ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 23:53:36

ھىلارى دىموگراتلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى بولىشى مۈمكىن

ھىلارى دىموگراتلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى بولىشى مۈمكىن
http://www.CRNTT.com   2014-11-07 11:42:52



ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا دىموگراتلار پارتىيىسى مەغلۇپ بولدى، ئوبامانىڭ ئابرويى تۆكۈلدى، سابىق دۆلەت كاتىۋى ھىلارى كېلىنتون ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دىموگراتلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى بولىشى مۈمكىن. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسدىن يېڭى جېرسىي شىتاتىنىڭ باشلىقى كرىستې پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ سايلامغا ھەمدەم بولدى، ئىئانە توپلاشتا تۆھپە ياراتتى ۋە يىل بېشىدىكى "كۆۋرۈك" مۈشكىلاتىدىن قۇتۇلۇپ، ۋەزىيەتنى ئوڭشىۋالدى.
"جۇڭگو ۋاقتى"نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەيشەنبە كەچ بىلەت نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى غەلىبە قىلدى. ئىككىنجى كۈنى ئەتىگەن مەملىكەتلىك بەش تېلىۋىزىيە قانىلى كرىستېنى زىيارەت قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ تۆھپىكارى ئىدى. ئامېرىكا بويىچە 36 شىتاتتا شىتات باشلىقى سايلىمى ئۆتكۈزىلدى، "جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى شىتات باشلىقلىرى كېڭىشى"نىڭ ئۇشبۇ رەئىسى ھەممىسىگە دىگۈدەك قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلىنويىس ۋە فلورىداغا 8 قېتىم قاترىدى، بۇ ئىككى شىتاتتا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى غەلىبە قىلدى.
مارىلەند دىموگراتلارنىڭ ماكانى بولۇپ، ئالدىنقى شىتات باشلىقى سايلىمىدا 15% ئاۋازغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى غەلىبە قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مىچىگان، ماساچۇسېتىسلار جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ "مۈشكىل" رايونى بولۇپ، بۇ قېتىم كرىستېنىڭ تېرىشچانلىقى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى يەڭدى. ئەڭ تەس دەپ قارالغان كولورادودىمۇ كرىستې ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە ۋاز كەچمىدى، نەتىجىدە ئاران 2% ئۇتتاردى.
ھېلارىمۇ ھەريان قاترىغان بولسىمۇ، ۋەزىيەت دىموگراتلار پارتىيىسىگە پايدىسىز بولدى. ئۇ ئاساسلىقى 26 كىشى ئۈچۈن سايلامغا ھەمدەم بولدى. 12دە ئۇتتى، 13دە مەغلۇپ بولدى، 1 ئورۇندا ھېچكىم يېرىمدىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، 2- نۆۋەتلىك ئاۋازغا قالدۇرۇلدى.
بۇ قېتىمقى سايلام ئوبامانىڭ ھاكىمىيىتىگە ئاۋاز بېرىش بولۇپ، دىموگراتلار پارتىيىسىگە ئەمەس، ھىلارىنىڭ ئېناۋىتىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە، خەلق ئوباماغا ياق دىگەن ئىكەن، ھىلارىمۇ ئوبامادىن ئايرىلىپ، ئۆز يولىنى تاپقىنى تۈزۈك.
ۋاشىڭتون پوچتىسى "جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ غەلبىسى ئەمەلىيەتتە ھىلارىنىڭ ياردىمىدىن بولدى" تىمىلىق ئوبزور ئېلان قىلدى.  سەۋەبى، ئوباما كاردىن چىقسا، ھىلارى دىموگراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكالەتچىسى بولىدۇ ھەمدە بۇ ئۇنىڭ قەيسەر ئوبرازىنى تىكلىشىگە پايدىلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەمۇرى ۋەزىپىسى بولمىغاچ تېخىمۇ ئەركىن ھەركەت قىلالايدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 07:29:34

سايلامدا مەغلۇب بولسا يۈزى تۆلۈكۈپ كېتەمدا؟

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 08:20:01

بۇ ئايالنىڭ ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىمالى چوڭراقمىش.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 08:46:16

ئىئانە توپلاش دىگىنى نىمىسى ؟  ئەلباش نامزاتلىرىغا پۇل ئىئانە قىلامدۇ ؟
   ئەلباش بولۇش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا پۇل بولۇش كىرەكمۇ ؟ بۇ پۇلنى نىمىگە ئىشلىتىدۇ ؟
  ئامرىكىنىڭ سايلام ئىشلىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار بوپتىكەن

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 09:19:35

تەرجىمان كەچلىك گېزىتتىن ئوخشىمامدۇ

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 09:40:45

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 07:29 static/image/common/back.gif
سايلامدا مەغلۇب بولسا يۈزى تۆلۈكۈپ كېتەمدا؟

بۇنى مانداق چۈشەنسەك بولىدۇ:
ئەسلى مەمىتاخۇننىڭ پارتىيىسى ھۆكۈمەت باشقۇراتتى، پارلامېنتتا ئىگەللىگەن ئادەم سانىمۇ كۆپ ئىدى،
ھەر ئىككى يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان( پرېزىدېنت سايلىمى بىلەن تەڭ  ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامنى چوڭ سايلام، ئارىلىقتىكى بۇ سايلامنى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام دەپ قويىدۇ) پارلامېنت سايلىمىدا، ئەسلى ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەمىتاخۇن پارتىيىسى مەغلۇپ بولۇپ قالدى ، سەمىتاخۇننىڭ پارتىيسى ئۇتۇپ چىقتى ، شۇڭا يۈزى چۈشۈپ كەتكىنى ئېنىق .
بەزىلەر  ئامېرىكا ھازىر يول قويۇۋاتقان ئوبامائىزىم دەپ ئاتىۋالغان بۇ سىياسەتنى « پوق ماتىلىغۇچىزىم» سىياسىتى دەپ ئاتايدىكەن . :lol
سۈرىيە، ئۇكرائىيىنىيە ، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقى دېڭزى رايۇنىدىكى پۇت تېپىشىشلار ،،،، بۇلارنىڭ پوق ماتىلىغۇچىسى دەل ئامېرىكا . :P

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 09:54:14

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 08:46 static/image/common/back.gif
ئىئانە توپلاش دىگىنى نىمىسى ؟  ئەلباش نامزاتلىرىغا پۇل ...

توپلىغان ئىئانە سايلام خىراجىتىگە سەرپ قىلىنىدىكەن.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 10:19:35

سايلام خىراجىتىنىڭ ئاسلىق قىسمىمۇ ئېلان-تەشۋىقاتىغا ئىشتىلدىغۇ دەيمەن.

Holmes يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 10:45:04

تولۇق ئ‍وتۇردا ئ‍وقۇۋاتقان ۋاختىمدا تارىخ دەرىسىدە ئ‍امىرىكېنىڭ جۇمھۇريەت تۈزۈمى دىگەن مەزمۇننى سۆزلەۋاتقاندا بىر ئ‍وقۇغۇچى مۇئ‍ەللىمدىن ئ‍امىرىكېدا زۇڭتوڭ بولۇش ئ‍ۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش زۆرۈرلىكىنى سورىغاندا مۇئ‍ەللىم؛ ئ‍امىرىكېدا  زۇڭتوڭ بولۇش ئ‍ۈچۈن نەچچە مىليون دوللار پۇلى بولۇشى كىرەك، پۇلى يوقلار سايلىناممايدۇ. قىسقىسى ئامىرىكېدا ھوقۇقنى پۇلغا سىتىۋالىدۇ دەپ جاۋاب بەگەنتى.
ئ‍اغىزىمنى ئ‍ىچىپ قاراپلا قاپتىكەنمە.

Holmes يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 10:45:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Holmes تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-8 10:51  

ئ‍ەكىس سادا

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 11:01:29

سايلام جەريانى خۇددى كىشىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان چولپاننى كۆرۈش ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭ سوم پۇلغا بىلەت ئېلىپ ئويۇن كۆرگەنگە ئوخشايدۇ.چولپان ئۆز پۇلىنى خەجلەپ چولپان بولاي دەپمۇ بولالمايدۇ.سايلىغۇچىلار نامزاتنىڭ سايلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ، چۈنكى باشقا نامزات سايلانسا ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ،شۇڭا سايلىغۇچى پۇل خەجلەيدۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇ نامزاتنى قوللىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ،سايلانغۇچى پۇل خەجلىمەيدۇ.
سايلامنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغان ئاۋۇ مۇئەللىمگە 'قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق' بىلىنگەن گەپ.

ئايال كىشى ئەلباشى بولمىغىچە دۇنيا ئۇرۇشى بولمايدۇ{:87:} ھىلارى ھىچ بولمىسا ئوبامادەك يۇمشاقباش ئەمەستۇ.

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 11:22:21

بۇ قېتىم جۇمھۇرىيەتتىن چىقسىنا بۇشنىڭ ئىنىسى  ئۇرۇشخۇمار بۇش :lol

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 11:51:57

پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ، ئۆزى سايلانسا قانداق قانداق ياخشى ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى . ھازىرقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى كەمىچىللىكلەر ، ئۆزى سايلانسا بۇنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ سايلىغۇچىلارنى جەلىپ قىلىدىغان گەپ .  
سايلانغۇچى پەقەت پۇل خەجلىمەيدىغان گەپ يوق سايلىغۇچىلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن ھەرخىل يەرلەرگە پۇل خەجلەيدۇ . ھەتتا بەزىدە نەخپۇلمۇ تارقىتىدۇ .
ئەمدى ئىئانە قىلغانلار ياكى مەبلەغدە قوللىغانلارغا كەلسەك شۇ كىشى  سايلانسا شۇلارغىمۇ مەلۇم دەرىجىدە مەنپەئەتلەر بار

asad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 12:16:54

ئامېكىرىنىڭ سايلىمىنى سەلبى جەھەتتىن چۈشىنىدىغانلار خېلى جىقكەن.سىلەر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيىگە پۇل بېرىدىغانلىقنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇ پارتىيىنىڭ ھەر تۈرلۈك خىراجىتىگە ئىشلىتىلىدىغان پۇلغۇ؟
پارتىيە بەدەل پۇلى تۆلەپ باققانلاردىن سوراپ بېقىڭلار،پۇل تۆلىدىم دەپ پارتىيىگە  ئورۇنسىز تەلەپ قۇيالامدىكەن؟
بەدەل پۇل دەپ ئاتالسۇن يەنە باشقا گەپ بىلەن ئاتالسۇن بېرىسىز ئاغزىڭىزنى يۇمىسىز.سايلام بېلىتى ساتىمەن، سېتىۋالىمەن دېگەندەك ئىشلار قانداقمۇ مەۋجۇت بولسۇن،(مەۋجۇت بولسىمۇ قۇدۇقنىڭ ئاستىدىكى كاللىدا باردۇ)،ئاشكارىلىنىپ كەتسە زوڭتۇڭلۇڭتىن قۇرۇق قېلىشڭىز ھىچگەپ ئەمەس،ھەتتا شۇ يەردىكى بازارلىق سوتمۇ بۇ زوڭتوڭ نامزاتىنى سوتلاپ رەسۋا قىلىشى مۈمكىن،سىز بىلەن كەتسە مەيلى،ئاۋۇ تاغدەك پارتىيەمۇ تەڭ يىقىلىدىغان گەپ.
پۇتۇن دۇنيا دېققەت قىلىدىغان ئامېرىكا زوڭتۇڭ سايلىمى  بەزى  يېزا باشلقى سايلىمىغا ئوخشاش پۇل مۇناسىۋەت بىلەنلا پۈتۈپ كېتىدىغان سايلام بۇلارمۇ.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 12:23:47

جۇمھۇريەتچىلەر ئويناپ باقسا بولاتتى.

asad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 12:25:23

ئاجايىپ گەپلەرنى ئاڭلايدىكەن ئادەم.
ئامېرىكىدىغۇ پارتىيە خەقنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن پۇلىنى  يوۋاشلىق بىلەن ئالىدىكەن.
زادى بەرسەڭمۇ بېرىسەن ،بەرمىسەڭمۇ بېرىسەن دەپ ئالسا نىمە دىيەلەيتتىڭلار .ئاۋۇ پارتىيەگە ئايمۇ-ئاي پۇل تۆلەۋاتقان  تۇنۇشلار بولسا سوراپ بېقىڭلار،پۇل تۆلىدىم دەپ پارتىيىگە ئارتۇقچە تەلەپ قويالامسەن دەپ.پۇل تۆلەيسىز ،ياۋاشلىق بىلەن تۇرىسىز،ئۇ دېگەن پارتىيىنىڭ ھەر تۈرلۈك خىراجەت پۇلى،سۇنىڭ ئىچىدە سايلام خىراجىتىمۇ بار.ئىسمى ئوخشىمىغان بىلەن پۇلنىڭ خاراكتىرى ئوخشاش.

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 12:34:20

بۇ خوتۇن سايىلىنىپ قالسا ئۇرۇشقاق زوڭتۇڭغا ئايلىنارمىكىن دەپ ئويلايمەن

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 12:44:25

مەن ھىلارى خانىمغا بىلەت تاشلايمەن...

hutantawakkul يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 12:49:08

ئامېرىكىنىڭ چىشى زۇڭتۇڭى مۇنداق دېدى:   ئىزدىنىش مۇنبىرى تېخىمۇ تەرەققىي قىلغاي.
بەت: [1] 2 3
: ھىلارى دىموگراتلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى بولىشى مۈمكىن