bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 16:22:36

نەزىر مۇفتىمغا خەت

     بەزىدە ئىختىيارسىزلا ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمنى ئەسلەپ قالىمەن . نەقەدەر گۈزەل ، غەم-غۇسسىسىز ئۆتكەن كۈنلەر ئىدى-ھە  ! ئۇ چاغلاردا ھەر ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا تۇنجى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىم ئەدەبىيات كىتابنى باشتىن-ئاخىر تولۇق ئوقۇپ چىقىش ئىدى . بەزىدە تەقلىد قىلىپ ، تۇراق – قاپىيەسىنى كەلتۈرۈپلا «شېئىر»لارنى يېزىپ قۇياتتىم ، ھازىر ئوقۇپ باقسام كۈلۈپ كېتىمەن .
     بۈگۈن  ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسىدە ئۆگىنىپ ئۆتكەن مۇنەۋۋەر ئەسەر  ، ئۇيغۇر  كلاسسىك شېئىرىيتىدىكى مەشھۇر ساتىرا — نەزەر مۇفتىمغا خەت ( يەنە بىر نامى – يامان ئات قىسسىسى )نى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمەن .

دۇئايى بىئەدەد ،غوجام ، نەزەر مۇفتىمغا ئەلۋەتتە ،
تەھىيياتۇ سەلامىم ئانچۇنان ئاھۇ-نەدامەتتە ،
ۋىسال بولغاي دۇئا بىرلە سەلامىم ياخشى سائەتتە ،
سېنى ياد ئەيلىگۈم  ھەركۈن سەھەرلەردە ئىبادەتتە ،
كى سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە .

ساڭا مەن نامە يازدىم ، نامۇناسىپ لەۋزىدىن ئەي يار ،
بىھەمدۇللاھ ، تىرىكلىكتىن نىشانە ئەيلىدىم ئىزھار ،
بىلىشنى ئىستىسەڭ ، مۇندا شۈكۈركىم ، بىز ئەمەس بىمار ،
تىنىڭ ساقمۇ بۇ كۈنلەردە سېنىڭ ، ئاندا نە ھالىڭ بار ،
مۇشەققەتلىكمۇ سەن ، يا ئۆتتىمۇ ئۆمرۈڭ پاراغەتتە ؟

قېرىلىق ھالىدىن سورىسام ، يېتىشتى نەچچىگە ياشىڭ ،
سېنىڭ ھالا بۇ كۈنلەردە ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ ،
ئايال ،ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ ،يەنە قەۋمۇ قېرىنداشىڭ ،
نېچۈكدۈر ئىشتىھايىڭ ھەم ، سىڭەمدۇ يىگەن ئاشىڭ ،
ئۆزەڭ ئوبدان،چىرايىڭ تازىمۇ ھۆسنى مالاھەتتە؟

ئىشتكىل ، ئەي رەفىقا، سۆزنى ئەھمەدشاھ قاراقاشتىن ،
بايان ئەيلەيكى ھالىمنى ساڭا ئەمدى يېڭىۋاشتىن ،
ئەقىدەم بار ئىدى شۇنچە يېقىن تۇغقان-قېرىنداشتىن ،
سېنىڭ كۆڭلۈڭ ماڭا قاتتىق ئىكەن گويا قارا تاشتىن ،
كۆرۈپ مەن ، بىلگىنىم يوق ئۇنى ئەينى زەرۇرەتتە .

سېنى مەن دوستۇ -يارىم دەپ ، كۆڭۈلدە ئېئتىقاد ئەتكەچ  ،
مۇھەببەت رىشتىسىدىن ھەر زامان كۆڭلۈمنى شاد ئەتكەچ  ،
سۈپەتىڭنى قىلىپ دائىم خوتەن ئەھلىگە ، ياد ئەتكەچ  ،
ئەۋەتتىم ساڭا ئاتمىش تەڭگەنى ، كۆپ ئىئتماد ئەتكەچ ،
ئەۋەتكەي بىر ياخشى ئات دەپ ، ھامان ئۆتتۈم خىيالەتتە .

پۇلۇمنى توختىتىپ بىر يىل ، ئەۋەتىپسەن ماڭا بىر ئات ،
ئېشەكچە يوقتۇر رەفتارى ، بۇ ئاتنىڭ ھەر مىجەزى يات ،
كى يولدا توختىۋالدى قامچا بىلەن ئۇرمىسام پات-پات ،
كۇلا-ئارغامچىنى ئۈزدى قوزۇققا باغلىسام قات-قات ،
ئۇلاپ ئارغامچىنى ھاردىم،كۈنى قالدىم ھالاكەتتە .

بايان ئەيلەي يەنە بىر-بىر بۇ ئاتنىڭ ئەيبىنى ، ئاڭقا ،
قىڭغىر قۇيرۇق ، سىڭا سۆڭگەچ ، پۇتى مايماق ، بويى لاڭقا ،
بىرى تەپكەك ، بىرى مۆڭگەك ، بۇ ئەيىپلەر ئۈستىگە ماڭقا ،
ساماندىن بەش كۆشۈك يەپ ، قەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا ،
تۇغۇلماس ھېچ ۋىلايەتتە كەبى بىر ئات بۇ قىياپەتتە .

مىنىپ چىقسام ئېلىپ ئۇردى ، يىقىلدىم ، نەچچە كۈن ياتتىم ،
قويۇپ بەرسەم ، بۇزۇپ باغنى ، ھەمىشە ئەلنى قاقشاتتىم ،
سۇغارغاندا قېچىپ سۆرەپ ، ئاران ھارغاندا توختاتتىم ،
تېگىشتىم ئۇي بىلەن بەش-ئالتە نەۋبەت ، ئون قېتىم ساتتىم ،
قىلىپ دەۋا كېلىۋەردى ، ماڭا ياندى شەرىئەتتە .

ئەگەر يولغا مىنىپ چىقسام ، تۈزۈك يۈگرۈپ چاپالمايدۇ ،
ۋە يا ئۇي ھارۋىسى بىرلە بارابەرمۇ ماڭالمايدۇ ،
مۇبادا توختىۋالغاندا ئۇرۇپ قويسام چىچاڭلايدۇ ،
مىنىپ تۇرغان كىشى شۇئان بېرىپ يەرنى قۇچاقلايدۇ ،
خەتەرلىكتىن بۆلەك خىسلەت تېپىلماس بۇ كاسافەتتە .

ئۇرۇپ مىڭ تەستە چاپتۇرسام ، سوكۇلدايدۇ ئىشەك ئوخشاش ،
قورساق سانجىق بىلەن ئاغرىپ ، كېتەر گويا زىڭىلداپ باش ،
يەنە بىر ئەيىبى شۇدۇر چىرقىراپ سەت ، يولدا تاپ توختاش ،
زېرىكمەي مىنسە ، بىر سائەت بېرەلمەس ھېچ كىشى بەرداش ،
شەھەر-يېزا ئارا قىلغان سەفەر ، سەيلە-ساياھەتتە.

زۆرۈرىيەتتىن مىنىپ ، دوستلار بىلەن  بارسامكى بىر سارى ،
بولالماي چۈشكىچە ، ئاش ۋاقتلىق يەرگىچە بېرىپ ھاردى ،
كېيىن قالسىدى ئېشەكتىن ، ناگاھان ئۇي بىلەن تەڭ باردى ،
پېتىققە بىر پېتىپ ئالسا ، كۆتەرسە قوپماغاي زادى ،
قايان بارسام بۇ ئات بىرلەن قالىپدۇرمەن فەلاكەتتە .

ئېرىقنى كۆرسە ياندى ئارقىسىغا ، ئۆتمىدى ئاتلاپ ،
ئەگرى يولغا كىرىپ ئالسا مەگەركىم ، ھارمىدى قاتراپ ،
غۇلاپ بوينىدىن چۈشتۈم ، قاترىغاننىڭ زەربىدىن چاچراپ ،
ئىچىم سانجىق بىلەن تولدى ، قوۋۇرغام بەنتىدىن ئاجراپ ،
ساقايدىم ھەر زامان پارپى بىلەن مەئجۇنى شەربەتتە .

بوغۇز يىسە بېسىپ يىدى تولا ئىخلاس بىلەن چايناپ ،
خورازدىن قىزغىنىپ ، پۇرقۇپ ، تېپىشلەپ پۇتلىرى ئويناپ ،
سۇۋۇتقاندا تۇرار مۈگدەپ ، كۆزىدىن ھەم چافاق قايناپ ،
كى باشى ساڭگىلار يەرگە ، چىۋىنلەر بەستىنى قاپلاپ ،
قايسى بىر جانغا خۇش كەلگەي سىياقى بۇ لاياقەتتە ؟

جاھان بازارىدا ھېچكىم بۇ ئاتقا تەڭنى تاپماسلەر ،
يىقىلسا گاھىدا مۈدۈرۈپ ، تىپىپ-ئۇرمىسا قوپماسلەر ،
زورىدىن بىر يۈگۈرسۇن دەپمۇ  ھەرنە قىلسا ، چاپماسلەر ،
سالاملاشسام ، تۇرۇۋېلىپ ، تاياقسىز زادى ماڭماسلەر ،
دەرىخا ، قالمىسۇن يولدا ھېچكىم ئۇشبۇ ھالەتتە ،

تىپىپ قاشىغە كەلتۈرمەس كىشىلەرنى ، يەقىن بارسا ،
تۇيۇقسىزلا مۆڭۈپ قاچقاي ، بىرەر شەپە تۇيۇپ قالسا ،
چېچېپ رەسۋا قىلار ئوت-چۆپ ، ساماننى ئالدىغا سالسا ،
ئوقۇر ئۆرۈيدۇ ھەركۈندە ، ئېغىل ئىچرە ئورۇن ئالسا ،
بۇ ئاتتىن بەك زېرىكتىم مەن بېقىپ بىچاغ بىتاقەتتە .

ئېغىلنى توختىماي بۇزدى ،ئىشىىكنى كۆپ قېتىم چاقتى ،
بوغۇپ تەخەينى ئۆلتۈردى ، موزاينىڭ ھەم خۇنى ئاقتى ،
قېچىپ كەتسە تۇتۇق بەرمەي ، تالاي كۈن باشقىلار باقتى ،
تۆلەپ ھەق ھارمىدىم مەنمۇ ، ھامان ھەركىمگە خۇشياقتى ،
تالافەتتىن بۆلەكنى كۆرمەدىم ، قايغۇ-نەدامەتتە.

بوشاپ چىقسا تالاغا ، توختىماي سەكرەپ چىچاڭلايدۇ ،
كىرەر بولسا چىمەننى چەيلەبان  بوستاننى چاڭلايدۇ ،
كىشىنى كۆرسە كىشنەپ ، كەلسە چىشلەپ ، تېخى قوغلايدۇ ،
قاپاقۇ-كوزىنى چەيلەپ ، چۆگۈننى ئۆرە قويمايدۇ ،
بالا-ئۇششاقلىرىم بۇ ئات بىلەن ھەردەم ئاداۋەتتە .

بۇزۇپ ئەلفازىنى بىركۈن قاچىپ بىر مەلىگە يەتتى ،
كى قوغۇنلۇققا كىردى ، ئىشتىھا بىرلە غاجاپ كەتتى ،
جامائەت ئولىشىپ شۇدەم ، ئاغز-بۇرنۇمنى قان ئەتتى ،
بەدەل بەردىم تاغار ئاشلىق ، قورساقنى دەرد-ئەلەم ئەستى ،
بۇ ئات بىرلەن قالىپدۇرمەن ھەمىشە كۆپ مەلامەتتە ،

مېنى زاڭلىق ئېتىشتى خەلق ، بۇ ئات ئەھۋالى كۆپ تارقاپ ،
ئېلىپ چىقماسقا بەند قىلدىم ، ئۇنى تۈۋرۈككە چىڭ باغلاپ ،
قوماردى- يۇلدى تۈۋرۈكنى ، كىچە كىرسەم مۆڭۈپ قۇتراپ ،
كاسەپەتنى ئېغىل باسقاچ توكۇر بولدى پۇتى ئاقساپ ،
دېدىم مەن : ئۆلسىمۇ ئۆلسۇن ، خۇدا قىلغان ئىرادەتتە .

ئۇرۇق -تۇغقانلىرىم قانچە قاشىمگە ئات سوراپ كەلدى ،
بۇ ئاتنىڭ ئەسلى خۇي-پەيلى مېنى غەمگە ئوراپ كەلدى ،
باھانە ئەيلىسەم نەچچە ، ئۇلار يامان قاراپ كەلدى ،
ئىلاجىم يوق بېرىپ تۇردۇم ، مىنەلمەي ياندۇرۇپ كەلدى ،
بۇ جانىم چىققىلى تۇردى كۈنى يۇزمىڭ خىجالەتتە .

ئەۋەتكەن بۇ ئېتىڭغا ھېچ كىشى بىر يول قاراپ باقماس ،
قەلەندەر بىلەن ئابدالدىن بۆلەكلەرگە غولى ياقماس،
كۆتۈرۈپ گەز بويى ھېچ ئات ساغرىنى ئۇنىڭدەك چاقماس،
كىشىكىم ئات بالاسىدىن بۇنىڭدەك بىھېساپ قورقماس،
ئېلىشتىم ،غەم بىلەن قايغۇ بېسىپ تائەت- ئىبادەتتە.

تولا ھەيدەۋېتىپ باقتىم ، سوراپ – ئىستەپ ئېلىپ كەلدى ،
يىدى ئات ئاشلىقىمنى دەپ ، نەچچە نەۋبەت زىيان سالدى ،
زىياننى بەرمەسەم ، ھەيدەپ كېتىپ ، ئۈچ كۈن سولاپ سالدى ،
يېغىپ يۇرت خەلقىنى ، ئالدى زىياننى ، ئات ماڭا قالدى ،
خالايىق ئىچرە قالمىشتۇر ، باشىم ئانداق شىكايەتتە .

قۇتۇلسام ئۇشبۇ ئاتتىن دەپ خېرىدارىنى ئاختۇردۇم،
بېدىكنى ھەرقاچان كۆرسەم ،چۈچۈك تىل بىرلە يالۋۇردۇم،
قېرى ھالىم بىلەن قاتراپ ئۆيگە كۆپ مېڭىپ ھاردىم،
يېيىشلىك ھەم كۇچى بار دەپ ئۇنى مەن شۇنچە ماختادىم،
بازاردا يەتمىدى ئالغان پۇلۇمغا بۇ سالاھەتتە.

ساتالمايىن بۇ ئاتنى مەن ، سېلىپ ھەر ھەپتە بازارى ،
بۇ ئاتنىڭ ئەپتىدىن قورقۇپ يېقىن كەلمەس خېرىدارى ،
يامانلىق شۆھرىتى بولدى خوتەن بازارىدا جارى ،
بىراۋ كۆرسە ئۇنى ، قاچتى ، ئالىپ بارغىن دەپلا نارى ،
نىتەيكىم ، مەن بۇ كۈن دوست-يار ئارا كۆپ-كۆپ مالامەتتە .

بىزار بولغاچ تولا كۈن-تۈن ، يەنە بازارغا ئەپ چىقتىم ،
تىلىگەنگە ساتايچۇ دەپ ، بۇ سۆزنى ئۆيدە دەپ چىقتىم ،
يېپېپ جۇل ھەم يەنە ئوبدان ئېگەر ئۈستىگە سېپ چىقتىم ،
سېتىلماي قالمىغىيدى دەپ تۈمەن مىڭ غەمنى يەپ چىقتىم ،
نادامەت ئەيلىدىم  ،قالدىم ئەجەپ بىچاغ زەلالەتتە .

كى ئاندىن ئىككى ئاي باقتىم پىچانغا كۈنى-تۈن باغلاپ ،
سىلاپ جىسمىنى ھەر كۈندە كۈنجۈت يېغىدا ياغلاپ ،
بوغۇزنى قاينىتىپ بەردىم ، يېدى ھەر چاغ ئۆزى چاغلاپ ،
بېدىكلەر ئولىشىپ يالغاننى ئېيتىپ ، بەكمۇ جىق داڭلاپ ،
ئاخىر ساتتىم نېسىگە ، بىر قەلەندار ئالدى مۆھلەتتە .

شىكايەتكە ئېغىز ئاچسام ، ئارام ئالماي قىلارمەن داد ،
قۇتۇلدۇم ئۇشبۇ ئاتتىن ، بولدى كۆڭلۈم قايغۇدىن ئازاد ،
سۇنۇپ پۇت-قولىنى ياتقۇم ئەمدى راست روھى -رەۋانىم شاد ،
نەزەرلەردىن ھەزەرلەر ئەيلەمەككە مىڭ قەسەملەر ياد ،
كى ئۆمرۈم ئۆتكۈسىدۇر دوستۇ-يارانلەرگە ساداقەتتە .

چۈشۈپتۈر ئاسماندىن ئون تۇلۇمدا لاپ بىلەن يالغان ،
بىرى ئالەمگە تارقاپ ، توققۇزى مۇفتىمغىلا قالغان ،
پۈتۈن يالغان ئەمەسمۇ ئاتنى ئاتمىش تەڭگىگە ئالغان ،
بۇ ئاتمىش تەڭگىدىن ئېنىقكى ئوتتۇز تەڭگىنى سالغان ،
بېيىپ كەتكەن ئىكەنسەن ئەسلىدىن شۇنداق خىيانەتتە .

ئۆزۈڭ موللا بۇرادەر ، ئەجەپكى نەپسىڭ غالىپ،
چىرايىڭ خوپ سالاپەتلىك ، بىلۇرمەنكىم دىلىڭ قالىپ ،
بولۇپدۇرسەن سەن بېرىپ ئاندا كىشىنىڭ ھەققىگە تالىپ ،
كۈنۈڭ ئوبدانمىدۇر ئەي يار ، مېنىڭ ھەققىمنى ئېپقالىپ ،
كۆچۈرۈپ روزىغارىڭنى يۈرۈپسەنمۇ ھالاۋەتتە؟

سېنى مۇفتى دېگەن بىلەن تۈزۈك ئانچە ساۋاتىڭ يوق،
سېنىڭ ھەق بىلەن ناھەق بىلىش چاغلىق ئىمانىڭ يوق،
ساداقەت يارۇ دوستلارغا ئۈمىد ۋە ئېتىقادىڭ يوق،
قېرىنداش ، ئەلگە ، تۇغقانغا تېرىقچە ئىئمادىڭ يوق،
ئىشەنگەي كىم ساڭا ئەمدى ، بۇرادەر ، ئۇشبۇ ھالەتتە.

نومۇس قىل خەلقى ئالەمدىن ، سالامەت سەن ، ئەمەس بىمار ،
خىيانەتلىك قىلىپ شۇنچە ، خىجىللىق ئەيلىمەك دەركار ،
مېنىڭ ھەققىمنى يەپسەن ، ئۆزگىنىڭ ھەققىنى يېمە زىنھار ،
كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ مىڭ ئىبادەت قىلغنىڭ بىكار ،
سەئىي بىرلە كۈنى-تۈن ئۇخلىماي تۇرساڭمۇ ئىبادەتتە .

ماڭا ئۇ ئات ئۈچۈن دائىم ئۆيۈمدە كۆپ مالامەتتۇر ،
يېمەك بىر ئاتتا ئوتتۇز تەڭگىنى قانداق خىيانەتتۇر ،
يېقىىنلاشقاچ قىيامەت ، بەد دىيانەتلىك ئالامەتتۇر،
مېنىڭ قالغان پۇلۇم بىر نەچچە كۈن سەندە ئامانەتتۇر،
بېرەردۇرسەن ئۇنى تاڭلا تولۇق روزى قىيامەتتە.

_________________________________________
رىۋايەت قىلىنىشچە ، قاراقاشلىق ئەھمەدشاھ ئىلىم ئالغىلى قەشقەر خانلىق مەدىرىسكە ( يەنەبىر رىۋايەتتە بۇخاراغا ) ئوقۇشقا بارىدىكەن . ئۇ يەردە نەزەر ئىسىملىك ئاقسۇلۇق تالىپ بىلەن ھۇجرىداش بولۇپ ئوقۇپ قايىتقانلىرىدىن كېيىن نەزەر ئاخۇن ئاقسۇغا مۇپتى، ئەھمەدشاھ ئاخۇن خوتەنگە مۇدەررىس بولىدىكەن . ئۇ ئاتخۇمار ۋە ئاقسۇ ئېتىنىڭ داڭقىدىن خەۋەردار كىشى بولغىنى ئۈچۈن قەدىناس ساۋاقدىشى نەزەر مۇپتىغا 60 تەڭگە ھاۋالە قىلىدىكەن . بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن كارۋان ئارقىلىق ئاتنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى ھەققىدە نەزەر مۇپتىدىن خەۋەر كىلىدىكەن . ئات قاراقاشقا كەلگەندە ئالدى بىلەن بىر كىشى «خۇش خەۋەر » ئېيتىپ سۆيۈنچە سوراپ كېلىدىكەن ۋە ئاندىن بىر كىشى ئاتنى سۆرەپ ، كالتەك تۇتقان ئىككى كىشى ئارقىسىدىن ھەيدەپ ھويلىغا كىرىپ كىلىدىكەن . قارىسا ئاجايىپ بىر ئات ….  كۈلكە-مەسخىرىلەر كۆپىيدىكەن . ئىزاغا قالغان ئەخمەتشاھ ئاخۇن بۇ ئات توغرسىدا بىر نەزمە يېزىپ ئۇنى ئوقۇپ بىرىپ كېلىش ئۈچۈن ماھىر ئىككى شاگىرتىنى ئاقسۇغا ئەۋەتىدىكەن . نەزەر مۇپتى خوتەندىن كەلگەن مېھمانلار شەرپىگە باغ زىياپىتى ئۆتكۈزىدىكەن . شۇ سورۇندا شېئىر ئوقۇلىدىكەن. باشتا ئۈنلۈك ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان مۇپتى ، شېئىرنىڭ بىر يەرلىرىگە بارغاندا «توختا ، ئوقۇما ، بەش سەر بىرەي ، خۇدا ھەققى …… ئوقۇما ………… » دەپ توۋلايدىكەن ، ئاممىنىڭ تەلىپى بويچە شېئىر تولۇق ئوقۇلىدىكەن . جامائەت قاقاقلاپ كۈلۈپ چاۋاك چالىدىكەن . بۇ چاغدا سەپراسى ئۆرلىگەن نەزەر مۇپتى ئاچچىغىدا ئۆزىنى كاچاتلاپ ، ساقىلنى يۇلۇپ ، قاتتىق بىر ۋارقىراپ ئوڭدىسىغا چۈشىدىكەن . قارىغۇدەك بولسا ئۇ پانىي ئالەمدىن باقى ئالەمگە سەپەر قىلغانىكەن .  ps: يۇقارقىسى بىزنىڭ ئەدەبىيات كىتابىمىزدىكى چۈشەندۈرۈش . «ئەھمەدشاھ قاراقاشى» ناملىق كىتابتا ۋەقەلىك ئەسلى بۇنداق ئەمەس ، ئىش ئەسلى مۇنداق ئىكەن ئىدۇق ……. قىزىقساڭلار ئۆزۈڭلار شۇ كىتابنى كۆرۈپ بېقىڭلار ، مەن ئاشكارىلىۋەتسەم قىزىقىشىڭلار سوۋۇپ قالمىسۇن .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 16:46:49

بۇ شېئىرغا شۇنچىلىك ئىشتىياقىم بار ئىدى، دەرسلىك كىتابتىن كۆرۈپ يادلىۋالغانتىم خانىم ماختىغان ئىدى، نىمە دىگەن كۈچلۈك قەلەم قۇۋىتى ھە!
مۇشۇ شېئىرغا قارىساملا نەقەدەر دۆتلىكىمنى ھىس قىلىمەن

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 17:18:07

ئېسىمدە قېلىشىچە مۇشۇ مۇنبەردە بۇ شېئىر توغۇرلۇق مۇنازىرە قىلىشقان ئىدۇق . نەزەر مۇفتىنىڭمۇ ئەھمەتشاھقا قايتۇرغان شېئىرى ئۇچرىغاندەك ئېسىمدە . ئەسلىدە نەزەر مۇفتىنىڭ ئەۋەتكەن ياخشى ئېتى ، ئامانەتنى يەتكۈزگۈچىلەر تەرىپىدىن خىيانەت قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن . يۇقىردىكى بايانلاردىنمۇ بۇنى ئىسپاتلىغۇدەك ئۇچۇرلار بار ... مەسىلەن نەزەر مۇفتى خەتنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلگەندە ، ئالايىتەن زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ دوستىنىڭ رەھمىتىنى ئاڭلاشقا تەييار تۇرىدۇ. ‹ئۈنلۈك ئوقۇ› دېگەن يېرىدىن بىلىنىدۇ. ئەگەر ئۆزى راست قاشاڭ ئاتنى ئەۋەتكەن بولسا ، ئەھمەتشاھنىڭ ئىستىداتى بويىچە ئۇنىڭدىن چىرايلىق گەپ ئاڭلىمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا شېئىرنى ئوقۇتماسلىقى مۇمكىن ئىدى... ...مۇشۇنداقراق بىريەكۈنلەرنى چىقارغاندەك ئېسىمدە ، بەزى تورداشلارمۇ يەنە نۇرغۇن ئىسپاتلارنى كۆرسەتكەندەك ئېسىمدە ... ... بولسا نەزەر مۇفتىغا ھەققانىيەتنى قايتۇرۇپ بېرەيلى{:87:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 17:57:08

مەنمۇ نەزەر مۇفتىنى ئانداق ئوسال ئادەم بوممىسا كېرەك دەپ خىيال قىلىمەن.

بۇ شىئېرنى ئەدەبىيات كىتابىمىزدا تۇنجى كۆرگەندە بىرقانچەيلەن غۇژمەك بولۇپ ئوقۇپ تازا كۈلگىنىمىز ئېسىمدە.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 17:58:33

كامون بۇرادەر دېگىنىدەك، بولسا ئۇچۇرلارنى توپلاپ، نەزەر مۇفتىغا ھەققانىيەتنى قايتۇرۇپ بېرەيلى. مۇنبەرگە چىقىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ شىئېر ھەققىدە ئوقوغۇچىلىرىنى يېڭىچىراق بىر پىكىرگە يىتەكلەپ قويسا ئەجەپ ئەمەس.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:06:07

بۇ نەزەر مۇفتىمنىڭ جاۋاب خېتى ئىكەن...
مەنبەسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن...

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:19:55

سېنى مۇفتى دېگەن بىلەن تۈزۈك ئانچە ساۋاتىڭ يوق،
سېنىڭ ھەق بىلەن ناھەق بىلىش چاغلىق ئىمانىڭ يوق،
ساداقەت يارۇ دوستلارغا ئۈمىد ۋە ئېتىقادىڭ يوق،
قېرىنداش ، ئەلگە ، تۇغقانغا تېرىقچە ئىئمادىڭ يوق،
ئىشەنگەي كىم ساڭا ئەمدى ، بۇرادەر ، ئۇشبۇ ھالەتتە.

شىئىردىكى مۇنۇ قۇرلاردىن قارىغاندا     نەزەر مۇفتى   ئوقۇغان ۋاقىتتىمۇ ئانچە تەقۋا دۇرۇس ئەمەسمىدۇ يە ؟  بولمىسا ئەھمەدشاھ قاراقاش بۇ بىر ئىش سەۋەبىدىن ئۇ ئادەمنىڭ ئىمانىغا ، ئىتقادىغا تىل ئۇزارتماس ئىدى ، ئۆزىمۇ ئىلىملىك ئادەم تۇرسا بىزدەك يەڭگىلتەك كەلمەس ھەقانچە بولسىمۇ :o
بۇ بىر پەرەز خالاس قالغىنى ئەھمەدشاھ قاراقاشى ناملىق كىتاپتا قانداق بايان قىلىنغان شۇنىڭغا قاراپ باقارمىز {:90:}

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:52:48

مەنمۇ كىچىك چاغلىرىمدا دادامنىڭ خىزمەتدېشى دۇتتار بىلەن ئوقۇيدىغان بۇ نەزمىنى پۈتۈن زىھنىم بىلەن ئاڭلايتتىم،
رەھمەت! شۇ غەمسىز سەبى چاغلىرىمنى ئەسلەتتىڭىز.

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:55:29

نەزەر مۇفتىنىڭ جاۋابىغا قارىغاندا ئاتنى ئەخمەتشاھ قارا قاشقا ئالغاچبارغان كارۋانلاردا ساختىلىق بارمىدۇيە؟!

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 19:03:03

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 19:22:08

يازغان سالنامىسىگە قارىغاندا نەزەر مۇفتىمۇ بوش ئەمەستەك تۇرۇدۇ جۇمۇ

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 19:22:39

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئەھمەدشاھنىڭ ئاتىسى بۇ مەكتۇبنى كۆرگەندىن كىيىن، «نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ، نېمىشقا ئالدىراقسانلىق بىلەن بۇ شېئىرنى يازىسەن...» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئوغلىغا قاتتىق كايىپتىكەنتۇق.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 19:37:56

ئۇتتۇرا مەكتەپتىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىم كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەكتە.

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 19:42:24

ئېسىل ئەسەر! ماۋزۇنى ئوڭشاپ قويۇڭلار بىرسىڭلار.

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:04:42

بايان ئەيلەي يەنە بىر-بىر بۇ ئاتنىڭ ئەيبىنى ، ئاڭقا ،
قىڭغىر قۇيرۇق ، سىڭا سۆڭگەچ ، پۇتى مايماق ، بويى لاڭقا ،
بىرى تەپكەك ، بىرى مۆڭگەك ، بۇ ئەيىپلەر ئۈستىگە ماڭقا ،
ساماندىن بەش كۆشۈك يەپ ، قەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا ،
تۇغۇلماس ھېچ ۋىلايەتتە كەبى بىر ئات بۇ قىياپەتتە .
بۇ قۇرلار بەكلام ۋەزىللىك چىقىپتۇ، ئەمازە بەك ئىسىل شېئىر ئىكەن. بىزنىڭ كىتاپلاردا يوق ئىدى. «جۇ» ھەزىرەتنىڭ شېئېرلىرىنىمۇ قاتلايدىكەن.

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:07:24

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 17:18 static/image/common/back.gif
ئېسىمدە قېلىشىچە مۇشۇ مۇنبەردە بۇ شېئىر توغۇرلۇق مۇنا ...

توغرا ئەگەر ئۆزى شۇنداق ئەبگا ئات ئەۋەتكەن بولسا ئەلۋەتتە سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇپ ئاڭلىماس بولغىيدى. بىراق ئىككىلىسى بەك ئىستىبداتلىق ئادەملەر ئىكەن.

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:10:58

« ئۆيلەنمەيمەن»، « ئۆيلەنگىن» دېگەن شېئىرلارمۇ قالتىس.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:38:29

« ئۆيلەنمەيمەن»، « ئۆيلەنگىن»
بۇلار كىمنىڭ شىئىرى ؟
ئەۋىتىڭ ئوقۇپ باقىلى

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:44:23

مۇئەللىم ئوقۇپبولغۇچە توللا كۈلۈپ دەرىسنى دەرىس قىلمايتۇق {:92:}

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 21:21:46

يەنە بىر ئۇقۇۋالدىم ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ تەكرار ئۇقۇغۇسى كىلىدىغان ساتىرا
بەت: [1] 2 3
: نەزىر مۇفتىمغا خەت