UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 10:30:04

بوپ  قويىدىغان  نەرسىكەن  بۇ  

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 14:39:56

مەن بوسام بالڭىزنىڭ قۇلدىن چىقىرىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشۋىتىپ ئەپ قاچاتتىم  بالىڭىزنى ...


شۇنىڭغا قارتا بىدىك دىگەن دۆت خەق چاغۋا

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 15:50:25

توكى كەم دېگەندە ھەپتە يەتسە بولاتتى.. ھېچبولمىسا قوشۇمچە قۇياش نۇرى ئارقلىق زەرەتلىنىدىغان قىلىپ لايھەلىگەن بولسا...

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 16:41:16

مەنمۇ ئىلگىرى بالامغا ئېلىپ بېرىشنى ئويلاپ تەتقىق قىلىپ باققان، ئارتۇقچىلىغى كۆپكەن بىراق بىرلا كەمچىلىگى تېلىفۇن ئۇرغىلى بولمايدىكەن(زۆرۈرۈ تېپىلغان ياكى جىددى ئەھۋاللاردا ۋاي بالام سەن نەدە؟ دىيەلمىسەك ياكى بالىمز دادا مەكتەپتىن قويۇپ بەردى مىنى ئەپكىتىڭ دىيەلمىسە نىمە ئەھمىيىتى ؟، پەقەتلا پاسسىپ ھالەتتىكى ئىز قوغلاش ۋە نازارەت قىلىشكەن بۇ )ئەتراپتىكى ئاۋازنى ئاڭلىغىلى، ئورۇن بىكىتكىلى بولىدىكەن، تېلفۇن ئۇرغىلى بولىدىغانلىرىمۇ باركەن بىراق بۇنىڭدىن قىممەتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا بالىلار يانفۇنى ئېلىپ بەردىم.
بەزى تورداشلار قىززىقىۋاتقان تىڭشىغۇچلار تاۋباۋدا ساماندەك ئەرزانلىرىمۇ، كىچىكلىرىمۇ بار.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 19:08:49

سوراپ باقسام رەسىمدە بىر يەردە ئوۋلوبا دەپ خەت كۆردۈم  ‹‹ ئوۋلوبا ›› دىگەن زادى نىمە ئۇ خەنزۇچە يېزىلىشىچۇ

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 22:40:48

ئوۋلوبا بىر بالىلار شادلىق باغچىسىنىڭ ئىسمى ، ئەسلى ياۋرۇپا دەپ تەرجىمە قىلسا بولاتتى ،بىراق تەرجىمان 欧罗巴دىگەننى شۇ پېتىلا ئۇيغۇرچە ئاپتىكەن،ھەممە ئادەم شۇنداق دەپ كۆنۈپ قالدى، ئەمدى رەسىمدىكى گەپكە كەلسەك قىزىم 5تال قىزىل گۈلگە ئېرىشسە ئوۋلوبادا بىر كۈن ئوينايدىغانغا كىلىشكەن، تېرمىنالغا ئەسكەرتمە ھىساۋىدا شۇنداق خاتىرلەپ قويغانتىم.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 22:40:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 22:58  

بالىلار يانفۇنىمۇ بولىدۇ، بىراق باشقىلارنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ياكى مەجبۇرى ئېلىپ مېڭىشىغا ئۇچرىغاندا ئاكتىپ قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلالمايدۇ، ھەم ئاسانلا بايقىلىپ ئىتىۋىتىلشى،تاشلىۋېتىلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ سائەت ئاسان كۆزگە چېلىقمايدۇ، چېلىقسىمۇ بازاردا سېتىلىۋاتقان  ئويۇنچۇق ھىسابتىكى بالىلار سائىتىدىن كۆپ پەرقلەنمىگەچكە قارا نىيەتلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتمايدۇ، پەرىزىمچە بالا ئېلىپ كېتىلىپ يېرىم كۈنگىچە سائەت قولىدىلا بولسا تېپىۋېلىش تامامەن مۇمكىن…بىزنىڭ خىزمەتداشلار 6-7ياشتىن 12ياشقىچە بالىلىرىغا ئاددى سېستىمىلىق بالىلار يانفۇنىنى ئېلىپ بەرگەنمۇ بولدى، ئەڭ ئۇزۇن ئىشلەتكىنى ئۈچ ئاي، قىسقىسى بىر ھەپتە بوپتۇ، بەزىسىنى بالا  بۇزۇپتۇ ياكى ئۆزى بۇزۇلۇپتۇ، بەزى باللار  ئۆيدىكىلەر تىلىفۇن قىلسا ئالماي ياكى ئىتىپ قۇيۇپ ئەنسىرتىپتۇ، تىلىفۇننى 10ياشتىن يۇقىرىغا ئېلىپ بەرسە بولغىدەك دىدىم، لېكىن ئۇنىڭدىن كىچىك بالىلارغا مۇشۇ خىل سائەتنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 08:15:46

باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماسلىقى، ھەم ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكلىگى ھەقىقەتەن بىر ئارتۇقچىلىق. دىگەندەك بالامغا ئېلىپ بەرگەن يانفۇن ئۆيدە ياتىدۇ ئاساسەن

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 14:05:05

مەسھۇلات بازارغا سېلىنسا بالا ئوغرلىرى بۇنىمۇ بىلىۋالىدۇ، بالىنى ئوغۇرلىسا سائىتىنى ئېلىۋېلىپ تاشلىۋىتىدۇ.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 14:54:34

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 14:05:05 static/image/common/back.gif
مەسھۇلات بازارغا سېلىنسا بالا ئوغرلىرى بۇنىمۇ بىلىۋال
ئۇلارمۇ ئىزدىنىشقا ئامراقمىدۇ؟:lol

rohqin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 06:44:52

خەتكۈچ

bardam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 09:10:49

ياخشى مەھسۇلاتكەن ،بالىلارغا رەزىل قولىنى سۇنىدىغان ناكەسلەرنى ھۆكۈمەت قاتتىق بىر تەرەپ قىلسا ئالدىنى ئالسا بولاتتى. قولغا چۈشكەنلىرى نەچچە 10ھەتتا نەچچە يۈز بالىنىڭ خۇن دەۋاسىدا قولغا چۈشسە شۇنىمۇ ئالدىنى ئالدى ،زەربە بەردى دىگىلى بولامدۇ؟

foormat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 10:39:42

بىز يېقىندا ئۇيغۇرچە ماركىدىكى مۇشۇ خىل مەھسۇلاتنى بازارغا سالماقچى ، باھاسى 360 نىڭكىدىن ئەرزان بولىدۇ ، ئىقتىدارلىرى ئاساسەن ئوخشاش. {:92:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 12:05:05

aqturk يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 09:20 static/image/common/back.gif
مەن بىر شەھەردە بالام باشقا شەھەردە بولسىمۇ بولامدىكە ...

پۈتۈن جۇڭگۇ دائىرىسىدە بىمالال ئىشلەيدىكەن.  سىز بىر شەھەردە بالىڭىز بىلەن ئاپىسى بىر شەھەردە دەيلىك ، بۇ ئەھۋالدا سىزنىڭ تىلىفۇنىڭىزنى ئىككىلك كود بىلەن بىۋاستە باغلاش ئاۋارىچىلىق (ئىككىلىك كودنى رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ) ، بۇ ئەھۋالدا باش باشقۇرغۇچى تىلىفۇن سىزنى تور ئارقىلىق باغلىنىشقا تەكلىپ قىلالايدىكەن. سىز باشقا جايدا تۇرۇپمۇ نورمال ماشغۇلات قىلىدىكەنسىز .

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 11:42:25

foormat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 10:39 static/image/common/back.gif
بىز يېقىندا ئۇيغۇرچە ماركىدىكى مۇشۇ خىل مەھسۇلاتنى با ...

بىر تەكلىپىم مەخپى نۇمۇر  بولمىسا قولدىن چىقارغىلى بولمايدىغان قىلىپ ياسىساڭلار... ئەگەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىسا ئوخشاشلا سىگنال تارقىتىدغان قىلىپ ... خاترە دەپتەر بارغۇ ھېلقى مەخپى نۇمۇرلۇق ... شۇنىكىنى كىچىكلىتىپ ئورناتساڭلا تەس ئەمەس  ...

ئەگەر قولدىن چىقىرۋالدى دىسەكمۇ ، شۇ ۋاقتنى ئورۇننى خارتىرلىۋالسا  ، ھازىر دىگەن يول يولدا تىلكامىرا بار ، ۋاقىتقا ئاساسەن دەل شۇ ئورۇننى كۈزتۈش ئارقىلىق يۈتكەن بالىنى ئىتتىك تاپقىلى بۇلاتتى ...


ئەسلى 360 قا  بىرەي دىگەن بۇ تەكلىپنى ... يەنلا بىزنىڭ خەلقىمز نان يىسۇن دىدىم ... خېلى خېلى خىزمەتچىنى نەچچە ئاي بېقىمۇ مۇشۇنچىلىك يېڭى قاراشنى ئوتتۇرغا قۇيالمايدىغانلار بارغۇ ... (ئۈزنى ماختىسا بەك لەززەتكەن:lol )

yasin88 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 01:02:48

ياخشىلىقىغۇ ياخشىكەن بۇ سائەت. لىكىن قارانىيەتلەر بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ ماڭغاندا سائەتنى قولىدىن چىقىرۋىلىپ تاشلىۋەتسە ھېچبىر پايدىسىمۇ بولمىغۇدەك. تاشلىۋەتكەن يەردىكى نازارەت كامېراسىغا قارايمىز دەپسىلە
ئاللاھىم ئۆز پاناھىدا ساقلا ، باللىرىمىزغا قارانىيەتلەرنىڭ ئىپلاس قولى سوزۇلىشىدىن.ۋاقتى كەلگەندە بۇ نازارەت كامېراسى ھېچنىمىگە ئەس قاتمايدۇ.شەخسەن مىنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن......مەن ئويلايمەن مۇشۇ بالىلارنى نازارەت قىلىدىغان مۇشۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى مىكرو ھالەتتە ناھايتى كىچىكلىتىپ ياسىغىلى بولسا . ئۇنى ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزىۋەتكىلى بولسا ياخشى بۇلامىكى دەپ.. مەن ياپونىيەنىڭ بىر فىلىمىدە كۆرگەن مۇشۇنداق نازارەت ئۈسكۈنىسىنى نازارەت قىلماقچى بۇلغان ئادەمنىڭ بىلىكىگە ئۇكۇل قىلىپ ئۇرىۋېتىدىكەن.بۇ ئۈسكىنە ئادەمنىڭ بىلىكىنىڭ گۆشى بىلەن تىرىسى ئارلىغىدا تۇرۇپ سېگنال تارقىتىدىكەن.بۇنى باشقىلارنىڭ سىزىۋىلىشىمۇ ئاسان ئەمەسكەن.سىزىۋالدى دىگەن تەقدىردىمۇ. سىزىۋىلىپ بولغىچە تېپىۋالغىلى بۇلىدىكەن.... لىكىن بۇ ئۈسكىنىنى قارانىيەتلەر باشتا سىزىۋالسا ئادەمنىڭ بىلىكىنى پىچاقتا ئويۇپ ئۈسكىنىنى ئېلىۋىتىشى مۇمكىن ......

yasir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 13:31:37

بىز يېقىندا ئۇيغۇرچە ماركىدىكى مۇشۇ خىل مەھسۇلاتنى بازارغا سالماقچى ، باھاسى 360 نىڭكىدىن ئەرزان بولىدۇ ، ئىقتىدارلىرى ئاساسەن ئوخشاش.  

قايسى شىركەت،ماركىسى نىمە ؟ئىلان پۈتۈپ كەتسۇن.

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 21:17:43

بوپ قۇيدىكەن 360شىركېتىنىڭ ئىش قىلسا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىپ قويىدىغىنى ئەرزىيدۇ ماڭا
رەھمەت سىزگە
بالىلارغا دىققەت قىلىشقا مۇشۇنداق مەھسۇلاتلار بوپ قالغۇدەك ئەمدى

ozyol يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 10:02:09

بۇ بولىدىغان نەرسىكەن

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 10:35:48

ماۋۇ بولىدىغان نەرسىكەن، مەن توي قىلىپ، بالا تېپىپ، بالام چوڭ بوپ بولغىچە ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇكەممەل بولغىدەك. رەھمەت سىزگە ... :lol
بەت: 1 [2] 3
: 360 بالىلار قورۇقچىسى(360儿童卫士2) نى ئىشلىتىش تەسىراتىم