تۈركچە كىنو ھەۋەسكارلىرى تۈرك تىلىنى ئۈگۈنۈپ قالدىڭلارمۇ؟
دەسلىپىدە باشقىلار داڭلاپ، تەرىپىنى شۇنچە قىلىپ كەتسىمۇ تىل توسالغۇسى سەۋەبلىك تۈرك تىلىدىكى كۆپ قىسىملىق فىلىملەرنى كۆرۈشكە پەقەتلا كىرىشەلمىگەن ئىدىم، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ھەۋەسكارلىرى ئۇيغۇچە خەتلىك تەرجىمە كىنولاردىن ‹‹ئۈمۈد››، ‹‹ئاي لاۋ يۇ››، ‹‹مەن قۇياشنى كۆردۈم›› دېگەندەكلەرنى كۆرۈپ يۈرۈپ تۈركچىنىڭ ئۇنچە تەس تىل ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم، دە تۇتۇپ ساپ تۈرۈكچە بىر قانچە كۆپ قېسىملىق تىلۋېزىيە فىلىملىرىنى ئۇلاپ كۆرىۋەتتىم. ھازىرغىچە داۋامى ئىشلىنىۋاتقان ‹‹قاچقۇن››، ‹‹قارا تاغا››،‹‹ھوزۇر كوچىسى››،‹‹ئۈچ قىرىنداش››،‹‹ئاق چىنىگۈل›› دېگەندەك فىلىملەرنى كۆرۈش جەريانىدا ئۆزۈمچە تۈرك تىلىنى خىلى ئۈگۈنۈپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، شۇ ئارىدا تۈرك تىلى ئۈگۈنۈشكە ئائىت بىر-ئىككى كىتاب كۆرۈپ قويدۇم ئارىلاپ...شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ھازىر تۈرك تىلىدىكى كىنولارنى كۆرسەم بەھۇزۇر چۈشۈنۈپ كۆرىدىغان، قىزىقارلىق دىئالوگ-پاراڭلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ زوق ئالالىغۇدەك سەۋيەگە كىلپتىمەن. شۇڭا بەزىدە كىنو ۋەقەلىكىگە قىززىقىپ قىلىپ كۆپرەك ۋاقتىم سەۋىپ بولۇپ كەتسىمۇ ئۆزۈمچە ھېچبولمىسا تىل ئۈگۈنۈپ قىلىۋاتىمەن ئەمەسمۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بىرىپ يۈردۈم. دىمەكچى بولغىنىم كىنو كۆرۈپ يۈرۈپ تىل ئۈگۈنۈپ قالدىم. ئۆزۈمدە ھېچقانداق زورقۇش، بېسىم بولمىدى.ھېس قىلىشىمچە تۈركچىدە ئېنگىلىزچە، ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆزلەركۆپ ئۇچرايدىكەن.
مەسىلەن:
يادىمدا قالغان ئىنگىلىزچىگە يېقىن سۆزلەردىن:
پىكنىك - دالا تامىقى
سىنىما - كىنو
سپور - تەنتەربىيە
سەكرەتەر - كاتىپ
خەلكوپتە - تىكئۇچار
سۈپرىز - ھەيران قالدۇردىغان
ئەمبۇلەنس - جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتۇمۇبىلى
بار - قاۋاقخانا
تىرەن - پويۇز
تىرەفىك - قاتناش
پولىس _ ساقچى
مەن بىلىدىغان ئەرەبچىگە يېقىن سۆزلەردىن :
تەشەككۈر - رەھمەت
بەلەدىيە - شەھەرلىك
مۇھەندىس - ئىنجىنىر دېگەندەك.
تۈركچە كىنو ھەۋەسكارلىرى بولساڭلار، بىر چاڭ پاراڭ سىلىشمايلىما؟ سىلەرمۇ كىنو كۆرۈپ يۈرۈپ تۈركچىنى ئۈگۈنۈپ قالدىڭلارمۇ؟:D تۈركىيىنىڭ بىرەر تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاخىرى چىقتىمۇ؟ مېنىڭ خىزمەتداشلرىمدىن بەزىلىرى 1000-قىسىملىرىغا كەلگەندەك قىلامدۇ -نېمە؟:lol ھەقاچان تۈركچە كىنونى تۇلا كورۈپ رۇمانتىكلىشىپ كەتتىڭلا ھەزرىتىم {:92:} ersoy يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 09:55 static/image/common/back.gif
ھەقاچان تۈركچە كىنونى تۇلا كورۈپ رۇمانتىكلىشىپ كەتتىڭ ...
بەك ئەمەس. :lol تۈركچە كىنولارنى كۆرۈپ يۈرۈپ تۈركچە چاي دەملەپ ئىچىدىغان، كۆكتاتلاردا سالات تەييارلاپ زەيتۇن بىلەن يەيدىغان دېگەندەك ئىشلىرىنى يۇقتۇرۋاپتىمەن. بەزىدە خاتۇنغا گەپ قىلسام تۈركچە كىتىپ قالسا زاڭلىق قىلىدۇ. :lol ersoy يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 09:55 static/image/common/back.gif
ھەقاچان تۈركچە كىنونى تۇلا كورۈپ رۇمانتىكلىشىپ كەتتىڭ ...
ھەقىقەتەن ئۇزۇن. تېخى بىر سىرىيە فىلىم بىر يىرىم سەئەت، ئىككى سائەت ئەتراپىدا. ئامىرىكىنىڭكىدەك 40 مىنۇت ئەمەس. بولمىسا نەچچە مىڭ قىسىم بولاپ كىتەتىكى. مەنمۇ ئاخىرلاشقان بىرەر تۈركچە تىلۋېزىيە تىياتىرىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن جۇما... ئۆيلە بىر گەچەر زامانكى دېگەن كىنوسى تۈگىدىمىكى راس. لىكىن مەن تۈگۈتۈپ كۆرۈپ بولالمىغان. :dizzy: مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە تىك ئۇچارنى تېلكوپتەر دەيدىغۇ دەيمەن.. سىلەر ئاشۇ تۈركىيەنىڭ تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ، كىنولىرىنى نەدىن تېپىپ كۆرىسىلەر ؟ مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم تېپىپ بىرىشىمنى ئىلتىماس قىلغانىدى ، ئىزدەپ يۈرسەم دەل بۇ يازما ئۇچرىدى bireylen يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 10:08 static/image/common/back.gif
سىلەر ئاشۇ تۈركىيەنىڭ تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ، كىنو ...
http://www.tizyol.net تۈركچەيى بۆيلە يازساك دا ئولۇرمۇش، مەن بىر كاچ كەرە دەنەدىم ۋە چوك ھوشۇما گىتتى:lol aypalta يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 10:26 static/image/common/back.gif
تۈركچەيى بۆيلە يازساك دا ئولۇرمۇش، مەن بىر كاچ كەرە دە ...
خوجام. سىز ۋارسىنىز يا...ماشاللا:lol ماشاللا ئاركاداشلار دىزى سەير ئىتەركەن، چوك گۈزەل ئۆرەنمىش يا تۇركچىي، ھايدى كۇلاي گەلسىن چوك مەمنۇن ئولدۇك. گۇزەل_گۇزەل كونۇشمىيورۇم گۈلە گۈلە
مەنمۇ بىلدىكەنمە تۈركچىنى:lol ئىيى گۈنلەر، مەنمۇن ئولدۇم. تۈركچەيى ئۆرەنەلىپ گۇزەل كونۇشمىيورۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Jengchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-17 11:54
سىلاخ{:92:} تامام ! ئىۋەت بىرزاتكاممۇ تىزيولنىڭ ئىشتىراكچىسىكەندە ئەسلى ...
مەنمۇ دەسلەپتە دىزىنىڭ مەزمۇنىغا قىزىقىپ كۆرەپ يۈرۈپ، تېخى ئاخىرى چىقىپ بولاماستا بۇ تىلنى ئۆگىنىپ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قاپتىمەن. (تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تۈركچە ئاتاۋەردىم، بىزدىكى ئاتالغۇسىمۇ ئۆز بولمىغاندىكىن، ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىزلەر)
بەنجە بىر دىل ئۆگرەنمەك، يېنى بىر گۆزە، يېنى بىر كۇلاغا ساھىب ئولماك ئانلامىنا گېلىر. ھەپىمىزە باشارىلار دىلەرىم! ئانلامادىم ئابى :lol