aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 14:19:06

دانزېل ۋاشىڭتون ھەقىقەتەن ياخشى ئويناپتىكەن جۇمۇ مەلكام ئەكسنىڭ رولىنى... ئىككىيلەننىڭ چىرايى، ئاۋازىمۇ ئوخشاپ قالىدىكەن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 14:23:24

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى2014-11-22 09:11 static/image/common/back.gif
بالىلىق ۋاقتىمدا فاڭ جىمىن دېگەن قەھرىماننى مۇسۇلمان ...

:lol

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 14:28:26

aypalta يوللىغان ۋاقتى2014-11-22 14:19 static/image/common/back.gif
دانزېل ۋاشىڭتون ھەقىقەتەن ياخشى ئويناپتىكەن جۇمۇ مەلك ...

مەلكام ئېكىسنىڭ تەرجىمالىنى بىر كۆرۈمەن بىر كۆرۈمەن دەپ ۋاقىت چىقىرالماي كۆرمىگەن، مۇشۇ بانادا كۆرۈدىغان بولدۇم دە .
بۇ كىشىنى ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بايراقدارى بولۇپلا قالماسىن يەنە تەڭسىزلىك تۈزۈمىگە قارشى چىققۇچى زەربىدار دەپمۇ تەرىپلەيدىكەن .

http://www.luck345.com/dydown/2000787.html

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 15:10:40

ئۇ كىنولاردىكىلەر ئەرەپچە دىگەن گەپ ئۇ.
بىزمۇ پارىسچە خۇدا دىگەننى ئىشلتمىز

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 20:19:01

زامانى ئەۋۋەلدە، جامائەت پىكرى دېگەنگە ئازدۇر- كۆپتۈر ئېتىبار بىلەن قارىلىدىغان ئىكەندۇق. لېكىن ما زامان ئوخشىمايدۇ- دە! جامائەت پىكرى ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان بولسا «رۇسىيە قىرىمنى يۇتىۋالالماستى»؟
ئون نەچچەيىللار بۇرۇن موھەممەتجان راشىدىن ئەپەندى «ئۈرۈمچى» ناملىق شېئىرىدا «...‹پۇل يامانكەن داۋلىدىن› دېسەم ئالدى گېلىمدىن...» دەپ يازغاندا ھەيرەتتە ئىدىم.

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 20:28:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turken تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-22 20:29

.....

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 23:12:19

aypalta يوللىغان ۋاقتى2014-11-21 22:25 static/image/common/back.gif
يەنە بىر گەپ، مەلۇم بىر ئەسەرنى تەرجىمە قىلغاندا ئەسەر ...

مىنىڭچە، ئەسلىگە سادىق بولىشى كېرەك.
زۆرۈربولسا ئېزاھ بېرىشى كېرەك.

مەنمۇ كەسپى تەرجىمان ئەمەس، «ئاتقا چىقىڭ» دىگەن تەرجىمىنى كۆرگەندىن كېيىن تىلىمىزغا دىققەت قىلىۋاتىمەن...

ئۇيغۇر بولسىلا بىلەلەيدىغان ساھە ئۈچۈن....

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 23:19:54

مارتىن لۇتېر كىڭ بىر ئۇلۇغ ئېنسان!


ئۇنىڭ تۆھپىسى قازاسى بىلەن ئاخىرلاشمىدى!

بەلكى، زامانىمىزدا،قىممەت قاراشى دەرىجىسگە كۆتۈرىلدى1

hakan18 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 11:33:11

ئۇيغۇر ياشلار كۇلۇبىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى . كىتاب ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم بىر بايلىق . ھەممىمىز كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەم بىلىمىز . بىراق ، مەيلى ھۇرۇنلۇق ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولسۇن ، كىتاب ئوقۇپ كىتەلمەيۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۇت . شۇڭا كۇلۇبىمىز بۇندىن كېيىن كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى يولغا قويماقچى ، بۇ پائالىيەت بەلكىم بەزى قېرىنداشلىرىمىزغا بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالار . بىزمۇ ھەم بۇ پائالىيەت سەۋەبىدىن خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . پىلانىمىز تۆۋەندىكىچە :
   بىز تۇنجى قېتىملىق پائالىيىتىمىزگە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ 《ئىز》ناملىق رومانىنى تاللىدۇق . بەلكىم بەزىلەر ئوقۇپ بولغان بولۇشى مۇمكىن ، بىراق بۇ كىتابنى بىرلا ئوقۇپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىش تازا يېتەرلىك ئەمەس ، شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇرۇن ئوقۇپ بولغان دېمەي قايتا بىر ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز . بۇ كېتاب جەمئىي 28 باب (خاتىمىسى بىلەن قوشۇلۇپ 29 باب)بولۇپ دەسلەپكى قەدەمدە ھەركۈنى بىر بابتىن يوللاپ بۇ كىتابنى بىر ئايدا تاماملىماقچىمىز ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كۈنى ئازىراقتىن ۋاقىت چىقارساق ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن .
ئاندىن ، ئوقۇرمەنلەر كىتابتىكى ئۆزىگە تەسىر قىلغان نۇقتىلارنى ياكى ئۆزى مۇشۇ ئوقىغان مەزمۇن ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى ، يەنى شۇ بىر ھەپتىلىك مەزمۇن ئۈستىدىكى مۇلاھېزىسىنى شۇ ھەپتە ئاخىرىدا سالونىمىزغا يوللىسا بىز تەھرىرلەپ ئايرىم مەزمۇن قىلىپ سالونغا يوللايمىز ، مۇشۇنداق بولسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دېگەن ئۈمىدتەمىز .

   ئەسكەرتىش : سالونىمىز ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ ياخشى پىكىر بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، پىكىرلەرنى سالونغا بىۋاستە قايتۇرساڭلار بولىدۇ .مەسىلەن ، ھەركۈنى سائەت قانچىلەر ئەتراپىدا يوللىساق ۋاقتىڭلار چىقىدۇ ، ھەر كۈنى يوللامدۇق ياكى كۈن ئاتلىتىپمۇ ،،،،،   دېگەندەك . پىكىرلەرنىڭ ئاز - كۆپلىكىگە قاراپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن پىلان مۇقۇملىشىدۇ .
تۇنجى قېتىملىق پائالىيىتىمىز پات ئارىدا باشلىنىدۇ ، شۇڭا بۇ پائالىيەتنى توغرا دەپ قاراپ قاتنىشىشنى خالايدىغانلار بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن ھامان سالونىمىزغا بۇ ھەقتىكى تەكلىپ - پىكىرىنى ياكى ئۆزى ياقتۇرغان چىراي ئىپادىسىنى يوللىسا بولىدۇ . ئەگەر خالايدىغانلار بىز مۆلچەرلىگەن سانغا يەتسە تۇنجى پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدۇ ، يەتمىسە ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ . بۇ ئۇچۇرنى چوقۇم تارقىتىپ قويۇڭ ! سالونىمىزغا تېخى ئەزا بولمىغان دوستلار پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن ئەزا بولىۋالسۇن !

ئۇيغۇر ياشلار كۇلۇبى ئۈندىدار سالونىئىزدەش نامى : ugyaxliri

President يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 16:12:31

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى2014-11-22 11:25 static/image/common/back.gif
مەرھۇم توختى باقى شۇ ئۇسلۇپتا تەرجىمە قىلىدىغان ئۇست ...

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»دە مەرھۇم توختى باقى ئاكىمىزنىڭ بىر تەرجىمىسىدە «كوڭزى پەيغەمبەر» دېگەن گېپىنى كۆرۈپ ئاغزىمنى ئېچىپلا قالغانتىم...
بەت: 1 [2]
: مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار (نۇتۇق تەرجىمىسى)