adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 19:37:14

بىلگەجانغا خەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 00:41  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
بىلگەجان ئاكا ياخشى تۇردىڭىزمۇ، ئائىلىڭىز تىنىچلىقتۇ.
يېقىندىن بۇيان كاللامغا بىرسۇئال كىرىۋېلىپ، تور ۋە نۇرغۇنلىغان كىتاب ماتىرياللارنى ئاختۇرغان بولساممۇ ئېنىق بىر جاۋابقا ئىرىشەلمىدىم. ئۇندى ئويلاپ بۇندى ئويلاپ ئاخىرى سىزدىن سوراپ بېقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم . ۋاقتڭىز يەتكەندە جاۋاب بېرەسىز.
مەن بۇيىل شەرقى شىمال پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى ھاياتلىق ئىلمىي ئوقۇلى جانلىقلار ئىلىمى كەسپىنىڭ 3-يىىللىقىدا ئوقۇيمەن .مۇشۇ مەۋسۇم ئوقۇلىمىزبىزگە ھۈجەيرە بىئولوگىيەسى ۋە مولىكولا بىئولوگىيەسى قاتارلىق كەسپى دەرىسلەرنى ئاچقان بۇلۇپ ، ھازىرغىچە بۇپەنلەردىن بىزگە 4-5باپ مەزمۇنلار ئۆتۈلدى، مەنمۇ مۇشۇ ئىككى ئايلىق ئۈگنىش جەريانىدا يۇقىردا دېيىلگەن ئىككى پەن ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىلەرنى ھاسىل قىلدىم.
مۇشۇ مەۋسۇم باشلىنىپ ھۈجەيرە بىئولوگىيەسى دەرىسلىك كىتابىنىڭ مۇندەرىجە قىسىمىنى ۋاراقلاۋېتىپ سىز ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقاتىنى تۇنۇشتۇرغان يازمىلىرىڭىزدا تىلغا ئالغان iPS دېگەن ئۈچ ھەرىپنى ۋە iPS ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئۇقۇپ قاتتىق ھاياجانلاندىم ۋە مۇشۇپەننى قاتتىق بىر ئۈگۈنۈش نىيتىگە كەلدىم . گەرچە بىر ئىككى ئاي ئىچىدە ئۆزۈمنىڭ نىيەت قىلغىنىدەك قاتتىق ئۆگىنەلمىگەن بولساممۇ، توختاتماي ئۆگىنىۋاتىمەن، شۇنداقلا دەرس ئارلىقلىرىدا ئۇقۇتقۇچىلىرىمدىن توختىماي سۇئال سوراپ، ئۇقۇتقۇچىلىرىمنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشىپ پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمىنىڭ ئالدىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ ماختىلىپ، بىر نەچچە قېتىم خىجىللىغىمدا ، ئىـزا تارتىپ باشىمنى ئۈستۈن قىلالمىغان ۋاقىتلىرىم بولدى، ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ ئېيتىشچە مەن ناھايتى مۇھىم بولغان ئىلمى مەسىللەرنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپتىمەنمىش، ھەمدە مېنى ئۆزىنىڭ ئاسپىرانتلىقىنى ئۇقۇشۇمنى تۇلىمۇ خالايدىغانلىقى ، ئەگەر مەنلا خالىسام ، ماڭا ئاسپىرانت يېتەكچىسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىزنىڭ ئوقۇلدىكى تەجرىبە دەرسى ئۆتۈدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ شۇنداق . مەن كىچىككىنە مەشغۇلاتنى توغرا قىلىپ قويسام ۋەياكى بىرە سوئالغا توغرا جاۋاب بىرىپ قويسام ، مېنى شۇنداق ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېىتىدۇ ، ئىلگرى شۇنداق چاغلاردا ئۆزۈمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىپ كېتەتتم ، كېيىن بايقىسام بايقىسام باشقا خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم  خېلى خېلى سوئاللارغا توغرا جاۋاب بەرسە ، ياكى قېيىنلىق دەرىجىسى خېلى تەس بولغان مەشغۇلاتلارنى توغرا ئىشلىسە ، ئوقۇتقۇچۇلىرىمغا ئادەتتىكىچە ئىش بۇلۇپ تۇيۇلدىكەن ، ئەمما مەن كىچىككىنە ئىشنى توغراقىلىپ قويسام ، ئۇلارغا ناھايتى ئالاھىدە بىلىنىپ كېتىدىكەن. شۇنىڭغا قارىغاندا مەن ئۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرەلمەسلىكىم كېرەك ئوخشايدۇ، ئۇ تەجربە مەشغۇلاتلىرىنى مېنىڭدەك شىنجاڭدەك چەت چۆلدىن كەلگەن بىرسىنىڭ قىلالىشى ئالاھىدە ، قىلالماسلىقى نورمال ئىش ئوخشايدۇ . شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇيەرگە بىلىم ئالغىلى كەلگەندىكىن ماختىسا ماختاۋەسۇن ، دېسە دەۋەرسۇن دەپ ، ماختاشلىرىغا رەخمەت دەپ قۇيۇپ ، سورىغان بىلىم ئالا ، سورىمىغان كېيىن قالا دېگەنلەرنى ئويلاپ ، سۇئاللرىمىنى سوراپ ,ئۆگىنىشىمنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم
ئەمدى گېپىمگە قايتىپ كەلسەم، ھۈجەيرە بىئولوگىيەسى دېگەن كىتاب مۇندەرىجىسىنىڭ iPS نى چۈشەندۈرگەن قىسىمىدا سىز ماقالىڭىزدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكۈنىڭىزدەك 2006-يىلى ياپونىيەلىك ياماناكا ۋە تاكاخاشى ئىسىملىك ئىككى ئالىمنىڭ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ تەن ھۈجەيرىسىگە Oct4
، Sox2 ، Klf4 ،cMyc قاتارلىق گېنلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق iPS ھۈجەيرىلىرىگە ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىپتۇ . ھەمدە iPS ھۈجەيرىلىرىنىڭ كىلىنكا ساھەسىدە ئشلىتىلىشى ئۈچۈن يەنە تېخى نۇرغۇنلىغان ھەل قىلىشقا تېگشلىك مەسىللىرىنىڭ مەۋجۇت ئېكەنلىكى، مەسىلەن قانداق قىلغانداتەتۈر كۆچۈرۈلگۈچى ۋىروس بىلەن سۆرەلمە ۋىروس تۇشۇغۇچى تەنچىسىنىڭ ئۆسمە پەيدا قىلىش يۇشۇرۇن خەۋپىنىڭ ۋە قانداق قىلغاندا گېن كۆچۈرۈش ۋە يۆتكەش ئېلىپ كەلگەن يۇشۇرۇن خەۋپىنى ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى ،شۇنداقلا قانداق قىلغاندا iPS ھۈجەيرىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق بىرقاتار مەسىللەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقى بايان قىلىنىپتۇ.
ھەمدە بىرقىسىم خەنزۇچە توربىكەتلەردە ياماناكانىڭ يۇقارقى تۆھپىسى بىلەن2012-يىللىق نوبىل مىدىتسىنا ۋە فزولوگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى بايان قىلىنىپتۇ.يەنە تېجى ئۆتكەن ھەپتە بەيدۇ تورىدىن iPs  ھەققىدىكى مەزمۇننى ئاختۇرسام 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ياپونىيەلىك دوختۇرلانىڭ iPs ھۈجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ چېكىنىش خارەكتېرىدىكى كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىىر ياپونىيەلىك بىمارنى داۋالىغانلىقى ، بۇ بىمارنىڭ يەرشارىدىكى تۇنجى قېيىملىق iPS ھۈجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ داۋلانغان كىشى بۇلۇپ قالغانلىقى، ھەمدە ھازىرغا قەدەر ئۇبىمارنىڭ ناھايتى نورمال ئېكەنلىكى ، تېنىدە راك ۋە ياكى ئۆسمە قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى بايان قىلىنىپتۇ.
ئەمدى سۇئالىمغا كەلسەم ياپۇنىيەلىك ئالىملارنىڭ ئېرىشكەن iPS ھۈجەيرىلىرى بىلەن ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ يىتىتۈرمەكچى بولغان iPS ھۈجەيرىسنىڭ قانداق پەرقى بار؟
ياپۇنىيەلىك ئالىملار يۇقىرىقى گېنلارنى تەن ھۈجەيرىسىگە كىرگۈزۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ iPS ھۈجەيرىسىگە ئېرىشپ بولغان تۇرۇقلۇق ، ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە باشقا نۇرغۇن ئالىملار يەنە نېمىشقا iPSھۈجەيرىسىنى يېتىشتۈرۈش بىلەن ئاۋارە؟
سىزمۇ بەلكىم ياپۇنىيەلىك دوختۇرلارنىڭ ھېلىقى كىشىنىڭ كۆزىنى داۋالىغانلىق خەۋرىنى ئاڭلىغانسىز، مۇشۇ خەۋەر راسىتمۇ ؟ بۇنىڭ تەپسىلاتى قانداق؟
ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقاتىدىن قانداق يېڭى ئۇچۇرلار بار؟
ئەسلى مەن بۇ سۇئاللىرىمنى سىزنىڭ 《يۇرت سەپىرىدىن ھېس قىلغانلىرىم》ناملىق تەسىرات ماقالىڭىزنى تۇلۇق يوللاپ بولغاندىن كېيىن سوراي دېگەن ئىدىم ، لېكىن بۇسۇئاللار ئىچىمىنى تاتلاپ پەقەت جىم قويمىدى، بوش ۋاقتىڭىز چىىققاندا جاۋاپ يازاسىز
ئاۋەرە قىلىدىغان بولدۇم.

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 20:49:23

تىرشچانلىقىڭىزغا قول قويدۇم. داۋاملىق ئىزدىنىپ كاتتا ئالىم بولىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. {:87:}{:87:}{:87:}{:87:}

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 20:57:40

بىلگىجان دىمەي بىلگەجان دىسەڭلارچۇ ۋوي سادىغاڭ كىتەيلەر

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:25:48

راس  سۇئال  بوپتۇ بۇ...  ئىزدىنىشتىن، ئۈگۈنۈشتىن، تەپەككۇر قىلىشتىن مۇشۇنداق ئۇزۇن سۇئاللار چىقىدۇ، تېخىمۇ تىرىشىڭ، ھەجەپ قايتا ئوقۇغۇم كېلىپ قالدى دىسە....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:28:45

ھە ، جاۋابىڭىزنى كۈتىمىز

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:18:03

يۇقۇرقىدەك ئىنكاسلار بىلەن نەچچە بەت قىلىۋېتىدىغاندەك تۇرىسىلەر. بىلگەجان جاۋاپ ئىنكاس يازغاندا 2-قەۋەتكە چىقرىپ قويمىساممۇ 3-قەۋەتكە بولسىمۇ چىقىرىپ قويىمەنغۇ  ئۇنىڭ  ئىنكاس جاۋابىنى.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:20:37

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 22:04:02 static/image/common/back.gif
خۇمسىلار پەيدا بوپ قاپتۇ،خوتۇن كىشىدەك ئوچۇق گەپ قىلم
كېچىنىڭ ياقى غۇلجىدا قار قېلىنراق ياغدى دەۋاتاتتى ۋىچەتتە.

kompyuter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:21:07

ياپۇنىيەلىك ئالىم ئىرىشىپ ئالغان ھۈجەيرە بىلەن ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ئىرىشىپ ئالغان ھۈجەيرىنىڭ پەرقىنى ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ يىغىنىدا بەرگەن لىكسىيەسىدىن بىلىپ ئالالايسىز.

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:29:43

مەنمۇ مۇشۇ تىما باھانىسىدا بىر سۇئال سورىۋالسام:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان ! سىزگە سالامەتلىك،ئامانلىق يار بولسۇن !
ھازىر دىيارىمىزدا مەزى بىزى كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى بەك كۆپۈيۈپ كىتىۋاتىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبىمۇ ھەرخىل ھەر تۈرلۈككەن.....بۇ كىسەللىكنىڭ دورىللىرىمۇ بەك كۆپكىن.دوختۇرخانىنىڭ ئىلانلىرىمۇ ھەم شۇنداق.مەزى بىزى كىسىلىمۇ بىر قانچە تۈرگە ئايرىلىدىكىن.مەزى بىزى ئەرلەر ئۈچۈن بەك مۇھىم ئەزا،بۇنى ھەممەيلەن تونۇپ يەتتى.بۇ كىسەلدىن قۇتۇلۇشنى ئويلاۋاتقانلار بەك كۆپمىكى دەيمەن.(مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)
سىزدىن سوراپ باقماقچى بولغۇنۇم:چەتئەلدە بۇ كىسەلگە قانداق قارايدۇ؟بۇ جاھىل كىسەللىكتىن سەللىمازا ساقايغىلى بولامدۇ؟ئەڭ ئىشەنچىلىك داۋالاش ئۇسۇلى،دورىللىرى بارمۇ؟بولۇپمۇ كىچىدە كىچىك تەرەت قىتىم سانى كۆپ بولۇش...تەرەپلەردە.
سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم .

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:35:10

ئادەمنىڭ ئىچىدە نىم بولسا تېشىغا ئىپادىلنىپ چىقىدىكەن.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:36:42

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:38:46

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 22:36:42 static/image/common/back.gif


قاراپ بېقىپ قايىل قىلارلىق ئىسپات بولمىسا 6،7،8-قەۋەتن
مەنمۇ ئوخشاش كۆز قاراشتا.

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:40:00

sipartak يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 22:29 static/image/common/back.gif
مەنمۇ مۇشۇ تىما باھانىسىدا بىر سۇئال سورىۋالسام:
ئەسسا ...

سىزگە تەكلىپ بەلنى مەھكەم باغلاڭ ،( بەللىك ياكى بىللاغ--يۇرتىمىزدا چوڭ مويسىپىتلار بېلىگە باغلىۋالدىغان قېلىن رەخ دېگەندەك)
بەل ئىسسىق تۇرسا كىچىك تەرەت كۆپ كېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇرمىكىن.

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 23:55:24

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 23:59:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umun99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 00:04  

ئىزدىنىش روھىڭىزغا ئافىرىن....

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 00:12:53

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 00:17:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 09:48  

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئېنىم، ئالدى بىلەن تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن! سىزنىڭ مۇشۇ قىزىقىشلىرىڭىز بويىچە مېڭىپ، مۇمكىن بولسا سىزنى ئوقۇتسام دېگەن مەكتىپىڭىزدىكى (مەيلى جۇڭگودىكى قايسى مەكتەپ بولسۇن) پىروفىسىورىڭىزنىڭ قولىدا ئوقۇماي ئۆزىڭىز قىزىققان مۇشۇ غول ھۈجەيرە ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىمىمىز دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەجىرىبىخانىسىغا بېرىپ دوكتورلۇقتا ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىزنىڭ ئېنگىلىزتىلى سەۋىيىڭىز قانچىلىك بىلمەيمەن، ئەمما سىز دەرسلەردە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىدەك قىلىسىز. پەقەت تىرىشسىڭىزلا سىز چوقۇم دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ئىشلەۋاتقان ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتىغا ئوقۇشقا كىرەلەيسىز. شۇنداق بولغاندا، سىز بەلكىم دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۆز قولىدا دوكتورلۇقتا مەخسۇس تەربىيەلەنگەن تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قىلىشىڭىز مۇمكىن (ئەلۋەتتە ئۇنىڭغىچە باشقىلار چىقىشىمۇ مۇمكىن، شۇنداق بولغاي ئىلاھىم).
جەمئىي ئۈچ سوئال سوراپسىز، ھەر بىرىگە ئاستىدىكى ئىنكاسلىرىمدا ئايرىم-ئايرىم ئالدىرىماي جاۋاب بېرىمەن. سوئاللىرىڭىزغا رەھمەت!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 00:34:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 09:51  

1. ياپۇنىيەلىك ئالىملارنىڭ ئېرىشكەن iPS ھۈجەيرىلىرى بىلەن ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ يىتىتۈرمەكچى بولغان iPS ھۈجەيرىسنىڭ قانداق پەرقى بار؟
=======================

دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ئاساسلىقى NT-ESC نى تەتقىق قىلىدۇ، iPS نى پەقەت سېلىشتۇرما قىلىش ئۈچۈن تەتقىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇ تەتقىق قىلىۋاتقان  (يادرو كۆچۈرۈشتىن ھاسىل بولغان غول ھۈجەيرىلەر) NT-ESC كۆپ جەھەتلەردىن iPS كە قارىغاندا (يەنى ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۈجەيرىلەرگە قارىغاندا) تېخىمۇ زور ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.

دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ 2013-يىلى ئۆزى سۆزلىگەن ئىلمىي دوكلاتتا مەخسۇس مۇشۇ تېمىدا توختالغان، مەن ئۇنىڭ دوكلاتىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويغان ئىدىم. بۇ ماقالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئوقۇڭ، يەنە چۈشىنەلمىگەن يەرلىرىڭىز بولسا سورىسىڭىز بولىدۇ:
(bilgejan) دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتى

بۇ دوكلاتنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلىرى يۇقىرىقى سوئالىڭىزغا جاۋاب بولالايدۇ:دېققەت قىلغايسىز:

مېنىڭ تەجىرىبخانامدىكى يەنە بىر بۆلۈك تەتقىقات غول ھۆجەيرىلەر ئۈستىدە كىتپ بارىدۇ. ئېنىق قىلىپ ئيېتقاندا، بىز دەسلەپكى تۆرەلمە ھۆجەيرىلىرىنى يەنى بەدەندىكى بارلىق ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنالىش پوتىنىسئالىغا ئىگە تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى تەتقىق قىلىمىز. دەسلەپتە، مەن ھازىر ئىشلەۋاتقان پىرىمات تەتقىقات مەركىزىدىكى بىر پىرىماتشۇناس1998-يىلى يېڭى تۆرەلمىدىن ھۆجەيرە لېنىيىسى سۈپىتىدە غول ھۆجەيرىلەرنى تۇنجى بولۇپ ئايرىپ ئالغان. ئۇمۇ بۇنى ئالدى بىلەن گانگې دەريا مايمۇنىدا ئىشلەپ ئاندىن ئىنسانلاردا مۇۋاپىققىيەتلىك ئىشلەپ چىققان. بۇ ھۆجەيرىلەرنى دەسلەپكى غول ھۆجەيرىلەرگە يىتەكلىگىلى بولىدۇ. ئۇلار پەقەت سىز يول قويغاندىلا ئاندىن دىففىرىنسىئاللىنىدۇ (بولمىسا شۇ غول ھۆجەيرە پېتى ئۇزۇن مۇددەپ تۇرىۋىرىدۇ دىگەنلىك). بۇ خىل ھۆجەيرىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىغا بىمارلارنىڭ ھاجىتى چۈشىدۇ، ئۇلار بولۇپمۇ قېرىلىققا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، پاركىنسون كېسىلى (مېڭە يىگىلەش كېسىلى)، دىئابىت كېسىلى قاتارلىقلار. بىز ھازىر كېسەللەرگە يۆتكەلسە بولىدىغان ھەر خىل تىپتىكى ھۆجەيرىلەرگە ئىگە، ئەمما بىر مەسىلە بار، يەنى بىمار ئىممۇنىت سىستىمىسىنىڭ يەكلىشى. بۇ ھۆجەيرىلەر بىمار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق تۆرەلمىلەردىن كەلگەچكە ئېھتىياجلىق بىمارغا ماس كەلمەيدۇ. بەدىنىمىزدە بۇ خىل غول ھۆجەيرىلەر مەۋجۇت ئەمەس، بىز بۇ ھۆجەيرىلەرگە پەقەت ئۇرۇقلىنىشتىن كىينكى قىسقا ۋاقىتتىلا ئىگە بولىمىز، ئەمما نورمال يىتىلىش جەريانىدا بۇ ھۆجەيرىلەر دىففىرىنسىئاللىنىپ بەدىنىمىزدىكى باشقا ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنپ بولغان بولىدۇ. بۇ دەل بۇ خىل غول ھۆجەيرىلەرنى كىلىنىكىدا ئىشلىتىشتىكى ئاساسلىق توسالغۇدۇر. 2006-يىلى كىيۇتۇ ئۇنىۋىرستىتىدىكى ياپونىيە ئالىمى شىنيا ياماناكا سۈنئىي ئۇسۇلدا غول ھۆجەيرىلەرنى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ بايقىدى. بۇ ئۇسۇلدا، بەدەندىن خالىغان بىر ھۆجەيرە، كۆپىنچە ھاللاردا تېرە ھۆجەيرىسى، ئېلىنىپ بۇ ھۆجەيرىلەرگە بىر يۈرۈش مەخسۇس گېنلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق چوڭلار تېنىدىكى تېرە ھۆجەيرىسىنى تۆرەلمىدىن ئېلىنغان غول ھۆجەيرىگە ئوخشايدىغان غول ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇسۇلدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھۆجەيرىلەر تولۇق پوتىنسىئاللىق ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرىلەر (iPS) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ناھايتى كەلگۈسى پارلاق بىر ساھە بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان مىڭلىغان تەجىرىبخانىلار مۇشۇ خىل ھۆجەيرىلەرنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. ياماناكا بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن ئۆتكەن يىللىق «نوبېل مۇكاپاتى» غا نائىل بولدى. ئۇ ھەقىقەتەن بىر كۆزگە كۆرۈنگەن ياپون ئالىمى.

شۇنداق قىلىپ ھازىر بىز بىمارغا ماس كىلىدىغان غول ھۆجەيرىلەرگە ئىگە بولدۇق، ئەمما ئەپسۇسكى، ئۆتكەن بىر نەچچە يىللىق تەتقىق قىلىش جەريانىدا بىز بۇ ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرىلەردە نورمال تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ناھايتى كۆپ گېنتىكىلىق بىنورماللىقلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئۇلاردا گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، پەرىزىمىزگە ئاساسەن، ئۇلار غول ھۆجەيرىگە ئايلىنىش جەريانىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ ئېپىگېنتىكىلىق ئارخىپلىرىدىمۇ مەسىلە باردەك قىلىدۇ، يەنى ئۇلاردا تېرە ھۆجەيرىسىدىن كەلگەن «خاتىرە» بولغاچقا تۆرەلمىدىن ئايرىپ ئېلىنغان غول ھۆجەيرىلەردىن پەرقلىنىدۇ. بۇ مەسلىلەر ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرىلەرنىڭ بەدەندىكى مەلۇم قىسىمغا كۆچۈرۈلۈپ كىلىنىكىلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا. شۇڭا، iPS ھۆجەيرىلىرى پەقەت تەجىرىبخانا شارائىتىدا پىترچاشكىدا كېسەللىك مودىللىرىغا ئىشلىتىلىش بىلەن چەكلەنمەكتە. دىمەك، بىز ھېلىھەم كىلىنىكا-دەرىجىسدىكى (دوختۇرخانىلاردا رەسمىي قوللىنىشقا بولىدىغان)، بىمارغا خاس غول ھۆجەيرىلەرگە ئېھتىياجلىق.

مېنىڭ تەجرىبىخانامدا، بىز يىڭى بىر تۈركۈمدىكى غول ھۆجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدۇق. بۇ قېتىم بىز «تەن ھۆجەيرىدىن يادرو كۆچۈرۈش، SCNT» دەپ ئاتىلىدىغان باشقىچە بىر ئۇسۇلنى قوللاندۇق. بۇ ئۇسۇلدا بىز خۇددى ياماناكا قىلغاندەكلا بىمارنىڭ خالىغان تەن ھۆجەيرىسىنى (تېرە ھۆجەيرىسى بولسىمۇ بولىدۇ)  ئالىمىز، ئەمما گېنتىكىلىق ئۇسۇلدا تولۇق پوتىنسىئاللىقنى ئىندۇكسىيەلىمەيمىز؛ ئۇنىڭ ئورنىغا بىر بىمار ھۆجەيرىسىنىڭ ھۆجەيرە يادروسىنى ئايرىۋالىمىز ۋە بۇنى ئۇرۇقلانمىغان، يادروسى ئېلىۋىتىلگەن تۇخۇم سىتوپلازمىسى ئىچىگە كۆچۈرىمىز. مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلى، ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىسى سىتوپلازمىسىدا بىر قىسىم ماددىلار بولۇپ (بىز قايسى ماددا ئىكەنلىكىنى تېخىچە بىلمەيمىز)، بۇ ماددىلار تېرە ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى كۆچۈرۈلگەندە تېرە ھۆجەيرىسىنى ئىندۇكسىيەلەپ خۇددى يېڭى تۆرەلمىگە ئوخشايدىغان قىلالايدۇ؛ ئاندىن بىز بۇ تۆرەلمىدىن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئالالايمىز. بۇ ماددىلار ھەر قايسى جانلىق تۈرلىرىدە ئۇنىۋىرىسال تېپىلىدىغان بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا دۇنيانى زىلزىلگە سالغان كلون قوي «دولىي» مۇشۇ ئۇسۇلدا دۇنياغا كەلگەن. ئەلۋەتتە، بۇ قېتىم بىز ئىنسانلارنى كلونلاش نىيىتىمىز يوق، گەرچە كىشىلەر كلونلانغان غول ھۆجەيرە دەپ ئاتىسىمۇ، بىز پەقەت بۇ خىل غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئالماقچى، خالاس. بۇ خىل ئۇسۇل ئەمەليەتتە 15 يىل ئىلگىرى جەيمىي (جەيمىس) تومسېن تۇنجى قېتىم ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئالغاندىلا پەرەز قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما شۇنچە نۇرغۇن يىللاردىن بىرى مەغلۇپ بولدى. مېنىڭ تەجىرىبخانامدا، بىز ئۆتكەن 10-15 يىلدىن بىرى بىمارغا خاس ئىنسان غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىىپ ئىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. مەن ئەمەليەتتە بۇ تۇخۇم سىتوپلازمىسىنىڭ قانداق قىلىپ «قايتا پىروگراممىلاش» نى قوزغىتىدىغانلىغى ۋە قوللايدىغانلىغىدىن چۈشىنىشتىن ئىبارەت بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىس. ئەلۋەتتە، بىز ئىشنى يەنىلا مايمۇندا سىناق قىلىشتىن باشلىدۇق ۋە 2007-يىلى يەنى، ياماناكا ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرىلەرنى ھاسىل قىلغان ۋاقىتلاردا، بىز مۇشۇ خىل مايمۇن غول ھۆجەيرىلىرىنى تۇنجى بولۇپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ۋۇجۇدقا كەلتۈردۇق. ئەمما ئۇ قېتىم بۇ مايمۇندا ئىشلەنگەن بولۇپ، بىزنىڭ بۇ تېخنىكىنى مۇۋاپىققىيەتلىك ھالدا ئىنسانغا كۆچۈرۈشىمىزگە 5 يىل ۋاقىت كەتتى، يەنى بىز بۇ تېخنىكىغا نۇرغۇن ماسلاشتۇرۇشلارنى ئىلىپ بىرىشىمىزغا توغرا كەلدى. نەچچە ئاي ئىلگىرى، بىز بۇ نەتىجىنى «ھۆجەيرە» ژورنىلىدا ئېلان قىلدۇق. بۇ دۇنيادا تۇنجى قېتىم يادرو كۆچۈرۈش ئارقىلىق تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ قالدى.

بىز بۇ خىل غول ھۆجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىشىمىز ئۈچۈن تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە ئېھتىياجلىق بولىمىز، بىزنىڭ ھەر ۋاقىت تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە تايىنىشىمىز بۇ تېخنىكىنىڭ ئاجىزلىق تەرىپى بولسىمۇ، ئەمما بىز بىر ھۆجەيرە لېنىيىسى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن پەقەت ئىككى تۇخۇم ئىشلىتىشتەك ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. قارىغاندا، بۇ ئۇسۇلدا بىمارنىڭ يېشىنىڭ كارايىتى چاغلىق بولۇپ، مەيلى ياش ساغلام كىشى ۋە مەيلى 72-ياشلىق نېرۋا كېسەللىرىگە گىرىپتار بولغۇچى بولسۇن ھەممىسىگە ماس كىلىۋىرىدۇ.

ئەڭ مۇھىمى ھازىر ھەممە ئادەم بىزدىن سوراۋاتىدۇ: بۇ ھۆجەيرىلەر راستىنلا بىز يىللاردىن بىرى ئىزدەپ يۈرگەن ھۆجەيرىلەر شۇمۇ؟ ئۇلار كىلىنكا-دەرىجىسىدىمۇ؟ ئۆتكەن نەچچە ئايدىن بۇيان، بىز بۇ ھۆجەيرىلەرنى ياماناكانىڭ ھۆجەيرىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۋاتىمىز. بۇ ھۆجەيرىلەر ئوخشاس مەنبە، ئوخشاش تېرە ھۆجەيرىسى ۋە ئوخشاش بىماردىن كەلگەن. ئوخشىمايدىغان يېرى، بىز يا ياماناكانىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئالىمىز؛ يا ئۆزىمىزنىڭ تېخنىكىسنى ئىشلىتىمىز. سېلىشتۇرۇش جەريانىدا بىز ياماناكانىڭ ئىندۇكسىيەلەنگە غول ھۆجەيرىلىردە بىنورماللىق كۆرۈلگەن گېن رايونلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ سېلىشتۇرۇش ئىلىپ باردۇق. بىز ئىنسان گېنلىرىدىكى 5 مىليۇن ئىشقار رادىكالى ئۇزۇنلۇقتىكى گېنوملارنى سۈزىدىغان سىنپ (SNP) گېنوتىپلارنى ئايرىش دەپ ئاتىلىدىغان ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ بۇ ئىككى خىل غول ھۆجەيرىلەر (ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرە ۋە يادرو كۆچۈرۈلگەن غول ھۆجەيرە) نى سېلىشتۇردۇق. بۇنىڭدىن بىز ياماناكا ھۆجەيرىلىرىدە يۇقىرى نېسبەتتە بىنورماللىق بارلىقىنى، يەنە ھەر بىر ھۆجەيرە-لېنىيىسىدە 2 دىن بىنورماللىق كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. بىزنىڭ غول كلونلانغان غول ھۆجەيرىلىرىمىزدە بىنورماللىق ناھايتى ئاز كۆرۈلدى، يەنى 3 ھەسسە ئاز كۆرۈلدى. بىزنىڭ ھۆجەيرە لېنىيىمىزدە پەقەت تۆتنىڭ ئىچىدە ئىككىسىدە ئاز بىر قىسىم بىنورماللىق كۆرۈلدى، قالغان ئىككىسىدە ھىچقانداق بىنورماللىق كۆرۈلمىدى. بۇ تۇنجى قېتىم گېنتىكىلىق ئۇسۇلدا مۇشۇنداق پاكىزە (بىنورماللىق كۆرۈلمىگەن) غول ھۆجەيرىلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېپىگېنتىكىلىق جەھەتتىن قايتا پىروگراممىلىنىش بويىچە ئېيتقاندا، ئىندۇكسىيەلەنگەن تولۇق پوتىنسىئاللىق غول ھۆجەيرىلەر (iPS) دە دائىم يەنىلا «خاتىرە» ساقلانغان بولىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر ئۇلار تېرە ھۆجەيرىسىدىن كەلگەن بولسا، ئۇلار تېرە ھۆجەيرىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. بىز بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن «ئومۇميۈزلۈك مىتىللىشىش» ئارخىپىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق. بۇ ئېپىگېنتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى بىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى بولۇپ، بىز iPS ھۆجەيرىلىرى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ يادروسى كۆچۈرۈلگەن (SCNT ياكى ST) ھۆجەيرىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆردۇق ۋە خىروموسوملارنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا قاراپ چىقتۇق. بۇ يەردە كۆرسىتىلگىنى X-خىروموسوم بولۇپ، بىزنىڭ ھۆجەيرىلىرىمىزدە قايتا پىروگراممىلىنىش ناھايتى تولۇق تاماملانغان ۋە بۇ يادرو كۆچۈرۈلگەن ھۆجەيرىلەر ھەقىقىي تۆرەلمىدىن ئايرىۋىلىنغان غول ھۆجەيرىلەرگە ئوخشىشىدۇ؛ ھالبۇكى، iPS ھۆجەيرىلىرىدە ناھايتى كۆپ بىنورمال پىروگراممىلانغان رايونلار مەۋجۇت. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە گېن ئىپادىلىنىشى تەكشۈرىدىغان ئەڭ يېڭى تېخنىكا RNA-Seq نى ئىشلىتىپ، يادرو كۆچۈرۈلگەن ھۆجەيرىلەرنىڭ تۆرەلمىدىن ئايرىۋىلىنغان ھۆجەيرىلەرگە ناھايتى ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالدۇق. بۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى تۆت ھۆجەيرە لېنىيىسى، ئىككىسى كونتىرول سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما iPS ھۆجەيرىلىرىنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمغان گېن رايونلىرىدا نورمال تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىدىن كۆپ پەرقلەر بايقالدى. بىز تېخى بۇ ماقالىمىزنى ئېلان قىلمىدۇق، ئەمما ھەممەيلەن بىزدىن: بۇ ھۆجەيرىلەر زادى كىلىنىكا-دەرىجىسىدىكى ھۆجەيرىلەرمۇ؟ ئۇلارنى راستىنلابىمارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟  دىگەن سۇئاللارغا ئېنىق جاۋاپ بىرىشىمىزنى كۈتمەكتە. ھازىرغىچە كۆرگەنلىرىمىزدىن بىز: «ھەئە!» دەپ جاۋاب بىرىمىز. بۇلار ھەقىقىي غول ھۆجەيرىلەر؛ ئۇلار بەئەينى نورمال تۆرەلمىدىن ئايرىپ ئېلىنغان غول ھۆجەيرىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ يادروسى بىمار تېنىدىكى ھۆجەيرىدىن كەلگەن بولغاچقا، ئىممۇنىت جەھەتتىن يەكلەش كۆرۈلمەيدۇ. بىز ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلالىدۇق؛ بىز ئىلگىرى ھەقىقىي تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىگە ئىگە ئىدۇق، ئەمما بىمارنىڭ ئۆز ھۆجەيرە يادروسى بىلەن ئەمەس. قارىماققا، بىز ئىزدەپ كەلگەن ھۆجەيرىلەرنى تاپقاندەك قىلىمىز ھەمدە بۇ تېخنىكا قىسقا مۇدەتتە كىلىنىكىلىق سىناق باسقۇچىغا كۆچسىكەن دىگەن ئۈمىدتىمىز. بىز نۆۋەتتە بۇ ئىككى خىل ھۆجەيرىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان يېڭى ماقالىمىزنى ئالدىراش تەييارلاۋاتىمىز.

خۇلاسە: ئېپىگېنتىكىلىق ۋە گېن ئىپادىلىنىش تىپىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ كلونلىغان ھۆجەيرىلىرىمىز تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇشتىن ھاسىل بولغان ھەقىقىي تۆرەلمىدىن-ئايرىۋىلىنىغان غول ھۆجەيرىلەرگە ناھايتى يىقىن.
بىز يەنە iPS ھۆجەيرىلىرىدە ناھايتى يۇقىرى نېسبەتتە گېنتىكىلىق بىنورماللىقلار بارلىقىنى ۋە بىز كلونلىغان ھۆجەيرىلەردە بىنورماللىقنىڭ ناھايتى ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردۇق.
ئەمدى بىز بۇ ھۆجەيرىلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن FDA دىن ئىجازەتنامە ئىلىش كۆپ ئاسانغا توختىسىكەن، دىگەن ئۈمىدتە. بۇ مېنىڭ تەجىرىبىخانامدا ئېلىپ بىرىلىۋاتقان ئىككىنچى تەتقىقات تۈرى بولۇپ، ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك غول ھۆجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كلون تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلگەن ئىدۇق. ئەمدى بىز بۇ نەتىجىلىرىمىزنى كىلىنىكىلىق داۋالاشتا ئىشلىتىشكە نېسىپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەپسۇسلىنارلىقى بىز ئىنسان تۇخۇمىنى ئىشلتىمىز، ئەمما شۇنىڭغا چۇشلۇق يۇقىرى سۈپەتتىكى، كىلىنىكا دەرىجىسىدىكى غول ھۆجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرىمىز.

بۇ ماقالىگە قوشۇلغان دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەسلى پوۋىرپوئىنىت ھۆججىتىنىڭ سۈرەتلىرى ئىزدىنىشتا ئىچىلمايدىغان بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا بۇ ماقالىنى باغداش تورىدا ئېلان قىلىنغان نۇسخىسىدىن كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ:
http://bbs.bagdax.cn/thread-21479-1-1.html


umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 03:38:53

biotech0990 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 00:12 static/image/common/back.gif
ئۇممۇنجاننىڭ پارىڭىغا مەن بىر پاراڭ قوشۇپ قوياي دەپ ئو ...

باشقا تىمىغا يۆتكەپ قويدۇم.بەختىڭىزگە قارشى بولۇپ قالغۇم يوق.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 09:20:31

بولسا توغرا تەبىرىنى بىلىپ قالايلى
بەت: [1] 2
: بىلگەجانغا خەت