TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 11:09:29

تاشپولات: نوبېل مۇكاپاتى بېرىلمىگەن 10 بايقاش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 19:16  

نوبېل مۇكاپاتى بېرىلمىگەن 10 بايقاش

تاشپولات روزى

دۆلەتلىك جۇغراپىيە ژۇرنىلى تور بېتىدە ھازىرغا قەدەر نوبېل مۇكاپاتى بېرىلمىگەن 10 كاتتا بايقاشنى ئېلان قىلدى. مەن تۆۋەندە بۇ كاتتا 10 بايقاشنى تونۇشتۇرىمەن.

1. ئىنتېرنېت (خەلقئارالىق تور)



1960-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەتقىقاتچىلىرى ئىنتېرنېتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كومپيۇتېر ئالاقىلىشىش تورىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بىراق 1989-يىلى ئىنتېرنېت ئۈستىدە بىرقانچە تېكىستنى بىرلەشتۈرۈپ بېجىرەلەيدىغان سىستېما World Wide Web(www) نى ئىجات قىلىپ، 1990-يىلى دۇنيادا بىرىنچى قېتىم تور بېتىنى قوزغاتقان ئەنگلىيەلىك كومپيۇتېر تەتقىقاتچىسى Tim Berners-Lee  غا نوبەل مۇكاپاتى بەرىلىش كەرەك ئىدى.

2. ئىنسان گېن گۇرۇپپا ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنىڭ يېشىلىشى



2001-يىلى ئادەمنىڭ گېن گۇرۇپپا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشنىڭ ئاساسى گۇرۇپپا يېشىمى تاماملىنىدۇ. ناھايىتى كوپ كىشىلەر، ئىلىم-پەن تارىخىدىكى بۇ ئەڭ زور نەتىجىگە نېمە ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتى بېرىلمىدى دەپ ئويلاپ كەلمەكتە.

3. قارا ئۆڭكۈرنىڭ ھالاك بۆلىشى.



فىزىكا ئالىمى Stephen Hawking، 1970-يىلىنىڭ بىر كېچىسى، مەڭگۈ ھالاك بولمايدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەن قارا ئۆڭكۈر ئەمەلىيەتتە ماسسىنى ئازدىن يوقىتىپ، ئەڭ ئاخىرى گامما نۇرىنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى بىلەن پارلىنىپ يوقلىشى مۇمكىن دېگەننى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىراق بۇ پەرەزنى ئىسپاتلايدىغان بېرە ئۇسۇل مەۋجۇت بولمايدۇ. قارا ئۆڭكۈرنىڭ ۋەيران بولۇشىغا بەكمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مۆلچەرلەش مۇمكىن ئەمەستەك.
Stephen Hawking نىڭ قارا ئۆڭكۈر تەتقىقاتى ھازىرمۇ نەزەرىيە فىزىكا ئىلمىگە ناھايىتى چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن كۋانت مېخانىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇچۇر نەزەرىيە ساھەسىنى تەرەقى قىلدۇرىدۇ.

4. دەۋرلىك جەدۋىلى



رۇسىيە خىمىيە ئالىمى Dmitri Mendeleev ئىجات قىلغان دەۋرلىك جەدۋىلى، ئېلېمېنت بەلگىلىرى ئارقىلىقلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بارلىق مادىلارنىڭ مەركىزىدىكى پروتون، نېيترون، ئېلېكترونلارنىڭ يوشۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۇ ھەتتا شۇ ۋاقتىدا بايقالمىغان ئېلېمېنتلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنىمۇ مۆلچەرلەيدۇ. بۇ ئېلېمېنتلار جەدۋىلى خىمىيە ساھەسىدە ئەڭ قىممىتى بار جەدۋەل بولۇپ، دۇنيادىكى تەجرىبىخانىلارنىڭ تاملىرىغا چاپلاقلىق. مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ بايقاشنىڭ نوبېل مۇكاپاتى ئالالماسلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

5. ئاق نۇر لامپۇچكا



ئەنگلىيەلىك Joseph Swan پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، Thomas Edison ئەمەلىيەتتە قوللانغان ئاق نۇر لامپۇچكىسى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئاجايىپ تۆھپە قوشقان ئىدى. ئۇ لامپۇچكا بىزنىڭ ھازىرقى ئېلىكتۇر دۇنيايىمىزنىڭ ئاساسى. بىراق بۇ لامپۇچكىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن Thomas Edison نوبېل مۇكاپاتىنى ئالماي، 1931-يىلى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ.

6. Quark



ئامېرىكا فىزىكا ئالىمى Murray Gell-Mann، ئاساسى زەررىچىلەرنىڭ بۆلىنىشى ۋە ئۇنۇڭ ئوزارا تەسىرىنى بايقىغانلىق تۆھپىسى بىلەن 1969-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى ئالىدۇ. بىراق ئۇنۇڭ ئەڭ مۇھىم quark تەتقىقاتىغا نوبېل مۇكاپاتى بېرىلمىدى. quark بولسا مادىلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوزارا بىرىكىشى بىلەن پروتون، نېيترون ۋە باشقا دەرىجىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. quark نىڭ بايقىلىشى بىلەن ماددا دۇنيانى چۈشىنىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

7. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى



ئەڭ دەسلەپكى نوبېل مۇكاپاتى 1901-يىلى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ چاغدا جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىياتى ئىلمى ناھايىتى ياش ساھە بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ دەۋرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قانداق ئۆزگىرىپ كېلىدىغانلىقىنى بىئولوگىيە ئالىملىرى ئاساسەن ئۇخمايتى. 1920-يىلدىن 1950-يىلىغىچە ئىرسىيەت ئالىملىرى، تەبىئەتشۇناس، قەدىمكى جانلىقلار ئالىملىرىنىڭ  تەتقىق قىلىشى بىلەن تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى دۇنياغا تونۇلدى.

8. قارا ماددا



1970-يىلى Vera Rubin بىلەن Kent Ford، سامان يول سىستېمىسىنىڭ چەت قىسمىدىكى يۇلتۇزلار، ئۇنۇڭ مەركىزىگە يېقىن يۇلتۇزلار بىلەن ئوخشاش تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. ھەمدە سامان يول سىستېمىسى، ناھايىتى يۇقىرى تېزلىكتە ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ماددا ئېغىرلىق كۈچىدە ھەرىكەت قىلىپ يۇلتۇزلارنى باغلاپ تۇرمىسا، سامان يول سىستېمىسى بۇزۇلۇپ ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. مانا بۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان پەرەزدىكى ماددا قارا ماددا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئالەمنىڭ 63% نى ئىگىلەيدىكەن. ئالدىنقى ھەپتە بۇ قارا ماددا قۇياشنىڭ مەركىزىدىن كەلگەنلىكى بايقالدى دەپ ئامېرىكا خەۋەرلىرىدە خېلى كەڭ ئورۇن ئالدى.

9. سىستېما Phylogenetic دەرىخى



ئالىملار مىكروجانلىقلارنى ئوز ھالىتىدە تۈرلەرگە بۆلگەن ۋاقتىدا، Carl Woese مىكرو جانلىقلارنىڭ گېنىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوزارا مۇناسىۋىتىنى پەرەز قىلىدىغان ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ناھايىتى كىچىك قەدىمكى باكتېرىيىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېنىق بولىدۇ.

10. دىنوزاۋر گۈللىنىشى(Renaissance)



دىنوزاۋر گۈللىنىشى دېگىنى دىنوزاۋرغا مۇناسىۋەتلىك بىئولوگىيىلىك بىلىم بولۇپ، ئۇ يەنە تەدرىجىي تەرەققىيات، ھەرىكەت، نەسىل قۇرۇش قاتارلىق كوپ دائىرىلەرنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 12:29:39

ئېنتىرنت، گىن گۇرۇپپىسى، لامپۇچكا، ئېلمىنىتلار دەۋرىي جەدۋىلى قاتارلىقلارغا ئۇۋال بوپتۇ

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 12:49:26

گېن گۇرۇپپىسى پىلانى نۇرغۇن دۆلەت ۋە ئالىملارنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تاماملانغان ، بەلكىم باھالاش كومتىتى مەلۇم شەخسكە ياكى تەشكىلاتقا بېرىشتە بىرلىككە كىلەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن .
ئىدىسون ۋە مىندىيلېۋ غا ھەقىقەتەن بەكلا ئۇۋال بوپتۇ .

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 12:55:41

بۇ قېتىم نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغانلارنىڭ ئىچىدە ئىلىكتىرۇن لامپىغا مۇناسىۋەتلىك بىرى بارغۇ دەيمەن،يەنى توك تىجەش تىپىدىكى لامپىغا مۇناسىۋەتلىك.دېمىسىمۇ ئاق نۇرلۇق لامپىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ھەقىقەتەنمۇ كىچىك ئەمەس.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:14:40


«تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريىسى»مۇ ئىنسانىيەتكە  قۇشقان تۆھپەمۇ؟

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:18:58

رەھمەت تاشپولاتكا.
تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىمۇ بار ئىكەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:19:25

  تەجىربىخانىلار تىمىغا چاپلاقلىق بولغاندىكىن بولدى، يۇلى ۋە پۇلى بولسا ئالىدىغان نىمە ئۇ نوبىل مۇكاپاتىنىمۇ، قاراپ تۇرۇپلا روسيىلىككە بەرگۈسى كەلمىگەن گەپ...

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 14:18:19

بەزى ئادەملەرنىڭ كاللىسى نورمال ئىنسانلارغا قارغاندا نەچچە ئون يىل ئالدىغا كىتىپ قالغاچقا بۇ ئۇۋالچىلىققا قاپتۇ،
بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئىينىشتىنىڭ نىسپىيلىك نەزىيەسىمۇ باغۇ دەيمەن،   

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 15:35:10

مايمۇننىڭ ئادەمگە ئايلىنىشى مومكىن ئەمەس.بۇ پەقەت دارۋىننىڭ كىشىلەرنى ئالدىشى خالاس.

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 16:06:04

مايمۇندىن ئادەمگە ئايلىنىش ئۈچۈن مىليۇن يىل كېتەرمىش:P
ئادەمدىن  مايمۇنغا ئايلىنىش ئۈچۈن بىر بوتۇلكا ئەرگوتو :lol دەپتىكەن دارۋېن دېگەن خۇزى

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 16:09:27

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 15:35 static/image/common/back.gif
مايمۇننىڭ ئادەمگە ئايلىنىشى مومكىن ئەمەس.بۇ پەقەت دار ...

دارۋىن نىمىشقا ئادەم ئالدايدىغاندۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 18:22:11

ئۇف،تۈرمىدىن چىقىپتىمەن ئاخىرى…
تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى بەك تار دائىرىدە،خاتا چۈشىنىدىكەنسىلەر باللا
ئادەم مايمۇندىن تەرەققى قىلغان دىگەن يېرىدىن باشقا نۇرغۇن يەرلىرى بار بۇ نەزەرىيىنىڭ،ھازىرغىچە ئەڭ توغرا،ئەڭ ئىلغارنەزەرىيە بولۇپ ئالىملارنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقى،تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە بۇ نەزەرىيە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەلىشىپ مېڭىۋاتىدۇ،ھەرگىزمۇ بىكار قىلىنغىنى،چۈشۈپ قالغىنى يوق ھەم نۆۋەتتە بۇ،ئورنىنى ئالىدىغان باشقا بىرىمۇ يوق نەزەرىيەنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنىمۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 18:23:59

بىلگەجاننىڭ مۇشۇ توغرىسىدا بىر تېمىسى بار مۇنبەردە،قايتا ئوقۇپ چىقساڭلار بولغىدەك
بەك ھاياجان بوپ كەتكەندەك قىلامدۇق نىمە:lol

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 18:36:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qoldikibulah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 18:38  

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 16:06 static/image/common/back.gif
مايمۇندىن ئادەمگە ئايلىنىش ئۈچۈن مىليۇن يىل كېتەرمىش ...

{:202:} {:202:} {:202:} {:258:}

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 19:01:35

ئىنتىرنىت ، لامپۇچكا، ئېلىمنتلار دەۋرىي جەدۋىلى قاتارلىقلار ھەرقانداق نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كەشپىياتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ...

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 19:23:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 23:08  

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 13:14 static/image/common/back.gif
«تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريىسى»مۇ ئىنسانىيەتكە  قۇشق ...

بۇ قېتىم بىر ئايلىق يۇرت سەپىرىدىن قايتىپ كىلىپ ئىزدىنىشقا تۇنجى ئىنكاس يېزىشىم ئىكەن، شۇڭا ئاۋۋال كۆپچىلىككە سالام!

ئەلۋەتتە شۇنداق. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ھاياتلىق ئىلىمىدىكى ئەڭ تۈپكى نەزەرىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ نەزەرىيە ھازىرغىچە بىئولوگىيە ساھەسىدىكى كۆپلىگەن پەنلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس بولغان، ھەمدە بارلىق ھاياتلىق ھادېسىلىرىنى چۈشەندۈرۈش تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

تېگىنى سۈرۈشتە قىلسا بۇ نەزەرىيەنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسلىرى ئىسلام ئالىملىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ توغرىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى خالىسىڭىز مەن يازغان تۆۋەندىكى ئىككى تېمىغا مەرھەممەت قىلىڭ:

«بىلگەجاندىن سوئال سورايلى»غا جاۋاب
بىئولوگىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى يىلنامىسى

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 19:44:08

تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى

مانى ئوقۇپ ئۆسمۇر ۋاقتىمدىكى بىر ئىش ئېسىمگە كەپقالدى.  بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى  ئادەم  مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دېگەنتى،  باشقا بىرى،  ھەي سەنمۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىما؟ ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن بولسا كېيىنكى مايمۇنلىرىڭ نمىشقا ئادەمگە ئۆزگەرمەيدۇ؟  دەپ ئىككىسى تاس قالغانتى مۇشتلىشىپ كەتكىلى.:lol

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 19:55:05

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 19:55:46

تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ ئىنسان مايمۇندىن پەيدا بولغان دېگەن قاراشنى قوللاپ باقمىغان، پەقەت سۈيئىستىمال قىلىنغان نۇسخىسى شۇنداق قارايدۇ.

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 20:52:13

سۈيئىستىمال قىلىنغىنىمۇ شۇنداق قالتىس بۇنەزىريەنىڭ ، تارىختا ئىمپىريە قۇرالىدى ، ھەم جۇڭگۇنى قۇتقۇزۇپ ھازىرقى ھالەتكە ئەكىلەلىدى.
بەت: [1] 2 3
: تاشپولات: نوبېل مۇكاپاتى بېرىلمىگەن 10 بايقاش