bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 05:06:08

Tepekkurchi يوللىغان ۋاقتى2014-10-22 04:09 static/image/common/back.gif
مىنىڭ چۈشۈنىشىمدە ئۇيغۇرچىدا نەزىرىيە دىگەن سۆز ھەم...

دارۋىن ئۆلۈپ بولغان، بەرىبىر ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان نەرسىنى قانداق چۈشەنسە بولىۋىرىدۇ. مەن بىر بىئولوگنىڭ نەزىرى بىلەن «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى»گە بولغان قارىشىمنى دەپ قويدۇم. سىز قارشى پىكىردە بولسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ، ئەمما «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى»نىڭ بۈگۈنكى زامان بىئولوگىيە پېنىدە تۇتقان يۈكسەك ئورنى بۇ خىل تالاش-تارتىشلار بىلەن تۆۋەنلەپ قالمايدۇ. فىزىكا ساھەسىدە ئېينىشتېيىننىڭ تۇتقان ئورنى قانچىلىك بولسا، بىئولوگىيە ساھەسىدە دارۋېننىڭ تۇتقان ئورنىمۇ شۇنىڭدىن تۆۋەن بولمىسا كېرەك. دارۋىن ھاياتلىق پەنلىرى تارىخىدا كۆپلىگەن نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ ئالدىغا تىزىلىدۇ ۋە بىر گىگانىت ئالىم سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ. بۇ دارۋېننىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياكى ئېرىشمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

ئېينىشتېيىن بىلەن دارۋىن توغرىسىدا ئامېرىكىلىق داڭلىق ئاستىرونومىيە ئالىمى نېيىل تايسون بىلەن ئىلىپ بىرىلغان بىر سۆھبەت بولۇپ، ئۇ بۇ شەخىسلەر توغرىسىدا ناھايىتى قىزىقارلىق ۋە پاكىتلىق قاراشلارنى بايان قىلغان. ئېنگىلىزتىلىدىمۇ theory دېگەن سۆز خۇددى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى نەزەرىيە دېگەن سۆزگە ئوخشاش مۇجىمەل بولۇپ، تايسونمۇ بۇ سۆزگە قارىتا ئوخشاش پىكىر بايان قىپتۇ.
http://www.nbcnews.com/id/7159345/ns/technology_and_science-science/t/einstein-darwin-tale-two-theories/#.VEbj7kipqX1

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 07:41:17

بۇرۇن فىزىكا خىمىيە مۇكاپاتى ئاساسەن دىگۈدەك science يەنى كەشپىيات ئەمەس بايقاشقا بېرىلگەن. بۇ يىل ياپونىيەلىكلە بولسا scienceيەنى بايقاش ئەمەس بەلكى كەشپىيات ياكى ئىنجىنېرلىقتا ئالدى. بۇندىن كىيىن ئاق نۇرلۇق لامپۇچكا دىگەندەك كەشپىياتلارغا يول ئچىلدى دىگەنلىك.ئالىملاردىن باشقا NASAدىگەندەك جايلاردىكى ئىنجىنېرلارمۇ نوبېل ساھىبى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن
بەت: 1 2 [3]
: تاشپولات: نوبېل مۇكاپاتى بېرىلمىگەن 10 بايقاش