udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 12:57:21

تىز يەتكۈزۈش شىركىتى قۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-26 15:01  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى مۇنبەرداشلار!

مەقسەت: ئىگىلىك تىكلەش دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ دائىرىسى ھەقىقەتەن كۆپ.  ئىشقىلىپ ياخشى بولغان بىر تۈر بىلەن مەلۇم بىر ئىقتىساد ۋە تۇرمۇش يولىنى ياخشىراق ھەل قىلىش ھەممىمىزنىڭ خىلى باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرى.

ھازىر چوڭ شەھەرلەردە تىز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى خىلى كۆپ، لىكىن ناھىيە ئىچىدە بەزى تىز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى تىخى قۇرۇلمىغان.
شۇڭا: مەلۇم بىر تىز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتىنى ئىچىش ئۈچۈن،  قانداق ئىقتىسادىي، سىياسىي يوللارنى باسىمىز؟
快递 بىلەن 物流 نىڭ قانداق پەرقى بار؟ بۇ باھا جەھەتتىلا پەرىقلىنەمدۇ؟
مۇشۇ ئىش توغرىسىدا تەپسىلىيرەك بىلىدىغانلارنىڭ بىلىمىنى ئايىماي دەپ بەرگەن بولسا.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 13:47:56

قانداق باسقۇچ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن...لېكىن ياخشى مەسلىھەتىم بار. ئالدى بىلەن سىز قايسى شىركەتنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى ئالماقچى بولسىڭىز شۇلارنىڭ ئورگان تورى ئارقىلىق ياكى قىزىق لىنىيە تېلفونى ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ مەلۇم شەرتلىرى بولۇشى ئېنىق . شۇلار بىلەن پۈتۈشكەندىن كىيىن ئاندىن دۇكاننىڭ رەسمىيتىگە ماڭىسىز . ئەگەر ئېچىلىپ ئىش باشلاپلا قالسىڭىز ، مال تارقىتىشتا ئاكتىپ بولمىسىڭىز پۇل تاپالمايسىز .
مېنىڭ تونۇشلىرىمدىن بىرىنچى بولۇپ ۋاكالەتچى بولۇپ ئاچقانلىرى بار ئىدى،،،مال كەلسە ئاۋارچىلىق بولىدىكەن دەپ قارىدى،چۈنكى ئۇنىڭدىن كىرىم بولمايتتى...پەقەت كىشىلەر باشقا يەرگە مال سالغاندا ئاندىن كىرىم بولاتتى..بىلىشىمچە بارلىق يەتكۈزۈش شىركەتلىرى مۇشۇنداقراق...تونۇشلىرىم ئاچقان دۇكانلار تېزلا ۋەيران بولدى...چۈنكى ئۇلار مال يەتكۈزۈشكە خوش ياقمىغان ئىدى...خەقلەرنىڭ ماللىرىنى ۋاقتىدا تارقاتماي ، ئىككى-ئۈچكۈن كېچىكتۈرۈپ بەرگەندىكىن خەقنىڭ خۇيى تۇتۇپ ، ئۇلاردىن مال سالغۇسى كەلمەي قالدى...شىنتوڭنىڭ كىنى ماڭدۇرۋاتقان بىر خەنزۇ تۇنۇش تىنىپ كەتتى ... ئۇنىڭ خۇيى مالنى ۋاقتىدا يەتكۈزەتتى ، يېتىشىپ بولالمىغان تەقدىردىمۇ ئېرىنمەي مال ئىگىسىگە تېلفون قىلىپ مال كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ قوياتتى...مۇلازىمىتى ياخشى بولغاندىكىن ، خەق مال سالسىمۇ بۇلارنى ئىزدۈگىسى كېلىدىكەن ......شۇ مۇشۇنچىلىك ئىشلار ...
مەيلى نېمە تىجارەت قىلمىسۇن، دۇكاننى ئېچىپ ئۆزىنى تەڭداشسىز خوجايىن ھېس قىلىپ چىش كولىغۇچنى چىشلەپ قوساقنى ساڭگىلتىپ تورغا چىقىپ ئولتۇرمايلا ، مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىپ ، ئىشلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرسىلا ھەرقانداق ئىش پۇل تاپىدۇ...

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 14:00:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-26 14:01  

تازا قاملىشىدىغان ئىشنىڭ بىرسى مۇشۇ. يوقۇرىدىكى تورداشنىڭ دېگىنىمۇ بەك ئورۇنلۇق پىكىر. ئۆزىڭىز ۋاكالەتچىلىكىنى ئالماقچى بولغانلار بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز تەپسىلاتىدىن خەۋەردار بولالايسىز. «كەلگەن مالغا پۇل بەرمەيدۇ»غان ئىشمۇ يوق. باش شىركەت مەلۇم مىقداردا ھەق ئايرىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ. مەنمۇ ناھىيىمىزدىكى يۈەنتوڭ، شېنتوڭ، يۇندا، جوڭتۇڭ دېگەنلەر بىلەن خېلى ئالاقە قىپ باقتىم(مال ئەكەلدۈرۈپ، ئەۋەتىپ دېگەندەك). شۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئاشۇنداقراق بىر گەپلەرنى دەيدۇ. پوسۇلكا قوبۇل قىلىغاندىمۇ ئالغان ھەقنىڭ بەلگىلىك قىسمىنى باش شىركەتكە تاپشۇرىدىغان ئوخشايدۇ.
ئەگەر سىز تۇرغان ناھىيىدە بۇنداق تۈر بولمىسا، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشقا كىرىشىڭ. بەك جىق مەبلەغمۇ كەتمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. لېكىن ئىستىقبالى يامان ئەمەس ئىش ماۋۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 14:02:11

ھازىر ھەممە ناھىيدە دېگۈدەك تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى بار. يېزا بازارلارغا يەتكۈزدىغان مۇلازىمەتنى يولغا قويسا پۇل تېپىپ كېتىدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 14:48:52

بىزنىڭ ناھىيدە 邮政小包 نى  بىر خەنزۇ دۇكانچىغا ۋاكالەتچىلىكىنى بىرىۋىتىپتۇ. پوچتا ئىدارىسىدىن پۇل بەرمىسە بىكارغا قىلماس دەيمەن.
قارىسام پوسولكا تاپشۇرۋالىدىغانلار بەك كۆپ.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 14:52:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-26 14:54  

快递تىز يەتكۇزۇش ئادەتتە دۆلەت ئىچىدە 5كۇندىن 7كۇن ئىچىدە يەتكۇزۇپ بولىدۇ،物流دىگەن ئوبروت چوڭ ماللارنى توشۇيدۇ.ئىچكىر ئۆلكىلەردىن كەلگەن ماللار ئۇرۇمچىگە كىلىپ ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى ئوبروت شىركەتلىرىگە تەقسىملىنىدۇ. يەتكۇزۇش ۋاختى ئىشقىلىپ 15كۇندىن 20كۇنگىچە بولىدۇ.
ئوبروت بولسۇن تىز يەتكۇزۇش بولسۇن يول ماڭسىلا ھەل بولىدۇ،لىكىن ئوبروتقا چىقىم كۆپ كىتىدۇ بەش ئالتە ئادەم ياللاپ ئىشلىتىدىغان گەپ يەنە يۇك ماشىنىسى ...تىز يەتكۇزۇش بولسا 2،3ئادەم بىلەن بولىدۇ لىكىن دۇككان ئورنىنى ياخشى تاللاش كىرەك ئادەم توپلاشقان ئولتۇراق رايونلار ئەڭ ياخشى تاللاش چۇنكى مال سالسا كىرىم بولىدىغان گەپ.قايسىسى بولسۇن مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ دەم ئىلىش يوق قىلچىلىك بىخەستىلىك قىلسا زىيان تارتىدىغان گەپ.
تىز پوچتىلار ئىچىدە ئەڭ تىز ھەم ئەڭ قىممىتى 顺丰快递ئوبروتنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىممەت ھەم تىز يەتكۇزىلدىغىنى 德邦物流.
قالغانلىرىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئوخشاش.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 15:51:17

مەن خوتەندىن 顺丰快递نى تاپالمىدىم

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 16:17:53

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 15:51:17 static/image/common/back.gif
مەن خوتەندىن 顺丰快递نى تاپالمىدىم
قەشقەردىمۇ يوق ئوخشايدۇ. ئۆتكەندە بىر نەرسە ئالسام شۈنفىڭدىن ساپتىكەن. ئۈرۈمچىگە كەلگەندە «سەن تۇرۇشلۇق يەردە مۇلازىمەت نوقتىمىز يوقكەن. ساڭا قايسى تېز يوللانما قولايلىق» دەپ ئۇچۇر قىپتىكەن. شىنتوڭدىن سېلىۋەت دېسەم، شۇنىڭدىن ساپتىكەن.

nurlan13 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 16:27:53

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 15:51 static/image/common/back.gif
مەن خوتەندىن 顺丰快递نى تاپالمىدىم

顺丰快递 نىڭ جەنۇبى شىنجاڭدا كورلىدىن باشقا شەھەردە  ۋاكالەتچسى  يوق .

osmanturpan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 16:34:52

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 15:51 static/image/common/back.gif
مەن خوتەندىن 顺丰快递نى تاپالمىدىم

顺丰快递 تۇرپاندىمۇ ئەمدى ئېچىلىپتۇ تېخى.

burkut327 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 17:18:31

    مەنچە ئاقىدىغان ئىشنىڭ بىرى مۇشۇ.  تور سودىسىنىڭ تەرەققىياتى، ئىچكىرى بىلەن بولغان ئالاقە دېگەندەكلەرنىڭ كۈچىيىشى بىلەن تىز يوللانمىغا بولغان ئىھتىياج ئاشتى. مانا ئەمدى مايۈن شىنجاڭدىكى سودا توغرۇلۇق بىر پىلانلارنى قىلىپ يۈرىدۇ.
   顺丰  راسلا ياخشى ، لىكىن قىممەت. يۈەنتوڭ بىلەن شىنتوڭ بولىدۇ، ناھىيەلەردە مۇلازىمەت ياخشى ئەمەس، راۋرۇس بىر كۈچەپ باقسىڭىز خىرىدار يىغىسىز، خەخمۇ توردىن مال ئالسا  ياكى نەرسە ئەۋەتسە سىزنى ئىزدەيدىغان بولىدۇ.

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:04:11

خۇدايىم  بۇيرىسا مەن  مۇشۇ  كەسىپتە ئوقۇماقچى

NEZERI يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:46:44

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 15:51 static/image/common/back.gif
مەن خوتەندىن 顺丰快递نى تاپالمىدىم

ئۈرۈمچىدىلا بار. ئىچكىردىن 3-كۈنىلا قولىغا مال تەگكۈزىدۇ.

NEZERI يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:49:56

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 15:51 static/image/common/back.gif
مەن خوتەندىن 顺丰快递نى تاپالمىدىم

قايتا تەكشۈردۈم
乌鲁木齐克拉玛依吐鲁番地区哈密地区昌吉回族州巴音郭楞州伊犁哈萨克州石河子
لاردا باركەن. قەشقەرگىمۇ كەلسە بولاتتى.
بۇنى مەنمۇ ئويلاشقان، كىچىك تېز يەتكۈزۈشلەرنى باشقىلار ئېلىپ بوپتۇ. شۈنفېڭ ئاز پۇلغا ئۇنىمايدىكەن.

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:58:12

NEZERI يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 18:49 static/image/common/back.gif
قايتا تەكشۈردۈم
乌鲁木齐克拉玛依吐鲁番地区哈密地区昌吉回族州巴音郭楞州伊犁哈萨克州石 ...

قانچىلىك مەبلەغ كەتكۈدەك ....

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:58:56

خوتەندە ئېچىشنى ئويلاشقانلار بولسا ھەمكارلىشىپ قىلساقمۇ بولاتتى ... گەرچە ئەمەلى كۈچۈم ئۈنچە كۈچلۈك بولمىسىمۇ :P

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 19:06:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaplanqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-26 20:11  

ئىنكاسنىمۇ تەستىقلايدىغىنى بىلمەي ، يىزىلىپ كىتىپتۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 19:11:59

ناھايىتى بازارلىق ،ھەم مەبلەغ سېلىش يۇشۇرۇن ئالاھىدىلىگى بار كەسپنى ئويلىشىۋېتىپسىز ،،،

بۇنىڭدا 顺丰  ,圆通   , 天天, 申通    .... قاتارلىق تىز يوللانما شىركەتلىرىنىڭ خالىغان بىرسىنىڭ ناھىيە ئىچىدىكى ۋاكالەتچىلىگىنى ئالالىسىڭىز ئىككى ئادەمنىڭ جېنىنى باقىدۇ ....
  يۇقىرىدىكى ئىنكاسلاردا تىلغا ئېلىنغاندەك مال تارقىتىش مۇلازىمىتڭىز ياخشى بولسا ، باشقىلار سىزدىن مال سالىدۇ ...
لىكىن مەنغۇ ئۇلارنىڭ ھىچبىرىنىڭ ماڭا مالنى ئەكەپ بەرگىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن ، تېلىفۇن قىلىپ مالنى ئېلىۋېلىڭ دەپ قۇيىدۇ ، بېرىپ ئېلىۋالىمىز .....

ما تېمىنى كۈرۈپ بېقىڭە ، تىز يوللانما شىركىتى قۇرسا قانداق ئاۋارىچىلىقلار باركەن ، چۈشىنىپ قالىسىز ،
بىر قېتىملىق تور سودىسى         ( تور سو
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=37671&fromuid=4520

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 19:17:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaplanqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-26 19:24  

ئىنكاسىم يوقاپ كەتتىغۇ
باشقىدىن يىزىپ قوياي .

زاغرا تىل بىلەن دىگەندە ، بىر مال بىر يەردىن ئىككىنجى بىر يەرگە يۆتكەلسىلا ،مال ئوبۇرۇتى بولىدۇ .
تېز يوللانما بولسا مال ئوبۇرۇتى ئىچىدىكى يەتكۈزۈش ۋاقتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىگە ئالاھىدە تەلەپ قويۇلغان بىر خىل مال ئوبۇرۇتى .

مەن ئۆزەم تېز يوللانما كەسپى بىلەن شۇغۇللانغىلى سەككىز يىل بولۇپتۇ ، ئەگەر بىلمىگەن يەرلىرىڭىز بولسا ،بىلىگىنىمنى دەپ بېرىمەن ،بىلمىگىنىمنى بىلىدىغانلاردىن سوراپ دەپ بېرىمەن .

ئەگەر قەشقەر ياكى خوتەننىڭ ئۆزىدىن بولسىڭىز ، مەن  ئۈرۈمچىدىن قەشقەر -خوتەنگە ئايروپىلاندا تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى پىلانلاۋاتقان ،سۈرئەتتە بۈگۈن سالغىنى ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن قولىغا تىگىدىغان ، باھاسىدا ئاپتوبۇسنىڭ باھاسى بىلەن ئوخشاش قىلىپ ، گىپىمىز بىر يەردىن چىقىپ قالسا ،بىللە قىلارمىز .

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 19:45:12

نەچچىلىك مەبلەخ كىتىدىغاندۇ ؟
بەت: [1] 2
: تىز يەتكۈزۈش شىركىتى قۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت