attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 14:35:20

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 14:31 static/image/common/back.gif
11.11 دە ئالغان مالنىڭ  ئەڭ ئاخىرقىسى بۈگۈن يىتىپ كەلدى.  ...

ئادەتتە بىر كىلو مال 15يۇەن ھىساپلىنىدۇ  سىز سالسىڭىز كۆپ بولسا 15يۇەن ئالا كىرا ھەققىگە ئەگەر بەك قىممەت سىتىۋالغان بولسىڭىز قايتۇرۋىتىڭ .بولمىسا ياندۇرماڭ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 14:38:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 16:40  

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 16:35 static/image/common/back.gif
ئادەتتە بىر كىلو مال 15يۇەن ھىساپلىنىدۇ  سىز سالسىڭىز  ...

http://item.taobao.com/item.htm?spm=937.1000770.1000419.1.W8QPAS&id=18183223834&asker=wangwang&wwdialog=bbxxbbmc&ad_id=&am_id=&cm_id=&pm_id=

مۇشۇ شۇ ئىدى.

S新疆西藏补邮费
  نى تاللاپتىكەنمەن.   تاللىغىنىم توغرا بولماپتىدىۋۇلامۇ - يا!  ماڭا ئەۋەتكىنى رەسىمدىكى ئىشتان ئەمەسكەن.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 14:48:01

توغرا تاللاپتىكەنسىز باھاسىمۇ ئاز ئەمەسكەن ياندۇرۋىتىڭ.
ئاۋال رەسىمگە تارتىڭ ئىشتاننى ياندىغان يەرگە بىللە يوللايسىز رەسىمنى.

burkut327 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 15:00:56

   دۇكاندار مالنى ئەۋەتكەن، لىكىن مال بىزگە كەلمىگەن، مال تاپشۇرىۋىلىش ۋاقتى توشاي دەپ قالغاندا پۇل قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا دۇكاندار قوشۇلمايدىكەن. مالنى قايتۇراي دېسەك مال بىزدە يوق، ساقلاي دېسەك ۋاقىت توشۇپ كىتىدۇ. ئەگەر مال تاپشۇرىۋىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتساق ئاران ئۈچ كۈنكەن، شۇ ئۈچ كۈن ئىچىدىمۇ مال يەنە كەلمسىە قانداق قىلىمىز ؟
  مال كەلمىگەن ئەھۋالدا ، مال تاپشۇرىۋىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش دېگەن مەشغۇلاتنى قىلماي پۇل قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلساق بولامدۇ؟ ئەگەر دۇكاندار پۇل قايتۇرۇشقا قوشۇلمىسا قانداق قىلىمىز ؟

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 15:51:10

burkut327 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 15:00 static/image/common/back.gif
دۇكاندار مالنى ئەۋەتكەن، لىكىن مال بىزگە كەلمىگەن، م ...

ھېچقىسى يوق، مال قايتۇرۇش دېگەننى بېسىپ قويۇپ ساقلاڭ، ساتقۇچى قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ سودا سۈرۈكى 5 كۈندىن 10 كۈنگىچە ئۇزىرايدۇ دېگەن گەپ. ئۇنىڭغىچە مال كەلسە رازى بولسىڭىز مال تاپشۇرۇۋېلىشنى جەزملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر يەنىلا مال كەلمىسە يەنە مال قايتۇرۇشنى بېسىپ قويسىڭىز يەنە 5-10 كۈن ئۇزىراۋېرىدۇ. مال يەنىلا كەلمەي، بۇنى قىلىۋېرىپ زېرىكسىڭىز، ساتقۇچى ئۇچۇرىڭىزغا باشقا چۈشەنچە بەرمىسە ياكى ئىنكاس قايتۇرمايلا رەت قىلسا، تاۋباۋنى ئارىلاشتۇرسىڭىز [淘宝介入] ئۇنداق سودىگەرنىڭ تاناۋىنى ئوبدانلا تارتىپ قويىدۇ. بۇنداق ئىشقا مەن تولا ئۇچرىغان، قەتئىي جىددىيلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. مەسىلە بولسا يەنە مۇشۇ يەرگە تۆكۈڭ. ئىزدىنىشتىكىلەر سىزنى بوزەك قىلدۇرمايدۇ :lol

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 15:52:16

burkut327 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 15:00 static/image/common/back.gif
دۇكاندار مالنى ئەۋەتكەن، لىكىن مال بىزگە كەلمىگەن، م ...

ھېچقىسى يوق، مال قايتۇرۇش دېگەننى بېسىپ قويۇپ ساقلاڭ، ساتقۇچى قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ سودا سۈرۈكى 5 كۈندىن 10 كۈنگىچە ئۇزىرايدۇ دېگەن گەپ. ئۇنىڭغىچە مال كەلسە رازى بولسىڭىز مال تاپشۇرۇۋېلىشنى جەزملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر يەنىلا مال كەلمىسە يەنە مال قايتۇرۇشنى بېسىپ قويسىڭىز يەنە 5-10 كۈن ئۇزىراۋېرىدۇ. مال يەنىلا كەلمەي، بۇنى قىلىۋېرىپ زېرىكسىڭىز، ساتقۇچى ئۇچۇرىڭىزغا باشقا چۈشەنچە بەرمىسە ياكى ئىنكاس قايتۇرمايلا رەت قىلسا، تاۋباۋنى ئارىلاشتۇرسىڭىز [淘宝介入] ئۇنداق سودىگەرنىڭ تاناۋىنى ئوبدانلا تارتىپ قويىدۇ. بۇنداق ئىشقا مەن تولا ئۇچرىغان، قەتئىي جىددىيلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. مەسىلە بولسا يەنە مۇشۇ يەرگە تۆكۈڭ. ئىزدىنىشتىكىلەر سىزنى بوزەك قىلدۇرمايدۇ :lol

toxkan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 16:21:09

esir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 15:52 static/image/common/back.gif
ھېچقىسى يوق، مال قايتۇرۇش دېگەننى بېسىپ قويۇپ ساقلاڭ ...

:D :loveliness:

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 22:39:21

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 14:31 static/image/common/back.gif
11.11 دە ئالغان مالنىڭ  ئەڭ ئاخىرقىسى بۈگۈن يىتىپ كەلدى.  ...

مال رەسىمدىكى بىلەن ئوخشاش ئەمەسكەن، دەپ ناچار باھالاڭ. قارشى تەرەپ سىزدىن بەك بىئارام بولىدۇ. ئاز-تۇلا بولسىمۇ راھەتلىنىپ قالىسىز. مەنمۇ ئادەتتە مېلى تېز كەلگەن، رەسىمدىكىسى بىلەن ئوخشاش چىققان، ئۆزەم رازى بولغانلىرىغا ياخشى باھا بېرىمەن، ئايندا ئادەمنى ئانى قىلغانلىرىغا ناچار باھا بېرىپ تازا ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىمەن. ئادەتتە تاۋباۋدىكى دۇكاندارلار ناچار باھادىن بەك قورقىدۇ.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 23:02:48

zemindar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 16:40 static/image/common/back.gif
ئەگەر سېتىۋالغىنىڭىز ھەقىقەتەن ئۆزىڭىزگە لازىم كىتاب ...

بۇ پىكىرگە تامامەن قوشىلىمەن.

burkut327 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 12:33:55

esir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 15:52 static/image/common/back.gif
ھېچقىسى يوق، مال قايتۇرۇش دېگەننى بېسىپ قويۇپ ساقلاڭ ...

   رەھمەت.
   ئالدىنقى يىلى بىر كىتاپ ئىلىپ ، كىتاپ كەلمەي، مەن پۇل قايتۇر دېسەم ئۇ خەخ مالنى قايتۇر دەپ بەك ئىچىمنى سىققانتى.
   بۇدا مال قايتۇرۇش دېگەننى بسىپ قويۇپ ئىشىمنى قىلغاچ تۇسام بولغۇدەك.

Yatwash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 12:59:51

توردىن كىتاب سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش يەنىلا «دا داڭ» دەپ ئويلايمەن. بەش يىل بولدى، ئىزچىل «داڭ داڭ» دىن كىتاب سىتىۋېلىۋاتىمەن. قولۇمغا تولۇق تېگىۋاتىدۇ. تېز يوللانمىدا سالسا ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە، ئادەتتىكى يوللانمىدىن سالسا ئون كۈندىن ئون بەش كۈنگىچە ۋاقىتتا قولۇمغا تېگىدۇ. كىتابخانىلارنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغان، بەزى كىتابخانىلار تېز يوللانما قىلىپ سالىدىكەن، بەزىلىرى ئادەتتىكى يوللانما قىلىدىكەن. بىر تال كىتاب ئاكغان چاغلىرىمدا تېز يوللانما، كۆپرەك ئالغان چاغدا ئادەتتىكى يوللانما قىلىپ سالىدۇ. «كوڭفۇزى» دىن كىتاب سېتىۋالسام، پۇلىنى ئېلىۋېلىپ، ئارقىدىن كىتابنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسقىسىنى سېتىپ بېرىمىز دېگەن خەت كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەرگە ئىككىنچى ئاياق باسماس بولدۇم. ئامازۇندىن كىتاب سېتىۋېلىپ، 500 يۈەن پۇلنى تۆلەپ قويۇپ، ئىككى ئاي ساقلاپمۇ تاپشۇرۇۋالالمىغاندىن كېيىن، ئۇلارغا خەت يېزىپ زىكىرىپ، ئاخىرى ئۇ يەردىنمۇ ئالماس بولدۇم. مەن يەنىلا كىتاب سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك جاي «داڭ داڭ» داپ قارايمەن ۋە كىتاب سېتىۋالماقچى بولغانلارغا «داڭ داڭ» نى تەۋسىيە قىلىمەن.

torqi14 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 13:10:25

Yatwash يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 12:59 static/image/common/back.gif
توردىن كىتاب سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش يەنىلا «د ...

داڭ داڭ دىن قانداق سېتۋالىمىز؟قەدەم-باسقۇچلىرىنى تولۇقراق يازسىڭىز بىزمۇ بىلىپ قالايلى!قانداق سۆزلىشىدۇ؟

Yatwash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 13:47:14

torqi14 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 13:10 static/image/common/back.gif
داڭ داڭ دىن قانداق سېتۋالىمىز؟قەدەم-باسقۇچلىرىنى تول ...

«داڭ داڭ» (当当) نىڭ كىتاب سېتىۋېلىش جەريانلىرى تاۋباۋنىڭ مال سېتىۋېلىش جەريانلىرىغا ئوخشايدۇ، ئەمما، ئالپايدا پۇل تاپشۇرغىلى بولمايدۇ، پۇلنى بىۋاسىتە تور بانكىسى ئارقىلىق (مەن ئىزچىل تور بانكىسىدىن چىقىم قىلىپ كېلىۋاتقاچقا، باشقا چىقىم ئۇسۇللىرىنى سىناپ باقمىدىم، شۇڭا، ئۆزۈمنىڭ تەجرىبەم بويىچە مۇشۇ ئۇسۇلنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەپ قاراپ تەۋسىيە قىلدىم) چىقىم قىلىمىز. داڭ داڭدىن مەخسۇس ھېساۋات ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ. ھېساۋاتنى ئادەتتە ئىلخەت ئارقىلىق ئاچسىڭىز بولىدۇ، ئىلخېتىڭىزدە داڭ داڭغا تىزىملىتىپ ھېساۋات ئاچقاندىن كېيىن، سىز سېتىۋالغان كىتابلارغا ئاساسەن سىز قىزىقىدىغان دائىرىدىكى يېڭى كىتابلارنىڭ ئۇچۇرى ۋە كىتابلارنىڭ باھا ئۆزگىرىشلىرىنى دائىم ئىلخەتكە ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، داڭ داڭنىڭ كىتابلىرىنى ئەڭ قىممەت سېتىۋالغان %80 لىك باھادا بولمىسا %40 دىن باشلاپ %80 كىچە بولغان باھا دائىرىسىدە سېتىۋالغىلى بولىدۇ. بىر كىتابخانىدىن سېتىۋالغان كىتابلارنىڭ سوممىسى 50 - 60 يۈەندىن ئاشسا، كىتابنى ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىدۇ.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 14:09:01

تاۋباۋدىن نەرسە سېتىۋېلىپ كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىسا پۇختا بولسىڭىز يەنىلا زىيان تارتمايسىز. مەسىلەن، مەن 10 نەچچە كۈن بۇرۇن P88HD تىپلىق تاختا كومپيۇتېرنىڭ بىر ئاسراش قېپىنى 25 يۈەنگە ئالغان ئىدىم، لېكىن، مال تاپشۇرۇۋالغاندا قارىسام تاختا كومپيۇتېر قاپقا چۈشكەن بولسىمۇ، كامېرا ۋە ئېغىزلىرى ماس كەلمىدى، رەسىم تارتقان ۋە توك قاچىلىغاندا قاپتىن چىقىرىشقا توغرا كەلدى. يەنە كونۇپكىلىرىمۇ قاپنىڭ ئىچىدە قېلىپ ئاساسەن ئىشلەتكىلى بولمىدى. دۇكاندارنىڭ بىخەستەلىكىگە بەك ئاچچىقىم كەلدى. ئىنكاس قىلسام ئىشلىتىۋەرگىن 5 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرەي دەيدۇ، مەن 25 يۈەننىڭ ھەممىنى قايتۇرىسەن دېسەم ئۇ قوشۇلمىدى. مەن مال قايتۇرۇش ئىلتىماسى قىلىپ، مال قايتماي پۇل قايتۇرۇش دېگەننى چېكىپ قويدۇم. دۇكاندار مالنى قايتۇرۇپ سېلىۋەت دەپ ئۇچۇر قىپتۇ… 25 يۈەنلىك مالنى قايتۇرىمەن دەپ 50 يۈەن چىقىم تارتقۇدەكمەن. شۇڭا بۇ تەلەپنى سەۋەب كۆرسىتىپ رەت قىلدىم. يەنە ئىككى كۈن ئىچىدە پۇل قايتىپ كېلىدۇ، ئەگەر قايتمىسا تاۋباۋغا ئەرز قىلىمەن. دۇكاندار ئەرز قىلىنىشتىن بەك قورقىدۇ…
لېكىن شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، بۇ ھەقىقەتەن بوزەك بولۇپ قالغاندا ئىشلىتىدىغان چارە، سودىدا لىللا بولۇڭ، قەستەن ئەرز قىلىپ پايدىغا ئېرىشىشنى كۆزلىمەڭ، نەپسىمىزنى پاك تۇتساق، ھالال يول بىلەن كۆزلىگىنىمىزگە ئېرىشىمىز ئىنشائاللا…

toxkan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 09:05:18

كىتاپنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.كۆپچىلىككە رەخمەت.

toxkan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 09:05:24

كىتاپنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.كۆپچىلىككە رەخمەت.

obul21c يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 23:56:09

بەزىدە سەل ئاستا تىز بولىشى نۇرمال ئەھۋال،توردىن كىتاپ ئالسىڭىز مۇنۇ ئادرىسقا كىرىڭ،ئىشەنچىلىك دۇكان.
http://izdinix.taobao.com

obul21c يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 23:58:48

toxkan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 09:05 static/image/common/back.gif
كىتاپنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.كۆپچىلىككە رەخمەت.

بەزىدە سەل ئاستا تىز بولىشى نۇرمال ئەھۋال،توردىن كىتاپ ئالسىڭىز مۇنۇ ئادرىسقا كىرىڭ،ئىشەنچىلىك دۇكان.
http://izdinix.taobao.com

obul21c يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 23:59:18

Yatwash يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 13:47 static/image/common/back.gif
«داڭ داڭ» (当当) نىڭ كىتاب سېتىۋېلىش جەريانلىرى تاۋباۋن ...

بەزىدە سەل ئاستا تىز بولىشى نۇرمال ئەھۋال،توردىن كىتاپ ئالسىڭىز مۇنۇ ئادرىسقا كىرىڭ،ئىشەنچىلىك دۇكان.
http://izdinix.taobao.com

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 12:33:14

توردىن مال سېتىۋېلىشتا خوتۇن خەقتەك غەلۋەڭلار جىق ئىكەن،  توردىن مال ئالغان ئىكەن  ھامان كىلىدۇ، كەلمىسە ئەرز قىلساڭلار پۇلۇڭلارنى قايتۇرىدۇ،  مال كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا ناچار باھالىساڭلار بۇلىدۇ، كۈندە سەكسەن قېتىم مال يوللاش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ، دۇكانچىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ زىرىكمەمسىلەر،
بەت: 1 2 [3]
: توردىن كىتاپ سېتۋالدىم،لېكىن