hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 17:36:17

8735 گەپ قىلىڭ، سىز تىلىگىراف شىركىتىگە ۋاكالىتەن گەپ قىلىۋاتامسىز ؟ ياكى سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە بۇ راستىنلا بىزنىڭ گۇناھىمىزمۇ ؟

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 17:50:50

مەن ئۇيەرگە مۇلازىمەتنى قۇبۇل قىلغىلى ئەمەس ، بەلكى شۇلارنىڭ شۇ مۇلازىمىتىنى ئەتكۈزۈۋەتكىلى تېلفۇن قىلغان ،،،
ھەم پۇلنى ئۇ يەرگە ئەمەس جوڭگۇ تىلىگىرافىغا تۆلىگەن ....



1000088 دىگەن نۇمۇردىن سىزگە« تىيەنيى ئۇقۇشلۇقى نى ئىشلەتكىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز ، ئىستىمال ھەققى 10 يۈەن ، پۇلنى جوڭگو تىلىگىرافى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قالىدۇ ، [خېرىدارلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسى 118178] » دەپ ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق سىزنى 118178دىگەن مەۋھۇم نومۇرغا تىلىفون قىلىشقا قىزىقتۇرغان.
ئەمەليەتتە سىزگە ئاشۇ ئۇچۇر كەلگەندە تىئەنيى ئوقۇشلۇقى دەيدىغان مۇلازىمەتمۇ ئېچىلمىغان ھەم مۇلازىمەت ھەققى 10يۇئەنمۇ تۇتۇلمىغان ھەم تۇتۇلمايتتى.
سىز118178دىگەن نومۇرغا تىلىفون قىلغان ۋاختىڭىز دەل سىزنىڭ قىلتاققا دەسسىگەن ۋاختىڭىز.
ئەمەليەتتە دولىتىمىزدە تىلىگىراف ھەقلىرى بىلەن ھىسابات قىلىدىغان ئۇچۇر مۇلازىمەتلىرى ۋە شىركەتلىرى بەكمۇ كۆپ.شۇڭا سىزنىڭ بۇنداق زىيىنىڭىزغا تىلىگىراف شىركەتلىرى مەسئۇل بولمايدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 18:33:26

anw8735 يوللىغان ۋاقتى2014-12-8 17:50 static/image/common/back.gif
1000088 دىگەن نۇمۇردىن سىزگە« تىيەنيى ئۇقۇشلۇقى نى ئىشل ...

دىمەكچى بۇ قىلتاق قۇرۇش قانۇنلۇق دىمەكچىمۇسىز ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 18:50:34

anw8735 يوللىغان ۋاقتى2014-12-8 19:50 static/image/common/back.gif
1000088 دىگەن نۇمۇردىن سىزگە« تىيەنيى ئۇقۇشلۇقى نى ئىشل ...

سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز قىلچە ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىنكاس ئىكەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 18:55:54

harunjan يوللىغان ۋاقتى2014-12-8 18:09 static/image/common/back.gif
بۇ ئىشتا تېلىگراف شىركىتىنىڭ مەسئۇليتى بار، تىيەنيى ب ...

سىلە بولساڭلىمۇ جىڭ گەپ قىلدىڭلا مانا.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 19:00:13

86 يوللىغان ۋاقتى2014-12-3 13:59 static/image/common/back.gif
سىز خەنزۇچە تور بەتلەردىن تېلىفۇن قايتۇرسا پۇل ئوغۇرل ...

بۇ ئىنكاسىڭىز ھەقىقەتەن جايىدا بولماپتۇ.

تىلىفۇندىن قۇيمىچىلىق قىلىشنىڭ بىر ئاساسىي لىنىيسى بولمىسا، ھەممىسى باكا، بۇ ئاساسىي لىنىيە تىلگىراف، كۆچمە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى.

بۇلار دەلباشقا شىركەتلەر بىلەن سودا ئالاقىسىدا، يۇمشاق دىتال ئارقىلىق پۇل تۇتۇش مەسىلىدە توختام بولىشى ئىنىق، بولمىسا ئۆزىدە بولمىغان مۇلازىمەتكە سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدىن پۇلنى ئىلىپ خەقكە بىرەلمەيدۇ.
تىلگىراف شىركىتىنىڭ يۇمشاق دىتال تۈرىدە، قانچىلىك پۇل تۇتىدىغان كەسىپنىڭ بارلىقىنى كىم بىلىدۇ؟

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 21:39:31

تىلگىراف، كۆچمە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ھەممىسى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار كارخانىلارنىڭ بىرىنجى قول باشلىقلىرىنىمۇ ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىشلار با مىش دۆلەت ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىۋاستە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ تۇرىدۇ ، مەسىلەن 3g تورىنى مىسالغا ئالساق بىرلەشمە خەۋەرلىشىشكە دۇنيادا ئىشلىتىش نىسبىتى ئەڭ ياخشى بولغان 3G تورىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەردى تىلگىرافقىمۇ يەنە بىرخىل 3g تورىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەردى , كۆچمە خەۋەرلىشىكە بولسا ئەڭ ئەبگا بولغان دۆلىتىمىز ئۆزى تەتقىق قىلغان 3G تورىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەردى ... شۇنىڭ تەسىرى بىلەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئابونت سانى تىز سۈرئەتتە كۆپەيدى ..... باشقا ئىككى شىركەت بۇ جەھەتتە كىيىن قالدى . ئەمدى كۆچمە خەۋەرلىشىشكە ئورنىنى تۇلۇقلاپ بىرىش مەقسىتىدە 4g نىڭ ئەڭ نوچى تورىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەردى ......... ھەممە خەۋەرلىشىش شىركىتىنڭ بېشى بىر ئادىل رىقابەتلىك بازار مەۋجۇت ئەمەس .........
بۇ شىركەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ قاملاشمىغان ئىش يىڭى ئابونتلارغا ناھايتى ياخشى ئەرزان بولغان مۇلازىمەت تۈرلىرى بار كونا ئابونتلار بىجىرەي دىسە بىجىرەلمەيدۇچۇقۇم باشقىدىن كارتا بىجىرىش كىرەك ،،، مەن مۇشۇ توغرۇلۇق نەچچە قىتىم ئەرىز قىلغانئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن چۈشەنچىسى ئەپەندىم سىز ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپتە ئوقۇغاندا ھەقلىق ئوقۇغان ھازىرقى باللار ھەقسىز ئوقۇيدۇ .. ئەمدى سىز قوپۇپ نىمىشقا مىنىمۇ ھەقسىز ئوقۇتمىغان دەپ دەۋا قىلسىڭىز بولامدۇ دىگەن مەنتىقە بولدى.............. پايدىسى بولمايدىكەن

شەخسى كۆزقارىشىم
تور ۋە تېخنىكىلىق مۇلازىمەتكە ئىھتىياجلىقلابىرلەشمە خەۋەرلىشىشنى
ئاممىباپ قولايلىق بولۇشنى ۋە سۆزلىشىنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇدىغانلار كۆچمە خەۋەرلىشىشنى
ئەرزان ۋە شۇ شەھەرياكى ۋىلايەتنىڭ ئۆزىدە ئىشلىتىدىغانلار يەنى تېلفۇندا رومان سۆزلەيدىغانلارتېلگرافنى

ئىشلەتسەڭلار مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 22:27:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   harunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-8 22:37

anw8735 يوللىغان ۋاقتى2014-12-8 17:50 static/image/common/back.gif
1000088 دىگەن نۇمۇردىن سىزگە« تىيەنيى ئۇقۇشلۇقى نى ئىشل ...

قالايمىقانجۆيلىمىسىڭىز قانداق
تېلېگراف شىركەتلىرى ھەرقانچە يامان بوپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بىر تېلىفونقايتۇرغۇزۇپلاخەقنىڭ پۇلىنى ئېلىۋالسا بولۇۋېرەمدىكەن،
قائىدە بويىچە بىرەر كەسىپكەھەق تۇتۇشقا توغرا كەلسە، قىسقا ئۇچۇردەلىلىلەپ مەخپى نومۇر كىرگۈزگەندىن كېيىنتۇتاتتى
لېكىن hiyalqi ئەپەندىمگە ئۇنداق قىلمىغان، مەجبۇرىي كەسىپ ئاچتۇرغاننى ئاز دەپ 4 قېتىم تېلىفون قايتۇرسا 40 يۇ ەن تۇتۇپ قالغان
ھەم ئۆز مەبلىغىدىكى شىركەتنىبىزنىڭ ئەمەس دەۋالغان بۇنى قانداقمۇ نورمال دېگىلى بولسۇن

بۇ يەرگە قاراڭتىيەنيى ئوقۇشلۇقى نەق جۇڭگو تېلېگىرافىگۇرۇھىنىڭ قارمىقىدىكى شىركەت، شۇنداق ئوچۇق تۇرسا يەنەنېمىشقا تېنىۋالىدۇ شۇنىسى ئېنىقكى بۇ يامان غەرەزلىك ھەق ئېلىش
http://www.tyread.com/
2012年8月7日,中国电信集团投资设立天翼阅读文化传播有限公司,成为通信运营商数字阅读平台中首个进行公司化改制的数字阅读平台。
http://baike.baidu.com/view/4264697.htm

天翼阅读文化传播有限公司
http://baike.baidu.com/view/4264697.htm

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 22:34:40

مېنىڭ بىر قانچە دوستۇممۇ شۇنداق مەجبۇرىي مۇلازىمەت ئېچىۋېتىشقا ئۇچراپتىكەن ، باشقا يەرلەردىمۇ بۇ ئەھۋاللار كۆپ ئوخشايدۇ
ماۋۇئەرىزنامىگەقاراڭلار
http://www.315online.com/tousu/it/296064.html

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 22:54:20

86 يوللىغان ۋاقتى2014-12-3 11:59 static/image/common/back.gif
سىز خەنزۇچە تور بەتلەردىن تېلىفۇن قايتۇرسا پۇل ئوغۇرل ...

‹تېلىگىرافتىن ئاغرىنىپ ئولتۇرىدىكەن، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھېلىقى نومۇرنى باشقا نومۇرغا ئالماشتۇرۇپ كۆرسىتىدىغان جىنايەت تېخنىكىسىنى تېلىگىرافتىكىلەر كەشىپ قىلمىغان.›،،،
تېلىگىرافتىكىلەر كەشىپ قىلمىغان بىلەن،تېلىگىراف ئالدامچىلىقى، يامان غەرەزلىك ھەق ئېلىش قىلىمىشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تېلىگىراف مۇلازىمەت تورلىرىدا كۆرۆلىۋاتىدۇ، دېمەك تېلىگىراف تورىدابىخەتەرلىك يوچۇقلىرى بار، ئۇلارمۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشتىن ئۆگىنىپ ، مەبلەغ چىقىرىپ يوچۇقلارنى ئەتسە، تېلىگىراف ئالدامچىلىرىغا زەربە بېرىپ ئۆز ئابونتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا كۈچىسە بولاتتى

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 13:37:41

udun007 يوللىغان ۋاقتى2014-12-8 18:50 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز قىلچە ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىنكاس ئ ...

مىنىڭ ئىنكاسىمنىڭ سىزنىڭ ئەقلىڭىزگە سىغمايدىغىنىنى مەن خېلى بۇرۇنلا پەملەپ بولغان.
شۇڭا سىزمۇ مىنىڭ گەپلىرىمنى ئەقلىمگە سىغدۇرىمەن دەپ ئۆزىڭىزنى زورۇقتۇرىۋەتمەڭ.

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 13:39:14

harunjan يوللىغان ۋاقتى2014-12-8 22:27 static/image/common/back.gif
قالايمىقانجۆيلىمىسىڭىز قانداق
تېلېگراف شىركەتلىرى ...

سىزمۇ كاللىڭىز يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئۆزىڭىزنى ئۇپراتماي ياشاڭ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 14:34:35

anw8735 يوللىغان ۋاقتى2014-12-9 15:37 static/image/common/back.gif
مىنىڭ ئىنكاسىمنىڭ سىزنىڭ ئەقلىڭىزگە سىغمايدىغىنىنى...

يامان ئادەم جۇما سىز.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 14:36:24

anw8735 يوللىغان ۋاقتى2014-12-9 15:39 static/image/common/back.gif
سىزمۇ كاللىڭىز يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئۆزىڭىزنى ئۇپرا ...

ھەر قاچان بەش رومكا ئاق ھاراق ئىچىپ كىلىپ، مۇنبەر ئوينايسىزكەن ھە!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 08:36:32

ئاخىرى بار تېخى

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 11:01:50

نۇر تورى تەرجىمىسى:
يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدىكى بىر نەپەر شەھەر ئاھالىسى ئۇزۇن يىل ئىشلەتكەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ يانفون نومۇرىنى ۋاقىتلىق توختىپ قويۇش رەسمىيىتى بېجىرگەن چاغدا، جىددىي توختىتىشقا ئۆزگۈرۈپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەر ئاھالىسى نومۇرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولغان چاغدا ” ياخشى نومۇر ئىشلىتىش“ كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا دۇچ كەلگەن.

بۇنىڭغا قايىل بولمىغان كۇنمىڭ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى لى جىيەنسەي كۇنمىڭ شەھەرلىك بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تارماق شىركىتى ئۈستىدىن خەلق سوت مەھەكىمىسىگە ئەرز قىلغان. 2-ئاينىڭ 19-كۈنى لى جىيەنسەينىڭ مۇخبىرغا دەپ بېرىشىچە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى لى جىيەنسەينىڭ تۆلەم تۆلەش تەلىپىگە ماقۇل بولغان.شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى« ئۆزىنىڭ يانفون نومۇرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىشلىتىش نىمە دىگەن مۈشكۈل-كۇنمىڭ شەھەر ئاھالىسى لى جىيەنسەي يانفون نومۇرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە كۇنمىڭ شەھەر ئاھالىسى لى جىيەنسەينىڭ كۆپ يىل ئىشلەتكەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ يانفون نومۇرىنى ۋاقىتلىق توختىتىش رەسمىتى بېجىرگەن چاغدا، خىزمەتچى خادىملارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن جىددى توختىتىشقا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى،شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەر ئاھالىسى نومۇرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولغان چاغدا ” ياخشى نومۇر ئىشلىتىش“ كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا دۇچ كەلگەنلىكى، بۇنىڭغا قايىل بولمىغان لى جىيەنسەينىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۈستىدىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، قارشى تەرەپتىن ئەسلىدىكى نومۇرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى ھەم نورمال ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر بايان قىلىنغان.

لى جيەنسەينىڭ دېيىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۇنمىڭ شەھەرلىك بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بىر نەپەر مۇئاۋىن باش دىرىكتورى تېلېفون ئۇرۇپ لى جىيەنسەينىڭ ئەسلىدىكى نومۇرنى ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى، ھەم لى جىيەنسەي تەلەپ قىلغان 10 مىڭ يۈئەن تۆلەمنى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تۆلەشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە لى جىيەنسەي كۇنمىڭ شەھىرىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۆلەم ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدىكەن. مۇخبىرمۇ بۇ ئىشنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىكەن.


aymakbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 00:00:30

تىلگىراف دىگان بۇلاڭچى   مۇناپىقلاراللا جاجاڭنىبىرەىمانسىزبەتبەخلەر

bugday يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 06:11:41

تېلىگىراپ توغرىسىدا مېنىڭ دەردىمھەممىڭلارنىڭكىدىن ئېغىر ئىكەن. ئەھۋال مۇنداق:
ئىدارىمىز ئىش نومۇرىمىز بىلەن تېلىفۇن نومۇرنىڭ ئاخىرقى تۆت خانىسى ئوخشاش 189 دىن باشلانغان قول تېلىفۇن نومۇرى بىجىرىپ بەردى. مەن بۇ نومۇرنى بىر يىل ئىشلەتكەندىن كىيىن داۋاملىق ئىشلىتىشنى خالىماي تېلىگىراپنىڭ تاجارەت زالىغا بېرىپ، مەن بۇ نومۇرنى بىكار قىلىۋېتىىتتىم دېسەم ئۇ يەردىكىلەر بۇنداق نومۇرلار ئىدارەڭلەرنىڭ گىپى بىلەن بىجىرىلگەن، بىز ئەمەلدىن قالدۇرالمايمىز دەپ گەپنى ئۈزدى. ئىدارىنىڭ ئارقا سەپ بۆلىمى، مالىيە ئىشخانىسى دىگەن يەرلەرگە كىرىپمۇ نىمە سەۋەپتىن بۇنداق بىر تېلىفۇن نومۇرىغا ئىگە بولۇپ قالغىنىمنى بىللەلمەي، بولدىلا دەپ ئۆزەمنىڭ 15 يىللىق قەدىناس كۆچمە خەۋەرلىىىشىشنىڭ نومۇرىنى ئىشلىتىۋەردىم، تېلىگىرافنىڭ نومۇرىنى پەقەت ئىشلەتمىدىم. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كىيىن يەنى 2014- يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرىدا مەن باشقا بىر كەسىپ بىجىرمەكچى بولۇپ بۇ ئىش يادىمغا كىلىپ تەكشۈرۈپ بېقىڭ دېسەم يەتتە مىڭ سەككىزيۈز ئوتتۇز تۆت يۈەن قەرزىڭىز باركەن دەيدۇ. چۈشەندۈرۈشىچە مېنىڭ ئەسلى قەرزىم مىڭ نەچچە يۈەنمىش، قالغىنى جەرىمانە بىلەن ئۆسۈممىش. مەن تەكشۈرۈتكەندىن كىيىن تېلىگىراپتىكىلەر پات-پات تېلىفۇن قىلىپ پۇل سۈيلەيدۇ، مەن ئۇلاردىن بالدۇرراق سوتتا كۆرۈشىلى دەيمەن، ئۇلار سوتنىڭ چاقىرىقىنى كۈتۈڭ دەيدۇ، ماقۇل بولىمەن يېرىم يىل بولۇشقا ئاز قالدى سوتتىنمۇ چاقىرىتمىدى، مەن مۇ پۇلنى بىرەلمىدىم ئەمدى قانداق قىلىدىغان ئىشكى. ئىسىمدە قېلىشىچە مەن كارتىنى ئىشلەتمەيمەن دەپ قەرزىمنى تۆلەپ كارتىنى بىكار قىكلىشقا كىرگەندە ئالتە يۈز يۈەن ئەتراپىدا قەرزىم بار ئىدى، ئۆزىچە شۇنچە كۆپۈيۈپ كېتىپتۇ، بۇنى قانداق ھەل قىلىش چارىسى بار؟

nur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 08:25:17

بۇ يۈزى قىلىن تېلېگېرافنىڭ 10000 غا تېلېفۇن قىلسىڭىز ئادەملىك مۇلازىمىتىنى يۈز قىتىمدا بىر قىتىممۇ ئالالـمايسىز . جاپا تارتىۋەرمەي 12315 تىلىفۇن قىلىڭە . تېلېگېراف ئۆزى ئىزدەيدۇ سىزنى .
دۇكان تىلىفۇنى بۇزۇلۇپ قىلىپتۆت ئايغىچە ئىشلەتمەي پۇل تۆلەۋەردۇق .10000 غا تىلىفۇن قىلىۋىرىپ ئالدۇرالـمايبەك جىلە بولدۇم .مۇلازىمەت زالىغا بارسام ئون مىڭغا تىلىفۇن قىلىڭ دەيدۇ . ئاچچىقىمدا 12315كە تىلىفۇن قىلىپ تىلىگېراف مىنى ئالدىدى دەپ ئەرىز قىلسام ئون مىنۇتقا قالـماي تىلىفۇن،بىر سائەتكە قالـماي ئوڭشاپ بىرىدىغانغا ئادەم كەپ بولدى .ئۇنىڭدىن باشقا داۋاملىق بەيدۇدىن بىيجىڭدىكى باش ئورگاننىڭ ئەرىز قىلىش نۇمۇرىغا تىلىفۇن قىلىۋەردىم . ئاخىرى تېلېگېرافتىكىلەر چىداپ بولالـماي خوش بولايلى،تقلىفۇن قىلىشنى توختىتىڭلار دەپ باشلىقى ئۆزى تىلىفۇن قىپتۇ . سىزمۇ شۇنى سىناپ بىقىڭ

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 08:45:43

bugday يوللىغان ۋاقتى2015-2-24 06:11 static/image/common/back.gif
تېلىگىراپ توغرىسىدا مېنىڭ دەردىمھەممىڭلارنىڭكىدىن ئ ...

نەق ماڭا ئوخشاش ئىشقا يولۇقپتىكەنسىز ،

تەخمىنەن 6يىللار بۇرۇن ، تىلگىرافنىڭ كەڭ بەلۋاغ تورى ، ئۆينىڭ تېلىفۇنى ۋە بىر دانە يانفۇن نۇمۇرىنى بىرلەشتۈرۈپ 99 يۈەنلىك مۇلازىمەت بىلەن ئىشلىتىۋاتقان چاغلىرىمتى ،كېسەل داۋالىتىش سەۋەبلىك يۇرتتىن ئايرىلىپ مەلۇم مەزگىل تۇرۇپ قالدىم ، يۇرتتىن جىددى ئايرىلىشقا توغرا كەلگەچكە كېتىدىغان چاغدا تېلگىرافقا بېرىپ ۋاقىتلىق توختىتىش كەسپىنى بېجىرىشكە ئۈلگۈرەلمىگەنتىم .
3 ئايدىن كىيىن قايتىپ كېلىپ ، قەرىز چىققان ھەقنى تۆلەپ ئىشلىتەي دەپ تېلگىراف تىجارەت زالىغا بارسام ئۇلار تەكشۈرۈپ كۆرۈپ 4000 يۈەندىن سەل ئارتۇقراق قەرزىڭىز باركەن ، شۇنى تۆلىسىڭىز نورمال ئېچىلىدۇ دەيدۇ . ئەسلى 3 ئايدا 3 يۈز يۈەن بولسا مۇۋاپىق .
مەن ھەيران بولۇپ ، نىمىگە چىققان4 مىڭ يۈەنكەن ، تەپسىلى تەكشۈرۈپ ، ئېنىق ئىسپاتنى چىقىرىپ بېرىڭ دىسەم ، قۇرۇق گەپلەرنى قىلىپ ئېنىق ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى ،مۇناسىۋەتلىك باشلىقلىرىنى ئىزدىسەم « بىز تەكشۈرۈپ كۆرىلى ... » لا دەيدۇ ،شۇنداق قىلىپ ئۇنى ئىزدەپ ، بۇنى ئىزدەپ ، ئارىدا يەنە 5 - 6 ئاي ۋاقىت ئۆتتى ،كىيىن يەنە بىر كىرسەم قەرزىم 8000 غا يېقىنلاپ قاپتۇ ، تىجارەتكە مەسئۇل بۆلۈم دېرىكتۇرىنى ئىزدىسەم يەنە شۇ گېپىنى دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن چوڭراق باشلىقىنى ئىزدەپ ، بولغان بارلىق ئەھۋاللارنى دەپ ، «يەنە ھەپتە ساقلايمەن ، ھەپتىگىچە بۇ ئىش ئوڭشىلىپ تېلىفۇن ، تور راۋانلاشمىسا ، ئورنىتىپ بەرگەن ھەممە نەرسىلەرنى سۆكۈپ كېلىپ ، ئۈستىلىڭىزگە تاشلايمەن ، تېلگىرافتىن بىزار بولدۇم ، ئىشلەتمەيمەن ، بۇنداق ئورنىنى كۆرسىتىپ مېنى قايىل قىلالمىغان قەرزنىمۇ تۆلىمەيمەن ... »دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم ، ھەپتە بولغاندا بىر كۈنى سىرىتتا كىتىۋاتسام بىر تونۇش كىشى ئۇچراپ ، ئۆيىڭىزگە تېلىفۇن قىلىۋەرسەم ئالىدىغان ئادەم يوق دەيدۇ ، بۇ ئارىلىقتا تېلىفۇن توختاغلىق بولۇپ ئۇلانمايتى ،شۇنىڭ بىلەن ھەيران بولۇپ باشقا تىلىفۇندا ئۆينىڭ تېلىفۇنىغا تېلىفۇن قىلىپ باقسام نورمال ئۇلىنىپ قالدى . دەرھال تېلگىراف تىجارەت زالىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرسەم تۆلەشكە تېگىشلىك 3 يۈز يۈەن قەرىز باركەن دەيدۇ ، ( مەن يۇرتتىن ئايرىلغان 3 ئاي ئۈچۈن تۆلەشكە تېگىشلىك قەرىز ) ، مەن يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن تاكى مۇشۇ كۈنگىچە بولغان 5 - 6 ئايلىق ھەق يوق . شۇنڭ بىلەن شۇ 300 كوينى تۆلىسەملا تېلىفۇن ،تور راۋانلاشقان ، بۈگۈنگىچە نورمال ...
بەت: 1 2 [3] 4
: جوڭگو تىلىگىرافىنى نەدىن باشقۇرىدىغاندۇ ؟