lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 10:14:13

كارتا نۇمۇرى بولسا قالدۇرۇڭلار ، ئازراق بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى بىلدۈرەيلى!

Destur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 19:03:39

anw8735 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 12:09 static/image/common/back.gif
10نەچچە يىلدىن بىرى كۆزۈمدىن ياش چىققىنى ئىسىمدە يوق ئى ...

يۇنۇس بۇۋاينىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى مۇنداق قىياس قىلدىم.
1. ئۈرۈمچى شىندۇڭ كوچىسىدىكى ئىككى ئېغىزلىق ئۆينىڭ ئىچىدە بىر كارۋات ، بىر ئىشىك ، بىر چىراقتىن باشقا ھېچنېمە يوق ، ئىشىك ئالدى بولسا  خارابلىق . بۇ جۈملىگە ئاساسەن شىندوڭجىيې كوچىسى بولىشى مۇمكىن.ئېنىقراق ئورنى ئۈرۈمچى 36- قازاق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى سىياسىي كىڭەش ئائىللىكلەر قوروسىغا ماڭىدىغان (يەنى ياشلار باغچىسىنىڭ كەينىدىكى)يول.
2.  (2) رەسىمدىكى ئارقا تەرەپتىكى دەرەخلەر ۋە  سۈگەت دەرىخى دەل ياشلار باغچىسى كەينىدىكى شىندوڭ كوچىسىدىمۇ بار
3..(5) رەسىمدىكى ئارقا تەرەپتىكى سېرىق رەڭلىك بىنالار دەل  ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي بولۇشى مۇمكىن.دەل شۇ كوچىنىڭ ئاھالە كومىتېتى ئورۇنلاشقان يېرىدە ئاشۇنداق ئەرزان ئىجارىلىك بىنالار سېلىنغان.
4.بۇ كىشىنىڭ شەخسى قورودا ئولتۇرىدىغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ،دەل شۇ كوچىنىڭ ئاھالە كومىتېتى ئورۇنلاشقان يېرىدە ئاشۇنداق خارابىيلىق چېقىۋېتىلگەن ياكى شەخسى بىنالار سېلىنغان.
5.يۇنۇسكام ئۇنداق قىيىن ئەھۋالدا تېخىمۇ ئۇيغۇرسىرىشى تامامەن مۇمكىن.شۇڭا ئۇيغۇرلار توپلاشقان يەردە تۇرۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى كۈچلۈك.
6.يۈز چىرايىدىن بىر قاراپلا بىر يەردە كۆرگەندەكلا قىلدىم.(ئاجىزراق قىياس ھە!:lol :lol )

شۇڭا  ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى شامالباغ (يەنئەن)يولى شىندوڭجىيې كوچىسى (ياشلار باغچىسىنىڭ ئارقا كوچىسى) تەرەپتىن تاپقىلى بولىشى تامامەن مۇمكىن.يازدا بېرىڭلار ماقما ھە .قىشتا كوچادىكەن.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 13:03:30

يۇنۇس ئاكىنى تاپالمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا ئاتاپ ئايرىم ئېلىپ قويغان پۇل ئۇزاق تۇرۇپ قالدى .بۇنىڭغا  پۇل ئىئانە قىلغۇچىمۇ سەل نارازى بولۇپ قالغاچقا ، بۇ پۇلنى  ئەترەت ھەيئەتلىرى پۇل ئىئانە قىلغۇچى بىلەن بىرلىكتە بېرىپ  ئۇ مۇۋاپىق دەپ قارىغان بىر بىمارنىڭ داۋالىنىشغا ئىئانە قىلىندى .
ئەگەر ئەتراپىڭىزدا ئوقۇش ياردىمىغا ياكى داۋالىنىش خىراجىتىگە ئىھتىياجلىق كىشلەر بولسا نۇرلۇق قەلب خەيرـ ساخاۋەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىڭ . ئەترەت ھەيئەتلىرى مۇزاكىرلىشىپ ھەقىقى ياردەم بېرىشكە تىگىشلىك بولسا ئىئانە يىغىش ياكى ئەترەت مالىيەسىدىن چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قولىدىن كىلشىچە ياردەم قىلىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە ئۇندىدار سۇپىسى ۋە تور بەت ئارقىلىق مۇراجەتنامە تارقىتىپ بېرىدۇ .
ئۈندىدار سۇپىسى :nurluk
تور بەت ئادېرىسى: http://www.nurlukkalb.com

ozturk123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 10:09:31

ئوقۇپ بىر خىللا بولۇپ قالدىم، نىمە دىگەن ئۇلۇغ دادا ...... بولدىلا ،لاۋا گەپنى ئاز قىلاي، گەپنىڭ پوسكاللىسى، كۇچادىكى قېرىنداشلار ئېغىر كۆرمەي سۈرۈشتۈرۈپ كارتا نومۇرىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار، ئازراق بولسىمۇ يەردەم قولۇمىزنى سۇنساق، كېسەلنى سەللىمازا قىلالمىساقمۇ، بەلكىم ئاۋۇ  تاغىمىزنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىشكە پايدىسى بولۇپ قالار.

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 22:03:01

قايسىڭلار يۇنۇس ئاكىنىڭ يېزا ئامانات ، ياكى يېزا ئىگلىك كارتا نۇمۇرىنىڭ ئۇچۇرىنى قىلالايسىلەر ئەزىزلەر
بەت: 1 [2]
: يۈنۇس ئاكىنى تونۇمسىز ؟