇ، ئەمىلەتتە ئۇنىڭ ئۇرغىنى سىز كۆرگەن نومۇر ئەمەس بولۇپ چىقىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. مەنمۇ يۇلۇققان شۇنداق ئەھۋالغا.
مېنىڭ پەرىزىمدە، سىز ئەشۇ قىسقا ئۇچۇردىكى نومۇرنى كۇنۇپكا بىلەن بىردىن- بىرىدن باسماي بىۋاستە قايتۇرغان بولسىڭىز  سىزنىڭ تېلىفۇن پۇلىڭىز ئوغۇرلانغان بولىشى مۇمكىن. سىزگە كەلگەن ئۇ ئۇچۇرغا ھېچ قانداق كارىڭىز بولمىغان بولسا بەلكىم جىنايەتچى مەقسىتىگە يىتەلمەيدۇ. توردىن ئىزدەپ كۆرۈڭ، يانفۇن ئارقىلىق ئەشۇنداق جىنايەت ئۆتكۈزىىغانلار كۆپ ئوخشايدۇ. خەنزۇ يولداشلارنىڭ يازمىلىرىنى كۆپ تاپالايسىز، سىزگە ئوخشاش كىلەشمەسلىككە ئۇچرىغانلارنى.
تېلىگىرافتىن ئاغرىنىپ ئولتۇرىدىكەن، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھېلىقى نومۇرنى باشقا نومۇرغا ئالماشتۇرۇپ كۆرسىتىدىغان جىنايەت تېخنىكىسىنى تېلىگىرافتىكىلەر كەشىپ قىلمىغان.
ھازىر تېلىفۇن بىلەن شۇنداق قويمىچىلىق قىلىدىغان تېخنىكىلار بار ئوخشايدۇ. توردىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى كۆرسىڭىز بىلىسىز.
3- تەرەپ پۇلىڭىزنى قويغاندەك تۇرىدۇ.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 13:03:49

قايسى كۈنى كۆچمە خەۋەلىشتىن تېلفۇن قىپتۇ،تېلفۇننى ئالدىم لىكىن قارشى تەرەپ ئېنىق چۇشەندۇرمەيلا مەخپىي نۇمۇرۇڭنى كىرگۇز دەيدۇ،ئاچچىقىم كىلىپ نىمىشقاكىرگۇزىمەن دىسەم نۇمۇر سىنىڭ نامىڭدىمۇ شۇنى بىلىمىز دەيدۇ.مە بۇرۇن بىر قېتىم زالغا بېرىپ ئىسىمنى دەلىللەپ بولغان.خۇيۇم تۇتۇپلا قۇيۋەتتىم.يەنە قايتا ئۇرىدى ،تېلفۇننى ئالسام ئۆزىنى چۇشەندۇرگىلى باشلىدى ،ئىش نۇمۇرۇڭ قانچە دىسەم دەپ بەردى،شۇ يەردىلا قۇيۋېتىپ تېلفۇنى 10086گە ياندۇرۇپ تېلفۇن قىلىپ بايام ماڭا تېلفۇن قىلغان سىلەرنىڭ ئادەممۇ دىسەم ھەئە دەيدۇ.ھەئە بوپتۇ ئۇنداقتا ئىشى بولسا قايتا قىلسۇن دەپ قۇيۇۋەتكەنتم.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 13:18:59

Dihkanbay يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 13:03 static/image/common/back.gif
مەن تېلىگىراف ئابونتى ۋاقتىمدا تىجارەت زالىدا ئىشلەيد ...

نەدە مۇئامىلىسى ياخشى تىلگىراف شىركىتىدىكىلەرنىڭ.
ياخشى قىز- ئوغوللار شۇ تىلگىرافتا ئىشلىسە، تىلگىرافنىڭ خۇيىنى ئۈگۈنىدىكەن ئەمەسمۇ؟

ھارامزادىلەر! پارچە پۇل بىلەن ھەق تۆلىگىلى بولماسلىق، شەخىسلەرگە مالىيە تامغۇسى بار ھۆججەتنى بىسىپ بەرمەسلىك، گەپ سورىسا قوپال مۇئامىلە قىلىش، بىلمەيمەن دىيىشنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىش ئۇلارنىڭ ماھىيتى ياكى دائىملىق مىجەزى بوپ قاپتۇ.

مەن بىر قىتىم 10 يۈەنلىك، 5 يۈەنلىك پارچە پۇلدىن 250 يۈەننى تور ھەققىگە تۆلەي دەپ بارسام، ئاپتۇماتىك ماشىنىدىن تۆلىسە دىدى، مەن قولومدىكى پارچە پۇل، ئاپتۇماتىك ماشىنىغا سىلىش ئەپسىز، نەق تۆلىسەم ھۆججەت چىقىرىپ بىرىڭ دىسەم، سىمىزلام، سەتراق بىر قىز بالا بار ئىكەن، ساڭا ھۆججەت چىقىرىپ بىرىپ بولالمايمەن، مەن پۇلمۇ ئالمايمەن، تۆلىسەڭ ئەينا ماشىنا دەپ بىزىرىپ تۇرىۋاپتى.
تازا قىزىرىشىپ قالغاندا، ئىشخانا خاىملىرى پۇلنى ئىلىپ ھۆججەت چىقىرىپ بىرىڭ دىگەندە قىلىپ بەردى.

ئۇ قىزنىڭ قىلغىنى: ھۆرمەت شارابىنى ئىچمەي، جازا شارابىنى ئىچكەنگە ئوخشاپ قالدى.

بۇ ئىشلار گۇما ناھىيلىك تىلگىراف تىجارەت زالىدا يۈز بەرگەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 13:21:33

تاللا بازىرى، يىمەكلىك ساتىدىغان تىجارەتچىلەرنى تىلگىراف شىركىتىگە ھەر ئايدا 139 يۈەنگە مەجبۇرىي تور تارتقىلى سالمىغان بولسا، تىلگىراف شىركىتى بىلەن خوشلىشىدىغان ۋاقىتلار كىلىپ قالغان ئىدى.

مۇنبەر كۆرۆپ، كىنو كۆرۆش دىگەنگە بىرلەشمە، كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ كەڭ بەلباغ تورلىرىمۇ يىتىپ ئاشاتتى.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 13:40:02

راسلا يىزا قىشلارقلاردا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تىتوڭلارنىڭ تور كابىلى يوقمۇ .
مەن بىرلەشمىنى ئىشلىتىمەن ئاڭلىسام تىتوڭ بەك ياخشى دەيدۇ لىكىن بۇ يەردە سىمى يوق دەپ ئىشلىتەلمەي لىيەنتوڭنىڭ كىنى ئىشلىتىۋاتقان ،سۇرىتى 419  كۇەندەيسى 3-4ئارلىقىدا ئىكەن.

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 14:39:19

كۆچمىنىڭ ئەرزان ھازىر 20لىق تور 380يوئەن      پالىيەتىنى بەك قىلىۋاتىدۇ

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 15:35:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KAPITAN39 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-3 15:36  

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 13:40 static/image/common/back.gif
راسلا يىزا قىشلارقلاردا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تىتوڭلار ...

تۇمۇر يول خەۋەرلىشىشى(تىېتوڭ) تور خەۋەرلىشىشى(ۋاڭ توڭ) دىگەن شىركەتلەرنى ھازىرقى تىلگىراف،كۈچمە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىگە قۇشۇۋەتتى  دەپ ئاڭلىغان. سىزنىڭ  مەھەللىدە  بار  ئوخشىمامدۇ ؟

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 15:44:25

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 13:18 static/image/common/back.gif
نەدە مۇئامىلىسى ياخشى تىلگىراف شىركىتىدىكىلەرنىڭ.
ي ...

نەخ  مەيداندا  ئونمىڭغا  تىلفۇن قىلىپ ئەرز  قىلماي. مەن ھەق  تۇلەي  دەپ بارسام  ماشىنىغا  تاپشۇرۇڭ  دەيدۇ، ماشىنا بۇزۇلۇپتۇ. ماشىنا پۇل  ئىلىپ  بۇلالماي خىجىل  بوپ قىلىپتۇ سىزگە تاپشۇراي دىسەم ئۇنىمايدۇ، ئونمىڭغا تۇلەمدىم يا دەپ تىلفۇننى قولۇمغا  ئالسام  شۇنىڭ بىلەن ھەل بوپ كەتتى ئىشلا.
بەت: [1] 2 3 4
: جوڭگو تىلىگىرافىنى نەدىن باشقۇرىدىغاندۇ ؟