dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 23:40:21

توكيودىكى نامراتلار

توكيودىكى نامراتلار

لىيۇشىياۋدوڭ


نۇرغۇن كىشلەرگە ئايانكى توكيۇ تۇرمۇش ئېستمال سەۋىيىسى ئىنتايىن يۇقىرى، مال باھاسى، يەرباھاسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەر.ئۇنداقتا توكيودا ياشاۋاتقان پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ھەددىدىن زىيادە ئېغىرمۇ؟ توكيودا كۈن ئالماق بەسى مۇشكۈلمۇ؟



توكيودا كىرىمى ئەڭ ئاز بولغان ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلەر: ئاشپوزۇللارنىڭ قاچا-قۇچا يۇيغۇچىلىرى، تاللابازارلىرنىڭ كۆكتات ئادالىغۇچىلىرى، ماشىناتوختىتىش زاللىرىنىڭ تازىلىق ئىشچىلىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇخىل كەسىپتىكىلەر سائىتىگە تەخمىنەن 800دىن 1000 ياپۇنىيە يىنىغىچە (نۆۋەتتىكى ئايرىباشلاش قىممىتى بويىچە 1ياپون يىنى 0.078 يۈەنگە تەڭ، شۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ سائەتلىك كىرىمى 60دىن 78 يۈەنگىچە بولىدۇ) بولىدۇ.

بۇ بىرسائەتلىك ئىش ھەققى نېمىگە يېتىدۇ؟

بۇنچىلىك پۇلغا ئادەتتە توكيودىكى تاللابازارلىدىن 2.5لېتىرلىق تائام يېغىدىن 4 بوتۇلكا ياكى تۇخۇمدىن 70 دانە سېتىۋالغىلى بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئايرىم –ئايرىم ھالدا 4كېلوگرام ئۇن، 4كېلوگرام گۈرۈچ ، 4لېتىر كالاسۈتى ياكى 1كېلوگرام چوشقا گۆشى سېتىۋالغىلىمۇ بولىدۇ.

توكيودا بىرقېتىملىق شەھەر ئىچى سۆزلىشش تېلېفۇن ھەققى 10 ياپۇن يىنى، بىرپارچە خەلقئارالىق پوچتا يوللانمىسى ھەققى 80 ياپۇن يىنى، ئاممىۋى قاتناشتا 5بېكەتلىك يول يۈرسىڭىز 180 يىن(14يۈەن) ، نورمال بىر قېتىملىق تاكسى لېنىيىسى 230 يىن(18يۈەن)، ئاپتۇمۇبىل يىقىلغۇسىنىڭ ھەرلېتىرى 145 يىن (11.3 يۈەن) ……..

يۇقىرىقى ھېسابات گەرچە نۆۋەتتكى مال باھاسى بويىچە مىسال قىلىنغان بولسىمۇ، بىر سائەتلىك كىرىم بىلەن تۇرمۇش ئىھتىياجىنى خىلىلا قامدىغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. ئەگەر يۇقىرىقى مال باھاسىنى ئوخشاش تۈردىكى جۇڭگو مال باھاسى بىلەن سلۇستۇرساق توكيونىڭ ھەقىقەتەن يۇقىرى، بىراق ياپۇنىيىلىكلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئايلىق كىرىمى بولمىش 250،000 ياپۇن يىنى(19500يۈەن)ۋە كىشى بىشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم بولمىش 300000 ياپۇن يىنى (234000يۈەن) نى ئويلىشىپ باقساق بۇخىل كىرىم-چىقىم ئەھۋالى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ.

بىر ۋاقىتلىق ئىشلەمچى ھەركۈنى 8سائەت خىزمەت قىلسا، كۈنىگە 6500دىن 8000يىنغىچە(500يۈەندىن 625يۈەنگىچە) كىرىم قىلالايدۇ، ھەرئايلىق كىرىمى بولسا 200،000يىن (15600يۈەن) دىن كەم بولمايدۇ. ناۋادا ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ قوغلاشماي، شەھەر چىتىدىنرەك تۇرالغۇ ئىزدىسە30~40 كۇۋادرات مېترلىق ئاشخانىسى ۋە ئىككى ھوجرا، بىر مېھمانخانىلىق ئىجرا ھەققى 80،000دىن 100،000يىنغىچە (6240يۈەندىن 7800يۈەنگىچە) بولغان ئۆي تاپقىلى بولىدۇ، بۇ بىر كىشىنىڭ بىرئايلىق ئىش ھەققىنىڭ يىرىمىغا يەتمەيدۇ، ئىشىپ قالغان ئىش ھەققى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستمالىنى قامداش مەسىلە ھېسابلانمايدۇ.

ناۋادا بۇ ئىشلەمچى تىجەشلىكرەك بولسا بىر مەزگىلدىن كېيىن ماشىنا سېتىۋىلىشنى ئويلاشسا تامامەن بولىدۇ. ئادەتتىكى ياپونىيە ئۆزىدە ئىشلەنگەن ماشىنىلارنى 1مىليۇن 700مىڭ يىندىن 1مىليۇن 800مىڭ يىنغىچە(140مىڭ يۈەن ئەتىراپىدا) سېتىۋالغىلى بولىدۇ. نېمكەش ماشنىلار تېخىمۇ ئەرزان، ئىككىنچى قول ماشىنا بازىرىدىن نەچچە ئونمىڭ كېلومتېر مۇساپە باسقان ماشىنىلارنى بىرەر مىليۇن يىن ياكى ئۈچ-تۆرتيۈزمىڭ يىنغىچە(30مىڭ يۈەن ئەتىراپىدا) سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ياپونىيە جەمئىيىتىدە  كىشلەرنىڭ سەمىمىيلىك قارىشى ناھايىتى يۇقۇرى، ئادەتتە ئىككىنچى قول ماشىنىلاردا ھېچقانداق مەسىلە يوق بولۇپ، تامامەن ھالدا خاتىرىجەم سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

نۇرغۇن ئەللەر بىلەن سېلۇشتۇرغاندىكى بىر روشەن ئالاھىدىلىك شۇكى، توكيودىكى «نامراتلار»نى تاشقى جەھەتتىن جەزىملىگىلى بولمايدۇ. ئۇلار يېمەك-ئىچمەك، كېيىم –كېچەكتە بايلاردىن قىلىشمايدۇ. ئېلېكتىرۇنلۇق ئائىلە بۇيۇملىرى كەم ئەمەس، شەخسى تۇرالغۇسى، شەخسى ماشىنىسىمۇ تەل، بايلار بىلەن ئوخشىمايدىغان پەرقى بار دېسە بەلكىم بانكىدىكى زور سوممىلىق ئامانىتى ياكى چەتئەللەردە ساياھەت قىلىش قېتىم سانى ئاز بولۇش جەھەتلەردە بولۇشى  ياكى ئېمپورت قىلىنغان ھەشەمەتلىك ماشىنىىسنىڭ يوقلىقىدا بولۇشى مۇمكىن.

ھەرخىل ئىستىمال توپىدىكى كىشلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن توكيودا يەنە تۈرلۈك دەرىجىدىكى سودا دۇكانلىرى قۇرۇلغان، ئۇنىڭدىن تاشقىرى ئاپتومۇبىل كۆچمە دۇكانلىرى دائىم دېگۈدەك ئاھالىلەر رايۇنلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ تۆۋەن باھالىق مېۋە-چىۋە، كۆكتات ساتىدۇ. توكيودا تاكشىمايا،سىبولاردەك داڭلىق سودا سارايلىرى بولۇپلا قالماي يەنە تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ئېچىلغان مەملىكەت مىقىياسىدا زەنجىرسىمان سېتىش دۇكانلىرى بولۇپ، جۇڭگونى ئۆزئىچىگە ئالغان نورغۇن دۆلەتلەردە ئىشلەنگەن ئەلا سۈپەتلىك، باھاسى مۇۋاپىق مەھسۇلاتلارنى تەمىنلەيدۇ.

ناۋادا بىراۋ ئىشسىز قالىدىغان ئىش بولسا ، ئۇنىڭ جورىسىنىڭ خىزمىتى، ئايلىق كىرىمى بولۇشىدىن قەتئىي-نەزەر، رايۇنلۇق كومىتىتقا تېزىملىنىپ، ھەرئايلىقى 200مىڭ ياپۇن يىنى بولغان  ئىشسىزلىق تەمىناتىدىن 3 ئاي بەھرىمان بولسا بولىدۇ.  بىراۋ بالىلىق بولسا، رايۇنلۇق كومىتىت ھەرئايلىقى 40مىڭ يىنلىق ئۆسمۈرلەر تۇرمۇش تولۇقلمىسى بىجىرىپ، بىۋاستە ھىساباتقا كىرگۈزۈپ بېرىدۇ، بۇ تاكى شۇ بالا قورامىغا يەتكۈچە داۋاملىشىدۇ. ئادەتتە يەسلىلەرنىڭ ئايلىق خىراجىتى 40مىڭ يىندىن ئىشىپ كەتمەيدۇ، بۇنداق بولغاندا تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ ئەلۋەتتەپەرزەنتلىرىمۇ ياخشى بولغان تەربىيىلىنىش مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالمايدۇ.

2010-يىلى جۇڭگونىڭ GDP سى ياپۇنىيىدىن ئىشىپ ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلاندى. بىراق كىشىنىڭ كۆزىنى قانچىلىك ئالا-چەكمەن قىلغۇدەك ئىقتىسادى ئىشش بولسۇن، بىر جەمئىيەتنىڭ ئەڭ غايىۋى ھالىتى شۇكى : ھەرخىل كىشلەرتوپىغا (ئادەتتىكى كىشىلەر،ھەتتا ئەقلى ئىقتىدارى ئاجىزلار توپى) بىخەتەر، شۈبھىسىزبولغان تۇرمۇش ۋە ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك.

خەنزۇچە « نەزەر» (视野) ژورنىلى (تورنۇسخىسى)نىڭ 2013-يىللىق 17-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى .

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 10:11:53

جەمئىيەت پاراۋانلىقى نىمانداق ياخشى ، ئىككى بالامنىڭ بىرىگە يىلدا 30 يۈەندىن پىلانلىق تۇغۇت تولۇقلىما پۇلى ئاپتىمەن  18 ياشتا توختىدى ئۇ 30 يۈەنمۇ.  

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 10:25:41

پاراۋانلىقى بىلەن ئىش ھەققى سەۋىيىسى ھەقىقەتەن بولىدىكەن

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 10:34:51

ياپۇنىيە قىزغىنلىقى ھەممىمىزدە بارمىكىن؟

xamxar1975 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 10:45:40

بالىلارنىڭ كىلەچىكىنى ئويلىغان دۆلەت مەڭگۈ روناق تاپىدۇ.

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:29:54

ياكى ئېمپورت قىلىنغان ھەشەمەتلىك ماشىنىىسنىڭ يوقلىقىدا بولۇشى مۇمكىن.

ما گەپكە تازا ئىشنەمىدىغۇ مەن ،
ياپۇننىڭ ماشىنىسىنى ئەڭ بىخەتەر ، ھەشەمەتلىك دەپ قارايمىزغۇ ئادەتتە .
ئۇلاردىمۇ چەتنىڭكىگە چۇقۇنۇش پىسخىكىسى بارمۇ يا  بىزلەردەك .
ھەي توكيو ، ھەي توكيو  . . .  .
ھىچبىر چۈشۈمدىمۇ كۆرمەيۋاتىمەنغۇ سىنى .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:45:44

بىز سىپى ئۆزىدىن نامراتكەنمىز ئەمىسە

Holmes يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:56:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Holmes تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-22 11:58  

ئ‍ۈستىدىكى تورداش  مەيلى ئ‍ىشىنىڭ ياكى ئ‍ىشەنمەڭ  ياپونلارمۇ ئ‍ۆزىدە يوقنى باشقا تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىن كىرگۈزىدۇ.
بىزمۇ جوڭگۇدا ئ‍ىشلەنگەن ماشىنىلار بىلەنلام قانائ‍ەت تاپمايمىزغۇ ئ‍اخىر!
ئ‍ۇلارمۇ تىخىمۇ ھەشەمەت قوغلېشىپ ئ‍ىتالىيەنىڭ فەرارى، لەمبورجىنى،  ئ‍ەنگىلىيەنىڭ ئ‍استون مارتىن، رەنجروۋرلىرىنى ، گىرمانىيەنىڭ  بىنىز، بى ئ‍ەم  دابلىيۇ  قاتارلىق ماشىنىلىرىنى ئ‍ىمپورت قىلىپ ئ‍ىشلىتىدىغاندۇ بەلكىم

gherip928 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 12:16:24

جەمىيەت پاراۋانلىقى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن... ئۇلارغا قارىغاندا بىز سېپى ئۆزىدىن نامرات ھىساپلانغۇدەكمىز...ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى..ئاچ-يالىڭاچ توقسىز قالماي يۈرىۋاتىمىز... بۇ ئايدا تاپقىنىمىز ئۇ ئايغا ئاران ئۇلىشىۋاتىدۇ... ھەقىقەتەن بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگەن دۆلەت ھەقىقەتەن قۇدرەت تاپىدۇ....

turan83 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 13:29:38

ئۇلارنىڭ ئەڭ تۆەن ئايلىق كىرىمى 19500يۈەن مىنىڭ ،يېرىم يىللىق كىرىممىگە باراۋەركەن.، نىمىلا دىگەن بىلەن دۇنيادىكى 2-ئورۇندا تۇرىدىغان تەرەققىي قىلغان دۆلەتتە.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 13:40:26

جۇڭگونىڭ GDP سى دۇنيا بويىچە 1- ئورۇنغا ئۆتتىغۇ باللا ، بىزدىن ئۆتە باي بارمۇ يەرشارىدا :lol

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 13:55:14

ياپۇننىڭ ماشىنىسى توغىرىسىدا گەپ چىقىپ قالدى، بۇ توغىرىسىدا ياپونيىدىكىلەر سۆزلەپ باقسا بولاتتى.
مەسىلەن ماشىنا، يانفۇن دىگەندەك.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:26:02

ياپۇنيەگە قىززىقۋاتىمەن ما تىمىنى كۆرۈپ،لىكىن جۇڭگودىن چىققان كۆچمەنلەرگە بۇنداق ياخشى سىياسەت يوق بۇلىشى مۇمكىن.

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:52:25

ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ نوپۇسى چىۋىن ياكى سۈۋەرەكتەك جىق ئەمەس..  

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 15:12:59

isyankar731 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 14:52 static/image/common/back.gif
ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ نوپۇسى چىۋىن ياكى سۈۋەرەكتەك جىق ئ ...

زىمىنىغا نىسبەتەن نۇپۇس جىق ھىسابلىنىدۇ.
جوڭگو ئون گەپنىڭ بىرسى بولسا نوپۇس جىق دەپ تۇرىۋالىدۇ. ئەمما شۇنىڭغا چۇشلۇق زىمىنىمۇ چوڭ. شۇڭا نوپۇس جىق دەپ قاقشاش ئارتۇقچە باھانە.  

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 15:18:32

كورىيە بىلەن ياپونىيەدە ياشاپ شۇنى سەزدىم.
ياپونىيەدە ۋېلسىپىتنى جىق مىندىكەن. كورىيەدە پەقەت چىنىقىش ئۈچۈن مىندىغانلار بار ئىدى.
ياپونىيەدە كېردىت كارتا ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيدىكەن.كورىيەدە سۇدەك ئىشلىتىۋېتىدۇ. ئادەتتىكى بىر كولا ئالساقمۇ كارتا سېيرىيتۇق بۇ يەردە ئۇندا ئەمەس ئىكەن . نەق پۇلنى جىق ئىشلىتىدىكەن.

ياپۇنىيەدە ھەممە كىشى باج تۆلەيدۇ مەيلى چەتئەللىك بولۇڭ ۋە ياكى ياپۇن نۇپۇسى بولۇڭ ئوخشاش باج تۆلەيسىز.شۇڭا تەمىناتلىرىدىن ئوخشاش ھەمبەھىر بۇلسىز. مەسىلەن ئايالىڭز يەڭگىسە 43تۈمەن يېن بېرىدۇ. بالىڭز يەسلىدە ھەقسىز ئوقۇيدۇ.
يىللىق ئىش ھەققىڭىز ئېشىپ كەتسە تۆلەيدىغان باج جىقىيدۇ.كورىيەدە كارى يوقتى.
ياپۇننىڭ مۇلازىمىتى دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ بىر يەرگە كىرسىڭز ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىدىن ھەيران قالسىز. شۇنداق مۇلايىم ۋە سىپايە. نەرسە ئېلىپ سوراپ چىكەتسىڭز سىزگە يارىغان نەرسە يوق ئىكەن كەچۈرۈڭ دەپ كېتىدۇ. كورىيەدە سىزنىڭ چەتئەللىك ئىكەنلىكڭزنى بىلسە تۇتۇپ قويۇپ چىكەتسىڭز شىبار دىگەن گەپنى ئاڭلايسىز.........{:92:}  ئىشىم چىقىپ قالدى سەل تۇرۇپ داۋامىنى سۆزلەيمەن

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 16:15:21

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 16:58:46

تىما ئىسمىغا قاراپ تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان ئۆيلاردە ئولتۇرۋاتقان كىشىلەرنى كۆرەمىزمىكىن دىسەم {:92:}{:92:}

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 17:07:41

بارىپ قالساق نامراتلىققا ئالارمۇ؟

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 17:11:16

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىينىڭ نوپۇس زىچىلىقى جوڭگونىڭ نوپۇس زىچىلىقىنىڭ تەخمىنەن 2.5 ھەسسىگە تەڭ كېلىدىكەن. ياپونىينىڭ قۇرۇقلۇق زىمىنى تەخمىنەن 378مىڭ كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ ،ئاھالىسى تەخمىنەن 127مىليۇن ئەتراپىدا. جوڭگونىڭ  قۇرۇقلۇق زىمىنى تەخمىنەن  توققۇز مىليۇن 600مىڭ كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ ،ئاھالىسى تەخمىنەن بىر مىليارد 300 مىليۇن ئەتراپىدا.
بەت: [1] 2 3 4
: توكيودىكى نامراتلار