karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 10:54:00

ئۈرۈمچىدىن كورلىغا پويىز بىلەن 5 سائەتتە بارغىلى بولىدۇ


يېقىندا، تەڭرىتاغ تونېلى (ئوڭ لىنىيە) غا رېلىس ياتقۇزۇلۇشى ۋە شىخۇ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى تۇرپان-كورلا 2-لىنىيەسى ئۆتۈشكەن بولۇپ، يىل ئاخىرىغىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
تۇرپان-كورلا 2-لىنىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قاتنايدىغان تايانچ تۆمۈر يول بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جۇڭگو بىلەن ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرۇدىغان يېڭى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى ھېسابلىنىدۇ،
ئۇنىڭدىن باشقا، تۇرپان-كورلا 2-لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتنايدىغان تۆمۈر يول يۈرۈش ۋاقتى نۆۋەتتىكى 12 سائەتتىن 5 سائەتكە قىسقىرايدۇ، مۇساپە ئەسلىدىكى 600 كىلومېتىردىن 478 كىلومېتىرغا قىسقىرايدۇ.
مەنبە : سىنا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 11:12:08

ئاقسۇغا قانچىلىك قىسقىرايدىكەن؟

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 12:52:16

جاپا تارتمايراق كەلسۇن دەپتىدە.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 14:21:26

كورلىدىن-گولمۇدقا رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلىشى بۇ يىل ئاخىرىدا باشلىنىپ 4 يىلدىن كېيىن رەسمى قاتناش باشلىنىدىكەن .
دىمەك كورلا تېخىمۇ مۇھىم قاتناش تۈگىنى بولىدىكەندە

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 14:45:09

مەن شۇنى ئويلاپ قالىمەن، نىمىشكە ئۈرۈمچىدىن چىقىپ ئالدى قىسلاڭ( 前峡 )ئارقىلىق بىۋاستە كۆرلا تۆمۈر يولىغا تۇتىشىدىغان بىر يول ياسىمايدىغاندۇ؟
، شۇنداق بولغاندا تېخىمۇ تىزلىشەتتى .

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 14:51:30

karahaniya يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 11:12 static/image/common/back.gif
ئاقسۇغا قانچىلىك قىسقىرايدىكەن؟

122000مېتىر قىسقىرايدىكەن

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 14:52:43

گولمود دېگەن چىڭخەيدىمۇ تىبەتتىمۇ ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 15:00:11

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 14:52 static/image/common/back.gif
گولمود دېگەن چىڭخەيدىمۇ تىبەتتىمۇ ؟

گولمۇد چىڭخەينىڭ ئىككىنجى چوڭ شەھىرى
http://news.hexun.com/2014-10-23/169612324.html

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 15:19:13

ئىش باشقا نىيەت باشقا

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 15:33:34

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 15:00 static/image/common/back.gif
گولمۇد چىڭخەينىڭ ئىككىنجى چوڭ شەھىرى
http://news.hexun.com/2014-10 ...

يوللارمۇ  تەرەپ تەرەپكە تورلىشىپ كېتىدىكەندە ئەمدى

samawar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 16:01:39

بۇ يولدا قاتناش باشلىسا ، ئۇرۇمچىدىن ئاقسۇغا 10 سائەتتە، قەشقەرگە 15
سائەتتە يىتىپ بارغىلى بولىدىكەن !

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 17:05:55

ئاقسۇ بىلەن غۇلجا  خوشنا  ، ئەمما  بارماق بەك تەس .....


ئىچكىردىن تۇشۇيدىغان لىنيە  شۇنداق راۋان بولمىسا  ...


ئاتا بوۋمىز  قىچىر بىلەن ھالقىپ ئۆتكەن تاغدىن ئۈتەلمەيدۇ دىسە  ئىشەنمەيمە  ...


قانداق قىلمە مەن مۇشتاق تۇخۇمدىن تۈك ئۈندىگىلى ئامراق تۇرسام

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 18:08:33

دۇرۇس پىكىر..... نىمىشقا ئىلىدىن ئاقسۇغا تۆمۈر يول ياسالمايدىغاندۇ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 21:06:52

بەك ياخشى بوتۇ ، شارائىتتىن تولۇق پايدىلانغۇلۇق ،،،،،

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 09:16:13

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 12:52 static/image/common/back.gif
جاپا تارتمايراق كەلسۇن دەپتىدە.

شۇ شۇ شۇ شۇ :'( :'( :'(

gherip928 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 09:54:10

شۇنى دەيمەن..خەرىتىگە قارىسا ئاقسۇ بىلەن غۇلجا بەكلا يېقىن ئىكەن... بىراق ئاقسۇدىن غۇلجىغا بارماق بەس مۈشكۈل ... نىمىشقا ھازىرغۇچە يا تۆمۈر يول..يا تاشيول ياسالمايدۇ...تۆشۈك تاغنىڭ يوللىرى بەك خەتەرلىك....

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 11:24:05

gherip928 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 09:54:10 static/image/common/back.gif
شۇنى دەيمەن..خەرىتىگە قارىسا ئاقسۇ بىلەن غۇلجا بەكلا ي
يېڭى ئەسىر كىرىش ھارپىسىدا پىلاندىن چىقىرىۋەتكەن ئوخشايدۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 11:25:26

gherip928 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 09:54 static/image/common/back.gif
شۇنى دەيمەن..خەرىتىگە قارىسا ئاقسۇ بىلەن غۇلجا بەكلا ي ...

ئاقسۇدىن غۇلجىغا بارىدىغان يول تەڭرىتېغى سەۋەپلىك تەسكە چۈشكەنلىكى ئېنىق . 2020-يىللىق پىلاندىمۇ بۇ يول يوقتەك، ھازىرقى كۇچا- مايتاغ يولى  جەنۇبى شىنجاڭ بىلەن شىمالى شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىن بىر يول بولۇپ قالغۇسى .

http://subsite.xjjt.gov.cn/ghs/show.aspx?ID=10714

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 17:39:00

غۇلجا بىلەن ئاقسۇغا تومۈر يول ياسىغان بولسا تىجارەت ئىشلىرىمغا بەك قولايلىق بولاتتى... قاچانمۇ ياسار غۇلجا بىلەن ئاقسۇ تومۈر يولىنى .... :(

Alif يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:20:17

گولمۇد چىڭخەينىڭ مەركىزى
بەت: [1] 2
: ئۈرۈمچىدىن كورلىغا پويىز بىلەن 5 سائەتتە بارغىلى بولىدۇ