qelem يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 21:33:57

راس گەپنى قىلسام، باياتىن ئىزدىنىشنى ئېچىپ، ئەسكەرتىشنى كۆرۈپلا شۇنداق ھاياجانلاندىم. بىر ئىلىمنىڭ يۈكسەك پەللىسىدە ئۆگىنىش-تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئالىمىمىزنىڭ سۇئالىمغا بۇنچىلىك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇئالىمدىن سۆيۈنۈپ تۇرۇپ جاۋاب بەرگەنلىكى قەلبىمنى بىر خىل ئىللىق تۇيغۇغا تاشلىدى. بىلگەجانغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ ماقالە كاللامدىكى نۇرغۇن ئېنىق بولمىغان ئۇقۇملارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. ئەمدى مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى سۇئاللىرىمنى سورىۋالاي.

1. 1-ئەۋلادنىڭ يېتىلىش جەريانىدا 1-ئەۋلاد ھۈجەيرىلىرىدىكى گېننىڭ ئىپادىلىنىشى مەلۇم تەسىرلەر تۈپەيلىدىن ئۆزگەرگەن بولسا، بۇ خىل ئۆزگىرىش 2-ئەۋلادقا قايسى خىل شەكىلدە يېتىپ بارىدۇ؟ (مېنىڭ ماقالىدىن چۈشەنگىنىم ئۇرۇقلاندان تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ گېنىنىڭ ئىپادىلىنىشىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئۆزگەرگەن ئېرىسيەت ئۇچۇرلىرىنىڭ يېتىپ بېرىشى ۋە تۆرەلمە ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىش، يېتىلىش جەريانىدىكى تەسىرلەر ئارقىلىق يېتىپ بېرىش ئىمكانىيىتى باردەك ھېس قىلدىم، لېكىن جەزىم قىلالمىدىم)

2. ئەگەر ئىككىلا خىل شەكىلدە يېتىپ بارسا، قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۆزگىرىشلەر ئىسپىرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكى گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، يەنە قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۆزگىرىشلەر 2-ئەۋلاد ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىش ۋە تەرەققىي قىلىش (تۆرەلمە، ھامىلە ۋە بەلكى يەنە دەسلەپكى بوۋاقلىق) جەريانىدا گېنلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئېرسىيەت قالىدۇ؟

3. ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەتلىرىگە گېنىتىكا جەھەتتىن نىسبەتەن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان ياخشى ۋە ناچار ئادەتلىرىدىن قايسىلىرى بار؟

(بۇ سۇئاللارنى بۇنداق زىغىرلاپ كېتىشىمنىڭ سەۋەبى بەلكىم سىزگىمۇ ئايان بوپ بولدىغۇ دەيمەن. ھەربىر جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولغان ساغلام، ئەخلاقلىق، ئەقىللىق پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈشكە ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە شۇنداقلا بىز دېققەت قىلىدىغان ھەمدە ساقلىنالايدىغان تەرەپلەردىن قايسىلارنىڭ بارلىقىنى ھەربىر مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانا بىلىشكە ئىنتىلىدۇ دەپ ئويلايمەن)

بىلگەجان، ئىلىمدە تېخىمۇ كۆكلىشىڭىزنى تىلەيمەن.

feruq7 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 22:37:25

يۇقاردىكى بىرىنچى سۇئالىڭىزدىكى ئىككى خىل يولنىڭ( ئۇرۇقلاندان تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ گېنىنىڭ ئىپادىلىنىشىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئۆزگەرگەن ئېرىسيەت ئۇچۇرلىرىنىڭ يېتىپ بېرىشى ۋە تۆرەلمە ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىش، يېتىلىش جەريانىدىكى تەسىرلەر ئارقىلىق يېتىپ بېرىش ئىمكانىيىتى باردەك ھېس قىلدىم، لېكىن جەزىم قىلالمىدىم) ئاساسى بىر،يەنى تۈرەلمە دەل ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ كۈپىيىشىدىنشەكىللەنگەن، دىمەك ئۇلاردىكى گىنوم ئوخشاش، ئەگەرتۈرەلمە يىتىلىش جەريانىدا گىندا ئۆزگىرىش بولمىغان بولسا بىرىنچى ئەۋلات گىن ئىككىنچى ئەۋلاتغا شۇ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكى گىنبۇيىچە يىتىپ بارىدۇ.   

qelem يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 06:28:19

feruq7 يوللىغان ۋاقتى2014-11-6 22:37 static/image/common/back.gif
يۇقاردىكى بىرىنچى سۇئالىڭىزدىكى ئىككى خىل يولنىڭ( ئۇر ...

شۇ يەردىكى ئەسكەرتىشىم تازا ئېنىق چىقمىغاندەك قىلىدۇ. ئەسلى دېمەكچى بولغىنىم 1-خىل يول: 1-ئەۋلادنىڭ بەدىنىدە ھاسىل بولغان ئىسپىرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىنىڭ گېن ئىپادىلىنىشى 1-ئەۋلاد تېنىدىكى ۋاقىتتىلا 1-ئەۋلاد ئۇچرىغان مۇھىت تەسىرلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىپ بولغان ئەھۋالى. 2-خىل يول بولسا 1-ئەۋلادنىڭ تېنىدە شەكىللەنگەن ئىسپىرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىنىڭ گېن ئىپادىلىنىشى 1-ئەۋلاد تېنىدە تۇرغان ۋاقتىدا ئۆزگىرىش بولماي، يەنى 1-ئەۋلادقا ئەجدادىدىن كەلگەن ھالىتى بويىچە ساقلىنىپ، پەقەت ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھالىتىگە ئۆتۈپ بۆلۈنۈش ۋە كۆپىيىش جەريانىدا 1-ئەۋلاد ئانا تېنى 2-ئەۋلادنىڭ ئەمدىلا يېتىلىۋاتقان بۇ ھۈجەيرىلىرىگە قارىتا مۇھىتلىق رولىنى ئوينايدۇ. كۆزدە تۇتقان كېيىنكى خىل يول دەل مۇشۇ جەرياندىكى مۇھىت تۈپەيلىدىن 1-ئەۋلادتىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر 2-ئەۋلادقا ئېرسىيەت بولۇپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئىككىسى گەرچە ئوخشىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئوخشاش بولمىغان ئىككى جەرياندا بولغاچقا ئاخىردا تىلغا ئېلىپ دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلارمۇ پەرقلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 06:41:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-7 06:42

qelem يوللىغان ۋاقتى2014-11-6 21:33 static/image/common/back.gif
راس گەپنى قىلسام، باياتىن ئىزدىنىشنى ئېچىپ، ئەسكەرتىش ...


1. 1-ئەۋلادنىڭ يېتىلىش جەريانىدا 1-ئەۋلاد ھۈجەيرىلىرىدىكى گېننىڭ ئىپادىلىنىشى مەلۇم تەسىرلەر تۈپەيلىدىن ئۆزگەرگەن بولسا، بۇ خىل ئۆزگىرىش 2-ئەۋلادقا قايسى خىل شەكىلدە يېتىپ بارىدۇ؟
=====================
بۇ تېخى سىرى پۈتۈنلەي يېشىلىپ بولۇنمىغان بىر سوئال، ھازىرچە ئۈچ خىل ئۇسۇلدا يېتىپ بارىدىغانلىقى مەلۇم:

1)ئەجدادتىكى تۇخۇم ياكى ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىدە ئېپىگېنتىكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكتىن بىۋاستە ئەۋلادقا ئۆتۈش.
http://www.nature.com/neuro/journal/v17/n1/abs/nn.3594.html

2) ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئانا ئۇچرىغان ئوزۇقلۇق بېسىمى، روھىي بېسىم، تاماكا، زەھەرلىك چېكىملىك، ھاراق ۋە باشقا نامۇۋاپىق مۇھىت ئامىللىرى تۈپەيلى بالا ھەمرىيى نورمال يېتىلمەسلىكتىن ھامىلە يېتىلىش جەريانىدا ئېپىگېنتىكىلىق پىروگراممىلىنىش؛ ۋە ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئوخشاش بېسىملار تۈپەيلى ئىپادىلىنىش تىپى ئۆزگەرگەن گېن تىپلىرى ئەۋلادقا ئۆتۈش (بۇ كۆزىتىلگەن ھادىسە، ئەمما بۇنىڭ ئىنچىكە مىخانىزىملىرى تېخى تەتقىق قىلىنىش باسقۇچىدا).

3) ھىپوسالامۇس-ھىپوفىز-ئادرىنال ئوقى (HPA ياكى HHA ئوقى) يېتىلىش جەريانىدا جىددىي روھىي بېسىم تەسىرىگە ئۇچراپ ئېپىگېنتىكىلىق ئامىللار تۈپەيلى بىنورمال يېتىلىپ قالغانلىقتىن كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە بۇ خىل ناچار تەسىرنى كېيىنكى ئەۋلادقا قالدۇرۇش. (بۇ خىل ئۇسۇلنىڭمۇ ئېنىق مىخانىزىملىرى ھازىرچە تولۇق ئايدىڭ ئەمەس)

قالغىنىنى، ئاددىيلا ئويلىسىڭىزمۇ ئېپىگېنتىكىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادقا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، باش تېمىدا مىسال قىلىنغان ئاگوتى چاشقىنىنى مىسال قىلساق ئەسلى سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولۇشقا تىگىشلىك چاشقان ئاگوتى گېنى ئانىسىغا تولۇقلاپ بېرىلگەن ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەسىرىدە مىتىللىشىپ سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولمىغان (قوڭۇر رەڭلىكى). دېمەك، ئۇ ياشىغاندىن كېيىن بالىسىغا ھامىلدار بولغاندا ئۇ سېمىز چاشقانغا قارىغاندا ساغلام ھامىلدار بولىدۇ ۋە بالىسىنىڭ ساغلام بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوخشاش لوگىكا بويىچە سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانا تۇغقان بالىلار سېمىز ئانىلارنىڭ قېنىدىكى ھەدىدىن زىيادە گلۇكوزىنىڭ ھامىلىگە ئۆتۈشى ۋە بالياتقۇ فۇنكىسيىسىدىكى كەمتۈكلەر تۈپەيلى بالىسىنىڭمۇ سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بۇ فىنپتىپ زەنجىرسىمان ئەجدادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ ماڭىدۇ. ھازىرچە سىزگە مۇشۇنچىلىك چۈشەندۈرۈپ قويالايمەن.

2. ئەگەر ئىككىلا خىل شەكىلدە يېتىپ بارسا، قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۆزگىرىشلەر ئىسپىرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكى گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، يەنە قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۆزگىرىشلەر 2-ئەۋلاد ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىش ۋە تەرەققىي قىلىش (تۆرەلمە، ھامىلە ۋە بەلكى يەنە دەسلەپكى بوۋاقلىق) جەريانىدا گېنلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئېرسىيەت قالىدۇ؟

ئىسپىرما ۋە تۇخۇمدىكى گېنلاردا ئېپىگېنتىكىلىق ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللاردىن قورقۇنچ، قاتتىق روھىي بېسىم، تاماكا، زەھەرلىك چېكىملىك... قاتارلىقلار بار.
يېتىلىش جەريانىدا ئېپىگېنتىكىلىق ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئوزۇقلۇق زىيادە ئارتىپ كېتىش (سېمىزلىك)، سىتىروئىدلىق دورىلارنى ئىستىمال قىلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك روھىي بېسىم، ئوكسىگېن كەمچىللىكى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ۋە دىئابىت كېسىلى، تاماكا بىلەن ئۇچرىشىش... قاتارلىقلاردۇر.


3. ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەتلىرىگە گېنىتىكا جەھەتتىن نىسبەتەن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان ياخشى ۋە ناچار ئادەتلىرىدىن قايسىلىرى بار؟

گېنتىكا جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىدىغان ئادەتلەر كۆپ ئەمەس ھەم پەرەز قىلىش قېيىن چۈنكى گېنلار تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كەتمىسىلا گېنتىكا جەھەتتىن چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەيدۇ. ئەلۋەتتە، كۈچلۈك رادىئاتسىيە بىلەن ئۇچرىشىش، گېن ئۆزگەرتكۈچى خېمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىش ياكى قىرىغاندا بالىلىق بولۇش دېگەندەكلەر بۇنىڭ سىرتىدا.
ئەمما سىز ئېپىگېنتىكىلىق تەسىرلەرنى كۆزدە تۇتقان بولسىڭىز، ئانىلارنىڭ ھامىلدارلىقتىن بۇرۇنقى ۋە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى ۋە ھامىلدرلىقتىكى ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش ئەھۋالى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى سېمىزلىك ياكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش يېشى، ئانىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تاماكا بىلەن ئۇچرىشىشى، دادا ۋە ئانىنىڭ ھامىلدارلىقتىن بۇرۇنقى زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئۇچرىشىشى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىلارنىڭ سىتىروئىدلىق دورىلار (ھورمونلۇق دورىلار) بىلەن ئۇچرىشىشى، قاتتىق ئۇرۇش-جېدەل قىلىشىش ياكى ئانىنىڭ قاتتىق قورقۇپ كېتىشى، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك (زىققا كېسىلى بار ئانىلاردا كۆرۈلىدۇ)، ۋە باشقا ھامىلدارلىقتىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك روھىي بېسىم قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن.

تولىمۇ ياخشى سوئاللارنى سوراپسىز. قالغىنىنى سىز تۆۋەندىكى مەن يازغان ماقالىلارنى ئوقۇسىڭىز، بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيسىز:

سىتىروئىدلىق ھورمونلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ
ئانا، سېمىزلىك ۋە سىز: سېمىزلىكنىڭ زىيىنى
ھورمۇن ۋە سالامەتلىكىمىز

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 09:11:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elder تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-7 09:47

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-11-6 10:57 static/image/common/back.gif
ئىلمىي ئاتالغۇلارنى ئومومىي يۈزلۈك ئۇيغۇرچە ئىشلەتك ...

«مەن يازغان ماۋۇ ماقالىدەك ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاممىباپ ئىلمىي ئوقۇشلۇق قاتارىغا كىرىدىغان ماقالىلەرنى چۈشىنەلەيدىغانلار قانچىلىك قالىدىكىن؟» دېگەن ئەندىشىلىك سوئالىڭىزنى يوقىتىش ئۈچۈن، دەل ئىلمىي ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىش كېرەك دەپ ئويلايمەن.

ھەقىقەتەن،ئەمەلىي ئەھۋال، شارائىت سىز دېگەندىكىدەك، ھاتتا ئۇنىڭدىن ناچار... لېكىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلمىي ساھەلەردىن ئىشلىتىشىتىن قىلىۋاتقانلىقىنىڭ قوشۇمچە سەۋەبلىرىدىن بىرىمۇمۇۋاپىق ئاتالغۇلارنىڭ يوقلۇقى. ئاتالغۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك بولىدۇ، قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاتالغۇ بولىشى كېرەك. ھازىر مەسىلە ئاتالغۇ يوق ياكى يوق دىيەرلىك. شۇڭا بىز ئارقىدىكى مەسىلىلەرنى قويۇپ تۇرۇپ ئاۋۋال ئاتالغۇ بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئامالىنى قىلساق بولىدۇ. سەۋەب بىزدىن، نەتىجە ئاللاھتىن. بەزىدە بىر كىچىك تەۋرەش چوڭ بىر قار كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ئەمەسمۇ.

ئەمدى مېنىڭ ئاتالغۇ دېگىنىم، گىدرودىنامىكا، ئانتروپولوگىيە، پوئېتسىيە، ئېتىمولوگىيە دېگەندەك كۆچۈرۈلمە سۆزلەر ئەمەس. بەلكى شۇ گەپلەرنى ھەقىقىي ئۇيغۇرچە ئىپادىلەش. «ئانتوروپوس» گىرىكچە «ئەر» دېگەن گەپ، «لوگوس» بولسا «گەپ» دېگەن مەنىدە، بۇ سۆز «ئىنسانشۇناسلىق» دەپ ناھايىتى ئوبدان تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ بەزىلەر بەك چۈشىنىشلىك بولۇپ قالدى دەمدۇ... ئىشلەتمەيدىكەن.

شۇنىڭدەك، بىر مىسال ئالسام نۇكلېئىك ئاسىد دېگەننى نېگىزىي ئاچقۇل، ياكى نېگزاچقۇل دەپ تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ. ئاچقۇل ساپ ئۇيغۇرچە سۆز «بابۇرنامە» دە ئۇچرايدۇ، كىسلاتا مەنىسىدە، ھەم قىسقا، ھەم ئاچچىق بىلەن مەنىداش. نېگىز سۆزىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، مېنىڭچە يادرۇ، نۇكلېئۇس دېگەنلەرنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ. شۇڭا يادرولۇق كىسلاتا دېگەندىن ياخشىراق دەپ ئويلىدىم. (بۇ يەردە چوقۇم مەن دېگەننى قوللىنايلى دېمەكچى ئەمەس، بۇ بىر ئۆرنەك)

ئىلمىي ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىش تەستەك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ھىدرو-، لىپو-، پرى-، پوست-، نېئو-، -فايل، -فوب، -سايت ... دېگەندەك بىر قاتار قوشۇمچىلارنى ياخشى تەرجىمە قىلىۋالساقلا، ھەم قاتماللىق بىلەن ئۇددۇل تەرجىمە قىلىشتا ئەزۋەيلىمەي، ئۇقۇم تەرجىمىسىنى ئاساس قىلساق. ئىلمى ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىش ئۇنچىمۇ مۇرەككەپ ئەمەس.ئەلۋەتتە، تىلىمىزدىكى ئەرەپچە ۋە فارىسچە ئامىللارنى چەتكە قاقمىغان، ھاتتا چاغاتاي تىلىدا بار ئەمما ھازىر ئىشلىتىلمەيدىغان شۇ ئامىللاردىن ئوبدان پايدىلانغان ئاساستا.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 09:53:01

جۇڭگۇدىغۇ دادىسىدىن بالىسىغا ئىرسىيەت قالىدىغان ئىشلار ھەقىقەتەن كۆپ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 10:03:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-7 10:20

Elder يوللىغان ۋاقتى2014-11-7 09:11 static/image/common/back.gif
«مەن يازغان ماۋۇ ماقالىدەك ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاممىباپ...

تەرجىمە قىلغاننى كىشىلەرگە قانداق ئومۇملاشتۇرىمىز؟ ھازىر بىئولوگىيە دەرىسىنى ئۇيغۇرچە ئوقۇيدىغانلار قانچىلىك؟ ئۇلار يېڭى ئۇقۇملارنى قەيەردىن ئۆگىنىدۇ؟ ئۇقۇملارنى كىم ياساپ قانداق رەسمىي ئىشلىتىشنى باشلاشقا يول ئاچىدۇ؟ بۇ سىز ئويلىغاندەك ئاسان مەسىلە ئەمەس... ئەمما ئەلۋەتتە ئويلىنىپ بېقىشقا ۋە كۈچ چىقىرىشقا ئەرزىيدۇ.

qelem يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 15:58:18

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-11-7 06:41 static/image/common/back.gif
1. 1-ئەۋلادنىڭ يېتىلىش جەريانىدا 1-ئەۋلاد ھۈجەيرىلىرىد ...

رەھمەت بىلگەجان، كۆپ بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم. ئەڭ مۇھىمى مۇشۇ يۆنىلىشتىكى ئىزدىنىشتە قانداق ماتىرىياللارنى كۆرسەم بولىدىغانلىقى، قايسى تەرەپتىن كۆرسەم بولىدىغانلىقىغا نىسبەتەن خېلى ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل بولدى. قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ سۇئاللىرىمغا ئەستايىدىل جاۋاب بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 21:47:57

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-11-7 10:03 static/image/common/back.gif
تەرجىمە قىلغاننى كىشىلەرگە قانداق ئومۇملاشتۇرىمىز؟...

ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن يىغىپ ئېيتساق ئۈچ نەرسە : بىرسى شۇ ئاتالغۇلارنى توردا قوللىنىش، شۇنىڭغا ئالاقىدار كىچىك سۆزلۈك، لۇغەت ياساپ تارقىتىش؛ يەنە نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ قوللىشى؛ ئاندىن تىل يېزىق كومىتېتىغا لاھىيە سۇنۇش (؟)...

مەن بىيولوگىيەلا دېمىدىم. ئۇيغۇرچە ئوقىغان بولىشى ھاجەتسىز. ئۇيغۇرچە بىلسىلا بولدى. ئاتالغۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتىمۇ شۇ ئۇيغۇرچە بىلىدىغان ئادەملەرنىڭ چۈشىنىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن. نوقۇل شۇ كەسىپنى ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەنلەرگە ئەمەس. بولمىسا خروموزوم، نيترون، ھورمون ... دېگەندەك كىشىلەر بىلىدىغان ئەمما چۈشەنمەيدىغان پېتى قالسىمۇ بولىۋېرىدۇ.

توغرا، ئىش ئاسان ئەمەس، ئەمما كۈچ چىقىرىشقا ئەرزىيدۇ.

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 22:59:45

ئاز بولسىمۇ بىر دانە ئاتالغۇ ھەققىدە گەپ قىلاي. ھازىر بەزى ساھەلەردە قوللىنىلىۋاتقان «لوگىگا» ئاتالغۇسى بىزنىڭ تىلىمىزدىكى دەل «مەنتېق» ئاتالغۇسى بىلەن باراۋەر بولۇپ، ئۇنى يەنە «مەنتېقەن» دەپ رەۋىشلەشتۈرگىلى بولىدۇ. ھەمدە «لوگىكاۋىي، لوگىكېلىق» دېگەننىمۇ «مەنتېقىي» دەپ ئۇيغۇرچە ئاتىشىمىز لازىم بولسىمۇ، ئەمما بەزى كىشىلەر شۇ تۈردىكى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلمەسلىكىدىن، ھەم بەزىلىرى بىلسىمۇ، ئوقۇغۇچىلىرى ياكى مەلۇم جەھەتتىكى بىلىمى ئۆزىدىن كەمراق ئادەملەرنىڭ ئالدىدا، كۆز ئالدىدىكى ئاشۇ كىشىلارگە نىسبەتەن «كاتتا ئىلىملەر» دىن مەلۇماتلىقتەك قىياپەتتە بولۇۋېلىش ئۈچۈن، قەستەن لاتىنچە ۋە خەنسۇچە ئاتالغۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىۋاتىدۇ.

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 23:23:19

SYAWUSH يوللىغان ۋاقتى2014-11-8 22:59 static/image/common/back.gif
ئاز بولسىمۇ بىر دانە ئاتالغۇ ھەققىدە گەپ قىلاي. ھازىر ب ...

بۇ گويا «كۈمۈش نىترات»نى ئاتايىن «ئارگېنتوم نىترات» دەيدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدەكلا!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 08:26:33

@niyazdixan

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزگە رەھمەت دەپ ئۇچۇر يازغان ئىدىم. مەزكۇر تېمىدا ئاتسىتىل گۇرۇپپىسى دېگىنىم توغرا ئىدى، ئەمما خېمىيىلىك فورمۇلىسىنى خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن دېققەت قىلماي، شۇنى سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى كۆرۈپ توغرىلاپ قويدۇم. كۆپ رەھمەت! ئەمما سىزگە ئۇچۇر يازسا ماڭمايدىكەن. ئېلخەت قىلسام بولغۇدەك دەپ قالدىم.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 14:28:05

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-12-5 08:26 static/image/common/back.gif
@niyazdixan

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزگە رەھمەت دەپ ئۇچۇر ياز ...

رەھمەت ئېيتقۇدەكمۇ ئىش ئەمەستى.
بەت: 1 [2]
: (bilgejan) پەقەت گېنلا ئېرسىيەت قالامدۇ؟