bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 09:53:10

2. ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقاتىدىن قانداق يېڭى ئۇچۇرلار بار؟
=============================
دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ بۇ يىل 7-ئايدا «تەبىئەت» ژورنىلىدا يەنە بىر پارچە ئېسىل ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى (http://www.nature.com/nature/journal/v511/n7508/full/nature13551.html). مەن شۆھرەتكامنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىزدىنىشقا شۆھرەتكامنىڭ تەجىرىبىخانىسدا ئىككى يىل پوستدوكتورلۇقتا تۇرغان دوستۇم ئالىم پولاتنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىرگەندىن كېيىن ((bilgejan) ئىزدىنىشقا مېھمان تەكلىپ قىلدىم)، ئۇنى بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلارنى تونۇشتۇرۇشقا مەندىنمۇ بەكرەك باپ كىلىدۇ دەپ ئويلاپ، شۆھرەتكامنىڭ بۇ يىل 3-ئايدىن كېيىن چىققان نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى دوستۇم ئالىمغا قالدۇرغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالىم پولات يۇقىرىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، شۇڭا ئۇ بۇ ماقالىنى ئەڭ ئوبدان چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيتتى. ئالىم ماڭا بۇ ماقالىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، ئەمما ئۇ بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. @alimpolat بۇ ئىشنىڭ نەدىن نەگىچە كېتىپ بارغانلىقىنى ئۆزى بىر چۈشەندۈرۈپ قويسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 09:54:46

3. سىزمۇ بەلكىم ياپۇنىيەلىك دوختۇرلارنىڭ ھېلىقى كىشىنىڭ كۆزىنى داۋالىغانلىق خەۋرىنى ئاڭلىغانسىز، مۇشۇ خەۋەر راسىتمۇ ؟ بۇنىڭ تەپسىلاتى قانداق؟
=================================
ئاۋۋال بۇ خەۋەر راست. بۇ توغرىسىدا «تەبىئەت» ژورنىلى خەۋەر بەرگەن:
http://www.nature.com/news/japanese-woman-is-first-recipient-of-next-generation-stem-cells-1.15915
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مەن سەل ۋاقىت تېپىپ ئاندىن سىزگە چۈشەندۈرۈپ قوياي. تەخىر قىلىپ تۇرغايسىز. رەھمەت!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 09:58:10

sipartak يوللىغان ۋاقتى2014-11-10 22:29 static/image/common/back.gif
مەنمۇ مۇشۇ تىما باھانىسىدا بىر سۇئال سورىۋالسام:
ئەسسا ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سىپارتاك، كۆپ رەھمەت. سىزگىمۇ ھەم سالامەتلىك يار بولغاي. مەزى بېزى كېسەللىكلىرى ئۈستىدە مەن بىر ئاز ئىزدىنىپ ئاندىن سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەي. بىرەر ھەپتە تەخىر قىلىپ تۇرغايسىز. رەھمەت.

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 14:02:44

ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ بەك خۇرسەن بولدۇم !
بولسا بۇ كىسەللىك توغرىسىدا مەخسۇس بىر تىما يوللىغان بولسىڭىز....دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە پايدىسى بەك كۆپ بولاتتى. ۋاقتىڭىزنى ئىلىپ قويغۇنۇمدىن خىجىلمەن.
ئامان بولۇڭ !

feruq7 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 16:32:25

ئەرلەردىكى ھەركەت ئازلىق، بىزدىكى چېنىقىش ئېڭىنىڭ ئاجىزلىقى بۇ كىسەلگە كەڭ تاشا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 18:37:43

رەھمەت مۇنبەرداشلارنىڭ مۇنازىرىسى ۋە سوئال - جاۋاپلىرىدىن نۇرغۇن نەرسىنى بىلىۋالدىم

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 21:56:01

بىلگەجان، شۆھرەت مۇتەللىپ، پولات تۇرسۇن:
بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيا دەرىجىلىك ئۇستازىمىز بوپ قالغۇدەك.

ئىشقىلىپ بىلىمىڭلىنى ئايىماي سۆزلەپ بىرىڭلار، مىللىتىمىز سىلەردىن رازى بولغاي!

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 22:06:43

udun007 يوللىغان ۋاقتى2014-11-11 21:56 static/image/common/back.gif
بىلگەجان، شۆھرەت مۇتەللىپ، پولات تۇرسۇن:
بىز ئۇيغۇر م ...

پولاتتۇرسۇننىدىگەندىكىن ئابدۇللا ئابدۇرىھىمنىمۇ ،مۆمىنجاننىمۇ،ئابلا ئايۇپنىمۇقوشۇۋەتمەيكۆڭلىگەكەممەمدا

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 22:43:49

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
بىلگەجان ئاكا سىزگە كۆپ رەخمەت، شۇنچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ئالدىراشچىلىقنىڭ ئىچدىن ۋاقىت چىقىرىپ ، خېتىمگە ناھايتى ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بېرىپسىز،ئەتىگەن ياقى ئالدىراشچىلىقتا جاۋابىڭىزنى كۆرشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالماي، جاۋابىڭىزنى ئەمدى ئۇقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن ، شۇنداق ئويلاپ قالدىم سىلىدەك ئالىملارنىڭ ۋاقتى ناھايتى بىركەتلىك ئوخشايدۇ ، ئەركىن سىدىقكاممۇ ھەرھەپتىدە كام قىلماي بىردىن يازما يوللايدۇ ،مەن بولسام دەرىسىممۇ ياكى تەجىربىلىرىممۇ ھىچقانچە جېق ئەمەس، پەقەتلا ۋاقتىمنى يەتكۈزەلمەيمەن ، جاۋابىڭىز تەمىنلىگەن ئۇلىنىشلىرىڭىزنى تۇلۇق ئۇقۇپ بۇلالمىغان بولساممۇ، قايتۇرغان جاۋابىڭىزغا بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسىدە سىزگە بىر ئاددى بولسىمۇ رەخمىتىمنى بىلدۈرۋېتەي دەپ بۇقۇرلارنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن
جاۋابلىرىڭىزنى تۇلۇق ئۇقۇپ بولالمىدىم ،بەلكىم جاۋابلىرىڭىزنى تۇلۇق ئۇقۇش جەريانىدا بەلكىم يەنە مەن چۈشەنمىگەن نوقتىلار بۇلۇشى مۇمكىن ،شۇڭا مەن ئالدى بىلەن جاۋابىڭىزنى ۋە تەمىنلىگەن ئۇلىنىشلىرىڭىـنى ئالدىرىماي بىر تەپسىلىي ئۇقۇپ چىقىپ يەنە چۈشەنمىگەنلىرىم بولسا سىزبولغاندىكىن سورىۋالامەن. سىــزگە كۆپ رەخمــــــــەت

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 22:51:41

پولات تۇرسۇن ئەمەس،تاشپولات روزى ئاكا دەڭلا ئۇدۇنجان مانداق

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 10:47:31

turken يوللىغان ۋاقتى2014-11-12 00:06 static/image/common/back.gif
پولاتتۇرسۇننىدىگەندىكىن ئابدۇللا ئابدۇرىھىمنىمۇ...

خاتا بوپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟

بەك كۆڭلىگە ئىلىۋالماڭلا بولدى. بىلگىجاننىڭ دوستىنى دىمەكچى ئىدىم.كەچتە كاللام قىيىپ كەتكەن چىغى.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 10:48:21

iltersh يوللىغان ۋاقتى2014-11-12 00:51 static/image/common/back.gif
پولات تۇرسۇن ئەمەس،تاشپولات روزى ئاكا دەڭلا ئۇدۇنجان...

توغرىسىنى ماۋۇ ئاغىنە دەپ بەردى.

رەھمەت دوستوم.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 19:07:37

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-11-11 02:34 static/image/common/back.gif
1. ياپۇنىيەلىك ئالىملارنىڭ ئېرىشكەن iPS ھۈجەيرىلىرى بىل ...

سىز ئىشلەۋاتقان ئامرىكىدىكى تەجرىبىخانىنىڭ تولۇق ئاتىلىشىنى نىمە دەيمىز؟

مەسىلەن: سىزنىڭ ئىنىق خىزمەت قىلىدىغان تۇرۇشلۇقئادرىسىڭىز ؟

ئۇيغۇرچە ، ئىنگىلىزچە ئۆلچەملىك يىزىلىشىنى بىلسەك بولامدۇ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 20:35:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-12 23:02

udun007 يوللىغان ۋاقتى2014-11-12 19:07 static/image/common/back.gif
سىز ئىشلەۋاتقان ئامرىكىدىكى تەجرىبىخانىنىڭ تولۇق ئا ...

ئەلۋەتتە بولىدۇ.
ئورگان نامى:
تېكساس بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى: Texas Biomedical Research Institute

ماۋۇ يەردىن ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ تور ئادېرىسىنى كۆرۈڭ:
http://www.txbiomed.org/

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 23:24:58

سىزگە يەنە بىر قېتىم رەخمەت بىلگەجان ئاكا
《دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللەپنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتى 》دېگەن ئۇلىنىشىڭىزنى چىكىپ كىرىپ ئالدىرىماي ئۈچ قېتىم ئۇقۇپ چىقتىم ، ھەقىقەتەن ناھايتى چۈشىنىشلىك ۋە راۋان تەرجىمە بۇلۇپتۇچۈشەنمەي دېسەممۇ ئامالىم يوقكەن ، بۇلۇپمۇ دوكلات تەرجىمىسىنىڭ كەينىگە ئىنكاس شەكىلدە يوللىغان يەشمىڭىـزنى ئۇقۇغاندىن كېيىن سورىغان سۇئالىمنىڭ جاۋابى تېخىمۇ ئايدىڭ بۇلۇپ كەتتى ، يەنە تېخى تەمىنلىگەن ئۇلىنىشىڭىز ئىچىدىكى تورداشلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرى ۋە سىزنىڭ بەرگەن جاۋابلىرىڭىزنىمۇ چالا قويماي ئۇقۇپ چىقىپ ، سەۋىيەم خېلى ئۈسۈپ قالغاندەك ھېس قىلدىم، ۋە نۇرغۇنلىغان دەرىسخانا ۋە كىتابلاردىن ئالالمايدىغان بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇپ قالدىم، رەخمەت سىزگە
ئۇنداق بولسا كېيىكى سۇئالنىڭ جاۋابىنى كۈتىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىرىڭىـغا ئۇتۇق ، تېبىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 23:53:28

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 07:25:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-18 07:28

adl228 يوللىغان ۋاقتى2014-11-15 23:24 static/image/common/back.gif
سىزگە يەنە بىر قېتىم رەخمەت بىلگەجان ئاكا
《دوكتۇر شۆھر ...

ئۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئوبدان چۈشىنەلىگىنىڭىز ۋە نەپ ئالالىغىنىڭىزنى ئاڭلاپ خۇرسەن بولدۇم ئېنىم. سىز سورىغان ئىككى سوئالغا جاۋاب بېرىپ بولغان ئىدىم. ئۈچىنچىسىگە كېيىنچە تەپسىلىيرەك جاۋاب بېرەي دېگەچكە ھازىر شۇ مەسىلە ئۈستىدە ئازراق توختىلىپ بېرەي.

ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ بۇ يىل سىنتەبىردە بىر بىمارغا iPS (ئىندۇكسىيەلەنگەن غول) ھۈجەيرىلىرىدىن يېتىشتۈرۈلگەن كۆز تور پەردىسى ھۈجەيرىلىرىنى كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلىپ مۇۋاپىققىيەت قازانغانلىقى راست بولۇپ، بۇ توغرۇلۇق خەۋەر تەبىئەت ژورنىلىغا بېسىلغان:
http://www.nature.com/news/japanese-woman-is-first-recipient-of-next-generation-stem-cells-1.15915

بۇنىڭ تەپسىلاتىغا كەلسەك، بۇ ئوپراتسىيە ياپونىيەنىڭ كوبى شەھرىدىكى بىر دوختورخانىدا ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ھۈجەيرىلەرنى يېتىشتۈرگەن باش ئالىم ياپونىيەنىڭ داڭلىق غول ھۈجەيرە تەتقىقات ئورنى بولغان RIKEN دە ئىشلەۋاتقان تاكاخاشى بولۇپ، ئۇ ئايال ئالىم تۇنجى بولۇپ iPS نى ياپونىيەدە بىمار تېنىغا كۆچۈرۈپ بۇ خىل ھۈجەيرىلەرنىڭ كىلىنىكىدا ئىشلىتىش پوتىنسىئالىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى بۇ يىل يازدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان ياپون ئالىمى ساساي (ئىلىمىي ساختىلىق ۋە ياپون ئالىمىنىڭ ئۆلۈمى) ئاۋانگارتلىق بىلەن تېپىپ چىققان iPS نى كۆز پەردىسى ھۈجەيرىلىرىگە ئىندۇكسىيەلەش تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، تاكاھاشى سۆزىدە مەرھۇم ياپون ئالىمى ساساي ۋە iPS ھۈجەيرىلىرىنى تۇنجى بايقىغان (شۇ تۈپەيلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) ياپون ئالىمى ياماناكالارغا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرگەن. ئىلگىرى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ iPS نى كىلىنىكىدا ئىشلەتكىلى بولۇش-بولماسلىقىغا بولغان گۇمانىنى يوق قىلغان.
ئەمدى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ بايقىغان NT-ESC بىلەن iPS ھۈجەيرىلىرىنى سېلىشتۇرغاندا، iPS نى ھاسىل قىلىش نىسبەتەن ئىنتايىن ئاسان بولۇپ، كۆپ چىقىم، ۋاقىت تىجەپ قالغىلى بولىدۇ ۋە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئازايتقىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، نۆۋەتتە iPS ھۈجەيرىلىرى خەلقىئارادا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئالىملارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە. يۇقىرىدىكى بۆسۈش خاراكتىرلىك مۇۋاپىققىيەت iPS ھۈجەيرىلىرىنىڭ كىلىنىكىدا ئەمەلىي ئىشلىتىلىش ئىستىقبالىغا ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ بىر بالداق ئۆستۈرىدۇ. شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ھازىر غول ھۈجەيرە ساھەسىدىكىلەر NT-ESC غول ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئىستىقبالىنى دەڭسىمەكتە. مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا گېپىنى قىلغان مۇتەللىپ تەجىرىبخانىسى تەبىئەت ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىدا گەرچەNT-ESC (يادروسى كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرى) نىڭ گېنتىكىلىق ۋە ئېپىگېنتىكىلىق جەھەتلەردە iPS تىن كۆپ ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ (http://www.nature.com/nature/journal/v511/n7508/full/nature13551.html)، ئەمما ئۆتكەن ھەپتە يەنە بىر نوپۇزلۇق ژورنال «ھۈجەيرە غول ھۈجەيرە» دە ئېلان قىلىنغان يەنە بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە iPS نىڭ يادروسى كۆچۈرۈلگەن ھۈجەيرىلەر بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپ (http://www.cell.com/cell-stem-cell/abstract/S1934-5909%2814%2900453-6) بۇ نەتىجە مۇتەللىپ تەجىرىبخانىسىنىڭ نەتىجىسىگە زىت. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى، دوكتور مۇتەللىپمۇ بۇ يېڭى ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇنىڭ قانداق قىلىپ ئوخشىمىغان ئىككى خىل نەتىجە بىلەن يەكۈنلەنگەن ماقالىگە ئاپتورلۇق قىلغانلىقى كىشىنى تولىمۇ قايمۇقتۇرىدۇ. بۇ ھەقتە مەن بىر-ئىككى ئاي ئىچىدە پۇرسەت بولغاندا دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۆزلىشىپ بېقىشىم مۇمكىن. ئەمىسە بۇ سوئاللىرىڭىزغا بەرگەن جاۋابىم مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. كېيىن يەنە سوئاللىرىڭىز بولسا سورىسىڭىز قارشى ئالىمەن.

ئېنىم، سىزدىن سوراپ باقاي، سىز ئېنگىلىزتىلىنى قانچىلىك سەۋىيەدە ئۆگىنىپ بولدىڭىز؟ ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇپ ئازراق چۈشىنەلەمسىز؟

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 18:05:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adl228 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-18 18:25

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
سۇئاللىرىمغا ناھايتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەتراپلىق جاۋاب بەرگەنلىكىڭىزدىن تۇلىمۇ خۇش ھال بولدۇم ، سىزگە كۆپ رەخمەت.
ئۆزۈمنىڭ ئېنگىلىزچە سەۋىيەمگە كەلسەم دېگەندەك ياخشى ئەمەس، يەنى چەت ئەللىكلەر بىلەن نورمال ئالاقە قىلىشتىمۇ ئازراق قىيلىنىمەن. ئاددى ئاددى ھېكايىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلىسەممۇ ، چوڭ ھەجىمدىكى رومان دېگەندەك كىتابلارنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمەيمەن.ئەمما كەسپى كىتابلارنى ئۇقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارىمئىجىتمائي پەن ئەسەر(پوۋسىت ،ھېكايە، رومان)لىرىنى ئۇقۇپ چۈشىنىشكە قارىغاندا سەل ياخشى ، ئادەتتە كەسىپكە ئائىت ئىنگىلىزچە كىتابلارنى ئازتولا كۆرىمەن ، ياكى خەنزۇچە ئىنگىلىزچە سېلىشتۇرما نەشىردىكىلىرىنىمۇ ئوقۇيمەن . ئىلىمىي ماقالىلەرنى كۆپىنچە خەنزۇچە كۆرىمەن . ئېنگىلىزچەم ناچار دېسەممۇ بولىدۇ . مەم كۈن بويى دېگۈدەك خەنزۇچە ماتىرياللار بىلەنلا ھەپىلىشمەن، ئىنگىلىزچىنىي ياخشى ئۆگۈنەي ، ئىنگىلىزچە كىتابلارنى كۆپرەك كۆرەي دەيمەنۇ ، سۈرئىتىم ئاستا ۋەياكىچۈشىنىشىم تۇلۇق بولماي ، يەنە خەنزۇچىنىڭ ئىچىگە كىرۋالىمەن ، كىتاب-ماتېرياللارنى خەنزۇچە كۆرسەم بىر قەدەر تېـز ۋە تۇلۇق چۈشىنەلەيدىغاندەك(خەنزۇچەممۇ بەك ياخشىمۇ ئەمەس، مەنمۇ سىزدەكلا تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىچە ئۇيغۇرتىلىدا ئوقۇغان) ، ئىنگىلىزتىلىدا كۆرسەم سۈرئىتىمنىڭ ئاستىلىقى تۈپەيلىمۇ بىرخىل ۋاقتىم ئىسراپ بۇلۇپ كېتىۋاتقدەك ھېس قىلدىكەنمەن . ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىقىپ قالغاندائىنگىلىزتىلى سەۋىيەمنىڭ بۇ ھالىتىنىخېلى ناچار دېسەممۇ ئارتۇقچىلىق قىلمىسا كېرەك .
بەت: 1 [2]
: بىلگەجانغا خەت