uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 10:41:27

360 بالىلار قورۇقچىسى(360儿童卫士2) نى ئىشلىتىش تەسىراتىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 14:06  

رەسىملەر سەل ئۇزۇندا كۆرىنىشى مۇمكىن سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاڭ .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشلىقلار  ، بۇندىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ‹‹سۈرىيە سىز نەدە ›› دىگەن تېمىدا 360 شېركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان  360 بالىلار قورۇقچىسى2   (360儿童卫士2)  نى سېتىۋالغانلىقىم توغرىلىق ئىنكاس يازغىنىمدا بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بۇنىڭغا ناھايىتى قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم مەنمۇ مۇشۇ سائەتنى ئىشلىتىش تەسىراتىمنى ئورتاقلىشىش ۋەدىسىنى بەرگەنىدىم . بۈگۈن بۇ سائەت توغرىلىق تەپسىلى توختالماقچىمەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەت بالىلارنى ئالداپ قېچىش ۋە بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايەتلىرىگە  زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرغان بولسىمۇ بۇ ھەقتىكى  قانۇن تۈزۈلمىلەرنىڭ مۇكەممەل  ،قاتتىق بولماسلىقى ، ئىجرا قىلىشتىكى مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن بالا ئوغىرلىرى يەنىلا تەپتارتماي ئوماق پەرزەنتلىرىمىزگە داۋاملىق  قارا قولىنى  سۇنۇۋاتىدۇ . تور ئالاقىسىنىڭ قاپلىنىشى بىلەن دىيارىمىزدىكى بالا يوقاپ كېتىش ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىۋاتىمىز ، ياش -ئاتا ئانىلارنىڭ ئاھۇ زارى ، بالىلارنىڭ قارا قىسمەتلىرى يۈرىكىمىزنى ئىزىۋەتتى ، بالىلىرىمىزنى خاتىرجەم سىرتقا ئوينىغىلى قويىۋىتەلمەيدىغان ، گەپنى ئاران ئۇققىدەك بولغان بالىلىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى ھارماي قۇيۇپ تۇرىدىغان بوپقالدۇق.  مەنمۇ بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىككى بالامنىڭ تىنچ ئامان چوڭ بولۇشى ئۈچۈن قانداق قىلسام بالىلىرىم يولدىن   ئېزىپ قېلىپ يوقاپ كەتمەيدۇ ياكى  قارا قوللارنىڭ پەنچىسىگە چۈشۈپ قالمايدۇ ؟ شۇنداق ئەھۋاللاردا  يۈرەك پارەمنى قانداق قىلىپ قۇتۇلدۇرۋالىمەن ؟  دىگەنلەرنى دائىم ئويلايمەن . ئاپىسى ئىككىمىز بالىغا  تەربىيە بەرسەكمۇ  يەنىلا  خاتىرجەم بولالمايتۇق ،چۈنكى بىزمۇ بالا بوپ باققان ، بالا دىگەن ھامان بالىلىقىنى قىلىدۇ ، غەمسىز ھەم كەپسىز ....
شۇنداق قىلىپ بەزى ئاماللارنى ئىشلىتىپ بالىنىڭ  ئۆيدىن ، بىزدىن يىراقلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن  ئىككى ئۈچ  يىلدىن توردىن بەزى ئۈسكىنىلەرنى كۆرۈپ باقتىم ، سومكا ئۇنتۇپ قالسا سىگنال بېرىدىغان ، ئوغىرلىقچە يىراقتىن تىڭشايدىغان ، ئۇچۇر ئارقىلىق ئورۇن بېكىتىدىغان....دىگەندەك  ،ھەممىسى ماڭا ياقمىدى. چۈنكى يۇقارقىلارنىڭ ئىقتىدارى تولىمۇ چەكلىك ، سىگنال ئارلىقى كىچىك ، ئەپسىز ئىدى،  مەنچە بولسا بالىلارنىڭ ئورنىنى ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە، يۇقىرى ئېنىقلىقتا ئىنىقلاپ بېرەلىسە ، بالىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالىساق ، بولسا قوش تەرەپلىك ئالاقىلىشالىساق  ئاندىن ياخشى بولاتتى . شۇنىڭ بىلەن مەخسۇس مۇشۇ ئىقتىدارى بار قول سائەتلىرىگە نەزىرىمنى يۆتكىدىم ،دەرۋەقە مەن تەلەپ قىلغان ئىقتىدارلارغا ئىگە مەھسۇلاتمۇ ئاز ئۇچرىمىدى ، لېكىن ئۇلارنىڭمۇ خېلى كۆپ  ئەجەللىك كەمچىلىكلىرى بار ئىدى . ئىقتىدارى يۇقىرىلىرىنىڭ باھاسى بەك ئۆرە ھەم بەك چوڭ ، بۇنى بالىغا تاقاپ قويسا ھەر كىمنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى . چوڭ كىچىكلىكى مۇۋاپىقلىرىنىڭ ئىشلىتىش قولايسىز ،توك سەرپىياتى كىچىك ، ھەتتا بىر كۈنمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيتى . شۇنداق ئىزدەشلەر نەتىجىسىدە ئاخىرى 360 شېركىتىنىڭ 360 بالىلار قورۇقچىسى  360儿童卫士 نامىدىكى  قول سائىتىنىڭ تەتقىقى قىلنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشتىم ۋە بۇ مەھسۇلاتنىڭ  ئىگە تەرەپ تەمىنلىگەن ئىقتىدار  كۆرسەتكۈچلىرىنى كۆرۈپ چىقىپ كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپ كەتتى .  
بىرىنچى ئەۋلاد 360 بالىلار قورۇقچىسى



لېكىن ئۇ چاغدا بۇ مەھسۇلات سىناش باسقۇچىدا بولۇپ  تېخى تۈكۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنمىغان ، پەقەت  توردا ئويۇشتۇرلغان مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە  قاتنىشىپ تەلىيى كەلگەنلەرگىلا سىناق نۇسخسىدىن بېرىلەتتى، بۇ سائەت مانا بازارغا سېلىنىدۇ ، ئەنە بازارغا سېلىنىدۇ دەپ بىر يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى ، ئاخىرى شېركەت تەرەپ باتارىيە ئىقتىدارى ۋە بىر قىىسىم ئىقتىدارلىرىنى سىناشتا قىيىنچىلىق كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ نۇسخىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ۋە كېيىنكى ئەۋلاد مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىشنىڭ باشلانغانلىقىنى  بىلدۈردى . بۇنىڭدىن مەن بەكمۇ ئۈمىتسىزلەندىم ، شۇنداقتىمۇ ئاخىرىدا 360 نىڭ بۇ سائەتنى چوقۇم ياخشى ياسىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ساقلاشقا باشلىدىم . :(  
شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ساقلاشنىڭ نەتىجىسى چىقىپ بۇ يىلنىڭ بېشىدا 360 شېركىتى ئىككىنچى ئەۋلاد 360 بالىلار قورۇقچىسى نىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى ، تاشقى كۆرۈنۈشى  لايىھەسى ھازىرغىچە مەن كۆرگەن مۇشۇ تۈردىكى مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ ئالدى دىيىشكە بولىدۇ . ئىقتىدارلىرىدىمۇ بىرىنچى ئەۋلادقا قارىغاندا تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇلغان ،بولۇپمۇ ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ئۈچ خىل ئورۇن بەلگىلەش ئۇسۇلىنى تەڭ قوللىنالايدىغانلىقى مىنى روھلاندۇرۋەتتى ، باتارىيە ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ نەزەرىيە جەھەتتىن ئىككى كۈن يىتىدۇ دىيىلىپتۇ .
ئىككىنچى ئەۋلاد 360 بالىلار قورۇقچىسى 2

http://p3.so.qhimg.com/t018325ba07a58659bd.jpg


لېكىن بۇ مەھسۇلاتمۇ ئۇ چاغدا تېخى رەسمى بازارغا سېلىنمىغان ئىدى، لېكىن تاۋبادا بەزى دۇكانلار ئالدىن سېتىشنى يولغا قويغان ئىدى، خېلى كۆپ ئادەم پۇل تۆلەپ بولغان بولسىمۇ مال ئەۋەتىلگەنلىك ئۇچۇرى يوق ئىدى. ئارلىقتا پات پات دىققەت قىلىپ تۇردۇم ، 8- ئاي كىرگەندە تاۋباۋدا خېلى كۆپ سېتىلغانلىقىنى بايقىدىم . ئەڭ كۆپ ساتقان دۇكاننى ئارىلاپ باقسام بۇلاردا مال مەنبەسى خېلى ئىشەنچلىك بىلىندى . پاراڭلىشىپ باقسام ھازىر مال تۈگەپ قالغانلىقىنى  9- ئايدا چوقۇم  سېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ،  شۇنداق قىلىپ 9- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇ دۇكانغا قارىسام مال باركەن . ھازىر ئالسا ھازىر مال سېلىپ بېرىش باھاسى 368 يۈەن ، ھەپتىدىن كېين، ئايدىن كېيىن ، يېرىم يىل ، بىر يىلدىن كېيىن سېلىپ بېرىش باھا پەرقى بىلەن سېتىۋېتىپتۇ ، ساقلاپ بولالماي بىرىنچى تۈرنى تاللاپ پۇلنى سېلىۋەتتىم ، نەق 7 كۈندە مال قولۇمغا تەگدى . تاقەتسىزلىك بىلەن ئورالمىسىنى يىرتىپ ئېچىپ :lol  سىناشنى باشلىۋەتتىم ...بىراق.....باتارىيەدە توك يوقكەن ،توك قاچىلاشقا توغرا كەلدى :L  ، توكلىغۇچنى ئېلىپ قاراپ باقتىم ، كاساپەت ، ئوبدان  لايھىلەپتۇ ،سائەتكە تىقىپ زەرەتلىمەي  تىگىشمە يۈز ئارقىلىق زەرەتلەيدىكەن ئەمەسمۇ . يامان يىرى مۇقىملاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ھىچنىمە يوقكەن دىسە


شۇنداق دەپ غۇدۇڭشىغاچ زەرەتلەش بېشىنى سائەتنىڭ يېنىغا شۇنداق ئەپكىلىشىمگە ئىككىسى ۋاچچىدە چاپلىشىپ قالدى ، ئەسلىدە مانداق ئىش دەڭلا ;P  ماگىنىتىمۇ راۋرۇس كۈچلۈككەن ، ئاۋۇ ئېيىق شەكىللىك بېشى زەرەتلەشنى باشلىغاندا كۆك رەڭلىك نۇر تارقىتىپ تۇرىدىكەن . سائەت ئېكرانىدا توك مىقتارى كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن ، 100 % بولغاندا ئۆزىمىز ئېلىۋېتىدىكەنمىز .
10 مىنۇتلاردىن كېيىن قارىسام 30 پىرسەنت توك قاچىلىنىپتۇ ،  چۈشەندۈرۈش قەغىزىنى ئالدىمغا يېيىپ تۇرۇپ سىناشقا باشلىدىم .
بار يوقى ئىككى تاللا كۇنۇپكىسى باركەن ، بىر كۇنۇپكىسىنى ئۇزۇن بېسىپ تۇرسام ئېچىلدى . نورمال ھالەتتە ئېكراندا چىسىلا ۋە ۋاقىت كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن . ئۇنى تېلىفۇن بىلەن  باغلىماقچى بولدۇم .ئەسلىدە خىيالىمدا تىلىفۇننىڭ SIM كارتىسىدىن بىرنى سالىمەن ھە قاچان دىۋىدىم ئۇنداق ئەمەسكەن ، زاۋۇت تەرەپتىن ئاللىبۇرۇن بىر مىكرو SIM كارتا ئۆزىكىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بولغانىكەن . پەقەت  چۈشەندۈرۈش قەغىزىگە  چاپلانغان  ئىككىلىك كودنى(بۇ كود يەنە سائەتنىڭ كەينىدىكى مىتال قېپىغىمۇ زاپاس بىر پارچە چاپلىنىپتۇ ) مۇشۇ سائەتنىڭ يانفۇن تېرمىنالى   ئارقىلىق سىكانىرلاپ   قويساقلا باغلىنىدىكەن . (مەن بالدۇرلا 360 تورىدىن يانفۇن تېرمىنالىنى يانفۇنۇمغا چۈشۈرۈپ تەييار قىلىپ قويغانىدىم)
يانفۇن تېرمىنالىنى مەھسۇلات قېپىدىكى كودنى سىكانىرلاش ئارقىلقمۇ چۈشۈرۋالغىلى بولىدۇ .

باغلىغاندا ماۋۇ كودنى ئىشلىتىسىز

شۇنداق قىلىپ تىلىفۇن بىلەن سائەتنى باغلىۋالدىم ،مىنى خۇشال قىلغىنى سائەتكە 10 نەچچىگىچە ئادەمنىڭ تىلىفۇنى بىرلا ۋاقىتتا باغلىنالايدىكەن ، ئارىسىدا بىر يانفۇن باشقۇرغۇچى بولۇپ بالىنىڭ قولىدىكى سائەتنى يىراقتىن خىزمەتتىن توختىتالايكەن (قايتا ئاچالمايدىكەن يامان يىرى، قايتا قوزغاتماقچى بولساق سائەتنىڭ كۇنۇپكىسىدىن قوزغىتىدىكەنمىز  )   ھەم باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىنى خالىغان  باغلانغان يانفۇنغا ئۆتكۈزۈپ بېرەلەيدىكەن . باشقا ئىقتىدار ھەممسىنىڭ ئوخشاش .  ئۇرۇن بەلگىلەشتە ئىشلىتىدىغان خەرىتە گاۋدې نىڭ خەرىتىسى ئىكەن ، يامان ئەمەس . ۋايفاي f بولسا تورسىز مۇھىتتىكى خارىتىنى ئۆلكە، رايۇن بۇيىچە چۈشۈرۋالساقمۇ بولىدىكەن ، لېكىن ھامان تور مۇھىتىدا ئىشلىتىدىغان بولغاندىكىن دەپ سېستىما تەمىنلىگەن تور مۇھىتىدىكى خەرىتىنى ئىشلىتىۋەردىم ، ئېقىم بەك ئاز كىتىدىكەن .
ئەمەلى ئىقتىدار سىناش تۈرلىرى :
1. ئورۇن بەلگىلەش
دەسلەپتە ئورۇن جەھەتتىكى خاتالىق پەرقى سەللىمازا چوڭ چىقىپ پىشانەمدىن تەر چىقىرىۋەتتى . شۇنداقتىمۇ سىگنال تۇراقلىشىۋالسا ئوڭشىلار دەپ ساقلاپ تۇرسام 30 سىكۇنتتىن كېيىن ئورۇننى توغرا بەلگىلىدى . خاتالىق پەرقى تەخمىنەن 20 مىتىر .
مىنىڭ ئۆيۈم جايلاشقان ئۇرۇندا تور سىگنالى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا  بالا بىنا ئۆيدىن چىقمىغان 95% ئەھۋالدا 10-100 مىتىرغىچە خاتالىق پەرقى چىقتى . سىرتتا ئويناۋاتقاندا ئاساسەن توغرا . ئايرىم ئەھۋاللاردا 200-500 مېتىرغىچە پەرق چىقىپمۇ قالدى لېكىن ئېكراندىكى قولدا  ئۇرۇن بەلگىلەشنى باسقاندىن كېيىن ئورۇننى توغرا بېكىتىتى . سىگنال ياخشى شەھەر ئىچىدە ئورۇن بەلگىلەشتە چاتاق يوق . سائەتكە GPS ئۆزىكى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا شارائىتقا قاراپ  يانفۇن سىگنالى ئارقىلىق ، GPS ئارقىلىق  ھەم تور سىگنالى ئارقىلىق ئۇرۇن بەلگىلەيدىكەن .
2. SOS سىگنالى يوللاش
بۇ سائەتنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى بالا بىرەر ئەھۋالغا يۇلۇققاندا سائەت كۇنۇپكىسىنى 5 سىكۇنت بېسىپ تۇرسا سائەت ئېكرانىدا SOS دىگەن ھەرپ كۆرۈنىدىكەن ۋە 5 سىكۇنتقا قالماي  بۇ سائەتكە باغلانغان بارلىق يانفۇنلارغا بىر ۋاقىتتا SOS ئۇچۇرى يوللىنىپ يانفۇن چىقىراپ كىتىدىكەن ، ھەم تىلىفۇن ئېكرانىدا سىزنىڭ بالىڭىز سىزگە قۇتقۇزۇش سىگنالى يوللىدى دىگەن خەت كۆرۈنۈش بىلەن بىرگە تېرمىنال قوزغىلىپ خەرىتىدىن نۆۋەتتىكى ئورنى كۆرسىتىلىدىكەن . ئادەتتە يانفۇننى تىترەش ھالىتىگە ئەپكىلىپ قويساقمۇ ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىدىكەن ، بۇنى ئىتىۋەتمەكچى بولساق يانفۇن تېرمىنالىدىن تەڭشىۋەتسەك بولىدىكەن . ئەگەر يانفۇن تېرمىنالى ئىتىك بولۇپ قالسىمۇ ئوخشاشلا قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە خەۋەر بارىدىكەن . SOS سىگنالىنى يوللىغاندا قىزىم كۇنۇپكىنى بالدۇر قۇيۇپ بېرىۋىتىدىغان ياكى ئارلىقتا بارماق بوشاپ كىتىپ يوللاش مەغلۇپ بولىدىغان ئەھۋال كۆپ كۆرۈلدى . شۇڭا قىزىمغا باسقاندا چىڭ بېسىشنى ھەم ئېكراندا SOS دىگەن خەت كۆرۈنگەندە قۇيۇۋېتىشنى ئۆگىتىپ قويغاندىن كېيىن تىزلا ئۆگىنىۋالدى .
3. يۇشۇرۇن تىڭشاش
بۇ  مىنى خۇش قىلغان ھەم كۆڭلۈمنى ئازراق يېرىم قىلغان  ئىقتىدارلارنىڭ بىرسى ، يانفۇن تېرمىنالىدا ھەر ۋاقىت بالا تۇرىۋاتقان مۇھىتتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاپ تۇرغىلى بولىدۇ . بالا بۇنى ھىچقانداق سەزمەيدۇ . يەنى سىز يانفۇن تېرمىنالىدا تۇرۇ پ 手表录音 نى بېسىپ قويسىڭىز سائەت سىزگە 10 سىكۇنتلۇق ئاۋازنى تور ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىدۇ ، بۇ ئاۋازنى ئاڭلاش ئۇسۇلى ئۇندىداردىكى ئاۋازلىق ئۇچۇرنى ئاڭلىغان بىلەن ئوخشاش .سائەت كىيىمنىڭ يىڭى تەرىپىدىن بەك توسۇلۇپ قالمىسىلا  ئاۋاز سۈزۈك  .
كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغان يىرى بىز پەقەت ئاڭلىيالايمىز ، بالىغا ئاۋاز ئۇچۇرى  ئەۋەتەلمەيمىز . ھەم بالىمۇ بىزگە خالىغانچە يەتكۈزەلمەيدۇ ، بۇنى مەن ئاددىيراق ئۇسۇلدا قىسمەن ھەل قىلدىم ،يەنى قىزىم بىلەن كىلىشىۋېلىپ ئۇنىڭ ماڭا دەيدىغان گىپى بولسا  ئاۋال  SOS سىگنالىنى يوللاپ ئىچىدە 10نى ساناپ بولغاندىن كېيىن سائەتكە قاراپ گىپىنى دىسە مەن شۇنىڭغا ماس ھالدا ئالدىنئالا 手表录音 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قۇيىمەن. بۇنىڭ بىلەن بالامنىڭ ماڭا خالىغانچە ئاۋازلىق ئۇچۇر ئەۋەتىشى ئەمەلگە ئاشتى . بۇ سائەتكە تەكلىپ بېرىش توغرا كەلسە ئاتا -ئانىسىنىڭ بالىنى چاقىرىش ئىقتىدارى قۇشۇلسا دەيمەن. سائەت تىترىسە ياكى ئاۋاز چىقارسا ۋە ياكى ئېكراندا ئۆيگە قايتىڭ دىگەن مەنىدە كۆرسەتمە كۆرۈنسە تېخىمۇ مۇكەممەل بولاركەنتۇق.
4. سائەت ئىزدەش
بۇ ئىقتىدارنىمۇ ياخشى قۇشۇپ قويۇپتۇ ، بالىلار دائىم نەرسە كېرەكلىرىنى قالايمىقان تاشلاپ قويىدۇ ياكى تىقىپ قۇيۇپ ئۆزى تاپالمايدۇ . بۇ سائەتنىڭ يەنە ئۆزىنى ئىزدىتىش ئىقتىدارى بار . ئۆي ئىچىدىن سائەتنى تاپالمىغاندا يانفۇن تېرمىنالىدىن 找手表 你باسساق سائەت بۇيرۇق بۇيىچە ئۆزلىكىدىن تىت -تىت  قىلىپ تاكى بىز ئۇنى تېپىۋالغۇچە ئاۋاز چىقىرىدۇ . ئەمما ئۆي ئىچى سەل ۋاراڭ چۇرۇڭ بوپقالسا بۇ ئىنچىكە ئاۋازنى ئاڭلاش تەسرەككەن .
5. باتارىيە
مىنى ئەڭ  رازى قىلغان بىر تەرىپى مۇشۇ ، بۇ سائەتنى تولۇق زەرەتلەپ بولۇپ بالامنىڭ قولىغا تاقاپ قويغىلى نەق 2 يېرىم كۈندىن ئاشتى لېكىن بۇ تېمىنى يېزىۋىتىپ  ھازىر يانفۇن تېرمىنالىغا قارىساممۇ 5% توكى تۇرۇپتۇ ، دەسلەپ سېتىۋالغاندا تولا قولدا مەجبۇرى ئۇرۇن بەلگىلتىۋېرىپ بىر كۈن ئاران يەتكەنىدى . لېكىن سائەت بەك ئەقىللىق بولغاچقا مەلۇم مەزگىل ئوخشاش ئورۇن ، ئوخشاش لىنىيىدە تۇرىۋەرسە سائەت بۇنى ئاپتۇماتىك ئۆزلەشتۈرۈپ ئورۇن بەلگىلەش ئېنىقلىقى  ۋە بىخەتەر  رايۇن دائىرىسىنى بەلگىلەشتە پايدىلىنىدىكەن . شۇڭا كىيىنكى كۈنلەردە سائەتنىڭ ئۆزىگە قۇيۇپ بەرسەك توك تىجەش ھالىتىدە ھەر 10 مىنۇتتا بىر ئەڭ بىخەتەر ھالىتىدە 1-5 مىنۇتقىچە بىر ئاپتۇماتىك ئورون بېكىتىپ تۇرىدىكەن . ھازىر بالام يەسلىدە بولغاچقا توك تىجەش ھالىتىگە ئەكەپ قويدۇم(يانفۇن تېرمىنالىدىن تەڭشەيمىز)  . ئىككى كۈن نورمال  يىتىدىكەن ئىشقىلىپ .زەرەتلەش سۈرئىتىمۇ بەك تىز .  
6. يانفۇن تېرمىنالى
مەشغۇلاتى تولىمۇ ئاددى ، كۆرۈنۈشى يېقىشلىق . خەرىىتىلەرنى خالىغانچە چوڭايتىپ كىچىكلەتكىلى بولىدۇ ، بالىنىڭ ئورنىدا سائەتنىڭ قانچىلىك توكى قالغانلىقىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . كۆپ ئىشلىتىدىغان كۇنۇپكىلار ئاساسى يۈزگە مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان . ئىلگىرىكى قالدۇرۇلغان سۆز ، بارغان تۇرغان يەر خاتىرىسى(خەرىتىلىك) ،قۇتقۇزۇش سىگنالى خەرىتىسى قاتارلىقلارنى كالىندار  بۇيىچە ساقلايدۇ ۋە شۇ بۇيىچە ئىزدەپ كۆرىسىز .
7. قۇشۇمچە ئىقتىدارلار
قەدەم ساناش - بالىنىڭ قانچە قەدەم مېڭىپ بولغانلىقىنى سائەت ئۆلچەپ (ھەقىقى قەدەم سانىغۇچكەن بۇ ) يانفۇن بىلەن ماس قەدەمنى ساقلايدۇ .
مۇكاپاتلاش - سائەت ئېكرانىدا كىچىك گۈل شەكلى ئۇنىڭ يېنىدا رەقەم بار ، يانفۇن تېرمىنالىدا 红花榜 ئىقتىدارى ئارقىلىق سائەتتىكى  قىزىل گۈل سانىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . بۇنى قۇشۇتىكى مەقسەت بالا بىلەن ئاتا -ئانا ئوتتۇرىسىدا مۇكاپاتلاش ، ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. بۇمۇ بولىدىكەن. مەسلەن مەن قىزىم بىلەن قىزىل گۈلىڭىز 20 گە يەتكەندە سىزنى باغچىغا ئاپىتىپ ئوينىتىمەن ،لېكىن سىز ياخشى ئىش قىلىش ، بىزنى خۇش قىلىش ئارقىلىق بۇ گۈلگە ئېرىشىسىز دەپ ۋەدىلىشىدىكەنمەن. قىزىم بىر ياخشى ئىشنى قىلىپ مىنى خۇش قىلسا مەن يانفۇن تېرمىنالى ئارقىلىق قىزىل گۈل بېرىمەن . قىزىممۇ سائىتىدىن قىزىل گۈل سانىنىڭ قانچىلىك ئاشقىنىنى بىلىپ تۇرالايدىكەن . يېقىندا ۋەدىلىشىپ قويغانىدۇق ، ھىچ بەك خۇش قىلاي دىمەيدۇ بۇ  شەيتان.
سائەتنى  ئىتىۋىتەلمەسلىك - سائەتنى بالا  ياكى باشقىلار ھەرگىزمۇ ئۆزى ئىتىۋىتەلمەيدۇ . پەقەت قوزغىتالايدۇ . ئىتىۋىتىش ئۈچۈن باتارىيەسى تۈگىشى ياكى يانفۇندىن كونتىرول قىلىپ ئىتىۋىتىش كېرەك . بۇ ئىقتىدار كىچىك بولغان بىلەن بالا بىخەتەرلىكدە ئاچقۇچلۇق بىر تەرەپ دەپ ئويلايمەن .
قوڭغىراقلىق سائەت - سائەتتىكى بۇ ئىقتىدارنى ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز .
تاشقى ماتىرىيالى- بىخەتەر ئىلاستىك ماتىرىيال ، كىر بولسا نەم لۈڭگىدە سۈرتسەك  پېچچچچەت بوپكىتىدىكەن .

كەمچىلىكى
1. بايا دەپ ئۆتكەندەك قوش يۆنىلىشلىك ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللانمايدىكەن .
2. ھەقلىق .يىللىقى 90 يۈەنلىك مۇلازىمەت ھەققى باركەن تېخى :D  ...لېكىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ، باشتىكى بىر يىللىقنى ھەقسىز سوۋغا قىلىدىكەن. تېخى ئالدىن بالىغا نەچچە خىل سۇغۇرتىمۇ تاپشۇرۇپ قويۇپتۇ .
3.يۈزىنى ، قولىنى ئازراق ھۆلدىسە بولدىكەن لېكىن  سۇ ئۈزەلمەيدىكەن :lol

ئاخىرىدا تىلىفۇنۇمدىن تۇتقان رەسىملەردىن بىر گۇرۇپپا

تۈگىدى ...سۇئال بولسا سورىساڭلار كەم يەرلىرى تولۇقلىنىپ كىتە ...
ئۇزۇن بوپتىكەن تېما يازمىغىلى ،جەۋھەرلىمىسەڭلىمۇ تىللاپ كەتمىسەڭلار ;P :lol

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 15:32:00

ۋاھ... بۇ بولىدىغان نەرسىكەن

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 16:23:09

ۋەدىڭىزدە تۇرۇپ، بۇ ھەقتە ناھايىتىمۇ تەپسىلى  يازما تەييارلىغىنىڭىزدن تەسىرلەندىم، رەھمەت سىزگە.  بولسا تورداشلار  ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان  يېڭى  ئۈسكۈنىلەر ھەققىدە مۇشۇنداق تەسىرات يېزىپ ئېلان قىلىپ تۇرسا ئەھمىيىتى چوڭ بولاتتى.
مەنمۇ بىرنى ئېلىشنى رەسمي قارار قىلدىم ئەمدى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

danko يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 16:41:12

ناھايىتى ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپسىز، رەھمەت

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 16:43:56

تىلىفۇن كارتىسىنى باشقا شەكىلدە ئىشلەپ، ئورون بەلگىلەش ئىقتىدارى ئورنىدا ئىشلەتسە بولىۋىرەتتى.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 17:09:18

ئاللاھ رازى بولسۇن، ئوبدن تېمىكەن، ساقلاپ قوياي.
ئۇچقۇن ئەپەندى كۇچالىق ئىكەندە ئەسلى:lol

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 19:19:16

بۇ توربەتتىن ئالسىڭىز 269 يۈەن ئىكەن ، خېلىلا ئەرزانلىشىپتۇ ھازىر
http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.0.0.6A5zXz&id=38953055675&ns=1&abbucket=5#detail

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 19:35:45

مۇشۇنداق بىر ياخشى مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىنىپ چىققانلىقى ئۈچۈن خۇشال مەن .
مەخپى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدىغان ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكىنىلىرى يوقمىدۇ ؟

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 19:47:10

ئەڭ ئاخىردىكى ، جەۋھەرلىمىسەڭلەرمۇ تىللاپ كەتمىگەيسىزلەر دىگەن گىپىڭىز ئادەمنىڭ تىنىنى شۈركەندۈدىكەن.:lol

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 20:09:44

ماڭىمۇ بىر مەخپى ئىشىلتىلدىغان بىر ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىلىرىدىن بىرنى تەۋسىيە قىلساڭلار.....جىددىي لازىمتى ماڭا.

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 20:19:59

نىمانداق ياخشى سائەت بۇ ! سىزگە كۆپ رەخمەت ئىيتىمەن ! بۇنى ئالمىساق بولماپتۇ ئەمدى........{:112:}

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 20:33:55

مەنمۇ مۇشۇنىڭغا قىزققان. ئاخىرى چىقىپتۇ دە.
4-5 ئاي بۇرۇن تىرناقتىن چوڭراق بىر ئىز قوغلاش، سىن ۋە ئۈن ئېلىش ئۈسكۈنىسىدىن بىرنى ئالغان. ئۇمۇ بولىدىكەنتۇق لېكىن شۇ sim كارتا ئېلىپ ئايدا 10-20 مېگالىق ئېقىم ئاچتۇرۇپ قويىدىكەنمىز . ھەر ھالدا بولىدىكەنتۇق لېكىن مانىڭدەك ئەمەسكەن.
ئاۋۇ يەردە دېيىلگەن يىلدا ھەق تاپشۇرۇپ تۇرىدىكەنمىز دېگىنىڭىزنى سەل ئېنقراق چۈشەندۈرىڭە.

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 21:02:15

cooloff يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 20:09 static/image/common/back.gif
ماڭىمۇ بىر مەخپى ئىشىلتىلدىغان بىر ئورۇن بەلگىلەش ئۈس ...

مەن توقسۇدىن . مەن بىلەن ئالاقىلىشڭ. 18909974047

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 21:15:02

بۇ ھەقىقەتەن قۇلايلىق ھەم ياخشى نەرسىكەن. شۇنداق تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپسىز.

يىللىقى 90يۈەن بولسا ، بۇ90 يۈەن ئىشلىتىدىغان تورنىڭ ئىقم مىقدارىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدىكەن يا، باشقۇرۇش ھەققىمىكەن؟  

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 00:36:24

چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى ۋە 360تورىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا 90يۈەن پەقەت سائەتنىڭ مۇلازىمەت ھەققى بولۇپ سائەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان SIMكارتىنىڭ يىللىق ئېقىم مىقتارى ھەققى  ۋە ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن،يانفۇنىمىزنىڭ ئېقىم ھەققى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتسىزكەن…
تېمىدا دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، بالىنىڭ تۇرىۋاتقان ئورنىنى يالغۇز يانفۇن تېرمىنالى ئارقىلىقلا ئەمەس يەنە 360بالىلار قورۇقچىسىنىڭ باش بېتىدىن我的设备 غا كىرىپ يانفۇن نۇمۇرىمىز ۋە مەخپى نۇمۇرىمىزنى كىرگۈزسەك داۋاملىق مۇلازىمەت ھەققى تاپشۇرۇش ۋە بالىنىڭ ھازىرقى ئورنىنى كۆرۈشقاتاپشۇرۋېلىش تارلىق تۈرلەر بار بەتكە كىرىمىز، بۇ يەردىمۇ بىر
بۇ بەلكىم يانفۇننى كۆپ ئىشلەتمەيدىغان ،كومپىيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرگە ئاسانلىق يارىتىش بولسا كېرەك…بىراق


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-20 09:01):
360بالىلار قورۇقچىسىنىڭ باش بېتىدىنمۇ بالىنىڭ ئورنىنى كۆرۈپ تۇرالايمىز . لېكىن ئاۋاز ئالالمايمىز

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 08:54:33

ئەتراپلىق يازما ئۈچۈن  ئەلادىن  بىرسى  كەتتى,  ساقلىۋالاي  دەرھال

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 09:20:26

مەن بىر شەھەردە بالام باشقا شەھەردە بولسىمۇ بولامدىكەن ؟ ئارلىق چەكلىمىسى قانچىلىككەن ؟

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 09:22:59

سائەت يۈزىدىكى « 360 » دىگەن رەقەم بېسىلمىغان بولسا ، بۇ سائەتنىڭ تۇرقىدىن 5 يۈەنلىك سۇلىياۋ سائەت بىلەن پەرىقسىز بولاتتىكەن ، يەنى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدىكەن دىمەكچى ....

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 09:34:04

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 09:22 static/image/common/back.gif
سائەت يۈزىدىكى « 360 » دىگەن رەقەم بېسىلمىغان بولسا ، بۇ  ...

360 ئۇنىمۇ كۆزدە تۇتۇپ ئېكرانغا چاپلايدىغان 6 تال ئاسراش چاپلىقىنى قۇشۇپ سېلىپ قۇيۇپتۇ بولاققا ، تېمىدىكى ئۈستىدىن سانىغاندا 4-رەسىمدىن كۆرەلەيسىز . 360 دىگەن خەت تۇسۇلۇپ قالىدىكەن .
بەت: [1] 2 3
: 360 بالىلار قورۇقچىسى(360儿童卫士2) نى ئىشلىتىش تەسىراتىم