isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 20:42:49

kaplanqak يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 19:17 static/image/common/back.gif
ئىنكاسىم يوقاپ كەتتىغۇ
باشقىدىن يىزىپ قوياي .



سىز مۇشۇ كەسىپتە بولغانكىن ئاۋال مۇشۇ كەسىپ توغۇرلۇق بىر تەپسىلى سۆزلىۋەتسىڭىز بولامۇ ؟

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 20:57:04

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 20:42 static/image/common/back.gif
سىز مۇشۇ كەسىپتە بولغانكىن ئاۋال مۇشۇ كەسىپ توغۇرلۇق  ...

ئەتە ۋاقىت چىقىرىپ ،بىلگەنلىرىمدىن يىزىپ باقاي .

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 21:01:27

تاۋارىم تور پونكىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ . شىنجاڭ ئىچىدىكى پوسۇلكىلارنى بىر تەرەپ قىلالىسىڭىزمۇ جىق پۇل تاپىسىز . مايۈن يېقىندىن ياردەم قىلىدۇ يېتىشەلمەي قالسىڭىز .

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 21:39:18

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 14:11 static/image/common/back.gif
ناھايىتى بازارلىق ،ھەم مەبلەغ سېلىش يۇشۇرۇن ئالاھىدىل ...

سەۋىرچانكەنلا :lol :handshake

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 23:05:30

مېنىڭ تونۇشۇم مەلۇم بىر ناھيىدىكى شېنتوڭنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى يۈزمىڭغا ئۆتكۈزىۋالماقچى، مەنمۇ بەك ئويلىنىپ قالدىم.بولسا باشقىلارمۇ كۆز قاراشلىرىڭلارنى دەپ باقساڭلار.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 23:06:08

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 15:51 static/image/common/back.gif
مەن خوتەندىن 顺丰快递نى تاپالمىدىم

تور بېتىگە قاراپ بېقىڭ.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 08:52:58

yolyar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 23:06 static/image/common/back.gif
تور بېتىگە قاراپ بېقىڭ.

تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە خوتەندە بىر دانە تارمىقى باركەن

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 11:14:26

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 20:42 static/image/common/back.gif
سىز مۇشۇ كەسىپتە بولغانكىن ئاۋال مۇشۇ كەسىپ توغۇرلۇق  ...

راسىتنى دىسەم يىقىندىن بۇيان سەل ئالدىراشچىلىق ، بۇمۇ مۇشۇ كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكى . مۇنداق بولسۇن ، بۇ كەسپتە قانداق سوئاللار بار ، قالدۇرۇپ قويساڭلار ،مەن شۇ سوئاللارغا ئاساسەن كەچتە جاۋابىنى قالدۇرۇپ قوياي ،بىلگىنىمچە . قانچە ئىنىچكە سوئال بولسا شۇنچە ياخشى ،

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 11:34:36

1-سۇئال : بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن كەسپى سالاھىيەت كىتەمدۇ ، مەسىلەن، دىپلۇم ، ئىش ئورنىغا چىقىش كىنىشكىسى دىگەندەك ؟
2-سۇئال : خېرىدارلارنىڭ مەخپىي بۇيۇملىرى مەسىلەن : خەت چەك ، نەشىر بۇيۇملىرى قاتارىدىكى نەرسىلەرنى ئەۋەتكەندە قانۇنسىز نەرسىلەر بايقىلىپ قالسا بۇنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىگە ئەۋەتكۈچى ئۆزى ئىگە بۇلامدۇ ياكى تىز يوللانما شىركىتى مەسئۇل بۇلامدۇ ؟

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 11:47:35

1-سوئالغا جاۋاپ ، تېز يوللانما كەسپى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسىڭىز ، چوقۇم پوچىتىنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تېز يوللانما كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازاتنامىسىنى ئېلىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ . پوچتا قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تېز يوللانما كەسپىنى چوقۇم قانۇنى ئىگىسى بولغان شېركەت قىلىدۇ ، بۇنى سودا -سانائەت ئىدارىسىغا ئەنگە ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئىجازاتنامىنى تەڭ ئېلىپ بېرىش كىرەك ، ئىجازاتنامىنى ئېلىشىنىڭ 10نەچچە خىل تەلىپى بار ،بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى تېز يوللانماكەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا كىنىشكە ئالىسىز . كىنىشكىسى بارلارنىڭ سانى شېركىتىڭىزنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ %30تەشكىل تىپىشى كېرەك .
ئۇنڭدىن قالسا تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلەغ 500مىڭدىن تۆۋەن بولماسلىق كېرەك .
قالغان تەلەپلەر ئاسان ،بۇلارنى شىنجاڭ پوچىتنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئورگان تورىغا چىقسىڭىز تەپسىلى بار .

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 11:49:11

2-سوئالغا جاۋاپ ، بۇنىڭغائىككىلا تەرەپ ئىگە بولىدۇ .شۇڭلاشقا تېز يوللانمىنى ئالىدىغان ۋاقىتتا چوقۇم ئېچىپ تەكشۈرىشىڭىز كىرەك ، تەكشۈرمەي ئاشۇنداق مەسلىلەر بولۇپ قالسا ئەڭ باشتا ئىزدەيدىغىنى تېز يوللانما شېركىتى ، چۇنكى سالغۇچىنىڭ سالاھىيىتى پۇتۇنلەي يالغان بولىشىمۇ مۇمكىنغۇ

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 11:52:28

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 11:34 static/image/common/back.gif
1-سۇئال : بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن كەسپى سالاھىيە ...

زەھەرلىك بويۇم قوغدىلىدىغان ھايۋانلار پىچاق يىقۇلغۇگازلىق بۇيۇم،تاپانجا قاتارلىقلار قۇبۇل قىلمايدۇ مال ئالغان ۋاقىتتا قاراپ تەشكۇرۇپ ئالىدىغان گەپ .
باشقىلار ئەۋەتكەن مالنىمۇ تەشكۇرۇپ سالىدىغان تۇرسا ئۇنداق چاتاق چىقمايدۇ .ئەمما يەيدىغان نەرسىنىڭ كۆپىنچىسىنى 派送务员يەۋالىدىغان ئىشلار كۆپكەن ماڭا ئۇچرىمىدى ئەمما باشقىلارنىڭ پىكرى تولاراق مۇشۇ گەپ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 15:10:23

kaplanqak يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 11:49 static/image/common/back.gif
2-سوئالغا جاۋاپ ، بۇنىڭغائىككىلا تەرەپ ئىگە بولىدۇ .شۇڭ ...

ئۇنداقتا خەتلەرنى بىر-بىرلەپ ئۇقۇشقا توغرا كىلەمدۇ قانداق ؟ بۇمۇ خېلى قېيىن مەسىلە بولغۇدەك ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 18:17:39

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 14:52 static/image/common/back.gif
快递تىز يەتكۇزۇش ئادەتتە دۆلەت ئىچىدە 5كۇندىن 7كۇن ئىچىد ...

بىر قېتىم، مۇشۇ دې باڭدىن سىتانوكنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن، ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن بارىمەن دەپ، شۇنداق بىر تاغنىڭ يىنىدىكەن، ھەربىيلەر دالا مەشىقى قىلغاندەك بىر جاپادا بېرىپ ئىلىۋالغان ئىدىم.

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 18:33:42

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 15:10 static/image/common/back.gif
ئۇنداقتا خەتلەرنى بىر-بىرلەپ ئۇقۇشقا توغرا كىلەمدۇ ق ...

پوچتا قانۇنىدا خەت -چەكلەرنى پەقەت پوچتا تارماقلىرىنىڭلا يەتكۈزۈلىشىگە بۇيرىغان ، تېز يوللانما شېركەتلىرىنىڭ قىلىشىغا يول قويمىغان . چەتئەل مەبلىغى بار تېز يوللانما شېركىتى بولسا قەتئىي خەت-چەك مۇلازىمىتى قىلغۇزمايدۇ . (دۆلەت ئچىىدىكىنى)

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 19:30:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-27 21:31  

kaplanqak يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 20:33 static/image/common/back.gif
پوچتا قانۇنىدا خەت -چەكلەرنى پەقەت پوچتا تارماقلىرىن ...

گۇما ناھىيسىدە ems ،   邮政小包     ۋاكالەتچىلىكىنى بىر يولداشنىڭ دۇكىنىدا قوشومچە ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ.  ھىس قىلىشىمچە ۋاكالەتچىلىكنى ئالغىنى پەقەتلا مال تارقىتىدىكەن، مال قوبول قىلمايدىكەن.

ھەر ئايلىقىغا 5000 يۈەندىن تۆۋەن ئىش ھەققى بەرسە،  بۇ ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەس.  بۇ ئىشلارنى بىز تەرەپ قىلايلى دەپ ئىلتىماس سۇنساقمۇ، بەلكىم پوچتا تەرەپ ئۇنىماسلىقى مۇمكىن.

بۇ ئىشلاردا ئوقوش تارىخى تەلەپ قىلىنامدۇ؟

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 19:32:27

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 19:30 static/image/common/back.gif
گۇما ناھىيسىدە ems ،   邮政小包     ۋاكالەتچىلىكىنى بىر يولدا ...

ئوقۇش تارىخى تەلەپ قىلىنمايدۇ .بۇ كەسىپنىڭ بوسۇغىسى بەك پاكار دەمدۇق .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 19:33:41

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 13:52 static/image/common/back.gif
زەھەرلىك بويۇم قوغدىلىدىغان ھايۋانلار پىچاق يىقۇلغۇ ...

تىيەنماۋدا  105 يۈەنلىك راس تاپانچىغا تەقلىد قىلىنغان بالىلار تاپانچىسى ساتىدىكەن.

بالىلىق ۋاقىتلىرىمدىكى چالا ھىسلىرىمنى تولۇقلاي دەپ سىتىۋالماقچى بوپ قورقۇپ قالدىم. ئۇ ئويونچۇق  تاپانچا راسلا ئىسىلكەنتۇق.
بەت: 1 [2]
: تىز يەتكۈزۈش شىركىتى قۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت