udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 15:17:31

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 13:46 static/image/common/back.gif
ئۇلار قانچە مىليۇن، قانچە مىلياردلىق سودا قىلىدۇم ئۇ  ...

تاۋباۋ تەڭگىسىگە مال ىستىۋالغىلى بولامدۇ؟

11.11 دا  سىتىۋالغان مالنىڭ سومىسى مەلۇم چەككە يەتسە، مانچە پۇل قايتۇرىمىز دەپتىكەن. ماڭا ھىچبىر پۇل قايتۇرغاننىڭ ئۇچۇرى كەلمىدى.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 15:28:59

1111دىكى پائالىيەت ئالىبابانىڭ ئومۇمى يۈزلۈك پائالىيتى ئەمەس . ھەممە نەرسىنى چۈشۈردىغان ئىش يوق . مۇشۇ پۇرسەتتە قانداق پائالىيەت قىلىپ ، ماللىرىنى قانداق قولدىن چىقىرىش ، چۈشۈرۈش چۈشۈرمەسلىك پىلانى يەنىلا دۇكاندارلارنىڭ تىكوسىغا باغلىق . راستىنلا باھا چۈشۈرۈپ ساتقانلارمۇ بار ، ھەتتا باھا ئۆستۈرۈپ ساتقانلارمۇ بار ... بىكاردىن-بىكار 1111دەپلا پۈتۈن تاۋباۋدىكى ماللارنى چۈشۈرۈپ بېرىدىغان ئىش قانداقمۇ ئەقلىڭلارغا سىغىدىغاندۇ، ئۇلار ساتقۇچى ، نېمە ئىش قىلسا ئۆزىنىڭ ئىشى...بۇ سودىدىكى ئاددى بىر تاكتىكا...گەپ سىزنىڭ مۇشۇ پائالىيەتتىن قانداق پايدىلىنالىشىڭىزدا ،ساتقۇچىلارنىڭ تىكوسىغا چۈشۈش-چۈشمەسلىكىڭىزدە ...

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 15:40:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Emperor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 15:46  

مەنمۇ بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇپتىمەن بۇ پائالىيەتكە. شۇكۈنى 59 كويغا ئالغان ۋەتەنپەرۋەر ماركىلىق كۆكچىشلىق نائۇشتىك، ھازىر قارىسام 75 كويكەن. دېمەك 16 كوي ئەرزان ئېلىۋاپتىمەن.
شۇكۈنى 199كويغا ئالغان «ئاپشاركا» ھازىر 289 كويغا سېتىلىۋېتىپتۇ. 90 كوي ئەرزان دېگەن گەپ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 15:49:27




مۇنداق ئالىي ئويۇنچۇقلارنىمۇ ساتىدىكەنيا.
http://item.taobao.com/item.htm?id=40916111429&ns=1&abbucket=11&_u=d10efaui16db#detail

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 16:32:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 16:49  

توردا يالغانچىلىق قىلىشنىڭ گېپى چىقتى.
1.مەن بەزى نەرىسىلەرنى تاۋباۋ ئارقىلىق توردا سېتىۋالىمەن. بەزىدە چچ غا ئۇچۇرلار كېلىدۇ، كۈنىگە 100-200 يۈەن پۇل تاپىسەن دەپ. نىمىشتۇ؟ دەپ كىرسەم، مەن توردىن مەلۇم نەرسىلەرنى يالغاندىن سېتىۋالماقچى بولغۇدەكمەن، ئاندىن قارشى تەرەپ پۇلنى ماڭا ئۇرۇپ بەرمەكچىكەن، ئاندىن نەچچە پىرسەنت پايدا بەرگىدەك. يەنى مەن 2000 يۈەنلىك نەرسە ئالسام، ماڭا 2020 يۈەن ئۇرۇپ بەرمەكچىمىشكەن. شۇنداق قىلىپ مەن 20 يۈەن تاپقان بولىدىكەنمەن. كۈندە مۇشۇنداق سودىنى بىر قانچىنى قىلغاندىن كېيىن مەن شۇ كۈنى 100 يۈەن تاپقان بولىدىكەنمەن. ئۇلارنىڭ تەلىپى، مەن ئۇ مالنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مېلىنىڭ سۈپىتى ياخشى، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتى ياخشى دىگەندەك باھالارنى بېرىپ باھا يېزىشىمنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇنىڭدا، ھېچ جاپا تارتمايلا پۇل تاپىدىكەنمەنغۇ؟ دىگەنلىك بىلەن ئادەم جەلىپ قىلىدۇ. ئەمما بىلسەڭلەر بۇ ساختىلىق! يەنى ھارام! چۈنكى يالغاندىن ئۇنىڭ مېلىنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ مېلىنى ۋە ئۇ دۇكانچىنى ماختاپ يازىدىغان ئىشكەن.
باشقا خېرىدارنى ئالدىماقچى ئىكەن.
ئەمما، بۇ يەردە تېخىمۇ ھەزەر ئەيلەشكە تېگىشلىك بىر ئىش بار:  سىزنى ئاۋال مال سېتىۋال دەيدۇ، ئاندىن 2000 يۈەنگە 2020 يۈەن قايتۇرۇپ بېرىمەن دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ناۋادا سىز ئۇ كۆرسىتىپ بەرگەن مالنى ئالىمەن دىسىڭىز، ئۇ سىزگە يۇمشاق دېتال قاتارلىق سېتىپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ قويىدۇ، ئاندىن سىز سېتىۋالغاندىن كېيىن پۇلىڭىزنى قايتۇرمايدۇ. يەنە 2000 يۈەنلىك سېتىۋالغاندىن كېيىن ئاۋالقىسى بىلەن قوشۇپ قايتۇرۇشنى ئېيتىدۇ. شۇنداق قىلىپ يەنە سېتىۋالسىڭىز. ئۇنىڭ چۆنتىكىگە 4000 يۈەن چۈشىدۇ. سىز ئۇيۇنچۇق يۇمشاق دېتالنى 4000 غا سېتىۋالغان بولدىڭىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جىممىدە يۇقايدۇ. بۇ تۇغرىلۇق بەيدۇدىن ئىزدىسڭىز شۇنداق قويمىچىلارغا ئۇچىرىغانلارنىڭ دات-پەرياتلىرىنى كۆرەلەيسىز.
شۇڭا، مۇشۇنداق ئىشلارنى بىلمەيدىغان تورداشلار بولسا، دىققەت قىپ قويىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئالدىراپ ئىشىنىپ ئالدامخالتىسىغا پۇلىڭىزنى سېلىپ بېرىشتىن ساقلىنىڭ. بىرەر ئىشنى قىلماقچى بوسىڭىز بەيدۇدىن شۇ تۇغرلۇق ئىشنى ئىزدىسڭىز قويمىچىلارغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلغان يازمىلارنى كۆرىسىز.

2. مۇشۇ تور بەت قۇرۇپ پۇل تاپماقچى بولغانلار تور بېتىگە قۇيۇلىدىغان ئېلانى ئارقىلىق پۇل تاپىدىغان ئوخشايدۇ. ئېلان بەرمەكچى بولغانلارمۇ تور بەتنىڭ ئېقىم مىقدارىغا قارايدىغان ئوخشايدۇ. شۇنداق قىلىپ تور بېتى ئارقىلىق پۇل تاپماقچى بولغانلار تورىنىڭ ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا ھېلە ئىشلىتىدىكەن.
مەسىلەن، بىرەر يۇمشاق دېتال لازىم بولغاندا بىز كۆپىنچە بەيدۇدىن ئىزدەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرمۇنچە بەتلەر چىقىدۇ، سىزگە لازىملىق دېتالنى چۈشۈرۈش ئۇلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. سىز شۇ بەتنى ئاچقاندىن كېيىن ئۇ بەتتە يۇغان خەتلەر بىلەن يېزىلغان چۈشۈرۈش دىگەن خەتلەرنى كۆرىسىز، سىز چۈشۈرمەكچى بولغان دېتال زادى قايسى ئادرىس ئىكەنلىكىنى پەرىق ئېتەلمەيسىز. ھەممىسىلا چۈشۈرۈش ئۇلانمىلىرى. سىز ئىشەنچ قىلىپ بىرىنى باسىسىز، شۇنىڭ بىلەن سىزگە كېرەك بولمىغان دېتال چۈشىدۇ. ئەمەلىيتە، ئەشۇ تور بەتنىڭ ئىگىسى قەستەن شۇنداق قىپ قويغان. مەيلى خاتا چۈشۈرۈڭ قاندقالا بولمىسۇن سىز شۇ بەتتىن بىرەر نەرسىنى چۈشەرسىڭىزلا ئۇ تور بەتنىڭ ئېقىم مىقدارىغا ھەسسە قوشقان بولدىڭىز. ئۇ تور بەتلەر شۇنداق ئېقىم مىقدارى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ داڭلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكچى ، شۇنداق قىلىپ پۇل تاپماقچى ئىكەن.
ئالدامچىلىقتا ھەر ئۇسۇللارلارنى قوللىنىدىكەن.

3. مەن تور بەت ياساش، رەسىم بىر تەرەپ قىلىش دىگەندەك جەھەتلەردە سەل تەجىربەم بولغاندىكىن، توردا ئىش تېپىپ بىكار ۋاقىتلار چىقسا ئىشلەپ قۇياي دەپ جۇباجې تور بېتىگە كىرىپ باقتىم. مېنىڭ قىلىشىمغا ئاسانراق، ھەم ئۆزەممۇ تەجىربىلىك بولغان رەسىم بىر تەرەپ قىلىش تۈرىگە كىرىپ قاراپ باقتىم.
ئۇلارنىڭ ئېلان قىلغان ئىشىنى تېخنىكا جەھەتتىن مەن ئۇلارغا يارىغۇدەك قىلىشىم تەس ئەمەس.
مەن مۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقنى بايقىدىم. ئۇلار ماڭا چچ دا پاراڭلاشقان نەق مەيداندىن كېسىۋالغاندەك بىر دىيالۇگ رەسىملەرنى ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. مەن ئۇنىڭ ئۈستىدىكى خەتلەرنى ئۆچۈرۋېتىپ، ئۇلار ئەۋەتىپ بەرگەن باشقا دىيالوگلارنى كىرىشتۈرۈپ خۇددى چچ دا پاراڭلاشقان نەق مەيدان رەسىمىنى كېسىپ ئالغاندەك ھالەتكە ئەكىلىپ بەرگۈدەكمەن. قاراپ باقسام، مەن شۇنداق قىپ بەرسەم ئۇلار شۇ ساختا دىيالۇگ ئارقىلىق باشقىلارنى ئالدىماقچىكەن. مەسىلەن، پاي چەك بازىرىىدا سودا قىلغاندا ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشسا پۇل تاپىدىغانلىقى تۇغرىلۇق ، ياكى شۇنىڭدەك ئىشلاركەن. سودا ئارخىپىنى كېسىپ ئالغان رەسىمدەك قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدىغان دىيالۇگلار دىگەندەك. مانا مۇشۇنداق ئىشلاردىمۇ ئالدامچىلىق قىلىدىكەن. مەن ھالال ئىشلەيمەن دىسەم، ساپلا شۇنداق ھارام ئىشقا سالغىلىلا تۇرىدىكەن.

4. مۇشۇ تور بەتلەرنى ئارىلاپ بەزى كېرەكلىك مەزمۇنلارنى ئىزدەش جەريانىدا بەزى ئېلانلار سەكرەپ چىقىپ كۆزگە چېلىقىدۇ.
ھەر خىل دورىلارنىڭ ئېلانلىرى. ئەرلەرنىڭ جىنىسي ئەزاسىنى يوغىنىتىش، ئاياللارنىڭكىنى كىچىكلىتىش، مەيدىسىنى يوغىنىتىش دىگەندەك ئېلانلار. بۇ نىمە ئىشتۇ؟ دەپ چېكىپ سالسىڭىز كۆرىسىزكى، ناھايىتى ئىلمىي ئۇسۇللىرىنى تەپسلىي سۆزلىگەن، ئاندىن ئۇنى ئىستىمال قىلغانلارنىڭ قانداق ئەمەلىي نەتىجىلەرنى كۆرگەنلىكى تۇغرىلۇق بىمارلارنىڭ  ئىنكاسلىرى. شۇنىڭدەك، بەزى دۇختۇرخانىلارنىڭ ئېلانلىرى، دورىلىرىنىڭ ئېلانلىرى، يەل تاشمىنىڭ دورىلىرى، مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاش ئېلانلىرى دىگەندەك، سالامەتلىك ساھاسىدىكى ئېلانلار شۇنداق كۆپكى، ئۇلارنىڭ ئېلانلىرىدا ئېيتقان سۆزلىرىدىن ساختىلىقىنى بىلمىكىڭىز تەس. بۇلارنىڭ ئىچىگە ناھايىتى چوڭ ساختىلىق يۇشۇرۇنغان.  سېتىۋالغان دورىڭىز پايدىمۇ قىلمايدىغان، زىيانمۇ قىپ كەتمەيدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ناھايىتى ئېسىل قاپلار بىلەن ئورالغان، ئامىركىنىڭ، يەنە بىر يەرنىڭ دەپ چىقارغان ئېلانلار. ئۇنى مۇنچە پۇلغا سېتىۋېلىپ ھېچ ئۈنۈمىنى كۆرمەيسىز. پۇل ئۇلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشىدۇ.  قىزىق گەپتە ئۇ، دورا يىگەنگە 4-5 سانتىمېتىرى ئۇزىراپ كېتىدىغان،  لوبۇ بولمىسە يا ئۇ؟:D

5. پاي چېكى سودىسىدا ھەمكارلىشىپ پۇل تېپىشقا چىقارغان ئېلانلار بولۇپ، سىزگە ئالىدىغان ۋە ساتىدىغان نۇقتىسىنى چچ دا ياكى تېلىفۇندا سىزگە خەۋەر قىلىدۇ. سىز ئۇلارنىڭ دىگەن باھادا ئالىسىز. پايدا چىقسا پايدىنىڭ 50%نى ئۇلارنىڭ چۆتىكىگە يوللاپ بېرىسىز. زىيان چىقسا ئۇلار جىم بولىۋالىدۇ. ئۇلار ناھايىتى چوڭ پۇل بىلەن سودا قىلىدىغانلىقىنى، بىرەر پاي چېكىنىڭ باھاسىنى كونترۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئىچكى جەھەتتىن ئۇچۇرغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار سىزنى قىلتاققا دەسسىتىش ئۈچۈن ئالدىنقى بىر ئايدا ئالغان پايدىسىنى ھىساۋاتىنى كېسىپ سىزگە يوللاپ بېرىدۇ. ئۇنىڭغا قارىسىڭىز بىر ئايدا 10 قېتىمدەك سودا قىلغان بولۇپ 8-9 قېتىم پايدا ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىكى بويىچە، پايدا ئالىدىغان بولسىىز 50% نى ئۇلارغا يوللاپ بەرسىڭىزمۇ بىر يىلدا ئالدىغان پايدىڭىز 200% دىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىغىان بولسىڭىز بىر پاينى سىزگە ئالدۇرۇپلا شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ پاينىڭ باھاسى چۈشۈشكە باشلايدۇ، ياكى بىر ئايغىچە ئۆسمەي تۇرىدۇ. ۋاقتىڭىزنى زايا قىلىپ، ناۋادا بىر ئايدىن كېيىن ئۇ پاي سەل ئۆسۈپ پايدا چىققدۇەك بولغاندا ئازراق پايدىغا ساتقۇزۇپ پۇل بەر دەيدۇ.
پاي چېكى سودىسىدىكى ئېلانلارنى كۆرىدىغان بولسىڭىز ئەزا قۇبۇل قىلىپ سىز مۇنچە پۇل تۆلىسىڭىز ھەر ئايدا مۇنچە پۇل تاپتۇرىمىز دىگەن ئېلانلار. سىز ئاۋال پۇلنى تاپشۇرىسىز، سىز پۇل تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى سىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ دىمىگەن گېپى، قىلمىغان قىلىقلىرى قالمايدۇ. ناۋادا سىز ئەزالىققا پۇل تاپشۇرۇپ بېقىڭ، سىزنى ئەتىسىلا ئۇنتۇپ كەتمىسىمۇ، ئىش قىلىپ سىز پايدا ئالالمايسىز. مۇشۇنداق ئىشلاردىمۇ ئېھتىيتاچان بولمىساق، ئالدامچىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىدىغان گەپ.

6. سىزنىڭ ساقلاپ قويغان پۇلغا يارىغۇدەك ئاسارە- ئەتىقە، ياكى كان بايلىقىڭىز بولسا ئۇنى ساتالماي تۇرغان بولسىڭىز، شۇنى سېتىپ بېرىمىز دەيدىغان ئالدامچىلار باركەن. ئۇ ئالدامچىلارنىڭ شىركىتى راست، ئورنىمۇ بار بولىشى مۇمكىن. سىز ئاۋال مۇنچە پۇل مۇلازىمەت ھەققى تاپشۇرسىڭىز نەرسىڭىزنى كىم ئاشتى قىلىپ قىممەت سېتىپ بېرىدىغانلىقى، بۇ نەرسىنىڭ ئىچكىرىدە ناھايىتى قىممەت پۇلغا يارايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇنى سېتىپ بەرگەندىن كېيىن 12%تىنى ئۇلارغا سېتىپ بەرگەنلىكىگە بېرىدىغان قىلىپ كېلىشىم تۈزىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھېلىقى مۇلازىمەت ھەقىنى ئالدىن ئېلىۋېلىپ شۇنىڭ بىلەنلا جىمىپ كېتىدۇ(ئۇلارنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى شۇ). يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۆتكەندە  ئىچكىرىدە شۇنداق چوڭ بىر دىلو يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆيىدە قىممەت پۇللۇق ئاسارە ئەتىقىسىنى ساتماقچى بولغان يولداشلار بىر يىل ئىچىدە نەرسىسىنى ساتالمىغان، ھەم كىم ئاشتى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان سورۇننى شەكىلگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ھېچكىمنىڭ نەرسىسىنى ھېچكىم سېتىۋالمىغان. شۇنداق قىلىپ يولداشلار ئەرز قىلغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت تەكشۈرۈپ ھېلىقى ئالدامچىنى قاقتى-سوقتى قىلىش جىنىايىتى بىلەن ئەيىپلەپ  قولغا ئەپتۇدەك. بۇنى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىدىمۇ بەرگەن ئىدى.

nurlan13 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 18:22:19

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 11:46 static/image/common/back.gif
ئۇلار قانچە مىليۇن، قانچە مىلياردلىق سودا قىلىدۇم ئۇ  ...

بۇ مانچىنى ساتتىۇق دىگەن ساننى جىق قىلىش ئۇلا ئۈچۈن تەس ئەمەس  ،  باشقىلارغا پۇل بىرىپ  شۇنداق قىغىزىدۇ . مەخسۇس شۇنداق قىلىدىغانلا بار .

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 18:42:09

wuyyu يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 15:08 static/image/common/back.gif
ئېپ بېقىپ 7 كۈندە قايتۇرىۋېتىڭ...

ۋۇييۇ...........

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 18:46:32

مەن بىر ئاياغ بىلەن بىر كۆرسىتىش كارتىسى سېتىۋالدىم، ئەتىسى ئاياغنى دەپمۇدەل 50 يۈەن، كۆرسىتىش كارتىسىنى 70 يۈەن ئۆرە سېتىۋېتىپتۇ. ئاياغنى بىرەر ھەپتە بۇرۇن بىر قانچە دۇكانلاردىن كۆرۈپ قويغان، ئاياغنى ھەقىقەتەن ئەرزان ئالدىم. ئۈرۈمچىدىكى مەخسۇس دۇكانلاردا چىقىرىپ قويغان باھادىن 150 يۈەندەك ئەرزان توختىدى.

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 18:59:35

ئېپ بېقىپ 7 كۈندە قايتۇرىۋېتىڭ...

يەتتە كۈندىن قايتۇرماقچى بولغاندا «سەن مالنى ئىشلتىپسەن، پىچىتىنى بۇزۇپسەن، ئاق قىپسەن،كۆك.....دەپ تۇرىۋالسا قانداق قىلىدۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 19:26:36

sohrat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 20:59 static/image/common/back.gif
يەتتە كۈندىن قايتۇرماقچى بولغاندا «سەن مالنى ئىشلتىپ ...

مەنمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالدىكى مالنى قانداق قايتۇرىدىغاننى بىلمەيمەن.

بىزنىڭ قىشىىزغا تىخى يىتىپ كەلمىگەن مالنى قايتۇرىۋىتىشنى بىلىمەن.

لىكىن پىچىتى ئىچىلغاندىن كىيىن، مەسىلە بار دەپ قارالغان مالنى قايتۇرىۋىتىشنى بىلمەيمەن.

بۇ توغرىلىق تەجرىبىلىك تورداشلار جاۋاپ بەرسۇن.

foormat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 19:33:50

مەن ئىچكىردىكى مەكتىپىمىزدە يۈندا تېز يوللانمىسىنىڭ تارقىتىشىنى ھۆددىگە ئالغان بۈگۈندىن باشلاپ ئىشەكتەك ئىشلەۋاتىمەن ، دات دېگۈزۋەتتى لىكىن ، قالغىنىنى پۇل سانىغان چاغدا ھاردۇقۇم چىقىپ قالار:lol

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 19:46:00

kindleنى 11-چىسلا تېخىمۇ ئېتىبار باھا بىلەن ساتىمىز دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن، تۆت كۆزۈم بىلەن ساقلاپ ئولتۇرسام ئاران بىر سوم چۈشۈرۈپتۇ. {:92:}

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 19:51:01

ئەۋەتىلگەن مالنى ئەڭ ياخشىسىنى تىز يەتكۈزگۈچى خادىمنىڭ ئالدىدا ئېچىڭ!
يەنە مال كەلگەن ۋاقىتتا تىز يەتكۈزگۈچى خادىمغا (خاپا بولماي سەل تۇرۇپ تۇر،مالنى ئېچىپ كۈرۈپ باقاي.مەن دىگەن نەرسە شۇمۇ ئەمەسمۇ؟ناچار ياكى ساختا نەرسە ئەۋەتكەن بولسا سەن گۇۋاھ بۇلۇپ بەر)دىسەم ئادەتتە ھىچقايسى ياق دەپ باقمىدى. كۆرۈپ بۇلۇپ ساقمىكەن ،كەتسەم بۇلامدۇ دەپ كىتىدۇ،ھەتتا بەزىلىرى ئۆزى ئېچىپ كۈرىشىپ بىرىدۇ.
ئەگەر چاتاق بولسا شۇ يەردىلا بولسا نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىپ ،تەپسىلى ئەھۋالىنى تىز يەتكۈزۈش شىركىتنىڭ خادىمىغا ئېننىق كۈرسىتىپ،ئۇنىڭ ھەم ئۇ ئىشلەيدىغان تارماق شىركەتنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى خاتىرلەپ ،ئاندىن كىرىپ پولنى قايتۇرامسەن دەپ سوراپ ؟ ياق دىسە ئاندىن تاۋباۋغا ئەرىز قىلسا ئاسان بۇلامدىكىن دەپ ئۇيلايمەن.تاۋباۋ ئىسپات بىلەن تەمىنلە دىسە رەسىم مال يەتكۈزگۈچى ھەممىسى ئىسپات بۇلالايدۇ.
مەنغۇ بۇنداق ئىشقا يۇلۇقۇپ باقمىدىم،

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 20:07:24

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 10:53 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە بۇ كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ، تەرەققى قىلىش جەر ...

سىياسەتتىكى قولايلىقمۇ بارمۇ يوق؟

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 20:09:34

HEZINE يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 19:46 static/image/common/back.gif
kindleنى 11-چىسلا تېخىمۇ ئېتىبار باھا بىلەن ساتىمىز دەپ يې ...

بىر سوم دېگەن 100 پۇڭ;P

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 20:09:49

ئەرقالدا بىر خەۋەر بار قوش 11 ھەققىدە شۇنى ئوقۇسىڭىز بۇنىڭدىكى تاكتىكىنى چۈشىنىسىز.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 20:35:44

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 16:32 static/image/common/back.gif
توردا يالغانچىلىق قىلىشنىڭ گېپى چىقتى.
1.مەن بەزى نەرىس ...

2. مۇشۇ تور بەت قۇرۇپ پۇل تاپماقچى بولغانلار تور بېتىگە قۇيۇلىدىغان ئېلانى ئارقىلىق پۇل تاپىدىغان ئوخشايدۇ. ئېلان بەرمەكچى بولغانلارمۇ تور بەتنىڭ ئېقىم مىقدارىغا قارايدىغان ئوخشايدۇ. شۇنداق قىلىپ تور بېتى ئارقىلىق پۇل تاپماقچى بولغانلار تورىنىڭ ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا ھېلە ئىشلىتىدىكەن.
مەسىلەن، بىرەر يۇمشاق دېتال لازىم بولغاندا بىز كۆپىنچە بەيدۇدىن ئىزدەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرمۇنچە بەتلەر چىقىدۇ، سىزگە لازىملىق دېتالنى چۈشۈرۈش ئۇلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. سىز شۇ بەتنى ئاچقاندىن كېيىن ئۇ بەتتە يۇغان خەتلەر بىلەن يېزىلغان چۈشۈرۈش دىگەن خەتلەرنى كۆرىسىز، سىز چۈشۈرمەكچى بولغان دېتال زادى قايسى ئادرىس ئىكەنلىكىنى پەرىق ئېتەلمەيسىز. ھەممىسىلا چۈشۈرۈش ئۇلانمىلىرى. سىز ئىشەنچ قىلىپ بىرىنى باسىسىز، شۇنىڭ بىلەن سىزگە كېرەك بولمىغان دېتال چۈشىدۇ. ئەمەلىيتە، ئەشۇ تور بەتنىڭ ئىگىسى قەستەن شۇنداق قىپ قويغان. مەيلى خاتا چۈشۈرۈڭ قاندقالا بولمىسۇن سىز شۇ بەتتىن بىرەر نەرسىنى چۈشەرسىڭىزلا ئۇ تور بەتنىڭ ئېقىم مىقدارىغا ھەسسە قوشقان بولدىڭىز. ئۇ تور بەتلەر شۇنداق ئېقىم مىقدارى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ داڭلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكچى ، شۇنداق قىلىپ پۇل تاپماقچى ئىكەن.
بۇنىڭدا تور بەتنىڭ ئېقىم مىقدارىغا ھەسسە قوشمايمىز، چۈشۈرۈش (شىيازەي) دەپ يوغان يېزىپ قويغان خەتنى باسسا بىز چۈشۈرمەكچى بولغان دېتال ئەمەس، باشقا يۇمشاق دېتال چۈشىدۇ، شۇ دېتالنى قاچىلىساق شۇ تور بەتنى قۇرغۇچىغا كىرىم بولىدۇ. بەزى تور كۆرگۈ، كىنو كۆرگۈ دېگەندەك دېتاللارنى كۆپ تارقىتىش ئۈچۈن ياسىغۇچىلار ئاشۇنداق ئېلان بېرىدۇ.
ھەر قايسى ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە ئاشۇنداق ئېلان يۇمشاق دېتاللىرىنى پات-پات يوللاپ قويىدىغان parxat دەپ بىر بالاڭزا بار. مۇشۇ ئىزدىنىشقىمۇ بىر قانچە قېتىم يوللىدى. شۇ تېمىدىكى ئادېرسنى بېسىپ شۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىساق parxat قا بىر قېتىمدا 0.5 يۈەندىن 1.5 يۈەنگىچە كىرىم بولىدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 20:56:36

sohrat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 18:59 static/image/common/back.gif
يەتتە كۈندىن قايتۇرماقچى بولغاندا «سەن مالنى ئىشلتىپ ...

توردىن سېتىۋالغان مالنى سەۋەپسىز قايتۇرۋەتكىلى بولىدۇ. (无理由退货) يەنى مالدا ھېچقانداق چاتاق بولمىسىمۇ ئىشلەتكۈم كەلمىدى دەپلا ياندۇرۋەتسە بولىدۇ. ئالدىنقى يىلى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى تور سودىسىدا سەۋەپسىز قايتۇرۇشقا بولىدۇ دەپ ئۇقتۇرۇش چىقارغان. لېكىن تاۋباۋدىكى بەزى مالدا 无理由退货 دەپ باركەن، بەزىسىدە يوقكەن. يوقلىرىنى سەۋەپسىز قايتۇرۇشقا بولامدۇ بولمامدۇ، سىناپ باققانلار بارمۇ؟
تاۋباۋدىكى باشقا دۇكانلاردىن بەكلا ئەرزان مالنى ئالدىراپ ئالماسلىق كېرەككەن. مەن بىر قېتىم باشقا دۇكاندىن 300 يۈەن ئەرزان بىر يانفوننى ئەكەلتۈرگەن ئىدىم. يانفوننى ئىشلىتىپ 5 كۈن بولغاندا ساختىلىقىنى بايقىدىم. تاۋباۋغا كىرىپ شۇ ھامان مال قايتۇرۇش كۇنۇپكىسنى بېسىۋېتىپ، ساتقۇچىغا تېلفۇنۇڭ ساختىكەن، قايتۇرمەن دېسەم قايتۇرۇپ بەر دېدى. قايتۇرۇپ سېلىۋەتتىم. پۇلنى ۋە مەن تۆلىگەن توشۇش ھەققىنى قايتۇرۇپ بەردى.
يانفون دېگەندەك ئېلېكترونلۇق نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندا كومپىيۇتېردا ئۇرۇلغان باج تالوننى قوشۇپ ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، شۇ تالون بويچە ئالساق ئىشەنچىلىك چىقىدىكەن. كېيىنكى قېتىم شۇ بويچە قىلغانتىم جىڭ چىقتى. دۇكاندارلار بىلەن سۆزلەشكەندە چوقۇم 阿里旺旺 بىلەن سۆزلىشىڭلار. كېيىن ئەرز قىلغاندا تاۋباۋ شۇنىڭدىكى سۆزلىشىش خاتىرسىنى ئىسپات سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 21:26:44

HEZINE يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 19:46 static/image/common/back.gif
kindleنى 11-چىسلا تېخىمۇ ئېتىبار باھا بىلەن ساتىمىز دەپ يې ...

:lol ،،،،،تەماخور

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 21:41:13

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 21:26 static/image/common/back.gif
،،،،،تەماخور

:lol :lol :lol
بەت: 1 [2] 3 4
: ‹قوش 11› دا ئالى بابادىكى سودا سوممىسى 57 مىليارد 112 مىليون يۈەنگە