hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 15:48:01

ئۇ چىقسا كىلىنتون يەنە ئۆزىنىڭ كونا ئىشىنى باشلاپ كىتەرمۇ ؟

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 15:48:40

ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پېرىزدىنت سايلىمى پەردە ئارقىسىدىكىلەر تاللاپ بەرگەن ‹‹ئارتىس›› لارنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە سەل چىرايلىق كۆرۈنگەن، سەل كۆپراق مەنپەئەت تېگەمدۇ قانداق دېگەن ‹‹ئارتىس››نى تاللايدۇ خالاس. باشقا ھەيران قالغۇدەك ئىش يوق.

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 16:08:45

chewendaz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 15:48 static/image/common/back.gif
ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پېرىزدىنت سايلىمى پەر ...

دېمەك دىمۇكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ دېگىنى ساختىلىق  ، پىرىزدېنت سايلام نامزاتلىرىنىڭ  نۇرغۇن مەبلەغ توپلاپ ، سايلىغۇچىلارغا ياخشى كۆرىنىش ئۈچۈن شىتاتمۇ شىتات چېپىپ يۈرۈپ نۇتۇق سۆزلىشى ، ئەلرايى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئويۇن ئىكەندە:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 16:16:40

ئاياللارغا كۆڭۈل بۈلىمىز ئەلۋەتتە :lol

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 16:25:02

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

قېرى خوتۇننى زوڭتۇڭ قىلامۇ ؟ :lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 16:45:50

chewendaz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 15:48 static/image/common/back.gif
ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پېرىزدىنت سايلىمى پەر ...

دىمەك باشقىلاردىن پەرقى يوخكەندە ؟

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 17:26:50

مەن مۇشۇ @chewendaz  غا تولىمۇ ھەيران :lol:lol:lol:lol

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 17:40:29

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 17:26 static/image/common/back.gif
مەن مۇشۇ @chewendaz  غا تولىمۇ ھەيران

ئامېرىكىنىڭ ساختا دېموكىراتىيەسىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغىنىغا ھەيران قالدىڭىزما؟
دۆلىتىمىزگە ئوخشاش ئاددىي ئادەملەر رەھبەر بولىدىغان ئىش يوقكەن. پۇل بولمىسا ئادەتتىكى مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقىمۇ بولغىلىمۇ بولمايدىكەن ئامېرىكىدا ئەينا.:curse:

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 18:22:23

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 15:48 static/image/common/back.gif
ئۇ چىقسا كىلىنتون يەنە ئۆزىنىڭ كونا ئىشىنى باشلاپ كىتە ...

راست كۆپ خىيال قىلىدىغان خىيالچىكەنسىز ھە سىز؟{:181:}

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 19:11:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-8 19:15  

مەن بىر شودۈيجاڭ، ياكى دادۈيدە قوشۇمچە خىزمەت قىلىۋاتقان ئادەم. دادۈيگە شۇجى  سايلىماقچى بولسا، شودۇيجاڭلارنى ، ۋە كەنتىمىزدىكى  سەل  گېپى ئۆتىدىغانلارنى پۇل تاپقانلارنى بىرەر تۇققىنىمكىگە  مېھمانغا چاقىرىپ، قويدىن بىرنى سۇيۇپ ، بىر ئاخشام  مېھمان قىپ، بىلەتنى ماڭا تاشلاڭلار، مەن شۇجى بوپ قالسام سىلەرنى زىيان تارتقۇزمايمەن دەپ بۇلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىمەن. مەھەللىدە جامائەت ئىچىدە خېلى گېپى ئۆتىدىغان يىراق تۇققانلىرىممۇ بار، مەسچىتتە ھەيئەت.  شۇلارنىڭمۇ يېقىندىن قوللاپ-قۇۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇلارنىمۇ بىر ئاخشام مېھمان قىلىمەن(ئۇلار  ئۇ ھارام-بۇ ھارام دەپ يۈرگنى بىلەن بۇ سايلام ئىشىدا ھالال-ھارام دىگەن نەرسىلەر  ئېسىغا كەلمەيدۇ، مەن تۇققىنى بولغانلىقم ئۈچۈن ئۇلارمۇ ھەمدەمدە بولىدۇ). ئىش قىلىپ سايلامغا يېقىن قالغاندا، سايلامدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇياق-بۇياققا قاتىراپ يۇقىرى -تۆۋەندىكىلەردىن بىرمۇنچە كىشىنى مايىل قىلىشقا تىرىشىمەن. يۇقۇرىسىغا خۇشامەت قىلىمەن، تۆۋەندىكىلەرگە ئۆزەمنىڭ ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقىمنى سەمىگە سەپ قويىمەن. مېنىڭ سايەمدە مەنپەتلىنىپ قېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرىمەن. مەن بىلەن رىقابەتلىشىدىغان، مەن بىلەن چىقىشالمايدىغان يەنە بىرلىرى بار. ئۇلارمۇ يۇقۇرى-تۆۋەن قاتراپ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئولتۇرالمايدۇ، مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ شۇجى بولىشىنى تەكىتلەيدۇ، مېنىڭ قولۇمدىن ئىش كەلمەيدىغان، ھارام يەيدىغان تەرەپلىرىمنى دەپ غەيۋەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن. يۇقۇرىسى يېزا باشلىقلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارغا كۆپ مەنپەت يەتكۈزىدىغانلىقىمنى ئىپادىلەپ ، ھېچنىمىدىن نومۇس قىلمايمەن.  
شۇنىڭ بىلەن سايلامدا، يۇقۇرىدىكىلەر ياخشى گېپىمنى قىلسا، مايەدىكى چاپانكەشلىرىم تېخىمۇ ئالا-تاغىل پاراڭ  قىلىپ، مېنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشىمغا كۈچ قوشىدۇ. يەنە مۇمكىن بولسا، سايلام بېلىتىنىڭ ئىشىدا ساختلىق قىلىش يولىنى ئىزدەيمەن.
بۇ سايلام ئىشلاردا ھەممە ئىنسان پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىنىڭ دۇنيالىق مەنپەتىنى نىشان قىلىدۇ. مەن ئادىل ئىش قىلىمەنمۇ؟ شۇ دادۈيدىكى ئاممىغا قانچىلىك ئىش قىپ بېرەلەيمەن؟ بۇلارنى قوشۇمچە قىپ ئويلاپ قويىدىغانلارمۇ باردۇ.
ئامىركىنىڭ زوڭتۇڭ سايلىمىمۇ مۇشۇنداقمىدۇ؟:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 21:01:42

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 18:22 static/image/common/back.gif
راست كۆپ خىيال قىلىدىغان خىيالچىكەنسىز ھە سىز؟

ئىرىمۇ ئايالىمۇزوڭتۇڭ بولسا  بىر دۆلەت  بىر ئائىلىنىڭ بۇلۇپ قالمامدۇ ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 21:21:04

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 19:11 static/image/common/back.gif
مەن بىر شودۈيجاڭ، ياكى دادۈيدە قوشۇمچە خىزمەت قىلىۋات ...

ئامېرىكىلىقمۇ ئادەم. ئۇلاردىمۇ سايلامدا يېڭىش ئۈچۈن يوقىرى تۆۋەن ھەرىكەت قىلدىغان ئىشلار بولىدىغاندۇ. بىراق ئۇلارنىڭ تۈزۈمى كىشىلەرنىڭ بەك ھەدىدىن ئېشىپ كېتىشىنى چەكلەيدۇ. ئۈچ ھوقۇق ئايرىلغان. خەقنىڭ مىللىتىگە، تىرىسىنىڭ رەڭگىگە قاراپ مۇئامىلە قىلمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئاخبارات ساھەسى ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدۇ. زۇڭتۇڭنىڭ ئاشنا تۇتقانلىقىدىن تارتىپ، بىرەرسنىڭ ئوسۇرۇپ قويغانلىقىغىچە ئاشكارلىۋېتىدۇ. ئىككى پارتىيە رىقابەتچى بولغاندىكىن بىر پارتىيدىكىلەر ياقمىسا پۇقرالار يەنە بىر پارتىيىنى قوللايدىغان گەپكەن.

Holmes يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 22:04:08

بەزىلەرنىڭ كاللىسى ئ‍الامەت ساز ئ‍ىشلەيدىغان بوپ كىتىپتۇ، خۇددى جۇگۇلىياڭنىڭ پايتمىسىدەك.

                             پېيفۇ نىمېن!

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 23:13:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   birmoo تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-8 23:16  

بىر قىزى بار سەت سەت نايناق  بىريەرنىڭ بىر نېمىسىكەن تېخى polat قورىغامنى ئېگىپ

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 03:41:13

chewendaz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 15:48 static/image/common/back.gif
ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پېرىزدىنت سايلىمى پەر ...

ئىدىيىمىز ئوخشاشكەن.
بۇرۇن مۇشۇ مۇنبەردە مۇشۇ توغرىسىدا قاتتىق مۇنازىرە بولغان. ھېلىقى چەتئەلدىن تورغا چىقىدىغان قېرىندىشىمىز، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىنىڭ بۈگۈنكى ھالغا كېلىشىگە ،ئۇلارنىڭ دۆلەت سىياسىتىنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ باشقۇرىدىغان كۈچ بولغانلىقىدا دىگەن.  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننى رۇسىيىدىن چىققان ئەڭ دۆت قونچاق دىگەن.  ھەتتا ياپۇنيە باش ۋەزىرلىرىنمۇ قونچاققا ئوخشاتقان، ياپۇن خان جەمەتىنىڭ دۆلەت سىياسىتىنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ باشقۇرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن. ھەمدە ئەردوغاندىن بۇرۇنقى تۈركىيىنىڭ دۆلەت سىياسىتىنى ئەنگىليىنىڭ كونتىرول قىلىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلىگەن. پەردە ئارقىسدا تۇرۇپ دۆلەت باشقۇرىدىغانلارنى ‹‹چوڭقۇر دۆلەت››(دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت)دەپ ئاتىغان. چوڭقۇر دۆلىتى بار دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىل سىجىل ، مۇقىم ،تەرتىپىلىك تەرەققى قىلدىغانلىقىنى ، چوڭقۇر دۆلىتى يوق، تېيىز دۆلەتلەرنىڭ بولسا جەڭگە-جېدەل تـۈگىمەيدىغان، خەقنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدىغان ، دۆلەت دەپ ئىسمى بولسىمۇ، ھەققى دۆلەت ئەمەسلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 03:54:56

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 19:11 static/image/common/back.gif
مەن بىر شودۈيجاڭ، ياكى دادۈيدە قوشۇمچە خىزمەت قىلىۋات ...

نىمىشقىكىن پۈتۈن ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ھەممەيلەننىڭ ئىنكاسىنى بىر-بىرلەپ ئوقۇيمەن، سىزنىڭ ئىنكاسىڭزنى پەقەت ئۇقىمايمەن. نىمىشقا دىسىڭىز بۇرۇن ئوقۇيتتىم، سىز ئامېرىكا بىلەن ئايرۇپىلاننىڭ گېپى چىقسا، كالاچ بىلەن كەتمەننى، يەھۇدى بىلەن ئەرەبنىڭ گېپى چىقسا ئەرەب يېرىم ئارىلى بىلەن تەكلىماكاننى سېلىشتۇرۇپ ناھايىتى ياخشى ھېكايە يازالايسىز .

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 03:56:51

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 18:22 static/image/common/back.gif
راست كۆپ خىيال قىلىدىغان خىيالچىكەنسىز ھە سىز؟

سىزمۇ خېلى شاش موللام ئوخشايسىز.:lol

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 03:58:28

Holmes يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 22:04 static/image/common/back.gif
بەزىلەرنىڭ كاللىسى ئ‍الامەت ساز ئ‍ىشلەيدىغان بوپ كىتى ...

مەسىلەن ،كىمنىڭ كاللىسى نەدە قانداق ئىشلەپتۇ؟

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 04:15:26

بوش جەمەتىنىڭ ھەربىر ئېغىز گېپىدىن قان چاچراپ تۇراتتى.ئوباما ھەسەلدەك گەپلەر بىلەن دۇنيا خەلقىنى قايىل قىلىپ،ھەربىر ئېغىز گېپىدىن قان تامچىپ تۇرىدىغان ماككايىننى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئوبامانىڭ ھەسەلدەك گەپلىرى ۋە ھەسەلدەك ئىش-پائاليەتلىرى ئىنسانلارنى زېرىكتۈردى . ئامېرىكىلىقلار بولىكىغا پوق سۈرتۈپ ئوبامانىڭ ئېغىزىغا تىقىتى . ھازىرقى دۇنياغا قارايدىغان بولساق ناھايىتى قالايمىقان. بۇ قالايمىقانچىلىق كىچىك بوشتىن باشلانغان ئوباما بۇلارنى ئاخىرىلاشتۇرماقچى بولغان ،ئەمما ئوباما ئاخرلاشتۇرۇشتا يوق ھاڭنىڭ يېنىغا ئىتتىرىپ ئەكەپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئوبامانىڭ ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالدى ئىككى نۆۋىتى تۈگىدى كەتتى. ئامېرىكا خەلقى تىنچلىقنى سۆيسىمۇ يەنىلا بوش جەمەتىنى چاقىرماقتا. دۇنيا خەلقى تىنچلىقىنى سۆيىدۇ لېكىن تىنچلىقتىنمۇ بەك سۆيىدىغان نەرسە جىق ئوىشايدۇ.{:92:}{:92:}{:92:}

BlackHand يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 08:28:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BlackHand تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-9 08:36  

ما مۇنبەردە ئ‍ۇيغۇرچە بىلىدىغان چاۋشىيەنلىكلەرمۇ بادەك قىلىدۇ. ئ‍ىزدىنىش مۇنبىرى سىلەرنى ھەر  ۋاقت قارشى  ئ‍الىدۇ. بىراق، مىنىڭ ھەيران قاغىنىم چاۋشىيەندە ئ‍ىنتىرنت تورىغا چىققىلى بومايتتى سىلەر قانداق قىلىپ ئ‍ىزدىنىشقا كىرەلىدىڭلار؟ ئ‍ۇنىڭدىن باشقا ئ‍ۇيغۇرچىنى قانداق ئ‍ۆگەندىڭلار؟
بەت: 1 [2] 3
: ھىلارى دىموگراتلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى بولىشى مۈمكىن