terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 09:22:47

يۈنۇس ئاكىنى تونۇمسىز ؟


مەن بۇ يىل 78 ياشقا كىردىم ، كۈنۈم ئاز قالدى ، ئوغلۇمنىڭ مەندىن كىيىن يەنە داۋاملىق ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن " بۇ ئوغلىنى 20يىلدىن بېرى يۈدۈپ يۈرۈپ داۋلىتىۋاتقان يۇنۇس ئاكىنىڭ ئارزۇسى . 1990-يىلى 53ياشلىق يۇنۇس ئاكا  ياشانغاندا كۆرگەن بۇ ئوغۇل پەرزەنتى ئۈچۈن شادلىققا چۆمگەن ئىدى ، ئويلىمىغان يەردىن ئوغلى ئۈچ ياشقا كىرگەن چاغدا " مىڭە پارالىچى" غا گىرىپتار  بوپتۇ دەپ دىئاگنۇز قويۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان كېسەل داۋالىتىش سەپىرى شۇنىڭدىن تارتىپ باشلاندى . ئەمدى ئوغلى كۈندىن ـ كۈنگە چوڭ بولىۋاتىدۇ ، كۈنسېرى يېشى چوڭىيىپ بېرىۋاتقان يۇنۇس ئاكا ئوغلىنى قاچانغىچە يۈدۈپ يۈرەلەر !؟

10- ئاينىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدە ھاۋا سوۋۇپ كېتىدۇ ، 78 ياشلىق يۇنۇس ئاكا ئوغلىنى ھاۋا ئالماشتۇرغىلى ئېلىپ چىقتى . ئىجارە ئالغان ئۆيدىن چىقىش ئۈچۈن بىر قاتار كونا لاپاسلاردىن ئۆتۈش كېرەك . بۇ جاينىڭ ئىجارىسى ئەرزان بولغاچقا ئۇلار بۇ جايدا تۇرىۋاتقىلى 10يىل بولدى .

1990-يىلى كۇچار ناھىيىسىدە تۇرۇشلۇق يۇنۇس ئاكا  53ياشقا كىرگەن چېغىدا ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ شادلىققا چۆمگەن ئىدى ، بىراق ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى ، ئەر ـ ئايال ئىككىيلەن ياقۇپجاننىڭ بىر ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ تىلى چىقمىغانلىقىغا ھەيران بولۇپ يۈردى . 3 ياشقا كىرگەن چېغىدا قىزىتىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاندىلا ئاندىن ئەسلىدىلا بالىسىنىڭ "مىڭە پارالىچى" غا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدى . شۇندىن كىيىن يۇنۇس ئاكىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان دۋالىتىش سەپىرى باشلاندى.

ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى ئىشىكنى تاختاي قىلىپ قويغان كارىۋاتقا يۇنۇس ئاكا ئوغلىنى كېسىلى قوزغىلىپ قالغاندا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر نەچچە شوينا بىلەن بېلىنى باغلاپ قويغان . كىچىكىدىنلا مىڭە پارالىچىغا گىرىپتار بولغان ياقۇپجاننىڭ ئەقلى بىر ‏- ئىككى ياشلىق بالىلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، نەرسىلەرنى قالايمىقان قىلىپ ئويناشقا ئامراق . ئۇلارنىڭ كىيىم ـ كېچەك ۋە باشقا تۇرمۇش بويۇملىرى ياقۇپجاندىن يىراقراق قويۇلغان ، بولمىسا ئۇ قولى يەتكەن نەرسىلەرنى تارتقۇچلاپ بۇزۇپ تاشلايدۇ .

بالا چوڭ ـ كچىك تەرىتىنى تۇتالمىغاچقا بىر كۈن كەچكىچە نەچچە قېتىم ئىشتىنىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك . يۇنۇس ئاكا ھەر كۈنى 25ياشلىق ئوغلىنىڭ ۋارقىرىشى بىلەن ئويغىنىپ خۇددى بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك يېرىم كېچىگىچە ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولىدۇ . قېنىپ بىر ئۇخلاپ باققان چېغى يوق .

ياقۇپجان تۇرۇپ ـ تۇرۇپ  " ھا ، ھا " دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ ، بۇ چاغدا يۇنۇس ئاكا يۈگرەپ بېرىپ ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويغاندىن كىيىن تىنچلىنىپ دادىسىنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ كۈلۈشكە باشلايدۇ . بۇنداق ئىش كۈندە سانسىز قېتىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ .

تۈن كېچە ھەممە جىمجىتلىققا چۈمگەندە يۇنۇس ئاكا بۇ 10نەچچە كۇۋادىرات مېتىرلىق كىچىك ئۆيىدە بىردەم ھاردۇق ئالالايدۇ . ئۈرۈمچى شىندۇڭ كوچىسىدىكى ئىككى ئېغىزلىق ئۆينىڭ ئىچىدە بىر كارۋات ، بىر ئىشىك ، بىر چىراقتىن باشقا ھېچنېمە يوق ، ئىشىك ئالدى بولسا  خارابلىق .

يۇنۇس ئاكا خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ خەت يېزىشنى ، ئوقۇشنى بىلىدۇ . ۋاقتى چىقسىلا گېزىت ـ ژۇرنال ۋاراقلاپ مىڭە پارالىچىنى داۋالاشقا ئالاقىدار دوختۇر ۋە دورىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەيدۇ ، ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرنى سوراپ بۇلارنى يېنىدىكى كىچىك خاتىرىسىگە يېزىۋالىدۇ . ئويلاپ يىتەلىگەنكى نەرسىنى سىناپ باقىدۇ ، ھېچقانداق پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋەتمەيدۇ . ئۇ دىڭ لېي ، ياڭ لەن لەرگە خەت يازغان ، گۇاڭجۇ ، بېيجىڭلارغا بېرىپ دوختۇر ئىزدىگەن ، شۇنچە يىللاردىن بۇيان بارلىق  ئىقتىسادىنى سەرپ ئېتىپ بولغان .

قەيەردىندۇر تېپىۋالغان بىر پارچە ئەينەكنى ئۇلار نەچچە يىلدىن بۇيان ئىشىك يېنىغا ئېسىپ قويۇپ ئىشلىتىۋاتىدۇ . ھەر يىلى 5-ئايدىن 10-ئايغىچە يۇنۇس ئاكا بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ ئۆيدە تۇرۇپ ئەسكى ـ تۈسكى تىرىش ۋە مېۋە ـ چىۋە سېتىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ . 10-ئايدىن كىيىن ھاۋا سوۋۇپ كەتكەچكە كۇچادىكى ئۆيىگە قايتىپ قىشتىن پاناھلىنىدۇ .

بۇ ئىككى باغلام پۇلنى يۇنۇس ئاكا ئەسكى ـ تۈسكى تىرىپ سېتىپ يىغقان ، كەينىدىكىسى باشقىلار ئىچىپ تاشلىۋەتكەن ئىچىملىك قۇتىسى ۋە ئەسكى قەغەز قاپلار .

بۇ  يىللاردىن بېرى يۇنۇس ئاكا مىڭە پارالىچىنى داۋالىتىشقا ئالاقىدار  ھەر قانداق بىر ئۇسۇلنى چۈشىنىش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۋەتمىدى ، ھەتتا بەزى دورىلار بازارغا چىقماي تۇرۇپلا  ئىزدەپ بېرىپ سېتىۋالدى ، نۇرغۇن مېڭىگە ئالاقىدار دورىلار ئۇنىڭغا ئىنتايىن تونۇش بولۇپ كەتكەن . كۇچاغا قاراپ ماڭغان پويىز قوزغىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ، بوۋاي ئوغلىنى يۈدۈپ پويىزغا چىقىشقا تەييارلاندى .

ئوغلىنى يۈدۈپ پويىزدىن ئورۇن ئىزدەشتەك بۇ خىل مەنزىرە 20 يىلدىن بۇيان قانچە قېتىم كۆرۈنگەندۇ . 2003-يىلى يۇنۇس ئاكا كۇچادىكى ئۆيى ۋە يۈك ماشىنىسىنى سېتىۋېتىپ ئوغلىنى يۈدۈپ چوڭ شەھەرلەردىن "ئۈمىد" ئىزدەشنى باشلىغان . ئاتا ـ بالا ئاۋال ئۈرۈمچىدىن ، ئاندىن كىيىن بېيجىڭ ،  گۇاڭجۇلارغا نەچچە رەت  كېلىپ داۋالاتقان .

بوۋاينىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەن 5826‏- قېتىملىق پويىزنىڭ نۆۋەتچى باشلىقى مانو ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگوننىڭ بېلىتىنى تولۇقلاپ بەردى . 60 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى ياقۇپجاننى ئىككى ۋاگون خادىمى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتىدۇ ، ئادەتتە بۇ ئىشلاردا  يۇنۇس ئاكا بىر ئادەمنىڭ دۈمبىسىگە تاينىشقا توغرا كېلىدۇ .

كارۋاتلىق ۋاگۇنغا ئورۇنلاشقاندىن كىيىن يۇنۇس ئاكا ئاۋال ئوغلىنى جايلاشتۇرۇپ ياتقۇزۋالدى . ئەمدىكى 15 سائەتلىك سەپەر جەريانىدا ئۇ ئوغلىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئامال بار باشقا يولۇچىلارغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكگە تىرىشىدۇ . كۇچادىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۇنداق سەپەرنى يۇنۇس ئاكا ئون نەچچە قېتىم بېشىدىن كەچۈرگەن .

كۇچا كونا شەھەردە بوۋاي يانچۇقىدىن ئۈچ دانە بەشمۇلۇق پۇلنى چىقىرىپ كۆۋرۈكتە ئولتۇرغان ساھىلغا بەردى ، بۇ ئۇ ئەسكى ـ تۈسكى تېرىپ تاپقان پۇلنىڭ ئىچىدىن چىقارغان . يۇنۇس ئاكا سىرتقا چىققاندا دائىم يېنىغا پارچە پۇل سېلىۋىلىپ سەرگەردان ، تىلەمچىلەرنى ئۇچۇراتقاندا سەدىقە بېرىشنى ئۇنتۇمايدۇ ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قۇربى يىتىشىچە باشقىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى ئويلايدۇ .

خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بىز بۇ خىل سۆيۈشنى ، بىر ئاتىنىڭ بالىغا بولغان ئىپتىدائى مۇھەببەت ئىپادىلەش شەكلىنى چۈشەنمىكىمىز تەسكە توختايدۇ . ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىردە بىز ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالساق ، بۇ دۇنيادا يەنە تارتىشقۇدەك قانداق ئارزۇلىرىمىز باردۇ ؟ 78 ياشلىق يۇنۇس بوۋاي بارغانسېرى ياشنىپ ئوغلىنى كۆتۈرەلمەي قېلىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ بۇ سۆيىشىدە چوڭقۇر مۇھەببەت بولۇپلا قالماي يەنىمۇ چوڭقۇر بىر خىل ئەنسىرەش يوشۇرۇنغان .

يۇقىرى بىر يۈرۈش رەسمىلەر11-ئاينىڭ 15-كۈنى  تىڭشۈن توردىن كۆچۈرۈلۈپ نۇرلۇق قەلب خەير ـ ساخاۋەت ئەترىتى باشقۇرۇشىدىكى  nurluk ئۈندىدار سالۇنىدا تارقىتىلغاندىن كىيىن ئەزالارنىڭ ۋە بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل كىشلەرنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى . بەزىلەر ئەترەت قۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈنۈس ئاكىنىڭ ئالاقىلىشىش ئادىرسىنى سوراپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولدى ، يەنە بەزىلەر ئەترەت نامىدىكى ئىئانە كارتسىغا ئۇلارغا  ئاتىغان پۇلىنى سېلىپ بوپتۇ . بىز تىڭشۈن توردىكى بۇ ماقالىنى يازغۇچىغا ئۇچۇر قىلغان بولساقمۇ ئۇ قايتۇرمىدى . شۇڭا مۇنبەردە يۇنۇس ئاكىنى تونۇيدىغانلار بولسا ئۇنىڭ ئالاقە نۇمۇرىنى ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىپ تىما يازدۇق . بىز پەقەت ھەر كىم ئاتىغان پۇلنىڭ  ئۆز ئورنىنى تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . توغرا چۈشەنسەڭلار ، ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ قويدۇم .
ئەسكەرتىش : ھاۋالە بىلەن ۋاكالىتەن يوللاندى .

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 10:54:00

ھەرىكەتكە ئۆتمەيلىمۇ...

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:16:10

ۋىييەي، يىغلىۋەتتىم جۇمۇ. ھەرىكەتكە ئۆتەيلى. مەنمۇ قوشۇلىمەن::'(:'(:'(

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:36:19

ھۆكۈمەت مۇشۇنداق ئىشلاردا قانداق مەجبۇرىيەت - مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ باللا ؟
ساناتورىيەدە ھەقسىز باقامدۇ؟

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:12:00

ھېلىقى جوۋيوڭكاڭدەك پارىخور ھارىمىلاردىن مۇسادىرە قىلىپ ئېلىۋالغان پۇللارنى مۇشۇنداق جەمئىيەت پاراۋانلىقى ساھەسىگە خەجلىسە بولمامدىغاندۇ؟ بىرلىرى سەمىرىپ كېتىپ ئورۇقلايمەن دەۋاتقان، بىرلىرى كۈنلۈك قورسىقىنىمۇ تويغۇزالمايۋاتقان...ھەي، ئېسىت!

بولسا بانكا كارتىسى ياكى ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى دېگەندەكلەر بولسا قوشۇۋەتسىڭىز، بار-يوقتىن ئازراق ئاتار بولغۇيتتۇق؟:'(

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 14:49:29

كارتا نومۇرى ، تېلىفون نومۇرىنى يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 16:54:19

بىلى باغلاپ قويۇلغان پۇللارنى كۆرۇپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى ،بەزىلەرنىڭ بىر ۋاخ تامىقىمۇ نەچچە مىڭ يۇەن ،بىر نەرسىنى ئوشۇق كەيمىدىم يوق ،ياردەم قىلىپ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتىشىگە ياردەم قىلايلى ،ئاۋال ياردەم ئاندىن خۇدا ئۇلارغا يار يۆلەك بولىدۇ.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 18:45:23

بۇنۇڭدىنمۇ ئىچىنىشلىق ھادىسىلەر جەمىيىتمىزدە نۇرغۇن.سىياسەت بىلەن ئىنساننىڭ قەدىرقىممىتى باغلانمىسا جەمىيەت ئەزگۈچى بىلەن ئىزىلگۈچىنىڭ كۈرەش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 21:45:27

مىنىڭچە يۇنۇس ئاكا ھازىر كۇچاردا بولۇشى مۇمكىن ، شۇڭا مۇنبەردە كۇچاردىن تورغا چىقىدىغانلار بولسا كونە شەھەر تەرەپتىكى تونۇشلىرىدىن بىر ئۇقۇشۇپ باققان بولسا ،  ئەترەتتىكىلەرئامانەتنى  يەتكۈزۋەتسەك بولىتى دەپ تىت ـ تىت بولۇپ كىتىۋاتىدۇ .

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 11:53:25

بۇ يازمىنى كۆپرەك ئادەم كۆرسىكەن. ئۈستىگە كۆتۈرۈپ قوياي.

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 12:09:40

10نەچچە يىلدىن بىرى كۆزۈمدىن ياش چىققىنى ئىسىمدە يوق ئىدى.بۇگۈن ماۋۇ تىمىنى كۆرۈپ زادىلا ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىدىم.
شارائىتى بار تورداشلارنىڭ چوقۇم بۇ بوۋاينى ئىزدەپ تېپىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 12:39:04

ئاللاھ  ئېگەم تاغىمىزنىڭ ئىشنى ئاسان قىلغاي

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 12:43:32

مىكرو ئۇچۇردا چەمبىرەككە يوللاي دەپ ،ئىككىلىك كودنى سىكانىرلىسەم ، تېما ئسمىلا چىقىپ ئاق بەت تۇرىدۇ ،تېمىنى ئوقۇپ ئاللالمىدىغۇ؟

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 13:13:24

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتوتىدىكى جۈرئەت مۇئەللىملەر بوتۇلكا يىغىپ سېتىپ ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان بوۋاي مۇشۇ شۇمۇ ؟

مىڭە پارالىچىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى 1 ياشقىچە، ئۇنىڭدىن قالسا 3 ياشقىچە،ئۇنىڭدىن كىيىن ئۈنۈمى بولمايدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئاتا-ئانا بولغۇچىلار چوقۇم بوۋاقنى دوختۇرغا ئاپىرىپ بالىلار ساقلىقنى ساقلاش儿童保健 دوختۇرىغا كۆرسىتىشى كېرەك، ئۇلار بالىنىڭ يېتىلىشىدىكى بىنورماللىقنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، ئاز دىگەندە ھەر 3 ئايدا بىر بېرىشى كېرەك. كېچىكىپ بايقىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ۋىجدان ئازابىنى ئاتا-ئانىلار كۆتۈرەلمەيدۇ ...بۇ تەلەي سىنايدىغان ئىش ئەمەس.
ئىچكىرىدە يولغا قويۇلغان ' بوۋاقلار ئارىلى' يەنى بوۋاقلارنى دارىلتاملارغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئورنى يولغا قويۇلۇپ يىغىلغان كېسەل بالىلارنىڭ كۆپلىگىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىرى باركەن. مۇشۇنداق بالىسى بولسا 4-5 يىل بېقىپ بەرداشلىق بېرەلمەي ئاپىرىپ بەرگەن ئاتا-ئانىلارمۇ باركەن.

ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردە قارىغۇچىسى يوق بالىلارنىلا دارىلتاملارغا ئالىدىكەن، ئېنىقكى يۇنۇس بوۋاينىڭ ئوغلى بۇ شەرتكە چۈشمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا پەقەت ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلىدۇ-خالاس. دارىلتامدىكىلەر بالىغا چوقۇم ئۆزىدىن ياخشى قارىيالامدۇ ؟ ئاتا بولغۇچى بەلكىم شۇنىمۇ ئويلايدۇ. بەلكىم خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ مەخسۇس مۇشۇنداق ۋە مېيىپ بالىلار ئۈچۈن ئاچقان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىگە بېرىپ باققان بولىشى مۈمكىن. مېنىڭچە ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ قىلىپ بېرەلەيدىغىنى مۇشۇنچىلىكلا، ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق بىر ئائىلىنىڭ بۇنداق ئەھۋالغا يالغۇز تاقابىل تۇرالىشى مۈمكىن ئەمەس، ئالاقىدار مۇراجاتلار كۆپ، بەلكىم بىر كۈنلەردە جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشەلىسە ئەجەپ ئەمەس.

بۇ ئىشنى تېڭشۈن شىركىتىنىڭ تور بېتىدىن بىلىشىمىز بىر نومۇس. كۆپ ئۇچرايدىغان مۇراجاتلارنىڭ ئورنىغا مۇشۇنداق تەپسىلى بولغان ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشلەر بولسا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ ئەمەسمۇ ؟ ھېلىمۇ ھىچنىمىنى بىلمەي تۇرۇپ پەقەتلا بىر ئىشەنچ نۇسخىسىدىن قىلىۋاتقان ئىئانىلار ئاز ئەمەس. مۇشۇنداق يازمىلارنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن چوقۇم مۇخبىرلىق كېنىشكىسى بولىشى كېرەكمۇ ؟ ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى بولغان ياشلار قىلسا بولامدۇ-يوق ؟ پىدائىلىرى بولمىغان جەمئىيەت نىمە دىگەن بىچارە.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 14:46:42

بۇۋاق ۋاختىدا بۇ كىسەلنىڭ ھىچقانداق ئالامەتلىرى  كۇرۇلمەمدۇ|

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 20:56:16

بۇ كېسەللىك ئاساسەن ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ھامىلىگە بولغان تەسرىدىن ، يەلتاشما قاتارلىق كېسەللىك ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكتىن ، قان ئازلىقتىن ، بەدەن ساپاسنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ، ھاملىدار ۋاقتىدا قالايمىقان دورا يىيىش، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن ئەتىراپىدىكى  مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ، ۋاكسىنىنى ۋاقتىدا ئۇرغۇزالماسلىق ، كېسەل بولغاندا ۋاقىتىدا داۋلىنىشقا ئىرىشەلمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەردىن كىلىپ چىقىدىكەن .
بوۋاق ۋاقتىدىكى كېسەللىكنىڭ دەستلەپكى ئالامەتلىرى تولا قىزىش ، گەجگىسى قېتۋىلىش ، تولا چۈچۈش ، تارتىشىپ قېلىش قاتارلىقلا بولۇپ ، يادرو ماگىنىتلىق تەكشۈرۈش يەنە خىسى ئارقىلىق تەكشۈرگەندە دىئاگۇنۇزنىڭ  توغۇرلىق نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەن .قانچە  ۋاقتىدا بايقاپ داۋالاتسا ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن .

koklan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 10:05:14

باشقا  مۇنبەرلەگىمو    چىقاساق  بولاتـتى

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 12:53:31

ئەتراپىمىزدا ھازىر مۇشۇنداق كىسەللەر بەك كۆپ بوپ كېتىپتۇ. مېنىڭ ئوغلۇممۇ ئۈلۈشكۈن يەنى 2 ياشقا كىرىشكە بىر ئاي قالغان كۈنى رەسمى ئايىغى چىقىپ ماڭدى. ھەممىمىز شۇنداق خوش بولدۇق. نېمىشقا دېسەڭلار تۇغۇلغان چاغدا باش سۈيىنى ئازراق ئىچىۋاپتۇ، بالىدا تۇنجۇقۇش بار دەپ ۋىلايەتلىك دوخـتۇرخانىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلىمىدىكى ئەينەك ئۆيدە ئىككى كۇرس داۋالىغان. دەسلەپ تۇغۇت ئۆيىدىن ئەچىققان چاغدا كۆكۈرۈپ كېتىپتىكەن. داۋالىغاندىن كېيىنكى ھەرخىل تەكشۈرۈشلەردە نورمال دەپ دىياگىنوز قويۇلغان. ئانىسىنى 5-6 ئايدەك ئىمەلىگەن. بەك كېسەل تارتىپ كەتكەچكىمۇ بالىنىڭ ئولتۇرۇش ، ئۆمىلەش .... قاتارلىق تۈرلۈك يېتىلىش ئالاھىدىلىكلىرى نورمال دېيىلىدىغان ۋاقىتتىن 2-3 ئاي كېچىكىپرەك بولغانىدى. نەچچە ئايلاردىن بىرى دوختۇرلار چاتاق يوق، يېتىلىشى نورمال دېگەن بولسىمۇ، كۆڭلىمىز قويماي ئۇستا تېۋىپقا كۆرسىتىپ ، بۇيرۇپ بەرگىنى بويىچە مېڭە_ئاشقازاننى قۇۋەتلەش، قان، كالتىسى تولۇقلاش ...رولى بار دورىلارنى بېرىۋاتىمىز، بۇيرىغىنى بويىچە يۇمشاق پىشقان قوينىڭ پاچىقى، شورپا، بادام، ياڭاق ... دېگەنلەردە ئوزۇقلاندۇرىۋاتىمىز. ئاللاغا شۈكرى ئايىغى چىقىپ بىزنى ئالەمچە خۇشال قىلىۋەتتى. ئۆتكەندە ۋاللەينىڭ توشقىنىدىن ئەپپىرەي دەپ ئاپاسام، دۇمبىقىغا ئەسلىۋىلىپ شۇنىڭدىن ئەپبەگەن. كومباڭشىتىپ ئۇرۇپ كونىرتىۋەتتى، بۇرۇن ناخشىسىنى ئازراق ئاڭلايتتى، ھازىر ھېكايە_چۆچەك، ماقال_تەمسىلنىلا قويۇۋالىدۇ.
ھە بالام «تەۋەيىڭلاردىكى بۇ بوۋايغا» دەپ قويساق ، بوۋاق تىلىدا ئېنىق قىلىپ « سۇ، يە بىيىڭلا» دەپ قوپىدۇ. دۇمباقنىڭ باتارىيەسى توشىماسمىكى دەپ گۇماندا بولغان، نەدىكىنى ئۇزۇن يېتىدىكەن. ھازىر سەل زىرىكتىمۇ بۇرۇنقىدەك ئوينىماس بولدى. لېكىن ئويۇنچۇقتىن شۇنداق رازى بولدۇم.
ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ شۇنداق يۇنۇس ئاكىمىزغا ھىسىداشلىقىم قوزغالدى. كارتا نومۇرىنى تىزراق تاپساق بولاتتى.   بولسا مۇنبەردىكى ھەكىملەر ۋە تىببى ساھەدىكىلەر مۇشۇ كىسەللىك ھەققىدە جىقراق گەپ قىلىپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.

KARWAN123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 21:25:26

terjiman  سىز  شۇنچە تىرىشچانلىقنى كورسۇتۇپسىز يانا ئازىراقلا غەيرەت قىلغان بولسىڭىز يۇنۇس ئاكىنىڭ  كۇچا ناھىيىسىنىڭ قايسى يېزا   قايسى كەنتىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلىۋالساق قالغىنىنى ئامال قىلىپ تاپقىلى بۇلاتتى.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 08:58:10

    بەزى بايلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن مېلىدىن يوقسۇللارنىڭ ھەققى بولغان قىسمىنى بەرگىلى ئۇنىماس بوپ كەتكەن مۇشۇ كۈنلەردە بىز ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئىچىدە بولساقمۇ بېرىمىز. قېنى بىرەر كارتا نۇمۇرى يوققۇ.
بەت: [1] 2
: يۈنۇس ئاكىنى تونۇمسىز ؟