udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 20:35:40

‹قوش 11› دا ئالى بابادىكى سودا سوممىسى 57 مىليارد 112 مىليون يۈەنگە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 22:37  

‹قوش 11› دا ئالى بابادىكى سودا سوممىسى 57 مىليارد 112 مىليون يۈەنگە  يەتتى






11-ئاينىڭ 11-كۈنى پۈتۈن كۈن مال سېتىۋېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالى بابادىكى ‹قوش 11› مال سېتىۋېلىش شادلىق بايرىمى سودا سوممىسى ئەڭ ئاخىرى 57 مىليارد 112 مىليون يۈەنگە يەتكەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىملىق ‹ قوش 11› مال سېتىۋېلىش شادلىق بايرىمىدا سىمسىز پۈتۈشۈش سودا سوممىسى 24 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن تور سودا پۈتۈشۈش سوممىسىنىڭ %42.6 نى ئىگەللىگەن.
11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 24 كە قەدەر، ئالى بابا تۇغى ئاستىدىكى تىيەنماۋ تور سۇپىسىنىڭ سودا سوممىسى 57 مىليارد 112 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، سىمسىز پۈتۈشۈش سودا سوممىسى 24 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ،پۈتۈن تور سودا پۈتۈشۈش سوممىسىنىڭ %42.6 نى ئىگەللىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى 217 دۆلەت ۋە رايون بۇ يىللىق ‹قوش 11› مال سېتىۋىلىش شادلىق بايرىمىغا قاتناشقان بولۇپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئېكىسپورت سودىسى رەت تەرتىپى ئىچىدە شىياڭگاڭ، روسىيە ۋە ئامېرىكا ئالدىنقى 3 ئورۇندا تۇرغانىدى. جۇڭگو تەيبېي، ئاۋىستىرالىيە، سىنگاپور، كانادا، ئاۋمېن، بىرازىلىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىقلار ئېكىسپورت سودا رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن.
بۇ يىللىق ‹ قوش 11› سودا سوممىسى ئالى بابانىڭ ئۆتكەن يىللىق ‹ قوش 11› مال سېتىۋېلىش شادلىق بايرىمىدىكى 35 مىليارد 100 مىليون يۈەنلىك سودا پۈتۈشۈش سوممىسىنى بۇزۇپ تاشلاپلا قالماستىن بەلكى يەنە يېڭى دۇنيا رېكورتى ياراتتى.


http://www.nur.cn/news/2014/11/193400.shtml

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 10:15:18

يالغان

tehram يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 10:33:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tehram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 10:43  

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 10:15 static/image/common/back.gif
يالغان

  مەنمۇ بەك ئىشىنىپ كېتىپتىكەنمەن ، لېكىن مۇشۇ قېتىم  ھېس قىلدىم ، قوش 11 دېگىنى  يالغانچىلىق بايرىمىكەن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 10:33:29

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 10:15 static/image/common/back.gif
يالغان

توردىكى ئېلىم -بېرىم ئىستاتىسكىسىنى قانداق يالغان قىلغىلى بولىدۇ؟ :lol  كىمنىڭ يالغان قىلغۇسى بار ؟ ;P
بۇيى يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق بولۇپ قالمىغاي . :P

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 10:43:34

بۇ  ئىنسانلارنىڭ   بۇ   ئىشىنىڭ  راس -يالغان بولۇشى   سىز   بىز   بىلەن   بەك   چوڭ   مۇناسىۋىتى   يوقمىكىن   دەيمە .......

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 10:44:55

ھېلىقى چاڭشادا ماتاڭ زاۋۇتى قۇرغان(ئىسمىنى ئېسىمگە ئالالمىدىم) بالىنىڭ سودىسىلا 2 مىليونغا يەتتى دەيدۇ . جوڭگودا ئادەم كۆپ بەلكىم  57 مىليارد 112 مىليون يۈەنگە يەتكەندۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 10:53:49

yanhin918 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 10:43 static/image/common/back.gif
بۇ  ئىنسانلارنىڭ   بۇ   ئىشىنىڭ  راس -يالغان بولۇشى   سىز   ...

مىنىڭچە بۇ كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ، تەرەققى قىلىش جەريانى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرنى ئۈگىنىشىگە ئەرزىيدۇ :
سىز قانداق ئائىلىدىن كېلىپ چىقىڭ،

ۋە قانداق رىيازەت چەكمەڭ،

بەل قويۇۋەتمەي تىرىشسىڭىزلا چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشىسىز .
مىنىڭچە بۇ كىشىنىڭ  جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش جەريانى ھەر بىرىمىز ئۈچۈن ئىجابى تەسىر قىلىشى ئېنىق .
شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسى بۇ كىشىنىڭ لېكسىيىلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتسىمۇ بەك ياخشى بۇلار ئىدى ، نەدىكى دۇڭگا -تاراقنى تەرجىمە قىلىپ يۈرگىچە .

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 11:42:14

بەك كۆپمۇ راس ئادەمگە يالغاندەكلا تۇيغۇ بىردىكەن...

بىر ئايغنى 880 يۈۋەندىن 414 يۈۋەنكە چۈشۈرۈپ سېتىپتىكەن. بىرنى ئالاي دەپ ھەپتە بالدۇر تەييارلىق قىلىپ 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى دەل 0 دە تورغا چىقىپ پۇل تۆلەي دىسەم بىۋستىلا 失交 دەپ چىقىۋېلىپ ئالالمىدىم. ئۇچىغا چىققان ئالدامچىلىق دەپ مۇشۇنى دەيمىز. شۇنىڭ بىلەن 100 يۈۋەنلىك بىر قىزىل بولاقچە بىرىپتىكەن 300 يۈۋەنگە ھىساپلاپ بىر كۆچمە دىسكا ئالدىم.

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 11:45:50

57 مېرلىيات يۇەندە شىنجاڭلىقلارنىڭمۇ تۆھىپىسى ئاز ئەمەس .  قوش 11 نى ساقلاپ خۇددى قۇربان ھېيت كىلىدىغاندەك بولۇپ كەتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس ئارىمىزدا .:@

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 11:46:25

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 10:33 static/image/common/back.gif
توردىكى ئېلىم -بېرىم ئىستاتىسكىسىنى قانداق يالغان قى ...

ئۇلار قانچە مىليۇن، قانچە مىلياردلىق سودا قىلىدۇم ئۇ مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز .  

مېنىڭ يالغان دېگىنىم ئاساسلىقى 1111 دە باھا چۈشۈردۇق دېگىنى يالغان. مەن ئېنىق بىلىمەن ئاز بولغاندا 10 نەچچە دۇكاننىڭ 30 خىلدىن كۆپ مېلىنى، مەن ئالغاندا 238 دېگەندەك ماللارغا شۇ كۈنى قارىسام ئەسلى باھاسى 400 مانچە يۈەن، ياكى 300 نەچچە يۈەن ، ھازىرى باھاسى 260 نەچچە يۈەن دېگەندەك باركەن، باھانىڭ ئۆسكىنى باركەن چۈشكىنى يوقكەن. ئاندى مانچىنى ساتتۇق دېگىنىنى قانداق چىقىرىدىغىنىنى بىلمىدىم، بەلكىم ئۆزىنىڭ مېلىنى ئۆزلىرى ئالامدىكىن بۇلا:lol ر.   شۇڭا ئۆزىنىڭ مېلىنى ئۆزى ئېلىپ شۇنداق ئاۋۇپ كەتتىمىكىن دەيمەن :curse:

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 11:47:04

مايۈن ئۆزىمۇ مانچە مىليۇنلۇق ئالدىمىكىن دەيمەن :o

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 11:58:03

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 13:46 static/image/common/back.gif
ئۇلار قانچە مىليۇن، قانچە مىلياردلىق سودا قىلىدۇم ئۇ  ...

ھەممىسىنىڭ يالغان بولىشى مۇمكىنمۇ؟

گۇمىنىڭ  بازىرىدا 350يۈەن باھا قويۇپ، 250 دىن كام بەرمەيۋاتقان ئايالچە چاپانلارنى، ماركىسىنى كۆرۋىلىپ كىلىپ، تىيەنماۋدىن ئىزدەپ قارىسام، 216 يۈەن دەپ تۇرىدۇ.
ئۇنى دىسە، بۇنى دەپ يۈرۈپ 200 يۈەنگە كىلىشتۇق. مال قولۇمغا 5 كۈندە تەگدى. شىنتۇڭ تىز يوللانمىسىدىن ئەۋەتتى.

بازار باھاسىدىن %40 تىن 50% كىچە تۆۋەن بولغان سىتىش دۇكانلىرىمۇ بار.

سىز تىيەنماۋغا كىرىپ كىيىم- كىچەكلەرنىڭ باھاسى  بىلەن ئەمەلىي بازاردا نەق سىتىۋاتقان كىيىم- كىچەكلەرنىڭ باھاسى، ماركىسى قاتارلىقلارنى سىلىشتۇرۇپ بىقىڭ.
ئاندىن بىرەر قۇر ئىچ كىيىم سىتىۋىلىپ بىقىڭ. ئاندىن قانچىلىك پەرق بارلىقىنى ھىس قىلىسىز.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 12:09:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 14:11  

مەنمۇ كەچ تەرەپ كەتمەي 11.11 پائالىيتىنى ساقلاپ ئولتورغان دۇكاندا.

莫代尔 نىڭ ئىچ كىيىملىرىنىڭ تىيەنماۋدىكى باھاسىنى 11.11 پائالىيتىدە سائەت 00:00 دە، 39.9 يۈەن باھا چىقىرىپتىكەن. پائالىيەت باشلىنىپ 3 مىنۇتتىن كىيىنلا تۈگەپ بوپتۇ. لىكىن گۇمىنىڭ بازىرىدا راس گەپنى دىسەم دۇكانچىلار 100 يۈەن بەر دەيدۇ.
بۇ بەلكى يالغانچىلىق بولماستىن، نەچچە مىليۇنلىغان كىشىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا، ھىساۋات قىلىشىدىن بولغان نەتىجى بولىشى مۇمكىن.

ئاخىرى ئەرزىنىنى ئالالماي، 七匹狼 ماركىلىق قىشلىق، يازلىق ئىچ كىيىملەرنى ئالدىم. بۇلارنىڭ بازار باھاسى 150يۈەننىڭ ئۈستىدە.
لىكىن 11.11 پائالىيتىدە قىشلىق ئىچ كىيىمىنى 99 يۈەندىن، يازلىقنى 79 يۈەنمىكى شۇنداقراق سىتىۋالدىم.
ئالغان مال ئۆرۈمچى ئاۋىئاتسىيسىدە بىر تەرەپ قىلىنىۋىتىپتۇ. بۈگۈن كەچلەردە خوتەنلەرگە كىلىپ بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.

تىيانماۋدىن مال ئالغانلار ئەڭ ياخشىسى 圆通, 中通, 申通, 韵达, 天天快递, قاتارلىقلارنى تاللاش ئوبىكتى قىلسا ياخشىكەن.

جۇڭگۇ پوچتىسى تازا بىر بولكىۋاينىڭ ئۆزىكەن دىسە.

11.11 پائالىيتىدە جەمئىي 1280 يۈەنلىك مال سىتىۋاپتىمەن.

tehram يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 13:24:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tehram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 13:27  

  باھاسى چۈشتى دېگەنلىرىنىڭ كۆپىنچىىسى يالغان ياكى ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ بەكراق تالاشسىڭىز بېردىغان باھاغىلا چۈشىدۇ،  بىر تونۇشۇم ئىچكىردىكى بىر تونۇشىنىڭ تىيەن ماۋ دىكى دوكىنىنىڭ مۇشۇ بايراملىق سودا سېتىقىغا ياردەم قىلۋېتىپتىكەن، شىركەتىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ مال سېتۋېلىشقا تەشكىللەپتۇ ، مېنىڭ ئاكونتىمنى سوراپ ،دەپ بەسەم 3600 يۈەنلىك سازدىن بىرنى ئەپ قويۇپتۇ ، (57 مىليارد 112 مىليوندىن 3600  نى ئالساق قانچە بوپ كەتتى:lol )مانا مۇشۇنداق ساختا سېتىش خاتىرسى چىقارغانلار خېلى كۆپ ، تىيەنماۋمۇ بۇ قېتىم بەك قاتتىق تەكشۈرۈپتۇ بولمىسا، لېكىن بۇ خەق{:92:}

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 14:51:17

XXXXYXXXX يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 11:45 static/image/common/back.gif
57 مېرلىيات يۇەندە شىنجاڭلىقلارنىڭمۇ تۆھىپىسى ئاز ئەمە ...

:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 14:54:10

tehram يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 15:24 static/image/common/back.gif
باھاسى چۈشتى دېگەنلىرىنىڭ كۆپىنچىىسى يالغان ياكى ئاد ...

نىمە دىگەن بىلەن بازاردىكى باھادىن خىلى ئەرزان توختايدۇ.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 14:54:47

خوتۇننى تىيەنماۋدىن سىتىۋالسام قانداق بولار يولداشلار :lol؟

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 15:01:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 15:04  

5مىڭغا ياماق چۈشكەن تەتەيدىن بىرنى بىردا ھەئاقچان11 11 باھا چۈشۈرۈپ
بىر ھەپتىگۈچە سىناپ يارىمىسا قايتۇرۋىتىشكە بولامدىكى

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 15:08:43

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 14:54 static/image/common/back.gif
خوتۇننى تىيەنماۋدىن سىتىۋالسام قانداق بولار يولداشلا ...

ئېپ بېقىپ 7 كۈندە قايتۇرىۋېتىڭ...

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 15:11:16

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 16:54 static/image/common/back.gif
خوتۇننى تىيەنماۋدىن سىتىۋالسام قانداق بولار يولداشلا ...

يىڭى ئىددىيمۇ ئەمدى بۇ؟:lol
بەت: [1] 2 3 4
: ‹قوش 11› دا ئالى بابادىكى سودا سوممىسى 57 مىليارد 112 مىليون يۈەنگە