ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 19:16:06

« ئالما ئۇسسۇلى» مودا بولدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 21:21  

« ئالما ئۇسسۇلى»نى ھەممە يەردە ئۆگۈنۈش- ئۆگۈتۈش قىزىپ كەتتتى، تېخىمۇ قىززىغىنى « ئالما ئۇسسۇلى» نىڭ يۇرت- يۇرت نۇسخىلىرى بولسا كېرەك.
مانا ماۋۇسى پوسكامچە نۇسخىسىكەن

http://v.youku.com/v_show/id_XNzgzMzk0MDYw.html
ماۋۇسى قاغىلىقنىڭكەن
http://v.youku.com/v_show/id_XNzg1MDkzODUy.html

[ئۇنىڭدىن قىززىقى ماۋۇ رەسىمدىكى خەتكەن دەپ قارىدىم

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 20:47:58

نەشپۈت ،  ياڭاق كاۋا ، چىلان  ...ئۇسۇللىرى چىقىپ كەتسە ....  ۋا ۋاھ
   ئەمما لېكىن  ھېچنىمە چىقماپتۇ

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 20:53:30

شۇنچىلىك تېتىقسىزلىق تۇيۇلدىغۇ ماڭا،باللا وينىسىغۇ بوپتۇ  دەيلى،ىۋۇ چوڭلارغانىم بوغاندۇ ،لىكىلداپ ۇ يە بۇ يەلىرىنى چايقىشىپ......

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:17:18

【视频:kiqik alma】http://v.youku.com/v_show/id_XODE5MDAzNTAw.html?x&sharefrom=android(来自于优酷安卓客户端)

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:18:59

ۋاي-ۋاي، مۇشۇ ناخشا قۇلۇقىمغا مۇشىت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان بولۇپ كەتتى. نەگە قارىسا شۇ.:@

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:23:35

توڭلىمايدىغانمىدۇ بۇ سوغۇقتا

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:26:13

توۋا دەيمەن مۇشۇ ئۇسۇل دىگەن نەرسىگە ، چۆگۈلۈپ ، ئۇيەر بۇيەرلىرىنى تاسقاپ ، ساراڭدەك نىنولاپ  يۈرۈپ قانداق ھۇزۇر -ھالاۋەت تاپا  ماۋۇ موندەك چۇ تېخى

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:31:59

دۇنيادىكى ئەڭ ئەخلەت قاتارىغىمۇ سانىلمايدىغان بىر ناخشا.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:33:51

ماۋۇ نەرسىدىن زىرىكىپ ئاران تۇرسام ئىزدىنىشقا يوللاندى مانا:@
توۋا دېمىسە بىكار جۇما

abdullak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:39:31

سەنئەتكە قىلىنغان ئەڭ چوڭقۇر ، ئەڭ ئەشەددىي ھاقارەت دېسەم ئارتۇق كەتمەس ھە !

ali120 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:51:57

بۇنىمۇ ئۇسۇل دەپ يۈرۈپتۇ مۇشۇمۇ ئۇسۇلمۇ بۇسۇلدىن بىزنىڭ ساما ئۇسۇلى مىڭ ياخشى

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:53:46

مۇشۇ مۇنبەرگە  خەنزچە بىلمەيدىغان، 50 ياشتىن ئاشقان، چاپىنىنىڭ ئالدىغا لىققىدە ئىزنەكلەرنى تاقىۋالغان بىر ئۇيغۇر «چىڭ ئەيدې ماۋجۇشى، ۋومېن شىنجۇڭدې خۇڭ تەىيياڭ» دەپ ناخشا ئېيتىپ بېرىدىغان بىر سىننى يوللىغاندەك قىلغان. باش تىمىدىكى ئۇسۇل ئوينىغانلارنى كۆرۈپ ، شۇ كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئۇ سىننى تاپالمىدىم.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:56:19

سىلەر ئۇنداق دېگەن بىلەن ئوينىسا پۇل بېرىدىغان ئوخشايدۇ. قايسى كۈنى پەيزاۋاتنىڭ بىر قانىلىدا يېڭىمەھەللە يېزىسىنىڭ كىچىك ئالمام ئۇسسۇل مۇسابىقىسى دېگىلى تۇرۇپتىكەن. نېمە كارامەتتۇ دەپ قاراپ تۇرسام دادۈي_دادۈي بويىچە ھەر ئاقساقال بوۋاي_مومايلار ئۆزلەشتۈرۈلگەن قوشتىللىق ناخشىغا سەكرەپ كېتىپ بارمامدا، بەزى دادۈينىڭ ئەزالىرى مەيدە يانچۇقىغا لىق كەلتۈرۈپ بايراق، قوللىرىغا پال_پال سېلىۋاپتۇ. ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىنىپ، 5000، 3000، 1000، 500 سوم پۇل بىلەن دادۈيجاڭلارنى تارتۇقلىدى. دادۈيجاڭلار يالاق بوپكەتتى...

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:00:52

abdullak يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 21:39:31 static/image/common/back.gif
سەنئەتكە قىلىنغان ئەڭ چوڭقۇر ، ئەڭ ئەشەددىي ھاقارەت دې
ئۆزۈمنىڭ 21_ئەسىردە ياشاۋاتقانلىقىمدىن گۇمانلىنىپ قالىمەن. بۇرۇنقى مەينەت ئىنقىلابىدىمۇ ئوپچە ئۇسسۇل مودا بولاپتىكەن.

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:16:24

  
           ھىندى فىلىملىرى كۆز ئالدىمغا كىلىۋاتىدۇ،  :lol
     
            

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:21:09

ئالما بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتى باردۇ،مەن قەتئى بىلەلمىدىم،دۆت ئوخشايمەن

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:29:24

ئالما ئۇسۇلى دېسە جوبىسنىڭ ئالمىسىمىكىن دەپتىمەن.  
مەقسەت - قان قېرىنداشتەك مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىش بولسا كېرەك.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:33:15

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 22:21:09 static/image/common/back.gif
ئالما بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتى باردۇ،مەن قەتئى بى
:lol

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:38:16

مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرۇۋاتقىنى راست.
بىزنىڭ بىر خانىم ئۆگۈتۈۋاتىدۇ دەڭلا. ئۇنىڭغا قاراپ ئۆگۈنىۋاتىمىز. 40 ياشتىن تۆۋەنلەر ھەرھالدا ئاسان ئۆگۈنىۋالغاندەك قىلىدۇ. ئۇسسۇلغا ئىپىم يوق بولغاچقا ئاشۇ خانىمنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ ئۆگۈنىشكە پەقەتلا رايىم بارمىدى. سەۋەبى: ئۇ خانىمغا قاراپ ئۆگەنسەم قايماقتەك ئۆگۈنۈپ تاشلىغۇدەكمەن. ;P
بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى (ئەر) غۇ  ئۆزىمىزنىڭ ئۇسسۇلىغا ماسلاشتۇرۇپ شۇنداق چىرايلىق ئوينىغانتى، شۇنىڭدىن ئۆگىنەي دېسەم ئۇ كېيىن ئۈلگە قىلىپ بەرمىدى.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 22:51:17

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 22:21 static/image/common/back.gif
ئالما بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتى باردۇ،مەن قەتئى بى ...

ئىنكاسىڭلىنى كۆرۈپ ئۈمۈتسىزلىنىپ كەتتىم
;P
بەت: [1] 2 3 4 5
: « ئالما ئۇسسۇلى» مودا بولدى