ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:32:24

ئۇنىڭدىن باشقا، تۇرپان-كورلا 2-لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتنايدىغان تۆمۈر يول يۈرۈش ۋاقتى نۆۋەتتىكى 12 سائەتتىن 5 سائەتكە قىسقىرايدۇ، مۇساپە ئەسلىدىكى 600 كىلومېتىردىن 478 كىلومېتىرغا قىسقىرايدۇ.

600 كىلومىتىرغا 12 سائەت ماڭىدىغان كالا ھارۋىسى يوقتۇ-ھە...

980999621 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 09:07:36

ئاقسۇغا بارىدىغان پويىزنىڭ ۋاقتىمۇ قىسقىرامدىغاندۇ؟:o

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 09:37:25

Alif يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 20:20 static/image/common/back.gif
گولمۇد چىڭخەينىڭ مەركىزى

گولمۇد  چىڭخەينىڭ مەركىزى ئەمەس، مەركىزى - شىنىڭ
مەن بۇرۇنقى ئىنكاسىمدا ئېيتقاندەك: كورلا -گولمۇد تۆمۈر يولى ياسىلىپ قالسا، كورلىدىن بۇ لىنىيىنى ئۇزارتىپ ئۈرۈمچىگە تۇتاشتۇرسا (تۇرپان يۇلى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئارقا قىسلاڭ -后峡ئارقىلىق) ، ئۈرۈمچىنىن جەنۇبى شىنجاڭغا بارىدىغان تۆمۈر يول مۇساپىسى تېخىمۇ قىسقىراپ 12 سائەتتە خوتەنگە  بېرىش ئەمەگە ئاشقۇسى .

رەسىمدىكى ئۈرۈمچى- كورلا ئۈزۈك سىزىققا قاراڭ .

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 15:56:49

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

يۇرت بىلەن يۇرت ئارىسىدىكى يوللار ياخشىلىنىپ ۋە يېڭىدىن ياسىلىپ ، ئارلىق قىسقىراۋاتىدۇ ، بىراق قەلب بىلەن قەلب ئارىسىدىكى يوللار يىراقلىشىپ ، ھەتتا تارىيىپ ، ئارىلىق بەكمۇ ئۇزىراپ كىتىۋاتىدۇ .....
ماگنىتنىڭ تارتىش كۈچى قالمىغاندا تۆمۈرنى چاپلاپ قويساقمۇ ئەھمىيتى بولمىغىنىدەك ، مۇساپىدىكى ئارلىق قىسقارغان بىلەن ، ئادەملەر قەلبىدىكى مىھرىبانلىق ئۇزىراپ كەتسە ھېچقانداق بىر ئەھمىيتى يوق !

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 17:54:13


تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە سۈرئىتى ئادەملەرنى ساقىلغان ئەمەس. كىتاپلاردا ' بۇرۇن ئىشچىلار كاپىتالىستلاردىن ئۆچىنى ئالالماي ماشىنلارنى چاققان ' دەيدىغان گەپلەر چىقىدىغان، تۆمۈريول يېڭى كەلگەندە قارشى تۇرغان، يول توسىغان، رېلىسنى بۇزغان ... ئىشلار دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا يۈز بەرگەن. ئويلاپ باقساق مەسىلىنىڭ نىگىزى تۆمۈريولدا ئەمەس، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشتا.

تۆمۈريول مىنستىرلىكى ۋە بۇرۇنقى مىنىستىرى بولغان بولسا ھەتتە قەشقەردىن لىخاساغىچە بولغان تۆمۈريولمۇ ياسىلىشى مۈمكىن ئىدى.

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 00:00:48

ئىزدىنىش مۇنبىردە بىلىگى چوڭلاردىن بىلىمى چوڭلار  ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن ، بىلىم خۇمارىم ، تەشنالىقىم ئۈچۈن ئۇستازلاردىن كۆپرەك بىلىم ئېلىشنى ئۈمۈت قىلمەن .:handshake

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 09:09:03

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-10-27 17:54 static/image/common/back.gif
تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە سۈرئىتى ئادەملەرنى ساقىلغان ئە ...

ھەتتە قەشقەردىن لىخاساغىچە بولغان تۆمۈريولمۇ ياسىلىشى مۈمكىن ئىدى.
بۇ بىرەر مىنىستىرنىڭ سەۋەبىدىن بولىدىغان ئۇنداق ئاددى ئىش ئەمەس.
خوتەن-شىچۈەنخې -رىكاز-تۆمۈر يولى(和田-狮泉河-日喀则线) دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانىدا « تەتقىق قىلىنىدۇ» دەپ يېزىلغان . http://baike.baidu.com/view/1463367.htm دىكى 路网布局 نىڭ 4- سىگە قاراڭ

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 10:14:45

'تەتقىق قىلىنىدۇ' دىگەن ھالەتتە تۇرىشىدىكى سەۋەپ بۇ تۆمۈريولنى ياساش بەلكىم چىڭخەي-تىبەت تۆمۈريولىنى ياساشتىنمۇ تەس بولىشى مۈمكىن، چىقىم جىق كېتىدۇ،سىتراتىگىيەلىك ئەھمىيتى ھازىرچە زور ئەمەس.

ئەمما تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن لىيۇ مىنىستىر ئالامەت كەسكىن ئادەم ئىدى، شۇ بىر قوللۇق كۆتۈرۈپ قويغان يۇقرى سۈرئەتلىك پويىز ھازىر جۇڭگۇنىڭ كوزۇر مەھسۇلاتى بولۇپ قالدى.شۇ بولغان بولسا دەيمىنا، ئۈستەل مۇشتلاپ قوپۇپلا 'ياسايمەن' دىسە ياسىلىپ كېتەر ئىدى، نىمە ئۇ سىتراتىگىيەلىك پىلان دىگەن، قۇرۇلۇش قىلىپ پۇل تاپسىلا ھىساپ ئەمەسمىدى{:87:}

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 10:44:25

قۈيرىقىنى كۆتۈرگەن كالا ھامان تىزەكلەيدۇ ... خوتەن-شىچۈەنخې -رىكاز-تۆمۈر يولىنى پىلانلىغان بولسا ھامان ياسايدۇ ق ئۇ ت ئا  ر  

toghurchin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 12:55:01

  ئاقسۇ بىلەن ئىلىدىكى مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسى مۇزداۋان بىلەن تۇتىشىدۇ. لېكىن يول ياسىغۇدەك ئىمكانىيەت يوق.ئاڭلىشىمچە قازاقىستان چېگىرىسى ئارقىلىق يول ياسالسا ئىمكانىيەت بولىدىكەن. لېكىن قازاقىستاننىڭ يەر تېگىشىشكە ئۇنىماي پىلان ئەمەلدىن قاپتۇ دېگەن گەپلەر بولغان،كېيىن يەنە قازاقىستاننىڭ قوشۇلىشى بىلەن قۇرۇلۇش باشلاندى دەپ گەپ بولدى،ھازىر قانداق بولدى بىلەلمىدىم.بۇ يول ئېچىلسا بوۋامنىڭ يۇرتى باي ناھىيىسىگە بېرىپ كۆرۈپ كېلەي دەپ ئۈمىدتە ئولتۇرىمەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 11:31:13

toghurchin يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 12:55 static/image/common/back.gif
ئاقسۇ بىلەن ئىلىدىكى مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسى مۇزداۋان بى ...

ئاقسۇ -غۇلجا تۆمۈر يولى 2020-يىللىق يۈكسەك پىلاننىڭ ئىچىدە باردەك قىلىدۇ،
يەنى 310مىليارت يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، شىنجاڭدا 4 گورزىنتال 4 ۋىرتىكال يۈلۈنىشتىكى تۆمۈر يول تورىنى بەرپا قىلىش .

四纵分别为:
阿勒泰-克拉玛依-伊宁-阿克苏铁路线;
富蕴-准东-乌鲁木齐-巴仑台-库尔勒铁路线;
吐鲁番-库尔勒-阿克苏-喀什铁路线;
哈密-罗布泊-若羌-和田铁路线。
-------
四横分别为:
准东-将军庙-哈密-额济纳铁路线;
阿拉山口-乌鲁木齐-哈密-兰州铁路线;
库尔勒-若羌-格尔木铁路线;
喀什-和田-日喀则铁路线。
http://www.zgjtb.com/content/2010-06/21/content_164091.htm

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 21:37:00

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 14:45 static/image/common/back.gif
مەن شۇنى ئويلاپ قالىمەن، نىمىشكە ئۈرۈمچىدىن چىقىپ ئال ...

  سىز دىگەن يەرنى مۇز داۋان دەيمىز ، ئۈرۈمچى بىلەن خېجىڭنىڭ چىگرىسى بۇلىدۇ . بۇ يەردىن بۇرۇن بىر قېتىم 1-دەرىجىلىك تاشيول ياسىماقچى بۇلۇپ كىيىن ئەمەلدىن قالدۇرغان . بۇ قېتىم 2-دەرىجىلىك تاشيولدىن بىرنى ياسارمىش . بۇ يول پۈتسە ئۈرۈمچىدىن خېجىڭغا 180 كىلومىتىر ، كورلىغا 280 كىلومىتىر بۇلارمىش .

980999621 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 09:46:31

gherip928 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 09:54 static/image/common/back.gif
شۇنى دەيمەن..خەرىتىگە قارىسا ئاقسۇ بىلەن غۇلجا بەكلا ي ...

ئاقسۇدىن غۇلجىغا بارىدىغان تاشيول بار ...  تۆمۈر يول تېخى يوق ..

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 11:05:22

موڭغۇلكۈرەدىن ئونسۇغىچە بولغان يول توغىرسىدا 2010- 2011-يىللىرى شۇنداق بىر پىلانلاشلار بولغان. بىزنىڭ ئىدارىدىنمۇ بىر قانچىسى ئىچكىرىدىكى  لاھىيلەش  ئورۇنلىرىنىڭ خادىملىرى بىلەن بۇ يولنى  بىر مېڭىپ چىقتىغۇ دەيمەن،  كېيىن جىم بولۇپ كەتتى.  بۇ يولنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بەك يوقىرى، توڭ توپا، مۇزلۇق، قار كۆچۈش.... دىگەندەك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەك. بولۇپمۇ توڭ توپا قاتلىمىدا ، مۇزلۇق بار يەردە يول ياسىماق بەسى مۈشكۈل ئىش،  بۇ يىل ياساپ قويسىڭىز كېلەر يىلى يول شەكلى ئۆزگىرىپ  كېتىدۇ. ھازىرغىچە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى يوق.  تاغنى تېشىپ ئۆتىدىغان تونىلنىڭ مەسىلىسى تېخىمۇ قىيىن بىر مەسىلە، مۇزلۇقتىن قانداق ئۆتۈش كېرەك ، ئىشقىلىپ  دۈچ كېلىدىغان مەسىلىلەر بىر تالاي.  بىر ئامال قىلىپ يولنى ياسىدى دىسەكمۇ،  ئۇ يولدا بىر يىلدا قانچە ئاي قاتناش راۋان ماڭالايدۇ بۇ بىر مەسىلە.  ھازىرقى مايتاغ-كۇچا تەڭرىتاغ تاشيولىدىمۇ بىر يىلدا ئاران 4-5 ئاي يول ئوچۇق . شۇنچە كۆپ مەبلەغ سېلىپ ياسىغانغا چۈشلۇق ئىش بولمىسا بولمايدۇ.  بۇ يىل  ئەتىيازدا20 دەك يول  پىلانلىرى چۈشكەن ،  كۆپىنچىسى تاغ يوللىرى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ بارمۇ يوقمۇ بىلمەيدىكەنمەن.
  ئۈرۈمچىدىن 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقتىن ئۆتۈپ بالغۇنتايغىچە يولنىڭ دەسلەپكى پىلانى يوقىرى دەرىجىلىك تاشيول(يوقىرى سۈرئەتلىك ياكى بىرىنچى دەرىجىلىك تاشيول) ئىدى،   بۇنىمۇ خېلى ئۇزۇن تەتقىق قىلدى.   بۇ يىل چۈشكەن يول پىلانلىرىدا قاتارىدا بۇ يولمۇ باركەن،  دەسلەپكى پىلاندىكى  مەبلەغ بەك كۆپ بولغاچقا،  بۇنى 2-دەرىجىلىك يول قىلىپ پىلانىنى ئىشلىدى.  ئۆلچەش -لاھىيلىشى تېز بولسا كېلەر يىللاردا بوپ قالامدىكىن.
بەت: 1 [2]
: ئۈرۈمچىدىن كورلىغا پويىز بىلەن 5 سائەتتە بارغىلى بولىدۇ