hakan18 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 17:20:10

مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار (نۇتۇق تەرجىمىسى)

مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار

(I have a dream)

مارتىن لۇتېركىڭ

(Martin Luther King,Jr)


http://v.youku.com/v_show/id_XNTY2ODk0NDY4.html
   《مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار 》بولسا مارتىن لۇتېركىڭ 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋاشېنگىتۇندىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيىدا سۆزلىگەن داڭلىق نۇتۇق ، 1863-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى خەلق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 250مىڭ قارا تەنلىك ۋاشېنگىتوندىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئالدىغا يىغىلىپ چوڭ كۆلەملىك يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، مارتىن لۇتېركىڭ بۇ داڭلىق نۇتىقىنى مۇشۇ يىغىندا سۆزلىگەن. مەزمۇنى ئاساسلىقى قارا تەنلىكلەرنىڭ مىللىي باراۋەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك . تەسىرى ئامېرىكىغا ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا ناھايىتى چوڭ بولغان بولۇپ ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن .

      مەن بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ناھايىتى خۇشال ھالدا دۆلىتىمىز تارىخىدىكى ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ ئۇلۇغ نامايىشقا قاتنىشىپ تۇرۇپتىمەن .
بۇندىن يۈزيىل ئىلگىرى ، ناھايىتى ئۇلۇغ بىر ئامېرىكىلىق ، يەنى بۈگۈن بىز ۋەكىل خاراكتىرلىك ھەيكىلى ئاستىدا تۇرغان ئۇ زات 《قارا قۇللارنى ئازات قىلىش خىتابنامىسى》گە ئىمزا قويۇپ تەستىقلىغان ئىدى . بۇ مۇھىم پەرماننىڭ جاكارلىنىشى ، ناھەقچىلىكنىڭ ئوتىدا پۇچلىنىۋاتقان مىليونلىغان قارا قۇللارغا نىسبەتەن خۇددى ئۈمۈد نۇرى ئېلىپ كىلىدىغان ماياك ، خۇددى ئۇزۇن كېچىلەردە قامىلىپ يۈرىشى ئاخىرلىشىپ خۇشال خۇراملىققا چىققان سۈبھىدۇر.
     ئەمما 100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، بىز چوقۇم قارا تەنلىكلەرنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلىكىدەك بۇ پاجىئەلىك ئەمەلىيەتنى تونۇپ يىتىشىمىز كېرەك . 100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، ئىرقى ئايرىمىچىلىقنىڭ كىشەن كويزىلىرى ۋە ئىرقى كەمسىتىشنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا ، قارا تەنلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا ئىزىشكە ئۇچرىماقتا . 100 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، قارا تەنلىكلەر يەنىلا ماددىلار يىتەرلىك بولغان دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى نامرات بىر يالغۇز ئارالدا ياشىماقتا . 100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، قارا تەنلىكلەر يەنىلا ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا تۈگۈلۈپ يۈرمەكتە ، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئۆز يۇرت ماكانىدا قاچقۇن سەرگاردان بولۇپ قالغانلىقىنى تونۇپ يەتمەكتە . مانا بۈگۈن بىز بۇ يەرگە يىغىلىپ ، ھەممە ئادەم بىلىدىغان بۇ ئەھۋاللارنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلىماقچىمىز.
      مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، بۈگۈن بىز ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختىگە  يىغىلدۇق . جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى ئاساسىي قانۇن ۋە مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى تۈزگەن ۋاقىتتىكى تاغنى تالقان - چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەتلىك سۆزلىرىدە ، پۈتۈن ئامېرىكىلىقلارغا ۋەدە بەرگەن ئىدى ، ئۇلار مەيلى ئاق تەنلىك ياكى قارا تەنلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر تارتىۋالغىلى بولمايدىغان ياشاش ھوقۇقى ، ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە بەختكە ئىنتىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدۇ دەپ ۋەدە قىلغان .
رەڭلىك ئاممىغا نىسبەتەن ، ئامېرىكا ئېنىقلا ئۆز ۋەدىسىدە تۇرالمىدى . ئامېرىكا بۇ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى ، پەقەت قارا تەنلىكلەرگە قۇرۇق پۇل چېكىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ ، پۇل - چەك ئۈستىگە 《پۇلىڭىز يىتىشمىدى》دېگەن مۆھۈرنى بېسىپلا قايتۇرىۋەتتى خالاس . بىراق بىز ھەققانىي ئىش قىلىدىغان بانكىلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز . بۇ دۆلەتنىڭ غايەت زور پۇرسەت ئامبىرىدا يېتەرلىك زاپاس پۇرسەتلەرنىڭ يوقلىقىغا ئىشەنمەيمىز . شۇڭا بۈگۈن بىز 《پۇل - چەك 》لەرنى نەقلەشتۈرۈشنى ، بۇ 《پۇل - چەك》نىڭ بىزگە قىممەتلىك ئەركىنلىك ۋە ھەققانىي كاپالەت ئېلىپ كىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز .
     بىزنىڭ بۇ مۇقەددەس جايغا كىلىشىمىزمۇ ئامېرىكىغا ھازىر ناھايىتى جېددىي پەيت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇش ئۈچۈندۇر . ھازىر ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئارقىلىق بېسىقتۇرىدىغان ياكى تەدرىجىيچىلىكنىڭ تىنىچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىشقا سالىدىغان ۋاقىت ئەمەس . ھازىر دېگەن دېموكراتىيەنىڭ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پەيتى . ھازىر دېگەن ، ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ خىلۋەت قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلىرىدىن ئىرقىي باراۋەرلىكنبڭ پارلاق يوللىرىغا يامىشىدىغان پەيىت . (بىر جۈملە قالدۇرۇلدى)ھازىر دېگەن دۆلىتىمىزنى ئىرقىي تەڭسىزلىكنىڭ كۆچمە قۇملىرى ئارىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ ، دوستلۇق قورام تېشىنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىدىغان پەيىت .
     ئەگەر ئامېرىكا ۋاقىتنىڭ جېددىيلىكى ۋە قارا تەنلىكلەرنىڭ ئىرادىسىگە سەل قارايدىغانلا بولسا ، ئۇنداقتا بۇ ئامېرىكىغا نىسبەتەن جانغا زامىن يارا بولۇپ قالىدۇ . ئەگەر ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ سالقىن كۈزى يىتىپ كەلمىسە ، قارا تەنلىكلەرنىڭ ئاچچىقى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىدىغان تومۇز ئىسسىقى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ . 1963-يىلى كۆرەشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، بەلكى بۇ باشلىنىشىدۇر . بەزىلەر شۇنداق ئارزۇلارنى قىلىدۇ : 《قارا تەنلىكلەر ئاچچىقى يانسىلا قانائەتلىنىدۇ ؛ ئەگەر دۆلىتىمىز ساق - سالامەت بولۇپ ، ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىسە ئۇلار چوقۇم بەك ئۈمىدسىزلىنىدۇ 》. ئەگەر قارا تەنلىكلەر پۇقرالاردا بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقلارغا ئېرىشەلمەيدىكەن ، ئامېرىكىدا خاتىرجەملىك ۋە تىنىچلىق بولىشى مۇمكىن ئەمەس . ھەققانىيەتنىڭ نۇرلىرى بىر كۈن كەلمەيدىكەن ، توپىلاڭنىڭ قۇيۇنلىرى بۇ دۆلەتنىڭ ئۇلىنى داۋاملىق تەۋرىتىدۇ .
     بىراق ھەققانىي ئورگانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يۈرىكى كۆيگەندەك جېددىيلىكتە ساقلاۋاتقانلارغا چوقۇم دەپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بەزى گەپلەر بار . قانۇنلۇق ئورۇنغا ئېرىشىش جەريانىدا ، بىز خاتا ئۇسۇللارنى قوللانماسلىقىمىز كىرەك. ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت رۇمكىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرمەسلىكىمىز كېرەك . ئىنقىلاب قىلغان ۋاقتىمىزدا چوقۇم ھامىنى يۈرۈش تۇرىشىمىز جايىدا ، ئىنتىزام قاتتىق بولىشى كېرەك . بىزنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى مەزمۇندىكى قارشىلىقىمىزنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ كىتىشىگە ھەرىگىزمۇ  يول قويمايمىز . بىز ئۈزلۈكسىز ھالدا روھىي كۈچ ئارقىلىق ماددىي كۈچكە تاقابىل تۇرىدىغان يۈكسەك مەنزىلگە يىتىشىمىز كېرەك .
     ھازىر قارا تەنلىكلەر جەمئىيىتىنى قالتىس بولغان يېڭى جەڭگىۋار روھ قاپلىدى ، بىراق بۇنىڭلىق بىلەنلا بارلىق ئاق تەنلىكلەرگە ئىشەنمەسلىككە بولمايدۇ . چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن ئاق تەنلىك قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىلەن بىزنىڭ تەقدىرىمىزنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى ، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقانلىقى بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ . ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن . بىز يالغۇز ھەرىكەت قىلالمايمىز .
     بىز ھەرىكەت قىلغان ۋاقتىمىزدا ، چوقۇم ،ئالدىغا مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك ، ھەرگىزمۇ ئارقىغا چېكىنىشكە بولمايدۇ . ھازىر بەزىلەر ئوت يۈرەك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىدىن 《سىلەر قاچان قانائەت قىلىسىلەر ؟》 سورىماقتا .
     ئەگەر قارا تەنلىكلەر يەنىلا ساقچىلارنىڭ تىلى ئارقىلىق تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ۋەھشىي زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىكەن بىز ھەرگىزمۇ قانەئەت قىلمايمىز .
ئەگەر بىزنىڭ سىرىتلاردا يۈرۈپ ھېرىپ كەتكەن بەدەنلىرىمىز يول ياقىسىدىكى ماشىنا مېھمانخانىلىرى ۋە شەھەرلەردىكى مېھمانخانىلاردىن تۇرىدىغان ئورۇن تاپالمايدىكەن ، بىز ھەرگىز قانائەت قىلمايمىز .
     ئەگەر قارا تەنلىكلەرنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت دائىرىسى پەقەتلا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان كىچىك نامرات رايوندىن چوڭ نامرات رايونغا يۆتكىلىش بىلەن كۇپايىلىنىدىكەن ، بىز ھەرگىز قانائەت قىلمايمىز .
     ئەگەر بىزنىڭ بالىلىرىمىز 《ئاق تەنلىكلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ 》دېگەن بەلگە ئارقىلىق ئۆز قىممىتى ۋە ھۆرمىتىدىن مەھرۇم قالىدىكەن ، بىز ھەرگىز قانائەت قىلمايمىز .
ئەگەر مىسىسسىپى شتاتىدا يەنىلا بىرەر قارا تەنلىك سايلامغا قاتنىشالمايدىكەن ، نيۇيوركتىكى بىرەر قارا تەنلىك ئۆزى تاشلىغان بىلەتنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى دەپ قارايدىكەن ، بىز ھەرگىز قانائەت قىلالمايمىز .
    ياق ! بىز ھازىر ھەرگىزمۇ قانائەت قىلالمايمىز ، بىز كەلگۈسىدىمۇ قانائەت قىلالمايمىز ، پەقەت ھەققانىيەت ۋە ئادالەت خۇددى دەريا دولقۇنلىرىدەك مەۋىج ئۇرۇپ كەلگەنگە قەدەر .
شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى ، بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى جاپا ۋە ئىزىشكە چىداپ بولالمىغان ، بەزىلىرى تېخى ھېلىلا تار تۈرمە كامىرلىرىدىن چىققان ، بەزىلىرى ئەركىنلىك تەلەپ قىلغانلىقتىن تۇرىدىغان جايلىرىدا ئېچىنىشلىق ھالدا غالجىرلارچە قىلىنغان زىيانكەشلىكنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ، ھەمدە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلارچە ھەرىكەتلىرىنىڭ قۇيۇنلىرى ئىچىدە تەۋرىنىپ ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى يوقاتقان . سىلەر ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازاپ - ئوقۇبەتلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىسى . بەرداشلىق بىرىڭلار ، قەتئىي ئىشىنىشىڭلار كېرەككى ، تېگىشلىك بولمىغان ئازاپ ئوقۇبەتلەرگە چىداش گۇناھلىرى ساقىت بولغانلىقتۇر .
     بىز مىسىسسىپىغا قايتايلى ، ئالاباماغا قايتايلى ، جەنۇبى كالورىناغا قايتايلى ، جورجىيەگە قايتايلى ، لۇئىسئاناغا قايتايلى ، شىمال تەرەپتىكى شەھەرلەرنىڭ نامرات رايونلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا قايتايلى ، كۆڭلىمىزدە سان بولىشى كېرەككى ، بۇنداق ھالەتنى چوقۇم ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ . بىز ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ قېلىپ ئۆزىمىزنى تارتالماي يۈرمەسلىكىمىز كېرەك .
     دوستلار ، مەن بۈگۈن سىلەرگە شۇنى دېمەكچىمەنكى ، ھازىرقى پەيىتتە بىز گەرچە ھەرخىل قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققان بولساقمۇ ، مېنىڭ يەنىلا بىر ئارزۇيۇم بار ، بۇ ئارزۇ ئامېرىكىنىڭ ئارزۇسى ئىچىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىغلىق .
     ئارزۇيۇم شۇكى ، بىر كۈنلىرى بۇ دۆلەت چوقۇم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ، ئۆز ئەقىدىسى بولغان 《ھەقىقەت ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ، ئادەملەر تۇغۇلىشىدىنلا باراۋەر 》ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ .
     ئارزۇيۇم شۇكى ، بىر كۈنلىرى جورجىيەنىڭ قىزىل تاغلىرى ئۈستىدە بۇرۇنقى قۇللارنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن قۇلدارلارنىڭ ئوغۇللىرى بىرگە ئولتۇرۇپ قېرىنداشلىق مېھىرلىرىنى بايان قىلىشىدۇ .
ئارزۇيۇم شۇكى ، بىر كۈنلىرى ھەتتا ھەققانىيەت ئىزلىرىنى يوقاتقان ، ئىزىشنىڭ شاماللىرى يامىراپ كەتكەن ، قۇملۇققىلا ئوخشايدىغان مىسىسسىپى دېگەن بۇ جاي ، چوقۇم ئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەتنىڭ بوستانلىقىغا ئايلىنىدۇ .
     ئارزۇيۇم شۇكى ،بىر كۈنلىرى  مېنىڭ تۆت بالام ئۇلارنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنىڭ ياخشى يامانلىقى بىلەن باھا بىرىدىغان تۇرمۇشتا ياشايدۇ .
بۈگۈن ، مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار . بىر كۈنلىرى ئالاباما شتاتىدا ئۆزگىرىش بولىشىنى ، گەرچە بۇ شتاتنىڭ شتات باشلىقى ئىختىلاپ تېرىۋاتقان ، فېدېراتسىيە پەرمانىغا قارشى چىقىۋاتقان بولسىمۇ ، بىراق بىر كۈنلەرگە بارغاندا ، ئۇ يەردىكى قارا تەنلىك ئوغۇل - قىزلار ئاق تەنلىك ئوغۇل - قىزلار بىلەن بىر تۇغقان قېرىنداشتەك يېقىن بولۇپ قول تۇتۇشۇپ ئالغا بېسىشىنى ئارزۇ قىلىمەن .
     بۈگۈن ، مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار . بىر كۈنلىرى جىلغىلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ ، تاغلارنىڭ پەسلىشىنى ؛ ئەگرى - بۈگرى يوللارنىڭ تۈز يوللارغا ئايلىنىپ ، مۇقەددەس نۇرلىرى ئارقىلىق بۇ ئالەمنى يورۇتىشىنى ئارزۇ قىلىمەن .
       مانا بۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز . مەن مۇشۇنداق ئەقىدىنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ھالدا جەنۇبقا قايتىمەن . بۇ ئەقىدە بولىدىكەن ، ئۈمىدسىزلىك داۋانلىرىدىن بىر پارچە ئۈمىد تېشىنى ئۇرۇپ چىقىرالايمىز . بۇ ئەقىدە بولىدىكەن ، بۇ دۆلەتتىكى قۇلاقنى يارىدىغان جېدەل ئاۋازلىرىنى ھېسسىيات بىلەن تولۇپ تاشقان گۈزەل سىمفونىيەگە ئايلاندۇرالايمىز .
      بۇ ئەقىدە بولىدىكەن ، بىز كەلگۈسىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلالايمىز ، بىرلىكتە دۇئا قىلالايمىز ، بىرلىكتە كۈرەش قىلالايمىز ، بىللە تۈرمىدە ياتىمىز ، بىرلىكتە ئەركىنلىكنى قوغدايمىز ؛ چۈنكى بىز ھامان بىر كۈنى ئەركىن بولىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز .  
       ئەركىنلىك يىتىپ كەلگەن كۈنىدە ھەممەيلەن (ئۆزگەرتىلدى)يېڭى بىر مەنا بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا بۇ ناخشىنى ئېيتىمىز :《مېنىڭ ۋەتىنىم ، گۈزەل ئەركىن يۇرتۇم ، مەن سېنى كۈيلەيمەن . سەن ئاتا بوۋىلىرىمىز ۋاپات بولغان جاي ، سەن ئەڭ بۇرۇنقى كۆچمەنلەرنىڭ ئىپتىخارى ، ئەركىنلىك سادالىرىنى ھەربىر تاغلارغا يەتكۈزگىن 》 .
     ئەگەر ئامېرىكا ئۇلۇغ بىر دۆلەتكە ئايلانماقچى بولسا ، بۇ ئارزۇلار چوقۇم ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك !
      ئەركىنلىك سادالىرىمىز NewHampshire شتاتىنىڭ ھەيۋەتلىك ئېگىز ۋە تىك چوققىلىرىدا ياڭرىسۇن !
      ئەركىنلىك سادالىرىمىز ، نيۇيوركنىڭ ئېگىز ۋە تىك چوققىلىرىدا ياڭرىسۇن !
      ئەركىنلىك سادالىرىمىز پېنىسلىۋانىيە شتاتىنىڭ ئاللېگېنى تېغىدا ياڭرىسۇن !
      ئەركىنلىك سادالىرىمىز كولورادو شتاتىنىڭ قار بىلەن قاپلانغان روككى تېغىدا ياڭرىسۇن ! ئەركىنلىك سادالىرىمىز كالىفورنىيەنىڭ يىلاندەك سوزۇلغان توپ - توپ چوققىلىرىدا ياڭرىسۇن !
بۇلا ئەمەس ، يەنە ئەركىنلىك سادالىرىمىزنى جورجىيە شتاتىنىڭ تاغلىرىدىن ياڭرىتايلى !
      ئەركىنلىك سادالىرىمىزنى تېننىسسى شتاتىنىڭ كۆزىتىش تاغلىرى (Lokout Mountain)دىن ياڭرىتايلى !
      ئەركىنلىك سادالىرىمىزنى مىسىسسىپىنىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ياڭرىتايلى !
      بىز ئەركىنلىك ئاۋازلىرىمىزنى ياڭرىتىپ ، ئەركىنلىك سادالىرىمىز ھەربىر چوڭ - كىچىك يېزا - كەنىت ، ھەر بىر شتات ۋە ھەر بىر شەھەردە ياڭرىغان ۋاقتىدا بىز بۇ كۈنلەرنىڭ يىتىپ كىلىشىنى تىزلىتەلەيمىز ، شۇ ۋاقىتتا ھەممە ئادەم (ئۆزگەرتىلدى)، مەيلى قارا تەنلىك ۋە ئاق تەنلىكلەر ، يەھۇدى دىنىدىكىلەر ۋە يەھۇدى دىنىدا ئەمەسلەر ، پروتېستىئان دىنى مۇخلىسلىرى ۋە كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرى بولسۇن ھەممەيلەن قول تۇتۇشۇپ قارا تەنلىكلەرنىڭ قەدىمىي بىر ناخشىسىنى بىرلىكتە ئېتىدۇ : 《ئەركىنلىككە چىقتۇق ! ئەركىنلىككە چىقتۇق ! ھەممىگە قادىر تەڭرىگە رەھمەت ، بىز ئاخىرى ئەركىن بولدۇق !》.


خەنچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى ئۇيغۇر ياشلار كۇلۇبى مۇنبىرىدىن

باتۇر ئابلەت

ugyaxliri.com/bbs

2014-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى

(قوشۇمچە: بۇ نۇتۇق دۇنيادىكى 100 داڭلىق نۇتۇقنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۆتكەن يىلى ماڭا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى لازىم بولۇپ قېلىپ تورلاردىن ئىزدەپ تاپالمىغان ئىدىم ، شۇڭا ئۆزۈم تەرجىمە قىلىپ باقتىم. يارىسا ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا پايدىلانساڭلار بولىدۇ. مەزمۇن ئىچىدىكى ئۆزگەرتىلگەن جايلاردا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغان مەزمۇن بولغاچقا تۈزۈتىلدى ۋە ئەسكەرتىلدى)


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-11-21 22:02):
مەن بۇ نۇتۇقنىڭ ئۇيغۇرچە دەرىسلىكتە بارلىقىنى بىلمەي ئۆز قىزىقىشىم بويىچە تەرجىمە قىلىپ باققان ئىدىم .

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 19:31:04

ئەڭ داڭلىق نۇتۇقلارنىڭ بىرىنچىسى. ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا مالكوم X نىڭ «بىلەت ياكى ئوق» دىگەن نۇتقىنى تەرجىمە قىلسىڭىز قالتىس ئىش بۇلاتتى. ئۇ ئاداش باشقىچە كەسكىنلىك بىلەن سۆزلەيدۇ، گىپىنىڭ جېنى بار.
ئادرىسى مانا، http://www.americanrhetoric.com/top100speechesall.html
7-نۇتۇق شۇ، مۇشۇ يەردىكى نۇتۇقلار دۇنياغا مەشھۈر 100 ئىنگىلىزچە نۇتۇق

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 19:39:29

لىنكولىنغا ئوخشاش قەستلەپ ئۆلتىرىلدى، چۇقۇم ئۆلمىسە بولمايتى، بولمىسا ئادىللىق زىللىشىپ كومىنىزىم ئىنقىلاۋىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنتى…

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 20:38:12

قەلىپ تارىمنى قاتتىق تىتىرەتتى.

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 20:59:59

تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات دەرىسلىكىدە بارتى.

hakan18 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 21:59:12

arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-21 19:31 static/image/common/back.gif
ئەڭ داڭلىق نۇتۇقلارنىڭ بىرىنچىسى. ئەگەر ۋاقتىڭىز بولس ...

ئېنگىلىزچىنى تەرجىمە قىلىشقا سەل سەۋىيە ئاجىز

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 22:01:24

چۈشنى نىمىشقا ئارزۇ دەپ تەرجىمە قىلغانسىز؟ ئۇيغۇرلارغا بەدىئىي سۆزلەر ياراشمايدۇ دەپمۇ؟

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 22:05:30

I have a Dream
شۇنداق بىر چۈشۈم بار

ئارزۇ دىگەننى
Hope, Wish
دەيمىز

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 22:12:42

100 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، قارا تەنلىكلەر يەنىلا ماددىلار يىتەرلىك بولغان دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى نامرات بىر يالغۇز ئارالدا ياشىماقتا . .................................................................................................................................................................
One hundred years later, the Negro lives on a lonely island of poverty in the midst of a vast ocean of material prosperity.
............................................................................................................................................
ماۋۇ جۈملە دىققىتىمنى تارتتى...............بۇنى مۇنداق ئالساق مۇۋاپىقراق بولامدىكىن...
يۈز يىلدىن كېيىن، نېگىرلار بىپايان ماددىي باياشاتچىلىق ئوكيانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يېگانە نامراتلىق ئارىلىدا ياشىماقتا.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 22:25:53

يەنە بىر گەپ، مەلۇم بىر ئەسەرنى تەرجىمە قىلغاندا ئەسەردىكى بىزنىڭ ئەقىدىمىزگە، دىنىمىزغا مۇخالىپ گەپ سۆزلەرنى قانداق قىلىش كېرەك؟ تەرجىمە قىلماي ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەمدۇق ياكى ئۆزگەرتىۋېتەمدۇق؟ تەرجىمە قىلمىساق ئەسلىگە سادىق بولمىغان بولىمىز، ئۆزگەرتىۋەتسەك ئەسەرنىڭ قىسمەن بولسىمۇ ئاپتورى بولۇپ قالىمىز. مۇشۇ جەھەتتە كۆز-قاراشلىرىڭىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقساڭلار. «جىنايەت ۋە جازا»نىڭ ئىنگلىزچىسىنى ئوقۇپ باققان ئىدىم، ئوقۇش جەريانىدا بەزى يېڭى مەزمۇنلارغا ئۇچراپ قالدىم ۋە ئۇيغۇرچىسىغا دەرھال سېلىشتۇردۇم، ئاندىن خەنچىسىگە سېلىشتۇردۇم. ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە روماندىكى رەسۇلىللاھ ھەققىدە يېزىلغان جۈملىلەر ئېلىپ تاشلانغانىدى...

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 23:55:09

مۇشرىكلار يازغان ئەسەردە بەرىبىر ئىسلامغا زىت گەپ - سۆزلەر بار بولىدۇ. مېنىڭچە،ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ، دىنىمىزغا زىت يەرگە مۇناسىۋەتلىك رەددىيەلەرنى ئىزاھلاپ قويۇش نورمال.

hakan18 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 01:07:43

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2014-11-21 22:12 static/image/common/back.gif
100 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، قارا تەنلىكلەر يەنىل ...

مۇشۇ يەرنى تەرجىمە قىلىشتا راستىنلا بەك كىينالغان ئىدىم ، بەش قېتىمدەك ئۆزگەرتىپ ئاخىرىدا ئاشۇ ھالەتتە يازغان . سىز دېگەندەك يازسا ياخشىراق چىقىدىكەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 09:11:52

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2014-11-21 22:25 static/image/common/back.gif
يەنە بىر گەپ، مەلۇم بىر ئەسەرنى تەرجىمە قىلغاندا ئەسەر ...

بالىلىق ۋاقتىمدا فاڭ جىمىن دېگەن قەھرىماننى مۇسۇلمان دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىكەنمەن، چۈنكى تەرجىمان بۇددا نوملىرىنى «قۇرئان» دەپلا تەرجىمە قىلغان. بەلكىم ئۇ باش پېرسۇناجنى نوم ئوقۇدى دېسەك ئۇنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك. بۇندىن كېيىن يەنە شۇنداق تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى مەدەنىيىتىمىزگە قايتىپ كەلسە كېرەك.

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 11:04:45

تەرجىمان چوقۇم ئەسلى ئەسەرگە ھۆرمەت قىلىش كىرەك ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىدىيسى بويچە ئۆزگەرتىش بىرخىل ئەخلاقسىز قىلمىش

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 11:25:25

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 09:11 static/image/common/back.gif
بالىلىق ۋاقتىمدا فاڭ جىمىن دېگەن قەھرىماننى مۇسۇلمان ...

مەرھۇم توختى باقى شۇ ئۇسلۇپتا تەرجىمە قىلىدىغان ئۇستا تەرجىمانتى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 11:44:07

god  نى ئاللاھ دەپ تەرجىمە قىلىۋالغاندەكما؟

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 12:51:25

god  نى ئاللاھ دەپ تەرجىمە قىلىۋالغاندەكما؟-------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------نىمە دەپ تەرجىمە قىلسا بولا؟
ئەرەپ تىلىدا ئاللاھ بولسا ئىنگلىزتىلىدا god دىسە ئۇيغۇرچىدا تەڭرى دەپ ئاتىسا بولمامدۇ؟
ياراتقۇچىنى بىر دەيمىزيۇ باشقا تىلدىكىسنى ئۇ ئەمەس دەپ ئۆزمىز دىگەن بىر ياراتقۇچى دىگەنگە قارشى پىكىر قىلمىز.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 13:59:49

alip824 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 12:51 static/image/common/back.gif
god  نى ئاللاھ دەپ تەرجىمە قىلىۋالغاندەكما؟----------------------- ...

ئەمىسە ئېنگلىزچە كىنولاردا نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ «ئاللاھ» دېگىنىنى شۇ پىتى ئالىدۇ، گاد دەپ ئالماي؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 14:11:44

arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-21 19:31 static/image/common/back.gif
ئەڭ داڭلىق نۇتۇقلارنىڭ بىرىنچىسى. ئەگەر ۋاقتىڭىز بولس ...

بۇ ئىكەيلەننىڭ مۇنازىرىسىمۇ خېلى داڭلىقتەك تۇرىدۇ:
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjY2MzA2MzI0/v.swf
بەت: [1] 2
: مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار (نۇتۇق تەرجىمىسى)