alper999 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 08:22:58

نىمدىگەن ياخشى خەت ھە بۇ

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 09:39:42

ئەمەلىيەتتە نەزەر مۇفتى بىلەن ئەھمەدشاھ قاراقاش ناھايىتى يېقىن دوستلار بولۇپ پات پات بىرسىگە شىئىرى سالاملارنى يوللاپ چاقچاق قىلىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ بۇ ‹‹ خەت›› مۇ شۇنداق چاقچاقلارنىڭ بىرى دەپ بىر ماتىرىيالدىن كۆرۈۋېدىم .

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 10:23:03

مەن يازمىنىڭ ئايىغىدا سەل-پەل ئۇچىنى چىقىرىپ قۇيۇپ دىمىگەننى دەي ئەمدى .
كىتابخانىلاردا «ئاماننىساخان» ، «نىم شېھىت» ، «كۇڭزى» ..... دەپ شەخسلەرنى تۇنۇشتۇرىدىغان قاتارى تىزىپ قۇيۇلىدىغان بىر يۈرۈش كىچىككىنە كىتابلار ئارىسىدا «ئەھمەدشاھ قاراقاشى » دەپ بىرسى بار . ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە ، ئەھمەدشاھنىڭ «مىۋىلەر مەجلىسى» ناملىق باشقا ساتىرىك شېئىرلىرىمۇ بار (كىتابتا تېكىستى بىرىلگەن ) . ئەھمەدشاھ يامان ئات ۋەقەسىگە يولۇقۇپ ، ئاچچىق ئەقىلىنى كېسىپ ، ئاتىسىنىڭ نەسىھىتىگە قولاق سالماي يۇقارقى شېئىرنى يېزىپ ئەۋەتىدۇ . نەزەر مۇفتى بىزنىڭ ئەدەبىيات كىتابىمىزدا ئېيتىلغىنىدەك جان ئاچچىقدا ئۆلۈپمۇ كەتمەيدۇ .
ئەھمەدشاھ قاراقاشىنىڭ جەمەت لەقىمى ياپىلاق بولۇپ ، نەزەر مۇفتى ئۇنىڭ شېئىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ، ئۈزىنىڭ بۇرادىرىگە يارىغۇدەك ئېسىل ئات ئىزدەپ بىريىل قاترىغىنىنى ، ئۇ ئاتنى كارۋاننىڭ ئالماشتۇرىۋالغان بۇلىشى مۇمكىنلىكىنى سۆزلەپ ، ئەھمەدشاھنىڭ شۇنچىلىك ئىشقا ئەقلى يەتمەي بۇرادىرىدىن گۇمانلانغانلىقىدەك «ياپىلاق» مىجەزىنى ھەجۋ قىلىپ ئۇنىڭغا بىر پارچە ھەجۋ شېئىر قايتۇرغان .
  بۇنى كۆرۈپ ئەھمەدشاھ ئالدىراقسانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ تۇرغىنىدا ئاتىسى (جامائەت ئەربابى ، ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ ، ئىسمىنىڭ ئارقىسىغا «شاھ» قېتىلىدۇ ) ۋاپات بولىدۇ . شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەھمەدشاھنىڭ كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدا باشقا بۆسۈشلەر مەيدانغا كەلمەيدۇ ، پەقەت بۇرۇن يازغان شېئىرلىرىنى رەتلەپ بىر دىۋان تۈزۈپ قويىدۇ خالاس (بۇ دىۋاندا يۇقاردا بىز قانغۇدەك كۈلۈپ ، ھۇزۇرلانغان سالامنامە ۋە نەزەر مۇفتى قايتۇرغان «ياپىلاق» ناملىق سالامنامىمۇ بار  )

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 10:44:31

«سالامنامە»

نەزەر مۇفتى

سېنىڭدەك بىر بۇرادەر يوق، كەمىنەڭگە مۇنۇ يۇرتتا،
شۇڭا مەن كۆپ سالام يازسام جاۋابىڭمۇ ئەمەس چولتا،
ساڭا يازسام ماڭا يازدىڭ، يەنە يازسام يەنە يازدىڭ،
سالامدا دۇر جىمىرلايدۇ، بىرىدىن ھەم بىرى كاتتا،
سالام يازدىم ساڭا دوستۇم، سېغىنغان ئۇشبۇ سائەتتە.

كۆزۈڭ قالغانتى بىر چاغدا ئۆزۈم مىنگەن قۇلۇن ئاتتا،
ئەۋەتتىم مەن ئاشۇ ئاتنى، تۇرارمۇ سەندىكى چاتتا؟
يۇرۇڭقاشتىن ئۆتەر بولساڭ، كۆزۈڭنى يۇم مىنىپ ئاتتا،
بىرەر بايتال تېپىپ بەرگىن قۇلۇن كىشنەيدۇ پات-پاتلا،
ئەگەر بايتال تاپالمىساڭ، بېشىڭ قاتقاي خىجالەتتە.

كۆرۈپ خۇش بولدى كارۋانلار، شۇئانلا ھەم مىنىپ كەتتى،
چامىمدا شۇ قۇلۇن ئاتىن ئۈزۈپ قاراقاشقىمۇ يەتتى،
كارۋانلار ئىشەنچىلىكمۇ، خىيالىمدىن گۇمان كەچتى،
قۇلۇننى كى ھىجايغانچە، كىلىپ شەيتان بىلەن يەشتى،
ئېتىمنى بەرمىدى ئەينەن، ساڭا بولسا ئىتائەتتە.

قۇلۇنغا ئەگىشىپ كەتتى، ئەۋەتكەن ئاقچا تەڭگەڭمۇ،
ئاشۇ ئاقچاڭغا باغلىقتۇر، خۇتۇن-قىز ھەمدە يەڭگەڭمۇ،
قۇلۇننى بىر مىنىپ ئالەمچە خۇش بولغان سەنمۇ،
كۆتۈڭدىن ئايرىما زىنھار قۇلۇن ئاتىمنى بىردەممۇ،
بۇنداق ئات تېپىلمايدۇ پۈتۈن خوتەن ۋىلايەتتە.

بۇ ئابدۇللا ئېلى بەگزادنىڭ «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىغا بېسىلغان «نەزەر مۇفتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» دېگەن ماقالىسىدىكى«سالامنامە» بولۇپ، مەن ئۇشبۇ ژۇرنالدىن كومپيۇتېردا ئۇرۇپ سالقىلۋالغان.

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 10:45:28

تېمىنى قايتا-قايتا يوللاش مودا بولدىمۇ نېمە ;P

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 11:11:56

xaqan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 10:45 static/image/common/back.gif
تېمىنى قايتا-قايتا يوللاش مودا بولدىمۇ نېمە

{:196:}

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 13:45:17

كىلاسسىك  شىئېرلارنى ئوقۇغۇنۇمدا بىزدە ھازىر شائىر ئاتىلىشقا مۇناسىپ ئادەملەر قالمىغانمىدۇ دەپ ئويلاپ قالمەن

bahram710 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 15:46:30

مەنمۇ باشتائەدەبىياتنى ،ئاندىن تەبىئەت،ئىدىيە ئەخلاق ئىشقىلىپ ھەممىنى بىرەر قۇر ئۇقۇپ قۇيتۇم....

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 15:58:21

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 19:03 static/image/common/back.gif
نەزەر مۇپتىنىڭ جاۋابىدىن دەرھەقىقەت ئۇنىڭ سەل پەل ساۋ ...

يەنە شۇ مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمنى ئەسكە ئەپ قالدىم،
تۇلۇقسىزنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ 2-مەۋسۇمىمىكىن دەيمەن،شۇ ۋاقىتتا ئۆتكەنتى بۇ دەرىسنى،مۇئەللىم بۆلەكلەرگە بۈلۈپ ئوقۇغۇچىلارغا دىكىلماتسىيە قىلدۇرغانىدى،شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ساۋاقداشلار قاتارى 54ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا ئىككى كۇپلىتىنى ئۈنلۈك دىكلىماتسىيە قىلىش شەرىپىگە ئىرىشكەنىدىم.شۇنچىلىك ياختۇرۇپ ئوقۇيتۇم بۇ شېئىرنى،بەزى جايلىرى بەك كۈلكىلىك،بەزى جايلىرى ئاچچىق مەسخىرىلىك،ئىشقىلىپ ئادەمنى بەك جەلىپ قىلاتتى بۇ شىئىر،دەرىس ئۆگۈنۈش خوشياقماي قالغان ۋاقىتلاردا مۇشۇشىئىرنى ئوقۇسام كەيپىياتىم باشقىچە ياخشىلىنىپ قالاتتى،بەك كۆپ ئوقۇغاچقىمۇ شىئىرنىڭ تەڭدىن كۆپرەكى ئىسىمدە قاپتىكەنتۇق،بىر نەچچە يىلغىچە ئىسىمدىن چىكەتمىگەن ئىدى.

بۇ ئەسلىمە خاراكتىرلىق شىئىرنى يوللاپ بالىلىق،ئوقۇغۇچىلىق شىرىن ئەسلىمىللىرىمگە غەرق قىلۋەتكەن بۇرادەرگە كۆپ تەشەككۈر.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 17:24:33

  ئۇقۇشماسلىق

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 03:57:00

ئەسلى ئەھۋالنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى نىمىشقا ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزمەيدۇ؟؟ مەن ئەمدى بىلىپتىمەن ھەقىقى ئەھۋالنىڭ باشقىچىرەك ئىكەنلىكىنى

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 05:58:52

0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 13:45 static/image/common/back.gif
كىلاسسىك  شىئېرلارنى ئوقۇغۇنۇمدا بىزدە ھازىر شائىر ئا ...

بىر پىتنە تېرىشقا سەرەڭگە يېقىپ بېقىۋاتىسىز ھە

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 17:01:47

ماۋۇ نەزەر مۇفتىنىڭ سالامنامىسىدە مەسىلە بار ... ...

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 17:21:17

نەزەر مۇفتىنىڭ ماۋۇ سالامنامىسىنى ، نەزەر مۇفتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان دەپ ھۆكۈم قىلدىم .
نەزەر مۇفتىنىڭ ئۆزىنىڭ قۇلۇن ئېتىنى ئەۋەتكەنلىكى راست بولۇشى مۇمكىن ،ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن.. لېكىن ئاۋۇ سالامنامە نەزەر مۇفتىنىڭ ئۆز قولىدىن چىققانلىقىغا ئىشەنمەيمەن...تەپسىلى يازاي دېسەم ، خوشياقمىدى ... ...

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 18:02:33

سىز بەك جېق ئويلاپ كەتتىڭىزمۇ ياكى باشقىچە چۈشنىۋالدىڭىزمۇ ? مېنىڭ ھەرگىز سىز دېگەندەك پىتنە تېرىغۇم يوق  ئاللاھ ھەم ساقلىسۇن ()

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 20:30:05

:lol:lol:lol:lol:lol:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 08:21:34

ئاۋۇ ئۇلانمىدىكى ئات قار تىپەر ئاتنىڭ ئۆزىكەنغۇ .....

telebe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 22:15:06

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 17:21:17 static/image/common/back.gif
نەزەر مۇفتىنىڭ ماۋۇ سالامنامىسىنى ، نەزەر مۇفتىنى ئاق
تۈزۈك يېزىشمۇ خوشياقمىغان ئادەم ئۇنى بۇنى دىگۈچە بېرىپ قەھۋە ئىچسىلە غوجووووم

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 22:27:25

ئەخمەتشاھ قارىقاش ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر مۇخەممىسىfficeffice" />
تۇردى سامساق
.......رىۋايەت قىلنىشچە:خۇتەن قارقاشلىق ئەخمەتشاھ ئاخۇن قەشقەر خانلىق مەدرىسكە ئۇقوشقا باردىككەن.ئۇيەردە ئاقسۇلۇق نەزەر ئاخۇن دىگەن تالىپ بىلەن ھوجىرداش بۇلۇپ ئۇقۇپقايتقانلىردىن كىيىن نەزەر ئاخۇن ئاقسۇغا مۇپتى، ئەخمەتشا ئاخۇن خۇتەنگە مۇددەرىس بۇلدىككەن. ئەخمەتشاھ ئاخۇن ئاتخۇمارۋە ئاقسۇ ئېتنىڭ داڭقىدىن خەۋەردار كىشى بولغىنى ئۈچۈن قەدىناس ساۋاقدېشى نەزەر مۇپتىغا 50تەڭگە ھاۋالە قىلدىككەن. مۇپتى ئاتنى ئىۋەرتىپ بەرمىگىنى ئۈچۈن ئەخمەتشاھ ئاخۇن نەزەر بۇپتىغا بىر خەت يازدىككەن. شۇندىن بىريىل كىيىن:كارۋان ئارقىلىق ئات ئەۋەتىلگەنلىگى ھەققىدە نەزەر مۇپتىدىن خەۋەر كىلدىكەن.ئات قارقاشقا كەلگەندە ئالدى بىلەن بىر كىشى "خوش خەۋەر"ئېيتىپ "سۈيۈنچە" سۇراپ كىلدىككەن ۋەئاندىن بىركىشى ئاتنى سۆرەپ ،يەنە كالتەك تۇتقان ئىككى كىشى ئارقىسىدىن ھەيدەپ ھويلىغا كىرىپ كىلدىكەن. قارسا :‎"ئاجايىپ" بىر ئات كۈلكە، پىچىڭلەر كۈپۈيدىكەن .ئىزاغا قالغان ئەخمەتشا ئاخۇن بۇئات توغرىسدا بىر نەزمە يېزىپ، ئۇنى ئوقوپ بىرىپ كىلىش ئۈچۇن ماھىر ئىككى شاگىرتىنى ئاقسۇغا ئىۋەرتىدىكەن .(بۇلارنىڭ ئارسىدا ئاشۇنداق ھەزىل چاخچاقلار بولسا كىرەك)نەزەر مۇپتى خۇتەندىن كەلگەن مىھمانلار شەرپىگە "باغ زىياپىتى"ئۆتكۈزدىكەن .شۇسورۇندا شئېر ئۇقولدىككەن.باشتا "ئۇنلۈك ئۇقۇش" نى تەلەپ قىلغان مۇپتى ،شئېرنىڭ بىر يەرلىرگە بارغاندا "توختا ،ئۇقۇما، بەش سەر بىرەي، ئۇقۇما....."دەپ توۋلايدىكەن .ئاممىنىڭ تەلۋى بۇيچە شئېر تۇلۇق ئۇقۇلدىكەن .جامائەت قاقاقلاپ كۈلۈپ چاۋاك چالدىكەن. بۇچاغدا سەپراسى ئۆرلىگەن نەزەر مۇپتى، جانئاچچىغىدا ئۈزنى كاچاتلاپ ،ساقىلىنى يۇلۇپ ،قاتتىق بىر ۋاقىراپ ،جاق ئوڭدىسغا چۈشدىكەن .قارغۇدەك بولسا ،ئۇپانى ئالەمدىن باقى ئالەمگە سەپەر قىلغان ئىكەن .نەزەر مۇپتىمنى رەمەتلىك قىلۋەتكەن نەزمە ماۋۇ ئىكەن........
(بۇلاق ژۇرنىلى 1980-يىلى 1-ساندىن قىسقارتىپ ئېلىندى)
سالام نامە
ئەخمەتشا قارقاش

دۇئايى بىئەدەت خوجام نەزەر مۇپتۇمغا ئەلۋەتتە،
تەھەيياتۇ سالامىم ئانچىنان ئاھۇ-نادامەتتە ،
دۇئا بىر لەۋسىال ئولغاي سالامىم ياخشى سائەتتە.
سېنى ياد ئەيلىگۇم ھەركۈن سەھەر ۋاقتىدا تائەتتە،
كى سەندىن ئوزگە دوستۇم يوق ئىدە ئاقسۇ ۋىلايەتتە.

ساڭا مەن نامە يازدىم ،نامۇناسىپ لەۋزىدىن ئەي يار،
بىھەمدۇللا تىرىگلىكتىن نىشانە ئەيلىدىم ئىزھار.
بىلىشنى ئىستىسەڭ مۇندا شۈكۈركىم بىز ئەمەس بىمار،
تىنىڭ ساقمۇ بۇكۈنلەردە سىنىڭ ئاندا نەھالىڭ بار.
مۇشەققەتلىكتىمۇ،يائۆتتىمۇ ئۆمرۈڭ پراغەتتە؟!

قېرلىق ھالدىن سۇرسام يىتىشتى نەچچىگە ياشىڭ ،
سىنىڭ ھالا بۇكۈنلەردە ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ.
ئايال، ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ جىمى –قەۋمۇ قېرىنداشىڭ ،
سىڭەمدۇ ئىشتىھا قانداقكى ھەرۋاقتى يىگەن ئاشىڭ،
ئۈزەڭ ئوبدان چىرايىڭ تازمۇ ھۆسنى مالامەتتە.

ئىشتكىل ئەي رەپقا سۆزنى ئەخمەتشا قارا قاشتىن ،
ساڭا ئەمدى بايان ئەيلەي بۇئەھۋالنى يېڭى باشتىن .
ئەقەدەم بارئىدى سىزگە يېقىن تۇققان قېرىنداشتىن ،
نىتەي كۆڭلۈڭ ماڭا قاتتىق ئىكەن گۇيا قارا تاشتىن.
كۈلۈپسەن ،بىلگىنىم يوق مەن ئۇنى ئەينى زۈرۈرەتتە.

سىنى مەن دوسىت – يارىم دەپ ،كۈڭۈلدە ئىتقات ئەتكەچ،
مۇھەببەت رىشتىسىدىن ھەر زامان كۆڭلۈمنى شاد ئەتكەچ
سۇپاتىڭنى قىلىپ دائىم خۇتەن ئەھلىگە يات ئەتكەچ،
ئەۋەتىپ سىزگە ئەللىك تەڭگە پۇلنى ئىتماد ئەتكەچ،
كى ياخشى ئات يۇ بەرگەي دەپ ھامان ئۇشبۇ خىيالەتتە.

پۇلۇمنى توختۇتۇپ بىر يىل ،ئەۋەتىپسىز ماڭا بىر ئات،
ئىشەكچە يوقتۇر رەپتارى ئەنىڭكى ھەر نە پەيلى ئات.
كى يولدا توختىۋالدى قامچى بىرلەن ئۇرمىسام پات-پات،
كۇلا ئاغامچىنى ئۈزدى قۇزۇقلاپ باغلىسام قات-قات،
ئۇلاپ ئاغامچىنى ھەر كۈنلگى قالدىم ھىلاكەتتە،

بايان ئەيلەي ساڭا ئەمدى بۇ ئاتنىڭ ئەيبىنى ئاڭقا،
قىڭا قۇيرۇق ،سىڭا سۆڭگەچ ،پۇتى مايماق ،بۇيى لاڭقا،
بىرى تەپكەك ،بىرى ھۆركىگەك ،بۇ ئەيىپلەر ئۈستىگە ماڭقا ،
ساماننى بەش كۈشۈك يەپ ھەر قەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا،
بۇ ياڭلىغ ئات يەنە ھەرگىز تېپىلماس ھىچ ۋىلايەتتە،

مىنىپ چىقسام ئېلىپ ،يىقىلدىم نەچچە كۈن ياتتىم ،
قۇيۇپ بەرسەم بۇزۇپ باغنى ھەمشە ئەلنى قاخشاتتىم،
سۇغاغاندا قېچىپ سۆرەپ ئاران ھارغاندا توختاتتىم،
تىگىشتىم ئۆي بىلەن بەش ،ئالتە نۆۋەت ،ئون قېتىم ساتتىم،
قىلىپ دەئىۋا كېلىۋەدى ماڭا ياندى شەرىئەتتە.

زۇرۇرەتتىن مىنىپ ئېردىم ،يېرىم مەنزىل بېرىپ ھادى،
كىيىن قالدى ئىشەكتىن ناگىھان ئۆي بىر لەتەڭ باردى،
سۇۋۇتقاندا دەرەخكە كۆپ ئۇرۇپ كۆكسىنى ھەم يادى،
پېتىقتا بىر يېتىپ ئالسا ،كۈتەرسەم قوپمۇغاي زادى،
بۇ ئات بىرلەن قايان بارسام قېلىپتۇرمەن پالاكەتتە،



ئېرىقنى كۆرسە ياندى ئارقىسغا ،ئۆتمىدى ئاتلاپ ،
ئەگەر يولغا كىرىپ بىر قاترىۋالسا ھارمىدى قاتراپ ،
گاھى بۇينىغا چۈشتۈم قاترىغاننىڭ زەپتىدىن چاچراپ ،
ئىچىم سانجىققا تولدى ھەر قۇۋۇرغام بەنتىدىن ئاجراپ ،
ساقايدىم ھەر قېتىم پارپېى يالاپ مەئىجۇنى شەرۋەتتە.

ئەۋەتىپسىز بۇ ئاتنى ھىچ كىشى بىر يول قاراپ باقماس،
قەلەندەر بىرلە ھابدالدىن بۈلەكلەرگە غۇلى ياقماس،
كى ھەرقانچە بۇغۇز يىسە خۇنۇك بەستىگە نەپ يۇقماس،
كىشنىڭ يانپىشنى ئات بالاسى مۇنچىلىك چاقماس،
ئۈتەربولدۇم بۇ ئات بىرلەن ھامانەم قايغۇ ھەسرەتتە.

جاھان بازارىدا ھىچكىم بۇ ئاتقا تەڭنى تاپماسلەر،
سوكۇلداش ئادىتى ئۇرساڭ چىچاڭلاپ زادى چاپماسلەر،
يىقىلسا ناگىھان مۇدرەپ تېخى تەپسەڭمۇ قوپماسلەر،
سالاملاشقان مەھەل توختاپ ئاياقسىز زادى ماڭماسلەر،
ئۇسال ئات كۆپ قېتىم قويدى مىنى ئانچەن خىجالەتتە.

ئۇرۇق تۇققانلىرىم مەندىن قاچانكى ئات سۇراپ كەلدى،
بۇ ئاتنىڭ خۇلقى ، خۇي –پەيلى مېنى غەمگە ئۇراپ كەلدى،
بېرەر بولسام نىدا ئەيلەپ ،نىتەي ھالى خاراپ كەلدى،
ئاياغى ،يا ئېغىزى ،باشى ۋەيا بۇرنى قاناپ كەلدى،
خەتەردىن ئۆزگە خىسلەت يۇق بۇ ئات ياڭلىغ كاساپەتتە.

ئېغىلدا توختىماي ھەردەم ،ئىشكىنى كۆپ قېتىم چاقتى،
بۇغۇپ خۇدەكنى ئۆلتۈردى، مۇزاينىڭ ھەم خۇنى ئاقتى،
قېچىپ كەتسە تۇتۇق بەرمەي ،تالاي تۈن باشقىلار باقتى،
تۈلەپ ھەق ھارمىدىم مەنمۇ، ھايان ھەركىمگە خوشياقتى ،
بۇ ئات بىرلەن قېلىپ تۇرمەن ھەمىشە كۆپ مالامەتتە.

بۇغۇز بەرسەم ئۇنى يىدى راسا ئىخلاس بىلەن چايناپ ،
خۇرازدىن قىزغىنىپ پۇرقۇپ ،تىپىشلەپ پۇتلىرى ئويناپ ،
سۇۋۇتقاندا تۇرار مۇگدەپ كۈزىدىن كۆپ چاپاق قايناپ ،
كى باشى ساڭگىلاپ يەرگە چىۋىنلەر جىسمىنى قاپلاپ ،
قايۇ جانغا ياقار بۇ ئات سىياقى بۇ قىياپەتتە.

بۇشاپ چىقسا تالاغا توختىماي سەكرەپ چىچاڭلايدۇ،
كىرەر بولسا چۈمەننى چەيلىبان بوستاننى چاڭلايدۇ،
كىشىنى كۆرسە كىشنەپ ،كەلسە چىشلەپ تېخى قوغلايدۇ،
قاپاقۇ –كۇزا كۆرسە سۇنى سەلپىپ ئۇرە قويمايدۇ،
خالايىق بۇ كاساپەت ئات بىلەن ھەردەم ئاداۋەتتە.

قۇتۇلسام ئۇشبۇ ئاتتىن دەپ خېرىدارىنى ئاختاردىم ،
بىدىكنى ھەرقاچان كۆرسەم سۈچۇك تىل بىرلە يال ۋادىم،
ئۈيىگە تۇلا قاتراپ ،قېرىغان چاغدا مېڭىپ ھاردىم،
يىيىشلىك ، كۈچى بار ...دەپ ،تەرىپىنى ئانچە تولدادىم،
باھادا يەتمىدى ئالغان پۇلۇمغا بۇ سالاھەتتە،

ساتاي دەپ ئانچنان قىلدىم سېلىپ ھەرھەپتە بازارى،
بۇ ئاتنىڭ پەيلىدىن قۇرقۇپ يېقىن كەلمەس خېرىدارى ،
يامانلىق شۆھرىتى بولدى خۇتەن بازارىدا جارى ،
كىشى كىم قاچتى كۆرگەندە ئېلىپ بارغىل دىباننارى ،
قېلىپتۇرمەن بۇ ئات بىرلەن تېخى شۇنچە زالالەتتە،

بىزار بولدۇم بۇ ئاتتىن ھەركۈنى بازارغا ئەپ چىقتىم،
تىلىگەنگە ساتاي دەپ مەن بۇ سۆزنى ئۆيدە دەپ چىقتىم
يېپىپ جۇل ئۇستىگە ئوبدان ئىگەرنى تېخى سەپ چىقتىم ،
سېتىلماي قالمىسىدى ...دەپ تۈمەنمىڭ غەمنى يەپ چىقتىم،
قاراپمۇ قويمىدى ئاتقا ھىچكىم بۇ سالاپەتتە.

كى ئاندىن ئىككى ئاي باقتىم پىچەنگە رۇزى شەپ باغلاپ ،
قۇتۇرجسمىنى كۇنجۇت يېغىدا ھەر كۈنلىگى ياغلاپ ،
بۇغۇز بەرسەم قاچانكى قاينىتىپ ،يىدى ئۈزى چاغلاپ ،
بىدىكلەر ئۇلىشىپ يالغاننى ئېيتىپ ئانچنان داڭلاپ،
ئاخىرى تەرساغا ساتتىم ھەققىنى بەرمەككە مۆھلەتتە.

مەگەر ھەرقانچە قىممەت بولسا ،ئۇتتۇزتەڭگە مىئادى،
مىنىپ چىقسام بۇلالماي ئاشۋاقىتلىق يەردىلا ھادى.
كىيىن قالدى كالانىڭ ھارۋىسدىن كۈن پاتار باردى
كۈرۈڭكى ئۈشبۇ ئاتتۇر ھالى شۇنچە نەرخىمۇ زادى ؟!،
ئېلىپ تۇرسىز يىگىرمە تەڭگە ، يەبولسا ئون يەتتە.

چۈشۈپتۇر ئاسماندىن ئۇن تۇلۇمدا لاپ بىلەن يالغان ،
بىرى ئالەمگە تارقاپ ،تۇققۇزى مۇپتىمغىلا قالغان،
دەرىخ... يالغان ئەمەسمۇ ئاتنى ئەللىك تەڭگىگە ئالغان،
كىكىردەككە ئاشۇنچە تەڭگىنى يالغانمىكىن سالغان ،
بىرۇرسىز پۇلنى تەخسىر بىر كۈنى ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە،

شىكايەتكە ئېغىز ئاچسام ئارام ئالماي قىلۇرمەن دات،
قۇتۇلدۇم ئۇشبۇ ئاتتىن بولدى كۆڭلۈم قايغۇدىن ئازات،
سۇنۇپ پۇل قۇلنى ياتقۇم ئەمدى راسىت روھى راۋانىم شاد،
نەزەرلەردىن ھەزەرلە رئەيلىمەككە مىڭ قەسەملەر يات،
كى ئۆمرۇم ئۆتكۈسىدۇر دوسىت يارەنگە ساداقەتتە،

ئۈزەڭ مۇللا بۇرادەر بىناھايەت نەپسىڭىز غالىپ ،
سىياقىڭ خۇپ سالاپەتلىك بىلۇرمەنكىن دىلىڭ قالىپ ،
بۇلۇپتۇرسەن بىرىپ ئاندا كىشنىڭ ھەققىگە تالىپ،
كۈنۈڭ ئوبدانمىدۇر ئەييار مىنىڭ ھەققىمنى ئەپقالىپ ،
كۈچۈرۈپ رۇزى غارىڭنى يۈرۇپ سەنمۇ پاراغەتتە،

نۇمۇس قىل خەلقى ئالەمدىن كىسەلمۇ سەن ئەمەس بىمار،
خىيانەتتە قىلىپ شۇنچە خىجىللىق ئەيلىمەك دەركار ،
مىنىڭ ھەققىمنى يەپسەن ، ئۆزگنىڭ ھەققىنى يىمە زىنار،
كىشنىڭ ھەققىنى يەپ ،مىڭ ئىبادەت قىلغىنىڭ بىكار ،
كى كۈن ،تۈن ئۇخلىماستىن سەئىلە تۇرساڭمۇ تائەتتە.

ماڭا ئول ئات ئۇچۈن دائىم ئۈيۈمدە كۆپ مالامەتتۇر ،
يېقىنلاشقاچ قىيامەت ،بەددىياتلىك ئالامەتتۇر،
يىمەك بىر ئاتتا ئۇتتۇز تەڭگىنى قانداق خىيانەتتۇر،
مىنىڭ قالغان پۇلۇم بىرنەچچە كۈن سىزدە ئامانەتتۇر،
بىرۇرسىز پۇلنى تاڭلا ۋاختىدا رۇزى قىيامەتتە.








paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 22:34:42

سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار ،...................؟
بەت: 1 [2] 3
: نەزىر مۇفتىمغا خەت