halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 00:14:06

  بۇ كىچىك ئالما ئۇسۇلىنى ئاددى بىر ئۇسسۇل دەپ قالمايلى . بۇ ئۇسسۇل ھازېر بىر سىياسى ۋەزىپە ،  ئاساسى قاتلامدىكىلەر كىچىك ئالما ئۇسۇلىنى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا تۇتۇپ، بار كۈچى ياخشى ئىشلەشكە تىرشىۋاتىدۇ،  چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۇسسۇل ئوينىغانلارنى بىر نېمە دېمەيلى،  ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ ئۇسسۇلنى ئويناشقا خۇشتار ئەمەس، ھەممىسىنىڭ ئىشى بار ئادەملەر ، لېكىن جوڭگۇدا ياشىغان ئىكەنمىز پارتىيە- ھۆكۈمەت تاپشۇرغان ۋەزىپىنى باش كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئورۇندىماي بولمايدۇدە ، شۇڭا  ئويناۋاتىدۇ .  
  يېزىمىزنىڭ كىچىك ئالما ئۇسسۇلىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش يىغىنىدا  يېزا باشلىقى مۇھىم سۆز قىلىپ :  ئىددىيەگە ئىددىيە بىلەن، مەدەنىيەتكە  مەدەنىيەت بىلەن تاقابىل تۇرىمىز دېدى .

شۇ سەۋەب تورداشلار  بۇ كىچىك ئالما ئۇسسۇلى توغرىسىدا قالايمىقان پىكىر قىلماي ، ئوينىغىڭلار بارلار ئويناڭلار ، بولمىسا ئوينىغانلارغا قالايمىقان باھا بەرمەي ، مەركەز بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقا دىققەت قىلىڭلار .

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 02:38:23

توردىكى تېمىغا ئالاھىدە ئىزدىنىپ تەپەككۇر بىلەن ئىنكاس يېزىلغايلەر.

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 05:47:37

سەنئەتكە قىلىنغان ئەڭ چوڭقۇر ، ئەڭ ئەشەددىي ھاقارەت دېسەم ئارتۇق كەتمەس ھە !
ئىنسانلىققا قىلىنغان ھاقارەتكەن بۇ  .  

oguzhan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 07:11:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oguzhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 07:26  

  ئاشۇ كەنىت باشلىقى ،يېزا باشلىقى دىگەنلەرنىڭ تاپقان ئىشى بۇ ،قانداق قىلسام يۇقىرغا ياخشى كۆرنۈپ  ،خىزمەت كۆرستىۋالامەنكىن دەپ ،شىمال تەرەپتىغۇ يوق بۇنداق ئىشلار ،ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىكى جەنۇبى شىنجاڭ ساياھىتىدە ئادەمنىڭ ئىچى سېيرىلىدىغان بۇنداق مەنزېرلەرنى جىق كۆرگەنىدىم،ئۆزىنىڭ دادىسىدەك ئانىسىدەك ئادەملەرنى ئەپچىقىپ ئۇسۇلغا سېلىپ ……

tuyghu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 07:25:16

ئاچچىق  كۈلگەن چىراي  شەكلى

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 07:26:49

:@:L:shutup:

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 08:31:01

halis123    ئەپەندى دۇرۇس ئېتتى. شۇڭا ئەمدى ئىنكاس ئارتۇقچە.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 09:16:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 09:20  

5000 يىللىق پارلاق مەدەنىيەتنىڭ يالدامىسى بولغان سەينا ئۇسسۇلى جۇڭگو جۇۋانلىرىنىڭ پەخىرلىك ئىجادىيىتى، بولسا بۇنى بىدتىدا مەنىۋىي مەدەنىيەت مىراسىي قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش كىرەك، جۇڭگونىڭ يۇمشاق كۈچى قاتارىدا بوشاشماي سىرتقا ئېكىسپورت قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەتنىڭ نەمۇنىلىك ئەندىزىسىنى دۇنياغا نامايەن قىلىشىمىز كېرەك __________ جاۋ بېنشەن     :lol

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 09:57:07

كومپىيوتېرغا ئېنتېر كونۇپكىسى كۇپايە...

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 10:46:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 10:59  

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 10:03 static/image/common/back.gif
كىچىك ئالما بىلەن قارشى تۇرغۇچە ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە  ...

كىچىك ئالما بىلەن قارشى تۇرغۇچە ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە
پۇتبولغا ئوخشاش ،تەنھەركەت بىلەن قارشى تۇرساقمۇ بولاتتىغۇ
--------
سىز ئۇنداق دىگىنىڭىز بىلەن، پۇتبول ئۇيغۇرنى دىندىن يىراقلاشتۇرۇشقا ھەسسە قۇشالمايدۇ. بۇتبولغا ھارامنى ئارىلاشتۇرماق مۈشكۈل.  يەنە كېلىپ پۇتبولنى چوڭ-كىچىك قېرى ياش ، ئەر-ئايالنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ تەپتۈرگىلى بولمايدۇ.  كىچىك ئالما ئۇسۇلى بولسا ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، كىشىلەرنى ئىسلام دىنىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ھەسسىسى چوڭ. .  

人们究竟是怎样被《小苹果》“洗脑”的?心理学家认为是“耳朵虫”。“耳朵虫”(Earworm)这个词是从德语单词Ohrwurm直译过来的,指歌曲或其他音乐作品的某个片断不由自主地反复在某人脑子里出现的情况。“耳朵虫”并不是虫,而是一种纯粹地来源于大脑的神经活动,一旦被激活,便会引发“认知搔痒”:某些音乐片段能激发脑部的不正常反应,这些不正常的反应就像皮肤上的瘙痒,让脑子不断地注意这些音乐,结果只能是越痒越挠、越挠越痒,让人忍不住回想这萦绕在心头的旋律

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 11:17:01

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 10:20 static/image/common/back.gif
ھەراس بۈگۈن سەل بىكار ھىكايە ئىيتىپ بىرەي سىلەرگە
ئاڭل ...

ماۋۇ ھېكايە قىزىقكەن

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 11:20:48

راست گەپ قىسام، ۋاي نىمدا قىززىق بۇ. خېلى قاملىشىپتۇغۇ.

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 11:29:04

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 12:24:48

مىنىڭ ئىنكاسىم يوقاپ كىتىپتقغۇ ئىسىت،ئەجرىم بۇنداق ئاۋارە بولۇپ تېلفۇندا خەت بىسىپ
يۈرگىچە چىقىپ توپۇمنى تەپسەمچۇ

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 12:29:39

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 00:05 static/image/common/back.gif
بۇ ئۇسۇل پائالىيىتىنى ئۇيغۇرلار ئارسىدا كەڭ قانات ياي ...

دەپ بەرگەنىڭ نىم پايدىسى؟ بىر ئىغىز گەپكە 10 يىللىق قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلىنسا ئاقىۋىتىگە كىم ئىگە؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 12:32:37

توپ  تېپەلمەي قالماسلىق ئۈچۈن ئۆچۈرۈپ قويدۇم،ماڭا لازىم ئەمەستى بولمىسا.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 12:37:20

خۇداغا شۈكرى..:)

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 12:42:44

كىچىك ئالما ئۇسۇلى   يوپۇرغا نۇسخىسى   

http://v.youku.com/v_show/id_XODA5OTk0MDU2.html?firsttime=90

كىچىك ئالما ئۇسۇلى  پەيزىۋات نۇسخىسى  

http://v.youku.com/v_show/id_XODE2MjIyNDUy.html?firsttime=52

  يۇقۇردىكى ئىككى خىل نۇسخىدىكى كىچىك ئالما ئۇسۇلىنى كۆرسەڭلا بىلەلەيسىلەر، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى مۇزىكا ۋاستىسىدىن پايدىنلىپ تەشۋىق قىلىش، كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ خۇشاللىقنى ئىپادىلەش  شۇڭا ئارتۇق ئويلاش ياكى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق .   

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 12:49:08

بىزنىڭ ئەلنىڭ يىگىتلەرى، يىگىتلەرنىڭ تۆرىسى

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 12:49:57

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-11-11 12:32 static/image/common/back.gif
توپ  تېپەلمەي قالماسلىق ئۈچۈن ئۆچۈرۈپ قويدۇم،ماڭا لاز ...

مەيلى ئەمىسە ، زادىغۇ ساراڭدەك ياشىغانغا يەتمەيدۇ
ياشاش ئۈچۈن ياشايدىغان بولغاندكىن
… نۇرغۇنلىغان گەپلەر قىسقارتىلدى ،ئىچىم بوشاپ قالدى
ھەجەپ ياخشى چىچىۋەتتىم;P
سالامەت بولسىلا تادۇبەگ ،مۇشۇ قۇردىكى گەپ سۆزلەرنىلا سىلىگە دىدىم باشقىسى كەيپىيات تەڭشەش سۆزى
بەت: 1 [2] 3 4 5
: « ئالما ئۇسسۇلى» مودا بولدى