dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 20:22:56

Typography يوللىغان ۋاقتى2014-10-22 15:18 static/image/common/back.gif
كورىيە بىلەن ياپونىيەدە ياشاپ شۇنى سەزدىم.
ياپونىيەدە...

داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز ....

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 20:34:11

Tuwatur يوللىغان ۋاقتى2014-10-22 17:07 static/image/common/back.gif
بارىپ قالساق نامراتلىققا ئالارمۇ؟

ئۇنداق بولمايدۇ، ھۆسىنى خەت ئەسەرلىرىڭىز بىلەن باي بولۇپ كېتىسىز:)

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 21:40:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qoldikibulah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-22 21:42

كىشى بىشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم بولمىش 300000 ياپۇن يىنى (234000يۈەن) نى ئويلىشىپ باقساق بۇخىل كىرىم-چىقىم ئەھۋالى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ.


بىر نۆلنى كام يېزىپ قويۇپسىز.ياكى تىرناق ئىچىگە بىر نۆلنى زىيادە يېزىپ قويۇپسىز.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 21:45:05

qoldikibulah يوللىغان ۋاقتى2014-10-22 21:40 static/image/common/back.gif
كىشى بىشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم بو ...

كەم بولۇپ قاپتۇ

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 05:23:10

Holmes يوللىغان ۋاقتى2014-10-22 11:56 static/image/common/back.gif
ئ‍ۈستىدىكى تورداشمەيلى ئ‍ىشىنىڭ ياكى ئ‍ىشەنمەڭياپو ...

ياپۇنىيىنىڭمۇ لەنبۇرگىنى ،بۇگاتتى، پورشى قاتارلىق سۈرئەت قوغلىشىدىغان ماشىنىغا ئوخشاش ، ماشىنىسى بار . نىسسان ج ت ئەردەپ.بۇگاتتى ،لەنبۇرگىنى ، پورشى 911، فېراررى قاتارلىق ماشنىلار بىلەن بەسلىشەلەيدىغانساناقلىقلا ماشىنا.

100 گە چىقىش ئۈچۈن 2سېكۇنىت 7 دەقىقە كېتىدۇ.
ئات كۈچى 540 .
2 ئىشكلىك، 4 كىشلىك.
6 سلىندىرلىق.
ئېغرلىقى 1740 كىلوگىرام.
باھاسى 1 مىليون 500 مىڭدىن1 مىليون 680 مىڭغىچە .
باشقا لەنبۇرگىنى ،بۇگاتتى ،فېررارىلارنىڭ ماتورى 8 سىلىندىردىن 12 سىلىندىرغچە.

دۇنيانىڭ قەيېرىدە نىسسان ج ت ر دەك چاپقۇر ماشىنا بولسۇن . باھاسى ‹‹ئەرزان ››تۆت ئادەم قورقماي ئولتۇرالايدىغان.

2013-يىلى قەشقەردە بىرنى كۆرگەنتىم نومۇر تاختىسى ئۈرۈمچىنىڭ بولغان ج ت رنى.
بىر ئۇيغۇر بالا ھەيدىۋاپتىكەن . بىرلا ماي دەپسەپ كۆزەمدىن يوقاپ كەتمەسمۇ جايىمدا تۇرۇپلا قالغانتىم. ياپۇننىڭ تېخنىكىسى نېمىدىگەن قالتىس .

بۇ ماشىنىغا بەك قىزىققاچقا نەقىل ئېلىپ ، تاققا -تۇققا سۆزلەپ قويدۇم توغرا چۈشىنەرسىز.:lol




تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-23 07:47):
ھە راس بۇگاتتنىڭ 16 سىلىندىر

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 07:55:00

ياپونىيە جەمئىيىتىدەكىشلەرنىڭ سەمىمىيلىك قارىشى ناھايىتى يۇقۇرى، ئادەتتە ئىككىنچى قول ماشىنىلاردا ھېچقانداق مەسىلە يوق بولۇپ، تامامەن ھالدا خاتىرىجەم سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
بىزنىڭ بازاردا ئەكسىچىغۇ...
ئۇرۇپ سوقالغان، رېمونتقا چۈشكەن تارىخى يوق.....دەپ يېڭى ماشىنىدەكلا چۈشەندۈرۋىتىدۇ.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 08:01:26

Muzepper يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 07:55 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ بازاردا ئەكسىچىغۇ...
ئۇرۇپ سوقالغان، رېمونتقا...

بۇنداق قىلالمىغان ئادەم ئۆزىنى چاينالىق دەپ يۈرمىسۇن :)

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 08:03:13

lutpulla يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 05:23 static/image/common/back.gif
ياپۇنىيىنىڭمۇ لەنبۇرگىنى ،بۇگاتتى، پورشى قاتارلىق س ...

پىراۋام چىقسا بىرنى ئالسام بولغۇدەك (بىراق پۇل يوق). بىرلا ماي دەسسەپ مەكتەپكە بارسام، بىرلا دەسسەپ ئۆيگە قايتسام...{:231:}

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 08:15:49

dadash يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 08:03 static/image/common/back.gif
پىراۋام چىقسا بىرنى ئالسام بولغۇدەك (بىراق پۇل يوق). ب ...

ئاۋۇ ۋېلىسپىتىڭىزغا بىيادىنىڭ ماتورىدىن بىرنى قويۇپ مېڭىپ تۇرۇڭ.:lol :lol

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 08:28:02

ياپونىيەدە گۆشنىڭ باھاسى تۆۋەن كۆكتاتلارنىڭ باھاسى قىممەت ئىكەن.
كورىيەدە كۆكتات ئالساق كىچىك بىر سىۋەتتىكىنى بىر ھىساپلاپ ئالاتتۇق ياكى خالتىدا بار ئىدى بۇ يەردە ھەر بىر كۆكتات ئۈستىدە بىر باھا.ھەر 100يېنلىق نەرسىگە 8پىرسەنت باج قوشۇلىدۇ. شۇڭا 100يېن دىگەن نەرسە(مەھسۇلات)108يېن بولىدۇ. 1تۈمەنلىك نەرسە ئالسىڭز 100يېن تۇتۇلۇپ ماڭىدۇ دىگەندەك.باشتا كۆنەلمىگەن ھازىر كۆنەپ كەتتۇق {:101:}
ياپونىيەدىكى ياشانغانلار بىكار تۇرمايدىكەن. ھەقسىز ياپون تىلى مەكتەپ ئېچىپ شۇ يەردە چەتئەللىكلەرگە دەرس ئۆتىدىكەن. بۇ يېرى ئادەمنى بەك خوش قىلدىكەن. ھەممە نەرسىنىڭ پۇل پۇل دەپ قىممەتلىكىدە ھەقسىز نەرسە ۋەھشەت گۈزەل كۆرۈندىكەن. :lol
يەنە تېخى باللىرى ئوقۇش يېشىغا توشقان ئائىلە ئاياللىرىمۇ كېلىپ دەرس ئۆتۈپ بېرىدۇ.ئۆزىنىڭ يېزىقىنى ئۆگىنىۋاتقان چەتئەللىكلەرگە بەك رەھمەت دەيدۇ. مەنمۇ دەرس ئاڭلاپ جىق رەھمەتلەرنى ئاڭلاپ كەتتىم {:92:}
ئىشقىلىپ بۇلار بىكار تۇرمايدىكەن.
   يىمەكلىكلەرنىڭ باھاسى (بېلىق. كۆكتات....)دىگەندەكلەرنىڭ ئەتىگەندىكى باھاسى بىلەن كەچتىكى باھاسى ئوخشىمايدىكەن. ئەتىگەندە 800يېن بولغان بېلىق كەچ 7لەردە چىقسىڭز 400يېن غا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇ بىزدەك چەتئەللىكلەرگە بەك ياخشى بىر پۇرسەت .

ئىشەنچ مەسلىسى : بۇلاردا يالغان سۆزلەيدىغانلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك ئىكەن. ھەم باشقىلارنىمۇ يالغان سۆزلەيدۇ دەپ ئويلىمايدىكەن. شۇڭا سىز ئىشقا بارغۇڭىز كەلمەي يالغان سۆزلەپ قويسىڭز ياكى مەكتەپكە بارغۇڭىز كەلمەي مالىمغا يالغاندىن ئاغرىپ قالدىم دىسىڭز ئىشنىپ كېتىدىكەن.ھەمدە مالىملار شۇ ئاغرىپ قالدىم دىگەن ئوقۇغۇچىسىنىڭ يېقىن دوستىغا تېلفۇن ئۇرۇپ ھالىدىن ئەھۋال سوراشقا دەپ قويدىكەن.

تەكەللۇپ سۆزى بەك كۆپ ئىكەن. ئەر-خوتۇن ئارىسىدىمۇ ئالسىلا باقسىلا رەھمەت دىگەن گەپلەر ئۈزۈلمەيدىكەن.
بىرسىنى ئالدىغا تۇرغۇزۇپ قويۇپ قەتئى ھاقارەت قىلمايدىكەن ياكى مانى قىلالمىدىڭ دەپ تىللاپ سالمايدىكەن. ئۆزىڭزگە قويۇپ بېرىدىكەن ئۆگىنىپ بولغۇچە.
كورىيە تىللاشقا ماھىر دۆلەت بولۇپ كىنولىرىدىمۇ دائىم ئۇچرىتىدىغان تىللايدىغان سۆزلەرنى مەكتەپتىمۇ پرافىسورلارمۇ سۆزلەپ قويىدۇ. ئىشلەيدىغان يەردىغۇ بولدى. :@

يەنە بىر ئىشنى سەزسەم بىرەر ياپۇنلۇق بىلەن كۆز يېقىندىن بىۋاستە بېقىشىپ قالسا يىنىككىنە سالام قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدىكەن.
كىتاپنى ھەقىقەتەن جىق كۆرىدىكەن. مېترولارغا چىققاندا چوڭلاردىن تارتىپ كىچىكلەرنىڭ قولىغىچە كىتاپ كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىكەن تېلفۇن تۇتىۋالغان بولسىمۇ ئېلكىتاپ ئوقۇپ ئولتۇردىكەن.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 08:35:01

Muzepper يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 07:55 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ بازاردا ئەكسىچىغۇ...
ئۇرۇپ سوقالغان، رېمونتقا...

ياپۇنيە بىلەن جۇڭگۇنى سېلشىتۇرغاندەكلا خاتا ئىش قىپسىز.:lol

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 08:41:37

lutpulla يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 08:15 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ ۋېلىسپىتىڭىزغا بىيادىنىڭ ماتورىدىن بىرنى قويۇپ ...

ئالدىنقى شەنبە كۈنى مۇشۇ يېشىمغا قەدەر ئىشلىتىپ كۆرگەن ئەڭ ئىلغار قاتناش قۇرالىم- توك سېكىلتىمنى ئوغرى ئالدى، قارا رەڭلىك توك سېكىلت كۆرسەملا مېنىڭكىدەك كۆرۈنىدۇ مۇشۇ كۈنلەردە ...{:270:}

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 08:44:05

Typography يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 08:28 static/image/common/back.gif
ياپونىيەدە گۆشنىڭ باھاسى تۆۋەن كۆكتاتلارنىڭ باھاسى قى ...

   يىمەكلىكلەرنىڭ باھاسى (بېلىق. كۆكتات....)دىگەندەكلەرنىڭ ئەتىگەندىكى باھاسى بىلەن كەچتىكى باھاسى ئوخشىمايدىكەن. ئەتىگەندە 800يېن بولغان بېلىق كەچ 7لەردە چىقسىڭز 400يېن غا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇ بىزدەك چەتئەللىكلەرگە بەك ياخشى بىر پۇرسەت .

---------
بىزدىكى « كەچكى بازاردا ئەرزان بېرىۋىتىمەن، ئېلىۋىلىڭ !» دېگەندەك ئىشلاركەندە-بۇ؟

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 08:45:43

خەق سىزنىڭ توكسىكىلىتىڭىزنى ئوغرلىغان بولسا سىزمۇموتسىكلىتتىن بىرنى ئوغۇرلاڭ.:lol    بۇ يەر ياپۇنيە بولمىغاندىكىن.:lol

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 08:52:52

dadash يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 08:41 static/image/common/back.gif
ئالدىنقى شەنبە كۈنى مۇشۇ يېشىمغا قەدەر ئىشلىتىپ كۆرگ ...

مەسچىتتىكى كالاچكا قۇلپا سېلىپ قويغان رەسمىنى كۆرۈپ ئىبرەت ئالمىغاننىڭ ئىشى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 09:09:02

lutpulla يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 08:52 static/image/common/back.gif
مەسچىتتىكى كالاچكا قۇلپا سېلىپ قويغان رەسمىنى كۆرۈپ...

بۈگۈنكى كۈندە خەقنىڭ بالىسىنى ئوغۇرلاپ كېتىۋاتسا، بۇنىڭغا سەۋر قىلاي دەپ تەسەللى بەردىمغۇ ئۆزۇمگە. ھە ي ي ي نامراتلىق، توك سېكىلتىمنى قاراڭغۇ بازاردا500 كويغا ئالمايدۇ ھەقاچان، لېكىن ساندۇقىدا يېڭى كۆزئەينىكىم بارتى.

facebook يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 09:39:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   facebook تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-23 09:41

lutpulla يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 05:23 static/image/common/back.gif
ياپۇنىيىنىڭمۇ لەنبۇرگىنى ،بۇگاتتى، پورشى قاتارلىق س ...

مۇشۇ ماشىنىنى دەمسىز؟





otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 09:53:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-23 09:55

http://player.ku6.com/refer/-WSU7pXlp6NMFAjydlAg4A../v.swf

DevFan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 16:36:37

دەل مۇشۇ تىپتىكى ماشىنا ،مەنمۇ كۆرگەن ،رەسىمدىكىسى يېڭى نۇسخىسى ئوخشايدۇ.

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 17:10:42

Typography يوللىغان ۋاقتى2014-10-22 15:12 static/image/common/back.gif
زىمىنىغا نىسبەتەن نۇپۇس جىق ھىسابلىنىدۇ.
جوڭگو ئون گە ...

ياپونىينىڭ قۇرۇقلۇق زىمىنى تەخمىنەن 378مىڭ كۋادىرات كىلومېتر،،ئاھالىسى تەخمىنەن 127مىليۇن ئەتراپىدا.
جوڭگونىڭقۇرۇقلۇق زىمىنى تەخمىنەنتوققۇز مىليۇن 600مىڭ كۋادىرات كىلومېتر،،ئاھالىسى تەخمىنەن بىر مىليارد 300 مىليۇن ئەتراپىدا.

جۇڭگو---            135.416 = 9600000/1300،000،000
ياپونىيە ---            335.978   = 378000/127000،000
بەت: 1 [2] 3 4
: توكيودىكى نامراتلار