bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 01:18:02

(bilgejan) پەقەت گېنلا ئېرسىيەت قالامدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-7 03:21  

ئېپىگېنتىكىلىق ئېرسىيەت ھەققىدە چۈشەنچە
بىلگەجان

ئىلاۋە: بۇ يازما تورداش @qelem نىڭ تۆۋەندىكى سوئالىغا جاۋابەن تەييارلانغان بولۇپ، بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ئايرىم تېما قىلىپ يوللاندى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان، كاللامدا بىر سۇئال پەيدا بوپ قالدى. ھازىرغىچە پەقەت ئەجدادنىڭ گېنى (بىرەر فىزىكىلىق ياكى خىمىيىلىك تەسىرلەرگە ئۇچرىمىسىلا)  ئەسلى ھالىتى بويىچە تۇخۇملانغان ئۇرۇق ئارقىلىق پەرزەنتكە ئۆتىدىغانلىقىنى ئۆگەنگەنىدىم. بۇ يەردە سىز تىلغا ئالغان ئەجداد ئۇچراشقان مۇھىتنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۆزگەرگەن گېننىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىنىڭ ئېرسىيەت قىلىشى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇچراشقان مۇھىتنىڭ تەسىرى ئىسپىرما ھۈجەيرىسىدىكى گېننىڭ ئىپادىلىنىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
========================
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ ناھايىتى ياخشى سوئال بوپتۇ، مۇشۇنچىلىك چوڭقۇرلۇقتىكى بىر سوئالنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم. سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى سۈرەتكە قاراپ باقايلى:

سۈرەتتىكىسى بولسا ئاگوتى (agouti) چاشقىنى دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى ئوپمۇ-ئوخشاش گېنغا ئىگە بولغان چاشقان بولۇپ، بۇ خىل چاشقانلار نورمال ئەھۋالدا تۈك رەڭگى ساپسېرىق بولۇپ سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولىدۇ (سول تەرەپتىكىسى). ئەمما بۇ خىل چاشقانغا ھامىلدار ۋاقتىدا مىتىل گۇرۇپپىسى كۆپ بولغان فولىك كېسلاتاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇقلاپ بېرىلسە ئۇ ھالدا ئوخشاش گېنغا ئىگە بولغان چاشقان قوڭۇر رەڭلىك ۋە سېمىزلىك كېسىلى يوق چاشقان (ئوڭ تەرەپتىكىسى) بولۇپ يېتىلىدۇ.
http://discovermagazine.com/2006/nov/cover
ئاۋۋال، ئېرسىيەت دېگىنىمىز ئەجدادتىكى (بىئولوگىيىلىك) بەلگىلەرنىڭ ئەۋلادقا ئۆتۈشىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز بىلەن بولغان ئوخشاشلىقىمىز ئۇلارنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسى ۋە ئىسپىرما ھۈجەيرىسىدىكى ئېرسىي ئۇچۇرلار (DNA كودى) غا بىزنىڭ ۋارىسلىق قىلغانلىقىمىزدىن بولغان. ئەمما شۇنى چۈشىنىش كېرەككى، DNA كودى ياكى گېنلار بىۋاستە ئېرسىي بەلگىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بەلكى بىر نەچچە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بىز ئادەتتە گېن دېگىنىمىز DNA نىڭ تۈزۈلۈش تەرتىپىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، گېنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش تەرتىپىگە مەخپىي سىغىرلار يېزىلغان. بۇ مەخپىي سىفىرلار گېن تۈزۈلۈشىدىكى A, C, G, T دىن ئىبارەت DNA تۈزۈلۈشىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىشقار رادىكاللىرىغا يېزىلغان بولۇپ، بىر گېن نەچچە يۈز ياكى نەچچە مىڭ خىل ئىشقار رادىكالىنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تەكرارلىنىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر (مەسىلەن: ACCGCTGAACCGTAGCTAATGCGAACGATTTAACCG ....دېگەندەك). ئەمما بۇ گېنلار يېزىلغان سىفىر ئالدى بىلەن ئەلچىلىك رولىنى ئوينايدىغان ئەلچى RNA ياكى mRNA گە كۆچۈرىلىدۇ ۋە ئاخىرىدا ئاقسىلنى تۈزگۈچى بىرلىك بولغان ئامىنو كېسلاتالىرىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. دەل ئاقسىللار بىزدىكى بارلىق بەلگىلەرنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېمەك بۇ جەرياندا  (تومتاق قىلىپ ئېيتساق) كۆچۈرۈلۈش، تەرجىمە قىلىش دېگەندەك باسقۇچلار بولىدۇ. گېننىڭ ئاخىرى قانداق ئاقسىلنى ھاسىل قىلىشى گېننىڭ ئىپادىلىنىش تىپىغا باغلىق بولۇپ، بۇ گېن سىفىرىدىكى كودلارنىڭ يېشىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئاقسىلغا ئايلىنىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. سىزگە گېننىڭ ئىپادىلىنىش تىپى دېگەننى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن ئاددىي بىر مىسالنى ئالاي. بىلگىنىڭىزدەك ئىسپىرما ھۈجەيرىسى تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇرۇقلىنىش يۈز بېرىپ زىگوتىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ياكى زىگوتا دەل يېڭى ئەۋلاتنىڭ بارلىق ئېرسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئالاھىدە ھۈجەيرە، يەنى بارلىققا كىلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى جانلىق بولغان تۆرەلمىنىڭ (ئاخىرىدا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ) بارلىق DNA ئۇچۇرلىرى شۇ بىر ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن ئىبارەت يەككە ھۈجەيرىدىن كىلىدۇ. زىگوتىدىن بۆلۈنۈپ ھاسىل بولغان بارلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ DNA كودى شۇ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ DNA كودى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئوخشاش گېنلار (DNA) غا ئىگە بولغان ھۈجەيرىلەر يېتىلىش جەريانى تەدرىجىي ھالدا بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىدۇ. بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال قويۇشىمىز تەبئىي: ئەگەر ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بۆلۈنگەندىن كېيىن ھاسىل بولغان بارلىق ھۈجەيرىلەر شۇ ئانا ھۈجەيرىگە ئوخشىسا، ئۇنداقتا ئوخشاش گېنلارغا ئىگە بولغان ھۈجەيرىلەر نېمە ئۈچۈن ئاخىرىدا بەزىلىرى مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە، يەنە بەزىلىرى قان ھۈجەيرىلىرىگە ۋە ياكى بەزىلىرى تېرە ھۈجەيرىلىرىگە دېگەندەك .... بەدەننى تەشكىل قىلغۇچى نەچچە يۈز خىل ئوخشىمىغان ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىدۇ؟

نەق مۇشۇ سوئالنىڭ جاۋابى بىزگە گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش تىپى دېگەن ئۇقۇمنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، يەنى ئوخشاش گېنلارغا ئىگە بولغان ھۈجەيرىلەر ئۇلار ئەتراپىدىكى ئوزۇقلۇق، ھورمۇن ۋە باشقا مۇھىت ئامىللىرى ۋە خوشنا ھۈجەيرىلەردىن كەلگەن سېگناللارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلى ئوپمۇ-ئوخشاش گېنلارغا ئىگە بولغان تۇرۇقلۇق بەزى ھۈجەيرىلەردىكى مەلۇم گېنلار مەڭگۈلۈككە ئۇخلاپ قالىدۇ، پەقەت شۇ خىل ھۈجەيرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى بەلگىلەشتە مۇھىم بولغان گېنلارلا ئاكتىپ ھالەتتە داۋاملىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ ۋە گېنلارنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئىپادىلىنىپ چىقىپ قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاپ قىلىشىمۇ مەلۇم ئامىللارنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ مەلۇم خىل ئالاھىدە فۇنكىسىيەگە ئىگە ھۈجەيرىگە ئايلىنىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، بىزنىڭ تىرە ھۈجەيرىمىز بىلەن جىگەر ھۈجەيرىمىزنىڭ ئوپمۇ-ئوخشاش گېنلارغا ئىگە بولۇپ تۇرۇپ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىقتىدارغا، مورفولوگىيەگە ئىگە بولۇشى دەل ئۇلارنىڭ ئالاھىدە گېن ئىپادىلىنىپ چىقىش تىپى نۇسخىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى تىرە ھۈجەيرىمىز بىلەن جىگەر ھۈجەيرىلىرىمىزدە ئوخشاش گېنلار بولسىمۇ، بارلىق تىرە ھۈجەيرىلىرىدە تىرە ھۈجەيرىسى بولۇشنى بەلگىلەيدىغان بىر توپ گېنلارلا ئاكتىپ ھالەتتە بولىدۇ؛ ئوخشاش قائىدە بويىچە بارلىق جىگەر ھۈجەيرىلىرىدىكى پەقەت جىگەر ھۈجەيرىسى بولۇشنى بەلگىلەشكە زۆرۈر بولغان گېنلارلا جىگەر ھۈجەيرىلىرىدە ئاكتىپ ھالەتتە بولۇپ قالغانلىرى قوزغالمايدۇ. دېمەك، يېتىلىش جەريانىدا ھۈجەيرىلەر مۇھىت تەسىرى بىلەن ئوخشىمىغان گېنلارنى قوزغىتىدۇ ياكى ئۇخلىتىدۇ ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىسدە ھەر بىر خىل ھۈجەيرە ئۆزىگە خاس گېن ئىپادىلىنىش تىپلىرىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. ئۇنداقتا ئوخشاش گېنلار بار تۇرۇپ بەزىلىرىنىڭ قوزغىلىشى، بەزىلىرنىڭ ئۇخلىشى قانداق كونتىرول قىلىنىدۇ؟
يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ دەل ئېپىگېنتىكىلىق مىخانىزىملار بىلەن كونتىرول قىلىنىدۇ. بىز DNA تەرتىپىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ گېننىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خېمىيىلىك ئۆزگەرتىشلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنى ئېپىگېنتىكا دەپ ئاتايمىز. ئېپىگېنتىكىلىق كونتىرول مىخانىزىملىرى ئىچىدە ھازىرغىچە بىلىنگەنلىرى 3 خىل بولۇپ، بۇلار DNA تۈزۈلۈشىدىكى گۇئانىن(G) غا يانداش كەلگەن سىتوزىن (C) غا مىتىل (CH3-) گۇرۇپپىسىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق شۇ CpG ئورۇنلاشقا گېننىڭ قوزغاتقۇچى رايونى پاسسىپلىشىپ شۇ گېن ئىپادىلىنىپ چىقمايدۇ، ياكى مەلۇم گېننىڭ قوزغاتقۇچى رايونىدىكى سىتوزىنغا قوشۇلغان مىتىل گۇرۇپپىسى ئىلىپ تاشلىنىش ئارقىلىق شۇ گېن قوزغىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل DNA نىڭ مىتىللىشىشى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىككىنچى خىل مىخانىزىم دەل ھۈجەيرە يادروسىدا گېنلار (DNA مولىكۇلىسى) ناھايىتى كۆپ قاتلىنىپ قانۇنىيەتلىك ھالدا قاچىلانغان خىروموسومنىڭ ئاساسى بىرلىكى بولغان نۇكلىئوزومنى تۈزگۈچى ئاقسىللار بولغان ھىستونلارنىڭ ئاتسىتىللىشىشى. يەنى خىروموسوملارنىڭ زىچلىقى گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىشى ۋە ئاكتىپلىشىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر خىروموسوملار شالاڭ تۈزۈلۈشتە بولسا گېنلارنىڭ ئاكتىپلىشىشىغا پايدىلىق، ئەگەر ناھايىتى زىچ بولسا پايدىسىز. خىروموسوملارنىڭ زىچلىقى ئۇلارنى تۈزگۈچى ئاساسى بىرلىك بولغان نۇكلىئوزوملارنىڭ ئىچىدىكى ھىستونلار دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىللارغا باغلىق بولۇپ، ئەگەر ھىستونلارغا ئاتسىتىل (CH3CO) گۇرۇپپىسى قوشۇلسا (يەنە باشقا بىر نەچچە خىل خېمىيىلىك ئۆزگەرتىشلەرمۇ مەۋجۇت) ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ زىچلىقى ئېشىپ كېتىدۇ ۋە گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىشىغا پايدىسىز.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى خىل ئۇسۇل DNA تېخى ئەلچى RNA ياكى mRNA گە كۆچۈرۈلمەستىلا گېنلارنىڭ ۋىكيۇچاتىلى (قوزغىتىدىغان ياكى ئۆچۈرىدىغان كونۇپكا دېسەكمۇ بولىدۇ) سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ ۋە بۇ پۈتۈنلەي گېن تۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بەلكى مۇھىت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تۆۋەندىكى سىخىمىدىن بۇنى ئېنىقراق چۈشەنگىلى بولۇشى مۇمكىن:


ئۈچىنچىسى، مىكرو RNA لىق ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، microRNA ياكى miRNA مىخانىزىمى دەپ ئاتىلىدۇ. miRNA بولسا ناھايىتى قىسقا بولغان يەنى ئادەتتە 22 نۇكلىئوتىد (ئىشقار رادىكالى) دىن تۈزۈلگەن تاق باغلىق RNA لار بولۇپ، دەسلەپ بۇلارنىڭ رولى ئايدىڭ بولماستا «ئەخلەت گېنلار» دەپ ئاتالغان. ئەمما ئۇلار ناھايىتى مۇھىم كۆچۈرۈلۈشتىن كېيىنكى گېن ئىپادىلىنىشىنى كونتىرول قىلىدىغان كىچىك مولىكۇلالىق RNA لار بولۇپ، ئۇلارنىڭ رولى ئىپادىلىنىپ چىقىپ ئاقسىلغا تەرجىمە قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان گېنلار (mRNA) لارغا باغلىنىپ، شۇ باغلانغان گېننى پاسسىپلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ چۈنكى RNA تاق زەنجىرلىك بولۇپ، مىكرو RNA بىلەن جۈپ تۈزۈپ قالسا تەرجىمە قىلىشقا قاتنىشالمايدۇ ياكى شۇ گېننىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ ئارقىلىق گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى كونتىرول قىلىشىنىڭ يەنە بىر قەۋەت ۋىكيۇچاتىلى بولۇپ قالغان.


يۇقرىدىكى ئۈچ خىل ئېپىگېنتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر گېننىڭ DNA تۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئاساسلىقى تۆرەلمە ۋە ھامىلە يېتىلىش جەريانى شۇنداقلا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى يېتىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىكى مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ تەسىرلەر يېتىلىشنىڭ ھالقىلىق بىر كۆزنىكىدە يۈز بەرگەن بولسا، ئۇ ھالدا بۇ خىل ئۆزگەرگەن گېن ئىپادىلىنىش تىپلىرى بىر ئۆمۈر تەسىرىنى يوقاتمايدۇ ۋە كېيىنكى ئەۋلادقا ئېرسىيەت قالىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىزدىكى بارلىق بىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلەر ياكى فىنوتىپلار دەل بىزنىڭ گېنلىرىمىزنىڭ جۇغلانمىسى بولغان گېنوملىرىمىز بىلەن گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى كونتىرول قىلىپ تۇرغان ئېپىگېنوملىرىمىزنىڭ ئورتاق تەسىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

گېنوتىپ + ئېپىگىنوتىپ = فىنوتىپ

يۇقىرىدىكىسى ناھايىتى ئاددىي فورمۇلادەك كۆرۈنگەن بىلەن، تاكى يېقىنقى يىللارغىچە خۇددى سىز دېگەندەك ئالىملار بىزنىڭ بارلىق بىئولوگىيلىك خۇسۇسىيەتلىرىمىز (يەنى فىنوتىپىمىز) پەقەت گېنلارنىڭ مەھسۇلى دەپ قاراپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېپىگېنتىكا ھازىرچە نۇرغۇن كىشىلەرگە يەنىلا بىر قەدەر ناتونۇش. گېن مۇھىممۇ، مۇھىتمۇ؟ دېگەن سوئال دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇن تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولغان. 20-ئەسىردە كۆپ قىسىم گېنتىكاشۇناسلار گېنلارنىڭ رولىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كەلگەن بولسا، فىروئىد قاتارلىق نېرۋولوگىيە ئالىملىرى مۇھىتنىڭ رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېين، بولۇپمۇ 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ئېپىگېنتىكىدىن ئىبارەت يېڭى پەننىڭ تىز تەرەققىياتى ۋە بىلىنگەن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، گېنتىكىلىق ۋە ئېپىگېنتىكىلىق ئامىللارنى ھەر ئىككىلىسى ئىنتايىن مۇھىم، بىرى كەم بولسا بىزنىڭ مۇكەممەل بىر جانلىق بولۇپ تۇرۇشىمىز مۇمكىن بولمايدۇ چۈنكى بىزدىكى بارلىق ئېرسىي ئالاھىدىلىكلەر گېن بىلەن مۇھىتنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرىنىڭ مەھسۇلى. ئەلۋەتتە، ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئېرسىيەت قىلىشنى كونتىرول قىلمايدىغان مۇھىت ئامىللىرىنى ئېپىگېنتىكىلىق ئامىل دېيىشكە بولمايدۇ.

مەلۇم بىنورمال مۇھىت ئامىللىرىنىڭ تەسىرى گېن ئىپادىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە كېيىنكى ئەۋلادقىمۇ ئېرسىيەت قالىدىغانلىقى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئاددىيلىرىدىن بىر قانچىنى مىسال قىلسام، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۇقىرى روھىي بېسىمغا ئۇچرىغان ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ سېمىزلىك كېسىلى، دىئابىت كېسىلى ۋە يۈرەك كېسەللىرىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال روھىي ھالەتتە ھامىلدار بولغان ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. ھايۋانات تەجىرىبىلىرىدىن كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل تەسىر ئىككىنچى، ھەتتا ئۈچىنچى ئەۋلادتىمۇ ئىپادىلىنىپ چىققان. چىشى چاشقان تۇغۇلۇپ دەسلەپكى 5 كۈن ئىچىدە ئۇنىڭغا ئەرلىك جىنسىي ھورمۇن تېستوستېروننى ئۇرغاندا، بۇ چىشى چاشقان چوڭ بولغاندىن كېيىن ھەرگىز تۇخۇم ئىشلەپچىقارمىغان ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغان. ئەمما چىشى چاشقانغا تېستوستېرون 20 كۈنلۈك بولغاندىن كېيىن ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلغاندا نورمال كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان. ھايۋانلاردا ئىشلەنگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بايقىلىشىچە، ئەگەر ھامىلدار ئاياللار سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بولسا ئۇ ھالدا ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىشتىھاسى ناھايىتى چوڭ بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىدىكى ئىشتىھانى كونتىرول قىلغۇچى رايونلار بىنورمال يېتىلىپ قالغان ۋە بۇ تەسىر نەۋرىلىرىدىمۇ ئوخشاشلا كۆرۈلگەن. نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلاردا دادا ۋە ئانىلارنىڭ تاماكا چېكىشى ياكى سىتروئىدلىق دورىلار بىلەن ئۇچرىشىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى (تۇخۇم ياكى ئىسپرما ھۈجەيرىلىرى)نىڭ گېن ئىپادىلەش تىپىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق ئەۋلادقا ئېرسىيەت قالىدىغانلىقىغا دائىر پاكىتلارمۇ بارلىققا كەلمەكتە.



ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىلا مەۋجۇت بولىدىغان بالا ھەمرىيى ئانىنىڭ بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇق بېسىمى، روھىي بېسىم ۋە ئوكسىگېن ... قاتارلىق مۇھىت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدە كۆڭۈلدىكىدەك يېتىلمەسلىكى مۇمكىن ۋە شۇ ئارقىلىق يېتىلىۋاتقان ھامىلىنىڭ ئېپىگېنومىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا تۇخۇم ھۈجەيرىلىرى ۋە ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىنىمۇ تەسىرگە ئۇچرىتىشى مۇمكىن. دېمەك، گېنلارنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى ئارقىلىق گېنتىكىلىق ئۇسۇلدا ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئېرسىيەت قىلىشىدىن باشقا يەنە گېن ئىپادىلىنىش تىپلىرىنىڭ ئېپىگېنتىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئېرسىيەت قىلىشىمۇ ئېرسىيەتنىڭ يەنە بىر شەكلىدۇر.

ئاخىرىدا سوئالىڭىزغا كۆپ رەھمەت. چۈشىنىكسىز يەرلىرى بولسا داۋاملىق سوئال سورىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.


ئەسكەرتىش: ئەگەر مەن مىسال كەلتۈرگەن بىر قىسىم  تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قىزىقىدىغانلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماقالىلىرىنى (ئېنگىلىز تىلىدا) ئوقۇشقا قىزىقىدىغانلار بولسا مەن ماقالىنىڭ ئۆزىنى ئىنكاس شەكلىدە قوشۇپ قويىمەن.  

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 01:22:36

تۆۋەندىكىسى تەتقىقات گۇرۇپپىمىزنىڭ باش يېتەكچىسى دوكتور پىتىر ناتانىيىل (Peter Nathanielsz) يۇقىرىدىكى تېمىدا سۆزلىگەن ئىنتايىن مول مەزمۇنلۇق بىر قېتىملىق لىكسىيىسى:
https://www.youtube.com/watch?v=wRn85MWj0IY

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 02:49:40

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 03:13:01

ئىلمىي ئاتالغۇلارنى ئومومىي يۈزلۈك ئۇيغۇرچە ئىشلەتكىلى بولغان بولسا، ئىلمىي ماقالىلەر تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولغان بولاتتى، تەبىي پەنلەرنى ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش ئاسانلىشاتتى ۋە ئۇيغۇرلاردىن تەبىي پەنلەردە نەتىجە قازانغانلارنىڭ جىقىيىش ئېھتىمالى ئۆرلەيتى دەپ ئويلايمەن ...

مەسىلەن بۇ ماقالىدىمۇ نۇكلىئوتىد دېگەندىن ئىشقار رادىكالى بەكرەك چۈشۈنۈشلۈك (پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولمىسىمۇ).

بىلگەجانغا بىر سۇئال : ئېپىگېنېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەردە مۇھىتقىنە (مىكرو مۇھىت)دىكى ھورمون، تېمپراتۇرا، ئوزۇقلۇق  ... قاتارلىق ئامىللار ئالدىدا ماكرو مۇھىتتىكى تېمپراتۇر، تۇغۇلغان پەسلى دېگەندەكلەرنىڭ تەسىرى ئانچە بولۇپ كەتمەس ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 04:50:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 08:53  

biotech0990 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 02:49 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ۋاقتىڭىز چىقسا مۇشۇ non coding RNAنىڭ   ...

noRNAs, snRNAs, exRNAs, and piRNAs and the long ncRNA
================
بۇلار ئاساسلىقى مولىكۇلا ئېغىرلىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، جايلاشقان ئورنى ۋە فۇنكىسيىسىدىكى ئوخشىماسلىق بويىچە پەرقلىنىدۇ. سىز ئېنگىلىزتىلىنى بىلىدىكەنسىز، قارىغاندا كەسپىڭىزمۇ مۇشۇ ساھەگە يېقىن بولسا كېرەك. شۇڭا ئاۋۋال ئۆزىڭىز ۋىكىپىدىيادىن بىر ئىزدەپ بىقىڭ، بەكلا ئاددىي چۈشەندۈرۈلگەن. ئەگەر چۈشىنەلمىسىڭىز مەن ۋاقىت چىقىرىپ چۈشەندۈرۈپ قوياي.

ئەمدى miRNA بىلەن siRNA نىڭ پەرقىنى سوراپسىز، بۇنى تۆۋەندىكى «تەبىئەت بىئو-تېخنىكىسى» دا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ناھايىتى ياخشى خۇلاسىلەپ بىر جەدىۋەلدە پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇپتۇ، شۇ يەردىن كۆرىۋىلىڭ.

http://www.nature.com/nbt/journal/v25/n6/fig_tab/nbt0607-631_T1.html

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 04:55:34

Elder يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 03:13 static/image/common/back.gif
ئىلمىي ئاتالغۇلارنى ئومومىي يۈزلۈك ئۇيغۇرچە ئىشلەتكى ...

بىلگەجانغا بىر سۇئال : ئېپىگېنېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەردە مۇھىتقىنە (مىكرو مۇھىت)دىكى ھورمون، تېمپراتۇرا، ئوزۇقلۇق  ... قاتارلىق ئامىللار ئالدىدا ماكرو مۇھىتتىكى تېمپراتۇر، تۇغۇلغان پەسلى دېگەندەكلەرنىڭ تەسىرى ئانچە بولۇپ كەتمەس ؟
=========================
ماكرو مۇھىتنىڭ تەسىرىنىمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ھايۋانلاردا قايسى پەسىلدە تۇغۇلۇشنىڭ ئوخشىمىغان ئېپىگېنتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى بايقالغان. تېمپىراتۇرمۇ مۇھىم بولۇپ، بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلى ئوخشىمغان تىمپىراتۇرا ياكى ھۆل-قۇرغاقلىقى ئوخشىمىغان مۇھىتتا ئوخشىمايدىغان رەڭدە بولىدۇ. ئەمما ئىنسانلارغا نىسبەتەن بۇ خىل تەسىرلەر بىۋاستە ھامىلە يېتىلىش جەريانىدىكى مىكرو مۇھىت تەسىرىگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن بولىدۇ.

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 07:13:56

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-06 04:55:34 static/image/common/back.gif


بىلگەجانغا بىر سۇئال : ئېپىگېنېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەردە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تازا چۈشىنەلمىدىم. ھۈجەيرىدە قايسى خىل گېننىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىپ، ھۈجەيرىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغىنى مۇھىت (؟) ئىكەن. بۇنداق بولغاندا ژىگوتادىكى دەسلەپكى ھۈجەيرىلەرنىڭ تېرە ھۈجەيرىسى ياكى جىگەر ھۈجەيرىسى بولۇپ يېتىلىشى  قانداق كاپالەتكە تايىنىدۇ؟

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 07:40:55

ناھايىتى تەپسىلى بوپتۇ، رەھمەت سىزگە، نىمىدىگەن ھېكمەتلىك ھە، نىمىدىگەن مۇكەممەل...  بولۇپمۇ ئوخشاش گېنلارنىڭ ئوخشىمىغان يەرلەردە مەڭگۈلۈك ئۇخلىشى ۋە ئاكتىپ ھالەتتە بولىشى. ھارمىغايسىز، بۇ تېمىنى  بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىللىرى كۆرمىسە قەتتىئى بولمايدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 08:47:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 09:03  

gayur1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 07:13 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تازا چۈشىنەلمىدىم. ھۈجەيرىدە قاي ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تۆرەلمە يېتىلىش جەريانىدا ئەڭ دەسلەپ بىلاستۇلا ياكى تۆرەلمە خالتىسى مەزگىلىدە ئۈچ قەۋەتكە ئايرىلىدۇ، يەنى ئىچكى قەۋەت، ئوتتۇرا قەۋەت ۋە تاشقى قەۋەت. بۇ ئۈچ قەۋەتتىكى ھۈجەيرىلەر پەقەت مەلۇم خىل ھۈجەيرىلەرگىلا ئايلىنىش پوتىنسىئالىنى ساقلاپ قالغان، يەنى ئاللىقاچان قىسمەن ئىندۇكسىيەلىنىپ بولغان. يېتىلىش جەريانىدا ھەر خىل ئوخشىمىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئىندۇكسىيەلىنىش (differentiation) ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇپ، نورمال ئەھۋالدا ھەر بىر ھۈجەيرە قوشنا ھۈجەيرىلەردىن كەلگەن سېگناللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پوتىنسىئالىنى تونۇيدۇ ۋە سانىنى كۆپەيتىش بىلەن بىرگە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىندۇكسىيەلىنىپ ماڭىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئىندۇكسىيەلىنىشى ماس قەدەمدە ماڭىدۇ. ئىندۇكسىيەلىنىشنى كونتىرول قىلىدىغان ھۈجەيرە سېگناللىرى ئىچىدە مۇھىم بولغان مولىكۇلىلارنىڭ بەزىلىرى ئايدىڭ، ئەمما نۇرغۇنلىرى ھازىرغىچە تېخى ئېنىق ئەمەس. دەل مۇشۇ ئىندۇكسىيەلىگۈچى سېگناللار ياكى باشقا خېمىيىلىك ماددىلار ئايدىڭ بولغاچقا، تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىنى ئالىملار ئۆزلىرى خالىغان بىر ھۈجەيرە تىپىغا ئايلاندۇرالايدۇ، مەسىلەن، ئاشقازان ئاستى بېزى بىتا ھۈجەيرىسى ياكى تىرە ھۈجەيرىسى ۋە ياكى تومۇر سىلىق مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى دېگەندەك. باشقىلىرىنى بىلمىگەچكە نۇرغۇن تەجىرىبخانىلاردا زادى قانداق ئۇسۇل بىلەن مەلۇم خىل ھۈجەيرە تىپىنىڭ كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى تېپىش ئۈچۈن يۈزلىگەن ئالىملار ئىشلىمەكتە. شۇنىسى ئېنىق بولسۇنكى، ئېپىگېنتىكىلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە مەسئۇل ئېنزىملارغىمۇ گېنلار كود يازىدۇ، شۇڭا ئېيتقىنىمدەك بۇ پەقەت گېنتىكىلىق ياكى ئېپىگېنتىكىلىق ئەمەس بەلكى ئىككىسىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىدىن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە گېن تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئېپىگېنتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. دېمەك، ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىدىن مۇھىم.

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 09:01:18

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-06 08:47:25 static/image/common/back.gif


تۆرەلمە يېتىلىش جەريانىدا ئەڭ دەسلەپ بىلاستۇلا ياكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەمدى ئايدىڭلاشتۇرالىدىم. سىزنى ئىنچىكە چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر قىلغىنىمنى كەچۈرۈڭ، ماقالىلىرىڭىزنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن لېكىن!
    رەھمەت سىزگە!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 10:57:23

Elder يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 03:13 static/image/common/back.gif
ئىلمىي ئاتالغۇلارنى ئومومىي يۈزلۈك ئۇيغۇرچە ئىشلەتكى ...

ئىلمىي ئاتالغۇلارنى ئومومىي يۈزلۈك ئۇيغۇرچە ئىشلەتكىلى بولغان بولسا، ئىلمىي ماقالىلەر تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولغان بولاتتى، تەبىي پەنلەرنى ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش ئاسانلىشاتتى ۋە ئۇيغۇرلاردىن تەبىي پەنلەردە نەتىجە قازانغانلارنىڭ جىقىيىش ئېھتىمالى ئۆرلەيتى دەپ ئويلايمەن ...
=====================
ناھايىتى ياخشى پىكىر ئىكەن. ئەمما رىئاللىقتىن چىقىش قىلىپ ئويلىساق ئۇيغۇر تىلى ئىلىم پەن ساھەسىدە، بولۇپمۇ يېڭى تەتقىقات ساھەلىرىدە بارغانسىرى ئىشلىتىشىتىن قىلىۋاتقاچقا كەسپىي ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ناھايىتى تەس ھەم بۇنى ئومۇملاشتۇرۇش تېخىمۇ تەس. يەنە 20 يىلدىن كىيىن مەن يازغان ماۋۇ ماقالىدەك ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاممىباپ ئىلمىي ئوقۇشلۇق قاتارىغا كىرىدىغان ماقالىلەرنى چۈشىنەلەيدىغانلار قانچىلىك قالىدىكىن؟

يەنە بىر مەسىلە، ئېنگىلىز تىلىدىكى ياكى باشقا چەتئەل تىلىدىكى كىشى-جاي ئىسىملىرى ياكى تېخنىكىلىق ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىغا ئىلىپ كىرگەندە قانداق يېزىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي بەكمۇ قېينىلىمەن. مەسىلەن، hormone دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىغا ھورمۇن دەپ ئېنگىلىز تىلىدىكى تەلەپپۇزى بويىچە كىرگەن، ئەمما خورمونى دەپ ئوقۇلۇشى بويىچە كىرمىگەن. ئەمما كۆپلىگەن سۆزلەر تەلەپپۇزى قىلىنىشى بويىچە ئەمەس ئۇيغۇرچە لاتىن يېزىقىدىكى ئوقۇلۇشىغا يېىقىنلاشتۇرۇلۇپ قوبۇل قىلىنغان، مەسىلەن: gene گېن دەپ كىرگەن، ئېنگىلىز تىلىدىكى تەلەپپۇزى بويىچە جىيىن دەپ كىرمىگەن. كىشى ئىسىملىرىمۇ شۇنداق. ئىشقىلىپ تىلىمىزدا نۇرغۇن مەسلىلەر كۆرۈلۋاتىدۇ ھازىر.

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 13:10:31

بىلگەجاننىڭ تاماسىز ئەمگەكلىرى ماڭا ھەقىقىي ئىلىم ئېگىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۇڭقۇر ھېس قىلدۇردى. رەھمەت!  ئۇلۇغ ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت، تەتقىقاتىڭىزنى تېخىمۇ نەتىنجىلىك قىلسۇن!

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 13:18:16

سىزدىن بىر سۇئال سورىماقچى ئىدىم. خىزمەتدېشىمنىڭ بالىسى تۇغما مېڭە پارالىچ(脑瘫) ، بۇ تۈپەيلى يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپمۇ كەتتى، نۇرغۇن ئازاپلارنى تارتىپ، داۋالىتىپ 7ياشقا ئۇلاشتى.

سورىماقچى بولغان سۇئالىم: ئىلىم-پەندە مۇشۇنداق تۇغما كېسەللەرنى، بولۇپمۇ بالا توغۇلۇشتىن بۇرۇن بايقاپ داۋاش ئىمكانىيتى بارمۇ؟  بۇ بالىنى ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىردىكى نۇرغۇن يۇقىرى دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى، بىيولوگىيە ئىلمىدە بۇنى داۋالاشنىڭ ئىمكانى بارمۇ؟

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 15:45:31

  بىر ئانا قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلاش كېسىلى بولۇپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋاملىق تۈردە دورا يەپ ھورمۇننى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تۇرىدىكەن. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، تۇغقاندىن كىيىن بالىسىنىڭ قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنى تەكشۈرتكەندە نورمال چىققان. سىزنىڭچە بۇ بالىدا ئانىسىنىڭ كېسىلىگە ئېرسىي ۋارىسلىق قىلىش مۆمكىنچىلىكى بارمۇ؟

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 18:00:26

سىزدىن بىر سۇئال سورىماقچى ئىدىم. خىزمەتدېشىمنىڭ بالىسى تۇغما مېڭە پارالىچ(脑瘫) ، بۇ تۈپەيلى يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپمۇ كەتتى، نۇرغۇن ئازاپلارنى تارتىپ، بالىسىنى مىڭ تەستە داۋالىتىپ 7ياشقا ئۇلاشتۇردى.

سورىماقچى بولغان سۇئالىم: ئىلىم-پەندە مۇشۇنداق تۇغما كېسەللەرنى، بولۇپمۇ بالا توغۇلۇشتىن بۇرۇن بايقاپ داۋاش ئىمكانىيتى بارمۇ؟  بۇ بالىنى ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىردىكى نۇرغۇن يۇقىرى دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى، بىيولوگىيە ئىلمىدە بۇنى داۋالاشنىڭ ئىمكانى بارمۇ؟

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 18:34:03

زادى مۇشۇ ئاتالغۇ ئىشىنى چىڭ تۇتمىسا بولمايدىغان يەرگە يەتتى

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 20:12:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dillani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 20:14  

نىمىشقىكىن مۇشۇ بىلگەجاننىڭ ماقالىلىرى چىقسا تەپسىلى ئوقۇغۇم  كىلىدۇ ،لىكىن شۇ تەرەپتىن بىلىمىم بولمىغاچقا چۈشنىش بەك قىيىن كىلىدۇ .مۇشۇ ماقالىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى بىرتال ياغاچنى يەرگە سالسام ئۇنىڭدىكى پوستى بولىدىغىنى نۇرمال ھاەتتە  ئېلىشماي پۇستى بولىدۇ  ،ياپراق بولىدىغىنى ياپراق بەلكى مىۋە بولدىغىنى مىۋە دىگەندەككەن .  مەن شۇنداق ئۇيلايتتىم بىرتال ياغاچنى مەلۇم بىرخىل ئۆزگىرىشكە يىتەكلىسەك ، بەلكى نەشپۈت ئېلىش مۇمكىن .
       بىز ئىنسانلارمۇ شۇنداق تاشقى ئىچكى ،سەۋەپلەرنىڭ گېنىمىزغا مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز تەسىرقىلىپ گېنىمىزنىڭ ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇشى  بىلەن ئاق ،قارا ،ئەسكى ،بەلەن   سىزدەك بىلىمگىلا ئىنتىلىشچان ،بەلكى مەندەك خىيالپەرەسراق بولغان بولىشى مومكىن دەپ خىيال قىلاتتىم .  بەلكى تۇغرىدەك قىلىدۇ خياللىرىم .
       شۇنداق بىركۈنلەركىلىپ سىزنىڭ مەندىن بىر داڭلىق ئالىم كىشىنى يىتۈلدۈرىشىڭىزنى تەسەۋۇر قىلالايمەن .:lol{:136:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 20:44:06

nurbilig يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 13:18 static/image/common/back.gif
سىزدىن بىر سۇئال سورىماقچى ئىدىم. خىزمەتدېشىمنىڭ بالى ...

ھازىر بىر قىسىم تۇغما كېسەللەرنى بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن بايقىغىلى ياكى شۇ كېسەلگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئەمما بەزىلىرىنى تېخى تاپقىلى بولمايدۇ. مېڭە پارالىچ ياكى مېڭە نورمال يېتىلمەسلىككە دائىر كېسەللەرنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇم، ئەپسۇسكى كۆپ قىسىم تۇغما مېڭە كېسەللىرىنىڭ ھازىرغىچە ساقايتىدىغان دورىلىرى چىقمىدى. بۇ توغرىدا ۋاقتىم چىققاندا ئايرىم بىر تېما يېزىپ تەپسىلىيرەك مەلۇمات بېرىش پىلانىم بار.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 20:46:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 20:53  

Elqvn يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 15:45 static/image/common/back.gif
بىر ئانا قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلاش كېسىلى ب ...

ئەگەر ئانىدىكى ھىپوفىز بېزى ئاجىزلىقى مەلۇم گېنلارنىڭ كەمتۈكلىكىدىن كىلىپ چىققان بولسا ئاندىن بالىغا ئېرسىيەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار، چوقۇم ئەمەس. سىز دەۋاتقان ئانىدىكى ھىپوفىز بېزى ئاجىزلىقى ئېرسىي (تۇغما) كېسەل ئەمەسكەن، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق ئەھۋالدا بالىدا ئېرسىيەت قالمايدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 20:49:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 20:50  

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 20:12 static/image/common/back.gif
نىمىشقىكىن مۇشۇ بىلگەجاننىڭ ماقالىلىرى چىقسا تەپسىلى  ...

مەن 9-ئايدا قارلۇق شىركىتى ۋە ئۆزتۈرك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى»دە مۇشۇ ماقالىدىكى باش تېمىنى ئاساس قىلىپ بىر ئۇيغۇرچە ئىلمىي لىكسىيە سۆزلىگەن ئىدىم. پات ئارىدا توردا ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇ لىكسىيەدە ھەر بىر ئۇقۇملار ئىنتايىن ئاددىي تىلدا چۈشەندۈرۈلگەن، شۇ ۋاقىتتا لىكسىيەنى ئاڭلاپ بولۇپ ئاندىن ماۋۇ تېمىنى ئوقۇسىڭىز تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنەلىشىڭىز مۇمكىن. مەزكۇر ماقالە قىسقىلا ۋاقىتتا مەندىن سوئال سورىغۇچىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى ئاساس قىلىپ يېزىلغاچقا بەلكىم مۇرەككەپرەك يېزىلغاندۇ، ئەمما كۆپ قىسىم ماقالىلىرىمنى ھەر كىشى چۈشىنەلەيدۇ، دەپ قارايمەن.
بەت: [1] 2
: (bilgejan) پەقەت گېنلا ئېرسىيەت قالامدۇ؟