توردىن كىتاپ سېتۋالدىم،لېكىن
ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم كۆپچىلىك!11چىسلا توردىن كىتاپ سېتۋالغان،لېكىن تا ھازىرغىچە كەلمىدى،دۇكاندارغا خەت يازسام تاپشۇرۋېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى دىسەم
خەت قايتۇرمايۋاتىدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟ۋاقىت توشىدىغانغا يەنە بىر يېرىم كۈن قالدى.200سوملۇق كىتاپ ئىدى.
ئەرىز قىلىڭ مېنىڭچە ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئەگەر تاۋباۋدىن سېتىۋالغان بولسىڭىز يانفون تېرمىنالىنى چۈشۈرۈڭ، ئاندىن 我的淘宝دېگەن يېرىگە كىرىپ، 待收货دېگەننى بېسىڭ، ئاندىن قايسى تاۋارنىڭ مال تاپشۇرىۋىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتماقچى بولسىڭىز 延长收货时间نى بېسىڭ. مەندىن سېتىۋالغان بولسىڭىز 24 سائەت ئىچىدە تاپشۇرۇپ ئالالايتتىڭىز... :lol ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
كىتابنى تاۋباۋدىن سېتىۋالغانمۇ ياكى باشقا تور بېكەتتىن.
تاۋباۋدىن سېتىۋالغان بولسىڭىز، 延长收货时间 نى باسسىڭىز ئادەتتە ئۈچ كۈن ئۇزىرايدۇ. كومپيۇتېردىمۇ بۇ مەشغۇلاتنى قىلىشقا بولىدۇ.
ئەگەر يەنىلا مال كەلمىسە، ۋاقت توشۇپ كېتىشكە ئاز قالغاندا، 退款 نى باسسىڭىز بولىدۇ. دۇكاندار سىز بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ياكى پۇل قايتىدۇ. meslihet يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 16:28 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
كىتابنى تاۋباۋدىن سېتىۋالغانمۇ ي ...
ۋاي راست، توربەت نۇسخىسىدىمۇ شۇيېرى باركەن، سودا تەپسىلاتىغا كىرىپ ئاندىن كۆرۈپتىمەن:lol مال نومورى قانچە؟ meslihet يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 16:28 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
كىتابنى تاۋباۋدىن سېتىۋالغانمۇ ي ...
تاۋباۋدىن سېتۋالغان،كومپىيوتىردىن ۋاقىت ئۇزارتاي دەپ ئىزدەپ تاپالمىمما مەن،نەدىن ۋاقىتنى ئۇزارتىمىز؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا esir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-27 16:46
ھېلىغۇ پۇل تېخى دۇكاندارغا ئۆتۈپ كەتمەپتۇ، پۇلىڭىز ئۇنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ بولغان، سىز يەنىلا مالنى تاپشۇرۇۋالالمىغان ھالەتتىمۇ، پۇختا بولسىڭىزلا زىيان تارتمايسىز. مال تاپشۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىمەن دەپ ئولتۇرمايلا مال قايتۇرۇشنى بېسىپ قويۇڭ، مال كەلمىسە ياكى كەلگەن ھالەتتىمۇ سىز رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز ھەرگىز دۇكاندارنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ. قارشى تەرەپ بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكىدە ئىنكاس قايتۇرمىسا پۇلىڭىز قايتىدۇ.
ۋاڭ ۋاڭغا سۆز قالدۇرۇپ، بولسا قالدۇرغان سۆزىڭىزدىن رەسىم تۇتۇپ ساقلاپ قويۇڭ، ئەرز قىلغاندا ئەسقاتىدۇ. زۆرۈر تېپىلسا تېمىدا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز ياردەمدە بولىدىغانلار چىقىدۇ. لېكىن ئۇچۇر قىلىپ: «مەن خالىس ياردەم قىلاي، تاۋباۋ ھېسابىڭىزنى مەخپىي نومۇرىنى قوشۇپ ئەۋەتىپ بېرىڭ» دەيدىغان ياردەمچىلەردىن ھەزەر قىلىڭ. مەن شۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باققان.
2009- يىلى تاۋباۋدىن 1600 دىن ئوشۇقراق پۇلغا تۇنجى يانفوننى سېتىۋېلىپ، كېيىن يانفون بۇزۇلۇپ قېلىپ مال قايتۇرۇشتا تەجرىبىسىزلىكىمدىن 100 يۈەن زىيان تارتقىنىمدىن بۇيان توردىن قىلغان سودا سوممام 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپتۇ، ئاز تولا زىيان تارتىپمۇ باققان بولساممۇ، بىرەر قېتىممۇ بوزەك بولۇپ ئاھ ئۇرۇپ باقمىدىم. قوش ئونبىردا سىتىۋاپسىز ئەمەسمۇ مەنمۇ شۇ چاغدا ئالغان مالنى بۇگۇن تاپشۇرۇپ ئالدىم .دەرۋەقە بايرام مەزگىلىدەمال ئاستا كىلىدۇ،بىرىنجى قىتىم ۋاقىتنى ئۇزارتالايسىز لىكىن يەنە ۋاقىت توشسا قايتا ئۇزارتقىنى بولمايدۇ 退款نى بىسىپ مالنى قايتۇرۋىتىسىز .قايىتمىغان مالغا ئەرىز قىلغىنى بولمايدۇ شۇڭا ئاۋال مال قايتۇرۇپ ساقلاڭ 7كۇنگىچە پۇلىڭىز سىزگە تىگىپ بولىدۇ. ئەگەر سېتىۋالغىنىڭىز ھەقىقەتەن ئۆزىڭىزگە لازىم كىتابلار بولسا ۋاقىت ئۇزارتىشنى بېسىڭ. بىر-ئىككى كۈن كېچىككەنگە ھېچنېمە بولمايدۇ. ئەگەر مالنى ياندۇرۇپ 7كۇن ئىچىدە مال قولىڭىزغا تىگىپ قالسا يەنە مالنى تاپشۇرۇپ ئالدىم دىگەننى باسسىڭىز مالنى قايتۇرۇش ئەمەلدىن قىلىۋىردۇ. مەن ئامازون (卓越)تورىدىن 4چىسلا كىتاپ ئالغان ،ئەمما تاھازىرغىچە خەۋەر يوق،مۇشۇنداق ھالدا قانداق قىلىمەن؟
ئامازوننىڭ تاۋباۋغا ئوخشاش مال قايتۇرىدىغان ياكى سۆزلىشىپ قىلىدىغان qq يوق ئىكەن؟
toxkan :
سىلەر ئادەتتە قانداق مەزمۇندىكى كىتاپ ئېلىۋاتىسىلەر؟تاۋباۋدا كىتاپ سۈپىتى قانداق؟ئەرزانمۇ،تۇشۇش ھەققى ئالامدۇ؟
قايسى كىتاپلارنى ئالدىڭلار ،بولسا ياخشىراق قايسى مەزمۇندىكى كىتاپ بولسا بىلىم بىرىدىغان كىتاپ تەۋسىيە قىلمامسىلەر؟ قوش 11 دىن كىيىن مەنمۇ ئىشتاندىن ئىككىمى ئالغان ئىچى تەرەپ تىۋىت بارىدىن،مانا 11كۇن بولدى ئەمدى قەشقەگە كەپتۇ،ئاتۇشقا 2كۇندە چىقىدۇ،ئىككى ھەپتە كەتتى دىگەن گەپ .باشقا ۋاقىت بولغان بولسا كىچىككەندە 9كۇندە تىگىتتى قولۇمغا newyork يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 18:41 static/image/common/back.gif
مەن ئامازون (卓越)تورىدىن 4چىسلا كىتاپ ئالغان ،ئەمما تاھا ...
يەتكۈزۈپ بىرىش شەكلىگە قايسىسىنى تاللىغان . ئامازوندىن شىنجاڭغا پوچتىدىنلا كىلىدۇ ، شۇڭا ئىككى ئۈچ ھەپتە كىتىدۇ ،سەۋر قىلىڭ . meslihet يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 18:28 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
كىتابنى تاۋباۋدىن سېتىۋالغانمۇ ي ...
延长收货时间 مۇشۇ مەشغۇلاتنى كومپىيۇتىردا قانداق قىلىدىغاندۇ؟ newyork يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 20:41 static/image/common/back.gif
مەن ئامازون (卓越)تورىدىن 4چىسلا كىتاپ ئالغان ،ئەمما تاھا ...
ئامازۇن مال سىتىش تورىنىڭ ھىچقانداق ئالاقىلىشىش قورالى يوقمىكەن؟
داڭ-داڭ تورىدىمۇ شۇنداقكەن. قارىغاندا تاۋباۋغا يەتمىگۈدەك! سەۋىرنىڭ تېگى ئالتۇن